قۇرئان ئۆگىنىشنى خالامسىز؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئەڭ زۆرۈر، ئەڭ كۆپ لازىم بولىدىغان، ۋاقتى پەقەت ئۆتۈپ كەتمەيدىغان،شۇنداقلا ئېسىدىن چىقمايدىغان، نامى ھەممىگە تونۇشلۇق،<<قائىدە بەغدادىيە>>، ياكى <<ھەپتىيەك>>ناملىرى بىلەن مەشھۇر كىتابقا ئاساسەن تۈزۈلگەن نادىر كىتاب--- << ئەرەب يېزىقىنى ئلچەملىك ئوقۇش قائىدىسى - تەجۋىد >>
مەزكۇر كىتاب ئىككى بۆلۈم بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مۇھىتىغا ماس ھالدا(دېمەكچىمىزكى، قىرائەت ئوقۇتقۇچىلىرى كەمچىل) تۈزۈلگەن. ئاساسلىقى، ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشىشىڭىز ئالاھىدە تەلەپ قىلىنغان. يەنى: سىز قۇرئان كەرىم ئوقۇشقا قەتئىي ئىرادە باغلىغانىكەنسىز، قانچە ياشقا كىرگەنلىكىڭىزدىن قەتئىينەزەر يەتتە ياشلىق ئۆسمۈر سىياقىدا مەزكۇر كىتاب تەلىپى بويىچە، قولىڭىزغا دەپتەر قەلەم ئېلىپ، ئۈنلۈك ئوقۇپ تۇرۇپ باشتىكى ئون يەتتە بەتتىكى مەشىقلەرنى يېزىپ بېرىسىز.(كىتابتىمۇ<<ئوقۇپ يېزىڭ>> دەپ ئەسكەرتىش بېرىلگەن) بۇ جەرياندا كاللىڭىزغا: ئەرەبچە ھەرپلەرنى يېزىپ قويۇپ، خالىغان جايغا تاشلىنىپ قالسا، گۇناھكار بولۇپ قالارمەنمۇ؟ دەپ قالماڭ. مەزكۇر ئون يەتتە بەتتىكى مەشىقلەردە قۇرئان ئايىتى يوق بولغاچقا، باشقا مىللەت يېزىقى بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە قىلسىڭىز بولىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇنتۇشقا بولمايدىغان مۇھىم مەنەۋىي ئوقۇتقۇچىڭىز - ئاۋازلىق مەشىق چۈشەندۈرۈشىنى داۋاملىق بىرلەشتۈرۈشىڭىز كېرەك. بىرىنچى بۆلۈمنىڭ ئاۋازلىق لېنتا ئادرېسى ماۋۇ يەردە:
http://www.quranicsciences.com/OneSheetNooraaniQaaidah.asp?lessonno=1&visitormonid=96538بۇ جەرياندا دىققەت قىلىدىغان مۇھىم ئىش: ئەرەب تىلىغا خاس بولغان 8 ھەرپ بار بولۇپ، (كىتابنىڭ 2 - بېتىدە ئالاھىدە ئەسكەرتىگلىك) بۇنى ئامال بار ئەرەب تىلىغا يېقىنراق كېلىدىغان ھەرپلەر بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن. بۇ، ۋاقىتلىق ئەھۋال بولۇپ، ئاۋازلىق لېنتىدا مەزكۇر 8 ھەرپنىڭ تەلەپپۇزىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.
مۇندەرىجە
كىرىش سۆز
بىرىنچى بۆلۈم:
ئەرەب تىلى ئېلىپبەسى
تاۋۇش بەلگىلىرى : زەبەر ، زىر، پىچ، تەشدىد، ساكىن قاتارلىقلار.(يۇقىرىقىلار ئاۋال ئەرەبچە، ئاندىن ئۇيغۇرچە بولۇپ ئوقۇش - يېزىش مەشىقى بىرلەشتۈرۈلگەن)
ئومۇمىي تەكرار: يۇقىرىدىكى قائىدىلەرنىڭ ساپ ئەرەپچە مەشىقى، قۇرئان كەرىم 30 - پارە، ياسىن، ئەررەھمان، تەبارەك سۈرىلىرى، نامازدا ئوقۇلىدىغان بارلىق كەلىمە ۋە دۇئالار.
ئىككىنچى بۆلۈم:
تەجۋيد توغرىسدا
ھەرپلەر نىڭ 17 مەخرىجى(تەلەپپۇز ئورنى)(رەسىملىك)
1. ساكىنلىق نۇن ۋە تەنۋىننىڭ ھۆكۈمى 2. ساكىنلىق <<م>> نىڭ ھۆكۈمى 3. تەشدىدلىك <<م>> ۋە تەشدىدلىك <<ن>> نىڭ ھۆكۈمى 4. پېلىنڭ تەركىبدە كەلگەن ساكنلىق <<ل>> نىڭ بايانى 5. سوزۇپ ئوقۇش سۈرىنڭ بېشىدا كېلىدىغان يەككە ھەرپلەر 12. ئۇلانما ھەمزە ... قاتارلىقلار.
2. بۆلۈمنىڭ ئاۋازلىق لېنتا ئادرېسى ماۋۇ يەردە:
http://www.islamway.com/?iw_s=Quran&iw_a=view&id=173http://www.yich.org/mp3quran/jiaoshou/200612/11666.htmlhttp://www.yich.org/mp3quran/jiaoshou/200612/11666.htmlمەزكۇر كىتابنى ئۈرۈمچى تەڭرىقۇت كىتابخانىسىدىن ئابدۇلئەھەد ئەمىر قۇتلۇق تۈزگەن. 2001 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان.
[ بۇ يازما qutluq تەرىپىدىن 2008-12-31 18:03 دە قايت ]