نۆۋەتتىكى تېما : سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىي تىلنى بەرپا قىلىش جەريانى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 1927ـ كۆرۈرمىنى
TuranTekin
ئۆزىنى بىلمەسلىك - ئەڭ چوڭ نادانلىقتۇر!

دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1797
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 316
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە316دانە
شۆھرىتى: 328 نومۇر
پۇلى: 3290 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :464(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-14
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىي تىلنى بەرپا قىلىش جەريانى

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىي تىلنى بەرپا قىلىش جەريانى

ئا.ت ھەيدەرۇپ

          19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ئىلى رايونىدا مەمۇرىي مەدەنىيەت مەركىزى بەرپا قىلىنىش سەۋەبىدىن شىمالنىڭ، جۈملىدىن غۇلجىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى تارىخ سەھنىسىدە نامايان بولۇشقا باشلىغان ئىدى. ۋەھالەنكى ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىي تىلىنى ئاساس قىلىپ تاللىنىلمىدى. مۇشۇ سەۋەبتىن سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىي تىلى ئومۇملىقنى ھازىرلىشى كېرەكمۇ-يوق؟ يەنى، بىرلا ۋاقىتتا ئۇنى شىنجاڭدىكى ئاساسلىق ئۇيغۇر ئاھالىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغىلى بولامدۇ- يوق؟ دېگەن مۇنداق بىر مەسىلىنى ھەل قىلىشقا توغرا كەلدى.
          ئىككى خىل ئەھۋال بۇ پرىنسىپاللىق مەسىلىنىڭ ھەل بۇلىشىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى. بىرىنچىدىن، مەيلى ئاساسلىق ئۇيغۇر ئاھالىسى بولسۇن ياكى ئۇيغۇرنىڭ بىر تارمىقى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلىرى بولسۇن، ئەمەلىيەتتە ھەر ئىككىلىسىگە ئورتاق بولغان ئەدەبىي تىل شەكىللەنگەن ئەمەس. مۇشۇ كەمدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقان كىتابىي ئەدەبىي تىل ئىشلىتىلىش دائىرىسى جەھەتتە چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئاساسلىق ئۇيغۇر ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئۈنۈملىك خىزمەت قىلالمىغان، ئەلۋەتتە. ئىككىنچىدىن، بۇرۇن شەكىللەنگەن تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي، سىياسىي ئەھۋاللار سەۋەبىدىن، يېڭى (ياكى ئىسلاھ قىلىنغان) ئەدەبىي تىل مەسىلىسى ئاساسلىق ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ ئورتاق تىلى ئاساسىدا ئەمەس، بەلكى غۇلجا – يەتتە سۇ رايونى دىئالېكتى ۋە قەشقەر – پەرغانە دىئالېكتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ئاساسىدا ھەل قىلىنىشى كېرەك . 20- يىللارغا كەلگەندە مەلۇم تارىخىي ئەنئەنە سەۋەبىدىن ئادەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىۋاتقان بەزى ئالىملار ئارىسىدىمۇ ئۇيغۇرلاردا مىللىي تىلنىڭ ئورتاقلىقى كەمچىل دەيدىغان بىر خىل كۆز قاراش شەكىللەنگەن ئىدى. شۇڭا پەقەت بەزى يەككە-يېگانە شېۋە ياكى دىئالېكت مەۋجۇت بولۇپ ، ئۇلار ئاشۇ ئورتاق تىروتىرىيەدە ئۆز-ئارا بىرلىشىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەدەبىي تىل دىئالېكت ئاساسىنى تاللاش تېخىمۇ قىيىنلاشتى. 1921- يىلى س. ئې مالۇپنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تاشكەنتتە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئەزەلدىن مەۋجۇت ب ۇلۇپ كېلىۋاتقان «ئۇيغۇر» [1] دېگەن مىللەت نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ۋە ئۇنى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ھەمدە شىنجاڭدىكى بارلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئورتاق نامى [2] قىلىشنى بىردەك قوللىدى. ئۇنىڭدىن كىيىن بەزىلەر گېزىت- ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلىپ [3]، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلار «قەشقەرلىكلەر» ۋە «تارانچىلار» دىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇنداق بولغانىكەن ئۇ ئىككى خىل مۇستەقىل تىلغا ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ قارىدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىككى تەركىبى قىسمى ئارقىلىق تىلنىڭ بىرلىكىنى ئورتاق ئەدەبىي تىل بىلەن ساقلاپ قېلىش مەسىلىسى تىلشۇناسلىق ساھەسىدە ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشقان بەس مۇنازىرىدە ھەل قىلىنىشى كېرەك ئىدى. بۇ قېتىمقى بەس مۇنازىرە تىلشۇناسلار ئارىسىدىلا ئەمەس بەلكى بارلىق ساھەدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە كېڭىيىپ باردى.
          ئەدەبىي تىلنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭ قېلىپلاشقان دىئالېكت ئاساسىنى بېكىتىش توغرىسىدىكى بەس مۇنازىرە 20- يىللاردىلا باشلانغان ئىدى. بۇ مەسىلە ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلار تىلى تەرەققىياتىدا كېچىكتۈرۈشكە بولمايدىغان مەسىلە دەپ قارالغان.
          1921- يىلى تارىخىي، ئىجتىمائىي ئەھۋال ۋە تېررىتورىيە سەۋەبىدىن ئولتۇراقلاشقان جايغا ئاساسەن ئۆزلىرىنى «قەشقەرلىك»، «خوتەنلىك»، «تۇرپانلىق»، «قۇمۇللۇق»، «كۇچارلىق»، «يەكەنلىك»، «غۇلجىلىق» (ياكى تارانچى) دەپ ئاتىۋالغان. لېكىن ماھىيەتتە ئورتاقلىققا ئىگە بولغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئەسلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان «ئۇيغۇر» دېگەن نامنى تولۇق ئاساس بىلەن ئىشلىتىشى تامامەن قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىسپاتلانغان ھالدا مۇنازىرە نۇقتىسى سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلغا قايسى خىل دىئالېكت (قەشقەر دىئالېكتى ياكى تارانچى دىئالېكتى) نى ئاساس قىلىش كېرەك دېگەن باشقا بىر مەسىلىگە بۇرالدى.
          بۇ مۇنازىرە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «يوقسۇللار ساداسى گېزىتى»، «ئازادلىق گېزىتى»، «شەرق ھەقىقىتى گېزىتى»، «قىزىل شەپەق گېزىتى»، «ئىنقىلابىي شەرق»، «لېنىن يولىدا ماڭايلى» [4] قاتارلىق گېزىت- ژۇرناللاردا تەخمىنەن 1930- يىلىغىچە داۋاملاشتى. ئىلمىي مۇنازىرىگە يالغۇز تىلشۇناسلارلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىدىغان ئىشچىلار، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ھۆكۈمەت ئەربابلىرىمۇ قاتناشقان ئىدى. ئۇلار ئەدەبىي تىلغا ۋە ئۇنىڭ دىئالېكت ئاساسىغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك مۇناسىۋىتى بولغان ھەر خىل مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئېلان قىلدى.
          ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئۇنىڭ ئىملا قائىدىسىنىڭ بەرپا بۇلىشى ۋە مۇكەممەللىشىشىگە نۇرغۇن تۆھپە قوشقان س. شاكىرجانۇپ مۇشۇ ئىلمىي مۇنازىرىگە ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارنىڭ بىر ھېسابلىنىدۇ . 1926- يىلى ئۇ قايتا ماقالە ئېلان قىلىپ «قەشقەر» ۋە «تارانچى» تىلى ماھىيەتتە ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل تىل ھېسابلىنىدۇ دەپ قارىغان ئىدى[5]. ئۇ شۇ ماقالىسىنى «قەشقەرلىك» ۋە «تارانچىلار» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ئاھالىسى مىللەت ۋە تىل جەھەتتە ئورتاقلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ بولۇپ ، بەش يىلدىن كېيىن ئېلان قىلغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن شۇ ۋاقىتتا تىنجىپ قالغان «ئىككى خىل تىل» توغرىسىدىكى يالاش-تارتىش يېڭى باشتىن باشلىنىپ كەتتى. س.ئې. مالۇپ[6]، ك.ك. يوداسىن [7] ھەمدە ك.ئاشۇرۇپ، خ.كەرىمۇپ قاتارلىق ئۇيغۇرشۇناسلار ئوتتۇرغا چىقىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورتاقلىقىنى قوغدىغان ئىدى. ئاتاقلىق سىياسىي پائالىيەتچى، يەتتە سۇ رايونلۇق سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ تەشكىلاتچىلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇللا روزى باقىيوپ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى قېلىپلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ زور مەسىلىنى توغرا ھەل قىلىش جەھەتتە ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ئىدى[8]. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئا.مۇھەممەد، ئې.مالۇپ ۋە ئا.روزى باقيوپلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى رولىنى بىر قەدەر تەپسىلىي تونۇشتۇرماقچىمىز [9].
          ئا. مۇھەممەد ئۆز ئانا تىلىغا پۇختا كەسىپ ئەھلى بولۇش بىلەن ئىككى خىل تىلنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تۈپتىن ئىنكار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەدەبىي تىلنى قېلىپلاشتۇرغۇچى كىشىلەرنى «قەشقەر شېۋىسى بىلەن تارانچى شېۋىسى » نىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا چاقىرغان ئىدى. ئۇ «قەشقەرلىكلەر» ۋە «تارانچىلار» تىلىدىكى ئۆزىگە خاس ئايرىم فونېتىكىلىق ھادىسىلەر بىلەن گرامماتىكىلىق ھادىسىلەرنى تەھلىل قىلىپ، ئەدەبىي تىلنىڭ فونىتىكىسى، لېكسىكىسى ۋە گرامماتىكىسىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا ئىككى خىل «شېۋە» دىكى قوبۇل قىلىشقا بۇلىدىغان تەركىبلەرنى تەڭ قوبۇل قىلىش كېرەك ، دېگەن ئەمىلى تەكلىپنى بەرگەن ئىدى. مەسىلەن: ئۇ قەشقەر شېۋىسىدىكى «ئاممايدۇ»، «بولاپتۇ» دېگەن سۆزلەرنىڭ ئورنىغا تارانچىلار تىلىدىكى «ئالمايدۇ»، «بولۇپتۇ» دېگەن سۆزلەرنى قېلىپلاشقان ئەدەبىي تىلدا قوللىنىش كېرەك، دېگەن تەكلىپنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تارانچىلار تىلىدىكى «ئاتۇگى»، «قۇلۇغى» دېگەن سۆزلەرنىڭ ئورنىغا قەشقەر شېۋىسىدىكى «ئۆتۈكى» [10]، «قۇلۇقى» دېگەن سۆزلەرنى قېلىپلاشقان ئەدەبىي تىلدا قوللىنىش كېرەك دېگەن تەكلىپنى بەرگەن. ئۇ يەنە: «ئەگەر بىز ھۆججەت ۋە بارلىق كىتابلارنى ساپ قەشقەر شېۋىسىدە ياكى ساپ تارانچى شېۋىسىدە نەشىر قىلىدىغان بولساق، ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويىمىز. شۇڭا، ئىملا قائىدىسى بويىچە جۇڭگو ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئورتاق ئەدەبىي تىل بەرپا قىلىش زۆرۈر » دەپ يازغان ئىدى. 1926- يىلى [11] ئا. مۇھەممەد ئۇيغۇر تىلى تارىخىدا ئۇيغۇر ئەدەبىي تىل ئىملا قائىدىسىنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى تۇنجى قېتىم ھازىرلاپ بەردى. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ جانلىق تىلدىكى فونېتىكىلىق قانۇنىيەتلىرىگە ئەھمىيەت بېرىپ، تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىش، ماسلىشىش ۋە چۈشۈپ قېلىش قانۇنىيەتلىرىنى توغرا كۆرسىتىپ بەردى. مەسىلەن: «ئاچقۇچ»، «ئۇقماق»، «ئات < ئېتى»، «سەۋەب < سەۋەبى»، «ئېلىپ بەر < ئەپپە» دېگەنگە ئوخشاش. [12]
          س.ئې مالوپ ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭ قېلىپلاشقان شېۋە ئاساسىنى بېكىتىش جەھەتتە غايەت زور رول ئوينىغان ئىدى.ئۇ، ئۇيغۇر شۇناسلىققا دائىر بارلىق ۋەكىللەر يىغىنىنىڭ (1921- يىلى، 1925- يىلى، 1930- يىلى، 1937- يىلىدىكى) خىزمەتلىرىگە پائال تۈردە قاتنىشىپ، شۇ يەرلىك ئۇيغۇر تىلشۇناسلىرىنىڭ ئىلمىي نەزەرىيە ئاساسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق تىلىنى بەرپا قىلىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشىدىن ئىبارەت تارىخىي مۇساپىسىدە مۇشۇ مەسىلىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشقا ئامالىنىڭ بارىچە ياردەم قىلغان ئىدى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورتاقلىقىنى ئىلمىي يوسۇندا ئىسپاتلىدى ھەمدە قەشقەر شېۋىسى بىلەن تارانچى شېۋىسى بارلىق ئۇيغۇرلار تىلىنىڭ ئوخشاپ كېتىدىغان ئىككى خىل شېۋىسى ھېسابلىنىدۇ . سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىل قۇرۇلمىسى مۇشۇ ئىككى خىل شىۋىنى ئاساس قىلىشى، بۇ خىل ئورتاق ئەدەبىي تىل مەلۇم دەرىجىدە شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەدەبىي تىلى بۇلىشى كېرەك دېگەن كۆز قاراشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ئىدى[13].
          ئۇ ئۇيغۇر تىلشۇناسلىرىنىڭ، سەنئەتكارلىرىنىڭ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇشۇ مەسىلىدىكى پىكىر ئىختىلاپلىرىنى تەپسىلىي تەھلىل قىلىپ: «بەزى تىلشۇناسلار كونا تۇرپان شېۋىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىل ئاساسى قىلىش ئەقىلغا مۇۋاپىق، چۈنكى ئۇ قازاق تىلى بىلەن تاتار تىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان، يەنە كېلىپ ئۇ تارانچى شېۋىسىگە ناھايىتى يېقىن كېلىدۇ دەپ قارىسا، يەنە بەزى كىشىلەر كۇچار شېۋىسى ئەڭ ساپ شېۋە، شۇڭا ئۇنى ئەدەبىي تىلنىڭ ئاساسى قىلىش كېرەك دەپ قارىدى. ئۈچىنچى خىل كىشىلەر قەشقەر شېۋىسىنى ئورتاق ئەدەبىي تىلنىڭ ئاساسى قىلىشقا قارشى تۇردى. تۆتىنچى خىلدىكى كىشىلەر خوتەن شېۋىسى بىلەن يەكەن شېۋىسىنى ئورتاق ئەدەبىي تىلنىڭ ئاساسى قىلىشقا قوشۇلمىدى . ئۇلار خۇددى مەھمۇد قەشقەرى ئېيتقاندەك خوتەن يەكەن شىۋىلىرىدە ھىندى تىلىنىڭ تەسىرى بار دەپ قارىدى» [14]. دېگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدى.
          ئۇنىڭدىن كېيىن س .ئې مالوپ مۇنداق يەكۈن چىقاردى: «ئۇيغۇر تىلشۇناسلار توپلىغان فونىتېكىغا دائىر ماتېرىياللاردىن كونا تۇرپان شېۋىسىنىڭ تەركىبلىرىنى ئۇچراتقىلى بولسىمۇ، ئەمما بىز ئۇنى ئەدەبىي تىل ئاساسى قىلىشقا قوشۇلالمايمىز . بۇنىڭدىكى سەۋەب ناھايىتى ئاددىي، سوۋېت ئىتتىپاقى زېمىنىدا تۇرپان، قۇمۇل، خوتەننىڭ ۋەكىللىك كىشىلىرى يوق، شۇنداق بولغاچقا ئاشۇ رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار تىلىنى تارقىتىدىغانلارمۇ يوق دېيەرلىك بولىدۇ » [15]. ئۇ خۇلاسە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر مۇشۇ قېتىمقى ۋەكىللەر يىغىنىدا تۇرپان شېۋىسى بىر قەدەر ساپ دەپ قارىلىپ ئۇنى ئەدەبىي تىل ئاساسى قىلىش توغرىسىدا قارار ماقۇللىنىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئازادلىق گېزىتى» بىلەن «يوقسۇللار ساداسى» گېزىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى زۆرۈر بولغان تىل ماتېرىياللىرىنى توپلاش ئۈچۈن تۇرپانغا بېرىپ كېلىشكە توغرا كېلىدۇ . شۇڭا س. ئې مالوپ بۇ ئىشنى ئورۇنلاش مۇمكىن ئەمەس، شۇنىڭغا ئوخشاش تەكلىپلەرمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس دېگەننى تەكىتلىگەن ئىدى. ئۇ قازاقىستان كومپارتىيە چېگرا رايون كومىتېتىنىڭ 1929- يىلى 12- ئايدىكى ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «تىل يېزىق ۋە ئۆرپ-ئادەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئاساسىدا تارانچىلار بىلەن قەشقەرلىكلەرنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقىنى ئازايتىش توغرىسىدىكى قارار» نى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
          س.ئې مالوپ مۇنداق دەپ قارىغان ئىدى: مەسىلىنىڭ ماھىيىتى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىنى رەتلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت. ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىرقانچە شېۋىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدىغان «يوقسۇللار ساداسى» گېزىتىنىڭ يېزىق ئەنئەنىسىنى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ئىملا قائىدىسىنىڭ ئاساسى قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئازادلىق گېزىتى» نىڭ ئىملا قائىدىسىنى ۋە يېزا ئاھالىلىرى تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك[15]. س.ئې مالوپ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر تىلشۇناسلىرىغا مۇراجەت ئېلان قىلىپ: بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر تىلىدا «سوزۇق تاۋۇشلارنى يۈزدە يۈز پىرسەنت ماسلاشتۇرۇش» دەيدىغان ئاتالمىش تەكلىپكە تەنقىدىي يوسۇندا مۇئامىلە قىلىش كېرەك . چۈنكى مەلۇم تىل ئۆزى ھازىرلىمىغان «قائىدە» نى سۈنئىي ھالدا مەجبۇرىي تاڭىدىغان بۇنداق ئۇسۇل شۇ تىلنىڭ تەبىئىي يوسۇندا تەرەققىي قىلىش سۈرئىتىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچىدىن، شىنجاڭدىكى ئاساسلىق ئۇيغۇر خەلق ئاممىسىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكلىرىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش ياكى ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىش لازىم دېگەننى ئوتتۇرغا قويغان ئىدى.
          س.ئې مالوپ ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەت ئەربابلىرى ۋە تىشۇناسلىرى ۋەكىللىرى يىغىنىدا كۆپ قېتىم پىكىر بايان قىلىپ، ئۇيغۇر يېزىقىدا چىقىدىغان ئىككى گېزىتنىڭ ئىملا قائىدىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ 30- يىللارنىڭ ئاخىرىدا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازىيىشقا تۈرتكە بولغان ئىدى. «يوقسۇللار ساداسى گېزىتى» ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسلىق فونېتىكىلىق قائىدىلىرىنى تېخىمۇ ئۈزۈل- كېسىل ئەكس ئەتتۈرۈشكە باشلىغانىدى. مەسىلەن: يەتتە سۇ رايونى ئۇيغۇرلىرى تىلىدىكى تار سوزۇق تاۋۇش ۋە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشىدىكى ئەكس تەسىر قانۇنىيىتى ھەمدە باشقا بەزى ئالاھىدىلىكلەر ئەدەبىي تىل ئىملا قائىدىسىنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاساسى قىلىندى. بۇنداق ھالەت ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىدىكى «ھۆكۈمەتسىزلىك» ھالىتىنى بىراقلا تاماملاپ ۋە تەرتىپكە سېلىپ قالماي بەلكى بۇنىڭ بىلەن ئەدەبىي تىلنىڭ كونا يېزىق ئەنئەنىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۈزۈلدى [17].
          سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلنى بەرپا قىلىشى زور سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ئا.روزى باقىيوپ بۇ جەھەتتە تارىخىي سەۋەب تۈپەيلىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى رېسپوبلىكىلار ۋە قازاقىستاندىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتتىكى ئورتاقلىقىنى پۈتۈنلەي پارتىيىۋىلىك پرىنسىپى ئاساسىدا قوغداشتا چىڭ تۇرغان ئىدى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: ئورتاق تىلنى قوغداش كۆرۈشى سىنىپى كۈرەش ھېسابلىنىدۇ . چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلىنى بەرپا قىلىشقا قارشى تۇرۇش – تىل ۋاستىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە مەدەنىيەت تەرەققىيات يۆنىلىشىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈشتىن دېرەك بىرىدۇ...... بىز تالاش-تارتىشلارنى قانچىكى تېز تاماملىساق، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېز ئالغا باسالايمىز [18].
          20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىككى مىللەت ۋە ئىككى خىل تىل توغرىسىدا پەيدا بولغان تالاش-تارتىشلار 1930- يىلى ئالمائاتا ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر تىلشۇناسلار قۇرۇلتىيى [19] ئېچىلىش ھارپىسىدا يەنە قايتا كۆتۈرۈلدى.ئۇيغۇر تىلشۇناس ل.ئەنزەرى مۇشۇ قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن ئورتاق ئەدەبىي تىل بەرپا قىلىش ئىمكانىيىتىدىن قاتتىق گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ «ئۇيغۇر تىلى، ئىملا قائىدىسى ۋە ھەرپ» [20] دېگەن ماقالىسىدە يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىنى ئەدەبىي تىل دەپ ئېتىراپ قىلىش كېرەك دېگەن تەكلىپنى بەردى. پەرغانە ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلى ئۈستىدە توختالغاندا ئۇ، س.شاكىرجانوپقا ئوخشاشلا: ئۇ بىر خىل مۇستەقىل تىل، ئۇ تىل بىلەن قەشقەرىيە (جەنۇبىي شىنجاڭ) ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلى ئورتاق مەنبەگە ئىگە. لېكىن ئۇ غۇلجا رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى بىلەن ئورتاق مەنبەگە ئىگە ئەمەس دەپ قارىغان ئىدى. ئۇ مۇشۇ سەۋەبتىن يەتتە سۇ رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە ئەسەرلىرى ئۆزبېكىستانلىقلارغا (يەنى ئۆزبېكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا) ماس كەلمەيدۇ، يەتتە سۇ رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئازادلىق گېزىتى» يولىدا [21] مېڭىشىغا بولمايدۇ. تاشكەنتتە نەشىر قىلىنغان «ئەقىل پاراسەت» نامىلىق ساۋات چىقىرىش كىتابىنىمۇ ئىشلىتىشىگىمۇ بولمايدۇ، بۇ پەرغانىدىكى ئۇيغۇرلار ئالمۇتادا نەشىر قىلىنغان «باشلانغۇچ ساۋات» ناملىق ساۋات چىقىرىش كىتابىنى (ل.ئەنزەرى مۇشۇ كىتابنىڭ تۈزگۈچىسى) ئىشلەتمىگەنگە ئوخشاش بولىدۇ دەپ قارىغان ئىدى. ئۇ ئۆزبېكىستاندا ۋە قازاقىستاندا نەشىر قىلىنغان گېزىت- ژۇرناللار بىلەن ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىدىغان كىتابلاردىكى تىلنىڭ ئىملا قائىدىسى، فونېتىكا، گرامماتىكا جەھەتلەردىكى يەرلىك تىلنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدىغان مەلۇم پەرقنى مۇشۇ خىل كۆز قاراشنىڭ ئاساسى قىلغان [22].
          ل.ئەنزەرى يەتتە سۇ رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى بىلەن پەرغانە ئۇيغۇرلىرى ۋە قەشقەرىيە ئۇيغۇرلىرى تىلىنى قارمۇ- قارشى قىلىپلا قويماي، ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ «ئورتاق» ئەدەبىي تىلىنى بەرپا قىلىش ئىمكانىيىتىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ ئومۇمەن تۆۋەندىكىدەك يەكۈن چىقاردى: شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئەمگەكچى ئاممىسى بىزگە بويسۇنامدۇ- يوق، بۇ بىر مەسىلە، چۈنكى قۇمۇلدىكى دېھقانلار بىلەن يەتتە سۇ رايونىدىكى دېھقانلار ياكى پەرغانىدىكى دېھقانلار ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى زور پەرق بار. بۇ يەر سوتسىيالىستىك جەمئىيەت ، ئۇ يەر تېخى فيودالىزىم جەمئىيىتىدە تۇرىۋاتىدۇ [23].
          ئۇيغۇر تىلشۇناسلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا شۇنىسى ئىنتايىن ئېنىقكى، ھەر خىل كۆزقاراشلارنى كەڭ تۈردە ئالماشتۇرمىغاندا ئەدەبىي تىل مەسىلىسىنى توغرا ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ مۇرەككەپ ۋە مۇھىم ۋەزىپىنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان 1930- يىلى ئالمائاتادا ئېچىلغان ئىككىنچى قېتىملىق ئۇيغۇر تىلشۇناسلار ۋەكىللەر يىغىنى مەلۇم دەرىجىدە ئورۇنلايدۇ. ئا.روزى باقىيىپ ئۇيغۇر ئورتاق تىلىنى بەرپا قىلىشنى قوللاشتا ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان ئىدى. ئۇ، س.ئې مالوپ، ك.ك يوداسىن ۋە يەرلىك ئۇيغۇر تىلشۇناسلارنىڭ ياردىمى بىلەن مۇشۇ مەسىلىنى توغرا ۋە ئوبيېكتىپ ھالدا ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىر چىقىش يولى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى بارلىق ئۇيغۇر ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئىككى خىل ئەمەس، بەلكى ئورتاق ئەدەبىي تىل بەرپا قىلىش مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىسپاتلاپ بەرگەن ئىدى. بۇ خىل ئورتاق ئەدەبىي تىل ئوخشاش دەرىجىدە يەتتە سۇ رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنىمۇ، پەرغانىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنىمۇ ئاساس قىلغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئورتاق ھەم تېخىمۇ ئىشەنچلىك بولغان تەركىبلىرى ئارقىلىق راۋاج تاپقان ئىدى. ۋەكىللەر يىغىنى دەل ئەنە شۇنداق بىر قارارنى ماقۇللىدى. بۇ قارا تىلشۇناسلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تىل قۇرۇلىشى خىزمىتىدە بولۇپمۇ ئەدەبىي تىلنى قېلىپلاشتۇرىشىدا پروگرامما خەرەكتىرلىك ھۆججەت بولۇپ قالدى.
          شۇنداق قىلىپ موسكۋا، لېنىنگراد ۋە ھەرقايسى رېسپوبلىكىلاردىكى ئۇيغۇر تىلشۇناسلار ھەم مائارىپ خىزمەتچىلىرى قاتناشقان (1920- يىلىدىن 1930- يىلىغىچە ئون يىل داۋاملاشقان) ئىلمىي تالاش- تارتىشلار ئاخىرى تاماملاندى. نەتىجىدە غۇلجا- يەتتە سۇ رايونى شېۋىسى بىلەن قەشقەر- پەرغانە شېۋىسى ئاساسىدا، يەنى يەتتە سۇ رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە پەرغانە ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلى ئاساسىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئورتاق ئەدەبىي تىل بەرپا قىلىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى.
          ئەگەر ئىككىنچى قېتىملىق ئۇيغۇر تىلشۇناسلار ۋەكىللىرى يىغىنى ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئەدەبىي تىل بەرپا قىلىش مەسىلىسىنى پۈتۈنلەي، ئۈزۈل- كېسىل ھەل قىلدى دەپ قارالسا، ئۇنداقتا ئىنتايىن خاتا بولغان بولىدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا يېزىق ۋە ئىملا قائىدىسى پرىنسىپىنى بەلگىلەش، كەسپىي ئاتالغۇلارنى ئىجاد قىلىشتىكى ئىلمىي پرىنسىپنى بېكىتىش يۈزىسىدىن بۇ مەسىلە كۆپ قېتىم مۇزاكىرە قىلىنغان ئىدى. ئارخىپ ماتېرىياللاردا 1934- يىلى 2- ئاينىڭ 28- كۈنى موسكۋادا ئېچىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە كومىتېتى كەسپىي ئاتالغۇلار گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىن خاتىرىسىدىن ئىبارەت مۇھىم بىر ھۆججەت ساقلاپ قېلىنغان، بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئانسىموپ، ياكوۋلۇپ، مىلورادوپ، كوسكايان، ناسلوپ، سەيد زاگى ۋە شەرق كوممۇنىستىك ئەمگەك ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن مىرزا مەقسۇدۇپ، روزى باقىيوپ، ئىمىنوپ قاتارلىق كىشىلەر قاتناشقان ئىدى. يىغىننىڭ رەئىسى فروبېل، كاتىپى گرىگالد ئىدى. نۇرغۇن مەسىلىلەر ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەسپىي ئاتالغۇلىرى مەسىلىسى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىندى.
          ك.ك يوداسىن ۋە باشقا نۇرغۇن ئالىملار سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەدەبىي تىلىدا كەسپىي ئاتالغۇلارنى بەرپا قىلىش پرىنسىپى ئۈستىدە دوكلات بەرگەن ئىدى. ئۇلار سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىدا كەسپىي ئاتالغۇلارنى بەرپا قىلىش پرىنسىپىنى بېكىتكەندە ئەدەبىي تىلنى قېلىپلاشتۇرۇشنى نەزەردە تۇتۇپلا قالماي، تىلنىڭ يۈنۈلىشىنىمۇ نەزەردە تۇرۇش زۆرۈر دەپ بىردەك قارىغان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەرپا قىلىنغان ئەدەبىي تىلنىڭ شىنجاڭدا خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش تىلنى بەرپا قىلىش جەريانىدا ئوينايدىغان رولىمۇ زېرەكلىك بىلەن ئوتتۇرغا قويۇلدى . ئالىملار بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئاساسلىق ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىنى ئوخشاشلا نەزەردە تۇتۇش (ك.ك يوداسىن يازغان ماقالىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى)، ئەمما بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلىنى بەرپا قىلغاندا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىغا يۈزلىنىش كېرەك دېگەن بىردەك پىكىرگە كەلگەن ئىدى.
          مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭ دىئالېكت ئاساسىنى تاللاش جەريانى.
-------------------------------------------------------------
ئىزاھلار:
[1] ئۇيغۇر دېگەن نام مىلادى 4- ئەسىردىن 17- ئەسىرگىچە جۇڭگونىڭ تارىخىي كىتابلىرىدا ئىلگىرى كېيىن پەيدا بولغان 袁纥,韦纥,回纥,回鹘,畏兀儿 دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان. مىلادى 17- ئەسىردىن 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايون خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللاردا «回部» دەپ ئاتالغان. 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدا ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن.
[2] بۇ مەسىلە توغرىسىدا س.ئې مالوپ كېيىن مۇنداق دەپ يازىدۇ: «قەشقەرلىكلەر بىلەن تارانچىلار 1921- يىلى 5- ئاينىڭ 6- كۈنى تاشكەنتتە ئېچىلغان يىغىندا ئۆزلىرىنى ۋە شىنجاڭدىكى بارلىق تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ئاھالىلەرنى (ئەمەلىيەتتە تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇرلارنى – نەقىل كەلتۈرگۈچىدىن) ئۇيغۇرلار دەپ ئاتاش قارارىغا كەلگەن ئىدى». س.ئې مالوپ: «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر تىلى شىۋىلىرىگە دائىر ماتېرىياللار »، («ئودىنبو ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيىتىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەشكە دائىر ماقالىلەر توپلىمى»، لېنىنگراد، 307-308 – بەتلەرگە قارالسۇن).
[3] س.شاكىر جانۇپ: ئۇيغۇر تىلى شىۋىلىرىگە دائىر بىر قانچە مەسىلە» («يوقسۇللار ساداسى گېزىتى» ، 1926- يىلى 5- ئاينىڭ 17- كۈنى) ل. ئەنزەرى: «ئۇيغۇر تىلى، ئىملا قائىدىسى ۋە ھەرپ» («يوقسۇللار ساداسى گېزىتى» ، 1928- يىلى 3- ئاينىڭ 3- كۈنى).
[4] بۇ ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنى ئا. روزى باقىيوپنىڭ بەزى ماقالىلىرىدە يىغىنچاقلاپ ئىپادىلەنگەن. «تىلىمىزدىكى بەزى خاتالىقلار» («يوقسۇللار ساداسى گېزىتى» ، 1926- يىلى 2- ئاينىڭ 8- كۈنى) «بىزنىڭ تىلىمىزدىكى، ئەدەبىياتىمىزدىكى ۋە گېزىت- ژۇرناللىرىمىزدىكى بەزى مەسىلىلەر» («يوقسۇللار ساداسى گېزىتى» ، 1927- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى، 8- ئاينىڭ 1- كۈنلىرىدىكى سانلىرىغا قارالسۇن).
[5] س. شاكىرجانوپ: «ئۇيغۇر تىلى شىۋىلىرىگە دائىر بىر قانچە مەسىلە» («يوقسۇللار ساداسى گېزىتى» ، 1926- يىلى 3- ئاينىڭ 21- كۈنى، 28- كۈنى، 4- ئاينىڭ 1- كۈنى).
[6] ئا.ت . ھەيدەروپ، س.ئې مالوپ: «سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرشۇناسلىقى» (قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى گېزىتى» پەلسەپە ۋە سەنئەت بېتى، 1961- يىلى 1- توم، 91-، 96- بەت).
[7] ئا.ت . ھەيدەروپ، ك.ك يوداسىن: «ئاسىيا – ئافرىقا خەلقلىرى»، 1963- يىلى 6- سان، 266-، 270- بەت.
[8] ك.ھەسەنوپ: «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سادىق ئوغۇل – قىزلىرى» ، («كومىنىزىم تۇغى گېزىتى»، 1957- يىلى 11- ئاينىڭ 3- كۈنى).
[9] ھەر خىل پىكىرلەرنى تاللىغان ۋاقتىمىزدا ئا. مۇھەممەدنىڭ ئۆز ئانا تىلىنىڭ كەسىپ ئەھلى بولۇش سۈپىتى بىلەن تىلنى ئەمەلىي ئىشلىتىش مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى نەزەردە تۇتتۇق؛ بىز س.ئې مالوپنىڭ ماقالىسىدىن ۋە نۇتقىدىن تىلنى تاللاشتىكى ئىلمىي ۋە تارىخىي ئاساسنى تاپالايمىز؛ ئا. روزى باقىيوپنىڭ كۆز قاراشلىرىدىن تىلنى تاللاشتىكى سىياسىي ئاساسنى تاپالايمىز.
[10] ئا. مۇھەممەد: «مۇھىم بىر مەسىلە» («يوقسۇللار ساداسى گېزىتى»، 1927- يىلى 3- ئاينىڭ 21- كۈنى، 28- كۈنى، 4- ئاينىڭ 1- كۈنى).
[11] يۇقىرىقىغا ئوخشاش. ئۇيغۇرچە، قازاقچە، ئۆزبېكچە ماتېرىياللاردىن ئېلىنغان مىساللارنى مۇشۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلغان.
[12] ئا. مۇھەممەد: «ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق يولى (تاۋۇشلارنى قوشۇپ ئوقۇش قائىدىسى)» ، («ئوقۇتۇش قوللانمىسى»، سوۋېت ئىتتىپاقى مەركىزىي خەلق نەشرىياتى، موسكۋا، 1926- يىلى، 31- بەت، ئەرەبچە ھەرپ).
[13] س.ئې مالوپ: «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى»، («يوقسۇللار ساداسى»، 1930- يىلى 4- ئاينىڭ 12- كۈنى).
[14] يۇقىرىقىغا ئوخشاش
[15] يۇقىرىقىغا ئوخشاش
[16] يۇقىرىقىغا ئوخشاش
[17] س.ئې مالوپنىڭ ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقىغا دائىر ئەسەرلىرى توغرىسىدا «ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىياتى» ناملىق تونۇشتۇرۇش ماقالىمىزغا قاراڭ.
[18] ئا. روزىباقىيوپ: «ئۇدۇل يول»، («يوقسۇللار ساداسى گېزىتى»، 1930- يىلى 5- ئاينىڭ 14- كۈنى).
[19] بۇ قېتىمقى ۋەكىللەر يىغىنىغا قاتناشقانلار كەڭ دائىرىدە بولۇپ ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن باشقا موسكۋا، لېنىنگراد ۋە ھەرقايسى رىسپوبلىكىلاردىن ئالمائاتاغا كېلىپ، 1930- يىلى 5- ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى يېزىق كومىتېتىنىڭ 5- قېتىملىق مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقان نۇرغۇن ئالىملار قاتناشقان ئىدى.
[20] ل.ئەنزەرى: «ئۇيغۇر تىلى، ئىملا قائىدىسى ۋە ھەرپ»، («يوقسۇللار ساداسى گېزىتى» ، 1928- يىلى 3- ئاينىڭ 3- كۈنى).
[21] يۇقىرىقىغا ئوخشاش
[22] ل. ئەنزەرى: ئۇيغۇر تىلىدىن ساۋات چىقىرىش دەرسلىك كىتابى «باشلانغۇچ ساۋات» ((«يوقسۇللار ساداسى گېزىتى» ، 1925- يىلى 6- ئاينىڭ 18- كۈنى، 28- كۈنى).
[23] ل.ئەنزەرى: «ئۇيغۇر تىلى، ئىملا قائىدىسى ۋە ھەرپ»، («يوقسۇللار ساداسى گېزىتى» ، 1928- يىلى 3- ئاينىڭ 3- كۈنى).
قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى تۈزگەن «ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇرۇلمىسى» ناملىق كىتابتىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىندى. ئالمائاتا 1989- يىل. («كىرىش سۆز» نىڭ 40-، 47- بەتلىرى)
«تۈركىي تىللار تەتقىقاتى خەۋەرلىرى» نىڭ 1992- يىل 3-، 4- سانىدىن غەيۇر ئابدۇقادىر تەرجىمىسى
تورغا يوللانغان ئەسلى مەنبە: «قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى ».
[ بۇ يازما TuranTekin تەرىپىدىن 2008-12-30 01:03 دە ]
yol
نادانلىق - زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى !!!
| ۋاقتى : 2008-12-30 00:52 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 1927ـ كۆرۈرمىنى
qutluq

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 7408
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە14دانە
شۆھرىتى: 20 نومۇر
پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :5(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-12-13
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئېسىل ئەسەردىن بىرنى يوللاپسىز، تەشەككۇر.
1som
| ۋاقتى : 2008-12-30 02:00 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1927ـ كۆرۈرمىنى
كۆكنۇر

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 3349
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 37
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە37دانە
شۆھرىتى: 43 نومۇر
پۇلى: 420 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :45(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-07-13
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن قىممەتلىك ماتىرىيالكەن.  ھارمىغايسىز!

  نەقىل: ئا.روزى باقىيوپ بۇ جەھەتتە تارىخىي سەۋەب تۈپەيلىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى رېسپوبلىكىلار ۋە قازاقىستاندىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتتىكى ئورتاقلىقىنى پۈتۈنلەي پارتىيىۋىلىك پرىنسىپى ئاساسىدا قوغداشتا چىڭ تۇرغان ئىدى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: ئورتاق تىلنى قوغداش كۆرۈشى سىنىپى كۈرەش ھېسابلىنىدۇ . چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلىنى بەرپا قىلىشقا قارشى تۇرۇش – تىل ۋاستىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە مەدەنىيەت تەرەققىيات يۆنىلىشىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈشتىن دېرەك بىرىدۇ......

  بىزدىكى رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۆتەۋاتقان پارتىيىلىك كادىرلىرىمىزدىمۇ مۇشۇنداق تونۇش، مۇشۇنداق ئىدىيە بولغان بولسا -ھە !
 
terjime guruppisi
| ۋاقتى : 2008-12-30 03:50 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1927ـ كۆرۈرمىنى
honqan

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 2499
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 26
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە26دانە
شۆھرىتى: 27 نومۇر
پۇلى: 260 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :43(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-06-07
ئاخىرقى : 2009-01-07

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مىللەت  ئۆچۇن  جان  كۆيدۇرگۆچىلەرنى  خەلقىمىز    مەڭگۆ  ئۇنۇتمايدۇ.
| ۋاقتى : 2008-12-30 22:54 3 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1927ـ كۆرۈرمىنى
AlipTigin

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 7681
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 19
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە19دانە
شۆھرىتى: 21 نومۇر
پۇلى: 200 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-12-23
ئاخىرقى : 2008-12-31

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

  بىز بىر مىللەت، قان قېرىنداش . شۇڭا ھەممىمىز  بىر خىل ئەدەبى تىلنى قوللىنىشىمىز كىرەك. بىز ئەدەبى تىلىمىزنىڭ بىرلىككە كىلىشىگە كۈچ چىقارغان ئۇستازلارغا قەلبىمىزدىن ئورۇن بىرىمىز .
| ۋاقتى : 2008-12-31 00:06 4 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1927ـ كۆرۈرمىنى
ilxat

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 7191
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە5دانە
شۆھرىتى: 6 نومۇر
پۇلى: 50 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-12-04
ئاخىرقى : 2009-01-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئەجرىڭىزگە رەخمەت . بۇ مەن بەك قىزىقىدىغان مەزمۇنلارنىڭ بىرىكەن
yol
| ۋاقتى : 2009-01-01 10:35 5 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1927ـ كۆرۈرمىنى
tarik

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 6890
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 50
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە50دانە
شۆھرىتى: 51 نومۇر
پۇلى: 500 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :8(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-11-26
ئاخىرقى : 2009-01-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئەسلى ئۇيغۇر تىلىدىكى "ژ"ھەرىپى ئۇيغۇر تىلىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئاساسىداسوۋېت كومپارتىيسى ئۇيغۇر ئەزالىرى تەرىپىدىن  روس تىلىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئىكىەندە؟
| ۋاقتى : 2009-01-01 13:06 6 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1927ـ كۆرۈرمىنى
urdek

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 17
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-01-22
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئۇلار تەكلىپ قىلمىسىمۇ (ژ ) تاۋۇشى بىزدە بار ئىدى،مەن كىچىگىمدىن مۇشۇنداق تاۋۇش چىقىرىدىكەنمەن، ۋە ھەممەيلەنمۇ شۇنداق سۇزلىشىدىغۇ، مانا ھازىر 68 گە كىرىپتىمەن، يەنىلا شۇنداق تەلەپپۇز قىلىمەن،پەقەت 70 -يىللاردىلا بۇ ھەرىپ چىقىرىپ تاشلاندى،
مەن كىچىگىمدىلا (ژىلان، ژىرتىق ئىشتان، ژىلىمان سۇ، غۇژژىدە ئاچچىغىم كەلدى دىسە،ۋاژ-ۋۇژ، گاژ-گۇژ، ) دىگەن تاۋۇشلارنى ئاڭلاپ كىلىۋاتىمەن. ئەگەر  ژ  تاۋۇشىنى يوقاتساق غۇژژىدە ئاچچىغىم كەلدى دىگەننى غۇييىدە ئاچچىغىم كەلدى دەمدۇق ياكى غۇچچىدە ئاچچىغىم كەلدى دەمدۇق، ئەگەر غۇچچىدە ئاچچىغىم كەلدى دىسەك گۇللەر غۇچچىدە  ئېچىلىپ كىتىپتۇ دىگەن سۇز بىلەن مەنا تالاشمامدىكەن.
| ۋاقتى : 2009-01-01 13:48 7 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1927ـ كۆرۈرمىنى
tohtalmix

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 3034
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە3دانە
شۆھرىتى: 4 نومۇر
پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-06-30
ئاخىرقى : 2009-01-02

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

يازمىلىرىڭىزدىن نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم ، ھازىرمۇ ئۈزىنى <ئورغۇي > دەيدىغانلارنى كۆرسەم ،ئېغىزىغا تۇكۇرۇپ قويغۇم كىلىدۇ ،ئەجىرنڭ تىگى ئالتۇن
1som
| ۋاقتى : 2009-01-01 23:11 8 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.099352(s) query 4, Time now is:01-08 18:07, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation