نۆۋەتتىكى تېما : چارروسىيە قانداق ئاجىزلاشقان تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 4730ـ كۆرۈرمىنى
ulukroh

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 4765
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 103
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە103دانە
شۆھرىتى: 119 نومۇر
پۇلى: 1230 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :41(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-10-03
ئاخىرقى : 2009-01-06

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 چارروسىيە قانداق ئاجىزلاشقان

چارروسىيە ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلىك ئورنىدىن قانداق ئايرىلىپ قالغان


1853-يىلى ئوسمان تۈرۈك ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەختى بىر توپ پەۋقۇلادە مىھمانلارنىى كۈتۈۋالدى.ئۇلار چارروسىيىدىن كەلگەن ئالى ئەلچىلەر ئۆمىكى بۇلۇپ. ئۆمەك باشلىقىى چار پادىشاھ نىكولاي1نىڭ ئەلچىسى مىنىشكوۋ ئىدى.بۇ ئۆمەك تۈركىيە ھۈكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ مەزكۇر دۆلەتتىكى پىرىسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقات قىلدىغان پۇقرالارنى قوغداش ھۇقۇقىغا ئېرىشىش مەقسىتىدە كەلگەنتى. بىراق ئىتائىت قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەلگەن تۈركىيە ھۈكۈمىتى سۈر ھەيۋە بىلەن كەلگەن چارروسىيە ۋەكىللەر ئكمىكىنىڭ بۇ تەلپىنى ئويلىمىغان يەردىن كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلغان. شۇنىسى ئايانىكى ئىلگىرى ناھايتى چوڭ بۇ ئىمپىرىيە18-ئەسىردىن باشلاپ زاۋاللىققا يۈزلەنگەن ھەم ئاخىرقى ھىسابتا ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئۆز-ئارا تالىشىدىغان ئولجىغا ئايلىنىپ قالغاندى.

19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئەنگىلىيە .فىرانسىيە .روسىيە .ئاۋىستىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئاتالمىش
<<شەرىق مەسلىسىس>>توغۇرسىدا كەشكىن پۇت تىپىشكەن .ئۇلار ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ <<مىراس>>لىرىغا ۋارىسلىق قىلىش كويىدا بولۋاتقاچقا كەسكىن خەلقارا تۇقۇنۇش ئۈزۈلمەي يۈز بىرىپ تۇرىۋاتقان بۇلۇپما قارا دېڭىز بىلەن ئوتتۇرا دېڭىزنى تۇتاشتۇرىدىغان پوسبورىس ۋە داردانىل دېڭىزى بۇغۇزى ئۇلار تەمە قىلدىغان ئۇبىكتىپ بۇلۇپ قالغان.ھەرقايسى دۆلەتلەرننىڭ <<مىراس>> تالىشىش كۈرىشىدە ئەنگىلىيە بىلەن فىرانسىيە بىرلىشىپ چوروسىيىنى چەكلەيدىغان ۋەزىيەت تەدىرجى شەكىللەنگەن.
  1848-يىلى ياۋرۇپا بۈيۈك ئىنقىلابى پارتىلغاندىن كىيىن.روسىيە ئەسكەر چىقارغاچقا.ھەرقايسى پادىشاھلىق دۆلەتلەر كىرزىستىن قۇتۇلۇپ قالغان.19-ئەسىرنىڭ50-يىللىرىدىن كىيىن چارروسىيە<<مۇقەددەس ئىتىپاق>>نىڭ قورغۇچىسى بۇلۇپلا قالماستىن.يەنە ئۈزىنى <<ياۋرۇپانىڭ ژاندارمىسى>>دەب ھىسابلىغان.شوڭا نىكولاي1بۇنداق پايدىلىق ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ تۈركىيەگە كېڭىيىش سىياسىتىنى داۋاملىق قولىنىشنى قارا قىلغان.
نىكولاي 1تۈركىيەگە تېخىمۇ بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن1853-يىلى7-ئاينىڭ باشلىرى گورچاگوۋ باشچىلىقىدىكى 170مىڭ كىشلىك قۇشۇن ئەۋەتىپ  دوناي دىرياسى بۇيىدىكى مولداۋا ۋە ۋالاچىيا كېنەزلىكىنى ئىشغال قىلىپ ،تۈركىيە قىستاپ كەلگەن،شوڭا تۈركىيە روسىيە بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان.ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە قول سېلىش ئالدىدا تۇرغاندا <<مۇقەددەس جاي >>پەلەستىننى قوغداش ھۇقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ماجرا قايتا يۈز بەرگەن.بۇ ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقانداك ئىش بولغاچقا،ئاخرقى ھىسابتا كەڭ كۆلەملىك خەلقارالىق ئۇرۇش پارتىلىغان.
خىرىستىيان مۇرىتلىرى تەرىپىدىن مۇقەەس جاي دەپ قارىلىپ كەلگەن پەلەستىن ئوسمان ئىمپىرىيىسى زىمىندا بولسىمۇ،كاتولىك دىنى جەميىتى بولسۇن پىرىسلاۋىيە دىنى جەميىتى بولسۇن،بۇ <<مۇقەددەس جاي>>نى باشقۇرۇش ھۇقۇقىقا ئېرىشىشكە ئىنتىزار بۇلۇپ كەلگەچكە،دائىم دېپلوماتىك تۇقۇنۇش يۈز بىرىپ تۇرغان.يوۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئىككى كۈچلۈك دۆلەت فىرانسىيە بىلەن چارروسىيە ئۆزلىرىنى كاتولىك دىنى ۋە پىروسلاۋىيە دىنىنىڭ قوغدىغۇچىسى دەپ ئاتىۋالغاچقا،ئۇلارنىڭ زىدىيىتى يەنمۇ ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەن.
تۈركىيە ھۈكۈمىتى كىشنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان <<مۇقەددەس جاي>>مەسلىسىدە ئەسلىدى ھىچكىمنىڭ چىشىغا تىگىپ قۇيۇشنى خالىمايتى،بىراق فىرانسىيە ۋەكىلى راۋلىت تۈركىيىنى قوۈدايمىز.دەپ ۋەدە بىرىش بىلەن بىللە يەنە قۇرال كۈچى بىلەن تەھدىدت سالغان.بۇنداق زور بېسىم ئالدىدا،فىرانسىيەگە ئىتائەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان تۈركىيە1852-يىلى رەسمى پەرمان ئېلان قىلىپ،مۇقەددەس جاينى قوغداش ھۇقۇقىنى فىرانسىيەگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بۇ خەۋەر تارقالغاندى كىيىن ،چارروسىيە تۈركىيە چىگرىسىغا نۇرغۇن قۇرۇقلۇق قىسمى ئەۋەتكەن،ۋەھالەنكى فىرانسىيىمۇ ئېگىي دېڭىزىغا فىلوت ئەۋەتىپ ھەيۋە كۆرسەتكەن. چارروسىيە مولداۋا ۋە ۋالاچىيەنى ئىشغال قىلغاندىن كىيىن ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋىناغا يىغىلىپ،كىرزىسنى ھەل قىلىش ئۈستىدە كېڭەشكەن بولسىمۇ،بۇ ۋاقىتتا ۋەزىيەت تىزگىنسىز قالغانتى،ئەنگىلىيە بىلەن فىرانسىيىىنىڭ قولىشىغا ئېرىشكەن تۈركىيە سۇلتانى ئابدۇللد مەجىدنىڭ پوزىتسىيىسى تېخمۇ قاتتىقلىشىپ،1853-يىلى10-ئاينىڭ باشلىرى چارروسىيە قىسىملىرىنىڭ18كۈنگىچە دوناي دەرياسى بۇيىدىكى ئىككى كېنەزلىكتىن چىقىپ كىتىشكە بۇيرىغان تەلىپى رەت قىلىنغاندىن كىيىن،چارروسىيىگـە ئۇرۇش ئېلان قىلغان،بۇنىڭ بىلەن،كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش پارتىلىغان،بۇ ئۇرۇشنىڭ ئاساسلىق جەڭگاھى قىرىمدا بولغاچقا قىرىم ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتالغان.
  ئۇرۇش ھارپىسىدا ،چار پادىشاھ نىكولاي1 ئەنگىلىيە بىلەن فىرانسىيە ئۇرۇشقا قاتناشمايدۇ ،تۈركىيىنى تىزدىن مەغلۇپ قىلىپ ،كونىستانتىنىپولنى ئىشخال قىلساق ياۋرۇرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئېغىزىنى ئېچىپ قېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ،دەب قارىغان ئەمما ۋەزىيەت ئۇنىڭ كۈتكىنىدەك بولمىغان.1854-يىلىنىڭ باشلىرى تۈركىيە ئۇرۇشتا ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بۇلۇشقا باشلىغاندا،ئەنگىلىيە بىلەن فىرانسىيە تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان.4-يانىۋار ئەنگىلىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ بىرلەشمە فىلوتى قارا دېڭىزغا كىرىپ .تۈركىيەنىڭ قاتناش لېنىيىسىنى قوغداشقا مەسئۇل بولغان.چاروسىيە نائىلاج21-فىۋىرال ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيە بىلەن ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان،ئارقىدىنلا ئەنگىلىيە بىلەن فىرانسىيە ئاۋىستىرىيە ،ساردىگنا قاتارلىقلار بىلەن ئىتىپاق تۈزگەن چاروسىيە دانىيە،شىۋىتسىيە،پىروسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ،نىيتى ئەمەلگە ئاشمىغان،نەتىنجىدە قىرىم ئۇرۇشى چارروسىيە ئەنگىلىيە ،فىرانسىيە ،تۈركىيە ،ئاۋىستىرىيە،ساردىگىنا ئىتىپاقى بىلەن ئۇرۇشىدىغان ئۇرۇشۇقا ئايلانغان بۇ چارروسىيىنىڭ ئاخىرقى ھىساپتا مەغلۇپ بۇلۇشىدىكى مۇھىم سەۋەپ بۇلۇو قالغان.
جەڭگاھتىكى پايدىسىز ۋەزىيەت شۇنداقلا ئېغىر تالاپەتنى كۆزدە تۇتقان چارروسىيە1856-يىلى3-ئاينىڭ30-كۈنۈى پارىژدا رەقىبلىرى بىلەن سۈلھى تۈزۈشكە مەجبۇر بولۇپ،قارا دېڭىزدا فىلوت تۇرغۇزۇش ۋە ھەربى بازا قۇرۇش ھۇقۇقىدىن مەھرۇم قالغان.بۇ ئۇرۇشقا،چاروسىيە800مىليۇن روبىلى چىقىم قىلغان ھەم522مىڭ ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قالغان،بۇ ئۇرۇشتا ياۋرۇپانىڭ ئىلگىرىكى سىياسى ئەندىسزىسى بۇزۇپ تاشلىنىپ ،فىرانسىيە بىرلا سەكرەپ ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ خوجىسىغا ئايلانغان.ئېيتىپ ئۈتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى،چارپادىشاھ ھۈكۈمىتى بۇ قېتىمقى ھاقارەتلىك مەغلۇبىيەتتىن ئەنگىلىيەۋە فىرانسىيە قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەرننىڭ ئارقىسىدا قالغانلىقىنى ھىس قىلغان ھەم ئارقىدىنلا يانچىلىق تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشقا باشلىغان.

مەنبە ئۇيغۇر تىلىلىدىكى پايدىلىنىش خەۋەرلىرى گېزىتى



تەشەببۇس ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق تارىخقا ئېگە قەدىمى مەدەنىيەتلىك خەلىقتۇر،.ئورخۇن مۇنبىرى بولسا ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى بىردىن-بىر تارىخ تور بىكىتىدۇر،سىز ئۆز تارىخىڭىزنى ھۆرمەتلىسىڭىز ئورخۇن مۇنبىرىىنى قولىسڭىز مەزكۇر مۇنبەردىكى تېمىلارنى خالىغانچە كۈچۈرمەڭ
[ بۇ يازما ulukroh تەرىپىدىن 2009-01-01 20:25 دە قاي ]
| ۋاقتى : 2008-12-31 22:41 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 4730ـ كۆرۈرمىنى
ulukroh

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 4765
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 103
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە103دانە
شۆھرىتى: 119 نومۇر
پۇلى: 1230 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :41(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-10-03
ئاخىرقى : 2009-01-06

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئوسمان تۈرۈك ئىمپىرىيىسىنى تۇنىۋېلىڭ



   ئوسمان تۈركلىرى ئەسلىدە كاسپى دېڭىزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى خوراسان ئەتراپىدا ياشايدىغان سالجۇق تۈركلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ، كېيىن غەربكە كۆچۈپ ، كىچىك ئاسىياغا كېلىپ، رۇم سۇلتانلىقىغا بېقىنغان. ئۇلارنىڭ ئاتامانى ئەر توغرول رۇم سۇلتانلىقى بەرگەن ئانچە چوڭ بولمىغان ، شەرقىي رىم ئىمپېرىيسى زېمىنى بىلەن چېگىرلىنىدىغان بىر پارچە سۇيۇرغال يەرگە ئىگە بولغان . ئۇنىڭ ئوغلى ئوسمان تەخىتتە ئولتۇرغان مەزگىل(تەخمىنەن 1282‏-‏-‏- 1326 يىللىرى)دە مۇستەقىللىق جاكارلاپ، زېمىننى كېڭەيتىپ 1326- يىلى شەرقىي رىم ئىمپېرىيسىنىڭ بۇرسا شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، پايتەخىت قىلغان . ئوسمان تۈركلىرى تېز قۇدىرەت تاپقان .
   14- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئوسمان تۈركلىرى ياۋرۇپا قۇرۇقلۇقىغا تاجاۋۇز قىلىشقا باشلاپ ، 1362- يىلى ئادرىئانوپۇل(تۈركلەر ئۇنى ئەدىرنە دەپ ئاتىغان)نى ئىگىلەپ ، پايتەخىتنى مۇشۇ يەرگە كۆچۈرگەن . ئارقىدىن فراكىينىڭ شەرقىي قىسمىنى ئىشغال قىلغان. 1389- يىلى كوسوۋودا بالقاندىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە ئارمىيسىنى مەغلۇپ قىلىپ، سېربىينى بويسۇندۇرغان. تۆت يىلدىن كېيىن بۇلغارىيىنى بويسۇندۇرغان. 1396-يىلى نىكوپولدا ياۋرۇپا بىرلەشمە ئارمىيسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بالقاندىكى كۆپ قىسىم زېمىننى ئىگىلىگەن . 15- ئەسرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئوسمان تۈرۈك ئارمىيسى شەرقىي رىم ئىمپىرىيسىگە ھۇجۇم قىلغان ، شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەخىتى كونستانتىنوپولغا ھۇجۇم قوزغىغان . ئۈچ ئەتراپنى دېڭىز ئوراپ تۇردىغان كونستانتىنوپولنىڭ قاتنىشى قولايلىق ، يەر شەكلى خەتەرلىك بولۇپ،  4- ئەسردىن5- ئەسرىگىچە رىم ئىمپېراتورلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سېپىل سوقتۇرغانىدى. غەرپ تەرەپتىكى سېپىل قوش سېپىل بولۇپ ، ھازىر ئىستانبولدا يەنىلا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. شەھەرنىڭ سىرتىنى خەندەك ئوراپ تۇرغاچقا ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەردە بىر مۇنچە ئىستھكام بولغاچقا مۇداپىئەسى مۇستەھكەم ئىدى. دېڭىزدىن كېلىدىغان ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، شەھەرنىڭ شىمالىدىكى خالىچ قولتۇقىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا زەنجىر ئورنىتلغانىدى. خالىچ قولتۇقىنىڭ شىمالىدىكى كالاتىيە رايونى كونستانتىنوپولنىڭ شەھەر ئەتراپى رايونى ئىدى . گېنۇيالىقلار ئۇ يەردە تايانچ پونكىت قۇرۇپ ، سېپىل سوقتۇرغانىدى . ئوسمان تۈركلىرىنىڭ سۇلتانى مۇھەممەت(1481---1451يىللىرى تەخىتتە ئولتۇرغان )قورغانغا ھۇجۇم قىلىشنى خېلى ئۇزاققىچە توختاتمىغان ،1453-يىلى ، ئوسمان تۈركلىرى كالاتىيە رايونىدىكى گېنۇيالىق سودىگەرلەر بىلەن كېلىشىپ، گېنۇيالىقلارنىڭ مەزكۇر رايوندا سودا قىلىش ئىمتىيازىنى ساقلاپ قېلىش شەرتى بىلەن بۇ يەردىن يول ئېچىپ ، ئاخىرى زەنجىرنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ ، كونستانتىنوپولنى ئىشغال قىلغان . شەرقىي رىم ئىمپېرىيسى يوقىتىلغان . شۇنىڭدىن كېيىن ، ئوسمان تۈركلىرى پايتەختنى كونستانتىنوپولغا كۆچۈرگەن . 15- ئەسرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، تۈركىيە پۈتكۈل كىچىك ئاسىيا ۋە بالقان يېرىم ئارىلىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئىشغال قىلغان . يەنە قارا دېڭىزنىڭ شىمالى قىرغىقىدىكى قىرىم خانلىقىنى ئىشغال قىلغان( - 1457يىلى)16-ئەسرنىڭ50-يىللىرىغىچە ، تۈركىيە ئارمىيسى ئاسىيادا تاشقى كاۋكاز ، ئىككى دەريا ۋادىسى ، سۈرىيە ، پەلەستىن ، مەككە، مەدىنەۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىدىكى دېڭىز ياقىسى رايونلىرىنى، ئافىرىقىدا مىسردىن ئالجىرىيەگىچە بولغان كۆپ قىسىم رايونلارنى، ياۋروپادا بېلگىرادنى ئىشغال قىلغان ، يەنە ۋېنگىرىيەگە نەچچە قېتىم ھۇجۇم قىلىپ ، ئۇنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى ئىشغال قىلغان ، 1459-يىلى ۋېنگىرىيە يىللىق ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان . ئىمپىراتور سۇلايمانI نىڭ زامانىغا كەلگەندە ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ زىمىنى شەرقتە پارىس قولتۇغى، شىمالدا دون دەريا ۋادىسى، غەرپتە ۋېنا ۋە ماراكەش، جەنۇپتا سۇدان ۋە يەمەنگە قەدەر بولغان ئارىلىقنى ئىشغال قىلىپ شۇ ۋاقىتتىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ دۆلەتكە ئايلانغان.

     1683-يىلى ئسمان تۈرك ئىمپىرىيىسى ۋىناغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ بولدى، ئاۋستىرىيە، پولشا، ۋە ياۋروپا بىرلەشمە قوشۇنلىرى غەربى سەپتىن, چارروسىيە شەرق ۋە شىمالدىن، ئىران شەرقى سەپتىن بىرلا ۋاقىتتا ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىگە ھۇجۇم قىلدى، شۇنىڭدىن كېيىنكى يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋاملاشقان ئۇرۇشتا ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسى ۋېنگىرىيەنى ئاۋستىرىيىگە،  قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىكى يەرلەرنى روسىيىگە، ئازەربەيجاننى ئىرانغا تارتقۇزۇپ قويدى. فرانسىيە-ئەنگىلىيەلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە ئىمپىرىيەدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنى قوللىشى، ئەرەپ قەبىلىلىرىنى كۈشكۈرتۈپ تۈركلەرگە قارشى قويۇشى بىلەن 1821-يىلىدىن 1832-يىلىغىچە روسىيە، فرانسىيە، ئەنگىلىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ بىرلىشىپ گىرىتسىيە مۇستەقىللىقىنى قوللاپ ئېلىپ بارغان گىرىتسىيە مۇستەقىللىق ئۇرۇشى تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلىشىپ ئىمپىرىيەنىڭ ھۇلىغا دەز كەتتى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىدىكى ئىككى چوڭ مىللەت ئەرەپلەر بىلەن تۈركلەرنىڭ تۇنجى ئۇرۇشى مىسىر-تۈركىيە ئۇرۇشى يۈز بەردى. روسىيەنىڭ زور ياردىمى ئارقىسىدا مۇستەقىللىقنى ئالغان سېربىيە، بۇلغارىيە، رومانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دۈشمەن سۈپىتىدە يېڭىدىن باش كۆتۈرۈشى، ئەرەپلەرنىڭ ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيە قوشۇنلىرىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا توپىلاڭ قىلىش نەتىجىسىدە 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسى ئۈزۈل-كېسىل ھالاكەت گىردابىغا كېلىپ قالدى.

   1-دۇنيا ئۇرۇشىدا تۈرك ئىمپىرىيىسى ئاۋستىرىيە، گېرمانيەلەر بىلەن بىللە دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغاپ قولدىن كەتكەن شان-شۆھرىتىنى قايتۇرىۋالماقچى بولغان بولسىمۇ بىراق ئىتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ مەغلۇپ بولۇشى ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ ئۈمىدىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇش بىلەنلا قالماي، تېخىمۇ كۆپ زىمىنىدىن مەھرۇم قىلدى. كۈنسېرى كىچىكلەۋاتقان دۆلەت زىمىنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىمپىرىيە تەۋەسىدە تۈرك مىللەتچىلىك ھەركىتى باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى.  تۈركىيە مىللى قەھرىمانى مۇستاپا كامال گۈللىنىش ھەركىتى قوزغاپ مىللى پارلامېنت  ھۆكۈمىتى قۇردى، 1922-يىلى 11ئايدا ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى مۇھەممەدVI نىڭ تۈركىيەدىن كېتىشى بىلەن ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىگە خاتىما بېرىلدى. 1923-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيتى رەسمى قۇرۇلدى.
http://sahawet.izde.net/Print.asp?ThreadID=339
yol
| ۋاقتى : 2008-12-31 23:21 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 4730ـ كۆرۈرمىنى
kokjal

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 2995
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 57
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە57دانە
شۆھرىتى: 58 نومۇر
پۇلى: 570 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :18(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-06-28
ئاخىرقى : 2009-01-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

1905- جىلى روسسيا مەن جاپونيا مانجۋرياغا تالاسىپ سوغىستى. ورىستار بۇل سوغىستا جاپونداردان وڭباي جەڭىلىپ زيان تارتتى. بۇنىڭ سوڭى ەل ىشىندەگى لەنيىن باستاغان كومنيستەردىڭ توڭكەرىسىن قوزغادى. وسىدان كەيىن شار روسسيا زاۋالغا بەت الدى.
| ۋاقتى : 2009-01-01 12:40 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 4730ـ كۆرۈرمىنى
TarimDadxah

دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-01-27
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ماۋزۇنى ئوڭشىۋېتىڭلارچۇ ؟ " چاروسىيە ، چىپار روسىيە ، ئالاروسىيە ، تاغىل روسىيە " دېگەندەك روسىيەمۇ بار ئوخشايدۇ ، دەپ قالىدىكەن كىشى !
yol
| ۋاقتى : 2009-01-01 14:34 3 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 4730ـ كۆرۈرمىنى
ulukroh

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 4765
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 103
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە103دانە
شۆھرىتى: 119 نومۇر
پۇلى: 1230 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :41(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-10-03
ئاخىرقى : 2009-01-06

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Quote:
3 - قەۋەتتىكى TarimDadxah 2009-01-01 14:34 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
ماۋزۇنى ئوڭشىۋېتىڭلارچۇ ؟ " چاروسىيە ، چىپار روسىيە ، ئالاروسىيە ، تاغىل روسىيە " دېگەندەك روسىيەمۇ بار ئوخشايدۇ ، دەپ قالىدىكەن كىشى !

دۇنيادا چىپار روسىيە ۋەياكى ئالا روسىيە دىگەن روسىيەلەر يوق چار روسىيە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇنداق مەنىدە ئەمەس بۇلۇپ چار پادىشاھ ھۈكۈمرانلىقىدىكى روسىيە دىگەن مەنىدە چار پادىشاھقا كەلسەك مەنمۇ ئانچە ئىنىق بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن
| ۋاقتى : 2009-01-01 17:59 4 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 4730ـ كۆرۈرمىنى
TuranTekin
ئۆزىنى بىلمەسلىك - ئەڭ چوڭ نادانلىقتۇر!

دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1797
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 316
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە316دانە
شۆھرىتى: 328 نومۇر
پۇلى: 3290 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :464(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-14
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

TarimDadxah ئەپەندىنىڭ ئىنكاسى، سىزنىڭ "چارروسىيە" دىگەننى "چارروسىيە" دەپ ئالماي بەلكى "چاروسىيە" دەپ ئالغانلىقىڭىزغا قارىتا يېزىلغان ئىكەن. شۇڭا سىز يازمىڭىزدىكى "چاروسىيە" دىگەننى "چارروسىيە" گە ئۆزگەرتىپ ئوڭشاپ قويغان بولسىڭىز.
yol
نادانلىق - زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى !!!
| ۋاقتى : 2009-01-01 18:12 5 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 4730ـ كۆرۈرمىنى
ulukroh

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 4765
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 103
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە103دانە
شۆھرىتى: 119 نومۇر
پۇلى: 1230 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :41(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-10-03
ئاخىرقى : 2009-01-06

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Quote:
5 - قەۋەتتىكى TuranTekin 2009-01-01 18:12 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
TarimDadxah ئەپەندىنىڭ ئىنكاسى، سىزنىڭ "چارروسىيە" دىگەننى "چارروسىيە" دەپ ئالماي بەلكى "چاروسىيە" دەپ ئالغانلىقىڭىزغا قارىتا يېزىلغان ئىكەن. شۇڭا سىز يازمىڭىزدىكى "چاروسىيە" دىگەننى "چارروسىيە" گە ئۆزگەرتىپ ئوڭشاپ قويغان بولسىڭىز.

ھېلىمۇ ئىملا خاتالىقىغا شۇنچە دىققەت قىلۋاتىمان شۇنداقتىمۇ بەزى بىر خاتالىقلار كىلىپ چىقىپ قالىدىكەن ھەرھالدا ئوڭشاپ قويدۇم
| ۋاقتى : 2009-01-01 18:24 6 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 4730ـ كۆرۈرمىنى
TuranTekin
ئۆزىنى بىلمەسلىك - ئەڭ چوڭ نادانلىقتۇر!

دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1797
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 316
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە316دانە
شۆھرىتى: 328 نومۇر
پۇلى: 3290 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :464(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-14
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Quote:
6 - قەۋەتتىكى ulukroh 2009-01-01 18:24 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :

ھېلىمۇ ئىملا خاتالىقىغا شۇنچە دىققەت قىلۋاتىمان شۇنداقتىمۇ بەزى بىر خاتالىقلار كىلىپ چىقىپ قالىدىكەن ھەرھالدا ئوڭشاپ قويدۇم

يەنىلا خاتالىق بار ئىكەن. سىز پەقەت تېمادىكىسىنى ئۆزگەرتىپسىز. مەزمۇن ئىچىدىمۇ "چاروسىيە" دەپ بار، شۇنىمۇ ئۆزگەرتىپ قۇيۇڭ.
نادانلىق - زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى !!!
| ۋاقتى : 2009-01-01 20:16 7 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 4730ـ كۆرۈرمىنى
erkhon

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 1066
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 38
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە38دانە
شۆھرىتى: 39 نومۇر
پۇلى: 380 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :29(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-11-30
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

200 يىل داۋاملاشقان تۇرك-روس ۇرۇشىدا  تۇركلەر مەغلۇپ بولغان ىكەن.
| ۋاقتى : 2009-01-01 23:36 8 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 4730ـ كۆرۈرمىنى
qelbora

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 7917
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە1دانە
شۆھرىتى: 2 نومۇر
پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2009-01-02
ئاخىرقى : 2009-01-02

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

تىمىسى چارروسىيە قانداق ئاجىزلاشقان بولغاندىن كىيىن ئاخىرىغىچە چارروسىيەنىڭ تارىخىنى يازماي تۈركىيەنىڭ تارىخىنى يىزىپسىزغۇ مەن تازا چۈشىنەلمىدىم
yol
| ۋاقتى : 2009-01-02 13:09 9 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 4730ـ كۆرۈرمىنى
ulukroh

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 4765
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 103
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە103دانە
شۆھرىتى: 119 نومۇر
پۇلى: 1230 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :41(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-10-03
ئاخىرقى : 2009-01-06

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Quote:
9 - قەۋەتتىكى qelbora 2009-01-02 13:09 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
تىمىسى چارروسىيە قانداق ئاجىزلاشقان بولغاندىن كىيىن ئاخىرىغىچە چارروسىيەنىڭ تارىخىنى يازماي تۈركىيەنىڭ تارىخىنى يىزىپسىزغۇ مەن تازا چۈشىنەلمىدىم


قىرىم ئۇرۇشى چار روسىيە ئىمپىرىيىسى بىلەن ئوسمان تۈرۈك ئىمپىرىيىسى شۇنداقلا غەرىپتىكى كونا مۇستەملىكە ئىمىريىلەر ئارىسىدىكى ئۇرۇش بۇلۇپ چاروسىيە بۇ ئۇرۇش ئارقىلىق ياۋرۇپانىڭ ژاندارمىسىلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىپ ئۈزىنىڭ تەسىر دائىرسىنى ئورنىنى
ياۋرۇپادىكى ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيىلەرگە تارتقۇزۇپ قويدى،ئوسمانىيلار بولسا بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ئارقىلىق ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيەگە بېقىنىشى تېخىمۇ كۈچۈيىپ كەتتى،چارروسىيە تارىخىدا بۇ ئۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ.
yol
| ۋاقتى : 2009-01-02 13:17 10 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 4730ـ كۆرۈرمىنى
ulukroh

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 4765
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 103
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە103دانە
شۆھرىتى: 119 نومۇر
پۇلى: 1230 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :41(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-10-03
ئاخىرقى : 2009-01-06

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

شۇنىمۇ دەپ ئۈتۈش زۈرۈركى قىرىم يېرىم ئارىلى ئىلگىرى ئوسمانىيلار ھۈكۈمرانلىقىدا بۇلۇپ كىيىن روسلار تەرىپىدىن ئىشخال قىلىنغان ھازىر بولسا ئوكرائىنانىڭ بىر ئۆلكىسىدۇر
| ۋاقتى : 2009-01-02 13:20 11 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 4730ـ كۆرۈرمىنى
ziddiyat

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 7923
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە15دانە
شۆھرىتى: 17 نومۇر
پۇلى: 160 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :6(سائەت)
تىزىملاتقان : 2009-01-02
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

چارروسىيە نىڭ ئاجىزلىشىش تارىخى ئوسمان تۈرۈك  ئىمپىرىيەسىنىڭ ئاجىزلىشى تارىخىغا ئوخشىمايدىكەن .
yol
| ۋاقتى : 2009-01-02 21:16 12 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 4730ـ كۆرۈرمىنى
yyygogogo

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 8049
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە8دانە
شۆھرىتى: 11 نومۇر
پۇلى: 100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
تىزىملاتقان : 2009-01-07
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

چارروسىيە"دىەگەن سۆز    روسچىدىكى цар( سار)دىگەن  سۆزدىن  كەلگەن
        مەنىسى "ئۇلۇغ      ،          بۈيۈك " دىگەنلىك  بولىدىغۇ دەيمەن...
                     


                            كەچۈرەرسىلەر              تۇنجى    كېلىپلا    ئاقساقاللىق  قىلىپ  قويدۇم.........بۇندىن  كىيىن كۆپرەك  ئاتىدارچىلىق  قىلارسىلەر........
| ۋاقتى : 2009-01-07 20:51 13 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.078270(s) query 4, Time now is:01-08 18:24, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation