بايانات: بۇ ئەسەرنىڭ توردىكى ھوقۇقى پەقەت ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتىگىلا تەۋە، بۇ ئەسەرنى ئاپتور ۋە تور بېكەت باشلىقلىرىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا تور بېكەتلەرگە چاپلاشقا، ئېلىكتىرونلۇق كىتاپ قىلىپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
«تارىخىي رەشىدى ــــ زەيلى»
شاھ مەھمۇد جوراس
سۆز بېشى
ھۆرمەتلىك كىتابخان، شاھ مەھمۇد بىن فازىل جوراس يېزىپ قالدۇرغان بۇ كىتاب فارىسچە ھەرپ بىلەن بېرىلگەن مەتىنگە ئاساسەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشرگە تەييارلاندى.
ئاپتور بۇ كىتابنىڭ باش قىسمىنى «تارىخىي رەشىدى»دىكى ماتېرىياللارنى مەنبە قىلىپ، قالغان قىسمىنى بولسا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن يېزىپ چىققان. مىلادى 1428 - يىلىدىن 1670 - يىلى 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە بولغان ۋەقەلەر بايان قىلىنغان بۇ تارىختا يەكەن، قەشقەر، ئاقسۇ، تۇرپان، خوتەننى ئاساس قىلغان خانلىقلار تارىخى، شۇنداقلا، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان قېرىنداش مىللەتلەر ھەققىدە باشقا كىتابلاردا بولمىغان بايانلار بار.
بۇ بايانلارغا قارىغاندا، بۇ كىتاب ئۇيراتلارنىڭ ھېمايىسىدىكى ئېرك بەگنىڭ ئەمرى بىلەن يېزىلىپ ئىسمائىل خان (مىلادى 1670 - يىلىدىن 1680 -يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن) غا تەقدىم قىلىنغان.
ئەسلىدە نام قويۇلمىغان بۇ كىتابنى تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى، ئۇنىڭ قۇرۇلما جاھەتتە «تارىخىي رەشىدى»گە تەقلىد قىلىنغانلىقى، «تارىخىي رەشىدى»دىن كېيىنكى ۋەقەلەرنى خاتىرىلىگەنلىكىگە قاراپ، ئۇنى «تارىخىي رەشىدى زەيلى» (تارىخىي رەشىدىنىڭ داۋامى) دەپ ئاتىسا، يەنە بەزىلەر «يىلنامە» دەپ ئاتىغان. بىز «سەئىدىيە خانلىقىغا دائىر ماتېرىياللار» دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.
ئاپتور چاغاتاي خانلىرىنىڭ ھىمايىچىسى، قارا تاغلىق خوجىلارنىڭ مۇرىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەسەردە ئاساسەن سەئىدىيە خانلىرىنىڭ تارىخىنى بايان قىلىشقىلا ئورۇن بەرگەن، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ جوراس قەبىلىسىنىڭ ھاكىمىيەت سەھنىسىدىكى ئورنىنى، قارا تاغلىق خوجىلارنىڭ تەسىرىنى تەسۋىرلەپ مەدھىيىلەشكىمۇ ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلغان، لېكىن خەلقنىڭ تارىخىي پائالىيەتلىرىنى بايان قىلىشقا ئورۇن بەرمىگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇنداق بىر تارىخ كىتابىدا ئورۇن بېرىشكە تېگىشلىك بولغان ئەينى زاماندىكى ھاكىمىيەت تەقدىرىگە نىسبەتەن ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك ۋەقەلەر كىرگۈزۈلمەي، ئۇنىڭ بىر پۈتۈن قىممىتى ئاجىزلىتىپ قويۇلغان. مىللەتلەر مۇناسىۋېتى توغرىسىدا ناتوغرا پىكىر پەيدا قىلىش مۈمكىن بولغان بەزى سۆزلەرنىمۇ ئىشلەتكەن. بۇنداق نۇقسانلارغا تەنقىدىي مۇئامىلە قىلىش لازىم.
ئېلىمىزدە بۇ كىتابنىڭ ئوخشاشمىغان قوليازما نۇسخىلىرى بار. بۇ تېمىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتلارنى ئوخشاشمىغان نۇسخىلار بىلەن تەمىنلەش مەقسىدىدە بۇ نۇسخىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ، پايدىلانغۇچىلارغا سۇنۇلدى.
قۇربان ۋەلى.
بۇ كىتاب 1989 - يىلى 9 - ئايدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان . تەرجىمە قىلغۇچى: ھەبىبۇللا ئېلى.
داۋامى بار. داۋاملىق يوللىنىدۇ.