سۇڭجىياڭ قانداق ئوبراز؟
مەن تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا (تەخمىنەن 18يىل بۇرۇن) سۇ بويدا رومانىنى ئوقۇپ چىققان، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ۋۇسۇڭ، چاۋگەي قاتارلىق تىلۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرگەن. مەركىزى تىلۋىزىيە ئىستانسىسى ئشلىگەن سۇ بويدنىڭ 97-يىللىق نۇسخسىنى تىخى ئىككى يىل بۇرۇن تولۇق كۆرۈشكە نىسىپ بولدى. بۇ جەرياندا كۆپىنچە دوسىتلىرىمنىڭ سۇڭ جىياڭنى ئەيىپلىگىنىنى ئاڭلىدىم. نەچچە كۈندىن بىرى كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق، سۇ بويدىنىڭ 97-يىللىق نۇسخسىنى يەنە بىر كۆرۈپ چىقتىم. بۇ جەرياندا سۇڭ جىياڭنىڭ تەقدىرىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرگە، مەسلىلەرگە تۇتقان پوزىتىسيىسگە ئالاھىدە دىققەت قىلدىم. بۇ يىلدا ئۆزۈم چوڭقۇر خورلۇق ھىس قىلۋاتقاچقا، سۇڭ جىياڭنىڭ ئازاپ ئىڭىنى چۈشىنىشكە تىرىشتىم، فىلىمنى تولۇق كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى توغرا تاپتىم. كۆز قاراشلىرىمنىڭ كىلىش مەنبەسى مەركىزى تىلۋىزىيە كىنو تياتىر بۆلۈمى ئىشلىگەن "سۇ بويدا" تىلۋىزىيە فىلىمى 97-يىلى نۇسخسى.
سۇڭ جىياڭ كىم؟
سۇڭ جىياڭ شەندوڭ ئۆلكىسى يۈنچىڭ ناھىيىسىىنڭ يامۇل پۈتۈكچىسى بولۇپ،ئوغۇلنىڭ ئۈچىنجىسى، پاكار، قاراماتاق، مەرىت، "شىپالىق يامغۇر"نامى بىلەن داڭ چىقارغان. لىياڭ شەندىكى 108پەلۋاننىڭ رەت تەرتىۋىدە بىرنجى ئورۇندا تۇرىدۇ(مەنبە:
http://zhidao.baidu.com/question/9011098.html?si=1). چاۋ گەي ھەزرەت باشچىلىقىدىكى 17 كىشى مەۋلۇت سوۋغىتىنى بۇلاش سەۋەبى تۇتۇلۇشقا ئاز قالغاندا، سۇڭ جىياڭ ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي ئۇلارغا خەۋەر يەتكۈزىدۇ ۋە شۇ سەۋەپلىك ئاخىر لىياڭ شەنگە چىقىپ كىتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
سۇڭ جىياڭ قانداق ئوبراز؟
سۇڭ جىياڭ چاۋ گەي بىلەن ئالاقسى بارلىقىنى بىلىپ قالغان يەن پوشىنى ئۆلتۈرىۋىتىش سەۋەبى جىياڭدۇڭدىكى ئىغىر گۇناھكارلارنى قامايدىغان تۈرمىگە پالىىنىدۇ. مەستلىكتە يازغان "ئىىسيانكار" شېئىرى تۈپەيلى ئۆلتۈرۈلمەكچى بولغاندا لىياڭشەندىكىلەر ئۇنى جازا مەيدانىدىن بۇلاپ، تاغ تۇراغا ئىلىپ چىقىپ كىتىدۇ. تاغقا چىققاندىن كىين چاۋ گەيدىن كىينىكى ئىككىنىجى قول ئاتامان بولىدۇ. چاۋگەي ئۆلگەندىن كىيىن باش ئاتامان بولىدۇ ۋە ئوردىدىكى ئەمەلدارلار بىلەن كۆپ قىتىم كۆرۈشۈش ئارقىلىق تاغدىكى 108 پالۋان بىلەن ئوردىغا ئەل بولىدۇ. ئەل بولغاندىن كىيىنكى لىياڭ شەن قەھرىمانلىرىنىڭ تەقدىرى ناھايىتى پاجىئەلىك بولۇپ، ئۆلگىنى ئۆلۈپ، كەتكىنى كىتىپ، سۇڭ جىياڭمۇ ئوردىدىن بىرىلگەن زەھەرلىك ھاراقتا ئۆلىدۇ.
سۇڭ جىياڭنى ئەيىپلىگەنلەر مۇنداق دەيدۇ:"سۇڭ جىياڭ ئۆزىنىڭ ئوردىدا ئەمەلدار بولۇش مەقسىتى ئۈچۈن پۈتۈن لىياڭشەندكى 108 پەلۋاننىڭ بىشىغا چىقتى، ئۆزىمۇ ياخشى كۈن كۆرمىدى. شۇڭا ئۇ قۇل مىجەز،تەسلىمكار، ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان، توخۇ يۈرەك ئادەم."
مىنىڭچە سۇڭ جىياڭنىڭ ئوبرازى ئۇنچە ئاددى ئوبراز ئەمەس. ئەينى ۋاقىتتا خەلىق، ۋەتەن، مىللەت مەنپەئەتىنى ئويلاشماي، ئەمەلدار بولۇشنىلا ئويلايدىغان كىشىنىڭ بىرلا مەقسىتى بولىدۇ، يەنى باي بولۇش ۋە راھەت پاراغەت سۈرۈش.سۇڭ جىياڭنىڭ ئائىلىسى قول ئىلىكىدە بار ئائىلە ھىساپلىنىدۇ، ئۇ ئەزەلدىن پۇل-پۈچەك،مال-دۇنيانى دوست تۇتمايدۇ. سۇڭ جىياڭ لىياڭ شەنگە ئاتامان بولغاندىن كىيىن خەجلەيمەن دىسلا پۇل، سۈرىمەن دىسلا راھەت بار ئىدى. لىكىن ئۇ قەئتىلىك بىلەن خەلىققە ئاسايىشلىق، دۆلەتكە ئەمىنلىك ئەكىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ئوبرازىغا يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەلىك سىڭدۈرۈلگەن دەپ قارايمەن. ئۇنىڭ تەسلىمكارلىقىغا كەلسەك بىر نۇقتىنى ئۇنتۇپ قالمىساق بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئۇ كىمگە تەسلىم بولدى؟ ئۇنىڭ ئەل بولغىنى سۇڭ خاندانلىقىنىڭ قانۇنلىق پادىشاھى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان قانۇنلۇق ھۆكۈمەت بولۇپ، يات، باسقۇنچى مىللەتنىڭ زوراۋان ھۆكۈمۈمىتى ئەمەس. سۇڭ جىياڭ بولغاچقىلا لىياڭ شەندىكىلەر بىر توپ" قاراقچى"لاردىن "ئەزىمەت"لەرگە ئايلانغان. ئەگەر لىياڭ شەندىكىلەر ئەل بولماي، لىياڭ شەندە تۇرىۋەرگەن بولسا، يول توسۇپ، ئادەم بۇلاپ، ۋاقتى كەلسە ئادەم يۈرىكىنى كاۋاپ قىلىپ يەيدىغان بۇ قاراقچىلارنىڭ تىلدا داستان بولغۇدەك نىمىسى قالاتتى؟ ئۇلار ئۆزلىرىنى ھەرقانچە ئەزىمەتلەردىن سانىسىمۇ ،يەنىلا بىر ئۇچۇم ئوغرى يالغان بولۇپ قالاتتى، خالاس.
ئۇنداقتا لىياڭ شەندىكىلەر ئۆز ئالدىغا پادىشاھلىق قۇرسىچۇ؟ بۇنى ئاپتور قارا قۇيۇن لى كۈينىڭ تىلى بىلەن كۆپ قىىتىم ئوتتۇرىغا قويىدۇ:"بۈگۈنكى پادىشاھىنڭ فامىلىسى سۇڭ، ئاغامنىڭ فامىلسىمۇ سۇڭ. ئىت پادىشا ئاچچىقىمنى كەلتۈرمىسۇن. بولمىسا ئوردىغا بىسىپ كىرىپ، پادىشانى ئۆلتۈرۈپ، ئاغام سۇڭ جىياڭنى تەخىتكە ئولتۇرغۇزىمەن."دەيدۇ لى كۈي. بۇنىڭغا سۇڭ جىياڭنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ئىنىق بولۇپ، كەسكىن رەت قىلىدۇ. سۇڭ جىياڭ نىمىشقا پادىشاھ بولۇش نىيتىدە بولمايدۇ؟ بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەپ شۇكى پادىشالىق تالشىش ئىچكى ئۇرۇش دىمەكلىك، ئىچكى ئۇرۇش بولسا ئەڭ چوڭ زىيان سۇڭ سۇلالسى پۇقراسىغا يەنى خەنزۇ خەلقىگە بولىدۇ،ئەڭ چوڭ پايدا ئالىدىغانلار بولسا قوشنا ئەلدىكى دۈشمەن نىيەتتە تۇرىۋاتقان يات مىللەت ياكى يات دۆلەتتۇر. بىر ئىغىز گەپ بىلەن دىگەندە سۇڭ جياڭ لىياڭشەندىكىلەرنى باشلاپ سۇڭ خاندانلىق بىلەن ئۇرۇشسا، بۇ ئىككى قاغا تالاشسا ئوۋچىغا پايدا دىگەندەك ئىش بولىدۇ. ھەتتاكى سۇڭ جىياڭ ئۆزىنىڭ ھاراقتا زەھەرلەنگىنىنى بىلگەندىن كىينمۇ لى كۈيگە ئۆزى زەھەر ئىچكۈزىدۇ ۋە لى كۈيگە ئۆزىنىڭ ئۆلگەندىىن كىيىن لى كۈيىنڭ ئۆچ ئىلىش ئۈچۈن خاندانلىق بىلەن ئۆچەكىشىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا زەھەر بەرگىنىنى دەيدۇ. تىگىدىن ئويلسىاق سۇڭ جىياڭنىڭ بۇ قىلمىشلىرى مىللەتنىڭ بىر پۈتۈنلىكى، دۆلەتنىڭ ئاسايىشلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھىدۇر. بۇ خىل روھنى "ئويغانغان زىمىن"دىكى يەنە بىر كىشىنىڭ ۋۇجۇدىدىن كۆرەلەيمىز. ئۇ بولسمۇ سابىت داموللا بولۇپ، سابىت داموللا ئۆزىنىى يالاپ ئۈرۈمچىگە ئىلىپ كىتىپ بارغان غوجانياز ھاجى قوشۇنىدىن تاسادىپى بىر ۋەقە بىلەن ئايرىلىپ قالغاندا ھەمراھىىنڭ قىچىپ كىتىش پىكىرىنى رەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ"بىز قىچىپ كەتسەك بىزغۇ ئامان قالىمىز، لىكىن غوجانىياز ھاجى باشقىلارغا جاۋاپ بىرەلمەي قالىدۇ." شۇنىڭ بىلەن سابىت داموللا ھەمراھى بىلەن غوجانىياز ھاجىنىڭ ئادەملىرىنى ئىزدەپ تىپىپ، ئۆزىنى مەلۇم قىلىدۇ،غوجانىياز ھاجى ئۇلارنى ئىلىپ بىرىپ شىڭ شىسەيگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. سابىت داموللا كىم؟ بۇ كشى 1933-يىلى قەشقەردە شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى قۇرغان ئادەم، غوجا نىياز ھاجى بولسا ئۆز قوشۇنىغا بايراق لايھىلەشمۇ خىيالىغا كەلمىگەن بىر دىھقانلار قوزغىلىڭى باشلامچىسى، بۇ ئىككى كىشىنڭ تەپەككۇرىدىكى پەرىق مانا شۇنداق چوڭ. سۇڭ جىياڭنىڭ ھىكايىسنىڭ كۆپ قىسمى توقۇلما بولغىنى بىلەن، سابىت داموللامنىڭ ھىكايسى تارىخى خاتىرىلەرگە ئىنىق پۈتۈلگەن رىئال ۋەقەلىك.
لىياڭ شەندىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مەردلىك ئۈچۈن، ئەل ئاغىنىلىرى ئۈچۈن جىنىنى ئايمايدىغانلار، لىكىن ۋەتەن ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلىشنى ھەممە ئادەملا ئۆزىنىڭ ھەرىكەت قىبلنامىسى قىلىۋەرمەيدۇ ۋە قىلالمايدۇ. پەقەت سۇڭ جياڭلا ئۇلارغا شەخسى ئاداۋەتنى ۋەتەننىڭ مەنپەئىتى ئۈسىتىگە قويۇۋالماسلىقىنى ئۈگىتىدۇ، شۇنداقلا ئۆز ئەمەلىيىتىدە ئەمەل-مەنسەپ، پۇل -پۈچەك، گۈزەل نازنىنلارغا كۆز قىرىنى سىلىپ قويماي، ۋەتەن ئۈچۈن پاجىئەلىك ئۆلۈشكە رازى بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىمىزنىڭ ھالىغا قارىساق قىز تالشىپ، ئەرزىمەس گەپلەرنى تالىشىپ، مەستلىكتە يول تالشىپ بىر بىرىنى ئۆلتۈرىۋىتىدىغانلارنى پات-پات ئاڭلاپ تۇرىمىز، خىزمەت، تۇرمۇش، ئۆينىڭ ھەلەكچىلىكىدە توختىماي پالاقىشىپ يۈرىمىز، شۇ قۇربانلىقنى، شۇ بەدەلنى مىللەت، خەلىقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن تۆلىگەن بولساق جاھان ئەھلى بىزگە ئوڭ كۆزى بىلەن قارىغان، ئەۋلاتلىرىمىز مەيدىسىنى تىك تۇتۇپ ياشىيالىغان بولاتتى!
مانا بۇ خىل سوغۇق تەپەككۈرنىڭ مەھسىۇلى بولغان ۋەتەن ،مىللەت مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان، بۇنىڭ ئۈچۈن بارلىقىنى ئىككىلەنمەي قۇربان قىلالايدىغان روھ-------دەل تەۋپىق روھىدۇر!!!!
تۈگىدى.
مەنبە: مەرۋايىت مۇنبىرى توغرا يول قەلىمى بىلەن يىزىلغان؛