نۆۋەتتىكى تېما : يولۋاس ھەققىدە ئاڭلىغان، بىلگەنلىرىم تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 1015ـ كۆرۈرمىنى
uyghurtekin

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1408
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 69
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە69دانە
شۆھرىتى: 71 نومۇر
پۇلى: 720 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :67(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-02-09
ئاخىرقى : 2009-01-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 يولۋاس ھەققىدە ئاڭلىغان، بىلگەنلىرىم

    چاشقاننىڭ بەدەر تىكىۋېتىشى
يولۋاس ئالتۇن-كۈمۈش، ئۈنچە مەرۋايىتقا ئوخشاش قىممەتلىك بايلىقلىرىنى ئون ئىككى ساندۇققا قاچىلىتىپ، ئۈچىنچى ئوغلى ياۋ داۋمىڭنى مەسئۇل قىلىپ ئالتە تۆگە بىلەن ماڭدۇردى؛ ئىككى تۈگمەنلىك ئۇنداق يېقىلغان نان ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنىمۇ ساندۇقلارغا قاچىلىتىپ تۆگە، ئاتلار بىلەن ماڭدۇردى. قورال-ياراغ، ئوق-دورىلارنىمۇ پۈتۈنلەي ئېلىۋالدى. بارلىق يېقىنلىرىنى چارۋىچىلاردەك ياساندۇرۇپ، ئات، كالا، قويلارنى ھەيدىتىپ مازۇڭ تېغىغا قاراپ يول ئالدى. يولدا ئۇچرىغانلىكى كەنت ۋە قىشلاقلارنى بۇلاپ-تالىدى. بولۇپمۇ يېمەكلىك ۋە مال-چارۋىلارنى خالىغانچە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، سەپەر ئۈستىدە بولىدىغان زىياننى تولدۇردى. نىشاننى ئاشكارىلاپ قويماسلىق ئۈچۈن كۈندۈزى سەپەر قىلىپ، كېچىسى تۈنەپ ناھايىتى پىنھان يول يۈردى.
  كېلەر ئىسمائىل يولۋاسنى ئۆزىگە قاتتىق ئىشىنىدۇ دەپ ئويلىغاچقا، سەدەنگە ئوخشاش خوشلاشمايلا كېتىپ قالغۇسى كەلمىدى. ئۇ؛<يولۋاس گەرچە مېنىڭ باشلىقىم بولسىمۇ، لېكىن كۆپرەك ئۆز ئاكامغىلا ئوخشايدۇ. ئادەتتە بىللە تۇرغان چاغلىرىمىزدا، دېيىشمەيدىغان سۆزىمىز يوققۇ>دەپ قارايتتى. شۇڭا تۇنجى كېچىسى تۈنىگەن چاغدىلا ئۇ يولۋاسنىڭ تېخى ئۇخلىمىغانلىقىنى كۆرۈپ، يەنە بىر قېتىم يولۋاسقا ئۆيىگە قايتىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ گەپ ئەسلىدىنلا دەككە-دۈككىدە تۇرۇۋاتقان تولۋاسنى تېخىمۇ تەشۋىشلەندۈردى. دۇنيا ئېغىر كۈنلەردىكى سىرداش دوستلارنىڭ ئازارلىشىپ قېلىشىدىنمۇ ئەلەملىك ئىش بارمۇ؟ ياۋ داۋخۇڭ ئۆزى ئەزەلدىن ھۆرمەتلەپ ئاتا قاتارىدا كۆرۈپ كېلىۋاتقان كېلەر ئىسمائىلنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئاتىسىدىن يۈز ئۆرىمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى سەدەن قاتارلىقلارنىڭ ئوغرىلىقچە قېچىپ كەتكەنلىكىگە قاتتىق غەزىپى كېلىپ، كېلەر ئىسمائىلنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ؛
  -كىمدەكىم قاچىدىكەن، شۇنى ئېتىپ تاشلايمەن!-دەپ ۋارقىرىدى.
ئەتراپتىكىلەر بىردىنلا ئولىشىپ كەلدى. بىرمۇنچە ئادەم قوراللىرىنى چىقىرىشىپ، قوللىرىنى تەپكىگە ئېلىپ باردى.
  -يولۋاس ۋالىي، ئوبدان ئاغا، مەن ئۆزلىرىنىڭ كەينىلىرىدە ئون نەچچە يىل يۈرۈپ، ئەمدى مۇشۇ كۈنگە قالدىممۇ؟-دېدى كېلەر ئىسمائىل چۆچۈپ ۋارقىراپ.
  كېلەر ئىسمائىلنىڭ يالۋۇرۇشى يولۋاسنى سەگەكلەشتۈرۈپ قويدى. ئۇنىڭ40يىللىق ئۆمرى سىياسىي ساھەدە ئۆتكەچكە، پىشىپ كەتكەن كاللىسىدا شۇ نەرسە ئېنىق ئىدىكى، ھالقىلىق پەيتلەرگە يولۇققانسېرى ئىچكى ئىناقلىقنى شۇنچە كۈچەيتىش كېرەك ئىدى.<سۇ كېتىدۇ تاش قالىدۇ، ئوسما كېتىدۇ قاش قالىدۇ>، بۇنى قورال كۈچى بىلەن توسۇپ قالغىلى بولاتتىمۇ؟
  -قويۇۋەت، ئاتاڭدەك ئادەمگىمۇ مۇشۇنداق قوپاللىق قىلامسەن،-دېدى يولۋاس ئاچچىقى كېلىپ.
-يولۋاس ۋالىي، ئوبدان ئاغا، قۇمۇلدا مېنى قانداقلا جازالىسىلا مەن ئۆزلىرى ئۈچۈن جان تىكەتتىم. ھازىر ئۆزلىرى قۇمۇلدىن ئايرىلىپ تەيۋەنگە بارماقچى بولىۋاتىدىلا، لېكىن مەن بارالمايمەن! مېنىڭ ئەھۋالىم ئۆزلىرىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. مېنىڭ قۇمۇلدا خوتۇن بالىلىرىم بار تۇرسا،-دەپ يىغلىغىلى تۇردى. يولۋاس كېلەر ئىسمائىلنى قۇچاقلىۋېلىپ؛
  -ئوبداق ئىنىم، مەن سىزنى زورلىمايمەن. قايتىپ كەتمەكچى بولۇۋاتقان باشقا قېرىنداشلارنىمۇ زورلىمايمەن. لېكىن، ئازادلىق ئارمىيە ھەرۋاقىت قوغلاپ كېلىشى مۇمكىن. سىلەرنىڭ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويماسلىقىڭلارغا كىم كېپىللىك قىلىدۇئ. زادى قايتمىساق بولمايدۇ دېسەڭلار، يېتەرلىك سۇ ۋە نان ئېلىۋېلىپ، ئالدىمىزدىكى تاغ ئۆڭكۈرىگە يوشۇرۇنۇۋېلىڭلار، بىر ھەپتىگىچە چىقماڭلار، ئەگەر بالدۇر چىقىپ قېلىپ، قاراۋۇللار ئېتىۋەتسە، مېنىڭ ئامالىم يوق. بىرھەپتىدىن كېيىن قايتساڭلار بولىدۇ،-دېدى ھەسرەت بىلەن.
  كېلەر ئىسمائىل يولۋاسنىڭ دېگىنىدەك قىلىپ، بىر ھەپتىدىن كېيىن تاغ ئۆڭكۈرىدىن چىققاندا، يولۋاس ئاللىقاچان قېچىپ كەتكەنىدى. كېلەر ئىسمائىل80-يىللارغىچە ياشاپ، ئاندىن كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى.
بىركۈنى كېچىسى يولۋاس قاتارلىقلار بىر سازلىققا كىرىپ قالدى. ئالدىدا يول باشلاۋاتقان ئىككى ئادەم نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالمايلا پاتقاقلىققا پېتىپ قالدى. ئارقىدا كېلىۋاتقانلار ئەس-ھوشىنى يىغىپ بولغۇچە، پاتقاق ئۇ ئىككى ئادەمنى يۇتۇپ كەتتى. يولۋاس دەرھال ئالدىدىكىلەرگە قوي، كالا، ئاتلارنى ئالدىدا ماڭدۇرۇپ يول ئېچىشقا، مال-چارۋىلار پاتقاقلىققا چۆكۈپ كەتكۈچە بولغان ئارىلىقتا ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئۆتۈپ كېتىشكە بۇيرۇق بەردى. ئۇلار سازلىقتىن چىققاندىن، كېيىن،1000غا يېقىن قوي ۋە نەچچە يۈز ئات-كالىدىن ئاران بىر نەچىسىلا قالغانىدى.
  يولۋاس مازۇڭ تېغىدىكى خۇتار دېگەن جايدا ئوسمان قاتارلىقلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ناھايىتى خۇشال بولۇشتى. ئۇلارنىڭ ھەرقايىسىسى ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەشتى. ئەسلىدە ئوسمان قۇلۇنشەردە ئازادلىق ئارمىيە تەرىپىدىن تىرىپىرەن قىلىنغاندىن كېيىن،200دىن ئارتۇق ئادىمىنى ئېلىپ، تېز سۈرئەتتە تاغ ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئازادلىق ئارمىيىنىڭ توختىماي زەربە بېرىشى ئۇچراپ تۇرغان. كېيىن جانىمقاننىڭ ئەسىرگە چۈشكەنلىكىنى، ئاراتۈركنىڭ مۇھاسىرىدىن قۇتۇلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ، گەنسۇ، چىڭخەي تەرەپكە يۆتكىلىشنى قارا قىلغانىدى. مۇشۇنداق قىلىپ ئىككىسى بىرلىشىپ، داغدۇغا بىلەن گەنسۇغا قاراپ يولغا چىقتى.
  ئۇلار گەنسۇ ئەنشىدىكى شەنۋاخۇ دېگەن يەردە گەنسۇدىكى ئازادلىق ئارمىيىنىڭ بۆكتۈرمىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، يولۋاس ئوسمان بىلەن بىرلىشىپ، ئازادلىق ئارمىيىگە زەربە بېرىشكە ماقۇل بولدى. لېكىن ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن، يولۋاس قۇمۇلدىكى بىر دېۋىزىيە ئەسكىرىي كۈچنىڭ ئۆزىنى ھەر تەرەپكە پىتىرتىۋتكەنلىكىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى. ھازىر بولسا گەنسۇدا ئازادلىق ئارمىيىنىڭ يەنە قانچىلىك ئەسكىرىي كۈچى بارلىقىنىمۇ بىلمىسە، ئۇلار بىلەن قانداقمۇ جان تىكىپ ئېلىشقىلى بولسۇن؟ ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە ئاساسەن، پەقەت ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ قېچىپ كېتىشنىڭلا ئەڭ ئاقىلانە چارە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. شۇڭا ئازادلىق ئارمىيە بىلەن تىركىشىش جەريانىدا يولۋاس مالىمانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئادەملىرىنى ئېلىپ چىڭخەيگە قېچىپ كەتتى. كېيىن ئوسمان گەنسۇدا ئازادلىق ئارمىيە تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشۈپ، دىخۇغا يالاپ ماڭدۇرۇلدى. قۇمۇلغا كەلگەندە يەنە كوچىغا ئېلىپ چىقىلىپ سازايى قىلىندى.
  1950-يىلى8-ئاينىڭ باشلىرىدا، يولۋاس چىڭخەيدىكى چىڭچىمەنگە بېرىپ، قازاق مىللىتىنىڭ ئاقساقىلى قۇسايىن بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ يەردە يەنە ئويلىمىغان يەردىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى سالى ۋە ئابدۇكېرىم قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. يولۋاس قۇسايىن، سالىھ قاتارلىقلار بىلەن<گەرچە چىڭخەيدە شىنجاڭ، گەنسۇلاردىكىگە ئوخشاش ئازادلىق ئارمىيە تەدرىجىي قىستاپ كېلىۋاتقان ئەچۋال بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ جاينىمۇ ئۇنچىۋالا بىخەتەر دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. چىگرىدىن ئۆتۈپ تەيۋەنگە قېچىپ كېتىشلا نۆۋەتتىكى بىردىنبىر چىقىش يولى>دەپ تەھلىل قىلىشتى. قۇسايىن؛<قازاقلار مۇبادا يايلاقتىن ئايرىلسا، ھاياتلىق بازىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ>دەپ قاراپ، مال-چارۋىسى بولمىغان يالغۇز ئارالغا قېچىپ بېرىشنى خالىمىدى. ئاڭ ئاخىرى سالىھ، ئابدۇكېرىم قاتارلىقالر يولۋاسنىڭ قوشۇنىغا قوشۇلۇپ، بىرلىكتە قېچىپ كېتىشنى قارار قىلدى. قۇسايىن ماڭمىغنا بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى مەردلىك قىلىپ يولۋاس، سالىھ، ئابدۇكېرىم قاتارلىقلار ئۈچۈن ئات-تۆگە ۋە ھەرخىل يېمەكلىك تەييارلىدى ھەمدە ئۆز يېقىنى ناسىرباباينى يول باشلىغۇچى قىلىپ، يولۋاس قاتارلىقلارنى چىڭخەي-شىزاڭ چېگرىسىدىكى كىرگەيناتاسقىچە ئاپىرىپ قويۇشقا تەيىنلىدى.
  قازاقلارنىڭ ئادىتىدە مېھمان سەپەرگە چىقسا ئۇزىتىپ قوياتتى. قۇسايىن يولۋاس، سالىھ قاتارلىقلار ئۈچۈن كاتتا، ئەمما ئازابلىق زىياپەت بەردى. ئۇزاتقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ كەلاەۈسى تەقدىرىنىڭ قانداق بولۇشىنى بىلمەيتتى. ئۇزىتىلغۇچىلارنىڭ تەىدىرىنىمۇ ئالدىن تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. مېھمان بىلەن ساھىبخانىنىڭ قەدەھ سوقۇشتۇرىشىمۇ ناھايىتى تەسكە چۈشتى. قۇسايىن يولۋاسقا ئامېرىكىنىڭ دىخۇدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ مۇئاۋىن كونسۇلى ماكېنانغا ئۆزىنىڭ ئېغىر ئەھۋالدا قالغانلىقىنى مەلۇم قىلىپ قويۇشىنى ھاۋالە قىلىپ، ماكېناندىن ئۆزىگە ھاۋادىن ھەربىي لازىمەتلەرنى يەتكۈزۈپ بېرىشىنى ئۆتۈندى. يولۋاس گەرچە باش لىڭشىتىپ ماقۇل بولغان بولسىمۇ، لېكىن يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدە بۇ ئىشقا ئىشەنچ قىلالمىدى.
  يولۋاس قاتارلىقلار ئاخىرى قېچىشنىڭ ئۇزۇن سەپىرىگە ئاتلاندى.
بىللە ماڭغانلار يولۋاسنىڭ جەمەتىدىكىلەردىن باشقا يەنە يولۋاسقا ئىزچىل ئەگىشىو توپىلاڭ كۆتۈرگەن ئاق ئورۇس ئەسكەرلىرى، قازاق ئۇيغۇرلار، شۇنداقلا سالىس ۋە ئابدۇكېرىم قاتارلىق ئىككى ئائىلىدىكى چوڭ-كىچىكلەر بولۇپ،60-70كە يېقىن ئادەم بار ئىدى. گەرچە بۇنى زور بىر قوشۇن دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ قوشۇن كىچىك ئەمەس ئىدى. يولۋاس كۆڭلىدە تولۇق تەمىنات، قاۋۇل ئات-تۆگە، سەرخىل قورال-ياراغ ۋە ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان قىممەتلىك بۇيۇم قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ قېتىمقى قېچىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئەۋزەللىك دەپ ئويلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شىزاڭدىن ئىبارەت كومپارتىيە تېخى ئىگىلەپ بولالمىغان بۇ قاقاس بەلۋاغ قېچىش ئۈچۈن سۆزلەپ تۈگەتكۈسىز ئاسانلىق ئېلىپ كەلگەنىدى. يولۋاس گەنسۇدا ئوسماننى تاشلاپ يالغۇز چىڭخەيگە بېرىپ ناھايىتى توغرا قىلغانلىقىنى ئويلاپ ئىچىدە كۈلدى. ئۇ بىرتەرەپتىن ئادەملىرىنى يىغىپ تېز يول يۈردى، ئۇ ئەڭ تېز سۈرئەت بىلەن شىزاڭنىڭ جەنۇبىغا قاراپ ئىلگىرىلىدى، ئۇ جەنۇبقا ماڭغانسېرى كومپارتىيىنىڭ كۈچىدىن يىراقلاپ، شۇنچە بىخەتەر بولاتتى. يەنە بىرتەرەپتىن ھەربىي سەپدىشىنىڭ كۆڭلىنى مۆلچەرلەپ تۇراتتى. ئەڭ ئاخىرقى ھايات-مامات پەيتىدىمۇ ھەرقانداق يات كۈچنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشىغا يول قويغىلى بولمايتتى. زەررىچە ئاسىلىقنىڭمۇ ھەممە ئەجىرنى يوققا چىقىرىۋېتىش ئېھتىمالى بولۇپ، بىخەستەلىكتىن جېڭجۇنى قولدىن بېرىپ قويىدىغان ئىشنى يولۋاس بۇ ئۆمرىدە قىلىپ باققىنى يوق ئىدى.
شىزاڭ ئېگىزلىكىگە قەدەم قويۇش بىلەنلا، ھوڭ شەھەر ۋۇخەندە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن لياۋيۇڭچيۇنىڭ كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتتى. يولۋاس مۇشۇ كەمگىچە ھەرقانداق ئادەمگە تىك قاراپ كەلگەن بولسىمۇ، پەقەت ئىككى ئادەمگە مەڭگۈ ئەقىدە قىلاتتى. بىرسى ئۇنىڭ ئانىسى جىنەستىخان بولۇپ، ئانىسى ئۇنىڭغا ھاياتلىق ئاتا قىلىپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭغا ئەقىللىق كاللا، چىداملىق مىجەز ۋە مەڭگۈ كۈرەش قىلىشتەك غەيرەت ئاتا قىلغانىدى. يولۋاسنىڭ تەشەككۈر بىلدۈرۈشىگە تېخىمۇ ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئانىسى يولۋاس ئۈچۈن ئۈچ ئەرگە تەگكەنىدى. يەنە بىرسى ئۇنىڭ ئايالى بولۇپ يولۋاس ئانىسى جىنەستىخاننىڭ ھاياتىدىن ئايال بولۇشنىڭ جاپا-مۇشەققىتىنى چوڭقۇر چۈشەنگەنىدى. لياۋيۇڭچيۇ ئۇنىڭ ئونىنچى ئايالى بولۇپ، ياش جەھەتتە ئۇنىڭدىن خېلىلا پەرقلىنەتتى. شۇڭا ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپرەك كۆيۈنسە توغرا بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە1937-يىلىدىن بۇيانقى ئامەتلىرىدە ئۇنىڭ تۆھپىسىنى يوق دېگىلى بولمايتتى. لياۋيۇڭچيۇ تەڭرىتاغدا يېقىلىپ زەخىملەنگەنىدى، ھازىر بولسا، ئېگىزلىككە كۆنەلمەيۋاتاتتى. گېلىدىن غىزا ئۆتمەيۋاتقىنىنى دېمىگەندىمۇ، يەنە بېشى قېيىپ كۆڭلى ئېلىشىپ، بارغانسېرى ئورۇقلاپ كېتىۋاتاتتى. لياۋيۇڭچيۇنىڭ كېسىلى يولۋاسنىڭ قەلبىنى مۇجۇدى. ئۇ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى ئاستلىتىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ لياۋيۇڭچيۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ئۇنىڭ ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئېلىپ، ئەر-ئاياللىق مۇھەببىتىنى ئىپادىلىمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇنداق ۋەزىيەتنى ئوڭشىيالايدىغان قۇدرىتى بولمىغاچقاشىزاڭنىڭ جەنۇبىدىكى چىگرىغا بارغاندىن كېيىن، جىددىيلەشكەن روھىي كىيپىياتى سەل ئارامىغا چۈشكەندە، لياۋيۇڭچيۇ ئاخىرى ئۆزىنىڭ جەسىتىنى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ شىزاڭ ئېگىزلىكىگە قالدۇرۇپ قويۇشقا مەجبۇر بولدى.
  لياۋيۇڭچيۇنىڭ ئۆلۈمىدىن يوۋاس ناھايىتى قايغۇردى. ئۇ ئۆز ھاياتىنىڭ ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە ئۆتكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئون خوتۇن ئېلىپ ئاخىرى ئۆزى بويتاق بولۇپ قالدى. لياۋيۇڭچيۇنى ئەمرىگە ئېلىش ئۈچۈن ئۇ ۋۇخەنىكى سەككىزىنچى خوتۇنى داناخان بىلەن ئاجرىشىپلا قالماي، بەلكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزىنى ئون يىل جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە ساقلىغان تۆتىنچى خوتۇنى تەكاخان بىلەن1946-يىلى قۇمۇلغا قايتىپ كېلىپمۇ يەنىلا ئاجرىشىپ كەتتى. گەرچە ئۇنىڭغا ئاز تولا مال-مۈلۈك بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەمىشە ئۆزىنى تەكاخانغا قەرزى باردەك ھېس قىلاتتى. ھازىر لياۋيۇڭچيۇ ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالغان تۇرسا، ئۇ نېمىشقا قايغۇرمىسۇن؟
  لياۋيۇڭچيۇنى يەرلىكىدە قويۇپ بولغاندىن كېيىن، يولۋاس لياۋيۇڭچيۇغا بولغان سېغىنىشىنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، زېھنىنى يىغپ قېچىش ئىشىنى ھەل قىلىپ، چىگرىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قېچىپ چىقىش ئارقىلىق لياۋيۇڭچيۇنىڭ روھىغا تەسەللى بەرمەكچى بولدى. جەنۇبىي شىزاڭ چىگرىسىغا كىرىۋالسىلا قوغلىشىپ كېلىۋاتقان ئەسكەرلەردىن ۋايىم يېمىسىمۇ بولاتتى. بۇ يەردىكى يەرلىك باسمىچىلاردىن ئۇنىڭغا تەھدىت بولالايدىغانلىرىمۇ كۆپ ئەمەس ئىدى. تەھدىت بولغام تەقدىردىمۇ ئارانلا سەككىز-ئون تال مىلتىقى بار بولۇپ، يولۋاسنىڭ ماڭار يولىنى توسۇپ قالالمايتتى. ئۇ مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا،60-70ئادەم توپلىشىپ ھىركەت قىلىشنىڭ يەنىلا ھەقىقەتەن ياخشىلىقتىن يامانلىقى كۆپ ئىش بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تۇيۇقسىز ھېس قىلىپ قالدى. مۇنداق بولغاندا بىرىنچىدىن؛ يېمەكلىك ھەددىدىن زىيادە ئىسراپ بولۇپ كېتەتتى؛ ئىككىنچىدىن، نىشان بەك چوڭ بولۇپ كېتەتتى؛ ئۈچىنچىدىن، چىگرىدىن چىقىش قىيىنغا توختايتتى. ئادەم كۆپ بولغانسېرى  خىراجەتمۇ كۆپ سەرپ بولاتتى. ئۇنىڭغا ئۇدا ئەگىشىپ قېچىپ كەلگەن ئاق ئورۇس ئەسكەرلىرى، قازاقلارنىڭ ھەممىسىلا پەقەت دۈمبىسىدىكى پىتىلا قالغان، ئىككى مۈرىسىدە تاماق يېيەلەيدىغان كاللىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرگەندىن باشقا مېڭىسىدىن تاپىنىغىچە قوشقاندىمۇ، ئىككى سەرگە يارىمايدىغان يالاڭتۆش بىرنېمىلەر ئىدى. يولۋاس ماڭسا-تۇرسا ئويلىنىپ قوشۇننى كېچىكلىتىپ، يېنىك قوراللاندۇرۇپ قېچىش پىلانىنى كاللىسىدا تەدرىجىي پىشىلدۇردى.
  يولۋاس بىر كۈنى ھاردۇق ئېلىۋېتىپ، بىرنەچچە قازاقنى بىر چەتكە چاقىرىپ پەس ئاۋازدا؛<بىز جۇڭگولۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىمىز مۇسۇلمان. سۆڭىكىمىز سۇنا، پېيىمىز سىرقىراپ تۇرىدۇ. ئاۋۇ بىرنەچچە ئاق ئورۇسنىڭ خىيالىنى ھېچكىم بىلىپ بولمايدۇ، يا ئۇلارنىڭ تىلىنى بىلمەيمىز. كۈنلەر ئۇزارغانسېرى ئۇلار بىزگە چوقۇم بىر بالا بولىدۇ>دېدى. بۇ بىرنەچچە قازاق ئەسكەر توپىلاڭ باشلىنىشى بىلەنلا يولۋاسنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ يۈرگەنلەردىن بولغاچقا، ئۇنىڭ قورسىقىدىكىنى بىر قاراپلا بىلىۋالالايتتى. يولۋاس قاتارلىقلار جەنۇبىي شىزاڭغا كىرگەندىن كېيىن قوغلاپ كېلىۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ تەھدىتى بولمىغاچقا، كېچىسى تۈنىگەندە، ئومۇمىي جەھەتتىن چوڭ بىرلەشتۈرۈپ، كېچىدە تارقاقلاشتۇرۇش چارىسى قوللىنىلغانىدى، يەنى بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدە نۆۋەتچىلىك قىلىپ چارلاۋاتقانلاردىن باشقا، يولۋاس ۋە سالىھ، ئابدۇكېرىملەر ئۆز جەمەتى بويىچە ئايرىم-ئايرىم ياتاتتى. ئاق ئورۇس ئەسكەرلىرى، قازاق ۋە ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز توپى بويىچە تۈنەيتتى. شۇ ئاخشىمى ھېلىقى بىرنەچچە قازاق ئەسكەر ئاق ئورۇس ئەسكەرلىرى قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇلار تۇرۇشلۇق جايغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. بۇ بىرنەچچە ئاق ئورۇس ئەسكەر چۈشىدىلا جەھەننەمگە سەپەر قىلدى. ئىشتىن كېيىن، يولۋاس يالغاندىن قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن بولۇۋېلىپ، ھېلىقى بىرنەچچە قازاق ئەسكەرنى ئاغزىغا كەلگۈچە تىللاپ،<ئاشۇنداق قىيىن كۈنلەردىنمۇ ئۆتۈپ كەتكەنىدۇق، ھازىر چىگرىدىن ئۆتۈپ كېتەيلا دەپ قالغان تۇرساق، ئۆزئارا قىرغىنچىلىق قىلغىنىڭلار نېمىسى؟>دەپ قويدى. ئاچچىقى يانغاندىن كېيىن، يەنە<ئىش مۇشۇ يەرگە يەتتى، بولىدىغان ئىش بولدى، ئاق ئورۇس ئەسكەرلىرىنىڭ پۇل-ماللىرى سىلەر قازاق ئەسكەرلىرىنىڭ بولسۇن، ئەسلىي بۇنداق ئىش يۈز بەرمەسلىكى كېرەك ئىدى، لېكىن يەنىلا قىيىنچىلىقنى يېڭىش، كۆپىلىكنىڭ چىگرىدىن بىخەتەر چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن بولغاندىكىن نىيىتىڭلار ياخشى، بولغۇلۇق بولدى، ئەمدى قايتا تەگىمەڭلار>دېدى. شۇ ئاخشىمى يولۋاس باشقىلارنىڭ دىققەتسىز تۇرغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، بىرنەچچە يېقىنلىرىنى چاقىرىپ،<سىلەرمۇ كۆردۈڭلار، بىز ھەممىمىز ئۇيغۇر، بىر ئائىلە كىشىلىرى، ئاۋۇ قازاقلار سەل ئوخشىمايدۇ. ئاق ئورۇس ئەسكەرلىرى بىز ئۈچۈن جېنىنى سەپ بېرىۋاتسا، نېمىشقا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ؟ بۇ قازاقلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يەنە نېمە ئەسكىلىكلەرنى قىلىدىغانلىقىنى كىم بىلىدۇ؟ يېنىڭدا يولۋاس باقساڭ ئاخىرى ئۆزۈڭنى يەيدۇ>دېدى. يېقىنلىرى بۇ گەپنىڭ تېگىگە يېتىپ، شۇ ئاخشىمى قازاقلار ئاق ئورۇس ئەسكەرلىرىگە تاقابىل تۇرغان ئۇسۇل بىلەن قازاق ئەسكەرلىرىنى جەھەننەمگە ئۇزىتىپ قويدى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن كۆپچىلىكنى بىر يەرگە چاقىرىپ، قولىغا قۇرئاننى ئېلىپ، يولۋاس كۆپچىلىككە؛<مەن بۇ ئىككى كۈندە يۈز بەرگەن ئىشلاردىن قاتتىق ئازابلىنىۋاتىمەن، بۇ مېنىڭ ئېھتىيات قىلمىغانلىقىمدىن بولدى. بىز ھەممىمىز مۇسۇلمان، كۆپچىلىك خۇدا ئالدىدا چوقۇم چىن دىلىمىزدىن ئىتتىپاقلىشىپ، چىگرىدىن بىخەتەر چىقىپ كېتىش توغرىسىدا قەسەم قىلايلى>دېدى. ئاندىن يەنە<كىشىلەر قىيىنچىلىق ۋاقىتلىرىدا ئاسانلا بىردەك ئىتتىپاقلىشالايدۇ، لېكىن نۇسرەت قازانغان چاغدا ئىچكى نىزا چىقىدۇ. بىز غەلىبىگە ئېرىشمەي تۇرۇپلا بۇنداق قىرغىنچىلىق قىلىشساق، چىگرىدىن قانداقمۇ ئوڭۇشلۇق چىقىپ كېتەلەيمىز؟ كۈتۈلمىگەن ۋەقەنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈنسىلەر بىرنەچچىڭلار(قازاقلارنى ئۆلتۈرگەن يېقىنلىرىنى دېمەكچى) مېنىڭ يېنىمدا تۇرۇڭلار، مەن سىلەرنى ئۆزۈم باشقۇرىمەن>دېدى. ئىككىنچى كۈنى يولۋاس يول ئۈستىدە يولۋاس ھېلىقى بىرنەچچە يېقىنىغا؛<ئالا كۆڭۈللۈك قىلغاندا، ھېچقانداق ئىشنى باشقا  ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ. بىز قۇمۇللۇقلارنىڭ نىيىتى بىر، سالىھ ۋە ئابدۇكېرىملەرنىڭ كۆڭلى بولسا باشقا-باشقا، ئۇنىڭدىن باشقا بىز ئۈچ توپ ئادەم بىرلا ۋاقىتتا تەيۋەنگە بارساق، جياڭ ۋېييۈەنجاڭ زادى كىمگە ئىشىنىدۇ؟>دېۋىدى، يېقىنلىرى ئۇنىڭ كۆڭلىنى يەنە بىر قېتىم چۈشىنىپ، مىلتىق بىلن ئادەم ئۆلتۈرسە باشقىالرنى دەككە-دۈككىگە چۈشۈرۈپ قويۇشتىن قورقۇپ، شۇ كېچىسى سالىھ، ئابدۇكېرىملەرنىڭ تەييارلىقسىز ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى جىم-جىملا باغلاپ، ياغاچنى ئۇچلاپ سالىھ، ئابدۇكېرىملەرنىڭ قۇلىقىدىن قېقىپ مېڭىسىگە كىرگۈزۈۋەتتى. ئاندىن ھەبىر ئائىلىدىن پەقەت بىر ئوغۇل بالىنى قالدۇرۇپ قويۇپ، قالغانلارنى پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈۋەتتى.
  يولۋاس قېچىش پىلانىنى ھېچ بىر شەپە چىقارمايلا ئورۇندىدى. ئۇزاق ئۆتمەي راستىنىلا چىگرىدىن چىقىپ كەتتى. قېچىپ كېتىش يولۋاسنى يەنە بىر قېتىم قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇردى، شۇنداقلا  يەنە بىر قېتىم مەرتىۋىسىنى ئۆرلىتىش يولىغا ئېلىپ ماڭدى.
          تەيۋەنگە ئاخىرى يېتىپ بېرىش
  تولۋاس تېخى رەسمىي توپىلاڭ كۆتۈرۈشنىڭ ئالدىدا، ئامېرىكىنىڭ دىخۇدا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن كونسۇلى ماكېنان ئوسمان، جانىمقان قاتارلىقلار تەرىپىدىن مەخپىي ھالدا بارىكۆلگە قوغداپ ئېلىپ كېلىندى. ئاندىن زىرەتباي، قارىغا قاتارلىق تۆت ئادەم ئۇنى چىڭخەيگە ئاپېرىپ قويۇشقا بەلگىلەندى. خامۇ چىڭخەيدە ماكېناننى كۈتۈۋالدى. كېيىن نىغمەت ماكېناننى چىڭخەيدىن  چىگرىغا ئاپېرىپ ئۆتكۈزۈپ قويۇشقا ئەۋەتىلدى. تەيۋەندىكى جياڭ جېيشى1950-يىل3-ئاينىڭ1-كۈنى تەيبېيدا ئۆزىنى يەنە بىرقېتىم<جۇڭخۇا مىنگونىڭ زۇڭتۇڭ>لۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى جاكارلاپ، شۇكۈنى<ئەسلىي خىزمىتىنى ئۆتەش باياننامىسى>نى ئېلان قىلدى. ماكېنان ئامېرىكىغا قايتقاندىن كېيىن، جياڭ جېيشى ھاكىمىيىتى ناھايىتى تېزلا يولۋاس، ئوسمانلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپتى. يولۋاسنىڭ توپىلاڭچىلىق ھەرىكىتى غالجىرلاشقان چاغدا جياڭ جېيشى ھاكىمىيىتى4-ئاينىڭ11كۈنى يولۋاسنى <شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە شىنجاڭنى تىنچىتىش باش قوماندان>لىقىغا تەيىنلىدى. ئارىدىن 20كۈن ئۆتۈپ،5-ئاينىڭ1-كۈنى جياڭ جېيشى يەنە تەكلىپنامىگە ئۆز قولى بىلەن قول قويۇپ، يولۋاسنى<زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ پەۋقۇلئاددە دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچى>لىكىگە تەكلىپ قىلدى. تەيۋەن دائىرىلىرى يۇقىرى ئەھۋاللارنى رادىئو ئىستانسىسى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىپ، يولۋاس ۋە ئۇنىڭ باشقا توپىلاڭچىلىرىغا يەل بېرىپ، ئۇلارنى جۇڭخۇانىڭ بۈيۈك زېمىنىدا گومىنداڭنىڭ پارتىزانلىق رايونىنى قۇرۇپ، جۇڭگو كومپارتىيىسى بىلەن ئاخىرغىچە دۈشمەنلىشىشكە قۇترىتىشقا ئۇرۇندى. ئەپسۇسكى، يولۋاس قاتارلىق توپىلاڭچىلاردا رادىئو بولمىغانلىقتىن، پۈتكۈل توپىلاڭ جەريانىدا ئۇلار بۇ ئىشلاردىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالغانىدى.
  يولۋاس ئۆزىگە ئوخشاش ئۆز ۋەتىنىگە ئاسىيلىق قىلىپ قاچقان بىر قاچقۇننىڭ ھىندىستاننىڭ زېمىنىغا قەدەم قويۇشى بىلەنلا، ئىززەتلىك مېھمانغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى زادىلا ئويلاپ باقمىغانىدى. ھىندىستان دائىرىلىرى ئۇنى شۇ زامات كۈتۈۋالدى. ئەنگلىيە، ئامېرىكىلارنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىمۇ ھىندىستاننى دوراپ ئۇنى زىيارەت قىلدى. مۇشۇ چاغدىلا ئۇ ئاندىن ئۆزىنىڭ گومىنداڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى، قوشۇمچى شىنجاڭنى تىنچىتىش  باش قوماندانى ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئۇ غەرب دۇنياسىنىڭ ەنزىرىدە جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ تۇپرىقىدا كومپارتىيىگە قارشى تۇرۇشتىكى قەھرىمانغا ئايلىنىپ قالغانىدى. يولۋاس يەنە بىر قېتىم ئۆزىنى جياڭ جېيشىنىڭ قوينىغا ئېتىشتەك بۇ يولنى توغرا تاللىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇنى كۈتۈۋاتقىنىنى بالا-قازا ئەمەس، ەلكى بەخت ئىكەنلىكى ئوچۇقلا كۆرۈنۈپ تۇراتتى، بولپمۇ يولۋاسنى ھەممىدىن خۇشال قىلغىنى شۇكى، ئۇ ھىندىستان گېزىتلىرى باسقان جياڭ جېيشىنىڭ5-ئاينىڭ16-كۈنىدىكى رادىئو نۇتىقىنى كۆردى. جياڭ جېيشى مۇنداق دېگەنىدى؛<بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانىمىز شۇكى، بارلىق ئەسكىرىي كۈچلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەيۋەندىن ئىبارەت بۇ بازىنى ھەقىقىي قوغداپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى قېرىنداشلىرىمىزنى قۇتقۇزۇپ، جۇڭخۇا مىنگونى گۈللەندۈرىمىز. قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش پىلانى بىر يىل تەييارلىق كۆرۈش، ئىككىنچى يىلى قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش، ئۈچىنچى يىلى تازىلاش، بەش يىلدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىن ئىبارەت>بۇلار يولۋاسنىڭ جياڭ جېيشىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتىۋەتتى.
  ئەنگليىنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يولۋاسنى زىيارەت قىلىپ، يولۋاسقا ئەنگلىيىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن پاناھلىق تىلەشنىڭ بارلىق شەرتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندە، يولۋاسنىڭ كەسكىن سۆزلەر بىلەن رت قىلىشىغا ئۇچرىدى. يولۋاسنىڭ قارىشىچە، مەيلى ئەنگلىيە ياكى سوۋېت ئىتتىپاقى بولسۇن، ئۇلارنىڭ يولۋاسقا بولغان تەبەسسۇمى بۆرىنىڭ توخۇنى پەتىلىشىگە ئوخشاش ياخشى نىيەتتە ئەمەس ئىدى. شۇڭا يولۋاس ھىندىستان زۇڭلىسى نېھرو ۋە ئامېرىكىنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە ئېنىق قىلىپ،<جياڭ زۇڭتۇڭ ۋە گومىنداڭ قەيەردە بولسا، شۇ جاي ئاخىرقى نىشانى>ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
  1951-يىل5-ئاينىڭ1-كۈنى يولۋاس قاتارلىقلار سۇ يولى ئارقىلىق ئاخىرى تەيبېيگە يېتىپ باردى. ئۇنىڭ تەلىيىگە ئامېرىكا مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى چاس قاتارلىقلارمۇ شۇ كۈنى تەيبېيغا يېتىپ بارغانىدى. جياڭ جېيشى داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، بىرسى ئۆزىنىڭ سىياسىي يۆلەنچۈكى، ئاقساقالنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى بولغان مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىنى، ئىككىنچىسى چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كەلگەن كومپارتىيىگە قارشى قەھرىماننى كۈتۈۋالدى. قول ئاستىدىكىلىرىنى دىپلوماتىيە قائىدە يوسۇنى بويىچە كۈتۈۋېلىش جۇڭخۇا مىنگونىڭ تارىخىدا تېخى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىدى. جياڭ جېيشىيولۋاس ئۈچۈن مەخسۇس قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ، يولۋاسنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە شىنجاڭنى تىنچىتىش  باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى جاكارلاپ، ئالاھىدە تەبرىك سۆزى سۆزلەپ،<يولۋاس رەئىس چوڭ قۇرۇقلۇق قلدىن كەتكەندىن كېيىن، بىرمۇ ئەسكىرى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن چاقىرىق قىلىپ، تۈمەنلىگەن مەردانىلارنى توپلاپ، كومپارتىيە بىلەن ئېلىشىپ، پىرقە دۆلەتنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا پارتىزانلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىشىنىڭ يولىنى ئاچتى. ئارقىدىنلا ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، قاتمۇقات توسالغۇلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، نۇرغۇن مۈشكۈلات تارتىپ تەيبېيغا يېتىپ كەلگەنلىكىدىن، ئۇنىڭ پىرقە دۆلەتكە  بولغان سادىقلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، كۆپچىلىك ئورۇنلىرىمىزدىن تۇرۇپ، يولۋاس رەئىس ئۈچۈن قەدەھ كۆتۈرەيلى>دېدى. يولۋاس ھاياجانلانغانلىقىدىن كۆز ياشلىرىنى تاراملاپ ئېقىپ، قولىنى كۆتۈرۈپ ئارقا-ئارقىدىن<تۈمەن مىڭ يىللار ياشاڭ>دەپ توۋلاپ كەتتى. بۇ ئىشتىن يولۋاس ئاخىرقى ئۆمرىگىچە پەخىرلەندى.
    جياڭ جېيشىنىڭ كۈتۈۋېلىش زىياپىتىگە ئۇلاپلا،<مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ، قوشۇمچە مەمۇرىي مەھكىمە باشلىقى>چېن چېڭ يۇمىلاقتاغ ئالىي مېھمانخانىسىدا كاتتا ھاراق زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ يولۋاسنى كۈتۈۋالدى. ھەمراھ بولغان گومىنداڭنىڭ تەيۋەندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى100دىن ئاشتى. بۇ گومىنداڭنىڭ تەيۋەنگە قېچىپ كەلگەندىن بۇيانقى مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر قېتىملىق زىياپەت ئىدى. تەيۋەندىكى رادىئو ئىستانسىلىرى، گېزىتخانىلار بەس-بەس بىلەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، يولۋاسنى<كومپارتىيىگە قارشى تۇرۇش قەھرىمانى>دەپ ماختاپ، ئۇچۇرۇپ ھەدەپ كۆككە كۆتۈردى. ھەرقايسى تارماق-ئورۇنلار بەس-بەس بىلەن يولۋاسنى دوكلات بېرىپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتا توپىلاڭ كۆتۈرۈش جەريانىنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ، بۇنى<باسمىچىلارنى بىلەن كۈرەش قىلىش جەريانى ۋە پارتىزانلىق ئۇرۇش تەجرىبىلىرى>دەپ ئاتىدى. يولۋاسنىڭ چېچەن كاللىسى، ئۇپرىماس تىلى، قۇتراتقۇ سۆزلىرى ھەرقېتىم ئاڭلىغۇچىلارنى توختىماي چاۋاك چالدۇردى.<شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى>بولۇش خام خىيالى يولۋاسنىڭ ھاياتىدا ئاخىرى رېئاللىققا ئايلاندى. ئۇ بۇ خىل مۇۋەپپەقىيەتتىن كېيىنكى خۇشاللىق تۇيغۇسى بىلەن پۈتۈن ۋۇجۇدىدا تۈگىمەس كۈچ-قۇۋۋەت باردەك ھېس قىلدى. ئۇ توختىماستىن نۇتۇق سۆزلەش، دوكلات بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تەيۋەنگە ساياھەتكە بارغان ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ مىللىتى قاتارلىق ئىسلام دىنىدىكى دىنداش دوستلارنى تەشكىللەپ،<ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بولغانلار ۋە شىنجاڭدا قازا تاپقان شېھىتلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش ۋە چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتۇما ھۇجۇم قىلىش قىرائەت يىغىنى>نى ئۆتكۈزۈپ، تەيۋەننىڭ<كومپارتىيىگە قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنى تىرىلدۈرۈش>تەشۋىقاتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.
  يولۋاس مۇشۇنداق چاۋاك سادالىرى ئىچىدە خۇدىنى بىلمەي نەچچە ئاينى ئۆتكۈزدى. بۇ ئالقىش سادالىرى، زىياپەتلەر ئۇنىڭ توپىلاڭ جەريانىدىكى قورقۇش، تەشۋىش، ھارغىنلىقىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇلدۇرۇۋەتتى. ئۇ ئۆزىچە ئانام جىنەستىخاننىڭ روھى بۇنى بىلسە، چوقۇم ئۇ دۇنيادا تۇرۇپمۇ خۇش بولغان بولاتتى، دەپ ئويلىدى.
  1951-يىلى10-ئايدا، يولۋاس تەيبېيدا ليۇ شۇجىڭ بىلەن توي قىلدى. بۇ چاغدا يولۋاس63ياشقا كىرىپ قالغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئۆمرىدە11-قېتىم رەسمىي توي قىلىشى ئىدى.
  يېڭى ئائىلە ئاخىرى يولۋاسنى پەسكويغا چۈشۈردى. بۇ چاغدا يولۋاس<شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى>،<زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ پەۋقۇلئاددە دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى>قاتارلىق ئىككى خىل مائاشتىن بەھرىمەن بولۇۋاتاتتى. ئۇ ئامراق خوتۇن، يۇقىرى مائاش، نام-ئابرويلارنىڭ ھەممىسىدىن بەھرىمەن بولدى. لېكىن ئۇ يەنىلا ئۆزىنى ھەممە نەرسە قۇپقۇرۇق بولۇپ كەتكەندەك ھېس قىلدى. گەرچە ئامراق خوتۇن، يۇقىرى مائاش، نام-ئابروي دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىي نەرسە بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ <قەھرىمانە ئىش-ئىزلىرى>توغرىسىدىكى تەشۋىقات ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تەدرىجىي ئاجىزلاۋاتاتتى. ئۇ بەرىبىر رېئال تۇرمۇشقا قايتمىسا بولمايتتى. ئۇ جىمجىتلىقنى ياقتۇرمايدىغنا ئادەم بولۇپ، مەيلى<شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى>بولسۇن،<زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى پەۋقۇلئاددە دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى>مۇ بولسۇن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت مائاش ئالىدىغان ئەمەل بولۇپ، ئەمەلىي خىزمەت يوق، شۇنداق بولمايمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇ جېنىنى تىكىپ قويۇپ، ئۆلۈمگە تەۋەككۈل قىلىپ تەيۋەنگە كەلدى. ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتى مۇشۇنداقلا ئاجىزلىشىپ قالسا بولمايتتى. ئۇ ئۆزىنى كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغاندەك، تەيۋەندە ئۆز ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا تېگىشلىكتەك ھېس قىلاتتى.
كۈنبويى قىلىدىغان ئىش بولمىغاچقا، يالغۇزلۇق تۇيغۇسى ئۇنى ئاستا-ئاستا چىرمىۋالدى.
 
  غېرىپچىلىق باسقان كۆڭۈلسىز تۇرمۇشتا ئىسلام دىنى ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ قەلبىنى ئىگىلىدى.1938-يىلى خەنكۇدا ئۇ ئىسلام دىنى دۆلەتنى قۇتقۇزۇش جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزالىقىغا سايلانغان ئەمەسمىدى. ھازىر تەيۋەندە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئىچىسە ئۇ مەرتىۋىسى ئەڭ چوڭ، ئورنى ئەڭ يۇقىرى، ئەڭ ئىناۋەتلىك ئادەم بولۇپ، تەيۋەندىكى ئىسلام دىنىنىڭ چوڭ ئاخۇنۇمى بولۇشقا تېگىشلىك ئىدى. ئۇ ئىشنى ئىسلام دىنىنى گۈللەندۈرۈشتىن باشلاپ، شىنجاڭ ياشلىرىنى تەربىيىلەشنى ۋاسىتە قىلىشنى قارار قىلىپ، ھايات ۋاقتىدا ئۆز تەسىرىنى توختىماستىن يۇقىرى پەللىگە قاراپ ئىلگىرلىتىشكە بەل باغلىدى.
  1953-يىلى يولۋاس جياڭ جېيشىغا تەيۋەندىكى ئىسلام دىنى مۇرىتلىرىنى ھەج-تاۋاب قىلىشقا تەشكىللەپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئىسلام دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىسلام دىنىنىڭ كومپارتىيىگە قارشى بۈيۈك ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ھەققىدە تەكلىپ بېرىپ، جياڭ جېيشىنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشتى.1954-يىلى7-ئايدا، يولۋاس جۇڭخۇا مىنگو ئىسلان دىنى ھەج-تاۋاب ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ياۋداۋمىڭ، شياۋيۇڭتەي، ماچېڭشياڭ، خې فېڭشەن، ۋاڭ شىمىڭ، مابىڭلياڭ قاتارلىقلارنى مەككىگە بېرىپ ھەج-تاۋاب قىلىشقا تەشكىللىدى. ھەج-تاۋاب جەريانىدا يولۋاس ئۆمەكنى باشلاپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە مىسىرنى زىيارەت قىلدى. سەئۇدى ئەرەبىستانىدا سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھىنىڭ تەنتەنىلىك كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشتى. سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى مەزگىلدە يەنە تاشەنف بازىرىنى زىيارەت قىلىپ، گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىن بارغان جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، بىرلىكتە رەسىمگە چۈشتى. مىسىردا مىسىر زۇڭتۇڭى ناجىبنىڭ تەنتەنىلىك كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشتى. قاھىرە ۋە پەلەستىندە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىسلام دىنىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلەشتى. مۇشۇ قېتىمقى ھەج-تاۋابتىن كېيىن، تەيۋەن ئاز بولمىغان ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، مۇھىم ئەمەلدارلارنى ئۈزۈلدۈرمەي ئەۋەتىشىپ ئۆزئارا زىيارەتتە بولدى.
  جياڭ جېيشى يولۋاسنىڭ بىر قېتىملىق ھەج-تاۋاب بىلەنلا تەيۋەننىڭ دېپلوماتىيىسىگە بۇنچىۋالا زور ئىلگىرىلەش ئېلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، يولۋاسنى تېخىمۇ ئەتىۋارلىغىلى تۇردى. تەيۋەندە شۇنىڭدىن باشلاپ ئىسلام دىنىدىكىلەر ھەريىلى ئۆمەك بولۇپ تەشكىللىنىپ، ھەج-تاۋاب قىلىدىغان تۈزۈم شەكىللىنىپ، خېلى يىللارغىچە داۋاملىشىپ كەلدى.
  تەيبېيدا ئەسلىدە بىر مەسچىت بولۇپ، ئەسلىھەلىرى تولىمۇ ئاددىي ئىدى. يولۋاس بۇنداق بولغاندا، ئىسلام دىنىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان بېرىش-كېلىشتە دۆلەتنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىىر يېتىدۇ دەپ، جياڭ جيشىغا باشقا مەسچىت سېلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. جياڭ جېيشى قوشۇلغاندىن كېيىن، يولۋاس باشلامچى بولۇپ، ئىسلام دىنىدىكى يۇقىرى قاتلام زاتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، تەيبېيدا مەدەنىيەت مەسچىتى ۋە يېڭى ھايات جەنۇبىي يول مەسچىتى سالدۇردى. بۇ مەسچىتلەرنىڭ كۆلىمى ناھايىتى چوڭ ئىدى. بولۇپمۇ يېڭى ھايات جەنۇبىي يول مەسچىتى تەيۋەندىكى گومىنداڭ يۇقىرى قاتلام جەمئىيىتىدىكى ئىسلام مۇرىتلىرى داۋاملىق ناماز ئۆتەيدىغان مەسچىت بولۇپ كەلدى.
  يولۋاس ئۆزىنىڭ قەسىرىنى ئىسلام دىنىدىكى ياشلار، بولۇپمۇ شىنجاڭلىق ياشلار يىغىلىدىغان جاي قىلىۋالدى. كېيىنكى كۈنلەردە ئۇ بۇنى بىر خىل تۈزۈمگە ئايلاندۇرۇپ، ھەر جۈمە كۈنى ئۆز قەسرىدە شىنجاڭچە تاماق ئەتكۈزۈپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ئىسلام دىنىدىكى ياشلارنى مېھمان قىلىپ، بىرتەرەپتىن بىرلىشىپ ناماز ئوقۇسا، بىرتەرەپتىن گومىنداڭنى، كومپارتىيىگە قارشى روھنى، شۇنداقلا ئىسلام بۈيۈك ئىتتىپاقىنى تەرغىب قىلدى. بۇ تۈزۈم ئۇدا داۋاملىشىپ،1962-يىلى يولۋاس سەكتە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندىن كېيىن ئاندىن تەدرىجىي توختاپ قالدى.
  يولۋاس تەيۋەنگە كەلگەندىن كېيىن، تېخىمۇ كۈچ-ماغدۇرغا تولۇپ، ئۆزىنى ناھايىتى تېتىك ھېس قىلدى.1960-يىلى يولۋاس تەيۋەندە<زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئون يىللىقى>نى خاتىرىلەش ھەرىكىتىنى قوزغىدى. تەيۋەندىكى شىنجاڭ، نىڭشيا، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن زاتلار داغدۇغىلىق يىغىلىش ئۆتكۈزدى.<مەمۇرىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى>يۈ يۇرېن قاتارلىق گومىنداڭنىڭ مۇھىم ئەمەلدارلىرىمۇ تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى. ئۇ يەنە ئۆز تۇرالغۇسىدا داغدۇغىلىق زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، كومپارتىيىگە قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ،<چوڭ قۇرۇقلۇقنى قايتۇرۇۋېلىش>قا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، گومىنداڭنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش شاۋقۇنى ئۈچۈن داپ چېلىپ بەردى.1962-يىل2-ئاينىڭ22-كۈنى تەيۋەن دائىرىلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى<ئۇرۇش مەيدانى مەمۇرىي ئىسلار ئىدارىسى>قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش تەشكىلىي خىزمەتلىرىنى ئىشلەشكە تەييارلىق قىلىپ، يولۋاسنىڭ ئۈچىنچى قېتىم شىنجاڭغا قايتىپ كېلىشىگە ئازراق ئۈمىد ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىسلام ياشلىرى ئارىسىدىكى تەسىرى ۋە نوپوزىدىن پايدىلىنىپ، چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش پەيتتى ۋە <غەلىبە قازىنىش>ئېھتىماللىقىنى ھەدەپ تەشۋىق قىلدى.1962-يىلى4-ئايدا ھىندىستان ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭغا كۆپ قېتىم تاجاۋۇز قىغلان ئىشى يولۋاسنىڭ نېرۋىسىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى.1962-يىلى5-ئاينىڭ25-كۈنى ئىلىدا توپىلاڭ كۆتۈرۈلگەن چاغدا، ئامېرىكىنىڭ ئايروپىلان، ھەربىي پاراخوتلىرى جۇڭگو ھاۋا بوشلۇقى، دېڭىز تەۋەلىكىگە ھۇجۇم قىلىشى بىلەن يولۋاس ئۆزىنى تېخىمۇ بېسىۋالالماي قالدى. ئۇ گەرچە يەتمىشكە بېرىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا شىنجاڭغا قايتىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئۆلكە رەئىسلىك ھوقۇقىنى ھەقىقىي بولغان ھوقوققا ئايلاندۇرۇش ئېھتىمالى باردەك ھېس قىلدى. بۇ ھەقىقەتەنمۇ كىشىلىك تۇرمۇشتا ئاز ئۇچرايدىغان پۇرسەت ئىدى. ئۇ ھاياجانلانغانلىقىدىن ھېرىپ-چارچىغىنىغىمۇ قارىماستىن، بارغانلا يېرىدە تەشۋىق قىلىپ، نۇتۇق سۆزلەپ، جياڭ جېيشىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشى جەريانىدا قايتىدىن خىزمەر كۆرسەتمەكچى بولدى.1962-يىلى10-ئاينىڭ1-كۈنى تەيۋەن گاۋشيۇڭدىن  يولغا چىقىپ، جۇڭگونىڭ خەيفېڭ، خۇيياڭ، خۇيلەي، ديەنبەي، تەيشەن قاتارلىق بەش ناھىيىسىگە يوشۇرۇن ئۆتمەكچى بولغان جياڭ جېيشىنىڭ توققۇز توپ قوراللىق ئىشپىيونىدىن بىر توپى قۇرۇقلۇققا چىقىشقا پېتىنالمىغاندىن باشقا، قۇرۇقلۇققا چىققانسەككىز توپى ۋە گۇاڭدۇڭنىڭ ياڭجياڭ ناھىيىسىدە ھاۋادىن تاشلانغان بىر توپى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى تەرىپىدىن تەلتۆكۈس يوقىتىلىپ، بەرسىمۇ قېچىپ قۇتۇلالمىدى. ئامېرىكا ۋە جياڭ جېيشىنىڭ 13يىل ئىنچىكىلىك بىلەن پىلانلىغان چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش پىلانى مۇشۇنىڭ بىلەن ئۈزۈل-قېسىل بەربات بولۇپ، يولۋاسنىڭ شىنجاڭغا ئۈچىنچى قېتىم قايتىش خام خىيالى كۆپۈككە ئايلاندى. يولۋاس رادىئودىن خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئامېرىكا، جياڭ جېيشىنىڭ دېڭىزدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەن ئىشپىيونلىرىنى پۈتۈنلەي يوقاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كەيپىياتى بىردىنلا ئۆزگىرىپ تۇيۇقسىزلا شامال دارىپ، ھەرتەرەپلىمە قۇتقۇزۇشلارىن كېيىن جېنى ئامان قالغان بولسىمۇ، لېكىن يېرىم پالەچ بولۇپ، مېڭىشتىن، گەپ قىلىشتىن، ئاش-تاماقتىن قېلىپ، پەقەت سېزىمىلا بار ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى.
    يولۋاس گەرچە چاقلىق ئورۇندۇقتا ئۆتۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن تاشقى جەھەتتە گومىنداڭ تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ غەمخورلۇقى بولغاچقا، ئۆز ئۆيىدە ئايالى ليۇ شۇ جېڭ كۆيۈمچانلىق بىلەن كۈتكەچكە، تۇرمۇشتا ھېچقانداق قىيىنچىلىق تارتمىدى. ئۇ كۈچىنىڭ بارىچە، كېسەل بىلەن كۈرەش قىلىپ سالامەتلىكىنىڭ ئەينى يىللاردىكىدەك بولۇپ قىلىشىدەك مۆجىزىنىڭ يارىلىپ قېلىشىنى كۈتتى.
    تولۋاس چاقلىق ئورۇندۇقتا مانا مۇشۇنداق كۈرەش قىلىپ، كۈتۈپ ئۇدا ئون يىلنى ئۆتكۈزدى.
1968-يىلى، يولۋاس 80ياشقا كىرگەندە جياڭ جېيشى ئۇنىڭغا ئۆز قولى بىلەن ئۆمۈر لەۋھەسى ئەۋەتتى. جياڭ جېيشى لەۋھەگە ئۆز قولى بىلەن كەيشۇ يېزىقىدا<ئۆمۈر> دېگەن خەتنى يازدى. لەۋھەنىڭ ئۈستى تەرىپىگە<رەئىس جىڭفۇنىڭ 80ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن>، تېگىگە<جياڭ جۇڭجېڭ>دەپ يازدى.<زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى>نىڭ باش كاتىپى جاڭ چۇن، مۇئاۋىن باش كاتىپى جېڭ يەنجۈن، مۇدىر ھەيئەت چېن تېيفۇ قاتارلىقلار گومىنداڭ مەركىزى كومىتېتىنىڭ ھەيئەتلىرىنىڭ ھەممىسى شەخسەن يولۋاسنىڭ قەسرىگە كېلىپ ئۇنى قۇتلۇقلىدى. ئۆمۈر تورتىنىڭ ئېگىزلىكى1.80سانتىمېتىر بولۇپ، ئۇنىڭ داغدۇغىلىق دەرىجىسى گومىنداڭنىڭ تەيۋەنگە قېچىپ كەلگەندىن  بۇيان تولىمۇ ئاز كۆرۈلگەن بولۇپ، سەكراتتا ياتقان يولۋاسقا ئىنتايىن زور ئىلھام ۋە مەدەت بەردى. لېكىن سالامەتلىكىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى يولۋاسنىڭ ئۈمىدسىز كەيپىياتىنى بارغانسېرى ئېغىرلىتىۋەتتى.
1971-يىلى6-ئاينىڭ باشلىرىدا، سەكتە بولۇپ قالغىنىغا ئون يىلغا يېقىن بولغان يولۋاس تۇيۇقسىز يۈرەك سوقۇشىنىڭ نورمالسىزلىشىپ، يۈرەك دالانچىلىرىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئاشقازان ئىقتىدارىنىڭمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاجىزلاپ كېتىۋاتقىنىنى ھېس قىلدى. ئۇ دەرھال تەيبېيدىكى رۇڭمىن باش دوختۇرخانىسى كېسەلخانىسىدا يېتىپ داۋالىنىپ،20نەچچە كۈندىن كېيىن بارا-بارا ئەسلىگە كەلدى. لېكىن7-ئاينىڭ14-كۈنى سۈيدۈك يولى توسۇلۇپ قېلىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئېشىپ قايتىدىن كېسەلخانىغا كىرىپ قالدى. كېسەلخانىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۆپكە ياللۇغى ۋە مېڭىگە قان قۇيۇلۇش كېسىلى تەڭلا قوزغىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي،7-ئاينىڭ27-كۈنى سەھەر سائەت5تە ئىككى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ئۈمىدسىزلىك، ئۆكۈنۈش ئىچىدە ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلى. بۇ چاغدا ئىككىنچى ئوغلى ياۋداۋخۇڭ، ئۈچىنچى ئوغلى ياۋدامىڭلار ئۇنىڭ بېشىدا بار ئىدى. نەۋرىلىرىدىن ياۋتيەنجى، ياۋتيەنجۈي، ياۋتيەنجېي، ياۋتيەنتەيلەر مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاچقا، تەيبېيدا ئەمەس ئىدى. چوڭ ئوغلى ياۋداۋچاڭ، تۆتىنچى ئوغلى ياۋ داۋگۇاڭلار ھەربىي ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ ئاتىسىنىڭ بېشىدا تۇرۇپ قارىلىق تۇتالمىدى.
  يولۋاس گەرچە ئۈمىدسىزلىك ۋە ئۆكۈنۈش ئىچىدە بۇ ئالەم بىلەن خۇشلاشقان بولسىمۇ، لېكىن گومىنداڭ مەركىزىي كومىتېتى ئۇنىڭغا ئاتاپ داغدۇغىلىق تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى. جياڭ جېيشى ئۆز قولى بىلەن <پېشقەدەمنى ئەسلەيمەن> دەپ تەزىيە لەۋھەسى يېزىپ، ئۈستى تەرەپكە<رەئىس يولۋاس مەڭگۈ ھايات>، ئاستى تەرەپكە <جياڭ جۇڭجېڭ>دەپ يازدى.
  جياڭ جېيشىنىڭ بۇ ئىشى دېڭىز ئارىلىدىكى گومىنداڭ مەركىزىي كومىتىتىنى ىردىنلا لەرزىگە كەلتۈردى. گومىنداڭنىڭ ھەردەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن كىممۇ مىيىتكە قاراپ تاماشا كۆرۈپ ئولتۇرۇشقا پېتىنالىسۇن؟<مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ>يەن جيا چىن دەرھال بۇنىڭدىن ئۈلگە ئېلىپ،<تۆھپىڭىز مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ> دەپ لەۋھە يازدى.<ئەدلىيە مەھكىمە باشلىقى>شې گۇەنسېڭنىڭ لەۋھەسى<تۆھپىڭىز مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ>دەپ يېزىلدى. رېۋىزىيە مەھكىمە باشلىقى لى سىسۇڭنىڭ لەۋھەسىمۇ<تۆھپىڭىز مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ>دەپ يېزىلغانىدى.
  مېيىت مەسچىت ئىچىگە قويۇلغان بولۇپ،<مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ>يەن جياچىن، سابىق<رېۋىزىيە مەھكىمە باشلىقى>يۈيۇرېن،<مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى>جياڭ جىڭگو،<زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ باش كاتىپى>جاڭ چۈن قاتارلىقلار گومىنداڭنىڭ پارتىيە، ھۆكۈنەت، ئارمىيە ئىچىدىكى مۇھىم ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى تەزىيە مۇراسىمىغا قاتناشتى. مىيىتنى ئۇزىتىدىغان كۈنى مېيىت ئۇزىتىشقا قاتناشتۇرۇلغان ماشىنىلار كەينى-كەينىدىن ئۇلىنىپ، مېيىت ئۇزاتقۇچىلار ئۇزۇن سەپ بولۇپ تىزىلىپ، ناھايىتى داغدۇغىلىق كەيپىيات ھاسىل بولدى. تەيۋەندىكى گومىنداڭ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا تەزىيە بىلدۈرۈش دەرىجىسىدىن قارىغاندا، يولۋاس ھەقىقەتەن داغدۇغىلىق ئۇزىتىلغانلارنىڭ بىرى ئىدى.
  1971-يىل9-ئاينىڭ5-كۈنى تيەن جيۇڭجىن، گوجىچاۋ، ماچىڭشياڭ، يۈەن ياۋتېڭ، ما جىيۈەن، گۇاڭ لۇ، جاۋپېي، ئابدۇللا، زۇ شۇپىڭ، چېن يەنجۇڭ، گاۋ چاڭجۇ قاتارلىقلار  يولۋاس ۋاپات بولغانلىقىنىڭ100كۈنلۈكىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى قوزغىدى ۋە تەييارلىق كۆردى. تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىر ھەيئەتلىكىنى تيەن جۇڭجىن ئۈستىگە ئالدى. مۇئاۋىن مۇدىر ھەيئەتلىكىنى گو جىچاۋ، چېن جيەنخۇڭ، گۇاڭ لۇ، جاۋپېي قاتارلىقلار ئۈستىگە ئالدى. تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتىنىڭ ھەيئەتلىرى ھەرقايسى ساھەدىكى جەمئىي168نەپەر زاتتىن تەركىب تاپتى. زۇشۇپىڭ باش ئىش بېجىرگۈچى، گاۋ چاڭجۇ، يۈەن ياۋنىڭ، شۈي خۇەيجى ئۈچ ئادەم مۇئاۋىن ئىش بېجىرگۈچى بولدى. تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتى دەرىجىسىنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە داغدۇغىلىقى جەھەتتە دېڭىز ئارىلىدىكى تەڭ دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئىچىدە ئاز كۆرۈلەتتى.
  تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتى جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرگە ئۇقتۇرۇش چىقاردى. ئۇقتۇرۇش مۇنداق يېزىلغانىدى؛<جۇڭگو گومىنداڭنىڭ باھالاش ھەيئىتى، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى، چوڭ قۇرۇقلۇقنى قايتۇرۇۋېلىش لايىچە-تەتقىقات كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە تىنچىتىش باش قوماندانى يولۋاس ئەپەندى بۇ يىل7-ئاينىڭ27-كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى. ئەتىسى ئىسلام دىنىنىڭ قائىدە-يوسۇنى بويىچە يەرلىككە قويۇلدى. ئەپەندىمنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى قاتنىشالمىدى.11-ئاينىڭ4-كۈنى مەرھۇمنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنىڭ 100كۈنلۈكىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ئۇنىڭ ھايات چېغىدا پىرقە دۆلەتكە قوشقان تۆھپىسىنى تەقدىرلىمەكچى بولۇۋاتىمىز.11-ئاينىڭ4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت30؛9دا، تەيبېي شەھىرى يېڭى ھايات جەنۇبىي يولى ئىككىنچى بۆلىكىدىكى كوللېكتىپ پائالىيەت مەركىزىدە خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكچىمىز. ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلدۇق، ھەرقايسىلىرىنىڭ بىرلىكتە تەزىيە بىلدۈرۈشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز. ھۆرمەت بىلەن>. ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغاندىن كېيىن، گومىنداڭ مەركىزىي كومىتېتى1971-يىلى10-ئاينىڭ29-كۈنى زۇڭتۇڭنىڭ بۇيرۇقىنى جاكارلاپ يولۋاسنى تەقدىرلەپ،
<شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى يولۋاس مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ، چېگرا رايوننى قوغداپ، ئۆچمەس تۆھپىلەرنى كۆرسەتتى. بولۇپمۇ قۇمۇلدىكى خەلق توپىلاڭ كۆتۈرگەن مەزگىلدە ئادالەتنى ياقلاپ، ئەنگلىيە رۇسىيىلىكلەرنىڭ ئېزىقتۇرۇشىنى كەسكىن رەت قىلىپ، زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى كۈچىنىڭ بارىچە قوغدىدى......>دەپ كۆرسەتتى. بۇ تەقدىرلەش بۇيرۇقىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، يولۋاسنى دەپنە قىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشالمىغان گومىنداڭ مەركىزىي كومىتېتىدىكى چوڭ-كىچىك ئەمەلدارلار بەس-بەس بىلەن تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتىغا لەۋھە ئەۋەتتى. ھەتتا خې يىڭچىن، چېن لىفۇ قاتارلىق گومىنداڭنىڭ پېشقەدەملىرىمۇ كەينىدە قېلىشنى خالىمىدى. تەيۋەندە يولۋاسقا تەزىيە بىلدۈرۈش ئىككىنچى قېتىملىق يۇقىرى دولقۇنى قوزغالدى.



http://www.ruclan.cn/bbs/index.php
رۇسلان تورىدىن ئېلىندى
  ئەسلى مەنبەسى قۇمۇل ئەدەبىياتى ژۇرنىلى

 
[ بۇ يازما uyghurtekin تەرىپىدىن 2008-12-13 19:07 دە ]
yol
| ۋاقتى : 2008-12-13 10:07 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 1015ـ كۆرۈرمىنى
tanhakalb1

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 7520
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە2دانە
شۆھرىتى: 3 نومۇر
پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :5(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-12-17
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

يولۋاس ئۇيغۇر تۇرۇپ ئەجەپ  بالىلىرىغا خەنزۇچە ئىسىم قويۇپتىكن-ھە
1som
| ۋاقتى : 2008-12-19 03:20 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1015ـ كۆرۈرمىنى
mavlan

دەرىجىسى :پانسات


UID نۇمۇرى : 1140
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 255
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە255دانە
شۆھرىتى: 289 نومۇر
پۇلى: 2880 سوم
تۆھپىسى: 48 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :340(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-12-22
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

يولۋاسنى كىم ئۇيغۇر دىدى ،مەن يالغانمىكىن دەيمەن !!!  ئادەم بالىسىنى باقساڭ ئاغزى بۇنۇڭنى قان ئىتۇر ،ھايۋان بالسىنى باقساڭ ئاغزى بۇرنۇڭنى ياغ ئىتۇردىگەن شۇدە ، ئۇيغۇر بولسمۇ مىللى بۇناپىق خالاس ،
كاللامدىن ئۆتمەيدىغىنى يولۋاس ،ئابدىكىرىم ئاباسۇۋ دىگەن ئادەملەر ياتلاردىن خوتون ئىلىشقا شۇنداق ئامراقكى ،ھازىرمۇ بۇنداقلار ئازئەمەس ،مىنڭ بىرئاغىنەم بولىدىغان (كۈنمىڭدە ئۆزى ئۇيغۇر ) ئەمما ئايالى يات ئىدى ،شۇ توي قىلغاندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن بولغان دوستلوق مۇناسۋىتىمنى ئۈزشىمگە توغرا كەلدى  ،چۈنكى ئۇ مۇسۇلمان قىلدىم دىگەن دەرۋەقە ئۇ ئۆزىمۇ بۇسۇلمان ئەمەس بولوپ قاپتۇ .  سىزچە مۇسۇلمان بولسىلا بۇلامدۇ ؟ مىنڭ ئەرەب ،پارىس قىزىنىمۇ ئالغۇم يوق !!!!
yol
| ۋاقتى : 2008-12-19 14:00 2 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.066427(s) query 4, Time now is:01-11 09:42, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation