ھۆرمەتلىك قىرىنداشلىرىم، تۈرك-رونىك يىزىىقى ھەم قەدىمى ئۇيغۇر يىزىقى توغرىسىدا ئاڭلاپ كىلۋاتقىلى بىزگە ئۇزۇن بولدى ،ئەمما بۇلار زادى قانداق يىزىقلار،قانداق يىزىلدۇ ،قانداق ئوقۇلىدۇ دىگەندەك ئۇچۇرلار پەقەت كەسپى تارىخ تەتقىقاتچىلىرىغىلا خاس ئىشتەك بىزگە ئانچە ئىنىق مەلۇم بولماي كەلدى.بۈگۈن تور بەتلەرنى ئىزدەپ يۈرۈپ بۇ ئىككى يىزىقنىڭ ئىلىپبە جەدۋىلىنى تىپىپ چىقتىم ،بەلكىم بۇ تىللارنى تولۇق ئۈگۈنپ كىتىشكە يىتەرلىك بولماسلىقى مومكىن،شۇنداقتىمۇ ئانچە مۇنچە ئۈگۈنۈپ باقساق،ھىچ بولمىسا ئۇيغۇر دىگەن سۆزنى قانداق يازىدۇ شۇنى بولسىمۇ بىلۋالساق. يەھۇدىلار يوقالغىلى نەچچە مىڭ يىل بولغان يىزىقلىرىنى تىرىلدۈرۈپ ئىشلىتىۋاتىدۇ ،بىزمۇ ھىچ بولمىسا ئۆزىمىزنىڭ قەدىمى يىزىقلىرىمىزدىن ئانچە مۇنچە خەۋەردار بولۇپ قويساق ياخشى بولاتتى دەپ ئويلايمەن.
ئەمسە باشلاپ كەتتىم .
تۈرك -رونىك يىزىقى 7-ئەسىرلەردىن بۇرۇنلا بارلىققا كەلگەن بولۇپ ئايرىلىپ يىزىلدىغان 37-38ھەرىپتىن تەشكىل تاپقان .بۇ يىزىق يەنە مۇشۇ يىزىق بىلەن يىزىلغان مەڭگۇتاشلار بايقالغان ئورخۇن ۋادىسىنىڭ نامى بىلەن يەنە ئورخۇن يىزىقى دەپمۇ ئاتىلدۇ . بۇ يىزىقنىڭ مەنبەسى ھەققىدە خەلقارادىكى ئاساسى قاراش بولسا تۈرك رونىك يىزىقى ئويما (ئۇلاپ يىزىلمايدىغان،مەتبەئەدە باسقاندەك ) سوغدىيان يىزىقىدىن(سوغدى يىزىقى بولسا ئارامى يىزىقىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن) ئۆزگىرىپ كەلگەن دىگەن قاراش. تۈرك-رونىك يىزىقى ئوڭدىن سولغا يىزىلدۇ.
ئورخۇن ھەرىپلىرى :
ئورخۇن ئىلىپبەسى ۋە ئوقۇلىشى
ئوچۇقراق،ئىنگىلىزچە نۇسخىسى تۆۋەندىكى بەتتە:
http://en.wikipedia.org/wiki/Old_Turkic_script مىسال :
يۇقىرىدىكى ھەرىپلەرنى قىتىپ ئوقساق "تۈرۈك" دىگەن سۆز بولىدۇ.
تۆۋەندىكىسى تۈرك رونىك يىزىقىدا يىزىلغان كۆلىتىگىن مەڭگۇ تىشىنىڭ ئۈستىدىكى خەتلەر
ئۇيغۇر دىگەن سۆزنى مەن تۈرك رونىكچە يىزىپ باققان،ئەمما سۈرەت كۆرۇنمەيدىكەن . شۇڭا قوشۇمچە ھۇججەت ئارقىلىق كۆرۈڭ
قەدىمى ئۇيغۇر يىزىقى:
قەدىمى ئۇيغۇر يىزىقى 8-ئەسىرلەردىن بۇرۇن ئۇلاپ يىزىلدىغان سوغدى يىزىقىدىن ئۆزگەرتىپ ياسالغان دەپ قارىلىدۇ. "خۇاستۇانىفت - مانى مۇرىتلىرىنىڭ توۋە ئىستىغپارى" دىگەن كىتاپ ھازىرغىچە بايقالغان ئۇيغۇر يىزىقىدا يىزىلغان ئەڭ قەدىمى ئەسەر بولۇپ روسىيە ئالىمى س.ئى.مالوف بۇ كىتاپنىڭ تارىىخنى 5-ئەسىرلەرگىچە سۈرىدۇ. ئۇيغۇر يىزىقىدا 20 ھەرىپ بار بولغان بولۇپ،بۇلارنىڭ ئىچىدە 5ى سوزۇق تاۋۇش،15ئۈزۈك تاۋۇش. 5 سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئىچىدە 3ى ئىككىدىن سوزۇق تاۋۇشقا تەڭ ئىشلىتىلگەن. يەنە 3 ئۈزۈك تاۋۇشمۇ ھەر بىرسى ئىككىدىن تاۋۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن.شۇنداق قىلىپ جەمىي 20 ھەرىپ بولسىمۇ بۇلار ئارقىلىق 30تاۋۇش ئىپادىلەنگەن .ئۈزۈك تاۋۇشلار سۆزدىكى ئورنىغا ئاساسەن شەكلى ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن.باش،ئوتۇرا،ئاخىر دىگەندەك .
ئۇيغۇر يىزىقى سول تەرەپتىن باشلاپ ئۈستىن ئاستىغا قاراپ تىك شەكىلدە يىزىلغان.
ئۇيغۇر يىزىقى ئىلىپبەسى :
ياپونچە چۈشەندۈرۈلگەن
ئۇيغۇر يىزىقىدا يىزىلغان پارچە
ئۇيغۇر دىگەن سۆز
قىنى ئەمسە ،دوسلار ،ئۈگۈنۈپ باقايلى.
ھە راسىت، تۈرك رونىك يىزىقىدا ئىپادىلمەكچى بولساڭلار تۆۋەندىكى بەتكە كىرىپ ماس كىلدىغان ھەرىپنى چىكىپ چوڭايىتقاندىن كىيىن ئادرىسىنى چاپلىساڭلار بولغۇدەك.
http://en.wikipedia.org/wiki/index.html?curid=22293 ياكى بولمىسا تۆۋەندىكى بەتتىن بۇ يىزىقنىڭ فونتىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئىشلەتسەڭلارمۇ بولىدۇ.
http://fonts.ro/font/Talas[ بۇ يازما ark_xamili تەرىپىدىن 2008-11-26 07:28 دە ]