نۆۋەتتىكى تېما : قەدىمى يۇرت‹‹ چەرچەن››  نامى توغرىسىدا    مۇلاھىزە تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 449ـ كۆرۈرمىنى
قۇتقۇش

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 2197
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 13
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە13دانە
شۆھرىتى: 20 نومۇر
پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-05-18
ئاخىرقى : 2008-12-20

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 قەدىمى يۇرت‹‹ چەرچەن››  نامى توغرىسىدا    مۇلاھىزە

                                     قەدىمى يۇرت‹‹ چەرچەن››  نامى توغرىسىدا    مۇلاھىزە
                                                              تۇرسۇن ئابابەكرى

                                 دىيارىمىز چەرچەن قەدىمى جايلارنىڭ بىرى.دىيارىمىزنىڭ مۇبارەك تۇپرىقىدا  كۈمۈلۈپ ياتقان قەدىمى ئىزلار.مىھرى ئىسسىق قوينىغا سىڭدۇرگەن تارىخى قىسمەتلەرنىڭ خىلمۇ-خىل مۇساپىلىرى تۇلىمۇ سىرلىق.تېخى يېقىنقى ۋاقىتلاردا ئاشكارا بولغان زاغۇنلۇق قەدىمى قەبىرستانلىقى ۋە قۇم تىگىدە قالغان قەدىمقى دەريا-ئېقىن  بويلىرىدىن ئارقىمۇ-ئارقا بايقىلۋاتقان قەدىمقى ئىزلار نىڭ ئارخولوگىيىلىك پاكىتلىرى بۇنى ئىسپاتلايدۇ.ئەمما دىيارىمىز جۇغرافىيىلىك جايلىشىش ئورنىنىڭ رايونىمىزنىڭ ئەڭ چېتىگە جايلاشقانلىقى سەۋەبىدىن بۇ مۇبارەك يۇرت ھەققىدىكى تارىخ خاتىرىلەر بەك ئاز ۋە يۇزەكى، شۇڭا تارىختا  ئىلگىرى بۇ جايدىن ئوتكەن ئاز بىر قىسىم سەيياھلارنىڭ  پارچە-پۇرات بايانلىرى ۋە بۇ بايانلارغا بەزىلەرنىڭ ئۆزلىرىچە بەرگەن  تەبىرلىرى ،مۇھاكىمە پەرەزلىرى    بۇ جاينىڭ تارىخى بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ    . 80-يىللاردىن باشلاپ بىر قىسىم ئىزدەنگۇچىلەر بۇ خىلۋەت يۇرت ھەققىدە بىر قاتار قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.بۇ جايدىن قېزىۋېلىنغان ئارخولوگىيىلىك ماددى ئىسپاتلارغا ئاساسەن بۇ جاينىڭ تارىخى ھەققىدە ئىزدەندى.بۇ  ئارقىلنق بۇ جاينىڭ سىرلىق تارىخىنىڭ چۇمپەردىسى  ئاز-تۇلا ئېچىلغان بولدى .  ئەمما ئىزدەنگۇچىلەر ئارىسىدا تا ھازىرغىچە ئەڭ كوپ تالاش-تارتىش بولغان تېما ‹‹چەرچەن ››نامى توغرىسدىكى قاراشلاردۇر.ھازىرغىچە قەدىمى يۇرت چەرچەن نامى توغرىسىدا مۇنداق بىر قانچە قاراش بار.
(1)    ‹‹چەرچەن›› قەدىمقى كىروراننىڭ كىيىنكى نامى ‹‹شان شان››(鄯 善 ) دېمەكتۇر.
مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 77 – يىلى خەن سۇلالىسى خەنجەرۋازى فۇ جېزى باشچىلىقىدىكى بىر بۆلۈك ئەسكەرنى ئىبەرتىپ، كروران پادىشاھى ئامگوكانى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن . خەن سۇلالىسى ئۆزىدە تۇرغاق بولۇپ تۇرىۋاتقان ئۇتۇشنى خان قىلىپ تىكلەپ ئوردا ئايىملىرىدىن بىرنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلغان . بۇرۇنقى كروران خانىنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە يېقىنلىرى كروران شەھىرىدە ياشاۋاتقان بولغاچقا، ئۇتۇش كروران شەھىرىدە تۇرالماي ھازىرقى چاقىلىق ناھىيىسىدىكى مىرەن كونا شەھىرى ۋە چاقىلىق ناھىيە بازىرى ئەتراپلىرىنى مەركەز قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن . شۇ دەۋردە بۇ ھاكىمىيەتنىڭ نامى (鄯善) دەپ ئاتالغان. بۇ خانلىق مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 77 – يىلىدىن مىلادىيە 5 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بەش ئەسىردىن ئارتۇق داۋام قىلدى. بۇ خانلىق ھاكىميەت يۈرگۈزگەن دەۋرلەردە خەن سۇلالىسىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق بارغانسىرى كۈچيىپ،ئۆز ئەتراپىدىكى قەدىمقى يۇرتلاردىن چەرچەن، نىيە ۋە كىيىنكى مەزگىللەردە قۇم تىگىدە قالغان يەنە نۇرغۇن شەھەر-راباتلارنى تەسىر دائىرىسىگە ئالدى. خانلىق نامىغا خەن سۇلالىسى بەرگەن نام ‹‹鄯善 ›› نى  خانلىق نام قىلدى. ‹‹鄯善 ›› دىگەن بۇ نام ئەمەلىيەتتە ھونلار بىلەن خەن سۇلالىسىنىڭ غەرىبى رايو ندىكى ئسستراتىىگىيىلىك قاتناش تۈگۈنى بولغان كىروران خانلىقىنى تالىشىش دىپلوماتىيىسىنىڭ غەلبىلىك تاماملانلىقىنىڭ مەھسئۇلى بولۇپ. تارىختا ئىزچىل تۇردە ھازىرقى چاقىلىق تەۋەسىدىكى  مىران ئەتراپىدا قۇرۇلغان خانلىقنىڭ نامى بولۇپ كەلگەن ئىدى.  ‹‹چەرچەن›› -‹‹شان شان ›› دىمەكتۇر دىگۇچىلەر خەن سۇلالىسى ئىنئام قىلغان بۇ سىياسى نامنى ئۆز ۋاقتىدىكى يەرلىك خەلىقنىڭ ئاتاش ئادىتى ۋە ئاھاڭ تەلەپپۇزى بۇيىچە خاتىرلەنگەن نامدۇر ( چەرچەن نامىنىڭ ئاھاڭ تەلەپپۇزىدۇر). خەنزۇچە نام ئەمەس دەپ قارايدۇ.ھەمدە ‹‹شان شان››نى ‹‹چەرچەن›› نامى دىمەكتۇر دىيىشكە ئاساس قىلىپ مۇشۇ رايوندىكى مىلادى 440-يىلىلرىنىڭ باشلىرىدىكى شان شان ئاھالىسىنىڭ ئۇرۇش مالمانچىلىقى تۇپەيلىدىن  كۆچۇش ئەھۋالىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ. ئەمما بۇ ھەققىدىكى تارىخى خاتىرلەردىكى بايانلاردا ئاھالىنىڭ كۆچكەن  ۋاقتى ،ئورنى ۋە سەۋەبى مەسىلىسىدە بىردەكلىك يوق. ‹‹ۋېينامە.غەرىبى يۇرت تەزكىرىسى››دە:‹‹تەيپىڭنىڭ جىنجۇن3-يىلى(مىلادى 442-يىلى) 4-ئايدا ئۇرغۇ تۇمەن ئادىمىنى دۇنخۇڭغا تاشلاپ،غەرىبكە يۇرۇپ كەتتى.ئارگۇ تېخى يىتىپ بارماي تۇرۇپ، پىشامشان(شان شان) خانى قورقۇپ كىتىپ،تۆتمىڭ ئۆيلۈكتىن ئارتۇق ئادىمىنى باشلاپ چاقىلىققا قاچتى،ئۇنىڭ تەخىت ۋارىسى قۇتقۇ ئەرگۇغا ئەل بولدى،خانلىق تازا مالىمانلاشتى،ئۇرغۇ پىشامشاننى(شانشاننى) ئىشغال قىلدى .›› ،{‹‹ شىنجاڭ ئىجىئمائى پەنلەر تەتقىقاتى›› 1996-يىلى2-سان .شۇزۇڭجېڭنىڭ‹‹جۇرجان خانلىقىنىڭ رۇناق تېپىشى ۋە ھالاك بولىشى<< دىگەن ماقالىسىغا ئالغان نەقىل} .‹‹ۋېينامە.102-جىلىد.غەرىبى يۇرت تەزكىرىسى›› دە بولسا:«ۋېي پادىشاھى شىزۇنىڭ تەيپىڭنىڭ جىنجۇن3-يىلى(مىلادى 442-يىلى) ئەتىيازدا شان شان بىگى بىرون غەربكە قاراپ قېچىپ، چەرچەنگە پانا ئىزدەپ باردى.›› دىيىلگەن. يەنە ‹‹جىننامە›› دىكى بايانلاردا ‹‹شىزۇ تەيۋۇدى تەيپىڭنىڭ جىنجۇن3-يىلى(مىلادى 442-يىلى)  شان شان بىگى بىرون  جۇرچى ئارگۇنىڭ پاراكەندىچىلىكىدىن قورقۇپ ئەلنىڭ يېرىمىنى باشلاپ چەرچەنگە قېچىپ كەلگەن.›› دىيىلگەن. يەنە بىر قىسىم تارىخى خاتىرلەردە :‹‹ مىلادىيە 445 – يىلى دۇخاندىن چىققان جۇرچى ئۇرغۇنىڭ تۈمەن كىشىلىك ئېچىرقىغان ئادەملىرىنىڭ پاراكەندىچىلىگىدىن قۇرققان شان شان خانى بەگروڭ 4000 ئائىلىدىن ئارتۇق ئاھالىنى باشلاپ  چەرچەنگەكۆچتى، ....››دىيىلگەن ۋاھاكازالار....يۇقارقى بايانلارغا زىت ھالدا يەنە‹‹شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى›› دا ‹‹ مىلادى 439-يىلى پادىشاھ تەيۋۇدى خېشىنى بېسىۋالىدۇ . جۇرجى مۇنسۇننىڭ ئىككى ئوغلى جۇرجى ئورغۇ ۋەجۇرجى ئەرگۇ4000 ئائىلىك ئادىمىنى باشلاپ ئاۋال پىشامشان(شان شان) غا (لوپنۇر كولى يېنىغا)،كىيىن قۇچۇغا كۆچۇپ بارىدۇ.بۇ جايدا جۇرجانلار بىلەن تۇزگەن ئىتتپاققا ئاساسەن مىلادى 460-يىلغىچە تۇرىدۇ››دىيىلىپ،باشتا بىز مىسال ئالغان مىلادى 440-يىللىرىنىڭ باشلىرىدىن بۇرۇنلا(439ـيىلى)  جۇر جى ئورغۇ 4000ئائىلىك ئادىمىنى باشلاپ  قۇچۇغا كۆچۇپ تاكى مىلادى 460-يىللىرىغىچە تۇرغانلىقىنى كۆرسىتپ ئوتىدۇ. (بۇيەردە مىلادى 460-يىللىرىگىچە جۇرجانلار بىلەن ئىتتىپاق تۇزۇپ قۇچۇدا تۇرغان جۇرجى ئورغۇ  قانداق قىلىپ  شان شان بىگى بەيرىننى مىلادى 442-يىلى   چەرچەنگە قېچىشقا مەجبۇر قىلىدۇ؟)يەنە بىر قىسىم تارىخى ماتىرياللاردا  مىلادى 443-يىلى شىمالى لىياڭ چۇچى سى غەرىبكە ھۇجۇم قىلىپ، شان شاننى بېسىۋالغان،4000 ئەتراپىدا ئادىمىنى باشلاپ گاۋچاڭ(ئىدىقۇت) غا كىرگەن. شۇڭا تۇرپان ۋەسقىلىرىدە 鄯 فامىلىكلەر كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ دىيىلگەن بولسا،يەنە بەزى تارىخى ماتىرياللاردا ئۆز ۋاقتىدىكى شان شانلىقلار مۇنداق ئۇچ يۈنۇلۇش بۇيىچە كۆچكەن دىيىلىپ: 1-يۈنۈلۇش-جەنۇپ تەرەپكە كۆچكەن بولۇپ،ھازىرقى چاقىلىق ئەتراپلىرىغا بارغان.2-يۈنۈلۇش-غەرىبكە كۆچكەن بولۇپ،ھازىرقى لوپنۇر ئەتراپلىرىغابارغان.3-يۈنۈلۇش(ئاھالىنىڭ كۆپرەكى ) –شىمالغا كۆچكەن بۇلۇپ،ھازىرقى پنچان ناھيىسى ئەتراپلىرىغا بارغان .كىروران(كىيىنكى شان شان) پىچانغا ئەڭ يېقىن ئىدى.دىيىلگەن.يەنە بەزى تارىخى مەنبەلەردە:‹‹مىلادى470-يىلى تۇيغۇنلار شىمالى ۋېي بىلەن بىرلەشتى تۇيغۇنلار شان شانغا كۆچۇپ ئولتۇراقلاشتى،بۇ مەزگىللەردە شان شانلىقلارنىڭ بىر قىسمى چىڭخەي(كۆكنۇر) غا كۆچتى،بىر قىسمى قارا شەھەردىن ئوتۇپ  پنچان ئەتراپلىرىغا كۆچۇپ ئولتۇراقلاشتى. ئۇلارنىڭ يەر نامىلىرىمۇ بىللە شۇ جايغا كۆچتى.ھازىرقى پنچاننىڭ شان شان(鄯善) دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى مۇشۇ.يەنە بىر قىسمى  ئىدىقۇت(ھازىرقى تۇرپان شەھىرى) گە كۆچۇپ ئولتۇراقلاشتى. دىيىلگەن.دىمەك ، كىروران ۋە كىرور اننىڭ كىيىنكى ‹‹ شان شان  ››ئاھاللىرى نىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى شەھەر راباتلارغا كۆچۇش ھەققىدىكى تارىخى بايانلار دا بىردەكلىك يوق. يۇقىردا مىسال ئالغان  بايانلاردا شان شاندىن چەرچەنگە كۆچكەن ئاھاللارنىڭ كۆچكەن ۋاقتى ئېنىق ئەمەس ( بىرسىدە مىلادى 442- يىلى 4-ئايدا دىيىلسە ،يەنە باشقىلىرىدا مىلادى 445-يىلى دىيىلگەن).ئورنىدىمۇ مەسىلە بار(باشتا ئالغان نەقىلدە چاقىلىققا قاچتى  دىيىلگەن).ئۇندىن باشقا شان شان –چەرچەن دىمەكتۇر دەپ نەقىل ئالغۇچى مىلادى 442-يىلى(نەقىل ئالغۇچىنىڭ يىل دەۋى) دىكى شان شان نىڭ نۇپۇسى مەسىلىسىدىمۇ ئېنىقسىزلىق بار.نەقىل ئالغۇچى مىلادى 442-يىلى شان شان نىڭ نوپۇسىنى 100مىڭ دەپ ئالغان،مىنىڭچە كىروراندىن كىيىنكى شان شان خانلىقىنىڭ  تەۋەسىدىكى  ئومۇمى نوپۇسى دىيىلگەن تەغدىردىمۇ ، مۇناسىۋەتلىك تارىخى مەنبەلەردىكى نوپۇس ئىستاسىتكا مەلۇماتلارغا قارىغاندا بۇ سان بىر پەرەزدىن ئىبارەت خالاس.  ‹‹ۋېينامە ››ۋە‹‹شىمالى سۇلالىلار تارىخى››دىكى بايانلاردا «شان شان鄯善››نامى ‹‹ناشان鄯娜›› دەپ خاتىرلىنىپ ئۆز ۋاقتىدىكى (مىلادى 442-يىلىدىكى) ئومۇمى نوپۇس 8مىڭ دىيىلگەن بولسا،‹‹لىياڭنامە.54-جىلىد›› ‹‹شان شان بەگلىكى تەزكىرىسى››دە :شان شان نوپۇسى 4مىڭ دەپ خاتىرلەنگەن  ۋە ئاخرىدا بۇ سان مىلادى 442-يىلىدىكى نوپۇس سانىدۇر دەپ ئىزاھلانغان.ئۇندىن باشقا  مىلادى 440-يىللرىنىڭ باشلىرىدا چەرچەنگە كۆچكەن ئاھالىنى بەزى خەنزۇچە تارىخى ماتىرياللاردا4000ئاھالە ياكى خەلىق توپى(四千多民众) دىيىلگەن  بولسا، يەنە بەزى تارىخى ماتىرياللاردا 4000 ئۆيلۈك(四千余家)دىيىلگەن ،.دىمەك ‹‹شان شان›› ‹‹ چەرچەن ››دىمەكتۇر دىگۇچىلەر نىڭ“: ئۆز ۋاقتىدىكى چەرچەننىڭ نوپۇسى ئىنتايىن ئاز ئىدى ،شان شاندىن كۆچۇپ بارغانلار نوپۇس جەھەتتىن كوپ بولغاچقا،چەرچەننىڭ ئىلگىرىكى نامى چالماداننى سىقىپ چىقىرىپ ‹‹شان شان›،نى نام قىلغان . بۇ دەل ھازىرقى ‹‹چەرچەن›، نامىدۇر ياكى ‹‹شان شان››ھازىرقى ‹‹چەرچەن›نىڭ ئاھاڭ تىرانسىىكىرىپىيىسىدۇر “دەيدۇ.مىنىڭچە بۇ خىل قاراش قانداقتۇر يېڭى قاراش بولماستىن ، ئىلگىرى بىر قىسىم بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇرچە ‹‹چەرچەن›› نامىنى ئاھاڭ جەھەتتىن ‹‹شان شان›› ئاتالغۇسىغا يېقىن كېلىدۇ،ھەمدە بىر مەزگىل تارىختىكى ‹‹شان شان›› خانلىقىغا قارام بولغان ، ھازىر ‹‹چەرچەن ›، دەپ ساقلىنىپ قالغان دىگەن يۇزەكى قارىشى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىققان كونا قاراشتۇر. ‹.چەرچەن›› نامى خاس ئۇيغۇرچە نام . ئۇنىڭ ئۇستىگە ‹.چەرچەن›› نامى چەرچەن دەرياسى نامى بىلەن زىچ باغلانغان.تارىختا چەرچەن دەرياسى ھېچقاچان ‹‹شان شان دەرياسى ››دەپ ئاتىلىپ باقمىغان.  چەرچەن شان شان دىمەكتۇر دىگۇچىلەر  تارىختىن بۇيانقى بۇ جايغا ھۇكۈمىرانلىق قىلغان  سىياسى كۇچلەرنىڭ ھەر خىل مۇدىئا-مەقسەتلىرى ئاساسىدا ھەر قايسى دەۋرلەردە بۇ قەدىمى جايغا بەرگەن  نام –ئاتالغۇلىرىغا نەزەر سېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن . يەنى چەرچەننىڭ ئەڭ قەدىمى نامى ‹‹سارمادان››دىن كىيىنكى ھەر قايسى دەۋرلەردىكى ناملىرىدا چەرچەننى ئاتالمىش‹‹شان شان›› دەپ ناملانغان نام ئۇچرىمايدۇ. ‹‹سۇينامە.24-جىلىد .ئۇزۇق تۈلۈك تەزكىرىسى›› دە:‹‹سۇي ياڭدى دايى5- يىلى (مىلادى 609-يىلى) غەرىبى يۇرۇتتا شىخەي، پىشامشان، چەرچەن ۋىلايەتلىرى تەسس قىلىندى›› دىيىلگەن بولسا،  ‹‹سۇينامە.29-جىلىد.جۇغرافىيە تەزكىرىسى›› دە:‹‹...پنشامشان ۋىلايىتى سۇي ياڭدى دايى5-يىلى (مىلادى609-يىلى)تۇيغۇنلار تىنجىتىلغاندىن پىشامشان شەھىرىدە تەسس قىلىندى.پنشامشان ئەسلى كىروران قەدىمى شەھىرىدۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە چەرچەن،شىخۇي،خېيۋەن قاتارلىق توت ۋىلايەت تەسس قىلىنغان.پىشامشان ۋىلايىتى- تەۋەسىدە لوپنۇر كۆلى،  كۆنچى دەرياسى بار بۇلوپ،قارمىقىدا شەنيىۋۇ ناھيىسى ۋە خېيۋەن ناھيىسى بار. چەرچەن ۋىلايىتى-قەدىمى چەرچەن شەھرىدە تەسس قىلىنغان.تەۋەسىدە چەرچەن دەرياسى،ئاياغقۇم كۆلى بار. قارمىقىدا سۇنىڭ ناھيىسى ۋە فۇرۇڭ ناھيىسى بار.›› دىيىلگەن.دىمەك،يۇقارقى بايانلاردىن مەلۇمكى،قەدىمى يۇرت چەرچەن تارىختىن بۇيان ئىزچىل ‹‹چەرچەن›› دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرچە نامدۇر. چەرچەن بەزىلەرنىڭ دەۋالغىنىدەك  )خەنزۇچە‹‹شان شان›› نامى بىلەن ئاتالغۇ باغلىنىشى يوق.چەرچەننى ‹‹شان شان›› دەۋالغۇچىلار چەرچەننىڭ ‹‹چۇرچان›› دەپ ئاتىلىشى ھەققىدىكى مۇلاھىزىسىدىمۇ  چەرچەننىڭ تىپىك ئۇيغۇرچە نام ئىكەنلىكنى كوپلىگەن تىل ئامىللىرى ئارقىلىق كۆرسىتىپ ئۇتىدۇ. يېقىندا مەن شاڭگاڭلىق بىر سۇدىگەرنىڭ دىيارىمىزدىن ئېلىپ كەتكەن (چەرچەن زاغۇنلۇقتىن تېپىلغان) ‹‹沙昌阳侯大安相印›› دىگەن خەت ئۇيۇلغان ساپال تامغا ھەقىقىدىكى ئۇچۇرىنى كۆرۇپ قالدىم. (دەۋرى  چىن 秦سۇلالىسىغا  تەۋە)ئۇچۇر بەرگۇچى :‹‹ بۇ تامغىدىكى沙昌 ھازىرقى چەرچەن ناھيىسىنى كۆرسىتىدۇ.جۇڭگۇنىڭ غەربى دىياردىكى مىللەتلەردە تۇركى تىل سېستىمىسىدىكى تىل قوللۇنۇلغان.تۇركى تىلدا沙غا يېقىن كىلىدىغان 杀 ۋە 約 بار.      杀ياكى約(sad) تۇركى تىللىق خاقاننىڭ بىر تۇرلۇك نامى بولغان. 約 دىگەن  بۇ خەتنى烁 دەپ ئوقۇشىمۇ بولىدۇ. شۇڭا  ‹‹約昌 ››  ‹‹昌 烁 ››،‹‹沙昌›› يەنى朱里章   车尔臣 دەپمۇ ئۇقۇشقا بولىدۇ....›› دەپ ئوتىدۇ.دىمەك، ‹‹چەرچەن›› دىگەن بۇ قەدىمى يۇرتنى قانداقتۇر ‹‹شان شان› نىڭ ئاھاڭ تىرانسىىكىرىپىيىسىدۇر دىيىش بىر خىل پەرەزدىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن باشقا تارخنامىلاردىكى بايانلاردا تەخمىنەن مىلادى350-يىللاردىن كىينكى دەۋرلەردەدىن باشلاپ چەرچەن دەرياسى ئۆز ئېقىنىنى ئۆزگەرتكەچكە،چەرچەنلىكلەر تەرەپ-تەرەپكە كۆچۇشكە مەجبۇر بولغان،ئىلگىركى باغۇ-بوستانلىقلارنى قۇم بېسىپ كەتكەن. پەقەت ئازلابىر قىسىم ئاھالىلار ئوۋچىلىق. چارۋىچىلىققا تايىنىپ ياشىغان.قەدىمى چەرچەندە ياشاش مۇھىتى بارغانسىرى تارىيىشقا باشلىغان.بۇنداق بىر جۇغرافيىلىك شارايىتتا بەزىلەر  كۇتىرىپ چىققان‹‹شان شان دىن كۆچكەن ئۇنچە كۆپ ئاھالىلار››  نىڭ ‹‹شان شان›› نامىنى چەرچەنگە كۇتىرىپ كىلىپ،قانداق ياشىغانلىقى ھەققىدە بىر نىمە دىيىش تەس.
2.‹‹چەرچەن›› دىگەن بۇ يۇرت نامى«چاڭ قەبىلىسىنىڭ قەبىلە باشلىقىنىڭ نامىدىن كەلگەن» دىگەن قاراش.بۇ خىل قاراش خەنزۇچە  چەرچەن تارىخى ماتىرياللىرىدا تارىخشۇناس سۇبىخەي ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن مەيدانغا چىققان قاراش بۇلۇپ،ھازىرغىچە  خەنزۇچە يېزىقتىكى چەرچەن ھەققىدىكى ماتىرياللاردا شۇنداق چۇشەندۈرۈلۋاتىدۇ ۋە خەنزۇ لارئارىسىدا بازار تېپىۋاتىدۇ. بۇخىل قاراشتىكىلەر بۇ قارىشىغا چەرچەننىڭ ‹‹ئاتچان››تاغ رايوننى خەنزۇچە ئاھاڭ بۇيىچە ‹‹阿羌››دەپ خاتىرلىۋالغانلىقىنى  ئاساسى   ئىسپات قىلىپ كۈتىرىپ چىقىدۇ.ئەمەليەتتە بۇ دىيارىمىز يەر ناملىرىغا قىلىنغان زور تارىخى مەسئۇليەتسىزلىك بۇلۇپ،ئەمەليەتتە قەدىمى يۇرت چەرچەن نامىنىڭ چاڭ قەبىللىرى بىلەن ھېچقانداق نام-ئاتاق مۇناسىۋىتى يوق.شۇنىڭدەك،‹‹ئاتچان›› تاغ رايۇنىمۇ تارىختا ھېچقاچان ‹‹ئاچاڭ›› دەپ ئاتىلىپ باقمىغان.باشتىن-ئاياق ‹‹ئاتچان››(ئارتچان) دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.ھەم شۇنداق ئاتىلۋاتىدۇ.ئاتچان تىگى تەكتىدىن ئېيتقاندا بىر جۇغرافىيىلىك قەدىمى ئۇيغۇرچە نامدۇر.
3.‹‹چەرچەن››دىگەن بۇ ئاتالغۇ ‹‹جۇرجان قەبىلە نامىدىن كەلگەن›› دىگەن قاراش. جۇرجان دىگەن نام مىلادى 4-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يەنى تۇۋا قەبىلىسنىڭ دەسلەپكى خانلىرىدىن بولغان تۇۋا چۆرۆ(مىلادى304-316يىللار) دەۋرلىرىدە مەيدانغا كەلگەن.جۇرجانلار 4-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كۈچىيىپ،5-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغاكەلگەندە تارىم ئويمانلىقنىڭ ھۆكۈمىرانىغا ئايلانغان.ھەمدە 5-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغا كەلگەندە چەرچەننى ئۆز ئىشغالىيتىگە ئالغان.جۇرجانلار تەخمىنەن بىر يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك تارىم ئويمانلىقىغا ھۆكۈمىرانلىق قىلغاندىن كىيىن 6-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىغا كەلگەندە ئۆز سەلتىنىتىنى يوقاتتى.‹‹چەرچەن›، نامىنى ‹‹جۇرجان››› نامىدىن كەلگەن دىگەن قاراش مۇشۇ تارىخى يىلتىز ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن قاراشتۇر.جۇرجانلار گەنسۇ(كەڭسۇ) ئولكىسىنىڭ دۇڭخۇاڭ(دۇخان،دەشىت ئاتا) بىلەن جاڭيى قەلئەسىنىڭ شىمالىدا پايتەخىت قۇرغان.ئۆز زامانىسىدا قەدىمى چەرچەن دىيارىمۇ جۇرجانلار ئىلكىدە خېلى ئۇزاق بىر مەزگىل ئىستىرادىگىيىلىك ئۇرۇندا تۇرۇپ ،ئەتراپتىكى خوشنىلىرى بىلەن جۇرجان ھاكىميىتىنىڭ ئاساسى تۇۋرىكى بولغان ئىدى.شۇڭا ‹‹چەرچەن›› ئاتالمىسىنى ‹‹جۇرجان ››دىگەن نامدىن كەلگەن دىگەن قاراشنى يىنىكلىك بىلەن رەت قىلۋېتىشقا بولمايدۇ دەپ قارايمەن.چۇنكى جۇرجانلار نىڭ بىر ئەسىردىن كۆپرەك شانلىق تارىخى  ئىزلىرى تارىم ئويمانلىقىنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان قەدىمى يۇرت ناملىرى ۋە قۇم تىگىدە قالغان شەھەر-راباتلار بىلەن زىچ تارىخى مۇناسىۋەتكە ئىگە.بەزىلەر ‹‹جۇرجان›› نامىنى ‹‹چۇرچان››دىمەكتۇر.بۇنىڭ قەدىمى يۇرت ‹‹چەرچەن›› نامى بىلەن  تارىخى باغلىنىشى يوق دەيدۇ.تىل نوقتىسدىن ئالغاندا تۇركى تىللاردا ‹‹چ›› بىلەن‹‹ج›› نىڭ جېق پەرىقى بولمىغان. ( تىلشۇناس بوۋىمىز مەھمۇد قاشقىرى نىڭ   مەشھور ئەسىرى  ‹‹ دىۋانى لۇغاتى تۇرك ›› ۋە باشقا كىلاسسكلىمىزنىڭ قالدۇرغان ئەسەرلىرىدىكى ‹‹چ››ۋە ‹‹ج›› فونىمىلىرىنىڭ پەرىقسىز قوللىنىشى بۇنىڭغا مىسال بوللايدۇ
4.‹‹چەرچەن››دىگەن دەريا نامىدۇر.يەنى مۇشۇ يۇرتتىكى چەرچەن دەرياسىنىڭ نامىدىن كەلگەن دىگەن قاراش. بۇ خىل قاراشمۇ ئەملىيەتكە ئۇيغۇن بولۇپ،تارىم ئويمانلىقىدا بولۇپمۇ تۆت ئەتراپى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ قۇم بورنى تەھدىتى قۇرشاپ تۇرغان بوستانلىقلاردا دەريا-ئېقىنلارنىڭ،بولۇپمۇ سۇنىڭ مۇھىملىقى ھەممەيلەنگە ئايان.چەرچەن دىيارىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى مۇساپىلىرىدە ئەجداتلىمىز ئىزچىل تۇردە ئانا دەريا- چەرچەن دەرياسىنى ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىق جان تۆمۇرى دەپ بىلگەن، مۇشۇ دەرياغا تايىنىپ باغۇ-بوستانلىقلارنى بەرپا قىلىپ، تارىخنى تارىخقا ئۇلىغان ئاۋۇپ كۆپەيگەن.ئۇندىن باشقا نوۋىتى كەلگەندە شۇنى قەيىت قىلىشقا توغرا كىلىدۇكى، چەرچەن دىيارى نىڭ غەرىبدە ‹‹مۆلچەر دەرياسى›› دىگەن چوڭ بىر دەريا بار.بۇ دەريانىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىنلىرىدا قەدىمى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئىپتىدائى ئىزلىرى ساقلانغان. تارىختا چەرچەن ئاھالىلىرى چەرچەن دەريا ۋادىلىرى ۋە مۆلچەر دەريا  ۋادىلىرىدا باغۇ-بوستانلىقلارنى بەرپا قىلىغان.  چەرچەن دەرياسى ئۆز ئېقىنىنى ئۆزگەرتكەن(سۇ مەنبىئى ئۈزۈلۈپ قالغان) دەۋرلەردە، مۆلچەر دەريا ۋادىلىرىغا كۆچكەن،  مۆلچەر دەرياسى ئۆز ئېقىنىنى ئۆزگەرتكەن دەۋرلەردە  چەرچەن دەرياسى ۋادىلىرىغا كۈچۈپ ئولتۇراقلاشقان.دىمەك، بۇ ئىككى دەريا نى قەدىمى چەرچەن دىيارىنىڭ تا ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى ۋە   تارىختا ئىزچىل تۇردە ‹‹چەرچەن›› دەپ ناملىنىشىدا نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ ،ئەلبەتتە. بەزىلەريەنە ئەسلىدىكى ‹‹شان شان›› دەپ ناملانغان ئىلگىرى سارمادان دەپ ئاتالغان قەدىمى يۇرت ھازىرقى چەرچەن ئەمەس ،چەرچەننىڭ تاتراڭ يېزىسىغا 87 كېلومىېتىر كىلىدىغان جايدا قۇم تىگىدە قالغان.دەيدۇ.  1993-يىلى مۇتەخەس ئالىم لىن مىسۇن ئەپەندى بىلەن ئۇ تەشكىللىگەن ئاتالمىش ‹‹寻找楼兰›› ئەتىرىتى ( بۇ ئەتىرەتكە ئىلىمىزنىڭ داڭلىق 6چوڭ كىنو ئىشلەش ئورنىدىن 35دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى) 43 تۆگىنى كىرا قىلىپ تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ ئىچكىرىسىگە كىردۇق.بەزىلەر پەرەز قىلغان دائىرە بۇيىچە قەدىمقى شەھەرنىڭ ئورنىنى ئىزدىدۇق.ئەمما بىزگە ئۇچرىغىنى دۇۋە-دۇۋە قۇم بارخانلىرى بولدى. قەدىمى يۇرت چەرچەننىڭ قۇم تىگىدە قالغان خارابىسى زادى قەيەردە؟ بۇ خارابىنىڭ نامى نىمە دەپ ئاتالغان؟بۇ بىر سىر بۇلۇپ تۇرما قتا.

دىمەك، يۇقىرىدىكىكىگە ئوخشاش ھەر خىل پەرەز،بىكىتىشلەر گەرچە قەدىمى دىيار ‹‹چەرچەن››نىڭ ئېىمتولىگىيىسىنى يۇرۇتۇشتا  ،تارىخىنى ئېچىشتا بەلگىلىك رول ئوينىغان بولسىمۇ،يەر ناملىرى ساھەسىدە بىر قىسىم قالايمىقانچىلىقلارنى كەلتۇرۇپ چىقارماقتا.ئوخشىمغان ماتىرياللاردا ‹‹چەرچەن›› نامى ئوخشىمىغان ياقتىن مۇلاھىزە قىلىنىپ.تامغىلىنىپ بىكىتىلمەكتە.
تېخىمۇ  قىزىقارلىق بولغىنى شۇكى،يېقىندا تور كۆرىۋېتىپ،نامەلۇم بىر خەنزۇ تەتققاتچىنىڭ ‹‹چەرچەن›› نامى ھەققىدىكى ماقالىسىنى كۆرۇپ قالدىم.  ئاتالمىش تەتققاتچى ‹‹چەرچەن››نىڭ خەنزۇچە且末>> ››يېزىلمىسى ھەققىدە خەنزۇچە يېزىقشۇناسلىق نوقتىسىدىن خەت مەناسى بۇيىچە ئايرىم-ئايرىم ‹‹ تەتققات›› يۇرگۇزۇپ ،且 خېتى ئەرنىڭ جىنىسى ئەزاسىنى بىلدۇرىدۇ. 末 خېتى بولسا 男 末 دىگەنلىك بولۇپ ،بۇ قۇرامىغا يەتكەن ئەر دىمەكتۇر. 且末 دىگەن بۇ ئىككى خەت ‹‹قۇرامىغا يەتكەن ئەرنىڭ جنىسى ئەزاسى›› دىگەنلىكتۇر.قەدىمقى چەرچەنلىكلەر دە ئەرلەرنىڭ جىنىسى ئەزاسى(زەكىرى) گە تىۋىنىش (چۇقۇنۇش) ئادىتى بولغان.يەنى قەدىمى يۇرت چەرچەندە ئۇرۇش مالمانچىلىقى ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئەرلەرنىڭ كۆپلەپ ئولۇپ كىتىشى سەۋەبى بىلەن ئەرلەرنىڭ سانى پەۋقۇلادە ئازلاپ،ئاياللارنىڭ سانى زور دەرىجىدە كۆپەيگەن ھەمدە،باشقا جايلارغا تۇتۇپ كىتىلگەن ئەرلەر ئۆز ئائىلىلىرىگە قايتىپ كىلەلمىگەن.شۇنداق قىلىپ قەدىمى چەرچەن ئاھاللىرى( ئاساسەن ئاياللار) ئەرلەرنىڭ جىنىسى ئەزاسى(زەكىرى) گە ئوخشىتىپ، مۇنارلارنى ياساپ،ئەشۇلارغا تىۋىنغان، تەڭرىدن ئەرلىرىنى قايتۇرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان،ھازىرقى且末 ئاتالغۇسى  قەدىمقى چەرچەنلىكلەرنىڭ دەل ئەشۇ ‹‹ئەرلەرنىڭ  جىنىسى ئەزاسى ›› غا تىۋىنىش  ئادىتىگە ئاساسەن قۇيۇلغان نامدۇر .......ۋاھاكازا دەپتۇ. بۇ ‹‹تەتقىقاتچى››قەدىمى يۇرت چەرچەنىنىڭ خەنزۇچە  نىمىشقا 且末 دەپ خاتىرلەنگەنلىكنىڭ تارىخى يىلتىزىنى تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن(折摩駄那) ياكى چالما دان(سارمادان،سارماتىن) ياكى 恰勒玛旦 دىن قىسقارتىلىپ ئېلىنغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان.ئۇندىن باشقا ھازىر بۇ جاينىڭ ‹‹چەرچەن›› دىگەن بۇ مۇبارەك نامى چەتئەل تىلىدىكى (ئىنگىلىز تىلى)قوللانمىلاردا بىردەك‹‹qie mo››دەپ خاتىرلەنگەن بولغاچقا،چەتئەللىكلەردە خاتا ئۇقۇم پەيدا قىلىپ‹‹چەرچەن›› بىلەن ‹‹qie mo››نى باشقا باشقا جاي دەپ قارىماقتا.ۋاھاكازا.....
نۆۋىتى كەلگەندە شۇنى قەيىت قىلىشقا توغرا كىلىدۇكى،بوۋىمىز ماخمۇت قاشقىرىنىڭ مەشھۇر قامۇسى ‹‹تۇركى تىللار دىۋانى››   چەرچەن نامىنى توغرا چۈشۈنۈش جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ‹‹دىۋان››دا قەدىمى يۇرت چەرچەن ھەققىدە خېلى تەپسىلى ۋە ئېنىق مەلۇمات بىرىلگەن بولۇپ، بوۋىمىز سىزغان يۇمىلاق خەرىتىدىكى چەرچەننىڭ ئورنىمۇ ھازىرقى چەرچەننىڭ ئورنىغا ئىنتايىن ماس كىلىدۇ.بوۋىمىز ماخمۇت قاشقىرى ئۆزىنىڭ بۇ شاھانە ئەسرىنى يېزىشتا ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئالىملارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بۇلۇپمۇ غەرىبى دىيار  جۇغرافىيەسىگە ئائىت نادىر ئەسەرلىرىنى ئىنچىكە تەتقىت قىلغان ،دىيارىمىزنىڭ بىر قىسىم يەر ناملىرىنىڭ تارىختىن بۇيان ئاتىلىپ كەلگەن نامى بۇيىچە ئەينەن قەلەمگە ئېلىپ،جۇغرافىيىلىك جايلىشىش ئورنىنى سىزىپ كۆرسىتىپ تە پسىلى ئىزاھلاپ ئۆتكەن. 
.              ئۆزەم ئىزدىنىش باسقۇچىدا تۇرۋاتقان باشقىلارغا كۆرسەتمە بىرىش سالاھيىتى ھازىرلىمىغان، بىلىمىم چولتا بىر تارىخ ھەۋەسكارى بولساممۇ،دىيارىمىز نىڭ تارىخ ساھەسىسىدە ئىزدىنىۋاتقان جاپاكەش تەتقىقاتچىلارغا  تەۋسىيە قىلىدىغىنىم؛ دىيارىمىزدىكى (بۇلۇپمۇ تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبى ئىتەكلىرىدىكى) قەدىمقى يۇرت ناملىرى تىل تەۋەلىكى جەھەتتە قەدىمقى تىللار(ئولگەن تىللار) ئاساسىدا ساقلىنىپ قالغانلىرى كۆپرەك. ئۇنىڭ ئۇستىگە شىنجاڭ قەدىمدىن بىرى ئۇچ چوڭ تىل سېستىمىسى ئۇچراشقان جاي.يەنى ئالتاي تىل سېستىمىسى( تۇركى تىللار ئائىلىسى، مۇڭغۇل تىللار ئائىلىسى،مانجۇ،تۇڭگۇس تىللار ئائىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.)ھىندى-ياۋرۇپا تىللار ئائىلىسى(بۇ تىل سېستىمىسىدىن شىنجاڭ بىلەن  مۇناسىۋىتى قۇيۇقراق بولغانلىرىدىن ئىران تىل ئائىلىسىنىڭ شەرقى ئىران تىل تارمىقى يەنى سوغدى تىلى،خارەزىم تىلى،ئارساك تىلى،ساك تىلى،تۇخار تىلى قاتارلىقلار)،خەنزۇ-زاڭزۇ تىل سېستىمىسى( بۇ تىل سېستىمىسىدىن شىنجاڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرى خەنزۇ تىلى،تىبەت-زاڭزۇ تىلى،تاڭغۇت تىلى قاتارلىقلار.) شۇڭا دىيارىمىز يەر ناملىرىنىڭ ئىمتېلوگىيىسىنى قەدىمىقى دەۋرلەردە شۇ جايدا ياشىغان خەلىقلەرنىڭ ئاتاش ئادىتى(تىل ئامىلى) ئاساسىدا ئىزدەىش، شۇ جايدا ياشىغان خەلىقلەرنىڭ كۆچۈپ كىلىش،كۆچۈپ كىتىش تارىخىنى ئەينەن تارىخى پاكىتلار بىلەن يۇرۇتۇش ئىنتايىن مۇھىم.ئەڭ مۇھىمى،ئۆزىمىزنىڭ يۇزەكى پەرەزلىرىنى ئاساس قىلىۋالماي،  تىل تەۋەلىك نۇقتىسىدىن ئەشۇ جايدا قەدىمىدە ياشىغان خەلىقلەرنىڭ ئاتاش ئادىتى بۇيىچە ئەستەيىدىل ،ئەتراپلىق تەتقىقات ئېلىپ  بېرىشىمىز لازىم.
                    تۆگىدى
پايدىلانغان ماتىرياللار؛
(1)    شۇزۇڭچىڭ‹‹جۇرجان خانلىقىنىڭ رۇناق تېپىشى ۋە ھالاك بۇلۇشى›› شىنجاڭ ئىجىتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى يۇرنىلى 1996-يىل2-سان.(ئۇيغۇرچە)                                        ‹‹ۋېينامە››102-جىلىد.‹‹غەربى    يۇرت تەزكىرىسى››.
(2)    ‹‹ۋېينامە.99-جىلىد.‹‹قىبۇ كۇرون،تۇفا ئۇغۇز ۋەجۇرچى مۇنسۇننىڭ تەرجىمىھالى››
(3)    ‹‹ۋېينامە›› .‹‹جۇرجانلار››
(4)    ‹‹شىمالى سۇلالىلار تارىخى››.97-جىلىد.‹‹غەربى يۇرت تەزكىرىسى. پىشامشان››
(5)    ‹‹جۇنامە›،.50-جىلىد.‹‹ تۇركلەر››   
(6)    ‹‹شىنجاڭنىڭ قىسقىچە    تارىخى›› شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى.    ئۇيغۇرچە نەشىرى.
(7)    ‹‹ۋېينامە››.‹‹
(8)    شىمالى سۇلالىلار تارىخى                                            
(9)    ‹‹لىياڭنامە››.54-جىلىد‹‹ شان شان تەزكىرىسى››
(10)    ‹‹سۇينامە››.24-جىلىد ‹‹ ئۇزۇق-تۈلۈك تەزكىرىسى››
(11)    ماخمۇت قاشقىرى‹‹دىۋان لوغاتى تۇرك››( ئۇيغۇرچە1-توم567-بەت)  شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى1981-يىل نەشىرى.        
(11)‹‹چەرچەن ناھيىسى تەزكىرىسى››
(12)غالىپ بارات‹‹چەرچەن نامى ھەققىدە››
[ بۇ يازما قۇتقۇش تەرىپىدىن 2008-12-20 12:46 دە قايت ]
| ۋاقتى : 2008-12-16 14:59 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 449ـ كۆرۈرمىنى
alpaghut

دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 152
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-04-14
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئەسسالام قۇتقۇش ئەپەندى ، يازمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن . ئىلمىي ماقالە دېگەن مانا مۇشۇنداق مۇلاھىزىلەر ئاساسىدا بولىدۇ ، ھەر كىم ئكزىنىڭ پاكىت ئاساسلىرىنى كۆرسەتكەندە ، كىتابخانلار ئۆزلىرى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ توغرا خاتانى ئايرىۋالىدۇ .ھېچكىم 2000 يىل بۇرۇنقى ئىشلارغا ئەمەس ، بۈگۈنكى ئىشلارغىمۇ 100% ئخشگنچ بخلگن ھۆكۈم قىلالمايدۇ . سىز چەرچەن نامى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقىلى ئاز كەم 30 يىل بولۇپ قالدى . ئەمدى تېخىمۇ كەسكىن ھككۈم چىققىرىدىغان ۋاقتىڭىز كەلدى ، دىيارىمىزدا <<چەرچەن>> نامى ھەققىدە سىزدەك ئۇزۇن ئىزدەنگەن بىرى يوق ، شۇڭا بىلىدىغانلىرىڭىزنى بىزدىن ئايىماي تەقدىم قىلىڭ ، خاتا قىلغان تەرەپلىترىمىزنى قايىل بولساقلا چۇقۇم ئۆزگەرتىمىز . ماقالىڭىزنى كۆرۈپ خۇشھال بولدۇم ، بۇ دېگەنلىك قارىشىڭىزغا قايىل بولدۇم دېەەنلىك ئەمەس ، سىزنىڭ يۇرتىڭىزنىڭ نامى ھەققىدە قايتىدىن ئېغىز ئاچقانلىقىڭىزدىن شادلاندىم .تاما - تاما كۆل تولار دېگەن ئىكەن دانالار ، ھەممىمىز بىر ئېغىزدىن پىكىر بايان قىلساق ، بىردىن پاكىت قوشساق چوقۇمكى بىر كۈنى بۇ نامنىڭ سىرلىق چۈمپەردىسىنى پۈتۈن ئاچالمىسۋاقمۇ ، قىيا باققىدەك يوچۇق بولسىمۇ ئاچىدىغىنىمىزغا ئىشەنچىم كامىل . بولسا چەرچەن توغرىلىق جىقراق يوللانمىلارنى يوللىسىڭىز ، بولۇپمۇ قەدىمكى ئىزنالار ھەققىدە ، قەدىم ماكانىمىزنى چۈشەنسەك . سىزگە سالامەتلىك ، ئائىلىۋىي شادلىق ، قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەپ ئىنىڭىز : غالىب بارات ئەرك
| ۋاقتى : 2008-12-16 18:33 1 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.094833(s) query 4, Time now is:01-11 07:22, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation