نۆۋەتتىكى تېما : غايىپ بولغان 10 چوڭ مەدەنىيەت تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 1677ـ كۆرۈرمىنى
koxuk

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1617
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 50
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە50دانە
شۆھرىتى: 64 نومۇر
پۇلى: 630 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :155(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-03-14
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 غايىپ بولغان 10 چوڭ مەدەنىيەت

0
11-ئاينىڭ 6-كۈنى دىكى چەتئەل ئاخبىرات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە ، ئىنسانلارنىڭ ئۆتمۈشىنى چۈشىنىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئارخىئولوگ ۋە تارىخچىلار نۇرغۇن قان-تەرلىرىنى سەرپ  قىلدى، تارىخنى ئەسلىگىنىمىزدە ئىنسانلارنىڭ ئۇزاق تارىختىن بۇيان نۇرغۇن ئەگىر-توقايلىق ۋە كۆچۈشلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەنلىكى ، ئىنسانىيەت تەرەققىيات جەريانى قايتا- قايتا قۇرۇش ۋە يوقىلىش مۇساپىلىرىنى ئۆتكۈزگەنلىكى، قەدىمقى نۇرغۇن مەدەنىيەتلەرنى چۈشەندۈرشكە ئامالسىز قېلىنغانلىقى توغىرسىدىكى مەزمۇنلار خەۋەر قىلىنغان. تۆۋەندىكىسى ئامىرىكا ئاخبىرات ۋاستىلىرى تىزىپ چىققان قەدىمقى زاماندىكى ئون چوڭ سىر.

1. ياپۇنىيە دېڭىز ئاستىدىكى خارابىيلىق
       ياپۇنىيە ئوكىناۋانىڭ جەنوبىدىكى 20~100 فوت چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز ئاستىدا بىر قەدىمقى قۇرۇلۇش خارابىيلىقى بار. بۇ قۇرۇلۇشلار بەلكىم نەچچە يۈز يىلنىڭ ئالدىدا ياسالغان بولىشى مۇمكىن ئىكەن.  ئالىملار ئۇنى " يوقالغان مەدەنىيەت" دەپ ئاتىغان. بەزى گۇمان قىلغۇچىلار بۇ قۇرۇلۇشلار بەلكىم تەبىئى شەكىللەنگەن بولىشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ. فىرانىك. يوسىف "لەيلەپ چىققان ئاتلانتىس"دىگەن ماقالسىدە :" ئىككىنچى يىلى يازنىڭ ئاخىرىدا بىر غەۋۋاس ئوكىناۋا دېڭىز ئاستىدا نۇرغۇن تاش ئىشىكلەر ۋە ئۆتۈشمە تونىللارنى كۆردى، بۇ قەدىمىي قۇرۇلۇشتىكى تاش ئويمىلارنىڭ ئۇسلۇبىغا قارىغاندا ئىنكا مەدەنىيتى خارابىيلىقىدىكى قۇرۇلۇشلارغا ئوخشاپ كېتەتتى " دەپ يازغان.
       بۇ بەلكىم قەدىمقى دەۋىردىكى بىر قۇرۇلۇش بولىشى مۇمكىن بولۇپ، بەزى قۇرلۇشلار  كىرسىت شەكىللىك يول، چوڭ تىپتىكى نەزىر چىراق سۇپىسى، چوڭ مەيدانغا تۇتاشقان پەلەمپەيلەر شۇنداقلا ماياك شەكىللىك مۇنارلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئارخىئولۇگلار ئەگەر ئۇ چۆكۈپ كەتكەن شەھەر بولسا ئۇنىڭ  كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولغان بولىدۇ دەپ قارىشىدۇ.

ياپۇنىيەدىكى ئەڭ قەدىمقى مىللەت ئاينۇلار
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-35595-keyword-.html

2.كۇبادىكى چۆكۈپ كەتكەن شەھەر
2001-يىلى 5-ئايدا ،بىر يوقىرى دەرىجىدىكى سېفىرلىق ئۇچۇر تارقىتىش ئورنى (ADC) بىر تەكشۈرۈش گۈرۇپپىسىنى باشلاپ كۇبا دېڭىز  رايونى ۋە دېڭىز ئاستىنىڭ يەر شەكلىنى سىزماقچى بولدى. دولقۇن ئارقىلىق تەكشۈرۈشتە تەتقىقاتچىلار كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىرنەرسىنى بايقىدى. تەخمىنەن 2200 فوت دېڭىز ئاستىدا تاش شەكىللىك قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان قۇرۇلۇشسىمان دۆۋىلەرنى بايقىدى. بۇلار قارىماققا شەھەر خارابىيلىقىغا ئوخشاپ كېتەتتى. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى Paul Weinzweig : "تەبىئەت ھەرگىزمۇ بۇنداق تەكشى،رەتلىك بولغان قۇرۇلۇشسىمان شەكىللەرنى بارلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ تەبىئى شەكىللەنگەن ئەمەس، بىراق بىز بۇنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئۇقمىدۇق." دىگەنىدى.
    ئەجىبا بۇ چۆكۈپ كەتكەن قەدىمقى شەھەر خارابىيلىقىمىدۇ؟   ئامىرىكا دۆلەتلىك جۇغراپىيە قانىلى بۇنىڭغا قىززىقىپ قالدى، ھەمدە كەينىدىكى تەتقىقاتلارغا قاتناشتى. 2003-يىلى بىر كىچىك تىپتىكى سۇ ئاستى كېمىسى بۇ دېڭىز ئاستىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. يوقىرى دەرىجىلىك رەقەملىك ئۇچۇر ئورنىدىكى Paulina Zelitsky ، بۇ دېڭىز ئاستىدىكى سىرلىق خارابىيلىق قارىماققا بىر قەدەر چوڭ بولغان قەدىمقى زامان شەھىرىنىڭ شەھەر مەركىزى بولىشى مۇمكىنلىكىنى ، بىراق بۇنىڭغا ئائىت ئىسپاتلار تېپىلىشتىن بۇرۇن بۇنىڭغا ئالدىراپ ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.


3. ئامىرىكا قىتئەسىنىڭ بايقىلىشى ھەققىدىكى سىر
     داڭلىق دېڭىزچى كىرىستوپىر. كولۇمبو ئۆزىنى ئامىرىكا قىتئەسىنى بايقىغان بىرىنچى كىشى دەپ قارايدۇ. بىراق ئۇ ئامىرىكا قىتئەسىنى تاپقان بىرىنچى ئادەم بولىشى ناتايىن.  كولۇمبودىن بۇرۇن نۇرغۇن ئادەملەر ئامىرىكا قىتئەسىگە بارغان ھەمدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان.كولۇمبۇ بېرىشتىن ئىلگىرىلا ئامىرىكا قىتئەسىنىڭ يەرلىك ئاھالىسى ياشىغىلى نەچچە يۈز يىل بولغان. بۇنىڭدىن سىرت يەنە بەزى پاكتىلار باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭمۇ ئامىرىكا قىتئەسىگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئامىرىكا ۋە مېكسىكا چىگراسىدا نۇرغۇن قەدىمقى يۇنان ۋە رىمنىڭ تەڭگىلىرى ۋە ساپال بۇيۇملىرى بايقالدى.  ئامىرىكدىكى چوڭ جىلغىدا يەنە نۇرغۇن قەدىمقى مىسىرنىڭ مەدەنىيەت بۇيۇملىرى بايقالدى.  بۇ يادىكارلىقلارنىڭ تارىخى كولۇمبۇنىڭ ئامىرىكا قۇرۇقلىقىغا چىقىشىدىن بۇرۇن ئىكەن.
        بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئامىرىكا قۇرۇقلىقىدا ئىبرايلار ۋە قەدىمقى ئاسىيالىقلار ياسىغان قاچىلار  بايقالغان.  ئامىرىكا قىتئەسىدىكى يەرلىك رىۋايەتلەردە يىراق قۇرۇقلۇقتىن كەلگەنلەرنىڭ ئاجايىپ- غارايىپ سەرگۈزەشتىلىرى تەسۋىرلەنگەن  مەزمۇنلارمۇ بار. بۇ ھىكايىلەر بەلكىم ھەقىقى يۈز بەرگەن ئىشلار بولىشى مۇمكىن.  ئارخىئولۇگلارنىڭ ئالدىغا قويۇلغىنى بىز قەدىمقى زامان دېڭىزچىلىقىغا ئائىت قانچىلىك نەرسە بىلىمىز دىگەن سۇئالدىن ئىبارەت.


4. لېمۇرىيە ( مۇ قىتئەسى) نىڭ سىرى
     رىۋايەتلەردىكى لېمۇرىيە (Lemuria)  مەدەنىيىتى ئاتلانتىس مەدەنىيىتى بىلەن ئوخشاش ئورۇندا تۇرىدۇ. تېنچ ئوكياندىكى بەى ئاراللاردىكى رىۋايەتلەرگە قارىغاندا ،لېمورىيە  مەدىنىيىتى تېنچ ئوكياندىكى "جەننەت" كە ئوخشاش ئىسسىق بەلباغ ئارىلى بولۇپ، ئارالدا نۇرغۇن ھايۋانلار ياشايدىكەن . نەچچە مىڭ يىلنىڭ ئالدىدا ئۇ يېشىلمىغان سىرلارنى ئېلىپ دېڭىز ئاستىغا چۆكۈپ كەتكەنىكەن.  ئالىملارنىڭ لېمورىيە ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلىرى ئاتلانتىس ھەققىدىكى تالاش -تارتىشقا  ئوخشاش  تېخىچە توختىغىنى يوق.

دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى_ پاسخا ئارىلىدىكى تاش ھەيكەللەر
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-30813-keyword-.html


5. ئامىرىكا چوڭ جىلغىسىدىكى قەدىمقى مىسىر خەزىنىسى
1909-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ،ئامىرىكا "ئارىزونا ھۆكۈمەت گېزىتى" دە" ئامىرىكا چوڭ جىلغىسىنى تەكشۈرۈشتىكى  ئىشەنگۈسىز بايقاش : قەدىمقى زاماندىكى چوڭ جىلغىلىقلار يىراق شەرقتىكى مىسىردىن كەلگەنمۇ " دىگەن تېمىدا ماقالە ئىلان قىلىنغان. بۇ ماقالىدە بۇ قېتىمقى بايقاشنى شىمىس جەمەتى ئىلمىي جەمىيىتى قوللىغان بولۇپ، ئامىرىكا چوڭ جىلغىسىدا زور مىقداردىكى قەدىمقى مىسرنىڭ قاچا قۇچىلىرىنى تاپقان. بۇ ماقالىدە يەنە تەسۋىرى يېزىقلار، مىستىن ياسالغان قوراللار ۋە بۇيۇملار، مىسر ئايال ئىلاھىنىڭ ھەيكىلى، ۋە مومىيالارنىڭ بايقالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بۇ بايقاش گەرچە چوڭ غۇلغۇلا قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەنىلا بىر سىر بولۇپ كەلدى. كىشىلەر بۇ تەتقىقاتنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىسپاتلاشقا توغرا كېلىدۇ دەپ ھېساپلىدى. چۈنكى بۇنىڭدىن بۇرۇن قەدىمى مىسر غەزىنىسىگە ئائىت نەرسىلەر بايقالمىغان، ئىلگىرىكى جىلغىدىكى ئۆڭكۈرلەرنى تەكشۈرۈشتە تەكشۈرگۈچىلەر قۇرۇق قول قايتىپ كەلگەن.
     ئېكىسپىدىتسىيەچى David Hatcher Childress نىڭ ئېيتىشىچە " بۇ بىر ئويۇن بولىشى مۇمكىن، بىز بۇنى ئاخبىرات ۋاستىلىرى ئويناپ چىققان ، ئىنچىكە پىلانلانغان بىر مەيدان ئويۇن  دەپ ئېيتالمايمىز . لېكىن بۇ ماقالىدە شىمىس جەمەتى ئىلمى جەمىيىتدەك تەسىر كۈچكە ئىگە ئورۇننىڭ ياردىمى بولغان، بىراق نەچچە بەتلىك بايقاش جەريانى سۆزلەنگەن مەزمۇنغا قارىغاندا ، بۇنى ھەرگىزمۇ ئويدۇرۇپ چىقارغان دىگىلى بولمايدۇ "دىگەنىدى.  بۇ بايقاشنىڭ قوللىغۇچىلىرى بۇ خارابىيلىق كونتىرول قىلىندىغان رايونلار قاتارىدا ئىكەنلىكى،بۇيۇملارنىڭمۇ قوغدىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتىدۇ.

