ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
سىز بۇ تېمىنىڭ 385ـ كۆرۈرمىنى
BAYAT
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
---|
[p][/p]ھازىرقى ۋاقىتتا "سېرىق ئۇيغۇرلار" دېپ ئاتالغان ئۇيغۇر لار ئارىسىدا بۇ ئۇيغۇر يېزىقى مىللى يېزىق سۈپىتىدە ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.بۇلاردىن تاشقىېى بۇ يېزىق بىر ئاز ئۆزگەرتىلگەن شەكىلدە--مانجۇلار ،قالماقلار ، موڭغۇللار،بۇريات موڭغۇللىرى ۋە ياقۇتلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلمەكتە. بۇ كۆرسىتىلگەن دەلىللەر ئىسلامدىن ئىلگىرى ئەڭ قەدىمقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ ئەسىرلەر بويىيېزىق توغرىسىدىكى ئۇزاق ۋە چوڭقۇر تەسىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئوچۇق دەلىلدۇر. 9- ئەسىردە شەرقى تۈركىستاندا تۈزۈلگەن ئۇلۇغ ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ پايتەختى قۇجۇ شەھىرى ئىدى.بۇ شەھەر تۇرپاننىڭ يېنىدا بولۇپ،ئۆز ۋاقتىدا چوڭ مەدەنىيەت ھەم مەرىپەت مەركىزى ئىدى.شەھەرنىڭ يوغان ئىمارەتلىرى ۋە نۇرغۇن قول يازما كىتاپلىرى بۇنىڭغا چوڭ دەلىلدۇر.بۇ ئەسەرلەر ۋە يادىكارلىقلار،خۇسۇسەن ئىككى دىنى ئېقىمنىڭ--بۇددا ۋە مانىيچىلارنىڭ ياراتقان مەدەنى مەھسۇلاتىدۇر.كېيىن بۇلارغا نېستۇرى ئۇيغۇرلارمۇ قوشۇلۇپ،ئۇلۇغ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تۈزۈلۈپ ئۆسۈشىگە خىزمەت قىلغاندۇر. بۇددىزىم ئۇيغۇرىستانغا مىلادىنىڭ 1-ئەسىردىن باشلاپ تارقالغىنى تەخمىن قىلىنىدۇ. مانىھىزىم ياكى مانىيچىلىق 4-ۋە 5-ئەسىرلەردە تاقالغاندۇر.نىستۇرى خىرىستىيانلىرى بولسا، ۆپتىن بېرى ئورۇن ئېلىپ كەلگەنلىكى مەلۇمدۇر. مانىھىزىم 342-يىلى ئىراندا مانى ياكى لانىس نامى بىلەن مەشھۇر بولغان (پەلسەپەچى) ئالىم تەرىپىدىن مەيدانغا قويۇلغان دىنى ۋە پەلسەپىۋى تەلىماتتۇر. بۇ تەلىمات خىرىستىيان قەدىمقى مىللى ئىران دىنى بولغان دۇئالىزىم مەفكۇرىيىسى بىلەن مۇرەككەپلەشتۈرۈپ،يېرىم دىنى يېرىم پەلسەپىۋى نەزەرى مەزمۇنىنى ئالغان.بۇ مانىھىزىم ئوتتۇرا قاتلاملارنىڭ پايدىلىرىنى ھى،ايە قىلغانلىقى ئۈچۈن، قىسقا بىر ۋاقىت ئىچىدە ئىراندا،بىزانىستاندا،غەربى ئاسىيادا،ياۋروپادا ۋە ئافرىقىنىڭ شەرقى تەرىپىگە تارقالغان.مانىھىزىمنىڭ بۇ چوڭ ئۇتۇقلىرىنى كۆرگەن خىرىستىيانلار مانىيچىلارغا قارشى چوڭ ھۇجۇم قوزغاپ،ئۇلارغا ئېغىر زەربە بېرىدۇ.نەتىجىدە 376 -يىلى مانىھىزىم يوقۇتۇلۇپ، مانىنى ئېسىپ ئۆلتۈرىدۇ.4-ۋە 5- ئەسىرلەردە مانىھىزىم ئۇيغۇرىستانغا تارقىلىپ،بۇ يەردە جايلىشىپ قالىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا مانىيچىلار ئۇيغۇر مەدەنى مۇھىتى بىلەن ئارلىشىپ ،ئۇيغۇرلىشىپ ئۇيغۇر يېزىقىنى قوبۇل قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان كۆپ ئەسىرلەرگىچەئانچە مەلۇم بولمىغان بىر قىتئە ھالىدا ياشاپ كەلگەن. ياۋروپالىقلار بۇ ئۆلكىگە"يوشۇرۇن ئۆلكە"دەپ نام بەرگەن ئىدى.بۇ قىتئەنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، ياۋروپا ئەللىرى ناھايىتى قىزىققان. نەتىجىدە ياۋروپا ئەللىرى بىر نەچچە يىللار كەينى-كەينىدىن شەرقى تۈركىستانغا ئىلمىي ئارخېلوگىيىلىك ھەيئەتلەرنى ئەۋەتكەن.بۇ ھەيئەتلەرنىڭ بىرىنچىسى1902-1903-يىللاردا گرونۋىدىل بىلەن ھۇت، ئىككىنچىسى1904-1906-يىللاردا فون لىكوك ،ئۈچىنچىسى 1907-1909-يىللاردا يەنە شۇ گرونۋىدىل بىلەن فون لىكوك ئارخېلوگىيىلىك قەھەتتىنتەكشۈرۈش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەن. بۇ ئۈچ ھەيئەت تۇرپان ۋادىسىغا كېلىپ،ناھايىتى نۇرغۇن قەدىمقى ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرىنى ۋە قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى تاپتى. بۇلارنى كارۋان بىلەن ياۋروپاغا ئېلىپ بېرىپ،ياۋروپادىكى بارلىق ئاجايىپخانىلارغا توپلىدى.تۇرپاندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ چوڭ ئارخېلوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئىشلىرىنىڭ نەتىجىسى توغرۇلىق ئىنگلىز،فرانسۇز، نېمىس ،رۇس،ماجار ۋې باشقا ياۋروپا تىللىرىدا چوڭ -چوڭ ئەسەرلەر يېزىلىپ چىكتى.بۇ ئەسەرلەر پۈتۈن ياۋروپا دۇنياسىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى.بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىستانبۇل مىللەتچىلىرى ئەڭ قەدىمقى،ئەڭ باي ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى "تۈرك مەدەنىيىتى"نىڭ يادىكارلىق ئەسەرلىرى دەپ پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن كونا ۋە باي ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تامامەن ئىنكار قىلىشقا باشلىدى.ھالبۇكى قەدىمقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن--ئۇيغۇر خەلقىدۇر. بۇ مەدەنىيەتنىڭ قانۇنىي مىراسچىلىرى بولغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىرىك بولىشىغا قارىماستىن ،ئىستانبۇل ئەرباپلىرى ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر خەلقنىڭ ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مىراسچىلىرى دەپ پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلىشلىرى كىشىنى ناھايىتى ئەجەپلەندۈرىدۇ. |
||
![]() |
سىز بۇ تېمىنىڭ 385ـ كۆرۈرمىنى
torkun
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 385ـ كۆرۈرمىنى
honqan
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|