ئورخۇننى قوللامسىز؟ مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى Munber hetni Nurmal Korelmigenler
قورال ئىشىلتىش ئادرېسىنى كۆچۈرۈش | ساقلىۋېلىش | پىرىنتىرلاش
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 1757
جەۋھەر يازمىسى: 2
يوللىغان يازمىسى: 125
شۆھرىتى: 375 نومۇر
پۇلى: 1630 سوم
تۆھپىسى: 5 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-04-15
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-08
باش يازما  يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-25 21:03

 تارىخى جاھانكۇشاي ــــ ئۇيغۇرلار ھەققىدە

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى: بۇ يازمىغا Yawuz تەرىپىدىن نادىرلاندى (2007-11-30)
 
تارىخى جاھانكۇشاي
                                               
ئاتا مەلىك جۇۋەينى

ئاتا مەلىك جۇۋەينى (1226-1303) پېرسىيەنىڭ جۇۋەين ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان . ئۇنىڭ ئەجدادى سەلچۇق ۋە خارەزم سۇلتانلىقىدا ” ساھىب دىۋان “ (مالىيە ۋەزىرى)مەنسىپىدە بولغانلىقى ئۈچۈن” ساھىب دىۋان “جەمەتىنىڭ پامىلىسى بولۇپ قالغان . دادىسى باھاۋىددىن موڭغۇللار دەۋرىدە خۇراسان ، مازاندىراندا ” ساھىب دىۋان“لىق مەنسىپىدە بولغان . جۇۋەينى 20 ياشقا كىرمەستىنلا موڭغۇللار ھۆكۈمىرانلىقىدا مەمۇرى ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان بولۇپ ، كىيىن ماۋەرائۇننەھرىنىڭ ئەمىرى ئارغۇننىڭ كاتىبلىقىنى قىلغان . شۇڭا ئارغۇن ھەر قېتىم موڭغۇلىيەدىكى قارا قۇرۇمغا سالامغا كەلگەندە جۇۋەينىنى بىللە ئېلىپ كەلگەن . 3. قېتىم (1252-1253) قارا قۇرۇمغا سالامغا بېرىش سەپىرىدە دوستىنىڭ تەكلىپى بىلەن بۇ «تارىخى جاھانكۇشاي›› دېگەن ئەسەرنى يېزىشقا باشلىغان . كىيىن باغدادنىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلىنىپ ، مەمۇرى خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى بىلەن بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىنى تاماملىيالمىغان .

«تارىخى جاھانكۇشاي››دا چىڭگىزخاندىن ھىلاكۇ ھەشىشىيە مەزھىبىنى باستۇرغانغا قەدەر بولغان تارىخ بايان قىلىنغان بولۇپ ، ئەسەر ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن . 1. قىسىم 41 باپتىن تۈزۈلگەن بولۇپ ، چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھاياتى ھەم ئۇيغۇرلار ، قارا خىتايلار ھەققىدە بايان قىلىنغان . 2. قىسىم 32 باپتىن تۈزۈلگەن بولۇپ ، موڭغۇللارنىڭ تۈركىستان ۋە پېرسىيەدىكى پائالىيىتى بايان قىلىنغان . 3.قىسىم 16 باپتىن تۈزۈلگەن بولۇپ ، تولېي ، موڭكو ۋە ھىلاكۇ دەۋرىدىكى ۋەقەلەر بايان قىلىنغان .

جۇۋەينى ئۇ دەۋردىكى ۋەقەلەرنى تەپسىلى بايان قىلىش بىلەن بىرگە ، ئىسلام دىنىغا بولغان چەكسىز مۇھەببىتىنى ، باشقا دىن ۋە غەيرى مەزھەبلەرگە بولغان چوڭقۇر نەپرىتىنى گەۋدىلىك بايان قىلغان . شۇڭا ئەينى چاغدا ھازىرقى تۇرپاننى مەركەز قىلغان قوچو ئۇيغۇرلىرى ۋە شۆھرەت تاپقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە نەپرەت بىلەن قاراپ ،” ئۇلار ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنى بىلىم ۋە ئىلىمنىڭ چوققىسى قىلدى “ ( Boyle.pp 7 , 何 6页) ” تاتارلار ئۆزىنىڭ يېزىقى بولمىغاچقا ، ئۇ(چىڭگىزخان)موڭغۇل بالىلىرىنى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۈگىنىشكە ھەم ياساق-پەرمانلارنى پۈتۈشكە بۇيرىدى “ ( Boyle.pp 25 , 何 28页, )  دەپ يېزىپ ، ئۆزىنىڭ چىدىماي قالغانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويغان . شۇنداقتىمۇ ، ئەسەرنىڭ تارىخى ماتېرىيالچانلىقى ناھىيىتى يوقىرى بولغاچقا ، ھەر قايسى جايلاردا كۆچۈرۈلۈپ پايدىلىنىلغان ۋە ساقلانغان .

«تارىخى جاھانكۇشاي››نىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچە نۇسخىسى ھەققىدە ز . ۋ . توغان :‹مۇھەممەد ئىبنى ئۆمەر سەمەرقەندى ، يەنە بىر ئىسمى مۇھەممەد باخشى تەرىپىدىن ھىجىرىيىنىڭ 724 . يىلى مەردىندە يېزىلغان ‹جىھانگۇشا-يى جۈۋەينى› نۇسخىسىدا (قەدىمكى)ئۇيغۇرچە ۋە موڭغۇلچە شىېئرلار يېزىلغان› دەپ ئۇچۇر بېرىدۇ .


)A .Z .V .Togan : »Umumi Türk Tarihi’ne Giriş« ،Enderun Kitabevi , İstanbul , 1981 , sayfa 272 –c.(


ئىرانلىق ئالىم قەزۋىنى«تارىخى جاھانكۇشاي››نىڭ پارسچە نۇسخىلىرىنى توپلاپ-تەھقىقلەپ ، ئەسەرنى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈپ ، 1912 ، 1913 ۋە 1937. يىلى پارسچە نەشرى قىلدۇرغاندىن كىيىن ، ئەنگلىيەلىك پارسشۇناس بويلې  (J.A.Boyle) 1958 ) 1958- يىلى ئېنگلىزچە تەرجىمىسىىگە بىر تالاي ئىزاھات-تەھقىقلەرنى قوشۇپ نەشرى قىلدۇرغان.

( Juvaini:,Manchester University,Press , 1958 . )

خەنزۇ موڭغۇلشۇناس خې گاۋجى何高济) (ئېنگلىزچە تەرجىمىسىگە ئاساسەن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ ، 1981 ـ يىلى كۆكخوتتا ئىككى جىلدلىق كىتاب قىلىپ نەشرى قىلدۇرغان.

(志费尼:<世界征服者史>,内蒙古人民出版社 , 1981年 , 呼和浩特)

تۈركىيەلىك Mürsel Öztürk پارسچىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ ،9199 T يىلى ئەنقەرەدە بىر جىلدلىق ۋە ئىككى جىلدلىق نۇسخىلاردا نەشرى قىلدۇرغان . .لىكىن ، تۈركچە تەرجىمىسى يوقىرىقى ئىككى نۇسخىدەك تولۇق چىقمىغان .

(Ata Melik Cüveini:“Tarih-i Cihangüşa” 。Kültür Bakanlığı , Ankara , 1999)

پارسچە ئەسلى نۇسخىسى گەرچە قولىمىزغا چۈشمىگەن بولسىمۇ ، يۇقىرىقى ئۈچ خىل تەرجىمە نۇسخىسىنى سېلىشتۇرۇپ ئولتۇرۇپ ،1 ـ قىسىمدىكى ئۇيغۇر تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك بەش باپنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ پايدىلىنىشىڭلارغا سۇندۇم . پايدىلىنىشتا قولايلىق بولىشى ئۈچۈن ھەر باپنىڭ تىما ئاستىغا ئېنگىلىزچە( Boyle.pp دەپ) ، خەنزۇچە( 何 页 دەپ) ۋە تۈركچە( Mürsel Sayfaدەپ) تەرجىمىسىدىكى بەت ئورنىنى كۆرسىتىپ قويدۇم .



5 ـ باپ


ئىدىقۇتنىڭ ئىتائىتى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىستىلا قىلىنىشى


(Boyle.pp 45-48 , 何49-50 页, Mürsel 97-98 Sayfa)

ئۇيغۇر تۈركلەر باشلىقلىرىنى "ئىدىقۇت" دەپ ئاتايدۇ. مەنىسى، «بەخىت ئىگىسى» دىگەن بۇلىدىكەن. بۇ ۋاقىتىكى ئىدىقۇت بارچۇق ئىسىملىك كىشى ئىدى. قاراخىتايلار ماۋەرائوننەھىر ۋە تۈركىستاننى ئىستىلا قىلغان يىلى باھاردا، بارچۇقمۇ ئىتائەت قاپقىنىغا چۈشۈپ قىلىپ، ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. قاراخىتاي شاھى شاۋكەم ئىسىملىك كىشىنى شاھنەلىققا ئەۋەتكەن. شاۋكەم ھۇلىنى چىڭىتىۋىلىپلا نوچىلىق قىلىشقا باشلىغان. ئىدىقۇت بىلەن ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىغا ھەر خىل ھاقارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ شەرەپ چومپەرىدىسىنى يىرتىۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئاقسوڭەكلەر ۋە ئاۋام خەلق ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىشكە باشلىغان. چىڭگىزخان خىتاينى ئستىلا قىلغان زەپەر خەۋىرى ھەر تەرەپكە تارقالغان. بۇ چاغدا، ئىدىقۇت شاۋكەمنى «قارا خۇجا» دەپ ئاتايدىغان شەھەردىكى بىر ئۆيگە قاماپ، ئۆينى ئۇنىڭ بېشىغا ئۆرۈشكە پەرمان بەرگەن. ئاندىن قاراختايلاردىن يۈز ئۆرۈپ، جاھان ئىستىلاچىسى چىڭگىز قاغانغا ئىتائەت قىلغانلىقىنى جاكارلىغان، ئىدىقۇت ئارقىدىنلا قۇت ئالمىش قايا، ئۆمەر ئوغۇل، تاربايلارنى چېڭگىزخان بىلەن كۈرىشىشكە ئەۋەتكەن.چېڭگىزخان بۇ ئەلچىلەرنى ناھايتى كاتتا كۈتىۋالغان. ئامما ئىدىقۇتنىڭ ئۆزى بىلەن كۈرۈشمىسە بولمايدىغانىلىقىنى ئېيتقان. ئىدىقۇت پەرمانغا بويسۇنۇپ ناھايتى تىز چىڭگىزخان بىلەن كۆرىشىپ ئارزۇلارىغا قېنىشىپ زور شەرەپ بىلەن قايتىپ كەتكەن. زور قوشون كۈچلۈككە جازا يۈرۈش قىلغاندا ، ئىدىقۇت بۇيرۇققا ئاساسەن ئەسكەر باشلاپ ئويغۇر ئىلىدىن يولغا چىققان، پەرمانغا بويسونۇپ، ئۇ 300 ئاتلىق ئەسكەرنى باشلاپ چىڭگىزخان بىلەن كۆرۈشكەن ھەم خاننىڭ بىر بېلىكى بولغان. ئورۇشتىن كېيىن، ئىدىقۇت ئائىلە تائابات ۋە مالايلىرىنى مۇلازىم قىلىش ھوقوقىغا قايتا ئىرىشكەن. كېيىن چىڭگىزخان سولتان مەخمۇتنىڭ دۆلىتىگە قىلغان ھەربى يۈرۈشكە ئىدىقۇت يەنە پەرمان بويىچە ئەسكەر باشلاپ چىققان. چاغاتاي بىلەن ئوگۇداي ئەمىر بويىچە ئوترارنى قورشىغاندا، ئۇمۇ بىرگە ئەگەشكەن. ئوترار قولغا چۈشكەندىن كېيىن تورباي، ياساۋۇر، غاداق ئەسكەر باشلاپ ۋاقاشىپ تەرەپكە يۈرۈش قىلغاندا، ئۇمۇ قوشۇن بىلەن بىرگە يۈرگەن.ئەڭ ئاخىرى يۇرتىغا قايتقان. چىڭگىزخان تاڭغۇتلارغا قايتا قوشۇن تارتقاندا، ئىدىقۇت ئوخشاشلا پەرمان بويىچە ئادەملىرىنى باشلاپ بەشىبالىغتىن يولغا چىقىپ چىڭگىزخان بىلەن ئۇچراشقان.

مۇشۇنداق ماختاشقا ئەرزىيدىغان تۆھپىنى قەدىرلەش ئۈچۈن چىڭگىزخان ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتى ئېشىپ، بىر قىزىنى ياتلىق قىلىپ بەرمەكچى بولغان. چىڭگىزخاننىڭ ۋاپاتى تۈپەيلى بۇ قىز ياتلىق بولالمىغان. بۇنىڭ بىلەن ئىدىقۇتمۇ بەشىبالىغقا قايتقان. ئوگۇداي قاغان تەخىتتە ئولتۇرغاندا ، ئاتىسىنىڭ ۋەسىيتى بويىچە ئالتۇن بېكىنى ياتىلىق قىلغان. ئۇ يېرىم يولدا قازا قىلغان. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن قاغان يەنە ئالاچىن بېكىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلغان. ئەمما بېكىنى ئۇزىتىشتىن ئىلگىرى ئىدىقۇت ئاخىرەتكە سەپەر قىلغان. كېيىن، ئوغلى كەسمەس ئىدىقۇت بولغان. ئالاچىن بېكى بىلەن توي قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي كەسمەسمۇ قازا قىلغان. ئۇنىڭ قېرىندىشى سالىندى خانىش تۆرەگەنە خاتۇننىڭ ئەمىرى بويىچە ئاكىسىنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىدىقۇت بولغان. سالىندى تەخىتتە ئولتۇرغاندا ناھايتى تىچلىق بولغان. ئۇ ناھايىتى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان. بىراق ‹‹ئۇتۇق ئاتا قىلغۇچى ئاللاھدۇر››.





6 ـ باپ

ئۇيغۇر تارىخىنىڭ داۋامى


(Boyle.pp 49-53 , 何55-59 页, Mürsel 98-102 Sayfa)


بۇ باپ گەرچە موڭكو قاغان تەخىتتە ئولتۇرغان باپنىڭ كەينىگە قويۇلغان بولسىمۇ، ئامما بۇ بۆلۇم تارىخىنىڭ ئومومى ئورونلاشتۇرلشى بويىچە بولغاندا، بۇنى بۇ يەرگە قىستۇرغان تۈزۈكرەك، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بۇ تەرتىپكە ھۆرمەت قىلغان تۈزۈك.

پادىشاھى-ئالەم موڭكو قاغانىنىڭ ئىتائىتىگە ئۆتكەن بۇ چاغدا، بەزىلەر سۇيقەست پىلانلاپ، ئالا-توپىلاڭ كۆتەرمەكچى بولىدۇ. بۇ كىشىلەر ئۇيغۇر بۇدپەرەست ، دۆلەت ۋەزىرى بالا بىتىكچىنى ئىدىقۇتنى ئىزدەشكە ئەۋەتتى(ھەر قانداق نىمە ئۆز خىلى بىلەن). بالا بىتىكچى نۇرغۇن قەسەم ۋە ساناقسىز ھىلە-مىكىر بىلەن ئىدىقۇتنى ئۆزىگە تارتتى، ئۇ ئۇيغۇرلار بەشبالىغ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈپ، مال-دۇنيا ، پەرزەنىتلىرىنى بۇلاشنى ، بەش تۈمەن ئەسكىرىنى قوراللاندۇرۇپ، تاسادىبى جەڭگە تەييارلىق كۆرۈش ھەققىدە پىلان كۆرسەتتى.بۇ سۈيقەسىتكە بىلگە قۇت، بولمىش بۇقا، ساقۇن، ئايتېكەچ قاتارلىق ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرى ئاستىرتتىن قاتناشتى.ئۇلار بىر جۈمە كۈنى جۈمە نامىزى ئوقۇۋاتقاندا، مەسچىت ئەتىراپىغا مۆكتۈرۈپ قويۇلغان ئەسكەرلەر يوپورلۇپ چىقىپ،ئۇلارنى ئاخىرەتكە يوللاپ ئىسلام قوشۇنىنى بىچچىت قىلىشنى پىلانلاشتى.

ئۇلار ئاللاھ ياندۇرغان چىراقنى ئۆچۈرمەكچى،

ئۇلار ئاللاھ بەرگەن ئىنئامنى چۆرىۋەتمەكچى.

سۈيقەستىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، پىلاننى ئورۇنلاش ئۈچۈن، ئىدىقۇت قايمىش، خۇجا، ناقۇ بىلەن كۆرۈشىشنى سەۋەب قىلىپ،بارىگاھىنى شەھەر سىرتىغا ئەپچىقتۇرۇپ تىكتۈردى. ئۇيغۇر قۇشۇنىمۇ يىغىلىپ بولدى. بۇ ۋاقىتتا، بىلگە قۇتنىڭ تەگىمىش ئىسىملىك قۇلى،بىر ئاخشىمى ئۇلارنىڭ سۇيقەستلىك پىلانىنى ئاڭلاپ قالدى.قۇل ئاڭلىۋالغان گەپلىرىنى ئىچىدە ساقلاپ يۈردى . بىر ھەپتىدىن كېيىن بازاردا بىر مۇسۇلمان بىلەن تاكالىشىپ قېلىپ :« ھازىرچە مۇشۇنداق نوچىلىق قىلىپ تۇر ،ئىشقىلىپ سىنىڭ 3 كۈنلۈك ئۆمرۈڭ قالدى » دەپ سالدى. دەل مۇشۇ چاغدا،ئوردىنىڭ سادىق ۋەزىرى، ئالى مەنسەپدار ئەمىر سەيفىددىن بەشىبالىقتا ئىدى. مۇسۇلمانلار بۇ سۆزلەرنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدى.ئۇ تەگمىشنى تاپتۇرۇپ كېلىپ تاكاللاشقان چاغدىكى سىرلىق گەپنىڭ مەنىسىنى سورىدى.تەگمىش شۇنىڭ بىلەن بىلىدىغان بارلىق ئىشلارنى ئاشكارلىۋەتتى. دەل مۇشۇ چاغدا قاغانىمىزنىڭ تەخىتتە ئولتۇرغانلىق خەۋىرى يىتىپ كېلىپ سۇيقەستچىلەرنىڭ ھەرىكەت پىلانىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. ئىدىقۇت شارئىتىنىڭ قىستىشى بىلەن ئاسىيلىق خىيالىنى تاشلاپ ئاستانىگە قاراپ يولغا چىقتى.سەيفىددىن ئەلچى ئەۋەتىپ ئۇنى ياندۇرۇپ كەلدى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئادەملىرىنى تېگمىش يۈزلەشتۈرۈلدى. تەگمىش قىلچە تېنىۋالماي، ئۇلار يىغىلىش قىلغان يەرنى، ۋاقتى ۋە قاتناشقۇچىلار بىلەن قوشوپ ئېيتىۋەتتى . ئۇلار قورقىنىدىن ئامالسىز روھلىرى چۈشۈپ كەتتى.چۈنكى، ئۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا باشقىچە چىقىش يولى بولمىغاچقا ، بىز ھېچنىمىنى بىلمەيمىز دەپ تېنىپلا تۇرۋېلىشتى. ئىدىقۇت ۋە ئۇنىڭ ھەمنەپەسلىرى بىر مۇنچە غەلۋە-غوغادىن كىيىن، ئۆزلىرىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى بايان قىلىپ كاپالەتنامە يېزىشتى. تەگىمىشمۇ ئىيتقانلىرىنىڭ راسلىقىنى ئىسپاتلاپ كاپالەتنامە يازدى. باشقا ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرىمۇ «ئەگەر ئارىمىزدا بىرەرسى بۇ ئىشتىن خەۋىرى بولۇپ يوشۇرۇپ ئېيتمىسا، ياكى بىرەر سۈيقەست ئاشكارا بولۇپ چىقسا ئۇ ئادەممۇ سۈيقەست پىلانلىغۇچىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ جېنى ۋە مېلىدىن جۇدا قىلىنىدۇ.›› دەپ ئىسپات يېزىشتى.تەگمىش تۇرۇپ بۇ ئىشنى قارىغاندا بىېشبالىقتا ھەل قىلغىلى بولمىغىنىدەك ، بىز قاغاننىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ چوڭ يارغۇدا بۇ ئىشنى مۇباھىسە قىلىپ ئاقنى ئاق،قارىنى قارا قىلىپ ئايرىش كېرەك.ئىنىق تەكشۈرىش كېرەك» دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ،تەگمىش ئەلچىلەر بىلەن ئالدىن يۈرۈپ بۇ ئىشنى ئوردىغا دوكىلات قىلدى.ئۇ پەرمان ئېلىپ ئىدىقۇت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى كۈتۈپ تۇردى.شۇنچە ساقلىسىمۇ ئىدىقۇت ئاشكارە بولمىدى.تەگمىش بۇ ۋاقىتتا بالا بىتىكچىنى يارغۇغا تارتقۇزدى.بالا ئىقرار بولماي تۇرۋالدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۆرۈپ- ئادىتى بويىچە ئۇنى يالىڭاچلاپ،دۇمباق چالىدىغان چوكا بىلەن ئۇردى. ئاخىرى ئۇ ئۆلىرىنىڭ جاھان قاغانى موڭكو قاغانغا ئاسىيلىق قىلماقچى بولغانلىقىنى ئىقرار قىلدى. ئېيتقانلىرى تەگمىشنىڭ ئېيتقانلىرى بىلەن ئوخشاش چىقتى. شۇڭا، ئۇنى قاماپ قويدى. ئىدىقۇتنى يالاپ كىلىش ئۈچۈن تەگمىش بىلەن ئەلچى موڭگۇ پولاد ئىدىقۇتقا قاراپ يولغا چىقتى. ئىدىقۇت ئەلچى كىلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ ، ئۇلار يىتىپ كېلىشتىن بۇرۇن باشقا يول بىلەن ئوردىغا قاراپ يولغا چىقتى.تەگمىش بەشبالىقتا تولا ھەيۋە كۆرسەتتى. ئۇيغۇرلار قورقۇپ ، ئۇنىڭغا پارا بىرىپ ، ئۇنىڭغا كۆپ ھۆرمەت كۆرسەتتى. ئاندىن ئۇ ئىدىقۇتنىڭ كەينىدىن ئوردىغا قايتتى.

بۇ ئىشنى موڭكو سەرنويان قولىغا ئالدى،ئىدىقۇت گۇناھى بارلىقىنى ئىنكار قىلىۋەرگەچكە،ئۇنى قاتتىق قىيىن-قىستاققا ئالدى.ئۇلار ئۇنىڭ ئىككى قولىنى سىقىپ مىجىۋەتتى.ئارقىدىن ياغاچ قىسقۇچ بىلەن ماڭلىيىنى قاتتىق قىستى.گۇندىپاي قىسقۇچنى بوشىتىپ، بۇنىڭ كاسسىغا قاتتىق قىلىپ ئون يەتتە يىرىگە ياغاچ مىخ قاقتى. ئىدىقۇت يەنىلا ئىقرار بولمىدى.ئۇلار ئۇنى بولمىش بۇقا بىلەن يۈزلەشتۈردى.بولمىش:‹‹ راست سۆزلىمەكتىن باشقا ئامال ساڭا پايدىسىز ›› دېدى.ئەمما ئىدىقۇت يەنىلا چىڭ تۇرۇپ ئۇلار ئوتتۇرسىدا دېيىشكەن گەپلەرنى دىگىلى ئۇنىمىدى.بالا بىتكچىنى ئەكىرىپ ئۇلار دىيىشكەن گەپلەرنى باشتىن-ئاخىر يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭ ئالدىدا دېگۈزدى.ئىدىقۇت ناھايىتى ھەيران بۇلۇپ «سەن بالامۇ ؟ » دەپ سورىدى.ئۇنىڭ ئىسمى بالا بولغاچ، ئۇ «ھەئە» دەپ جاۋاپ بەردى.شۇنىڭ ئىدىقۇت ئىقرار بولدى.ئۇنى بوشىتىپ، ئانچە يىراق بولمىغان يەرگە ئاپىرىپ قويدى.بىلگە قۇتمۇ قىيىن-قىستاققا بەرداشلىق بېرەلمەي راسىت سۆزلەپ گۇناھى بارلىقىنى ئىتراپ قىلدى. قالغان 2-3 كىشىمۇ ئايرىم سوراققا تارتىلىپ، تاتارلارنىڭ قاتتىق قامچىسىنىڭ ئاچچىق تەمىنى تېتىغاندىن كېيىن راسىت سۆزلەپ، كۆڭلىگە يوشۇرغاننىڭ ھەمىمىنى ئېيتتى. كېيىن ئۇلارنى يالاپ ئەكىرىپ كۆرۈشتۈرۈۈپ پۇت-قولىنى بوشىتىپ، ئۇلارنىڭ سۈيقەست- ئەھد تۈزىش جەريانىنى سورىدى «ئۇلار:بۇ ھەقىقەتتۇر ، دېيىشتى. ئۇلار:‹‹ پەقەت ئاللاھ نامىدىن قەسەم قىلىمىز دېيىشتى››.شۇڭا ئاللاھ ‹‹قۇرئان كەرىم››دە:‹‹ئۇنداقتا سىلەر بۇ جازانى تېتىپ باقماقچىمۇسىلەر؟ » دەپ سورىغانىدى.

بۇ كىشىلەرنىڭ ئىقرارىغا ئاساسەن جاھان قاغانىغا ئەرز سۇنۇپ، قاغاندىن ئەلچى ئەۋەتىپ ئىدىقۇت ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرىنى بەشىبالىغقا يالاپ بېرىشقا يارلىق چۈشۈرۈپ بىر جۈمە كۈنى يەنى ئۇلار مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان كۇنى، پۇقرالار، مۇسۇلمان بۇدپەرەستلەرنىڭ ئالدىدا ئۇلۇغ قاغاننىڭ پەرمانىنى ئىجرا قىلدى.ئىدىقۇتنىڭ قېرىندىشى ئۆگۈنچ ئۆز قولى بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى كەستى.بىلگە قۇت بىلەن ئايتىكەچنى ھەرىلەپ ئىككى پارچە قىلىۋەتتى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئەلدە رەزىل بىدئەتلەرنىڭ شۇملۇق ھەم پاسكىنا ئىتقىادى سۈپىرىپ چىقىرىۋىتىلدى. جىنايى-گۇناھنىڭ يىلتىزىنى قورىتىۋېتىلدى .بارلىق مەدھيە ئاللاھغا-جىمى ئالەمنىڭ ئىگىسىگە تەئەللۇق ، قادىر ئاللاھنىڭ مىھر-شەپقەتلىرى بەندىلەرنىڭ گۈل-قەقەلىرىنى ئېچىۋەتتى . بۇدپەرەستلەرنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىۋەتتى.

ھەقىقەتەن يالتىرايدۇ، غىلاپتىن چىققان شەمشەردەك،

ئېھتىيات قىل، ئورماندىكى شىردىن ئېھتىيات قىلغاندەك !

بالا بىتىكچى ئەسلىدە قايمىشنىڭ قول ئاستىدىكى ئەمەلدار ئېدى.سۇيقەست ئۈچۈن سوراققا تارتىلدى ھەم جازاغا تارتىلىدىغان چاغدا بۇ مەخپى سۈيقەسىت ئاشكارلىنىشىدىن ئىلگىرى،ئۇ ئاللىقاچان قامىلىپ بولغان، ھايات قېلىشتىن ئۈمىد قالمىغانىدى. ھازىر ئۇ باشقىلار بىلەن بىرگە شەھەر سىرتىغا ئەپچىقىلىپ، يالىڭاچلىنىپ،جازا كۈتىۋاتاتتى. لىكىن بېلى ئاغرىپ قالغاچقا، كېسىلى ئېغىر،ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بۇلىشى ئۈچۈن خەيرى ساخاۋەت قىلىپ، شۇ كۈنى ئۆلۈمگە مەھكۇم بولغانلارنى كەچۈرۈم قىلدى.شۇنىڭ بىلەن بالا قىلىچ ئاستىدا قۇتۇلۇپ چىقتى .

قاراڭلار!سەرۋازلار ئېيتىدۇ،جەڭ مەيدانى شۇنچە تار،

لېكىن قىلىچتىن قۇتۇلماقنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار.

كەچۈرۈم بۇيرىغىنى بۇرۇن يىتىپ كەلگەچكە بۇ قېتىم ئۇنىڭ جېنى ئامان قالدى.ئەمما ئۇنىڭ خوتۇن-توقال پەرزەنىتلىرى، قۇل-چاكار،مال-چارۋالىرى ۋە مەنقۇلات مۈلۈكلىرىنىڭ ھەممىسى مۇسادىر قىلىنىپ بۇلىشىۋېلىندى.

موڭغۇللارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىدە،بىرەر ئۆلۈمگە مەھكۇم جىنايەتچى ئەگەر كەچۈرۈمگە توغرا كېلىپ قىلىپ قالسا ، ئۇنى ئاپىرىپ كالتەكلەيتتى. سەۋەبى شۇكى، ئەگەر ئۇنىڭ پىشانىسىگە ئۆلۈم پۈتۈلگەن بولسا ئۇ چوقۇم جەڭ مەيدانىدا ئۆلەتتى. بولمىسا ئۇنى چوقۇم قايتىپ كېلەلمەيدىغان ئەللەرگە ئەۋەتەتتى ياكى بولمىسا، ھاۋاسى ناھايىتى ناچار يەرلەرگە ئەۋەتىۋىتەتتى.شۇڭا مىسىر بىلەن سۇرىيەنىڭ ئوتتەك قىزىق ھاۋاسى، ئۇلار بالانى يولغا سالماقچى بولغان يەرلەر ئېدى.

ساقۇننىڭ سۇيقەستىگە چېتىلىشى چوڭ بولمىدى. ئۇنىڭ يەنە سارايدىكى ئەمەلدارلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئىدى.شۇڭا ئۇپەقەت كاسسىغا بىر يۈز ئون كالتەك يەپ قۇتۇلۇپ كەتتى.

كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بۇ قېتىمقى سۈيقەستىكى تەگمىشكە كەلسەك ، ئۇ ئەتىۋارلاشقا ئېرىشتى.يەنە قادىر ئاللاھ ئۇنىڭغا ئىسلام شەرىپىنى ئاتا قىلدى.

بۇ قېتىمقى ئالا توپىلاڭ بېسىقتۇرۇلغاندىن كىيىن،ئۆگۈنچ خاننىڭ ھۇزۇرىغا سالامغا كىردى. ئۇ ئاكىسىنىڭ ئورنىدا تەىتتە ئولتۇرۇپ،ئىدىقۇت ئاتىغىغا ئېرىشتى.

بۇ ۋەقەلەر 650/3-1252يىلى يۈز بەرگەن





7 . باپ

ئىدىقۇت بىلەن ئۇيغۇر ئىلىنىڭ كېلىپ چىقىشى

- ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قاراشىلىرى


(Boyle.pp54-61 , 何 62-67页, Mürsel 102-107 Sayfa)


بىز ئۇلارنىڭ تارىخىنى يېزىپ بولغاندىن كىيىن، يەنە ئۇلارنىڭ تارىخ كىتابلارغا يېزىلغان ئۇلارنىڭ دىنى ئىتىقادىغا دائىر ئىشلارنى خاتىرلەيمىز. بۇلار غارايىپ رىۋايەت، ھەقىقىي تارىخ قىلىپ ئىشىنىشكە بۇلمايدۇ.

ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى دەسلەپتە ئۇرقۇن دەرياسى ۋادىسىغا كۆپەيگەن، دەپ ھىسابلايدۇ. بۇ دەريا ئۇلار قارا قوروم دەپ ئاتايدىغان تاغدىن باشلىنىدۇ. قاغان يېقىندا بىنا قىلغان شەھەرنىڭ نامى شۇنىڭدىن كەلگەن.30 ئېقىن شۇ قارا قوروم تېغىدىن باشلىنىدۇ. ھەر بىر دەريانىڭ قىرغىقىغا بىردىن ئۇرۇق ئولتۇراقلاشقان. ئۇيغۇرلار ئورقۇن دەرياسىنىڭ قىرغىقىدا شەكىللەنگەن ئىككى شاخ بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئاھالىسى كۆپەيگەندە باشقا قەبىلىلەرنى دوراپ، قەۋملىرى ئىچىدە بىركىشىنى ئاتامان سايلاپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغانىلىقىنى بىلدۈرەتتى. ئۇلار 500 يىلنى شۇ تەرىقىدە ئۆتكۈزگەندىن كىيىن، بوقۇ خان ئوتتۇرىغا چىققان. ھازىر بەزى كىشىلەر بوقۇ خان ئافراسىيابدور، دەيدۇ. قارا قۇم تېغىغا يېقىن بىر جايدا بىر كونا قۇدۇق ۋە يوغان بىر تاش بار ئىكەن. بۇ قۇدۇق پىچان قۇدۇقىمىش

ئۇرقۇن دەرياسى ۋادىسىدا بىر شەھەر بىلەن ئوردىنىڭ خارابىسى بار. شەھەر ئىسمى‹‹ ئوردۇ بالىغ››. ئۇ بۈگۈنكى كۈندە ‹‹ماۋۇ بالىغ›› دەپ ئاتىلىدۇ. ئوردا خارابىسىدىن باشقا شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئۇدۇلىدا خەت ئۇيالغان مەڭگۈ تاش بار. بىز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن . قاغان دەۋرىدە، بۇ تاشنى يۆتكەپ قارىسا، ئاستىدا بىر قۇدۇق بار ئىكەن. قۇدۇق ئىچىدە بىر خەت چىكىلگەن ئابىدە بار ئىكەن. پەرمان بىلەن ھەر تەرەپكە كىشى ئەۋەتىپ كۆرسە، ھېچ كىشى ئوقۇيالمىغانىكەن. شۇنىڭ بىلەن خىتايدىن شامان ئاتلىق كىشىلەرنى چاقىرتىپ كەپتۇ. ئەسلى تاشقا ئويۇلغىنى ئۇلارنىڭ يېزىقى ئىكەن.

ئەينى زاماندا قارا قۇمدا ئىككى دەريا بار ئىكەن. ئۇ دەريالارنىڭ بىرى ‹‹تۇغلا دەرياسى›› دەپ ئاتىلىدىكەن. يەنە بىرى‹‹ سېلېنگا دەرياسى›› دەپ ئاتىلىدىكەن. ئىككى دەريا ‹‹قاملامچۇ›› دىگەن يەردە بىر-بىرىگە قوشۇلىدىكەن. ئىككى دەريانىڭ ئارلىقىدا بىر- بىرىگە ياندىشىپ ئىككى تۈپ دەرەخ ئۆسكەنىكەن. ئۇلار ئۇنىڭ بىرسىنى «قۇسۇق» دەپ ئاتايدىكەن. ئۇنىڭ شەكىلى قارىغايغا ئوخشاش بۇلۇپ يۇپۇرمىقى قىش ۋاقتىدا قېيىننىڭكىگە ئوخشىشىپ قالىدىكەن. مېۋىسىنىڭ شەكلى ۋە تەمىمۇ چىلخوزىغا ئوخشايدىكەن.يەنە بىرىنى «تور» دەپ ئاتايدىكەن. بۇ ئىككى تۈپ دەرەخنىڭ ئوتتۇرسىدا چوقچىيىپ تۇرغان بىر دۆڭ بار ئىكەن. قۇياش نورىدا بۇ دۆڭ بارغانسىرى ئىگىزلەپتۇ. ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بۇ مۆجىزىنى كۆرۇپ، ھەيرانۇ-ھەس بۇلۇشۇپتۇ. ئۇلار بۇ دۆڭگە ئەيمىنپىرەڭ تازىم قىلىپ يېقىنلىشىپتۇ. بۇ چاغدا، ئۇلارغا ناخشىغا ئوخشاش بىر خىل يېقىملىق ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. ھەر كۈنى كەچتە بىر پارچە نۇر شۇ دۆڭنىڭ 30 قەدەم چۆرىسىگە چۈشۈپ تۇرىدىكەن. دۆڭنىڭ ئىچىدە ئەمدىلا تۇغۇلغان بۇۋاقنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ-دە، دۆڭلىكتىن بىر ئىشىك ئېچىلىپتۇ. قارىسا، دۆڭنىڭ ئىچىدە چېدىردەك بەش ھوجرا، بۇ ھوجرىلارنىڭ ئىچىدە ھەر بىرىدە بىردىن ئوغۇل ئولتۇرغۇدەك، بۇ بالىلارنىڭ ئاغىزىدا بىردىن ئىمىزگە بار ئىكەن. ھەر بىر ھوجرىنىڭ ئۈستىدە بىر كۈمۈش تور يېپىقلىق تۇرغۇدەك. قەبىلە ئاقساقاللىرى بۇ غەلىتە ئىشنى كۆرۇپ ھەيرانۇ-ھەس قېلىشىپ، باش ئۇرۇشۇپ تەزىم قىلىشىپ كېتىپتۇ. بىردىنلا غۇر-غۇر شامال چىققاندەك بۇلۇپتۇ-دە، ھېلىقى بالىلار ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىشقا باشلاپتۇ. ئۇلار مېڭىپ تاش ئۆيدىن چىقىپتۇ. كىشىلەر بۇ بالىلارغا قاراشقا مەخسۇس بىر ئىنكىئانا تەيىنلەپتۇ. كىشىلەر ئۇلارنىڭ نامىغا تۈرلۈك مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈپتۇ. بالىلار ئەمچەكتىن ئايرىلىش بىلەنلا تىلى چىقىپ، گەپ قىلالايدىغان بۇلۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كىشىلەردىن ئۆزلىرىنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ كىملىكىنى سوراپتۇ. كىشىلەر ئۇلارغا بۇ ئىككى تۈپ دەرەخنى كۆرسىتىپ قويۇپتۇ. ئۇلار دەرەخكە گويا ئاتا- ئانىسىغا مۇئامىلە قىلغاندەك تىزلىنىپ تەزىم قىلىپتۇ. بۇ ئىككى تۈپ دەرەخ ئۆسكەن يەرگىمۇ تەزىم قىلىپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپتۇ. شۇ ئەسنادا بۇ ئىككى تۈپ دەرەختىن ئۇشتۇمتۇتلا:« ئەي بالىلار! سىلەر بۇ يەرگە دائىم كېلىپ، بىزنى يوقلاپ تۇرۇڭلار. بىز سىلەرگە ئوزاق ئۆمۈر، مەڭگۈ شان- شەرەپ تىلەيمىز!» دېگەن سادا كېلىپتۇ. شۇ يەردە ياشايدىغان قەبىلىلەرنىڭ كىشىلىرى كەينى- كەينىدىن كېلىپ، بۇ بەش بالىلارنى خۇددى شاھزادىلەردەك ئىززەتلەپتۇ. ئۇلار قايتىش ۋاقتىدا، بۇ بالىلارنىڭ چوڭىنىڭ ئىسمىنى«سونقۇر تېگىن»، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمىنى «قۇتۇر تېگىن»، ئۈچىنچىسىنىڭ ئىسمىنى «تۈكەل تېگىن»، تۆتىنچىسىنىڭ ئىسمىنى « ئور تېگىن»، بەشىنچىسىنىڭ ئىسمىنى «بۇقۇ تېگىن» دەپ ئاتاپتۇ.

بۇ مۆجىزىلەرنى كۆرگەن كۆپچىلىك بۇ بەش ئوغۇلنىڭ ئىچىدە بىرىنى ئۆزلىرىگە ئاتامانلىققا ۋە قاغانلىققا تاللاشقا بىرىدەك قوشۇلىپتۇ. ئۇلار بۇ بەش شاھزادە ئۇلۇغ تەڭرى تەرپىدىن ئاتا قىلىنغان، دەپ قارايدىكەن. ئۇلار بۇقۇ خاننىڭ پەزىلەت ۋە پاراسەت جەھەتتە باشقا بالىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغانلىقىنى يەنى كېلىپ ھەر قايسى قەبىلىلەرنىڭ تىل- يېزىقىنى بىلىدىغانىلىقىنى بايقاپتۇ. شۇڭا، ئۇنى قاغانىلىققا كۆرسىتىپتۇ ۋە كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ، تەختكە چىقىرىپتۇ. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ئادىللىق گىلىمىنى ئېچىپ، زوراۋانلىق بورىسىنى يېغىۋىتىپتۇ.ھەم ئۇنىڭ نۇرغۇن مۇلازىم، خىزمەتكار ۋە چاكارلىرى بار ئىكەن. قادىر ئاللاھ ئۇنىڭغا جىمى ئەلنىڭ تىلىنى بىلىدىغان ئۈچ زات ئاتا قىلىپتۇ. ئۇ قەيەردە ئىش بىجىرمەك بۇلىدىكەن، زاتلار شۇ ياققا بىرىپ، ئەھۋال ئىگەللەپ، خەۋەر ئېلىپ كېلىدىكەن.

ئۇزۇن ئۆتمەي، بىر ئاخشىمى قارار گاھىدا ئۇخلاۋاتسا، بىر قىزنىڭ سايىسى تۇڭلىكتىن چۈشۈپ ئۇنى ئويغۇتۇپتۇ. ئەمما، ئۇ قورققىنىدىن ئۇخلىغاندەك بۇلۇپ يېتىۋاپتۇ. ئىككىنچى كۈنى قىز يەنە كېلىپتۇ. ئۈچىنچى كۈنى ۋەزىرنىڭ نەسىھەتى بويىچە، تۇرۇپ قىزغا ئەگىشىپ ئاق تاغ دەپ ئاتىلىدىغان تاغدا، ئىككەيلەن تاڭ ئاتقىچە سۆھبەتلىشىپتۇ. ئۇ ھەر كۈنى تاغ تەرەپكە بېرىپ يەتتە يىل ئالتە ئاي 22 كۈن قىز بىلەن سۆھبەتتە بۇلۇپتۇ. ئەڭ ئاخىرقى كىچىسى قىز ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشار چاغدا: « مەشرىقتىن مەغرىپكىچە زىمىن سىنىڭ ئىلكىڭگە ئۆتىدۇ. تىرىشىپ بۇ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغىن. پۇقرالارغا ئۇۋال قىلما» دەپتۇ.

شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ لەشكەرنى جەملەپ، سۇنقۇر تېگىننى 30 تۈمەن ياراملىق ئەسكەر باشلاپ، مۇڭغۇل بىلەن قىزغىزلارنى بويسۇندۇرۇشقا ئەۋەتىپتۇ. قۇتۇر تېگىننى 10 تۈمەن ئەسكەر بىلەن تاڭغۇتلارنى بويسۇندۇرۇشقا، تۈكەل تېگىننى 10 تۈمەن ئەسكەر بىلەن تىبەتىنى بويسۇندۇرۇشقا ئەۋەتىپتۇ. ئۆزى 30 تۈمەن ئەسكەر بىلەن خىتايلار ئىلىگە ئاتىلىنىپتۇ. بىر ئاكىسىنى ئۆز زىمىنىگە قاراشقا قويۇپتۇ. ھەر قايسىلىرى جازا يۈرۈشتە زەپەر مارىشىنى ياڭرىتىپ، سان – ساناقسىز ئولجىلار بىلەن قايتىشىپتۇ. ئۇلار ئەسىر ئالغان كىشىلەرنى ئورقۇن دەرياسى ۋادىسىغا يېغىپ، ئوردۇ بالغنى سالدۇرۇپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ پۈتكۈل مەشرىق ئۇلارنىڭ ھۆكۈمىرانلىقىغا ئۆتۈپتۇ.

بۇ چاغدا، خان ئاق كىيىم كىيگەن، ئاق ھاسا تايانغان بىر بوۋاينى چۈشىدە كۇرۇپتۇ. بوۋاي ئۇنىڭغا قارىغاينىڭ ئۇرۇقىدەك چوڭلۇقتىكى قاشتېشىنى بىرىپ :«ئەگەر سەن مۇشۇ قاشتېشىنى ساقلاپ قالالىساڭ پۈتكۈل ئالەم سىنىڭ ئىلكىڭنىڭ ئاستىدا بۇلىدۇ» دېدى. ئۇنىڭ ۋەزىرىمۇ شۇنداق چۈش كۆرۇپتۇ.ئەتىسى لەشكەرلىرىنى رەتلەپ مەغرىپكە يۈرۈش قىلىپتۇ. تۈركىستان چىگىرسىغا بارغاندا، سۈيى مول، ئوتى ياخشى گۈزەل تۈزلەڭلىككە ئۇچىراپ، ئۆزى شۇ يەردە قېلىپ بالا ساغۇن شەھرىنى ساپتۇ. ھازىر ئۇ شەھەر ‹‹قۇز بالىغ›› دەپ ئاتىلىدۇ. ھەم ئەسكەرلىرىنى تۆت تەرەپكە ئەۋەتىپ 12 يىل ئىچىدە جىمى زېمىنى بويسۇندۇرۇپتۇ. بىرەر قارشىلاشقۇچى ياكى قايىل بولمىغۇچىنى قويماي يوق قىلىپتۇ. ئۇلار ئاخىرى شۇنداق بىر يەرگە بىرىپتۇكى، قارىسا ھايۋان گەۋدىلىك ئادەملەر ئىكەن. ئۇلار يەنە داۋاملىق ماڭسا ئادىمىزات ئۇچرىمايدىغانىلىقىنى بىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەر قايسى ئەلنىڭ شاھلىرىنى ئېلىپ قايتىپ بۇقۇ خانغا تەقدىم قىلىشىپتۇ. بۇقۇ خان ھەر قايسىلىرىنىڭ سالاھىيتىگە قاراپ ناھايتى ھۆرمەت بىلدۈرۈپتۇ. پەقەت ھىندىستان شاھى بەكلا كۈرۈمسىز بولغاچ، بۇقۇ خان كۈرۈشىشكە ئىجازەت بەرمەپتۇ. ئۇلارنى ئۆز يۇرتىغا قايتۇرۇپ، ئۇلاردىن ئولپان ئاپتۇ. سەپىرىدە توسالغۇ قالمىغاچ قۇس بالىغدىن ئۆز يۈرتىغا قايتىشنى قارار قىلىپتۇ.

ئۇيغۇرلار بۇتقا چوقىنىدۇ. چۇنكى ئۇلار ئۇ چاغلاردا پىرخونلۇقنى بىلەتتى، پىرخونلۇقنى بىلىدىغان كىشىنى « قام» دەپ ئاتايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، موڭغۇللار بىلەن ئوبنالار ئىشىنىدۇ. ئۇلار يوقىلاڭ سۆزلەپ ئۆزىنى ھەممىدىن خەۋەر بەرگۈچى شەرىق ئەرۋاھىنىڭ يىقىنى دەپ ئاتىشىدۇ. بىز بەزىلەردىن قامنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇشۇپ باققان.ئۇلار : ئاڭلىشىمىزچە ، ئەرۋاھ تۈڭلىكتىن كىرىپ ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشەرمىش، ئېھتىمال ئالۋاستى ئۇلار بىلەن يېقىندۇر. ھەم ئۇلار بىلەن بىرىش- كېلىش قىلىشىدىكەن. ئۇلار بىر خىل جادۇگەرلىك بىلەن ئۇلارنىڭ نەپسىنى قاندۇرغاندا، سېھىر كۈچى ئەڭ يۇقىرى چەككە يىتىدىكەن دىيىشىدۇ. ئىشقىلىپ بىز ئېيتقان شامان ئاتالغانلار، مۇڭغۇللار ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان قالاق چاغلىرىدا، مۇشۇ قاملارنىڭ گەپلىرىگە ئىشىنىپ كەلگەنكەن. ھازىرمۇ موڭغۇل خانلىرى ئۇلارنىڭ تىلاۋەت ۋە چەكلەشلىرىگە بوي سۇنىدۇ. ئەگەر بىرەر ئىش قىلماقچى بولسا، بۇ پىرخونلار قوشۇلمىسا بولمايدۇ. بولمىسا ھېچ ئىش قىلالمايدۇ. قاملار يەنە ئوخشاش ئۇسۇللار بىلەن كىسەل داۋالىيالايدۇ.

ئۇ دەۋىردە خىتايلارمۇ پودپەرەسىت ئېدى. بۇقۇ خان ئەلچى ئەۋەتىپ تويىن تەكلىپ قىپتۇ. ئۇلار كەلگەندىن كىيىن بۇقۇ خان ئۇلارنى قاملار بىلەن مۇباھىسە قىلدۇرۇپتۇ. قايسى تەرەپ يەڭسە، شۇ تەرەپنىڭ دىنىغا ئىتائەت قىلماق بوپتۇ. توينىلار«نوم» نى قىرائەت قىلىپتۇ. «نوم» ئۇلارنىڭ ئىلاھىيەت نەزىرىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە يەنە قاملاشمىغان پاراڭ ۋە رىۋايەتلەر بار ئىكەن. ئەممە بۇنىڭدىن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەمىر-نىزام،تەرغىباتلىرىغا ماس كىلىدىغان ئىلغار تەربىيەلەرنىمۇ تاپقىلى بۇلارمىش، مەسىلەن، كىشىلەرنى ئەسكى ئىش قىلماسلىققا، ياخشىلىققا يامانلىق قىلماسلىققا، ياۋايى ھايۋانلارغا زىيان- زەخمەت يەتكۈزمەسلىككە دەۋەت قىلىدىغان مەزمۇنلار بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئەمىر- نىزامى ناھايتى كۆپكەن . ئەڭ تىپىك بولغىنى نۆۋەتلىك قايتىلىنش نەزىرىيىسى ئىكەن. ئۇلار، بۈگۈنكى ئىنسانلار نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىمۇ بار ئېدى. خەيرى-ساخاۋەت قىلغان سادىق مورىتلارنىڭ روھى قىلغىنىغا قاراپ دەرىجىگە بۆلىنىدۇ. يا شاھ، يا بەگ، يا دىھقان، يا گاداي بۇلىدۇ. ھارامخور، زىناخور ، قاتىل ، غەيۋەتخور، زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنىڭ روھى قۇرۇت- قوڭغۇز، ياۋايى ھايۋانلارغا ئۆزگىرىدۇ. ئۇلار يامانلىقى ئۈچۈن يامانلىق كۆرىدۇ. بىراق، ئۇ ۋاقىتتا ئالەمنى نادانلىق قاپلاپ كەتكەن بۇلىدۇ. دەپ سۆزلەيدىكەن.« ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرى ئۇلار قىلالمايدىغان ئىشلاردۇر».

تويىن « نوم» دىن بىر نەچچە پارە ئوقۇغاندىن كىيىن، قامنىڭ زۇۋانى تۇتۇلۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىنى ئۆزلىرىنىڭ دىنى قىلىشىپتۇ. باشقا قەبىلىلەرمۇ ئۇلارنى دوراپ، تولىسى ئۈلگە قىلىشىپتۇ. دۇنيادا مەشرىق بۇدپەرەستلىرىدەك ھوشىنى تاپالمايدىغان، ئىسلامنى ئۆچ كۆرىدىغان بودپەرەست يوق.

بۇقۇ خانمۇ بەخىتلىك ياشاپ ئاخىرەتكە يول ئاپتۇ. بىز خاتىرلىگەن خۇراپى ئىشلار پەقەت نۇرغۇنلىغان رىۋايەتلەرنىڭ بىر نەچچىسىلا، يۈزدىن بىرىنى بايان قىلدۇق دىگىلى بۇلىدۇ. بىز بۇلارنى سۆزلەشتىكى مەقسەت ئۇيغۇرلارنىڭ نادانلىقىنى ئېچىپ بىرىشتۇر.

بىر دوستۇم، بىر كىتاپ ئوقۇغان ئىدىم، مۇنداق يېزىپتۇ دەيدۇ: بىر ئادەم ئىككى تۈپ دەرەخ ئوتتۇرسىغا ئورا كولاپ، ئۆزىنىڭ بالىسىنى كىرگۈزۈپتۇ-دە، ئاندىن ئىچىگە شام يېقىپ قويىپتۇ. ئاندىن، كىشىلەرنى بۇ غەلىتە ئىشنى كۆرۈشكە باشلاپ كەپتۇ.ئورىغا قاراپ تازىم قىلىپ، كىشىلەرنىمۇ شۇنداق قىلىشقا ئۈگىتىپتۇ. مۇشۇنداق كىشىلەرنى ئالداپ كېتىپتۇ. ئاندىن يەرنى ئېچىپ بالىسىنى ئېلىپ چىقىپتۇ.

بۇقا ۋاپاتىدىن كىيىن چوڭ ئوغلى ئۇنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇپتۇ.

بىر زامانغا كەلگەندە،ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ۋە قەۋملىرى ئاتلارنىڭ كىشنىگەن، ئىتلارنىڭ ھاۋشىغان، كالىلارنىڭ مۆرىگەن، تۆگىسىنىڭ بۇزلىغان، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ھۇۋلىغان، قويلارنىڭ مەرىگەن، قۇشلارنىڭ ۋىچىرلاشقان، بۇۋاقلارنىڭ يىغلىغان ئاۋازلىرىدىن « كۆچ،كۆچ» دىگەن ئاۋازنى ئاڭلاشقا باشلاپتۇ. شۇڭا، ئۇلار ئولتۇراق يەردىن كۆچۈپتۇ. ئۇلار قانداق يەردە توختىمىسۇن « كۆچ،كۆچ» دىگەن ئاۋاز ئاڭلىنىۋىرىپتۇ. ئەڭ ئاخىرى، ئۇلار كېيىن ياسىغان بەشىبالىغ تۈزلەڭلىكىگە كەلگەندە ئاۋاز ئاندىن بېسىقىپتۇ. ئۇلار ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ بەش بازار قۇرۇپ بەشبالىغ دەپ ئاتاپتۇ. بۇ بەش بازار ئاستا –ئاستا تەرەققى قىلىپ ناھايتى چوڭ شەھەر بوپتۇ. شۇندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئەۋلاتىلىرى شاھ-قاغان بۇلۇپتۇ. ھەم ئۆزلىرىنى ئىدىقۇت دەپ ئاتايدىغان بۇپتۇ. ئۇلارنىڭ جەمەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھېلىقى دەرەخ (ھېلىقى قاغىش تەككۈر دەرەخ) نى ئۆزلىرى ئولتۇرۇشلۇق قورونىڭ تام تۈۋىگە كۆچۈرۈپ كەپتۇ.

8 . باپ

كۈچلۈك بىلەن توقتوغان


(Boyle.pp 62-70 , 何 71-76页, Mürsel 107-111 Sayfa)

چىڭگىزخان ئوڭخاننى مەغلۇپ قىلغاندا، ئۇنىڭ ئوغلى بىلەن قول ئاستىدىكىلەر كۈچلۈكرەك كىشلەرنى باشلاپ قېچىپ كەتتى. ئۇ بەشبالالىققا قېچىپ، ئۇ يەردىن كۇچاغا باردى. ئۇ كۇچا تاغلىرىدا پىتىراپ يۈرۈپ، ئاشلىق يەم- خەشەكلىرى تۈگەپ، ئۇنىڭغا ئەگەشكەن كىشىلەرمۇ ياۋا قۇشتەك تاراپ كەتكەن. ھازىر بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە گۈرخاننىڭ سەرۋازلىرى ئۇنى تۇتىۋىلىپ ،گۈرخان بىلەن كۆرۈشتۈرگەنمىش.يەنە بىر خىل پاراڭلاردا، ئۇ ئۆز ئىختىيارى بىلەن بارغانمىش. ئىشقىلىپ قانداقلا بولمىسۇن، ئۇ بىر مەزگىل گۈرخاننىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغان.

سولتان گۈرخاندىن يۈز ئۆرۇشكە باشلىغاندا، مەشرىقتىكى بەگلەرمۇ ئىسيان قىلىپ، چىڭگىزخاندىن باش- پاناھلىق ئىزلەشتى. ئۇنىڭ قانات ئاستىغا كىرىپ گۈرخاننىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلۇپ قالماقچى بۇلۇشتى. بۇ چاغدا كۈچلۈك گۈرخانغا« مىنىڭ ئادەملىرىم كۆپ، ئۇلار ئېمىل، قايالىغ، بەشبالالىغقا تارالغان.باشقىلار ئۇلارنى بوزەك ئېتىۋاتىدۇ. ئەگەر مەنئىجازەتكە ئىرىشسەم، ئۇلارنى يىغىپ كېلىپ، ئۇلارغا تايىنىپ سىزگە ياردەم بىرەلەيتتىم. سىز كۆرسەتكەن تەرەپتىن ھەرگىز يانمايتتىم. كاللام كىتىشىگە قارىماي، بارلىق كۈچۈم بىلەن ھەر قانداق ۋەزىپىنى ئورۇنلايتتىم». دېدى. بۇ ساختا شىرىن- شىكەر گەپلەر بىلەن گۈلخاننى شۆھرەت توزېقىغا چۈشۈردى. گۈلخان ئۇنىڭغا نۇرغۇن سوۋغا بىرىپ، ئۇنىڭغا خان دىگەن ئاتاقنى بەرگەندە، ئۇ خۇددى يادىن چىققان ئوقتەك ئۇچۇپ كەتتى. ئۇنىڭ باش كۆتۈرگەنلىك خەۋىرى تۆت ئەتىراپقا تارالدى. قارا خىتاي قوشۇنىدىكى ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتى بارلارنىڭ ھەممىسى كېلىپ قېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېمىل بىلەن قايالىغ رايونىغا بېسىپ كىردى. مەركىتلەر ئاقساقىلى چىڭگىزخاننىڭ ھۇجۇمى- ھەيۋىسىدىن چۆچۇپ كەتكەن توقتوغانمۇ كۈچلۈك بىلەن ئىتىپاق تۈزدى ھەم كۈچلۈكنىڭ ئادەملىرى چېچىلىپ كەتكەن يىرىدىن ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەتىراپقا ھۇجۇم قىلىپ، بۇلاپ- تالاپ بىر مۇنچە يەرلەرنى تارتىۋالدى. مۇشۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئادەم سانى كۆپىيىپ زور قوشۇنى بار بولدى. ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر ۋە ئەسكەرلىرى كۈچەيدى. ئاندىن گۈلخانغا بۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ زىمىنى بۇلاپ تالىدى ۋە پۇقرالىرىنى ئاياق – ئاستى قىلدى. بېسىپ كىرىپ، چىكىنىپ چىقىپ تۇراتتى.خارەزم سولتانىنىڭ غەلىبە خەۋىرىنى ئاڭلىغان كۈچلۈك، ئارقا- ئارقىدىن ئەلچى ئەۋەتىپ، سۇلتاننى مەغرىپ تەرەپتىن گۈرخانغا ھۇجۇم قىلىشقا كۈشكۈرىتتى. ئۇ ئۆزى مەشرىقتىن ھۇجۇم قىلىپ، ئىككى تەرەپتىن قىستاپ گۈرخاننى يوقاتماقچى بولدى. ئەگەر سولتان ئاۋۋال بويسۇندۇرۇپ غەلبە قىلسا، پۈتكۈل گۈلخاننىڭ زىمىنى، ئالمالىغدىن قەشقەرغىچە ئۇنىڭ ئىلكىگە ئۆتىدىغان بولدى. ئەگەر كۈچلۈك ئاۋال قول سېلىپ قارا خىتاينى تارتىۋالسا، ھەممە زېمىن فەناكات دەرياسىگە ئۇنىڭغا تەۋە بولىدىغان بولدى. مۇشۇنداق كېڭىشىپ، بۇ شەرت بويىچە ئەھد تۈزۈپ، ئىككى تەرەپتىن قارا خىتايغا ھوجۇم قىلدى. كۈچلۈك ئالدىن ئىگىلىدى. گۈرخاننىڭ قوشۇنى يىراققا بارمايلا، تارماي قىلىندى.ئۇ گۈرخاننىڭ ئۆز كەنتىدىكى بايلىقلىرىنى بۇلاپ،ئۆز كەنتىدىن بالاساغۇنغا ھوجۇم قىلدى. گۈلخان بۇ يەردە قارارگاھ تىككەن ئىدى. ئۇلار سىنۇختا تۇتۇشتى. كۈچلۈك يىڭىلىپ، ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ تولىسى ئەسىرگە چۈشتى. ئۇ ئۆز ئىلىگە قايتىپ قوشۇنى قايتىدىن رەتلەشكە تۇتۇش قىلدى. كىيىنچە، ئۇ گۈرخاننىڭ سولتان بىلەن جەڭ قىلىپ ئەسكەرلىرىنى قايتۇرغىنىنى، ھەمدە پۇقرلارنى بەك ئىزىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ قوشۇنىمۇ تارقاپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدى. كۈچلۈك شۇئان بۇلۇتتىن چۈشكەن چاقماقتەك تۇيۇقسىز ھوجۇم قىلىپ ئۇنى تىرىك تۇتىۋالدى. ئۇنىڭ زىمىنى ۋە ئەسكەرلىرىنى تارتىۋالدى ۋە بىر قىزنى خوتۇنلۇققا ئالدى. نايمانلار ئەسلىدە خرىستىان دىنىغا ئىتىقات قىلاتتى. ئەمما بۇ قىز كۈچلۈكنى خرىستىان دىنىنى تاشلاپ، بۇددا دىنىغا كىرىشكە نەسىھەت قىلىپ كۆندۈردى.

سەنەم سىياقىغا كىرىپ ئەسىر قىلدى ،

بۇرۇندىن بېشىمغا بۇ كۈنلەر كەلگەنىدى .

ئىشق ئوتى قەلبىمنى كۆيدۈرەلمەس

چۈنكى ، ئوت بۇدپەرەستنىڭ ھەققىيدى .

كۈچلۈك قارا خىتاي زىمىنىدە، مۇستەھكەملىنىۋالغاندىن كېيىن، ئالىمالىغتىكى ئۇزار خان بىلەن نۇرغۇن قېتىم بىللە ئۇرۇشتى. ئاخىرى ئۇ تۇيۇقسىز ئۇزارخاننى ئۋق مەيدانىدا تىرىك تۇتىۋىلىپ، ئۆلتۇرۋەتتى.بۇ چاغدا قەشقەر بىلەن خوتەن خەلقى ئىسيان قىلغانلىقتىن،گۈر خان قەشقەر خانىنىڭ ئوغلىنى تۈرمىگە تاشلىغانىدى. كۈچلۈك ئۇنى تۇرمىدىن بوشىتىپ، قەشقەرگە يولغا سالدى. لېكىن، يەرلىك ئاقسۇڭەكلەر سۈيقەسىت قىلىپ، شەھەرگە كىرەر چاغدا، شەھەر دەرۋازىسىدا ئۆلتۇرۋەتتى. شۇڭا، ھەر قېتىم ھۇسۇل يېغىۋىلىش مەزگىلىدە كۈچلۈك ئەسكەر ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ زىرائەتىلىرىنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۋىتتەتتى. ئۈچ- تۆت يىللاردىن بىرى، ئۇلار زىرائەتلىرىنى يېغىۋىلالمىغاچقا، ئاچارچىلىق يۈز بىرىپ، پۇقرالار ئاشلىقتىن قىيلىنىپ كەتتى.ئاخىرى ئۇلار گۈرخاننىڭ بۇيرىقىغا بويسۇندى. گۈرخان قەشقەرگە ئەسكەر تارتىپ كىلىپ، ھەر بىر ئىگىسى بارلىكى ئائىلىدە بىرىدىن سەرۋاز تۇرغۇزدى. شۇڭا ئۇلار ئاھالە بىلەن بىرگە يەپ، بىرگە يىتىپ قوپتى. ھەر تەرەپتىن باسقۇنچىلىق، ئوت قويغانىلىقىنى كۆرگىلى بۇلاتتى. ھەمدە، بودپەرەست كاپىرلار خالىغانچە ئەسكىلىك قىلاتتى. ھېچبىر كىشى ئۇلارنى توسىيالمايتتى.

كۈچلۈك ئۇ يەردىن خوتەنگە ئەسكەر تارتىپ بېرىپ، ئۇ يەرنى ئىگەللىدى. ئارقىدىنلا ئاھالىنى ئىسلامدىن چىقىشقا مەجبۇرلىدى. يا خرىستىان دىنىغا يا بۇددا دىنىغا كىرىشكە، يا بولمىسا خىتاي تونى كىيىشكە، بۇ ئىككى دىنىنىڭ بىرىنى تاللاشقا قويدى. ئىتىقاتنى ئۆزگەرتىش مومكىن بولمىغاچقا، ئىلاجىسىز، ئۇلار خىتايچە كىيىم كەيدى. قادىر ئاللاھ« ئەگەر ئۆز ئىرادىسى بىلەن ئەمەس، مەجبۇرى ھالدا ئەسكى ئىش قىلغانىلارنى – ھەقىقەتەن، ئاللاھ كەچۈرۈپ مىھرىبانلىق كۆرسىتىدۇ» دىگەن. مۇئەرزىنىڭ ئەزىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ نامىزى توختىتىلدى. مەدىرىسلەر ئېتىلدى ۋە بۇزىۋىتىلدى. بىر كۈنى خوتەندە، كۈچلۈك چوڭ ئىماملارنى شەھەر سىرتىغا ھەيدەپ چىقىپ، ئۇلار بىلەن دىن ھەققىدە مۇنازىرە قىلماقچى بولدى. ئۇلار ئارىسىدىن بىرى خوتەنلىك ئىمامى ئالاۋنىدىن مۇھەممەت مەردانلىق بىلەن ئالدىغا چىقىپ ئۇنىڭ مۇباھىسە قىلدى. قاتتىق جازاغا تارتقاندىن كىيىن، ئۇنى مەسچىتنىڭ ئىشىكىگە مىخلاپ ئۆلتۇرۋەتتى.

بۇلارنى تۆۋەندە يەنە بايان قىلىمىز. مۇشۇنداق قىلىپ، مۇسۇلماندارچىلىق ئېچىنىشلىق ھالغا چۈشۈپ قالدى. ھەتتا يوق قىلىندى. ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە زۇلۇم ۋە زۇلمەت ياغدى . ھەممە يەرنى دۇئا-ئىلتىجا قاپلىدى:

يا رەببىم ، فىرئەۋىن ئىسيان قىلىپ.

دۇنياسى بىلەن سۈردى بىر مەھەل دەۋران

ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىسەن ،شۇڭا

ئۇنى دەرياغا تاشلاپ تۇنجۇقتۇرغان.

ياماندىن ئات قالىدۇ ھەر زامان

ئۇ يامانلىقتىن ئۆزىنى تارتالمىغان؟

ئۇنى يوقاتقۇدەك قۇدرىتىڭ يوقمۇ؟

يوقات ئۇنى،ئۇ سىنىڭ مۈلكىڭ ھامان.

بۇ خۇددى ئىلتىجا ئۇقىدىن تاللىغانغا ئوخشايدۇ. چۈنكى، چىڭگىزخان سولتان ئىلىگە قوشۇن تارتىپ كىرگەندە، بىر نوياننى مۇناپىق كۈچلۈكنى يوقىتىشقا ئەۋەتتى.توپىلاڭ چىقىرىش ئاقىۋىتىنى تازىلىدى. بۇ چاغدا كۈچلۈك قەشقەردە ئىدى. بۇنى قەشقەرلىكلەر مۇنداق بايان قىلىدۇ. ئۇلار كېلىپ تېخى تۇتۇلماستا، ئۇ ئۆرىلىپلا قېچىپ كەتتى. مۇڭغۇل قوشۇنلىرى ئارقا – ئارقىدىن يىتىپ كىلىپ بىزدىن كۈچلۈكتىن باشقا ھېچنىمە تەلەپ قىلمىدى. تەكبىر ۋە ئەزان ئېيتىشقا يول قويدى. ھەر بىر ئەلچىنى شەھەرگە كىرگۈزۈپ، ھەر قانداق كىشى ئۆزىنىڭ دىنىغا ئىتىقات قىلسا بۇلىدۇ، دەپ جاكارلاتتى. بىز ئاندىن چۈشەندۇقكى، مۇڭغۇللارنىڭ بولغىنى ھەقىقەتەن بىر خىل شەپقەت ئىكەن. ئاللاھ شاپائىتىنىڭ بىر خىل مىھىرىبانلىقى ئىكەن.

كۈچلۈك قاچقاندا ، شەھەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيىدە تۇرىۋاتقان بارلىق ئەسكەرلىرى خۇددى سىماپ يەرگە سىڭگەندەك بىردەمدىلا يۇقۇتىلدى. ئارقسىدىن مۇڭغۇللار كۈچلۈكنى قوغلاپ، ئۇ نەگە قاچسا، مۇڭغۇللار شۇ يەرگە قوغلاپ باردى. مۇشۇنداق ئۇلار ئۇنى ساراڭ ئىتتەك قوغلاپ بەدەخشانغا بىرىپ دەريائى دىرازى دەپ ئاتىلىدىغان بىر دەرياننىڭ يىنىغا كىردى. ئۇ سارىغ چوپلانغا يېقىنلاشقاندا، ئادىشىپ قېلىپ ( ئوڭ قول تەرەپكە مېڭىشى كىرەك ئىدى) چىققىلى بولمايدىغان بىر جىلغىغا كىرىپ قالدى. بۇ يەردە بەدەخشانلىق بىرنەچچە كىشى مۇشۇ ئەتىراپتا ئوۋ ئوۋلاۋاتاتتى.ئۇلار كۈچلۈك ۋە مۇلازىملىرىنى كۇرۇپ، ئۇلار تەرەپكە ماڭدى. موڭغۇللارمۇ يەنە بىر تەرەپتىن يىتىشىپ يىتىپ كەلدى. جىلغا يولى تۈز بولمىغاچقا، مېڭىش بەك قىيىن ئىدى. مۇڭغۇللار ئوۋچىلار بىلەن ئەھدى تۈزۈشتى. مۇڭغۇللار «بۇلار كۈچلۈك ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر، بىزنىڭ قولىمىزدىن قېچىپ كەتكەن. ئەگەر سىلەر كۈچلۈكنى تۇتۇپ بىزگە تاپشۇرۇپ بەرسەڭلار. بىز سىلەردىن ھېچ قانداق نەرسە تەلەپ قىلمايمىز» دېدى. ئوۋچىلار شۇنىڭ بىلەن كۈچلۈك ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنى قورشىۋىلىپ، ئۇنى تىرىك تۇتۇپ، مۇڭغۇللارغا تاپشۇرۇپ بەردى. مۇڭغۇللار ئۇنىڭ بېشىنى كېسىپ، ئادەملىرىگە كۈتەرتىپ قايتتى. بەدەخىشانلىقلار سان-ساناقسىز ئۈنچە-مارجان، ئاقچىلارنى ئولجا ئېلىپ ئۆيىگە قايتىشتى.

شۇڭا ئېيتىشقا بۇلىدكى،كىمكى ئىسلامنىڭ ئىتىقات ۋە ئەقىدىلىرىنى دەپسەندە قىلماقچى بولىدىكەن، ئۇ چوقۇم ياخشىلىق كۆرمەيدۇ . ناۋادا كىمكى ياردەم قىلسا، گەرچە ئۆز دىنى بولمىغان بولسىمۇ، ئۇ چوقۇم كۈندىن-كۈنگە گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدۇ.

ئەگەر ئاللاھ ياندۇۇرسا بىر دانە چىراق،

ئۆچۈرىمەن دىگەننىڭ ساقىلى كۆيەر شۇنداق .

قادىر ئاللاھ:«سىلەردىن بۇرۇن، بىز زادى قانچە ئەۋلات يوقاتتۇق ؟ بىز سىلەرنى ئورۇنلاشتۇرماستا، ئۇلار بار ئىدى. بىز ئاسماندىن ئاق يامغۇر ياغدۇرۇپ، كەلكۈن سۈيىنى ئۇلار يۇرتىدا تاشقۇزدۇق. بىز سەۋەنلىكلەر بويىچە، يىغىپ يوقاتتۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىلەرگە ئەگىشىپ چىقتى» دەيدۇ. شۇڭا، قەشقەر، خوتەن، سولتان ھۆكۈمىرانلىقىدىكى زېمىنلارغىچە جاھان ئىستىلاچىسى چىڭگىزخاننىڭ ئىلكىگە ئۆتتى.

توقتوغانغا كەلسەك، كۈچلۈك قاچقاندىن كىيىن ئۇ قامكەمچىككە كەلگەن. چىڭگىزخان چوڭ ئوغلى جوجىنى زور قوشۇن بىلەن ئۇ قاچقان يولنى بويلاپ بىرىپ ئۇنى يوقىتىشقا ئەۋەتتى. جوجى بۇ ئاپەتنى پاك- پاكىزە تازىلىۋەتتى.

ئۇلار قوشۇن قايتۇرغاندا، سولتان ئاللىقاچان ئۇلارنىڭ كەينىگە چۈشۈپ بولغان ئىدى. ئۇلار سولتان جەڭگە چاقىرمىغان بولسىمۇ، سولتان ئۆزىنى باسالماي كاللىسى بىر خىل خام-خىيال دالاسىغا كىرىپ قالدى. ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇشنى قۇبۇل قىلمىغاچقا، ئۇلارمۇ جەڭگە تەييارلىق قىلىدى. ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئىككى قوشۇننىڭ ئوڭ قول تەرەپلىرىگە زەربە بىرىپ رەقىبىنى يەڭدى. قالغان مۇڭغۇل قوشۇنلىرى بۇ غەلبىدىن ئىلھاملىنىپ قالدى.ئۇلار سولتان ئۆزى باشچىلىق قىلىۋاتقان ئوتتۇرا يولغا ھۇجۇم قىلدى. بوغدا سولتان ئەسىرگە چۈشۈپ قالغىلى تاس قالدى. جالالىدىن ھۇجۇمچىلارنى چېكىندۇرۇپ، ئۇنى خەتەردىن قۇتقۇزۇپ چىقتى .

ئاتا ئالدىدا قەيسەرلىك بىلەن پەرمانغا تەييار ،

تۇرغاندىن ئارتۇق ياخشى ئىشمۇ بار؟

ئۇرۇش توپ-توغىرا بىر كۈن داۋاملىشىپ، نامازشام ۋاقتى بولغاندا، ئالەمنى قاراڭغۇ بېسىپ، ئالەم دېۋىنىڭ يۈزىدەك، قۇدۇقنىڭ تىگىدەك بۇلۇپ كەتتى.

تۈنۈگۈن كەچ يەر يۈزىدىكى

لەشكەرلەر يۇزاققا چۈشتى

دۇنيا جىمجىتلىقتا گۇيا

كەمبەغەلنىڭ كەپىسىدەك،

دۇرۇست، قارا بىر سايە.

تۇرىدۇ ئاسمان قەھرىدە.

شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار دۇمباق چېلىپ، ئەسكەرلەرنى ياندۇرۇپ، ئارام ئېلىشقا قايتىشتى. مۇڭغۇل قوشۇنلىرىمۇ كەينىگە قايتتى. ئۇلار چىڭگىزخان بىلەن كۈرۈشكەندە، چىڭگىزخان ئۇلارنىڭ بارتۇرلىقىنى سىناپ كۇرۇپ، سولتان قۇشۇنىنىڭ ئەسكىرىنى كۈچىنى مۆلچەرلەپ كۆردى. ھەمدە ئۇلار ئوتتۇرسىدا تېخى ئېلىۋىتلمىگەن توسالغۇنىڭ قالمىغانلىقىنى، قارشىلاشقۇدەك دۇشمىنىنىڭ يوقلىقىنى كۆرۈپ يىتىپ بارلىق قوشۇنىنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۇرۇپ، سولتانغا ھۇجۇم باشلىدى.

سولتانچۇ، ئۇ قاتتىق غالجىر دۇشمەن بولغاندا، ئاران چىڭگىزخاننىڭ تۇرشاۋۇل قوشۇنى بۇلالايتتى. چۈنكى ئۇ گۈرخانغا قاراتقان ئەڭ ئاخىرقى زەربىنى بىرەلمىدى. ھەم ھۆكۈمىرانلىق ئاساسىنى تەۋرەندۈرۈپ قويدى.يەنە كېلىپ سولتان چىڭگىزخانغا ھۇجۇم باشلىغان تۇنجى كىشى. سولتان گەرچە باشقا خان، شاھلارنى يوقاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ چېكى بۇلىدۇ. باشلانماقنىڭ ئاخىرلاشمىقى بۇلىدۇ. ئۇنىڭ كىچىكىشى ياكى سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويۇشىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.« ۋاقىت يەتسە، سوكال قەلەمنىڭ قۇرمىقى مۇقەررەردۇر».


9 ـ باپ

شېھىت ئىمام-خوتەنلىك ئالائىددىن مۇھەممەد

(ئاللا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي)


(Boyle.pp 71-74, 何81-85 页, Mürsel 111-114 Sayfa)



كۈچلۈك قەشقەر ۋە خوتەننى ئىستىلا قىلىپ خرىستئان ئەقىدىلىرىنى تاشلاپ، بۇددا دىنىغا ئىتىقاد قىلدى ھەم بۇ يەردىكى ئاھالىنى ئۆزلىرىنىڭ ساپ ھەنىفە مەزھىپىگە ئاسىيلىق قىلىشقا قىستىدى.بىدئەتلىك قىلىشقا، ئۇلارغا ھىدايەت نۇرىنىڭ پارلاق جۇلاسى ئاستىدىنچىقىپ، كاپىرلارنىڭ قاراڭغۇ دالاسىدا يۈرۈشكە زورلىدى.مىھىر-شەپقەتلىك ئاللاھغا ئەقىدە قىلىشتىن قىلىشتىن،جىن ئالۋاستىغا ئەگىشىشكە ھەيدىدى.بۇ ئىشنىڭ ئۆزلىگىدىن ئىچىلىشىنى خالىمىغاچقا،ئۇ تېپىپ ئاچماقچى بولدى.

شۇڭا ئۇلار،قورال كۈچى ئاستىدا گۇناھى كىيىم كىيىپ،تەقىيە تاقاشقا مەجبۇربولدى.ناماز بىلەن ئىتقاد توختىلىپ،ئەزان بىلەن تەكبىر ئېيتىش مەنئى قىلىندى.

ھەقىقەت كۆرۈندى،سىلەر ئۇنى بوشاتماقچى؟

بوشىتالماي،چىڭىتالارسەنمۇ بۇ ھەقىقەتنى.

بۇنىڭ بىلەن بىرگە،ئۇ ئەسەبىيلىك ۋە مۇستەبىيلىك بىلەن دەلىل ئىسپات ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمامى بىلەن خرستىانلارنىڭ روھانىلىرىنى قايىل قىلماقچى بولدى.

سېنىڭ كۈتكىنىڭ مۇمكىن بولماس ئىش،

سەن پەقەت قىياغا ئۆي سالماقچى.

شەھەر ئىچىدە ئېلان چىقىرىپ«بارلىق ئالىم ۋە پازىللارنىڭ ھەممىسى شەھەر سىرتىغا چىقىشى كېرەك.» پەرمان چۈشۈردى.ئۇ يەرگە جەمئى ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئىمام يىغىلدى.شۇنىڭ بىلەن كۈچلۈك ئۇلارغا :‹‹سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن كىم مەن بىلەن يۈرەكلىك دىن ۋە دۆلىتىگە مۇناسۋەتلىك ئىشلار توغىرسىدا مۇباھىسە قىلالايدۇ. ھەمدە ماڭا يول قويمايدىغان، جازا ۋە قىيناشلىرىمدىن قورقمايدىغانلار بارمۇ؟›› دېدى.چۇنكى ئۇنىڭ چىرىكلەشكەن بېشى،مەيداندىكى كىشىلەردىن بىرەرسىنىڭمۇ ئۇنىڭغا قارشى پاراڭ، رەددىيە سۆزى قىلالمايدىغانلىقىغا قاتتىق ئىشىنەتتى.ئەگەر بىرەرسى باش كۆتەرسىمۇ ،ئۇنىڭ مۇستەبىلىكىدىن قورقوپ ئۆزىنى تۇتىۋىلىشى مۇمكىن ئىدى. ئىشقىلىپ ئۇنىڭ سەپسەتە ئالجىشلىرى راسىت بۇلۇپ ئىسپاتلىنىشى ئەمەلىيەتكە يېقىن ئىدى.

لېكىن كىشىلەر توپىدىن شەيىخ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئىمام خوتەنلىك ئالاۋىددىن مۇھەممەد (ئاللا ئۇنىڭ قەۋرىسىنى نۇرلاندۇرسۇن !) ئورنىدىن دەس تۇردى.ئۇ كۇچلۇككە يېقىنلىشىپ ئولتۇرۇپ ساداقەت بەللرىنى چىڭىتىپ دىنى مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھابىسە ئېلىپ باردى.بۇ شېھىت ئىمام ئاۋازىنىڭ سازلىشىغا ئەگىشىپ ھەرخىل دەلىللەرنىڭ ياردىمىدە كۈچلۈكنى يوق قىلىۋەتتى.ھەقىقەت يالغاندىن غالىپ،ئاقىل ناداندىن غالىپ ئاخىرەتلىكىگە بەخىت تاپقان ئىمام رەددىيە بىلەن مەلئون كۈچلۈكنىڭ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرۋەتتى. چۈنكى، ھەقىقەت ئىنىق ئېيتىدۇ.سەپسەتە رەزىلكتىن غالىپ چىقىدۇ.ئۇنىڭ سۆزلىرى ئۇنى ئالاقزادە قىلىۋەتتى،ئۇ غەيرىتى يەتمەي ئاچچىقى مىڭىسكە چىقتى ،تىلى تۇتۇلدى.كۈچلۈك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلىپ ،بىر تالاي ۋالاقشىدى.ھەقىقەتنى سۆزلۈگۈچى ئىمام دىنى ئىتىقاتىنىڭ كۈچى بىلەن ئۇنىڭ بىلجىرلاشلىرىغا چىداپ ۋە قاراپ تۇرالماي ئۈنلۈك ئاۋازدا:‹‹ ئىت ئاغزىڭنى يۇم ،سەن ئىتقادىڭنىڭ دۈشمىنى، قاغىشتەككۈر›› دەپ خىتاپ قىلدى.

بۇ قاتتىق سۆزلەر پەس كاپىر، پاسكىنا ھارامزادىنىڭ قولىقىغا كىرگەندە،ئىمام ئالاۋىددىننى تۇتۇشقا ئەمىر قىلىپ، ئۇنى ئىسلامنى تاشلاپ مۇرتەد بۇلۇشقا مەجبۇرلىدى.

«يوقالسۇن !يوقالسۇن!ئۇنىڭ بىلجىرلاشلىرى»

نۇر چۈشكەن زىمىن جىن-ئاۋاستىنىڭ پانايى بولماس

ئۇدا بىر نەچچە كۈن قاماپ، يالىڭاچلاپ، پۇتى كىشەنلەپ، ئاچلىق- ئۇسسۇزلىقتىن قىينىدى ھەم ئۇنىڭغا يىمەك-ئىچمەك بەرمىدى. شۇنداقتىمۇ،ئۇ «ئاللاھ مەن بىلەن بىللە. ئاللاھ ماڭا يىمەك-ئىچمەك ئىنئام قىلىدۇ. مەن ئاللاھنىڭ مىھمىنى››.دەپ بەرداشلىق بېرىدۇ . بۇ ئىمام تەمۇد قەۋمى ئىچىدە زۇلۇمغا قالغان سالىھقا ئوخشايتتى. يەنە ياقۇپنىڭ قىيلىنىشلىرىغا ئوخشايتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسالام :‹‹ بالا قازانىڭ چوڭى ئاۋال پەيغەمبەرلەرگە، ئاندىن ئەۋلىيالارغا ،ئۇنىڭدىن كىيىن دانىشمەنلەرگە ۋە ئۇنىڭغا ئوخشايدىغانلارغا كېلىدۇ» دىگەن. ئۇ ئەييۇبتەك سەۋر قىلدى . يۈسۈپتەك تۈرمە كۈرىشى قىلدى.چۈنكى، سادىق ۋە ئاشق كىشى ئاچچىقنىڭ ئارىسىدا تاتلىقلىق سەزگەندە ئۇ بۇنى چەكسىز بەخىت ھېسابلايدۇ ھەم بەرگىنىڭنىڭ ھەممىسى دورا ياكى ئوغا بولۇشتىن قەتئىنەزەر يەۋېرىدۇ.ئەگەر ئۇنىڭ سۆيگىنى زەھەر بەرسە،ھەسەلدىنمۇ تاتلىق تۇيىلىدۇ. خۇددى شېئىردا ئېيتقاندەك:

سۆيگىنىم ئۆز قولى بىلەن زەھەرنى ماڭا ئىچكىلى بەرسە

ئۇنىڭ قولىدىن ئۆتكەن زەھەر تەملىك- ئىچىشلىكتۇر.

يورۇق بىر كۆڭۈل ئىلاھى نۇر بىلەن يورۇتۇلغانسېرى، ، ئازاپ ۋە ئىسكەنجە ئۇنىڭ ئىتقادىنى تېخىمۇ چېڭىيىدۇ..

مەشۇغۇڭ ۋىسالىغا يىتىشنى ئىستىسەڭ ،ئازاپ ئىزلە

چۈنكى ئۇ قىزىل گۈل تىكىنى بىلەن بىرگە ئۈسىدۇ.

مەشۇغۇڭنىڭ كوچىسىغا بېرىشنى ئىستىسەڭ ،ئۆزۈڭدىن ۋازگەچ .

چۇنكى بۇ يوللار خەتەر بىلەن تولغاندۇر.

ئاخىرى، ئۇلار ئازغۇچىدا تەبىئى بار بولغان بارلىق ھەرخىل ھىلىلەرنى ئىشلەتتى.ۋەدە بىرىش، قورقىتىش، ئالداش، ھەيۋە، جازا، ئەمما ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسى ئىمان ، ئىتقاد، ئىرادە، ئىشەنچ بىلەن تولغان ئىدى. ئۇلار ئىمامنى ئۆزى بىنا قىلغان خوتەن مەدرىسىسىگە چارىمىخلاپ ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنى ئاللاغا تاپشۇرۇپ،كەلىمە تەكبىر ۋە شاھادەت ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ،ئۇلارغا مۇنداق دېدى:‹‹ ئىتقاد بۇ قىسقىغىنا ئالەمدىكى جازالاشلار بىلەن تۈگەپ كەتمەيدۇ. ھەم دوۋزاقنىڭ ئوتلىرىمۇ توختىتالمايدۇ. يەنە كېلىپ ئەدەبىيلىك نەرسىنى بىردەملىك نەرسە بىلەن تېگىشىش پەقەت بۇ ئالەمنىڭ پوقلىرى ئۈچۈن ئۇ ئالەمنىڭ بەخىت-سائادىتىنى تاشلاش قاتتىق ئالدىنىش ، قادىر ئاللاھ: «بۇ ئالەمدە پەقەت ئويۇن، كۆڭۈل ئېچىشتىن ئىبارەت. ئۇ ئالەمنى كۈتكۈچىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر. سىلەر بۇنى بىلەمسىلەر؟› دىگەن ئىدى››.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ئالەمنىڭ زىندانلىرىدىن ئۇ ئالەمنىڭ بېھىشىغا سەپەر قىلدى.بۇ رەزىل دۇنيادىن ئەرىشئەلاغا قاراپ ئۈچتى.

دوست دوستقا ئىرىشتى، ئاشق مەشۇقىغا،

ئالەمدە بۇنىڭدىن ئارتۇق ياخشى ئىش بار؟

ئەگەر بوينىغا ئېسىلغۇسى كەلسە ،

ۋاقتى كەلگەندە ئوققا ئۆزىنى ئاتار .

بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن قادىر ئاللاھ ئىبلىس كۈچلۈكنى يوقىتىش ئۈچۈن،ناھايىتى تىزلا موڭغۇل قوشۇنىنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭ جازاسىنى بەردى .بۈگۈن ئۇ رەزىل قىلمىشى ئۈچۈن تېگىشلىك جازاغا ئۇچرىدى. دوزاخنىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇش ئۈچۈن ئاتلاندى .

ھىدايەت زەپىرىگە ئۇلاشقاندىن بېرى ، كاپىرلار

ئىسلامنىڭ يوقالمايدىغانلىقى بىلدىلەر.

قادىر ئاللاھ: ‹‹ھەقسىزلىق قىلغانلار قانداق ھالاك بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ›› دەپ بۇيرىغانىدى.

10 ـ باپ


ئالمالىغ، قايالىق ۋە پۇلات زىمىنلىرىنىڭ ئىستىلا قىلىنىشى ھەم بۇ رايوننىڭ ھۆكۈمىرانلىرىغا مۇناسىۋەتىلىك بايانلار


(Boyle.pp 75-77 , 何86-88 页, Mürsel 114-116 Sayfa)



گۈرخاننىڭ دەۋرىدە، بۇ يەرلەرنىڭ ھۆكۈمرانى قايالىغلىق ئارىسلان خان ئىدى. گۈرخاننىڭ شاھناسى بۇ يەرلەردە ھاكىمىيەت يۈرگۈزەتتى، گۈرخاننىڭ ئامىتى قېچىپ، زوراۋانلىققا يۈز تۇتقاندا، خۇشنا ئەلنىڭ بەگ خانلىرى ئىسيان ئوتلىرىنى ياققاندا، خوتەن سولتانىمۇ لەشكەر تارتىپ، ئۇنىڭغا قارشى چىقتى. گۈرخان قوشۇن تارتىپ خوتەنگە جازا يۇرۇش قىلغاندا، ئارىسلان خاندىن ياردەم تەلەپ قىلدى. بۇنداق قىلىشتىكى مەخسەت ئەگەر ئارىسلانخانمۇ باشقا خانلارغا ئوخشاش ئاسىيلىق قىلىشقا ئۇرۇنسا، بىراقلا يوقىتىۋەتمەكچى، ئەگەر ئۇ ئىتائەت بىلدۈرۈپ، مۇسۇلمانلارنى قوغداپ تۇرىۋالسا ياكى خوتەنگە جازا يۈرۈش قىلغاندا كۈچ چىقارمىسا ، بۇنى باھانە قىلىپ، ئوخشاش ئۇنىڭ جېنىنى ئالماقچى بولدى. ئەمما، گۈرخاننىڭ شەمۇر تايانغۇ ئىسىملىك بىر سەركەردىسى بۇلۇپ ئارىسلانخان بىلەن خېلى بۇرۇندىنلا ئالاقىسى بولغاچقا، گۈرخاننىڭ نىيىتىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ قويدى ھەم« ئەگەر گۈرخان ساڭا زەھەرلىك قۇلىنى سۇنسا، سىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىڭمۇ تۈگىشىدۇ. شۇڭا سەن پەرزەتلىرىڭنىڭ كېلەچىكىنى ئويلاپ باق. ئەڭ ياخشى ئامال زەھەر ئىچىپ ئۇلىۋالغىنىڭغا يەتمەيدۇ. بۇ ئارقىلىق بۇ بەخىتسىز ھاياتنىڭ ئازاپلىرىدىن ھەم زالىم خاندىن قۇتۇلىسەن. ۋاقتى كەلگەندە، سەن ئۈچۈن سۆزلەپ، ئوغلۇڭنى ئورنىڭغا ۋارىسلىق قىلدۇرىمەن.» دېدى. چۈنكى،باشقا قۇتۇلۇش يول ياكى پاناھلىنش يىرى بولمىغاچقا، ئۇ زەھەر ئىچىپ، ئۇ ئالەمگە كەتتى. شەمۇر ۋەدىسىدە تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئوغلىنى تەخىتكە ۋارىسلىق قىلىشقا ھەركەت قىلدى. گۈرخان ئوغۇلغا ئالاھىدە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ قايتۇردى. بىر شاھنە ئەۋەتىپ ئۇنى نازارەت قىلدى. بۇ ئىش تاكى چىڭگىزخاننىڭ شۆھرىتى ۋە ئۇنىڭ كۆتۈرىلگەنلىك خەۋىرى تۆت ئەتىراپقا تارالغانغا قەدەر داۋام قىلدى. گۈرخاننىڭ نازارەتچى ئەمەلدارى پۇقرالارغا بارغانسىرى زورلۇق- زۇمبۇلۇق قىلىپ كەتكەنلىكتىن، ئارىسلان خاننىڭ ئوغلى ، ئۇنىڭ بېشىنى ئالدى. ئارقىدىنلا، چىڭگىزخاننىڭ ئوردىسىغا پانا ئىزلەپ بىرىپ، ئۇ يەردە ئالاھىدە ئىلتىپاتقا ئىرىشتىى.

ئالمىلىقتا بىرى قۇياشلىق قارلۇق بۇلۇپ، جەسۇرلۇقتا تەڭداشسىز .ئەزىمەت ئىدى.ئىسمى ئۆزەر ئىدى.ئۇ دائىم ئات ئوغۇلايتتى. ھەم يول توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلىشتەك ئەسكىلىكلەرنىمۇ قىلاتتى. ئۇ يەرلىك ئۆكتەملەرنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەچكە، تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى. ئۇ دائىم ھەر قايسى كەنتلەرگە كېرىپ تۇراتتى. ئەگەر مەلۇم بىر يەرنىڭ پۇقرالىرى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىسا، ئۇ قۇرال كۈچى بىلەن يەرلەرنى ئىگىلىۋالاتتى. مۇشۇنداق قىلىپ، ئاخىرى بۇ يېزىلارنىڭ مەركىزى ئالمالىغنى ئىگىلىدى. ھەم پۈتكۈل ئەتىراپنى بويسۇندۇردى. ئۇ يەنە پۇلاتنى ئىگىلىدى. كۈچلۈك نەچچە قىتىم ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، ھەممىسىدە مەغلۇپ بۇلۇپ قايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزەر چىڭگىزخانغا بىر ئەلچى ئەۋەتىپ كۈچلۈككە مۇناسىۋەتىلىك ئەھۋاللارنى يەتكۈزدى. ئۆزىنى‹‹ جاھانگىرنىڭ چاكىرى›› دەپ ئاتىدى. ئۇ ئالاھىدە ھۆرمەت، ئىلتىپات ۋە تارتۇققا ئىرىشتى. ھەم چىڭگىزخاننىڭ ئەمىرىگە بىنائەن، جۈجىنىڭ قىزى بىلەن توي قىلىپ تۇققان بولدى.ئۇنىڭ بېقىندىلىق ئاساسىي مۇستەھكەملەنگەندىن كىيىن ،چىڭگىزخاننىڭ يارلىقىغا بىنائەن ئوردىغا سالامغا بىرىپ، داغدۇغىلىق كۈتىۋىلىشقا مۇيەسسەر بولدى. ئۇ قايتار ۋاقتىدا چىڭگىزخان ئۇنىڭغا ئوۋ ئوۋلىماسلىقنى، تۇيۇقسىز باشقا ئوۋچىلارنىڭ ئوۋىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشىنى تاپىلىدى ھەم ئوۋ ماللىرىنىڭ ئورنىدا مىڭ قوي ئىنئام قىلدى. ئەمما، ئۇ ئالمالىغقا قايتقاندىن كېيىن، يەنە ئوۋغا قىزىقىپ قالدى. ئۇ خىل كۆڭۇل ئېچىشتىن ئۆزىنى تارتالماي قالدى. ئەڭ ئاخىرى، بىر كۈنى قىلچە مۇداپىەسىز ئۆزىنىڭ ئوۋ مەيدانىدا كۈچلۈكنىڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تىرىك تۇتىۋىلىندى. كۈچلۈك ئەسكەرلىرى ئۇنىمەھكەم باغلاپ، ئالمالىغ دەرۋازىسىغا ئېلىپ كەلدى. ئالمالىغلار قۇۋىقنى تاقىۋىلىپ، ئۇلار بىلەن ئېتىشتى. بۇ چاغدا بۇلار تۇيۇقسىز مۇڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ بېسىپ كەلگەنلىكىنڭ خەۋىرىنى ئاڭلىدى. شۇنىڭ بىلەن كۈچلۈك ئالمالىغتىن قايتىپ، يېرىم يولغا كەلگەندە ئۆزەرنى ئۆلتۇرۋەتتى.

ئۆزەر گەرچە قارام، نادان باتۇر بولسىمۇ، ئەمما، ئۇ ساداققەتمەن، ئۇلۇغلارنى ئىزەتلەيدىغان، دەرۋىشلەرگە ئالاھىدە ھۆرمەت كۆرسىتىدىغان كىشى ئىدى. بىركۈنى سۇفىيلارچە كىيىنگەن بىر كىشى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. ھەم « مەن ھوقۇق ۋە شان- شەرەپنىڭ ئەرشىدىن ساڭا ئەلچىلىككە كەلدىم. مىنىڭ بۇرچۇم؛ بىزنىڭ ئاشلىقىمىز تۈگەي دەپ قالدى. شۇڭا، بىزگە قەرز بەر، قولۇڭدىن كېلىدىغان ياردىمىڭنى ئايىما » دەپتۇ. ئۆزەر ئورنىدىن تۇرۇپ، كۆزىدىن يامغۇردەك ياش ئاققۇزۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپتۇ، مۇلازىملىرىغا ئەمىر قىلىپ بىر ئالتۇن بالىش ئەپچىقتۇرۇپ بېرىپتۇ ۋە « مىنىڭ ھۆرمىتىمنى تەڭرىگە يەتكۈزۈڭ. مەن تەڭرىدىن ئەپۇ سورايمەن» دەپتۇ. سوفىي ئالتۇننى ئېلىپ كېتىپتۇ.

ئۆزەر ئۆلگەندىن كىيىن، ئوغلى سىقناق تېگىن قاغاننىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇققا ئىرىشتى. ئاتىسىنىڭ ئورنىغا ئولتۇردى. ھەم پەرمانغا بىنائەن جوجىنىڭ بىر قىزى بىلەن توي قىلدى.

ئارىسلانخانچۇ، ئۇ قايالىققا قايتۇرۇلغاندىن كىيىن، ئۇمۇ بىر خاننىڭ قىزى بىلەن توي قىلدى. چىڭگىزخان سولتان زىمىنىگە يۈرۈش قىلغاندا، ئارىسلانخان ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى باشلاپ، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ، ناھايتى زور كۈچ چىقاردى. ئارىسلانخانىنىڭ بىر ئوغلى ھېلىمۇ ھايات . مىڭكو قاغان ئۇنىڭغا ئۆزكەنتنى سۇيۇرغال قىلىپ بەردى. چۈنكى، ئۇلار ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ مۇھەببىتىگە قەرزدار بولغاچقا، مىڭكو قاغان ئۇنى ناھايتى ھۆرمەت قىلىدۇ.

سىقناق تېگىنمۇ چىڭگىزخاننىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشىپ، ئالمالىقنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەندى. ئۇ ئۆز ئەجىلىدە ئۆلگەندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئوغلى 651/1253- يىلى ئۇنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىدى.
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 1144
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 9
شۆھرىتى: 38 نومۇر
پۇلى: 100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-12-22
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-05
1-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-22 23:56
يەڭنى تۇرۇپ ئولتۇرۇپ كۆرىدىغان ئەسەرلەر بار ئىكەن.
yol
دەرىجىسى: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
UIDنومۇرى: 1168
جەۋھەر يازمىسى: 2
يوللىغان يازمىسى: 557
شۆھرىتى: 908 نومۇر
پۇلى: 5415 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 286(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-21
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-29 23:48
قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن !بىزگە پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا نېمە سۆزلىدىكىن.،< ئۇيغۇر تارىخىدا>.ئېسىت داشۆدىكى ئۆمرۈم، ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور  بېتى ماڭا دەرسخانا بولدى، بۇ تور بېكەتنى قۇرغۇچىلارغا ئاللاھ مەدەت بەرسۇن،ئورخۇن مەڭگۈ قۇرۇماي ئۆركەش ياساپ ئاقسۇن!
ھەر بىر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچسغا ئورخۇن بېتىنى دوست تۇتۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. بالىلىرىمىزنىڭ تارىخ سېزىمىنىڭ ئويغۇنىش ،ئويغىنالماسلىقى ۋە يۆنۈلۈشىنىڭ توغرا بولۇشى ئەڭ ئاۋال شۇلارغا باغلىق.
يوللانغان تېمىلار بىر بىرىدىن سەرخىل ئىكەن، مەن مەڭگۈلۈك دوستۇڭلار بولۇشنى خالايمەن.
terjime guruppisi
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 1317
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 1
شۆھرىتى: 2 نومۇر
پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-01-26
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-01-26
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-01-26 20:19
كۆزۇم ئاغىرىمىغان بولسا بىر نەچچە قىتىم ئارتۇق ئوقۇيتۇم... ھەي!! كۆزۇم ئاجىزلىق قىلدى.
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 1318
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 9
شۆھرىتى: 10 نومۇر
پۇلى: 90 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 39(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-01-26
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-18
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-01-28 20:27
يوقارقى بايانلاردىن چىڭگىزخاننىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىشتىكى تەدبىرلېرىنى خېلى ئوبدانلا چۈشۈنۈپ قالدىم .<< ئەلنى ئەلەم بىلەن ئېلىپ ، قەلەم بىلەن باشقۇرۇش >> ، دانا ،ئاقىل ، ئۆلۈمالارنىڭ ئىززىتىنى قىلىپ ، ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىش ، خەلىقنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىش ، ئىمپىراتۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى ئىكەن  . ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلېرىنىڭ قانداق قىلىپ ، تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئىمپىرىيىنى قۇرالىغانلىقىدىن ئەجەپلەنمىسەكمۇ بولغۇدەك .
    تارىخ ئۆگۈنۈشتىكى ئاساسلىق مەقسەت ؛ ئىلگىركىلەردىن ساۋاق ئېلىش ۋەئۇلارنىڭ ئىش - ئىزلېرىدىن ئەقىل تېپىش بولسا كېرەك .

تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت !
yol
دەرىجىسى: ياساۋۇل
UIDنومۇرى: 1518
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 33
شۆھرىتى: 47 نومۇر
پۇلى: 330 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-02-25
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-10-09
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-25 15:18
ھەقىقەتەن ياخشى تېما ئىكەن  .....قولۇڭىزغا ئاللا  رەخمەت قىلسۇن  ....................
yol
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 1445
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 11
شۆھرىتى: 12 نومۇر
پۇلى: 110 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-02-13
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-04-19
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-02-25 21:27
ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن. بىلگەننى سۆزلىمەسلىكمۇ گۇناھ، بىر ناداننى نادانلىقتىن خالىس قىلىش چوڭ ساۋاپ. ساۋاپلىق ئىشتىن ئەل كۆيىنىدۇ، موشۇنداق يازمىلار بەتنىڭ ئابرويىنى ھەسسىلەپ كۆتەرگۈسى!
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 1669
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 5
شۆھرىتى: 6 نومۇر
پۇلى: 50 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-03-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-05-18
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-25 10:47
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.......................
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 1638
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 4
شۆھرىتى: 5 نومۇر
پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-03-17
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-01-30
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-04-01 16:45
ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ،مەن تارىخقا بەك قىزىقىمەن.لېكىن چۇشۇرىۋالغان ماقالىلىرىمنى ئۆيگە ئاپىرىپ كۆرەلمەيۋاتىمەن. قانداق قىلغاندا ئۆيدىكى كېمپىيوردىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ؟ تور بەتتىكى ماقالىلەر ئۇزۇن تۇرمايدىكەن.
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: ياساۋۇل
UIDنومۇرى: 1545
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 40
شۆھرىتى: 97 نومۇر
پۇلى: 470 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 103(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-03-02
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-03
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-04-01 17:17
ئەزمەتلىرىمىزنىڭ قولىغا دەرت كەلمىسۇن، مۇشۇنداق ئۈن -تۈنسىز تۆھپە قوشقانلارغا ئاللاھ كۆپ ئەجىر بەرسۇن، شۇنداق ئادەملەر باركى ئۇلار ناننى ئۆزىدىن يەپ، ئەقىلنى ۋاقىتنى سەرىپ قىلىپ كىشىلەر ئۈچۈن قولىدىن كىلىشىچە  تۆھپە ئاتاقىلىدىغان يەنە بىرقىسىم كىشىلەر باركى خەلىقنىڭ ننىنى يەپ خەلققە ئۇۋال قىلىدىغان.سىز گە كۆپ تاشەككۇرلەر بولسۇن، بۇ كىتاپنىڭ خەنزۇچىسى مەندىمۇ بار ئىدى، تىخىچە تولۇق ئوقۇمىغاندىم، شۇ ۋاقتىدىۇمۇ مۇشۇ كىتاپنى  بىرەرسى تەرجىمە قىلىپ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم، بۇ كىتاپمۇ خۇددى تارىخي رەشىدىگە ئوخشاش يەنە بىر كاتتا ئەسەر بولاتتى، ھىلىمۇ كاتتا ئىش بولۇپتۇ، بۇ كىتاپنىڭ ئاخىرنى بولسا بىر روياپقا چىقارساق بولاتتى. ئۇنىڭدىن باشقا تەنە بىر مۇھىم ئەسەر جامىئۇل تاۋارىخ، تارىخي تەبەرىگە ئوخشاش ئەسەرلەرنىمۇ روياپقا چىقىرىش كىرەك.
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: ياساۋۇل
UIDنومۇرى: 1666
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 44
شۆھرىتى: 59 نومۇر
پۇلى: 400 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 41(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-03-20
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-09
10-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-04-07 13:10
  رەخمەت.ئۇرخۇن دا جىق ئاداشلار بار ئىكەن.  
yol
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 1637
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 85
شۆھرىتى: 86 نومۇر
پۇلى: 850 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-03-17
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-05-09
11-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-04-08 10:31
  ئالىپ( غالىپ )69 ، ناۋادا سىز تارىخقا قىزىقسىڭىز ھەمدە كومپيۇتېرىڭزغا ماقالىلارنى قاچىلىۋالماقچى بولسىڭىز ،مەسلىھەتىم : http://www.uyebook.com قا كىرىڭ .ئىلكىتاپلارنى چۈشۈرىۋېلىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ .( گەرچە يۇقىرىقىدەك يىرىك ئەسەرلەر تېخى كىرگۈزۈلمىگەن بولسىمۇ)
yol
دەرىجىسى: ياساۋۇل
UIDنومۇرى: 7163
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 28
شۆھرىتى: 106 نومۇر
پۇلى: 240 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 40(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-12-03
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-07
12-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 48كۈن بۇرۇن
كۈز بىلەن كۇرۇپ تۇرغاندەكلا يېزىلغان تارىخكەن لىكىن تازا تۇلۇق ئەمەسمۇ قانداق
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 7681
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 57
شۆھرىتى: 193 نومۇر
پۇلى: 435 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-12-23
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
13-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 33كۈن بۇرۇن
  ئەلۋەتتە تولۇق بولمايدۇ دە. چۈنكى ئاتا مەلىك جۇۋەينى ئۇيغۇرلار يۇرتىغا دەسسەپ باقمىغان كىشى تۇرسا، يەنە تېخى ئرخۇندىكى يىمىرىلىشتىنمۇ خەۋەرسىز ئىكەن...
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !