مۇنبەردە بىر قازاق باۋرىمنىڭ مۇڭغۇل يىزىغى قازاق يىزىغىدىن قوبۇل قىلىنغان دەپ يازغانلىغىنى ۋە بۇنىڭ ئۇچۇن تاتا توڭانىڭ نايمان ئوردىسىدىن ئىكەنلىگىنى شىپى كەلتۇرگەنلىگىنى كۇرۇپ پاكىت سۇپىتىدە ۋيومىڭ ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ تىلشۇناسى MICHAEL C. BROSE ئەپەندىنىڭ جوڭگۇ مۇڭغۇل دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يىزىق ۋە ئەدەبىيات مۇتەخەسسىس تىخنىلوگلىرى دىگەن ئىلمى ماقالىسىنىڭ تاتا توڭا غا مۇناسىۋەتلىك بۆلىگىنى ئەسلى ئېنگىلىز تىلى نۇسخىسىدىن تەرجىمە قىلىپ تورداشلارنىڭ سەمىگە تۇتتۇم ، قازاق باۋىرلىرىم ئۇيغۇر ۋە مۇڭغۇل يىزىقلىرىدا يىزىلغان تارىخنى ئىنكار قىلسا ماۋۇنىڭغا نىمە دەيدىكىن ؟ تاتا توڭا MICHAEL C. BROSE
Wyoming unvirsiti
يىزىق مۇتەخەسىسى ۋە مەشھۇر ئەدىب تاتا توڭا ئۇيغۇر تارىخىدا يىزىق ۋە ئەدىبىياتتا ئالدىنقى قاتاردىكى ۋە ئىنتايىن مۇھىم شەخىس دەپلا ئىتىراپ قىلىنىپلا قالماي شۇبھىسىزكى مۇڭغۇل تارىخىدا ئەڭ مۇھىم ئورۇن تۇتقان ئۇيغۇرلاردىن بىرى دەپ قارىلىدۇ .
يۈەن سۇلالىسى تارىخى ناملىق كىتاپتا تاتا توڭا توغرىسىدا يىزىلغانلىرىدىن شۇ پاكىتنى بىلىمىزكى شۇ مەزگىلدىكى نايمانلا گەرچە كۆچمەن چارۋىچى قەۋىم بولسىمۇ چەتئەل مۇتەخەسىسلىرى ئارقىلىق قوبۇل قىلغان بىر يۇرۇش تەرەققى قىلغان باشقۇرۇش سىستىمىسى بولغان. پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلايدىكى نايمانلار يىزىق سىستىمىسىنى ئۇيغۇرلاردىن قوبۇل قىلغان .تاتا توڭا نىڭمۇ نايمان ئوردىسىدا باج ئىشلىرىغا مەسۇل پۇتۇكچى ئەمەلدار بولىشى ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس ۋە چىڭگىزخان نايمان ئېلىنى 1204- يىلى مۇنقەرىز قىلغاندىن كىيىنمۇ يەنىلا يۇقۇرىقى خىزمەت بىلەن مەشغۇل بولغان .
تاتا توڭا نىڭ تەرجىمىھالى تاتا توڭا نىڭ باشقۇرۇش سىستىمىسى ۋە يىزىق مۇتەخخەسىسى سالاھىتىدە مۇڭغۇل رىجىمىگە قوشۇلغانلىغى بىلەن كۆپرەك باغلىنىدۇ ، نايمانلار مەغلۇپ بولغاندا تاتا توڭا ئوردا تامغىسىنى يېنىغا ئىلىپ قاچماقچى بولغاندا مۇڭغۇللار تەرىپىدىن ناھايىتى تىز قولغا ئىلىنغان، تەرجىمىھالدا چىڭگىزخان بىلەن تاتا توڭا ئارىسىدىكى سۇھبەت يەنى بىر سودا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇ بولسىمۇ چىڭگىزخاننىڭ ئالدىن كۇرەرلىك ۋە زىرەكلىك بىلەن يىزىق سىستىمىسى ۋە باشقۇرۇش مىخانىزىمىنىڭ ئۇزىنىڭ ئەمدىلەتىن زورىيىۋاتقان ئىمپىرىيەسىگە بولغان ئەھمىيىتىنى تونۇپ يىتىشى ۋە تاتا توڭا تۇتۇلغاندا يىنىدىن تىپىلغان ئوردا تامغىسىنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا تاتا توڭادىن تەپسىلى سوال سورىغانلىغى توغرىسىدا ئۇشبۇ تەرجىمىھالغا قارايلى :
چىڭگىزخان تاتا توڭادىن سورىدى "بۇ نەرسىنى يىنىڭدا ئىلىپ يۈرۈشۈڭنىڭ سەۋەبى نىمە ؟" ئارقىدىنلا يەنە بۇنىڭ نىمىگە ئىشلىتىلىشىنى سورىدى .تاتا توڭا "بۇ ئوردا تامغىسى ، ھۇكۇمەت خادىملىرى باج يىغىش دىگەندەك ھەر قانداق ھۇكۇمەت ئىشلىرىدا بۇنى قانۇنلۇق ئىسپات سۇپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ "دەپ جاۋاپ جاۋاپ بەردى ، بۇنى ئاڭلىغان چىڭگىزخان ئىنتايىن مەمنۇن بولۇپ تاتا توڭا نى ھۇكۇمەت ئىشلىرىغا ئارىلىشقا تەكلىپ قىلدى شۇنىڭدىن كىيىن ھەرقانداق بىر ھۇكۇمەت يارلىغى ياكى داكونمىنتلار بولسا ئۇستىگە تامغا بىسىلىدىغان ئاندىن ئىجرا قىلىنىشقا بۇيرىلىدىغان بولدى ( يۇان سۇلالىسى تارىخى 124.3048)
چىڭگىزخاننىڭ تاتا توڭا بىلەن بولغان ئىككىنجى قىتىملىق سۆھبىتىدە چىڭگىزخانىڭ يىزىق سىستىمىسىگە ئىگە بولۇشتىكى ناھايىتى كۈچلۈك ئارزۇيى ۋە بۇ تىخنىكىنىڭ ئۇز ئىمپىرىيەسىگە ئائىت ئۇلۇغ پىلانلىرىنىڭ مۇۋاپپىيەت قازىنىشىدىكى ئەھمىيىتىنى تونۇپ يەتكەنلىگى ئوتتۇرىغا قويۇلغان “چىڭگىزخان تاتا توڭادىن سورىدى "سەن ئانا تىل يىزىغىڭغا ناھايىتى پىششىقمۇ ؟" تاتا توڭا بۇنىڭغا ھۆددە قىلالايدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە خانلىق يارلىغى بىلەن چىڭگىزخاننىڭ جەمەتىدىكى بارلىق ۋارىس ۋە شاھزادىلەرگە مۇڭغۇل تىلىنى ئۇيغۇر يىزىغىدا يىزىشنى ئۈگۈتۈشكە بۇيرۇلدى .
تاتا توڭا بىزگە مەلۇم بولغان ئەڭ دەسلەپتە چىڭگىزخان رىجىمىغا قىتىلغاۋە خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە چىڭگىزغاننىڭ تۇنجى دىپلوماتىيە مىنىستىرى، تاتا توڭانىڭ چىڭگىزخان ئوردىسىدا نىمە ئۇچۇن شۇنچە ئەتىۋارلانغانلىغىنى كۇرۇپ يەتمەك تەس ئەمەس ، تاتا توڭا باج سىستىمىسى ، پوچتا ئالاقە ۋە تامغا قاتارلىق مۇھىم تىخنىكىلىق ساھەلەردە يىتىشكەن مۇتەخخەسىس ۋە مۇڭغۇل ئاغزاكى تىلىنى يىزىق شەكلىدە ئىپادىلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان شەخىس، تامغا تىخنىكىسىنى تاتا توڭا نايمان ئوردىسىغا تونۇشتۇرغانمۇ ياكى نايمانلا چىن قاتارلىق باشقا ئەللەردىن قوبۇل قىلغانمۇ بۇنىسى نامەلۇم بىراق قانداق بولىشىدىن قەتتى نەزەر يىزىق سىستىمىسىنىڭ ئاھىمىيىتى بىلەنلا چىڭگىزخان تاتا توڭا نىڭ ئۇز ئىنپىرىيەسى ئۇچۇن قانچىلىك زۇرۇرلىگىنى تونۇپ يەتكەن . تەكىتلەپ ئۇتۇشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى تاتا توڭانىڭ نايمان غوجىسىغا بولغان ساداقىتىمۇ چىڭگىزخاننىڭ يۈكسەك ھۇرمىتىنى قوزغىغان ،بىز چىڭگىزغاننىڭ دايىم تاتار مىللىتى (بۇ يەردە كۇرسىتىلگىنى ئەينى ۋاقىتتىكى مۇڭغۇل ئۇلۇسى ) نى ۋاپادار ۋە ساداقەتمەن خەلىق دەپ تىلغا ئىلىشىدىن بۇ تەرىپىنى تونۇۋالايمىز . شۇنىڭ بىلەن تاتا توڭا چىڭگىزخان ۋە قوبلايخان ئوردىسىدا مۈلكى دىۋان(مالىيە مىنىستىرى)ۋەزىىپىسىنى ئۆتىگەن. تاتا توڭانىڭ بالىلىرى ۋە نەۋرىلىرىمۇ ئالى مەنسەپلەرنى تۇتقان.
تاتا توڭانىڭ چىڭگىزخان ئوردىسىدىكى خىزمەتلىرىنىڭ نەتىجىسى يىزىق سىستىمىسى ۋە ئەدلىيە ئارخىپ ئىشلىرىنىڭ مۇڭغۇل ئىلىدە تونۇشتۇرىلىشى ئومۇملىشىشى بىلەن يەكۈنلىنىدۇ،مەسىلەن تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر يىزىغىنى ئىگەلىگەن مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرىدىن بىرى بولغان چىڭگىزخاننىڭ ئۆگەي قېرىندىشى شگى قوتۇچۇ(مەزكۇر ئىسىمنىڭ تەلەپپۇزى خاتا بولۇپ قالغان بولسا توغرىلاپ قوياسىلە) سودىيە(يارغۇچى )بولۇپ تەيىنلەنگەن ،ئۇنىڭ ۋەزىپىسى قانۇنى بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈش ۋە رويخەتكە ئىلىش،نوپۇس تىزىملاش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش بولۇپ بۇ داكومىنتلار كۆك دەپتەر (مۇڭغۇلچە تەلەپپۇزدا كۆكۆ دەپتەر دەپ ئىلىنىپتۇ) دەپ ئاتالغان ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر يىزىغىدا يىزىلغان .
باشقا دەۋىرداش ماتىرىياللاردىمۇ ئۇيغۇر يىزىق سىستىمىسىنىڭ دەسلەپكى مۇڭغۇل سوتلىرىدا ئىشلىتىلگەنلىگى قەيت قىلىنغان ، مەسىلەن جوڭگۇلۇق داۋجياۋ دىنى مۇرتى چى چاڭ چۇن 1223-يىلى بىر قىتىملىق چىڭگىزخاننىڭ سوتىنى زىيارەت قىلغاندا ئۇنىڭ سۆزلىرى ئۇيغۇرلار ئىشلىتىدىغان يىزىق بىلەن خاتىرىلىنىدىكەن دەپ ئۇز خاتىرىسىگە يازغان. بۇ يىڭى يىزىق سىستىمىسى ئىمپىرىيە تەۋەسىدە دىپلوماتىيە ۋە خانلىق ئىشلىرىدا ئىشلىتىلگەن ،بۇلارنىڭ بەزىلىرى تاش ئويمىلارغا ئويۇلغان.
تاتا توڭانىڭ تۇتۇلىشى ۋە يىتەكچى ئۇستاز ۋە باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلىتىلىىشى تىمورچىننىڭ چىڭگىزخان( خانلارنىڭ خانى) دەپ ئاتىلىشى(1206) دىن ئىككى يىل بۇرۇن ۋە جورجىتلارنى بويسۇندۇرۇشتىن 5 يىل بۇرۇنغا(1209) توغرا كىلىدۇ. تاتا توڭانىڭ موڭغۇل ئوردىسىغا كىرىشى بۇيۇك مۇڭغۇل ئىمپىرىيەسىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخى تەرەققىيات ئۇزگۇرىشىدە تاشلانغان ئەڭ دەسلەپكى مۇھىم بىر قەدەم . ئالدى بىلەن ئوردا تامغىسى ۋە سىستىمىلاشقان يىزىق بۇ ئىككى تەرەپ مۇڭغۇللارنىڭ ئۇزلىرى بويسۇندۇرغان ئوكتىچى خانلىق ئىمپىرىيەلەردە ئۆز كۇچى ۋە ھاكمىيىتىنى ساقلاپ تۇرۇشتا زۇرۇز بولغان راتسوئىناللاشقان ۋە خاس فۇنكىسىيەلەشكەن بۇيرۇكىرات سىستىمىنىڭ شەكىللىنىشىدە كام بولسا بولمايدىغان رول ئوينىغان
.
تاتا توڭانىڭ مۇناسىۋەتلىك زامانداشلىرى توغرىلىق داۋاملىق يوللايمەن، تورداشلار يۇقۇرىدىكى ئۇلىنىش ئارقىلىق ماقالىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى چۈشۈرىۋالسا بولىدۇ ،
[ بۇ يازما Nawayi تەرىپىدىن 2009-01-08 14:40 دە قايت ]