ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
turpantur
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
---|
يەكەن خانلىقىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا تۇرپاندا ئابدۇل ئەخمەت ھاجى ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى 1646-يىلى ئابدۇل ئەخمەت ھاجى نۇرخاچنىڭ قۇبۇل قىلىشىغا ئىرىشىپ دىيارىمىزدىكى تۇنجى مانجۇلار بىلەن ئالاقە باغلىغان كىشى بۇلۇپ قالغان . 1678-يىلى ئابدۇل ئەخمەت ھاجى ئۆلۈپ تۇرپاندا تەپرىقىچىلىك قاپلىدى، شۇ يىلى كەپىش بەگ ھوقوقنى قولغا كىرگۈزىۋىلىپ ئەتراپتىكى تەسىر دائىرىسى چوڭ كىشلەرنى يۇشۇرۇن ئۆلتۈردى بۇلارنىڭ قاتارىدا ئىمىن خوجىمۇ بار ئىدى. ئىمىن خوجىنىڭ ئاتا بوۋىسى ئەسلى ئاستانە يىزىسى يىڭتۇر كەنتىدىن بۇلۇپ ئەۋلاتمۇ ئەۋلات ئاستانە ئەلپەتتە غوجام مازىرىنىڭ سەپتە گۆرى بۇلۇپ كەلگەن ،ئەلپەتتا غوجام بولسا تۇرپاندا تۇنجى بۇلۇپ ئىسلام ئىچىپ كەلگەن مەشھور غازاتچىدۇر. ئىمىن خوجا كەپىش بەگنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرمەكچى بۇلغانلىقىنى ئۇقۇپ يىڭتۇر كەنتىدىكى 30نەپەر ياشنى باشلاپ كەپىش كەرچى تىغىغا (پىچاندىكى بىر تاغ ) شىكارغا چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ لۈكچۈندىكى كەپىش بەگنىڭ ئوردىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ ئۇنىڭ ئاساسىي كۈچىنى يۇقىتىدۇ ۋە كەپىشنى سىركىپ بۇددا مۇنارىدا قورشاپ يۇقىتىدۇ بۇ ۋەقە 1732-يىلى بولغانىدى. تۇرپاننى ئىگەللەپ ياتقان مەڭلىك خوجا (تۇرپاندىكى مىللىتارىست) سۇ ۋە ئاشلىقى مول بولغان توخسۇنغا چىكىنىپ تەييارلىق كۆرىدۇ، 1754-يىلى چىڭ سۇلالىسى يارشاخەننى سانغۇن ،ئىمىنخوجا ،خانىڭئانى مەسلىھەتچى ئامبال ،قۇمۇل ئىنانچىخانى يۈسۈپنى ئامبال ،ئەيشىنجولو ئەيلوڭئانى مۇئەققەت ئامبال قىلىپ جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلدى .1759-يىلى ئىسھاق غوجا ئەۋلاتىدىن خوجا جاھاننىڭ كاللىسى ئىلىندى بۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش ئاياقلاشتى ئىمىن غوجا <<جاساق فۇگۇڭ >> <<گۈسەن بىزى>> <<دۇبىلى>> <<جىڭ گۇيڭ>> قاتارلىق ئوتۇغات مەنسەپلەرگە ئىرىشتى ،ئىمىن خوجىنىڭ ئوغلى مۇسا خىزمەت كۆرسەتتى دىيىلىپ ئىلىغا ھاكىمبەگ قىلىپ تەيىنلەندى ،1777-يىلى سۇلايمان ئىنانچىخان بولدى ۋە سۇلايمان ئىنانچىخان مۇنارىنى ياساتتى مەزكور مۇنارنى ياسىتىشقا چىڭ ھۆكۈمىتى7000سەر كۈمۈش ئاجراتتى بۇ مۇنارنى پىچان دىغارلىق ئىبراھىم ئۇستا لاھىيەلەپ ياساپ چىققان (بۇ ھەقتە يازما ئىسپاتلار تولوق )1779-يىلى ئىمىن خوجا ۋاپات بولدى . 1759-يىلى تۇرپاندا تۇرپان،لۈكچۈن،سىڭگىم،قاراغوجا،پىچان ۋە توقسۇندىن ئىبارەت ئالتە ۋازارەت تەسىس قىلىنغانىدى 1780-يىلى تۇرپان لەشكەر بىشى ئامبىلى تەسىسى قىلىدى (خەلق تىلىدا لىڭدۈي داچىڭ دىيىلدىكەن )7مەمۇرى كەنىت تەسىس قىلىدى مەزكور مەمۇرى كەنىتلەر ھازىرقى بىڭتۈەن بىلەن ئوخشىشىپ كىتىدۇ 7مەمۇرى كەنت تۆۋەندىكىچە : | 1.توقسۇن دەريا ئىقىنى ___نىڭشا گوڭ گوڭشاڭ 2.قۇۋۇرغا دەريا ئىقىنى ___يەمشى گوڭشاڭ 3.يانغۇلۇق سۈيى ___ئانىجان گوڭشاڭ 4.يار ئاغزى سۈيى___لامپۇگوڭشاڭ 5.قۇرۇتقا سۈيى (تارلاڭ دەريا ئىقىنى )____قىزىلتۇر گوڭشاڭ 6.سىڭگىم ئاغزى سۈيى (قارايۈزى دەرياسى )____ئاۋات گوڭشاڭ 7.سىڭگىم سۈيى (چالقان دەريا ھاۋزىسى )____پايزىۋات گوڭشاڭ يۇقىرقى گوڭشاڭ(مەمۇرى كەنىت )لارنى باشقۇرۇشقا ئىچكىرىدىن700يىشىل تۇغلۇق خوشۇن تۆتكەپ كىلىدى ،500ئاتلىق ساپ مانجۇ قىسمى تۇرغۇزۇلدى مانا بۇلار تۇرپان ئىنانچىخانلىقىنىڭ پەيدا بۇلۇش تارىخى ئىمىن خوجىنىڭ پەرزەنىتلىرى : نۇرمەمەت،مۇسا ،غولامزاپ،پەرىدۇن،ئىسكەندەر ،يۇنۇس،بەھرام ،سۇلايمان تۇرپان ئىنانچىخانلىقىنىڭ يىلنامىسى سۇلايمان (1777-1779)ئىسكەندەر(1779-1811)يۇنۇس(1811-1814) پەرىدۇن(1815-1816)مۇھەممەت سەئىد(1816-1827) ئەفرىدۇن (1827-1873)سۇلتان مامۇت(1881-1900)ئىمىن مامۇت (1900-1932)مەزايىت(1932-1949) #[NNb?`F يۇقىرقىلاردىن مۇسانىڭ پەرزەنىتلىرىدىن غەنىزات،خالزات،بوۋاق ھىكىم،مەزامزات قاتارلىقلار ئەۋلاتمۇ ئەۋلات ئىلىغا ھاكىمبەگ بولدى ئەفرىدۇن ۋاڭنىڭ بالىسى زوھورىدىن قەشقەرگە ھاكىمبەگ بولدى مۇسا گوڭنى داۋگۇاڭ خان بىيجىڭغا تەكلىپ قىلغاندا سۇلايمان بەگ ئىچى تارلىق قىلىپ ساچىڭزى دىگەن يەرگە ئادەم ئەۋەتىپ مۇسا ەۇڭنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۋەتكەن شۇ سەۋەب داۋگۇاڭ خان سۇلايماننى بىيجىڭغا يالاپ ئاپىرىپ قەتلى قىلغان 1873-يىلى ئەپرىدۇن ۋاڭ قەشقەرگە زىيارەتكە بارغاندا ياقۇپبەگ ئۇنى نەزەربەند قىلىپ زىنداندا يۇشۇرۇن ئۆلتۈرۋەتكەن شۇنىڭ بىلەن تۇرپان ئىنانچىخانلىقىنىڭ تارىخى 8يىل ئۈزۈلۈپ قالغان 1880-يىلى ئاتۇشتا ئەپرىدۇن ۋاڭ ئەۋلادىدىن سۇلتان مامۇتنى ئوردا تەيجىلىرى تىپىپ كەلگەن 1881-يىلى بىيجىڭ خانغا مەكتۇپ يوللىنىپ تىزلا سۇلتان مامۇت ئىنانچىخان بولغان تۇرپان ئىنانچىخانلىقىنىڭ تەسىر دائىرىسى تۇرپان ،پىچان،مورى،چاقىلىق ۋە لوپنۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى 1902-يىلى پىچان ناھىيىسى قۇرۇلۇپ تۇرپان ئىنانچىخانلىقىنىڭ دائىرىسى تەدرىجى كىمەيگەن 1912-يىلى تۇرپان ناھىيىسى قۇرۇلۇپ تۇرپان ئىنانچىخانلىقىنىڭ دائىرىسى پەقەت لۈكچۈن ۋە بەش قىشلاق (قاراغوجا ،ئاستانە،سىڭگىم،مۇرتۇق،تۇيۇق)بۇلۇپ قالغان 1899-يىلى سۇلتان مامۇت پىچاننىڭ تىجەن مەھەللىسىدىكى ئانانۇرخاننى مەجبورى نىكاھىغا ئالغان ئانانۇرخان توي كىچىسى سۇلتان مامۇتنى ئۇستۇرا بىلەن زەخمىلەندۈرۈپ ئىگىز ئوردىدىن سەكرەپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان 1901-يىلى سۇلتان مامۇت داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەن ئوغلى ئىمىن مامۇت ئىنانچىخان بولغان 1932-يىلى شىڭشىسەي لۈكچۈن شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغاندا ئىمىن مامۇت بىر نەپەر ئاشپىزى بىلەن ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەن تۇرپان ئىنانچىخانلىقىنىڭ پەقەت قۇرۇق نامىلا قالغان 1933-يىلى ئىمىن مامۇتنىڭ ئوغلى مەزايىت ئۆزىنى ساچىڭۋاڭ دەپ ئاتاپ گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىگە ئىنانچىخان بۇلۇش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنغان ئىلتىماس رەت قىلىنغان . ئۆلكە ئازاد بۇلغاندىمۇ مەزايىت پارتىيە بىلەن قارشىلىشىپ لۈكچۈندە غەللە پارەق يىغقان ،پىچان ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنىڭدىن 500دەن ئاشلىق سورىغارندا ئۇ رەت قىلغان ،ئۆلكىلىك2- دارىلمۇئەللىمىن(ھازىرقى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتى )دە ئوقۇۋاتقان 200دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى تامىقىغا زەھەر سىلىپ ئىغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان ئۇنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئۈچۈن پىچان بازارلىق ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن 1981-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھۆكۈمەت مەزايىتنى ئاز سانلىق مىللەت مۆتىۋىرى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلغان " پايدىلانغان ماتىرياللار تۇرپان تارىخى ماتىرياللىرى پىچان تارىخى ماتىرياللىرى تۇرپان ۋاڭلىرى ; لۈكچۈن دۆلەتباغدا تۇرۇشلۇق ئانايىت خەلپىتىمنىڭ ئاغزاكى ماتىريال بىلەن تەمىنلىگىنىگە رەخمەت ئىيتىمەن |
||
![]() |
turpantur
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
timanbol
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
hazebay
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
kariz
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
timanbol
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
quldar
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
kariz
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
turpantur
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
turpantur
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
quldar
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
HALKQIL
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
kariz
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
turpantur
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
turpantur
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|