دۇنيادىكى چوڭ غەزىنىلەر _ فىرئەۋن توتىنكامۇن قەبىرىسى
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-38172-keyword-.html

6.ئامىرىكا ئەرۋاھ ئۆڭكۈرىدىكى مومىيا
    1940-يىلى  ئارخىئولوگ ئەر-خوتۇن Georgia Wheeler لار ئامىرىكا نېۋادا شىتاتى فاللون رايونىدىن شەرىققە 13 مىل كېلىدىغان يەردە بىر "ئەرۋاھ ئۆڭكۈرى"دە ئىككى سىرلىق مومىيانى بايقىغان ، بۇ ئىككى مومىيانىڭ بورا بىلەن يۆگەلگەن ، بىرسى  چوڭقۇرراق كۆمۈلگەن  ، يەنە بىرى  تېيىزراق كۆمۈلگەن  ، جەسەتنىڭ باش ۋە مۈرە قسىملىرىدا قورۇلۇش ئالامەتلىرى بولغان. بۇنىڭدىن باشقا بۇلار يەرلىك كىشلەرنىڭ ياردىمىدە ئۆڭكۈردىن 67پارچە قەدىمقى زاماننىڭ قاچىسىنى قېزىۋالغان. بۇ قاچىلارنى نېۋادا شىتاتلىق مۇزىيدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇلارنى  1500-2000 يىللىق تارىخقا ئىگە دەپ بېكىتكەن. 54 يىلدىن كېيىن 1994-يىلى كالىفورنىيە ئۇنۋىرىستىتىدىكى ئىنسانشۇناس Erv Taylor ماسسا سېپىكتىرىلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇنىڭ تارىخىنى 9400 يىل بۇرۇنقى دەۋرىگە سۈرگەن. بۇنىڭ تارىخى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامىرىكا قىتئەسىدە بايقالغان ھەرقانداق مومىيادىن ئۇزۇن . تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئىككى مومىيادا كاۋكاز ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ بولغانلىقى، ئالاھىدىلكى ياپۇنىيەدىكى ئاينۇلارغا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بىراق ئالىملار ھازىرغىچە نوپۇزلۇق پاكىتلارغا ئېرىشەلمىدى.

دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئون مومىيا
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-78427-keyword-.html


7.چۈشەندۇرگىلى بولمايدىغان مايا بىشارىتى
    قەدىمقى مايالارنىڭ ئالدىن بەرگەن بىشارەتلىرى ناھايىتى سىرلىق بولۇپ، نۇرغۇن كىشلەر بۇ بىشارەتلەرگە ئىشىنىدۇ، ھەمدە كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان بالا -قازادىن قورقۇش ھېس قىلىدۇ. مايالارنىڭ  بىشارىتىدە 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاخىر زامان بولىدۇ دىيىلگەن. بۇ نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ دۇنياۋى خاراكتىرلىق ئۆزگىرىشمۇ ياكى ئۇرۇش ئېلىپ كېلىدىغان ئاخىرقى زامانمۇ؟  يېڭى ئېرانىڭ باشلىنىشى ياكى ئىنسانلار يېڭى دەۋرىنىڭ باشلىنىشىمۇ؟ بۇ بىشارەت تېخى يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ ، لېكىن بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز پەقەت بۇنى كۈتۈش. بەلكىم 2012-يىلىدىكى روژىستوۋا بايرىمىدۇ.   كىشىلەر ئالدىنئالا تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تەييارلاپ ، "ئاخىرقى زامان"غا تەييارلىق قىلىش كېرەكتۇ بەلكىم.

دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى _ تىئوتىخۇاكان
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-27580-keyword-.html

8.ئاتلانتىسنىڭ   ئورنى
      ھازىر ئاتلانتىسنىڭ جايلاشقان ئورنى توغىرلىق نۇرغۇن قاراشلار بار.گېرىك پەيلاسوپى پىلاتوننىڭ تەسۋىرلىشدا ئاتلانتىس ناھايىتى گۈزەل، تېخنىكىسى تەرەققى قىلغان بىر ئارال بولۇپ، ئۇنىڭ تارىخىنى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 370-يىلغىچە سۈرۈستۈرۈشكە بولىدۇ. پىلاتوننىڭ ئاتلانتىسنىڭ كونكىرىت ئورنى توغىرسىدىكى بايانىمۇ ئېنىق ئەمەس.  نۇرغۇن كىشلەر ئاتلانتىس مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارايدۇ.بىراق ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلار يەر شارى خاراكتىلىق ئىزدەش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. Edgar Cayce نىڭ داڭلىق بىر بايانىدا ئاتلانتىس بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرىنىڭ يېنىدا (ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شەرقىدىكى تاقىم ئاراللار)  دەپ ئۆتكەن. 1969-يىلى  گىئومېتىرىك تاش قۇرۇلۇشلارنىڭ بىمىنى ئارىلىدا بايقىلىشى، ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى دەلىللەيدۇ.
      بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاتلانتىسنىڭ ئورنى توغىرلىق نۇرغۇن قاراشلار مەۋجۇت. مەسىلەن، ئانتىراكتىكىدا، مېكسىكىدا، ئەنگىلىيە دېڭىز بويلىرىدا شۇنداقلا كۇبا دېڭىز بويلىرىدا دىگەندەك.

يوقالغان قۇرۇقلۇق ئاتلانتىس
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-34833-keyword-.html


9. ناسكادىكى چوڭ شەكىللەر
    داڭلىق ناسكا چوڭ شەكىللىرى پىرونىڭ لىما دىگەن يېرىدىن 200 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قۇملۇقتا. بۇنىڭ ئىچدە ئەڭ چوڭىنىڭ ئۇزۇنلىقى 37 مىل،  كەڭلىكى 1مىل كېلىدۇ. بۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا بايقالغان بۇ غەلىتە غايەت زور شەكىللەرگە ھازىرغىچە ئالىملار تەبىر بېرەلمىدى ،   بۇ شەكىللەرنىڭ  بەزىلىرى بىر بىرى بىلەن پاراللىل. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى ئاسماندىن قارىغاندا بۇ شەكىللەر  ئۇچۇش يولىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. Erich von Daniken ئۆزىنىڭ "تەڭرىنىڭ ھارۋىسى" ناملىق كىتابىدا  بۇ شەكىللەرنىڭ تاشقى پىلانت ئادەملىرى ئۇچار كېمىسنىڭ ئۇچۇش يولى دەپ ھېساپلىغان. 
     بۇنىڭدىن باشقا مايمۇن، ئۆمۈچۈك، ھەرە قاتارلىقلارنىڭ شەكىللىرىمۇ بار. كىشىلەرنىڭ چۈشەنمەيدىغىنى بۇ غايەت زور شەكىللەرنىڭ قانداق رولى بولغانلىقى. بۇ شەكىللەرنى پەقەت ئاسماندىن قارىغاندىلا ئاندىن بىلگىلى بولىدۇ.  بەزىلەر بۇنى ئاستىرونومىيە بىلەن مۇناسىۋتلىك دەپ قارىدى، يەنە بەزىلەر بۇنى دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىدى. ھازىر بەزىلەر بۇنى سۇ مەنبەسىنى كۆرسىتىدىغان شەكىل دەپ  قارىدى. ئەمىلىيەتتە بۇ قاراشلارنىڭ ھەقىقى ئاساسىي يوق. بۇ ھازىرغىچە سىر بولۇپ كەلمەكتە.

دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى _ ناسكادىكى غايەت زور رەسىملەر
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-29665-keyword-.html

10. ئەلئېھرام ۋە سىفىنكىسنىڭ يېشى
    نۇرغۇن تارىخچىلار جىسا ئەلئېھرامى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى "سىفىنكىس" ھەيكىلىنى 4500 يىللىق تارىخقا ئىگە دەپ قارىشىدۇ. بەزىلەر بۇ ئۇلارنىڭ ھەقىقى يېشى ئەمەس دەپ ھېساپلايدۇ. ئاستىرونومىيە تەتقىقاتىغا ماھىر بىلگىيەلىك ئاممىۋى قۇرۇلۇش ئىنژىنىرى Robert Bauval روبېرىت شىر تەنلىك ئادەمنىڭ  قاچان ياسالغانلىقى قەدىمقى مىسر پۇتۇكلىرىدە بايان قىلىنمىغان دەپ قارايدۇ.
     شىر تەنلىك ئادەم قايسى چاغدا ياسالغان؟  John Anthony West  بولسا  ھەيكەلنىڭ  ئاستى قىسىمدىكى ئۇپراش ئەھۋالىدىن قارىغاندا بۇ ئۇزۇن مەزگىل يامغۇر-يېشىنلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدىن بولغان دەپ قارايدۇ ، بىراق بۇ قۇملۇقتا ئۇزۇن مۇددەت يامغۇرلۇق ھاۋارايى بولمايدۇ، بىراق بۇنىڭدىن 10500 يىللار ئىلگىرى بۇ يەرنىڭ ھاۋارايىدابۇنداق ھۆل-يېغىن بولغان .بۇنداق بولغاندا بۇ سىفىنكس ھەيكىلىنىڭ تارىخىنى 10500 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىت بولۇپ، قەدىمقى مىسر مەدەنىيىتىدىن بۇرۇن بولغان.  شۇنداق بولغاندا يېڭى مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ: شۇ چاغدىكى شارائىت ئاستىدا كىم شۇنداق چوڭ قۇرۇلۇشنى ياساپ چىقالايدۇ؟
    مىسرلىق تارىخچىلارنىڭ قارىشىچە بۇ شىر تەنلىك ئادەمنىڭ پۇتكۈل سىرتقى قسىمىنىڭ ئۇپرىشى شامالنىڭ ئۇپرىتىشىدىن بولغان دەپ قارايدۇ.  شۇ چاغدىكى مىسىرلىقلار بۇ تاشنىڭ شەكلىنىڭ مۇشۇككە ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرۈپ بۇنى شۇنداق شەكىلدە ياسىغان بولىشى مۇمكىن .

دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى_ئەلئېھرام، سىفىنكىس ھەيكىلى
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-32436-keyword-.html
(ئۆزەم مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان ماقالىلەرنى ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم. )

تەرجىمە قىلغۇچى : قوشۇق
كېلىش مەنبەسى : [url]http://news.cctv.com/world/20081106/102981.shtml[/url
]
[ بۇ يازما udun تەرىپىدىن 2008-12-14 00:36 دە قايتا ]
| ۋاقتى : 2008-11-27 14:07 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 1677ـ كۆرۈرمىنى
nadan

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 4602
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە5دانە
شۆھرىتى: 6 نومۇر
پۇلى: 50 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :42(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-09-26
ئاخىرقى : 2009-01-06

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ناسكا چوڭ شەكىللىرىنى گوگۇل خەرىتىسىدىن كورگىلى بولامدىغاندۇ؟ مەن ھىچ تاپالمايمەنغۇ؟
| ۋاقتى : 2008-11-27 15:53 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1677ـ كۆرۈرمىنى
koxuk

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1617
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 50
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە50دانە
شۆھرىتى: 64 نومۇر
پۇلى: 630 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :155(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-03-14
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

秘鲁纳斯卡平原巨画:14°41 45.39S,   75°10 35.48W  نى بىۋاستە Google Earth نىڭ ئىزدەيدىغان يېرىغا چاپلاڭ!
| ۋاقتى : 2008-11-27 16:12 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1677ـ كۆرۈرمىنى
زىبا

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 6930
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە1دانە
شۆھرىتى: 2 نومۇر
پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-11-27
ئاخىرقى : 2008-11-27

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇ دۇنيا ئاجايىپ سىرلىق ئىكەن!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
1som
| ۋاقتى : 2008-11-27 22:55 3 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1677ـ كۆرۈرمىنى
555rikabatqi

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 4462
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 29
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە29دانە
شۆھرىتى: 30 نومۇر
پۇلى: 290 سوم
تۆھپىسى: 1469 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :15(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-09-20
ئاخىرقى : 2009-01-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇ دۇنيادىكى سىرلارنىڭ ئاز بىرقىسمى ..................
| ۋاقتى : 2008-11-28 14:20 4 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1677ـ كۆرۈرمىنى
hazebay

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 2220
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 151
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە151دانە
شۆھرىتى: 152 نومۇر
پۇلى: 1510 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :101(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-05-20
ئاخىرقى : 2008-12-26

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ياخشى تىما ىكەن. يوللۇغىچىغا كۆپ رەخىمەت!
مەن بىر ماتىېرالدان كورۇشۇمچە امىريكاغا تۇنجى قىېتىم ئاراب ديڭىزشىلەرى كەلگەن ىكەن.
| ۋاقتى : 2008-11-28 22:10 5 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.094848(s) query 4, Time now is:01-11 02:17, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation