نۆۋەتتىكى تېما : ئافغانىستاندا قىزىل يۇلتۇز بىلەن تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 848ـ كۆرۈرمىنى
kumluk138

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 7523
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە18دانە
شۆھرىتى: 28 نومۇر
پۇلى: 270 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :7(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-12-17
ئاخىرقى : 2009-01-06

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئافغانىستاندا قىزىل يۇلتۇز بىلەن

بۇ يازمىغا Yawuz دىن يادىكارلىقلىرىمىز غا يۆتكەلدى (2009-01-01)

 

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئافغانىستان تاغلىرى كۆپ ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى بۇلۇپ ، ئىقتىساد ۋە مەدنىيەتتە كىيىن قالغان . بۇ دۆلەتنىڭ خەلقى ئىچىدە مىللەت كۆپ ، قەبىلە كۆپ . بۇ دۆلەتتە پۇشىت تىلىدا سۆزلىشىدىغان پۇشتىلار ، تۈرك تىل سىستىمىسىغا مەنسۇپ بولغان ئۆزبېكلەر ،تۈرىكمەنلەر ، پارىس تىلىدا سۆزلەيدىغان تاجىكلار ، يەنە نۇرغۇن كىچىك مىللەتلەر  ياشايدۇ . شۇنداق بولسىمۇ خەلقى ئىچىدە ئىسلام دىنى ناھايىتى چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە . نوپۇسنىڭ %98 ى مۇسۇلمان . مەملىكەت بۇيىچە 15 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت بار .
ھەر مىڭ ئادەمگە بىردىن مەسچىت توغرا كىلىدۇ . ئافغانىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقى كۈچلۈك ، يىقىنىقى زاماندا رۇسىيە ۋە ئەنگىلىيە ئافغانىستاننى ئۈزىنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىغا كىرگۈزىۋېلىشقا ئۇرۇنغانىدى ، لېكىن يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ « جىھاد » بايرىقى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان كۈچلۈك قارشىلىقغا ئۇچراپ ، بۇ نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى .ئافغانىستان يىقىنىقى زاماندا دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللقىنى ساقلاپلا قالماستىن بەلكى ئەنئەنىۋى ئىسلام دىنىنىمۇ ئاجىزلاتمىدى .
70-يىللارنىڭ باشلىرى ئافغانىستاندا ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرىدىغان بەزى ئىسلام تەشكىلاتلىرى پەيدا بۇلۇپ ، شۇ چاغدىكى پادىشاھ زاھىر ھاكىمىيىتنىڭ دىندىن خالىي ۋە غەربلەشكەن لۇشيەنىگە قارشى چىقتى .باش ۋەزىر داۋۇت 1973-يىلى پادىشاھ زاھىرنى ئاغدۇرىۋەتتى . 1978-يىلى 4-ئايدا سولقانات  خەلق دىموكراتلار پارتىيىسى يەنە سىياسى ئۆزگىرىش قىلىش ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىپەرەس ھاكىمىيەتنى قۇرۇپ ، دۆلەت نامىنى « ئافغانىستان دىموكراتىك جۇمھۇرىيىتى » گە ئۆزگەرتتى ، ھەمدە ئافغانىستاننىڭ « ماركىسىزىمنى يىتەكچى ئىدىيە قىلىپ ، سوتسىيالىستىك تەرەققىيات يۇلىغا ماڭىدۇ » غانلىقىنى جاكارلىدى . دىندىن خالىي خاراكتىردىكى بۇ ھاكىمىيەتمۇ ئىسلام كۈچلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى . مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا « جىھاد » نى بايراق قىلغان نۇرغۇن قۇراللىق تەشكىلاتلار مەيدانغا كىلىپ ، ئۇزۇن ئۆتمەي مەملىكەت زېمىنىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىغا يېقىن زىمىننى كونتىرول قىلىۋالدى . ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشقا يۈزلىنىپ قالدى . ئافغانىستاندىكى سوۋېتپەرەس ھاكىمىيەتنى قوللاش ۋە قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىسلام دىنى كۈچلىرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققى قىلىپ ، سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرىسى ئىچىدە مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىنىڭ مۇقىملقىغا تەسىر يىتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ قارشىلىقىغا پەرۋا قىلماي ، 1979-يىلى 12-ئايدا 100مىڭ ئەسكەر چىقىرىپ ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى . ئافغانىستاندا دۆلەت ئىچىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرىدىغان ئىسلام كۈچلىرى بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش شۇنىڭ بىلەن يەرلىك مۇسۇلمانلار بىلەن سوۋېت تاجاۋۇزچى قۇشۇنى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشكە ئايلىنىپ كەتتى .
خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا ئىگە بۇلۇش ۋە قارشى تۇرغۇچى كۈچلەرنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن ، كابول ھاكىمىيىتىمۇ ئىسلام دىنى ئارقىلىق ئۈزىنىڭ ئوبرازىنى ئۆزگەرتىشكە كىرىشتى . ھۆكۈمەت زۇڭلىسى كارمال 1980-يىلىدىكى نۇتۇقلىرىدا ئىسلام دىنىغا دائىر سۆزلەرنى كۆپرەك ئىشلىتىشكە باشلىدى ، ھەمدە دىندا پۈتۈنلەي ئەركىن بۇلۇشنى ، مەزھەپلەرنىڭ مەۋجۇت بۇلۇشىغا يول قۇيۇشنى ، مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنە ۋە ئادەتلىرىنى قوغداشنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدا ۋەدە بەردى . دۆلەت رادىئو ئىستانسىسى ۋە تىلۋىزىيە ئىستانسىسى ھەركۈنى « قۇرئان كەرىم » ئاڭلاتتى . ئىنقىلاپتىن كىيىن بىر مەھەل ئىشلىتىلگەن قىزىل بايراقمۇ ئىسلام دىنىغا سىمۋول قىلىنىدىغان قارا ۋە يېشىل رەڭلىك بايراققا ئۆزگەرتىلدى . كىيىن تەخىتكە چىققان زۇڭلى نەجىبۇللا ھەمىشە مەسچىتكە بېرىپ ناماز ئۇقۇدى . دىنى زاتلار بىلەن كۈرۈشتى ، ئىسلام دىنىغا سادىق بۇلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى . لېكىن كابول ھۆكۈمىتى باشتىن ئاياغ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھىمايىسىگە تايانغانلىقتىن ، بۇنداق ئىپادىلەر خەلقنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ھېچقانچە رول ئوينىيالمىدى .
ئافغانىستانستاندىكى قارشىىلىق كۆرسىتىش ھەركىتىنىڭ بىرلىككە كەلگەن رەھبەرلىك ئورگىنى ۋە ئورتاق كۈرەش پىروگراممىسىمۇ يوق بۇلۇپ ، ئۇ ئوخشىمىغان قە بىلە زىمىن ، مەزھەپ ۋە ئىدىئولوگىيە بۇيىچە ئۇيۇشقان چوڭ -كىچىك تەشكىلاتلاردىن تەشكىل تاپقاندى .بىرى ، ھەممە قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتلىرى ئىسلامنى جەڭگىۋار بايراق قىلىش ، يەنە بىرى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىگە ۋە شۇچاغدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇشتا بىردەك بۇلۇشتىن ئىبارەت مۇشۇ ئىككى نۇقتىدا ئۇلار ئۇلار ئورتاق ئىدى .
قارشىلىق كۆرسىتىشكە قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى ئۈزىنى " مۇجاھىد " دەپ ئاتىدى . بۇ ئاتالغۇ " جىھاد " سۆزىدىن كەلگەن . شۇڭا سىرىتتىكىلەر ئۇلارنى " غازات قىلغۇچىلار دەپ ئاتىدى . ھۆكۈمەتكە قارشى بۇ قۇراللىق كۈچلەر چېچىلاڭغۇ ئىككى چوڭ گۇرۇھ بۇلۇپ شەكىللەندى . بۇلارنىڭ بىرى « يەتتە پارتىيە ئىتتىپاقى » يەنە بىرى ، « سەككىزى پارتىيە ئىتتىپاقى » دەپ ئاتالدى .
« يەتتە پارتىيە ئىتتىپاقى » نىڭ باش شىتابى پاكىستاننىڭ پىشاۋۇردىكى « ئافغانىستان ئىسلام غازاتچىلىرى ئىتتىپاقى » بۇلۇپ ، سۈننى مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان يەتتە پارتىيە گۇرۇھتىن تەركىپ تاپقان . مەملىكەت بۇيىچە ھۆكۈمەتكەقارشى ئەڭ كۈچلۈك تەشكىلات بۇلۇپ ، 100 مىڭدەك ئەسكىرى بولغان . بۇ يەتتەپ ارتىيە گۇرۇھ ئۆز ئىچىدىن ئىسلام ئەسلىيەتچىلىرى ۋە مىللەتچىلىرىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە ئايرىلغان . مۇنۇ ئۈچ تەشكىلاتنىڭ كۈچى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان : ئىسلام پارتىيىسى ( بۇنىڭغا ھىكمەتيار رەھبەرلىك قىلغان ) ، ئىسلام ئىلگىرى سۈرۈش جەمىئىيىتى( بۇنىڭغا رابانى ، مەسئۇدلار رەھبەرلىك قىلغان ) ، ئىسلام پارتىيىسىنىڭ خالىس گۇرۇھى ( بۇنىڭغا خالىس رەھبەرلىك قىلغان ) . ھەممىسى ئىسلام ئەسلىيەتچىلىك گۇرۇھىغا مەنسۇپ . بۇ تەشكىلاتلاردىكى ئەزالارنىڭ كۆپىنچىسى ئوتتۇرا ، كىچىك شەھەرلەردىكى سودىگەرلەر ، شەھەر ئاھالىسى ، ئۇقۇتقۇچى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان . ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئافغانىستاننى ئىرانچە ئىسلام جومھۇرىيىتى قىلىپ قۇرۇشتىن ئىبارەت . كۈرەش ئۇسۇلى ۋە كونكىرىت نىشانىدا ئىختىلاپ بار . كىشلەرنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى ، ئىسلام ئەسلىيەتچىلىك تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى ئالى مائارىپ تەربىيىسىنى ئالغان زىيالىيلار ۋە دىنى ئالىملاردىن ئىبارەت .مەسىلەن » ھىكمەتيار 60-يىللاردا مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئىنژىنېر ، رابانى ئەزھەر ئۇنۋىرسىتىدا ئۇقۇغان ، كابۇل ئۇنۋىرسىتىدا ئىسلامشۇناس فىروفىسسور بولغان . ھىكمەتيار ئۇقۇغۇچىلىق دەۋرىدىن باشلاپ سىياسى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان . قۇراللىق كۈرەش ئارقىلىق ھەقىقى ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان ، ئىسلام پارتىيسى قۇۇرغان ، بۇ پارتىيىنىڭ شوئارى « سىياسى پائالىيەت بىرىنچى ، دىنى پائالىيەت ئىككىنچى » دىگەندىن ئىبارەت بولغان . قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتىدە باشقىلار سوۋېتلىكلەرنى قوغلىۋېتىپ ، سوۋېتپەرەس كابۇل ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرىۋېتىشنى نىشان قىلغان . ھىكمەتيار بولسا ، غازات ئۇرۇشىنى سوۋېت ئىتتىپاقى چىگرىسى ئىچىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىغىچە كىڭەيتىپ ، بۇرايۇندىكى مۇسۇلمانلارنى كوممۇنىزىم ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازاد قىلىشنى ئۈمىت قىلغان . بۇ تەشكىلاتلارنىڭ باش شىتابى پىشاۋۇردا بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئافغانىستاندا بازىلىرى بار . ھىكمەتيار رەھبەرلىك قىلغان قوراللىق كۈچلەرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتىدىكى ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بۇلۇپ ، ئۇلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كۈچى شىمالى قىسىمدىكى ھىرات قاتارلىق جايلارغا تارقالغان . رابانىنىڭ ئىسلام جەمىئىيتى قۇشۇنىغا مەسئۇد قۇماندانلىق قىلغان ، ئۇلارنىڭ پائالىيەت رايۇنى كابۇل يېنىدىكى پەنجىشىر رايۇنىدا .
بۇلاردىن باشقا تۆت پارتىيە گۇرۇھ مىللەتچى گۇرۇھلار بۇلۇپ ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى غەيرانى رەھبەرلىك قىلغان ئافغانىستان ئىسلام مىللى فىرونتى بىلەن مۇجادى رەھبەرلىك قىلغان ئافغانىستان مىللى ئازاتلىق فىرونتى بىر قەدەر كۈچلۈك ھىسابلىنىدۇ . بۇ گۇرۇھتىكى ئاساسلىق ئەزالارنىڭ كۆپىنچىسى موللا ، قەبىلە ئاقساقىلى ، چارۋىدار ، پومىشچىك قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .يەر ئىسلاھاتى ، دىندىن خالىيلاشتۇرۇش ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى يەتكۈزگەنلىكتىن ، ئۇلارمۇ سوۋېتلىكلەر ۋە كابۇل ھاكىمىيىتىگە كۈچلۈك قارشى تۇرىدۇ .
لېكىن ئەسلىيەتچى مەزھەپلەر بىلەن ئوخشىمايدۇ . ئۇلار ئافغانىستاننىڭ دىموكراتىك تۈسكە ئىگە ئىسلام دۆلىتىبۇلۇپ قېلىشنىلا ئۈمىد قىلىدۇ ، ھەتتا بۇرۇنقى پادىشاھلىق تۈزۈمنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشىنى قوللايدۇ .
« يەتتە پارتىيە ئىتتىپاقى » نىڭ 1984-يىلىدىكى بىلەشمە باياناتىدا مۇنداق دىيىلگەن :
«بىزدەك ئىسلام دىنىغا ئىتىقات قىلىدىغان خەلقنىڭ تارىخى خاراكتىرلىك قارشىلىق كۆرستىش ھەركىتىنىڭ خەلقئارا جەمىيئەتتە تىگىشلىك ئورۇنغا ئىگە بۇلۇشى كىرەكلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا ، قارشىلىك كۆرسىتىش ھەركىتى خەلق ئىچىدە ئۆز ئىشلىرىنىڭ بىردىنبىر ۋەكىللىك ھوقۇقىغا ئىگە بۇلۇشى كېرەك ... يەتتە تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى ئورتاق دۈشمەنگە بىرلىكتە قارشى تۇرىدىغان كۈچلەرنىڭ كۈچلۈك بىرلىكسەپ بۇلۇپ قۇرۇلۇپ ، ئافغانىستان غازاتچىلىرىنىڭ ئىسلام ئىتتىپاقى نامىدا قولنى قولغا تۇتۇپ ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ، ۋەتەننى ئازات قىلىش كۈرىشىنى ئۈزۈلدۈرمەي ۋە رەھىمسىزلەرچە داۋاملاشتۇرۇشىغا بىردەك قۇشۇلىدۇ .»
« سەككىز پارتىيە ئىتتىپاقى » شىئە مەزھىپىدىكى سەككىز مۇسۇلمان تەشكىلاتى بىرلىشىپ قۇرغان « ئىسلام ئىنقىلابى ئىتتىپاقى » بۇلۇپ باش شىتابى ئىراندا ، 100مىڭ غازاتچىسى بار دىيىلىدۇ . « سەككىز پارتىيە ئىتتىپاقى » نىڭ رەھبەرلىرى شىئە مەزھىپىدىكى دىنى زاتلار بۇلۇپ ، ئىران ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان ، ھەمدە ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشغا ئىگە بولغان . شىئە مەزھىپىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى قوراللىق پائالىيەتلىرى ئاساسلىقى ئىران بىلەن چىگرىلىنىدىغان خازارا رايۇنىدا قانات يايدۇرۇلغان .
سىرتتىكىلەر تەرىپىدىن « ئىسلام غازاتچىلىرى » دەپ ئاتالغان بۇ قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈرەش نىشانى بەك ئوخشاپ كەتمىسىمۇ ، ئەزالىرىدىكى پەرق ناھايىتى چوڭ بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئورتاقلىقى ئىسلام دىنىنى بايراق قىلىپ ، ئاممىنى ھەركەتلەندۈرۈپ ، سوۋېت ئىتتىپاقى تاجاۋۇزچىلىرىغا ۋە سوۋېتپەرەس ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت . شۇڭا بەزى غەرب تەھلىلچىلىرى ئىسلام گۈللىنىش ھەركىتى باشقا جايلاردا غەربكە ، كاپىتالىزىمغا قارشى تۇرۇش بۇلۇپ ئىپادىلەنسە ، ئافغانىستاندا « ئىسلامىيەت بىلەن كوممۇنىزىمنىڭ كۈرىشى » بۇلۇپ ئىپادىلەندى ، دېدى . ئۇلار ئافغانىستاندا داۋام قىلىۋاتقىنى دۇنياغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان « قىزىل يۇلتۇز بىلەن ھىلال ئاي ئۇرۇشى » دىيىشتى .
مۇشۇ ئالاھىدىلىكى تۈپەيلىدىن ئافغانىستاندىكى ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتى دۇنيادىكى كۆپ سانلىقى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ، بۇلۇپمۇ ئىسلام تۈسى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى . چۈنكى ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە ، ئەگەر سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ئىدىئولوگىيىسى ئافغانىستاندا غەلبە قىلىپ قالسا ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ تەرەققى قىلىپ ، ئاخىرى غەربلەشتۈرۈشكە قارىغاندا تېخىمۇ يامان ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىدۇ . 40 ئىسلام دۆلىتىنىڭ باشلىقلىرى 1981-يىلى 1-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستاندا « مەككە خىتابنامىسى » نى ماقۇللاپ ، مۇسۇلمانلارنى ئەتراپىلىق غازات قىلىشقا چاقىردى . بۇ خىتابنامىدا مۇنداق دىيىلىدۇ : «( سوۋېت ئىتىپاقىنڭ ئافغانىستاندا ) بىر ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ئىسلام دۆلىتىگە تاجاۋۇز قىلغان ، ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۈزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا دەخلى تەرۈز قىلغان كۆزدە تۇتۇپ ، ئافغانىستان خەلقىنىڭ كۈرىشىنى داۋاملىق قوللاشقا بەل باغلىدۇ ق »قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتىدىكى سۈننى مەزھىپىدىكى تەشكىلاتلار  ئۇزۇندىن بۇيان پاكىستاننىڭ ، سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئۆزئىچىگە ئالغان دېڭىز قولتۇقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ۋە مىسىر قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئىزچىل قوللىشىغا ئىگە بۇلۇپ ، ئۇلاردىن نۇرغۇن ماددى بۇيۇم ، قورال ياراق ، ئۈسكۈنە ۋە مالىيە ياردىمى ئالدى . شىئە مەزھىپىدىكىلەر بولسا ، ئافغانىستانغا قوشنا ئىراننىڭ قوللىشىغا ئىگە بولدى . بەزى دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلار ئافغانىستانغا پىدائى بۇلۇپ كىلىپ ، « ئىسلامنى قوغدايدىغان غازات » قا بىۋاستە قاتناشتى .ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنى چەكلەش ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئافغانىستاندىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتىگە مەرتلەرچە ياردەم قىلدى . 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئافغانىستان غازاتچىلىرى ھەريىلى چەتئەللەردىن تەخمىنەن 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ياردەم ئېلىپ تۇردى . بۇسان ئافغانىستاننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ . 1979-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە بولغان 10 يىل ئىچىدە يالغۇز سەئۇدى ئەرەبىستانلا ئافغانىستان غازاتچىلىرىغا بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا ياردەم بەردى . ئامېرىكىمۇ بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن ياردەم بەردى .
بۇنىڭدىن باشقا كابول ھۆكۈمىتى ھەربى ۋە مالىيە جەھەتتە پۈتۈنلەي سوۋېت ئىتتىپاقىغا يۆلىنىپ قالدى . سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ 100 مىڭ كىشلىك قۇشۇنى فىرونىتتا مۇجاھىدلار بىلەن قانلىق جەڭ قىلغاندىن باشقا ، سوۋېت ئىتتتىپاقنىڭ ئاشلىق دورا ، قورال ياراغلىرىمۇ كابولغا ئۈزۈلمەي تۇشۇلۇپ ، ئاجىز نەجبۇللا ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ تۇردى . ئافغانىستان خەلقئارا كۈچلەرنىڭ رىقابەت مەيدانىغا ئايلاندى . سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى ئىسلام ئەسلىيەتچىلىك كۈچلىرى بىلەن بىرسەپتە تۇردى .
بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى : كابو ل ھۆكۈمىتىنى سوۋېت ئىتتىپاقى قوللىغانلىقتىن ، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دېڭىز قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر پۇل بەردى ، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى قورال ياراق ۋە ماددى بۇيۇملار بىلەن ياردەم قىلدى . شۇنىڭ بىلەن ئافغانىستان ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى .
چەتنىڭ نۇرغۇن ياردىمى ئۈزۈلمەي كىلىپ تۇرغانلىقتىن ، پىشاۋۇردا تەسىس قىلىنغان پارتىزانلىق باش شىتاپلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللانمىدى ، قۇرال يارقتىن غەم يىمىدى ، ئۇلار جەڭ قىلىشتىن ئىبارەت بىرلا ۋەزىپىنى ئۇرۇنلاپ ، « كەسپى غازاتچىلار » دىن بۇلۇپ قالدى .
مۇجاھىدلار ياۋروپادىن كەلتۈرۈلگەن كالا قوي گۆشلىرىنى ، ئامېرىكىدن كەلتۈرۈلگەن گۈرۈچ ۋە ئۇنلارنى ، شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىن كەلتۈرۈلگەن مېۋە-چېۋە كۆكتاتلارنى يېدى ، ئەڭ زامانىۋى ئېلىكتىرۇن ئۈسكۈنىلەرنى ۋە قورال ياراقلارنى ئىشلەتتى .
ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتلىرىنىڭ قوراللىق كۈرىشى كابولنىڭ سوۋېتپەرەس ھاكىمىيىتىگە قاتتىق زەربە بەردى .سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ ھەربى ئىشغالىيىتىگىمۇ ئىنتايىن زور قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلدى . 1984-يىلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %70 رايۇنى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتىنىڭ كونتىروللىقىغا ئۆتتى . ھۆكۈمەت ئارمىيىسىدىن 17 مىڭ ئادەم ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىدىنمۇ 20-30مىڭ ئادەم ئۆلدى ۋە يارىدار بولدى . پارتىزانلاردىن ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلارنىڭ سانىمۇ 30 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى . سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ رەسۋا قىلغىنى شۇ بولدىكى ، ئافغانىستانغا ئەسكەر چىقارغانلىقى ئۈچۈن ھەممە خەلقئارا تەشكىلاتلاردا ۋە ئورگا نلاردا ئەيىبلەندى .
بۇلۇپمۇ ئۈچىنچى دۇنيادا تېخىمۇ يىتىم قالدى .
ئافغانىستاندىن ئىبارەت بۇ پاتقاققا ئۇزۇن مۇددەت پېتىپ قالغاچقا ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئادەم كۈچى ، مالىيە كۈچى ۋە دىپلوماتىيە جەھەتلەردە ئىنتايىن تەس ئەھۋالدا قالدى . كۈندىن كۈنگە ئاجىزلىشىپ كەتكەن سوۋېت ئىتىپاقى بۇ ئېغىر يۈكنى كۈتۈرەلمەي قېلىپ ، 1988-يىلى 4-ئايدا ئافغانىستاندىن تەدىرىجى قۇشۇنىنى چىكىندۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى . سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى قۇشۇنى تۇلۇقچىقىپ كەتكەندىن كىيىىن ، كابول ھكىمىيىتى ئاران ئىككى يىل بەرداشلىق بېرىپ ، ئاخىرى 1992-يىلىنىڭ باشلىرىدا گۇمران بولدى .
« يەتتە پارتىيە » باشچىلىقىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتلىرى كابولنى ئۆتكۈزىۋېلىپ ، دۆلەت نامىنى ئافغانىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتتى . شۇنداق بولسىمۇ ئافغانىستاندىكى غەليان تۈگىمىدى . چوڭ دۈشمەن ئالدىدا ھەرقايسى قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتلىرى بىرلىككە كىلىپ دۈشمەنگە تاقابىل تۇردى . چەتتى كەلگەن دۈشمەن يۇقىتىلغان ھامان غازاتچىلار ئىچىدە جىدەل باشلاندى . دۆلەت ھوقۇقىنى كىم تۇتۇشى كېرە ك؟ ئىسلام دۆلىتىنى قانداق ئەندىزە بۇيىچە قۇرۇش كېرەك ؟ دىگەنلەردە گۇرۇھلار بىرلىككە كىلەلمىدى . شۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلار ئارا قان تۈكۈلىدىغان ئۇرۇش ئۇلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا باشلىنىپ كەتتى .
تۈگىدى .
مەنبە : دۆلىتىمىز ئالىمى شىياۋشىيەننىڭ « خەلقئارادىكى ئىسلام دولقۇنى » ناملىق كىتابىدىن

ئاخىرىنى ھېلىراق باسىمەن .
[ بۇ يازما kumluk138 تەرىپىدىن 2009-01-01 12:23 دە ق ]
1som
| ۋاقتى : 2008-12-31 21:14 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 848ـ كۆرۈرمىنى
555rikabatqi

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 4462
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 30
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە30دانە
شۆھرىتى: 31 نومۇر
پۇلى: 300 سوم
تۆھپىسى: 1465 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :14(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-09-20
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئاخىرىنى كۈرۈپ ئىنكاس يازاي ناھايتى ئوبدان ماتىرىيالكەن
yol
| ۋاقتى : 2009-01-02 19:41 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 848ـ كۆرۈرمىنى
ulukroh

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 4765
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 103
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە103دانە
شۆھرىتى: 119 نومۇر
پۇلى: 1230 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :41(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-10-03
ئاخىرقى : 2009-01-06

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئاخىرى :
ئافغانىستانستاندىكى قارشىىلىق كۆرسىتىش ھەركىتىنىڭ بىرلىككە كەلگەن رەھبەرلىك ئورگىنى ۋە ئورتاق كۈرەش پىروگراممىسىمۇ يوق بۇلۇپ ، ئۇ ئوخشىمىغان قە بىلە زىمىن ، مەزھەپ ۋە ئىدىئولوگىيە بۇيىچە ئۇيۇشقان چوڭ -كىچىك تەشكىلاتلاردىن تەشكىل تاپقاندى .بىرى ، ھەممە قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتلىرى ئىسلامنى جەڭگىۋار بايراق قىلىش ، يەنە بىرى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىگە ۋە شۇچاغدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇشتا بىردەك بۇلۇشتىن ئىبارەت مۇشۇ ئىككى نۇقتىدا ئۇلار ئۇلار ئورتاق ئىدى .
قارشىلىق كۆرسىتىشكە قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى ئۈزىنى " مۇجاھىد " دەپ ئاتىدى . بۇ ئاتالغۇ " جىھاد " سۆزىدىن كەلگەن . شۇڭا سىرىتتىكىلەر ئۇلارنى " غازات قىلغۇچىلار دەپ ئاتىدى . ھۆكۈمەتكە قارشى بۇ قۇراللىق كۈچلەر چېچىلاڭغۇ ئىككى چوڭ گۇرۇھ بۇلۇپ شەكىللەندى . بۇلارنىڭ بىرى « يەتتە پارتىيە ئىتتىپاقى » يەنە بىرى ، « سەككىزى پارتىيە ئىتتىپاقى » دەپ ئاتالدى .
« يەتتە پارتىيە ئىتتىپاقى » نىڭ باش شىتابى پاكىستاننىڭ پىشاۋۇردىكى « ئافغانىستان ئىسلام غازاتچىلىرى ئىتتىپاقى » بۇلۇپ ، سۈننى مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان يەتتە پارتىيە گۇرۇھتىن تەركىپ تاپقان . مەملىكەت بۇيىچە ھۆكۈمەتكەقارشى ئەڭ كۈچلۈك تەشكىلات بۇلۇپ ، 100 مىڭدەك ئەسكىرى بولغان . بۇ يەتتەپ ارتىيە گۇرۇھ ئۆز ئىچىدىن ئىسلام ئەسلىيەتچىلىرى ۋە مىللەتچىلىرىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە ئايرىلغان . مۇنۇ ئۈچ تەشكىلاتنىڭ كۈچى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان : ئىسلام پارتىيىسى ( بۇنىڭغا ھىكمەتيار رەھبەرلىك قىلغان ) ، ئىسلام ئىلگىرى سۈرۈش جەمىئىيىتى( بۇنىڭغا رابانى ، مەسئۇدلار رەھبەرلىك قىلغان ) ، ئىسلام پارتىيىسىنىڭ خالىس گۇرۇھى ( بۇنىڭغا خالىس رەھبەرلىك قىلغان ) . ھەممىسى ئىسلام ئەسلىيەتچىلىك گۇرۇھىغا مەنسۇپ . بۇ تەشكىلاتلاردىكى ئەزالارنىڭ كۆپىنچىسى ئوتتۇرا ، كىچىك شەھەرلەردىكى سودىگەرلەر ، شەھەر ئاھالىسى ، ئۇقۇتقۇچى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان . ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئافغانىستاننى ئىرانچە ئىسلام جومھۇرىيىتى قىلىپ قۇرۇشتىن ئىبارەت . كۈرەش ئۇسۇلى ۋە كونكىرىت نىشانىدا ئىختىلاپ بار . كىشلەرنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى ، ئىسلام ئەسلىيەتچىلىك تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى ئالى مائارىپ تەربىيىسىنى ئالغان زىيالىيلار ۋە دىنى ئالىملاردىن ئىبارەت .مەسىلەن » ھىكمەتيار 60-يىللاردا مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئىنژىنېر ، رابانى ئەزھەر ئۇنۋىرسىتىدا ئۇقۇغان ، كابۇل ئۇنۋىرسىتىدا ئىسلامشۇناس فىروفىسسور بولغان . ھىكمەتيار ئۇقۇغۇچىلىق دەۋرىدىن باشلاپ سىياسى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان . قۇراللىق كۈرەش ئارقىلىق ھەقىقى ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان ، ئىسلام پارتىيسى قۇۇرغان ، بۇ پارتىيىنىڭ شوئارى « سىياسى پائالىيەت بىرىنچى ، دىنى پائالىيەت ئىككىنچى » دىگەندىن ئىبارەت بولغان . قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتىدە باشقىلار سوۋېتلىكلەرنى قوغلىۋېتىپ ، سوۋېتپەرەس كابۇل ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرىۋېتىشنى نىشان قىلغان . ھىكمەتيار بولسا ، غازات ئۇرۇشىنى سوۋېت ئىتتىپاقى چىگرىسى ئىچىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىغىچە كىڭەيتىپ ، بۇرايۇندىكى مۇسۇلمانلارنى كوممۇنىزىم ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازاد قىلىشنى ئۈمىت قىلغان . بۇ تەشكىلاتلارنىڭ باش شىتابى پىشاۋۇردا بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئافغانىستاندا بازىلىرى بار . ھىكمەتيار رەھبەرلىك قىلغان قوراللىق كۈچلەرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتىدىكى ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بۇلۇپ ، ئۇلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كۈچى شىمالى قىسىمدىكى ھىرات قاتارلىق جايلارغا تارقالغان . رابانىنىڭ ئىسلام جەمىئىيتى قۇشۇنىغا مەسئۇد قۇماندانلىق قىلغان ، ئۇلارنىڭ پائالىيەت رايۇنى كابۇل يېنىدىكى پەنجىشىر رايۇنىدا .
بۇلاردىن باشقا تۆت پارتىيە گۇرۇھ مىللەتچى گۇرۇھلار بۇلۇپ ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى غەيرانى رەھبەرلىك قىلغان ئافغانىستان ئىسلام مىللى فىرونتى بىلەن مۇجادى رەھبەرلىك قىلغان ئافغانىستان مىللى ئازاتلىق فىرونتى بىر قەدەر كۈچلۈك ھىسابلىنىدۇ . بۇ گۇرۇھتىكى ئاساسلىق ئەزالارنىڭ كۆپىنچىسى موللا ، قەبىلە ئاقساقىلى ، چارۋىدار ، پومىشچىك قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .يەر ئىسلاھاتى ، دىندىن خالىيلاشتۇرۇش ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى يەتكۈزگەنلىكتىن ، ئۇلارمۇ سوۋېتلىكلەر ۋە كابۇل ھاكىمىيىتىگە كۈچلۈك قارشى تۇرىدۇ .
لېكىن ئەسلىيەتچى مەزھەپلەر بىلەن ئوخشىمايدۇ . ئۇلار ئافغانىستاننىڭ دىموكراتىك تۈسكە ئىگە ئىسلام دۆلىتىبۇلۇپ قېلىشنىلا ئۈمىد قىلىدۇ ، ھەتتا بۇرۇنقى پادىشاھلىق تۈزۈمنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشىنى قوللايدۇ .
« يەتتە پارتىيە ئىتتىپاقى » نىڭ 1984-يىلىدىكى بىلەشمە باياناتىدا مۇنداق دىيىلگەن :
«بىزدەك ئىسلام دىنىغا ئىتىقات قىلىدىغان خەلقنىڭ تارىخى خاراكتىرلىك قارشىلىق كۆرستىش ھەركىتىنىڭ خەلقئارا جەمىيئەتتە تىگىشلىك ئورۇنغا ئىگە بۇلۇشى كىرەكلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا ، قارشىلىك كۆرسىتىش ھەركىتى خەلق ئىچىدە ئۆز ئىشلىرىنىڭ بىردىنبىر ۋەكىللىك ھوقۇقىغا ئىگە بۇلۇشى كېرەك ... يەتتە تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى ئورتاق دۈشمەنگە بىرلىكتە قارشى تۇرىدىغان كۈچلەرنىڭ كۈچلۈك بىرلىكسەپ بۇلۇپ قۇرۇلۇپ ، ئافغانىستان غازاتچىلىرىنىڭ ئىسلام ئىتتىپاقى نامىدا قولنى قولغا تۇتۇپ ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ، ۋەتەننى ئازات قىلىش كۈرىشىنى ئۈزۈلدۈرمەي ۋە رەھىمسىزلەرچە داۋاملاشتۇرۇشىغا بىردەك قۇشۇلىدۇ .»
« سەككىز پارتىيە ئىتتىپاقى » شىئە مەزھىپىدىكى سەككىز مۇسۇلمان تەشكىلاتى بىرلىشىپ قۇرغان « ئىسلام ئىنقىلابى ئىتتىپاقى » بۇلۇپ باش شىتابى ئىراندا ، 100مىڭ غازاتچىسى بار دىيىلىدۇ . « سەككىز پارتىيە ئىتتىپاقى » نىڭ رەھبەرلىرى شىئە مەزھىپىدىكى دىنى زاتلار بۇلۇپ ، ئىران ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان ، ھەمدە ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشغا ئىگە بولغان . شىئە مەزھىپىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى قوراللىق پائالىيەتلىرى ئاساسلىقى ئىران بىلەن چىگرىلىنىدىغان خازارا رايۇنىدا قانات يايدۇرۇلغان .
سىرتتىكىلەر تەرىپىدىن « ئىسلام غازاتچىلىرى » دەپ ئاتالغان بۇ قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈرەش نىشانى بەك ئوخشاپ كەتمىسىمۇ ، ئەزالىرىدىكى پەرق ناھايىتى چوڭ بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئورتاقلىقى ئىسلام دىنىنى بايراق قىلىپ ، ئاممىنى ھەركەتلەندۈرۈپ ، سوۋېت ئىتتىپاقى تاجاۋۇزچىلىرىغا ۋە سوۋېتپەرەس ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت . شۇڭا بەزى غەرب تەھلىلچىلىرى ئىسلام گۈللىنىش ھەركىتى باشقا جايلاردا غەربكە ، كاپىتالىزىمغا قارشى تۇرۇش بۇلۇپ ئىپادىلەنسە ، ئافغانىستاندا « ئىسلامىيەت بىلەن كوممۇنىزىمنىڭ كۈرىشى » بۇلۇپ ئىپادىلەندى ، دېدى . ئۇلار ئافغانىستاندا داۋام قىلىۋاتقىنى دۇنياغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان « قىزىل يۇلتۇز بىلەن ھىلال ئاي ئۇرۇشى » دىيىشتى .
مۇشۇ ئالاھىدىلىكى تۈپەيلىدىن ئافغانىستاندىكى ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتى دۇنيادىكى كۆپ سانلىقى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ، بۇلۇپمۇ ئىسلام تۈسى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى . چۈنكى ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە ، ئەگەر سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ئىدىئولوگىيىسى ئافغانىستاندا غەلبە قىلىپ قالسا ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ تەرەققى قىلىپ ، ئاخىرى غەربلەشتۈرۈشكە قارىغاندا تېخىمۇ يامان ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىدۇ . 40 ئىسلام دۆلىتىنىڭ باشلىقلىرى 1981-يىلى 1-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستاندا « مەككە خىتابنامىسى » نى ماقۇللاپ ، مۇسۇلمانلارنى ئەتراپىلىق غازات قىلىشقا چاقىردى . بۇ خىتابنامىدا مۇنداق دىيىلىدۇ : «( سوۋېت ئىتىپاقىنڭ ئافغانىستاندا ) بىر ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ئىسلام دۆلىتىگە تاجاۋۇز قىلغان ، ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۈزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا دەخلى تەرۈز قىلغان كۆزدە تۇتۇپ ، ئافغانىستان خەلقىنىڭ كۈرىشىنى داۋاملىق قوللاشقا بەل باغلىدۇ ق »
yol
| ۋاقتى : 2009-01-06 12:06 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 848ـ كۆرۈرمىنى
ulukroh

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 4765
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 103
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە103دانە
شۆھرىتى: 119 نومۇر
پۇلى: 1230 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :41(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-10-03
ئاخىرقى : 2009-01-06

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتىدىكى سۈننى مەزھىپىدىكى تەشكىلاتلار  ئۇزۇندىن بۇيان پاكىستاننىڭ ، سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئۆزئىچىگە ئالغان دېڭىز قولتۇقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ۋە مىسىر قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئىزچىل قوللىشىغا ئىگە بۇلۇپ ، ئۇلاردىن نۇرغۇن ماددى بۇيۇم ، قورال ياراق ، ئۈسكۈنە ۋە مالىيە ياردىمى ئالدى . شىئە مەزھىپىدىكىلەر بولسا ، ئافغانىستانغا قوشنا ئىراننىڭ قوللىشىغا ئىگە بولدى . بەزى دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلار ئافغانىستانغا پىدائى بۇلۇپ كىلىپ ، « ئىسلامنى قوغدايدىغان غازات » قا بىۋاستە قاتناشتى .ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنى چەكلەش ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئافغانىستاندىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتىگە مەرتلەرچە ياردەم قىلدى . 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئافغانىستان غازاتچىلىرى ھەريىلى چەتئەللەردىن تەخمىنەن 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ياردەم ئېلىپ تۇردى . بۇسان ئافغانىستاننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ . 1979-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە بولغان 10 يىل ئىچىدە يالغۇز سەئۇدى ئەرەبىستانلا ئافغانىستان غازاتچىلىرىغا بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا ياردەم بەردى . ئامېرىكىمۇ بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن ياردەم بەردى .
بۇنىڭدىن باشقا كابول ھۆكۈمىتى ھەربى ۋە مالىيە جەھەتتە پۈتۈنلەي سوۋېت ئىتتىپاقىغا يۆلىنىپ قالدى . سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ 100 مىڭ كىشلىك قۇشۇنى فىرونىتتا مۇجاھىدلار بىلەن قانلىق جەڭ قىلغاندىن باشقا ، سوۋېت ئىتتتىپاقنىڭ ئاشلىق دورا ، قورال ياراغلىرىمۇ كابولغا ئۈزۈلمەي تۇشۇلۇپ ، ئاجىز نەجبۇللا ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ تۇردى . ئافغانىستان خەلقئارا كۈچلەرنىڭ رىقابەت مەيدانىغا ئايلاندى . سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى ئىسلام ئەسلىيەتچىلىك كۈچلىرى بىلەن بىرسەپتە تۇردى .
بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى : كابو ل ھۆكۈمىتىنى سوۋېت ئىتتىپاقى قوللىغانلىقتىن ، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دېڭىز قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر پۇل بەردى ، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى قورال ياراق ۋە ماددى بۇيۇملار بىلەن ياردەم قىلدى . شۇنىڭ بىلەن ئافغانىستان ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى .
چەتنىڭ نۇرغۇن ياردىمى ئۈزۈلمەي كىلىپ تۇرغانلىقتىن ، پىشاۋۇردا تەسىس قىلىنغان پارتىزانلىق باش شىتاپلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللانمىدى ، قۇرال يارقتىن غەم يىمىدى ، ئۇلار جەڭ قىلىشتىن ئىبارەت بىرلا ۋەزىپىنى ئۇرۇنلاپ ، « كەسپى غازاتچىلار » دىن بۇلۇپ قالدى .
مۇجاھىدلار ياۋروپادىن كەلتۈرۈلگەن كالا قوي گۆشلىرىنى ، ئامېرىكىدن كەلتۈرۈلگەن گۈرۈچ ۋە ئۇنلارنى ، شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىن كەلتۈرۈلگەن مېۋە-چېۋە كۆكتاتلارنى يېدى ، ئەڭ زامانىۋى ئېلىكتىرۇن ئۈسكۈنىلەرنى ۋە قورال ياراقلارنى ئىشلەتتى .
ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتلىرىنىڭ قوراللىق كۈرىشى كابولنىڭ سوۋېتپەرەس ھاكىمىيىتىگە قاتتىق زەربە بەردى .سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ ھەربى ئىشغالىيىتىگىمۇ ئىنتايىن زور قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلدى . 1984-يىلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %70 رايۇنى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتىنىڭ كونتىروللىقىغا ئۆتتى . ھۆكۈمەت ئارمىيىسىدىن 17 مىڭ ئادەم ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىدىنمۇ 20-30مىڭ ئادەم ئۆلدى ۋە يارىدار بولدى . پارتىزانلاردىن ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلارنىڭ سانىمۇ 30 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى . سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ رەسۋا قىلغىنى شۇ بولدىكى ، ئافغانىستانغا ئەسكەر چىقارغانلىقى ئۈچۈن ھەممە خەلقئارا تەشكىلاتلاردا ۋە ئورگا نلاردا ئەيىبلەندى .
بۇلۇپمۇ ئۈچىنچى دۇنيادا تېخىمۇ يىتىم قالدى .
ئافغانىستاندىن ئىبارەت بۇ پاتقاققا ئۇزۇن مۇددەت پېتىپ قالغاچقا ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئادەم كۈچى ، مالىيە كۈچى ۋە دىپلوماتىيە جەھەتلەردە ئىنتايىن تەس ئەھۋالدا قالدى . كۈندىن كۈنگە ئاجىزلىشىپ كەتكەن سوۋېت ئىتىپاقى بۇ ئېغىر يۈكنى كۈتۈرەلمەي قېلىپ ، 1988-يىلى 4-ئايدا ئافغانىستاندىن تەدىرىجى قۇشۇنىنى چىكىندۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى . سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى قۇشۇنى تۇلۇقچىقىپ كەتكەندىن كىيىىن ، كابول ھكىمىيىتى ئاران ئىككى يىل بەرداشلىق بېرىپ ، ئاخىرى 1992-يىلىنىڭ باشلىرىدا گۇمران بولدى .
« يەتتە پارتىيە » باشچىلىقىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتلىرى كابولنى ئۆتكۈزىۋېلىپ ، دۆلەت نامىنى ئافغانىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتتى . شۇنداق بولسىمۇ ئافغانىستاندىكى غەليان تۈگىمىدى . چوڭ دۈشمەن ئالدىدا ھەرقايسى قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتلىرى بىرلىككە كىلىپ دۈشمەنگە تاقابىل تۇردى . چەتتى كەلگەن دۈشمەن يۇقىتىلغان ھامان غازاتچىلار ئىچىدە جىدەل باشلاندى . دۆلەت ھوقۇقىنى كىم تۇتۇشى كېرە ك؟ ئىسلام دۆلىتىنى قانداق ئەندىزە بۇيىچە قۇرۇش كېرەك ؟ دىگەنلەردە گۇرۇھلار بىرلىككە كىلەلمىدى . شۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلار ئارا قان تۈكۈلىدىغان ئۇرۇش ئۇلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا باشلىنىپ كەتتى .

تۈگىدى .
مەنبە : دۆلىتىمىز ئالىمى شىياۋشىيەننىڭ « خەلقئارادىكى ئىسلام دولقۇنى » ناملىق كىتابىدىن
| ۋاقتى : 2009-01-06 12:07 3 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.053543(s) query 4, Time now is:01-08 18:23, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation