ئورخۇننى قوللامسىز؟ مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى Munber hetni Nurmal Korelmigenler
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
قورال ئىشىلتىش ئادرېسىنى كۆچۈرۈش | ساقلىۋېلىش | پىرىنتىرلاش
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 1259
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 9
شۆھرىتى: 16 نومۇر
پۇلى: 105 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-01-14
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-09
باش يازما  يوللانغان ۋاقتى: 2008-11-11 14:27

 تۆمۈر تۈۋرۈك

تۆمۈر تۈۋرۈك

موڭغۇللار بۇنىڭدىن 700-800 يىللار ئىلگىرى جۇڭگو تارىخىدا يۈەن سۇلالىسىنى قۇرغان. ئۇلار بېيجىڭنى پايتەخت قىلىپ «خانبالىق» دەپ ئاتىغان. خانبالىق ئۇيغۇرچە خان تۇرىدىغان شەھەر دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. شۇ چاغدا موڭغۇل ھاكىمىيىتىنىڭ ھەر قايسى ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىدا نۇرغۇن ئۇيغۇر سىياسىئونلار، ئالىملار ۋە ھەربىي ئەمەلدارلار تۈرلۈك ۋەزىپىلەردە بولغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاگرونوم تۆمۈر تۈۋرۈك مەشھۇردۇر.
تۆمۈر تۈۋرۈكنىڭ خەنزۇچە ئىسمى تارىخى كىتابلاردا لۇمىڭشەن دەپ خاتىرىلەنگەن. ئۇنىڭ دادىسى ئانا تىلىدىن باشقا خەنزۇچە، سانسىكرتچە، موڭغۇلچە ،زاڭزۇچە تىل-يېزىقلارنى پىششىق بىلىدىغان داڭلىق تەرجىمىشۇناس ئىدى، شۇنداقلا موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ پەرزەنىتلىرىنى تەربىيىلەيدىغان «خانزادىلەر مەكتىپى» نىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. ئۇ ئوغلى تۆمۈر تۈۋرۈكنى ناھايىتى ياخشى تەربىيىگە ئىگە قىلغان.
تۆمۈر تۈۋرۈك ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە ئۆسۈپ يىتىلگەنلىكى، ھەم تىرىشچان، ئەقىللىق بولغانلىقى ئۈچۈن، كەڭ دائىرىلىك بىلىم ئالغان. ئۇ بىر مەزگىل خۇنەن، ئەنخۇي ئۆلكىلىرىدىكى بىر قىسىم ناھىيىلەردە ئەمەلدارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇنىڭ ئەڭ قىزىقىدىغىنى يېزا ئىگىلىكىگە دائىر بىلىملەر ئىدى. ئۇ كۆپ يىل ئىزدىنىش، تەكشۈرۈش، سېلىشتۇرۇش، تەجرىبە قىلىش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۆز زامانىسىدا يېزا ئىگىلىكى بىلىملىرى ساھەسىدە جۇڭگو بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن. 1314- يىلى «تېرىقچىلىق، پىلىچىلىك ئاساسلىرى» ناملىق كاتتا ئىلمىي ئەسىرىنى يېزىپ تاماملاپ، بېسىپ تارقاتقان، بۇ ئەسەر تارقىتىلغاندىن كىيىن زور شۆھرەت قازانغان. بۇ ئەسەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى رولى شۇنداق زور بولغانكى، ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ ھەر قايسى ئايماق، ناھىيە،ھەتتا يىزىلىرىغىچە تارقىلىپ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا قوللانما سۈپىتىدە پايدىلىنىلغان. خەنزۇ دېھقانلىرىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. بىر قىسىم زىرائەتلەرنىڭ تېرىلىش، سۇغىرىش، ئوغۇتلاش ۋاقتى ۋە ئۇسۇللىرى دەسلەپكى قەدەمدە ئومۇملىشىپ، يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سېلىنغان.
تۆمۈر تۈۋرۈكنىڭ بۇ مەشھۇر ئەسىرى يېزىلىش ئۇسلۇبى جەھەتتىن ئىنتايىن مۇكەممەل بولۇپ، خەنزۇ تىل-يېزىقى جەھەتتىكى يۇقىرى سەۋىيىسى نامايان قىلىنغان. ئىككى توملۇق بۇ كىتاب مەزمۇن جەھەتتىن ھاۋا رايى، سۇ ئىنشائاتى، تېرىقچىلىق، باغۋەنچىلىك، پىلىچىلىككە دائىر يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بىلىملىرىنى، ھەتتا گۆش، تۇخۇم، كۆكتاتلارنى ساقلاش، چىلاش، ئائىلە ھايۋانلىرىنى بېقىش، داۋالاش ئۇسۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىتابتا كىشىلەرنىڭ ھەر بىر مەۋسۇمدا شۇغۇللىنىشقا تېگىشلىك يېزا ئىگىلىك پائالىيەتلىرى ئېنىق يېزىلغان ھەم ھەربىر پائالىيەتكە ئىخچام ئىزاھات بېرىلگەن.
ئاگرونوم تۆمۈر تۈۋرۈك شىنجاڭ قاتارلىق غەربىي رايون ئەللىرىدە ئۆستۈرۈلىدىغان بىر مۇنچە زىرائەت ۋە كۆكتاتلارنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردە ئۆستۈرۈلۈشىگە يول ئېچىپ، ئۇلارنىڭ زىرائەت تۈرلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى. مەسىلەن، كۆممىقوناق، سەۋزە،تۇرۇپ، چامغۇر، ئۈزۈم قاتارلىق زىرائەت ۋە كۆكتاتلارنى خەنزۇ دېھقانلارغا قانداق تېرىش، يىغىش ۋە ساقلاشنى ئۆگەتتى.
جۇڭگونىڭ ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى ئالىملار ۋە تارىخچىلار تۆمۈر تۈۋرۈكنىڭ جۇڭگو مەدەنىيىتىگە قوشقان تارىخىي تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بېرىشكەن. مەسىلەن، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يېزىلغان «تۆت يۈرۈش كىتابلارنىڭ ئومۇمىي تىزىمى» دېگەن كىتابتا: «تۆمۈر تۈۋرۈكنىڭ بۇ كىتابى قەمەرىيە كالېندارى مەۋسۇملىرى بويىچە سىستېمىلىق، ئېنىق، ئاممىباب يېزىلغان، ئۇنىڭدىكى دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە يىغىش، ساقلاشقا دائىر بايانلار كىشىنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدۇ. مەزمۇنى ئىلگىرى يېزىلغان يېزا ئىگىلىكىگە ئائىت كىتابلارنىڭ ھەرقاندىقىدىن مول بولۇپ ، ھەقىقەتەن بىباھا كىتابتۇر ...» دەپ يېزىلغان. نۇرغۇن ئالىملار تۆمۈر تۈۋرۈكنىڭ بۇ كىتابىنى يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن ئۈچ چوڭ دېھقانچىلىق قوللانمىسىنىڭ بىرى دەپ تەرىپلەشكەن.

ئۆزىنى بىلمەسلىك - ئەڭ چوڭ نادانلىقتۇر!
دەرىجىسى: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
UIDنومۇرى: 1797
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 355
شۆھرىتى: 533 نومۇر
پۇلى: 3575 سوم
تۆھپىسى: 2 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 538(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-04-14
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
1-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-11-11 14:54
تورداشلارغا كىچىككىنە ئىزاھات:
anarqiz نامدىكى تورداش مىنىڭ كىچىك قىزىم بۇلىدۇ. بۇ يىل باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5- يىللىقىغا چىقتى. ساپ ئۇيغۇر تىلى سىنىپىدا ئوقۇيدۇ. مەن دائىم ئورخۇندا بولغاچقا، قىزىم بۇنىڭغا قىزىقىپ قاپتۇ. ھەم بەزى يوللانمىلارنى مەن بىلەن بىرگە كۆرۈپ، مىنىمۇ تىزىملىتىپ قۇيۇڭ دەپ تۇرۇۋالدى (ئۆتكەن يىلقى ئىشلار). ئاخىر بولماي بۇ ئىسىمنى بەردىم. ئەسلىدە بۇ ئىسىم مىنىڭ بىر قىز ئوقۇغۇچۇمنىڭ ئىدى. ئۇ دائىم تورغا كىرەلمىگەچكە كىيىن ماڭا قايتۇرۇپ بەرگەن.
قىزىم ھازىر كومپيوتور بىلىمى جەھەتتە ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالايدۇ. شۇنداق بولغاچقىمىكىن، دائىم مەنمۇ ئۇچۇر يوللايمەن دەپ تۇرىۋالاتتى. (شەخسلەرنىڭ ھايات-پائالىيىتىگە ئائىت كىتابلارغا بەكرەك قىزىقىدۇ) ئاخىر بولماي ماقۇل بولدۇم. يەكشەنبە كۈنى بۇ يوللانمىنى ئۆزى يېزىپ بولغان ئىكەن. بۇگۈن تەھرىرلەپ بولغاندىن كىيىن تورغا يوللاشنى كۆرسىتىپ قويدۇم. ھەم تەستىقلاپ قويدۇم. شۇڭا تورداشلارنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى، ئورخۇن ئەمدى كىچىك بالىلارنىڭ ماكانى بۇلۇپ قالدىمۇ دەپ ئويلاپ  قالماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ئەركەم تورى
نادانلىق - زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى !!!
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 1140
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 287
شۆھرىتى: 399 نومۇر
پۇلى: 125 سوم
تۆھپىسى: 59 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 430(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-12-22
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-11-11 16:03
"ئەقىل ياشتا ئەمەس باشتا " دىگەن مۇشۇدە ،  تۇران تىكىن ئەپەندى  ئەسلىدە سىزمۇ مۇئەللىم كەنسىزدە ؟  ئورخوندا ھەقىقەتەن مۇئەللىملەر كۆپكەن ھە !!!  ئۆزىڭىزگە ئۇخشاش تۇران تىكىنلەرنى كۆپلەپ  تەربىلەپ چىقىشىڭىزغا تىلەكداشمەن .
باشلانغۇچ 5-يىللىقما ، ۋاي ئانامەي مەن شۇ چاغلاردا نىملەرنى  قىلغان بولغىيتىم  دىيىشتىنمۇ خجىل بولىمەن .............  
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 1895
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 183
شۆھرىتى: 263 نومۇر
پۇلى: 1885 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 83(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-04-24
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-11-11 17:09
تۆمۈر تۆۋرۈك. مەنبەلەردە «لۇمىڭشەن» دەپ خاتىرلەنگەن. بىلىشىمچە بۇ ماتىرىياللار ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپ 4- يىللىقىنىڭ ئەدەبىيات دەرىسلىكىگە كىرگۈزۈلگەنغۇ دەيمەن.
تۇران تىكىن ئەپەندىمنىڭ قىزىغا رەھمەت. ئەمدى باشلانغۇچنىڭ 5-يىللىقىغا چىقىپ ئۇرخۇننى ياخشى كۆرگەن بولسا چوڭ بولغاندا تارىخچى بولۇپ قالامدۇ نېمە؟
yol
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 4174
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 11
شۆھرىتى: 12 نومۇر
پۇلى: 110 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 22(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-09-07
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-12-14
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-11-11 18:23
يارايسز،بالىلار بىزنىڭ كەلگۈسىمىز،ئۇلارنى ئۆز مىللىتىگە سادىق،مىللەتپەرۋەر قىلىش ھەممىمىزنىڭ بۇرچى
yol
دەرىجىسى: مىڭ بېشى
UIDنومۇرى: 1522
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 480
شۆھرىتى: 828 نومۇر
پۇلى: 13025 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 198(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-02-26
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-11-11 22:05
     anarqiz ،  ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ يەنە بىر تارىخى بىلىمىم كۆپەيدى، بۇ جەھەتتە سىز بىزگە ئۇستاز بولدىڭىز.
     كەلگۈسىدە باشقا مىللەتلەر بۇ ئۇلۇق زاتنى بىزدىن تالىشىپ يۈرمىسۇن. ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىگە ئاساس كۆرسىتىڭ. بۇ .ئاساسىڭىزمۇ قەلبىمىزنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدا ساقلىنىپ قالسۇن.
    سىز <<ئۇرخۇن>>نىڭ كىچىك ئەلچىسى بولۇشقا مۇناسىپ. سىزگە تۆۋەندىكى شېئىرنى سوۋغا قىلاي چوقۇم پىششىق يادلىۋېلىڭ !

تىرىش قىزچاق تىرىش-تىرماش ئەجىرسىز كۈتمە ئامەتنى،
زەپەر مەغرۇر مەلىكە ھىچقاچان سۆيمەيدۇ نامەرتنى.
ئىلىم دەريا تېگىدە لۆجىلەر چۆكتۈرگىلى قەستلەر،
كۈپۈكتىن ئىزدىمە كۈلشەن قانائەتتىن سائادەتنى.

                            -------------------ئابدۇشۈكۈر مۇھەممتئىمىن
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: مىڭ بېشى
UIDنومۇرى: 1522
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 480
شۆھرىتى: 828 نومۇر
پۇلى: 13025 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 198(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-02-26
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-11-11 22:28
      يۇقۇردىكى بوۋىڭىزنىڭ سىزگە سوۋغا قىلغان <<ئەقىل-ھېكمەت تىلەش دۇئاسى>>نى قوبۇل قىلىڭ !  <<يا ئەلىمۇ، يا ھەكىمۇ>>،<<يا ئەلىمۇ، يا ھەكىمۇ>>، <<يا ئەلىمۇ، يا ھەكىمۇ>>،  <<يا ئەلىمۇ، يا ھەكىمۇ>>،<<يا ئەلىمۇ، يا ھەكىمۇ>>،<<يا ئەلىمۇ، يا ھەكىمۇ>>،<<يا ئەلىمۇ، يا ھەكىمۇ>>،<<يا ئەلىمۇ، يا ھەكىمۇ>>،<<يا ئەلىمۇ، يا ھەكىمۇ>>. 
    ئەگەر ئاتا-ئانا بولغۇچى  ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئەقىللىق بولىشىنى تىلىسە، قەغەز يۈزىگە<<يائەلىمۇ،ياھەكىمۇ>>دىن توققۇزنى يېزىپ تۇمار پۈتۈپ بېرىشى. ئاتا-ئانا قايسىسىنىڭ بىرى ھەركۈنى بىر ۋاقلىق نامىزىدا دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ يۇقارقىنى توققۇز قېتىم تەكرارلاپ دۇئا قىلسا بالا ئىنتايىن ئەقىللىق بولىدىكەن. بۇ ماڭا دادامنىڭ ئۆگەتكەن قائىدىسى ئىدى. چوقۇم شۇنداق بولىشىغا ئىشەنچىم كامىل.
[ بۇ يازما barhan تەرىپىدىن 2008-11-11 22:55 دە قايت ]
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 1259
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 9
شۆھرىتى: 16 نومۇر
پۇلى: 105 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-01-14
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-09
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-11-12 08:56
ئاكىلار ۋە تاغىلارنىڭ مىنى قوللىغانلىقىغا ھەم رىغبەتلەندۈرگەنلىكىگە كۆپ رەھمەت! مەن يەنىمۇ تىرىشىمەن.
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 1259
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 9
شۆھرىتى: 16 نومۇر
پۇلى: 105 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-01-14
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-09
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-11-12 09:01
qoute
3 - قەۋەتتىكى zirek 2008-11-11 17:09 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
بىلىشىمچە بۇ ماتىرىياللار ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپ 4- يىللىقىنىڭ ئەدەبىيات دەرىسلىكىگە كىرگۈزۈلگەنغۇ دەيمەن.

بۇ مەزمۇنلار باشلانغۇچ مەكتەب 3- يىللىقنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. ئىلگىرى ئوقۇپ بولغان دەرىسلىكلەرنى تاشلىۋەتمەي يىغىپ قويىمەن. چۈنكى دادام ئاشۇنداق قىلىشنى ئۈگەتكەن. بۇ بىزنىڭ ئائىلىنىڭ قائىدىسى.
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 1259
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 9
شۆھرىتى: 16 نومۇر
پۇلى: 105 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-01-14
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-09
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-11-12 09:08
qoute
6 - قەۋەتتىكى barhan 2008-11-11 22:05 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
    كەلگۈسىدە باشقا مىللەتلەر بۇ ئۇلۇق زاتنى بىزدىن تالىشىپ يۈرمىسۇن. ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىگە ئاساس كۆرسىتىڭ. بۇ .ئاساسىڭىزمۇ قەلبىمىزنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدا ساقلىنىپ قالسۇن.
 

بارخان تاغا تەلىمىڭىزنى چۇقۇم ئېسىمدە ساقلايمەن. لىكىن ئاۋۇ تەلىۋىڭىزنى ئۇرۇنلىيالمايمەن. بۇنىڭغا قارىتا دادام ياكى تورداشلار بىرنەرسە دىسۇن.
ئاخىردىكى ئىنكاسىڭىزنىڭ مەنىسىنى بىلمىدىم.
دەرىجىسى: ياساۋۇل
UIDنومۇرى: 1314
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 25
شۆھرىتى: 31 نومۇر
پۇلى: 300 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 38(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-01-26
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-17
10-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-11-12 11:10
تۇمار پۈتۈپ ئېسىۋىلىش  دىنىمىزدا چەكلەنگەن !
تۇمار پۈتۈپ ئاسقاننىڭ ئورنىغا  شۇ دۇئانى ھەرۋاخ نامازدىن كىيىن ئوقۇغان ياخشى . 
ئىلىم تەلەپ قىلىشنىڭ يەنە بىر دۇئاسى : ئى ئاللا ماڭا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەنپەئەت قىلىدىغان ئىلىمنى ئاتا قىلغىن!
ئەرەپچىسى: رەببى زىدنى ئىلمەننافىئە فىددۇنيا ۋەلئاخىرە.!
دەرىجىسى: ياساۋۇل
UIDنومۇرى: 4789
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 35
شۆھرىتى: 78 نومۇر
پۇلى: 340 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 44(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-10-04
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
11-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-11-12 13:26
qoute
1 - قەۋەتتىكى TuranTekin 2008-11-11 14:54 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
تورداشلارغا كىچىككىنە ئىزاھات:
anarqiz نامدىكى تورداش مىنىڭ كىچىك قىزىم بۇلىدۇ. بۇ يىل باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5- يىللىقىغا چىقتى. ساپ ئۇيغۇر تىلى سىنىپىدا ئوقۇيدۇ. مەن دائىم ئورخۇندا بولغاچقا، قىزىم بۇنىڭغا قىزىقىپ قاپتۇ. ھەم بەزى يوللانمىلارنى مەن بىلەن بىرگە كۆرۈپ، مىنىمۇ تىزىملىتىپ قۇيۇڭ دەپ تۇرۇۋالدى (ئۆتكەن يىلقى ئىشلار). ئاخىر بولماي بۇ ئىسىمنى بەردىم. ئەسلىدە بۇ ئىسىم مىنىڭ بىر قىز ئوقۇغۇچۇمنىڭ ئىدى. ئۇ دائىم تورغا كىرەلمىگەچكە كىيىن ماڭا قايتۇرۇپ بەرگەن.
قىزىم ھازىر كومپيوتور بىلىمى جەھەتتە ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالايدۇ. شۇنداق بولغاچقىمىكىن، دائىم مەنمۇ ئۇچۇر يوللايمەن دەپ تۇرىۋالاتتى. (شەخسلەرنىڭ ھايات-پائالىيىتىگە ئائىت كىتابلارغا بەكرەك قىزىقىدۇ) ئاخىر بولماي ماقۇل بولدۇم. يەكشەنبە كۈنى بۇ يوللانمىنى ئۆزى يېزىپ بولغان ئىكەن. بۇگۈن تەھرىرلەپ بولغاندىن كىيىن تورغا يوللاشنى كۆرسىتىپ قويدۇم. ھەم تەستىقلاپ قويدۇم. شۇڭا تورداشلارنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى، ئورخۇن ئەمدى كىچىك بالىلارنىڭ ماكانى بۇلۇپ قالدىمۇ دەپ ئويلاپ  قالماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

پاھ - نىمىدىگەن قالتىس!!!    بىزنىڭ مۇشۇنداق ئۆزىنى - يىلتىزىنى ئىزدەشكە ،قىزىقىدىغان  ئەۋلاتلىرىمىز يەنمۇ كۆپلەپ بارلىققا كەلسە ،مۇنبىرىمزنىڭ مللتىمىزنىڭ كەلگۆسىگە ئۇمۇتۋار قاراشقا ئەلۋەتتە ھەقلىقمىز. سىز بالا تەربىلىەش جەھەتتە بىزلەرگىمۇ ئۆلگىسىز.
yol
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 1895
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 183
شۆھرىتى: 263 نومۇر
پۇلى: 1885 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 83(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-04-24
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
12-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-11-12 13:46
qoute
7 - قەۋەتتىكى barhan 2008-11-11 22:28 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
      يۇقۇردىكى بوۋىڭىزنىڭ سىزگە سوۋغا قىلغان <<ئەقىل-ھېكمەت تىلەش دۇئاسى>>نى قوبۇل قىلىڭ !  <<يا ئەلىمۇ، يا ھەكىمۇ>>،<<يا ئەلىمۇ، يا ھەكىمۇ>>، <<يا ئەلىمۇ، يا ھەكىمۇ>>،  <<يا ئەلىمۇ، يا ھەكىمۇ>>،<<يا ئەلىمۇ، يا ھەكىمۇ>>،<<يا ئەلىمۇ، يا ھەكىمۇ>>،<<يا ئەلىمۇ، يا ھەكىمۇ>>،<<يا ئەلىمۇ، يا ھەكىمۇ>>،<<يا ئەلىمۇ، يا ھەكىمۇ>>. 
     ئەگەر ئاتا-ئانا بولغۇچى  ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئەقىللىق بولىشىنى تىلىسە، قەغەز يۈزىگە<<يائەلىمۇ،ياھەكىمۇ>>دىن توققۇزنى يېزىپ تۇمار پۈتۈپ بېرىشى. ئاتا-ئانا قايسىسىنىڭ بىرى ھەركۈنى بىر ۋاقلىق نامىزىدا دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ يۇقارقىنى توققۇز قېتىم تەكرارلاپ دۇئا قىلسا بالا ئىنتايىن ئەقىللىق بولىدىكەن. بۇ ماڭا دادامنىڭ ئۆگەتكەن قائىدىسى ئىدى. چوقۇم شۇنداق بولىشىغا ئىشەنچىم كامىل.



بۇنداق ئىشلارنى بۇرۇن ئاناممۇ ماڭا ئۆگىتەتتى. بۇنداق ئىشلارغا جىق يولۇققانلار تارىخقا ئالاھىدە قىزىقىدىغان بولامدۇ-نېمە؟
بارخان مۇئەللىم شۇڭا سىز ئەقىللىق ئىكەنسىزدە...
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 4052
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 144
شۆھرىتى: 239 نومۇر
پۇلى: 1480 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 75(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-09-02
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-06
13-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-11-12 15:59
تۇران تېكىن مۇئەللىم قىزىڭىزمۇ سىزدەك تارىخچى بولۇپ چىقىدىغان ئوخشايدۇ...
ئەتىراپىدىكى مۇھىت پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ قانداق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى بەلگىلەيدىكەن...
ئانارقىز سىڭلىم قەلبىڭىزنى ئانارنىڭ دانىسىدەك بىلىم دۇردانىلىرى بىزەپ چىقىشىڭىزغا تىلەكداشمىز....
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: پانسات
UIDنومۇرى: 2090
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 325
شۆھرىتى: 470 نومۇر
پۇلى: 3025 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 110(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-05-29
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
14-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-11-12 16:05
    ئالدى بىلەن anarqiz قىزىمىزنىڭ(سەل كايىپ قالدىم-ھە  ،مىنىڭ چوڭ ئوغلۇم ئاران باشلانغۇچ 3-يىللىقتا ،تىل ئەدەبىياتتا سەل بوش) شىجائىتىگە باركاللا !
  ئىلىم ئۈگنىش كاتتا ئەجىر  ،ئۈگەنگەنلىرىنى باشقىلارغا ئۈگىتىش ئۇنىڭدىن كاتتا .مانا ئۈگەنگەن ئىلىمنىڭ زاكىتىنى ئايرىپ ياخشى ئىشتىن بىرنى قىلدى ،كىچىك بولسىمۇ بىزگە بىر قېتىم مۇئاللىم بولدى .رەھمەتanarqiz، بىلىمىڭىز بەرىكەت تاپسۇن !
 
yol
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !