سىز بۇ تېمىنىڭ 374ـ كۆرۈرمىنى
TOXRI
دەرىجىسى :لەشكەر
UID نۇمۇرى : 7436
نادىر تېما :
0
يازما سانى : 5
ئۇنۋان:1 دەرىجە
شۆھرىتى: 10 نومۇر
پۇلى: 90 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :14(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-12-14
ئاخىرقى : 2008-12-25
|
بۈگۈرنىڭ قەدىمقى نامى توغرىسىدا تەتقىقات(قىسقارتىلمىسى)
|
|
|
|
[p][/p]بۈگۈر ناھىيىسى شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ،قۇرغاق تەكلىماكاننىڭ شىمالى ئېتىكىدىكى،جۇغراپىيىلىك شارائىتى بىر قەدەر ياخشى ناھىيىلەرنىڭ بىرى.ئۇنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىنىڭ مۇھىملىقى،ئۇنى شىنجاڭ قەدىمقى تارىخىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار چوڭراق سىياسى ئىشلار ئارقىلىق تارىخ سەھنىسىگە چىقاردى.شۇنداق بولغاچقا،تارىخى خاتىرىلەردە ئاللىبۇرۇن كۆرۈلۈشكە باشلىغان.دۆلەت ئىچى،سىرتىدىكى ستەييىن،خۇاڭ ۋېنبىڭ قاتارلىق ئالىملار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بۈگۈردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.كېيىن ،بولۇپمۇ1980-1981-يىللىرى،شىنجاڭ مۇزېيى ئارخېلوگىيە تەكشۈرۈش ئورنى بىلەن بۈگۈر ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى بىرلىكتە ،ناھىيە تەۋەسىدە ئارخېلوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەمدە خۇاڭ ۋېنبىڭ ئوتتۇرىغا قويغان قۇيچىن؟ قەدىمىي شەھرى بۈگۈر دۆلىتىنىڭ پايتەخت خارابىسى دىگەننى ئىسپاتلاپ چىققان. ئىلگىرى "ئۇرى"دىگەن ئاتالغۇنى تەتقىق قىلغانلار بۇنى ھۇن تىلى،تۈرك تىلى دەپ قارىغان.مەن قەدىمىي ساك تىلى لۇغىتى ۋە خوتەن ساك تىلى يازمىلىرىدىكى ماتىرىياللارغا ئاساسەن مۇنداق يەكۈن چىقاردىم:تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى "رۇمتاي"بىلەن جەنۇبىدىكى"رۇمتاي"بىر سۆز يىلتىزىغا تەۋە،ئككىلىسى" ئىرۇ"(لاتىن يېزىقىنى كىرگۈزەلمىدىم) نى سۆز يىلتىزى قىلغان، مەسلەن: تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى رۇمتاي ساكچە"ئىرۇمسىنا"نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، "ئىرۇ"نىڭ مەنىسى "سۆگەت،ئورمان"دىگەن مەنىدە.<<كونا تاڭنامە.جۇغراپىيە تەزكىرىسى>>دە خاتىرلەنگەن ئىككى"رۇمتاي"نىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى بايانلار ھەرگىزمۇ ئاساسسىز ئەمەس،بۇنىڭ ئاساسى بەلكىم ئىككى ئىسىمنىڭ ئاھاڭىدىكى ئوخشاشلىق بولۇشى مۈمكىن."ئۇرى"دەل"ئىرۇ"سۆزىنىڭ يېقىن ئاھاڭ تەرجىمىسى.گەرچە قاراخانىلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى "بۈگۈر"كېيىنكى نام بولسىمۇ،ئۇلار ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بار. گەرچە مېنىڭ تەتقىقاتىمدا يېڭىلىق ئاز بولسىمۇ،بۇ خۇلاسە ئىككى "رۇمتاي"نىڭ نامىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلاردىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلىيالايدۇ.مەسلەن:ئىلگىرىكى تەتقىقاتلار "بۈگۈر"ۋە"بۈگۈر قورغىنى"نى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئىزاھاتى بىلەن باغلاشتۇرۇپ تەتقىق قىلمىغان.ھەتتا بەزىلەر "بۈگۈر"نى تېكىنلەرنىڭ تارمىقى بولغان "بۇگۇ"قەبىلىسى بىلەن باغلاشتۇرۇپ"بۆرەك"دەپ ئىزاھلىغان. (ئەسكەرتىش:خەنزۇچە كىرگۈزەلمىگەچكە "لۇنتەي"،"ۋۇلېىي"دىگەنلەرنى"رۇمتاي"،"ئۇرى"دەپ كىرگۈزۈپ قويدۇم) <<جۇڭگو غەربى دىيار كرورانشۇناسلىق ۋەئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى >>دىگەن توپلامدىن تەرجىمە قىلىندى. ئاپتورى:شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىدىن-------يۇنۇس مۇئەللىم(كەچۈرۈڭ رۇخسىتىڭىزسىز تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم) |
|
|
|
|
|
|