ئورخۇننى قوللامسىز؟ مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى Munber hetni Nurmal Korelmigenler
قورال ئىشىلتىش ئادرېسىنى كۆچۈرۈش | ساقلىۋېلىش | پىرىنتىرلاش
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 5334
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 17
شۆھرىتى: 112 نومۇر
پۇلى: 135 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-10-20
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
باش يازما  يوللانغان ۋاقتى: 34كۈن بۇرۇن

 جۇڭگو-ۋېيـنام ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئەسكەر-ئابلىكىم

جۇڭگو-ۋېيتنام ئۇرۇشىغا قاتناشقان بىردىنبىر ئۇيغۇر ئەسكەر-ئابلىكىم ھەققىدە ھېكايە

بۇ ئەسەر ئورخۇن تورىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مەن تەرجىمە قىدىغانلىقىم توغرىلىق ئىنكاس يازغانىدىم، اللەنىڭ رەھمىتى بىلەن مانا بۈگۈن ئىرادە بوپتۇ. تەرجىمە سەۋىيەم چەكلىك بولغانلىقتىن، ھەربىي ئۇنۋان ناملىرى ئەسلىسى بويىچە ئېلىندى. تورداشلارنىڭ ئەپۇ نەزىرىدە مۇئامىلە قىلىشىنى سورايمەن.
ئاپتورى: غەيرەت نىياز
<ئۇيغۇر لىنىيىسى> مۇنبىرىدە 1962-يىلىدىكى جۇڭگو-ھىندىستان ئۇرۇشىدا مەيدانغا كەلگەن ئۇرۇش قەھرىمانى ئىسمائىل مۇھەممەدنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، تۇيۇقسىزلا جۇڭگو-ۋېيتنام ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئەسكەرنى يادىمغا ئالدىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىچكىرى ئۆلكىلىكلەر، بولۇپمۇ، جۇڭگونىڭ تور بەتلىرىدە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن نۇرغۇن قالايمىقان باھالار مەيدانغا كەلدى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى بىر كېچىدىلا يانچۇقچى، زەھەر توشۇغۇچى ۋە تېررورچى ئۇنسۇرغا ئايلىنىپ قالغاندەك كىشى قەلبىنى تولىمۇ غەش قىلدى. ئەمەلىيەتتە كۆپ ساندىكى ئاددىي ئۇيغۇر پۇقرالىرى ئاقكۆڭۈل دېھقان ۋە ئۇششاق سودىگەر. مۇخبىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتكەن، ئەمما يېڭىچە تۇيغۇ بېرىدىغان كونا خەۋەرنى ئوقۇرمەنلەر ھۇزۇرىغا سۇنۇشنى قارار قىلدىم.
بۇ يىل چاغاندىن كېيىنكى مەلۇم بىر كۈنى، مەن خۇددى ئالدىن كېلىشىۋالغاندەكلا ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبى شىنخۇا يولى سەھەر قۇياشى گۈللۈكىدىكى كىچىك بىر بىناغا كەلدىم، يىراقتىن قەدىناس دوستۇم ئابلىكىم بىنانىڭ 3-قەۋىتىدىكى دېرىزىدىن قولىنى پۇلاڭلىتىپ ئىشارە قىلدى. ئۇ بىر نەچچە يىل بۇرۇن مېنىڭ بىر دوستۇم بىلەن توي قىلغاندىن بېرى بىز قەدىناس دوست بولۇپ قالغانىدۇق. مەن پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتى بويىچە مەن پەقەت ئۇلارنىڭ توي مۇراسىمىغا باشتىن-ئاخىر قاتنىشىپ، ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرىغا ھەمدەم بولغانىدىم. بىر مەزگىللىك ئارىلىشىش جەريانىدا، بىز شاراب ئۈستىلىدە ئۈلپەتداش ھەم مەسلەكداش بولۇپ قالدۇق. ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن تامغا ئېسىپ قويۇلغان كەڭ ئېكرانلىق رەڭلىك تېلېۋىزورغا كۆزۈم چۈشتى، تېلېۋىزوردا <زەربىدار ئەسكەرلەر> دېگەن كىنو قويۇلۇۋاتاتتى. تاماق ئۈستىلىدە بىر نەچچە تەخسە قورۇما ۋە قېزا بار ئىدى. ئايال ساھىبخانا ئىسسىق بىر پىيالە چاي قۇيغاندىن كېيىن، بىر نەچچە قاچا گۈرۈچ تامىقى ئېلىپ كىردى. ئىلىلىق دۇەنيىخۇڭ يۇەنلاڭنىڭ رولىنى ئالغان بۇ فىىلىم بىزنى جەلپ قىلدى، ئۇ بىر توپ ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرىنى باشلاپ، ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىقىدا زەھەر ئەتكەسچىلىرىگە ھۇجۇم باشلىدى، بىز تاماق يېگەچ بۇ فىلىمگە باھا بەردۇق. مەن ئىچىمدە: "ئابلىكىم مېنى كېلىدۇ دەپ، بۇ قانالنى مەقسەتلىك تاللاپ قويۇپ، پاراڭ تېمىسىغا باشلاپ كىرمەكچىكەن-دە! " دەپ ئويلىدىم. ھەقىقەتەن، بىر مۇنەۋۋەر ھەربىي-دە، لېكىن قاچاندىن باشلاپ بۇ ئۇرۇش ماھارىتىنى ئۆگىنىۋالغاندۇ-ئۇ؟ مەن تېلېفوندا ئۇنىڭغا <ھېكايەڭنى سۆزلەپ بېرىسەن> دەپ قويغىنىم ئۈچۈنمۇ؟
ساھىبخانا شۇنچىلا قىزغىنلىق ھەم سەمىمىيەت بىلەن مېنى كۈتكەندىكىن، نەق گەپنى باشلىغان تۈزۈك دەپ ئويلىدىم.
<ماڭا ئۆزىڭىزنىڭ قانداقلارچە جۇڭگو-ۋېيتنام ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئىشتىراك قىلغانلىقىڭىزنىڭ تەپسىلاتىنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز>-دەپ سورىدىم مەن. دوستۇم ئالدىرىماي-تېنىمەي، ئىككى قەدەھكە ئىلى ئالاھىدە ھارىقىنى تولدۇرۇپ قۇيغاندىن كېيىن، كەمىنە بىلەن سوقۇشتۇرۇپ، غورتۇلدىتىپ ئىچىۋەتتى. ئۇنىڭ دىققىتىنى بۆلۈپ قويماسلىق ئۈچۈن مەن زىيارەت خاتىرەمنى قولۇمغا ئالمىدىم.
ئۇ غۇلجا ناھىيىسىنىڭ بايانداي يېزىسىدىن، 1984-يىلى ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىنغان، ئۈچ ئايلىق يېڭى ئەسكەرلەر مەشىقىدىن كېيىن، شىنجاڭ ھەربىي رايونى 7-دېۋىزىيىسىنىڭ 20-پولك توپچى ئەسكەرلەر 6-روتىغا كىرىپ، كۈنەس ناھىيىسى تەۋەسىدە تۇرغان. 1985-يىلى 4-ئايدا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇرۇش بۇيرۇقى يەتكۈزۈپ، شىنجاڭ ھەربىي رايونىغا تەۋە قىسىملارنىڭ ھەر بىر پولكدىن ئىككى نەپەر ئەسكەرنى ئاجرىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئابلىكىم تۇرۇشلۇق 6-روتا تاللىنىپ، جۇڭگو-ۋېيتنام ئۇرۇش مەيدانىغا ئاتلىنىشى، شۇنداقلا قىسىمدىكى مۇسۇلمان ئەسكەرلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەسىلىسى تۈپەيلىدىن بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشمىسىمۇ بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇش قىلىنغان. ھەش-پەش دېگۈچە مەزكۇر پولكدىكى شىنجاڭ ھەربىي رايونىدىكى مەلۇم ئۇيغۇر باشلىقنىڭ پەرزەنتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون نەچچە نەپەر مۇسۇلمان ئوفېتىسىر-ئەسكەر بۇ قېتىمقى ئۇرۇشقا قاتنىشىدىغانلار تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. پەقەت ئابلىكىم بىلەن غۇلجىلىق بىر تۇڭگان ئەسكەرلار ئۇرۇشقا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇرۇشقا قاتنىشىش ئۇقتۇرۇشنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان.
ئەينى چاغدا ئۇ <مەن ئۆز ئىختىيارىم بىلەن ھەربىي سەپكە قاتناشقان جۇڭگو پۇقراسى، دۆلەتنى قوغداش مەقسىتىدە قانۇن بويىچە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتىمەن، ھازىر دەل ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى بولۇۋاتىدۇ، بۇ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىدىغان تېپىلغۇسىز پۇرسەت، شۇڭا مەن ھېچقانداق شەرت قويماستىن، ئۆز بۇرچۇمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشقا قاتنىشىمەن. ۋاقتىنچە مۇسۇلمانچە تاماق يېيەلمەسلىكنى قاچاق ئەسكەر بولۇشنىڭ باھانىسى قىلىۋالسام قاملاشمايدۇ> دەپ قارىغان.
ئۇ قىسىم رەھبىرىدىن بىر نەچچە كۈنلۈك رۇخسەت ئېلىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنى قايىل قىلغان. ئەمما ئابلىكىمنىڭ ۋيېتنام ئۇرۇشىغا قاتنىشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ھەش-پەش دېگۈچە بايانداي تەۋەسىدە زور داغدۇغا قوزغىغان. يۇرتداشلار ئۇنىڭ قېىشىغا ئالايىتەن خوشلاشقىلى بارغان، كەنتتىكى ئاقساقاللار ئۇيغۇرلارنىڭ كونا ئۆرپ-ئادىتى بويىچە ئابلىكىم ئۈچۈن غازات ئۇرۇشىدىكى شېھىتلىك نامىزى ئوقۇغان. ئەسلىدە بۇرۇنقى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىدىغان ئوغلانلار تاسادىپى ئۇرۇشتا غازى بولۇپ كەتسە روھىنىڭ ئەمىن بولۇشى ئۈچۈن شېھىتلىك مېيىت نامىزى ئوقۇيدىغان دىنىي ئادىتى بار ئىدى. چۈنكى جەڭگاھنىڭ ئەھۋالى ھەر قاچان ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئادەتتە جەڭگاھتا غازى بولغان ئەسكەرلەرنىڭ مىيىتىنى چۈشۈرۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، بەزىدە ھەتتا ئۇرۇشتا بەزىلەرنىڭ جەسىتىنى تېپىشمۇ مۇمكىن بولماي قالاتتى. ئەمەلىيەتتە بۇ يەنە ئۇرۇش ئالدىدىكى سەپەرۋەرلىك ئىدى، ئىلگىرى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مىللىي ئارمىيىسىمۇ مۇشۇنداق قىلغان ئىدى، ھەر بىر پولكدە بىر ئاخۇن مۇئاۋىن پولك كوماندىرى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ مۇشۇنداق مۇراسىملارغا باش بولاتتى. ئابلىكىم ھېچنېمىنى ئاڭقىرالماي تۇرۇپلا، ئاقساقاللار ۋە ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ئۇنى كۆتۈرۈپ مەسچىتكە ئەكىرىپ قويغان.
ئابلىكىم ئۇرۇش قىلغۇچى قىسىمغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدە ئۈچ ئايلىق ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى مەركەزلىك تەربىيىلەشتىن كېيىن، قاتتىق ئورۇندۇقلۇق پويىزغا ئولتۇرۇپ ۋەتەننىڭ ئەڭ غەربى چېتىگە قاراپ يولغا چىققان. 1985-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى كۇنمىڭغا يېتىپ بارغان، ھېيت-بايرام كۈنلىرىدە ئابلىكىم سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ديەنچىنى سەيلە قىلغان، ئۇ بۇ يەردە غەم-ئەندىشىسىز ھالدا كۆل بويىدا سەيلە قىلىپ يۈرگەن ساياھەتچىلەرنى كۆرۈپ، ئۆزىنى باسالمىغان ھالدا يېنىدىكى سەپدىشىغا: <قارا! بۇ غەمسىز كىشىلەرگە، ئۇلار بىزنىڭ قانلىق ئۇرۇش مەيدانىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ خاتىرجەم ھايات كەچۈرۈشى ئۈچۈن ئىسسىق قېنىمىزنى تۆكۈدىغانلىقىمىزنى، ئەزىز جېنىمىزنى قۇربان قىلىدىغىنىمىزنى نەدىن بىلسۇن؟ ئەمما بىز زادى كىم ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىمىزنى ئوبدان بىلىمىز> دەيدۇ.
10-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۇلارنىڭ توپچى قىسمى جېيىنشەن تېغىغا چىقىپ، ئالدىراش دېسىمۇ بولىدىغان، دېمىسىمۇ بولىدىغان ئۇرۇشقا كىرىشكەن. بۇ قېتىملىق جۇڭگو-ۋېيتنام ئۇرۇشى ئاياغلىشاي دەپ قالغانلىقتىن، جېيىنشەن ئالدىنقى سېپىدىكى ئۇرۇش كۈنبويى جىم ئولتۇرۇپ بۇيرۇق كۈتىدىغان، گاھى-گاھىدا بىر-ئىككى قەپەس تۇتۇشۇپ قويىدىغان ئۇرۇشقا ئايلىنىپ قالغان. ئىككى تەرەپنىڭ زەمبىرەك ئۇرۇشى باشلانغان ھامان، ئابلىكىم 82 تىپلىق زەمبىرەكنى يۈدۈپ، توپ-زەمبىرەكلەرگە پەرۋا قىلماستىن، ئەگرى-توقاي ئىسسىق بەلۋاغ ئورمىنىنىڭ چىغىر يولىدا قۇيۇندەك چېپىپ، مۇۋاپىق ئورۇن ۋە نىشاننى تاللىغاندىن كېيىن، زەمبىرەك ئوقىنى سەپلىگۈچىنىڭ ھەمكارلىقىدا تۈگىمەس ئۇرۇش قاينىمىغا غەرق بولاتتى. ئۇ قارشى تەرەپنىڭ زەمبىرەكلىرىنى بىر-بىرلەپ <ۋەيران قىلىۋەتكەن، چۈنكى ئۇلار قارشى تەرەپنىڭ چېگرىسىغا بۆسۈپ كىرىپ، دۈشمەننى تەلتۆكۈس يوقاتقانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېقىشقا ئامالسىز ئىدى. مانا مۇشۇنداق گاھ توختاپ، گاھ ئېتىشىپ كېتىدىغان ئۇرۇش توپتوغرا بىر يىل داۋاملاشقاندىن كېيىن، بۇيرۇق كۈتۈپ ئولتۇرىدىغان بۇ زېرىكىشلىك ئۇرۇش ئاياغلىشىپ، ئۇلار ئالدىنقى سەپتىن قايتىپ كەلگەن، كالا تەمرەتكىسى دېگەندەك كېسەللەرگە گىرىپتار بولغاندىن تاشقىرى، روتىدىكى بىرمۇ ئەسكەر چىقىم بولمىغان. خەنزۇ ئەسكەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇ ھەم ھېلىقى تۇڭگان ئەسكەر پەقەت جانغا ھۇزۇر پولۇ، كاۋاپ، مانتا دېگەن تاماقلارنى يېيەلمەي، تەمسىز كالا گۆشى كونسېرۋاسى يېيىشكە مەجبۇر بولغان.
تۆھپىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدىن كېيىن، ئابلىكىم سەپداشلىرى بىلەن بىرگە يۈننەندىكى بىر ئورمانلىقتا ئارام ئالغان، ئۇ ئۈچ يۇلتۇز ئوردىنىنى تاقاپ، بىر تۈپ سۇۋادان دەرىخى تېگىدە ئۆزى ياقتۇرىدىغان مۇزىكىغا گېتتارىنى تىرىڭشىتىپ ئولتۇرغىنىدا، روتا رەھبىرى قايسىدۇر بىر ئارمىيە گېزىتىنىڭ مۇخبىرىنى باشلاپ كېلىپ زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرغان. پاراڭ ئارىلىقىدا تېتىقسىز مۇخبىر تەپ تارتماستىن، تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا ئابلىكمدىن: <سەن شىنجاڭلىق بىر ئۇيغۇر تۇرۇپ، شۇنچە يىراقتىن بۇ يەرگە كېلىپ، سەن بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان بۇ ئۇرۇشقا قاتناشتىڭ؟> دەپ سورىغان. بۇنى ئاڭلىغان ئابلىكىم غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولغان ھەم گېتتار بىلەن بۇ مۇخبىرنىڭ بېشىغا ئۇرغان. چۈنكى ئابلىكىم بۇنى بۇنى غايەت زور ئار-نومۇس ۋە كۆزگە ئىلمىغانلىق دەپ قارىغان. ئەجەبا بىز ئۇيغۇرلار جۇڭگو پۇقراسى ئەمەسمۇ؟ ئەجەبا بىز ئۇيغۇرلار خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە كىرىپ، ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلساق بولمامدۇ؟ بىزنىڭ ئارمىيىمىز ئىچىدىمۇ مانا مۇشۇنداق ساپاسىز، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ھۆرمەت قىلمايدىغان ۋە چۈشەنمەيدىغان ئارمىيە گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بارمۇ تېخى؟!
شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئابلىكىم ھەربىي رايون پىيادە ئەسكەرلەر مەكتىپىگە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن، مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ھەربىي مەكتەپ ئۇنى قىسىمدا قېپقېلىپ، تىرىنىر بولۇشقا تەكلىپ قىلغان. ئەمما ئۇ ئۆزىنى بۇنىڭغا مۇناسىپ ئەمەس دەپ قاراپ، ئاساسى قاتلامدىكى روتىغا قايتىپ كەتكەن ھەمدە رەسمىي دىۋىزىيون دەرىجىلىك ئوفېتىسر ئۇنىۋانىغا ئېرىشىپ، ئىككى قېتىم 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەندىن كېيىن، قىسىمدىن چېكىنىپ ئۆيىگە قايتقان.

تىلماچ: ئابدۇراخمان ئىمىن


ئەسلى ماقالە مۇنداق:


唯一参加过中越战争的维吾尔战士阿布力克木的故事
作者:海来特•尼亚
在维吾尔在线论坛里,重温了1962年中印战争中涌现出来战斗英雄司马义•买买提的感人事迹,脑海中不禁联想到了唯一参加过中越战争的维吾尔战士。最近几年来,内地人,特别是中国的网络上对新疆的维吾尔人误读太多,似乎一夜之间维吾尔人都成了小偷、毒贩子和恐怖分子,使人感到十分郁闷。其实,绝大多数普通的维吾尔人都是一些朴实善良的农民和小商贩。作为一名记者,觉得非常有必要将这个已经过时但又新鲜的“老闻”奉献给孜读者。
今年春节后的一天,记者如约来到乌鲁木齐市新华南路晨光花园小区的一栋住宅楼里,老远就看见老朋友阿布力克木在三楼的一扇窗户里探出头来,微笑着向记者摇手。记者之所以跟他成为老朋友,是因为几年前他娶了记者妻子的一位女友。按照我们维吾尔人的习惯,我只能全程参与他们的婚事,帮一点小忙而已。就这么一来二去,再加上这种“野挑旦”关系,我们俩就成了见面就喝酒,几乎无话不谈的“老朋友”了。入屋落座,看到挂在墙上的大屏幕平面彩电里,正在播放着《士兵突击》,餐桌上已经摆放了几碟小菜和熏马肠,女主人热情地看茶之后,端上来几碗米饭。我们看着伊犁小伙儿段栾宏扮演的袁郎,带领一群PLA的老A在热带丛林中伏击毒贩,一边吃饭一边对该剧评头论足。记者暗想:阿布力克木可能是想迎合我,故意选择了这个频道,以便自然地引出话题。真不愧是一个典型的军人,啥时候都讲究个战略战术啊,因为记者在约会电话里提出想采访一下他的“战事”。
既然主人这么热情而且如此通情达理,记者也只能开门见山单刀直入了。“请你详细说一下如何走上了中越自卫反击战战场的好吗?”老朋友不慌不忙,在两只水晶杯里勘了伊犁特曲,跟记者碰了一杯,娓娓道来。为了不影响他的思路,记者也没有掏出采访本。
他祖籍伊宁县巴彦岱乡,于1984年底应征入伍,三个月的新兵训练后,被分配在新疆军区第七师(现为武警总部机动部队第七师)20团炮兵6连当大头兵,驻扎在新源县境。1985年4月份的某一天,上级首长传达了战斗命令,新疆军区所属部队每个团必须派出两个连队,阿布力克木所在的六连正好被选中,即将开赴中越自卫反击战场轮战,同时也传达了凡部队中的穆斯林籍官兵,由于饮食习俗问题,可以不参加这次军事行动。一时间,该团应该出征的十几名穆斯林籍官兵,均退出了出征序列,包括一名新疆军区某维吾尔首长的孩子(还是一名连级军官),只有阿布力克木和一位来自伊宁县的回族战士提出了随连队出征的请战书。
当时他想,自己当初既然是自愿应征入伍的中国公民,依法履行兵役义务,就是为了保卫国家,现在正好碰到保家卫国的战争,正是一次千载难逢的报效国家的好机会,就应该毫无条件地、义无返顾地参加战斗,暂时吃不到清真饮食是绝对不能成为当逃兵的理由的。
他向部队首长请了几天假,回到家乡说服了亲人。可是阿布力克木将要奔赴中越战场的消息,还是不径而走,在巴彦岱引起了不大不小的轰动效应。父老乡亲走马灯似的前来告别,村里的长老们竟然提出按照维吾尔人的老规矩,为阿布力克木举行宗教烈士祭奠仪式替他壮行。原来,以前的穆斯林都有战前为出征将士举行祭奠的宗教习俗,以便为那些可能阵亡的烈士安魂,因为战场的环境瞬息万变,一般是不可能为阵亡将士举办任何祭奠仪式的,有时甚至连尸体都可能找不回来。其实,这种宗教仪式同时也是一种战前的动员誓师仪式,以前的三区民族军就这样搞过,每个团里还有阿訇副团长主持这样的仪式。阿布力克木实在怄不过长老和亲人的意愿,希里糊涂地被父老乡亲拥进了清真寺。
阿布力克木随出征部队在乌鲁木齐市进行了为期三个月的战前集训后,坐着火车硬座向祖国西南边陲出发了,于1985年10月1日抵达昆明。节假日,阿布力克木与战友们浏览昆明滇池,看到一群群无忧无虑的游客嬉戏在滇池湖畔,忍不住对身边的那位回族战友说:“瞧瞧这些自得其乐的人们,他们不会知道我们就要走上那血与火的战场,将要为他们平静的生活去流血,去牺牲啊!但是我们知道我们是为谁而战。”
10月15日,他们这个炮连开上了哲阴山前线,投入了说紧张也算紧张,说不紧张也不怎么紧张的战斗。因为此时中越之战已经进入尾声,哲阴山前线的战斗也就是整天蹲猫耳洞,隔三岔五地偶尔也打打炮战。双方的炮战一响,阿布力克木就扛着他那门八二式无后坐力炮,冒着时紧时希的炮火,在颠簸崎岖的热带雨林山地上下左右来回奔波,寻找选择最佳炮位和射击角度,在装填手的配合下,进行没完没了的肩抗式射击,“击毁或消灭”了一个又一个对方的炮位,因为他们无法越境查看是否真的消灭了敌人。就这么打打停停、停停打打了整整一年,他们终于结束了整天蹲在湿漉漉的猫耳洞,战斗强度并不大的战斗任务,从前线换防下来,除了一些湿疹牛皮癣之类的“伤病”,全连竟然无一战斗伤亡。比起其他汉族战友,他和那位回族战友,只是遭受了一年都吃不上热气腾腾的抓饭包子羊肉串,只吃那些没完没了的嚼之无味的水牛肉罐头的日子。
庆功大会之后,阿布力克木和战友在云南的一片树林里休息。他怀揣��枚三等��勋章,抱着吉他,坐在一个老树墩上自弹自哼时,连首长带着一名不知哪个军报的记者来采访他。说着说着,这位冒失的记者居然问道:“你作为一名新疆的维吾尔人,怎么想起到这里来参加这场好象跟你没有什么关系的战斗呢?”听到这话,阿布力克木差点儿跳起来,用吉他砸这位军报记者。因为阿布力克木感觉受到了很大的羞辱与蔑视,难道我们维吾尔人就不是中国人?难道我们维吾尔人就不能加入解放军参加保卫祖国的战斗吗?我们的军队里,居然还有如此没有素质,不知道尊重和理解少数民族战士的军报记者呀?
回到新疆后,阿布力克木被部队选拔到了军区步校学习深造,结业后军校决定留他担任教官,可他深知自己不是哪块料,就要求回到了基层连队,一直干到了正营职军官,又立了两次三等功,几年前退役回家。
[ بۇ يازما تەرىپىدىن دە قايتا تەھرىرلەنگەن ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
  • شۆھرىتى:+1(erdewil) ئىجادى ئەسەر
  • yol
    دەرىجىسى: لەشكەر
    UIDنومۇرى: 212
    جەۋھەر يازمىسى:
    يوللىغان يازمىسى:
    شۆھرىتى: 0 نومۇر
    پۇلى: سوم
    تۆھپىسى: نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-04-24
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
    1-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 34كۈن بۇرۇن
    ئابلىكىم  1985 - يىلى جۇڭگو - ۋېتنام  ئۇرۇشىغا  قاتناشقان؟  ھەي  جۇڭگو  بىلەن  ۋېتنام   1978 - يىلى  ئۇرۇشقانغۇ  دەيمەن.
    دەرىجىسى: لەشكەر
    UIDنومۇرى: 1017
    جەۋھەر يازمىسى:
    يوللىغان يازمىسى:
    شۆھرىتى: 0 نومۇر
    پۇلى: سوم
    تۆھپىسى: نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-11-12
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
    2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 34كۈن بۇرۇن
    خەۋەردار  قىلغىنىڭىزغا  رەخمەت
    ئەركەم تورى
    دەرىجىسى: لەشكەر
    UIDنومۇرى: 5334
    جەۋھەر يازمىسى: 0
    يوللىغان يازمىسى: 17
    شۆھرىتى: 112 نومۇر
    پۇلى: 135 سوم
    تۆھپىسى: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 9(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-10-20
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
    3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 34كۈن بۇرۇن
    مەن پايدىلانغان ماتېرىيالدا شۇنداق دەپ يېزىلىپتۇ، مەنمۇ دەسلىپىدە غەلىتىلىك ھېس قىلغان.
    ئەركەم تورى
    دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
    UIDنومۇرى: 1787
    جەۋھەر يازمىسى: 6
    يوللىغان يازمىسى: 432
    شۆھرىتى: 688 نومۇر
    پۇلى: 4305 سوم
    تۆھپىسى: 100 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 756(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
    4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 34كۈن بۇرۇن
    qoute
    - قەۋەتتىكى   دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
    ئابلىكىم  1985 - يىلى جۇڭگو - ۋېتنام  ئۇرۇشىغا  قاتناشقان؟  ھەي  جۇڭگو  بىلەن  ۋېتنام   1978 - يىلى  ئۇرۇشقانغۇ  دەيمەن.

    جۇڭگو ۋېيتنام ئۇرۇشى 1978- يىلى باشلىنىپ بىردە ئۇرۇشۇپ بىر توختاپ، بىردەم توختاپ، بىردە كۈچىيىپ بىردە ئاجىزلاپ دىگەندەك 1989- يىلىغىچە داۋاملىشىپ، 1989- يىلى ئاخىرلاشقان. شۇڭا ئابلىكىمنىڭ 1985- يىلى ۋېيتنام ئۇرۇشىغا قاتناشقانلىقى توغرا. بۇ ھەقتە باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا ئۆسمۈرلەر گېزىتىدە بۇ ھەقتىكى ماقالىلار چىقاتتى.
    تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
    دەرىجىسى: ياساۋۇل
    UIDنومۇرى: 4462
    جەۋھەر يازمىسى: 0
    يوللىغان يازمىسى: 41
    شۆھرىتى: 130 نومۇر
    پۇلى: 390 سوم
    تۆھپىسى: 1529 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 19(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-09-20
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-27
    5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 33كۈن بۇرۇن
    ئاۋۇ ئاداشنىڭ ئاچچىقى خېلى باركەن، ئازىرقى ياشلار بولسا گىتار بىلەن مۇخپىرنىڭ بېشىغا ئۇرۇش ئەمەس ئالىيىپ قاراشقىمۇ ئادەمنىڭ ئىشەنگىسى كەلمەيدۇ
    ئەركەم تورى
    دەرىجىسى: يۈز بېشى
    UIDنومۇرى: 7523
    جەۋھەر يازمىسى: 0
    يوللىغان يازمىسى: 83
    شۆھرىتى: 507 نومۇر
    پۇلى: 840 سوم
    تۆھپىسى: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 31(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-12-17
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
    6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 33كۈن بۇرۇن
    بولسا مۇشۇنداق كۈمۈلۈپ قالغان تارىخىلارنى قېزىشقا كۈچ سەرپ قىلساق دەيمەن ، رەھمەت قېرىندىشىم .
    yol
    دەرىجىسى: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
    UIDنومۇرى: 1774
    جەۋھەر يازمىسى: 1
    يوللىغان يازمىسى: 241
    شۆھرىتى: 781 نومۇر
    پۇلى: 2490 سوم
    تۆھپىسى: 25 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 123(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
    7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 31كۈن بۇرۇن
    يۇقىرىقى تېمىنىڭ ئەمەل ناملىرى يەنە ئىملاسىنى زور دەرىجىدە ئوڭشاپ قويدۇم.
    ئەركەم تورى
    سۆيىمەن ئۇيغۇرنى مەڭگۈ!
    دەرىجىسى: لەشكەر
    UIDنومۇرى: 8785
    جەۋھەر يازمىسى: 0
    يوللىغان يازمىسى: 3
    شۆھرىتى: 40 نومۇر
    پۇلى: 20 سوم
    تۆھپىسى: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 1(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-02-09
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-15
    8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 31كۈن بۇرۇن
    ئۇ مۇخپۇر تەربىيە كۆرگەن بىلىملىك ئەقىللىق ئىسىل ئادەمكەن,ئەسكى ئەر دىگەننىڭغۇ ساپاسى بومايدۇ。
    yol
    دەرىجىسى: لەشكەر
    UIDنومۇرى: 5334
    جەۋھەر يازمىسى: 0
    يوللىغان يازمىسى: 17
    شۆھرىتى: 112 نومۇر
    پۇلى: 135 سوم
    تۆھپىسى: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 9(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-10-20
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
    9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 29كۈن بۇرۇن
    qoute
    - قەۋەتتىكى   دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
    يۇقىرىقى تېمىنىڭ ئەمەل ناملىرى يەنە ئىملاسىنى زور دەرىجىدە ئوڭشاپ قويدۇم.

    رەھمەت قېرىندىشىم، بۈگۈن يەنە بىر بىلىمگە ئىگە بولدۇم. قولۇمدا ئەسلى تېمىسى شەرقىي تۈركىستان ئۇنسۇرلىرىغا زەربە بېرىش بولغىنى بىلەن، ئايلىنىپ كېلىپ ئۇيغۇرلارنى قانداق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى بىر پارچە ماتېرىيال بار ئىدى، تەرجىمە قىلىشقا ھېچبىر ۋاقتىم يار بەرمەيۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ماقالا نازۇك مەسىلىلەرگە چېتىلغاچقا، ئىدىيىسىدە ئازراقلا توقۇنۇش بولۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا خاتا تۇيغۇ ياكى يامان تەسىر بېرىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ، تەرجىمە قىلىش نىيىتمدىن ياندىم. شۇنداقلا يەنە ئورخۇن تورىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۆزۈمنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكى، تۇرمۇشۇمغا مالامەت يەتمىگىيدى دەپ بۇ نىيىتىمدىن ياندىم. سىزدىن مەسلىھەت سورايدىغان بىر ئىش بار، يەنى قولۇمدا توردىن چۈشۈرۈۋالغان نۇرغۇن تارىخى سۈرەتلەر بار. لېكىن قانداق يوللاشنى تازا بىلەلمىدىم. تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بەرگەن بولسىڭىز. ئەگەر كونا تېمىلارنى يوللىماسلىق پىرىنسىپىڭلارغا مۇخالىپ كەلسە، يوللىمىساممۇ بولىدۇ.
    [ بۇ يازما تەرىپىدىن دە قايتا تەھرىرلەنگەن ]
    yol
    دەرىجىسى: لەشكەر
    UIDنومۇرى: 8926
    جەۋھەر يازمىسى: 0
    يوللىغان يازمىسى: 4
    شۆھرىتى: 25 نومۇر
    پۇلى: 15 سوم
    تۆھپىسى: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 3(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-02-12
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-23
    10-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 27كۈن بۇرۇن
    ئاڭلىمغان تارىخلار كۈپكەن جۇمۇ،  رەخمەت سىزگە
    دەرىجىسى: يۈز بېشى
    UIDنومۇرى: 1287
    جەۋھەر يازمىسى: 0
    يوللىغان يازمىسى: 161
    شۆھرىتى: 236 نومۇر
    پۇلى: 1600 سوم
    تۆھپىسى: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 89(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-01-21
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-09
    11-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 23كۈن بۇرۇن
    ئۇرۇش قەخىرمانى ئابلىكىمنىڭ ھازىرقى ئەھۋانى بىلىدىغانلار يوقمىدۇ؟ مۇمكىن بولسا ئىزدىنىپ كۆرسەك. يولداشلارنىڭ ئەجىر مېھنىتىگە رەخمەت.
    yol
    دەرىجىسى: يۈز بېشى
    UIDنومۇرى: 8008
    جەۋھەر يازمىسى: 0
    يوللىغان يازمىسى: 104
    شۆھرىتى: 609 نومۇر
    پۇلى: 875 سوم
    تۆھپىسى: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 40(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-01-06
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-08
    12-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 18كۈن بۇرۇن
    ئەپەندى،بەزىبىر دىنىي ئاتالغۇلارنى توغرا ئىشلىتىڭ. [غازى]دېگىنىمىز،جىھاد قىلىپ،ھايات قالغانلارنى ياكى جىھات قىلىۋاتقانلارنى بىلدۈرىدۇ.مېنىڭچە، بۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك ،دەپ قارايمەن.
    [ 此帖被kimsan在2009-02-22 01:20重新编辑 ]
    دەرىجىسى: لەشكەر
    UIDنومۇرى: 1144
    جەۋھەر يازمىسى: 0
    يوللىغان يازمىسى: 9
    شۆھرىتى: 38 نومۇر
    پۇلى: 100 سوم
    تۆھپىسى: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 5(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-12-22
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-05
    13-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 8كۈن بۇرۇن
    qoute
    引用第9楼alipartunga于2009-02-10 13:45发表的  :

    رەھمەت قېرىندىشىم، بۈگۈن يەنە بىر بىلىمگە ئىگە بولدۇم. قولۇمدا ئەسلى تېمىسى شەرقىي تۈركىستان ئۇنسۇرلىرىغا زەربە بېرىش بولغىنى بىلەن، ئايلىنىپ كېلىپ ئۇيغۇرلارنى قانداق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى بىر پارچە ماتېرىيال بار ئىدى، تەرجىمە قىلىشقا ھېچبىر ۋاقتىم يار بەرمەيۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ماقالا نازۇك مەسىلىلەرگە چېتىلغاچقا، ئىدىيىسىدە ئازراقلا توقۇنۇش بولۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا خاتا تۇيغۇ ياكى يامان تەسىر بېرىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ، تەرجىمە قىلىش نىيىتمدىن ياندىم. شۇنداقلا يەنە ئورخۇن تورىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۆزۈمنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكى، تۇرمۇشۇمغا مالامەت يەتمىگىيدى دەپ بۇ نىيىتىمدىن ياندىم. سىزدىن مەسلىھەت سورايدىغان بىر ئىش بار، يەنى قولۇمدا توردىن چۈشۈرۈۋالغان نۇرغۇن تارىخى سۈرەتلەر بار. لېكىن قانداق يوللاشنى تازا بىلەلمىدىم. تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بەرگەن بولسىڭىز. ئەگەر كونا تېمىلارنى يوللىماسلىق پىرىنسىپىڭلارغا مۇخالىپ كەلسە، يوللىمىساممۇ بولىدۇ.



    سىز بۇ ماقالىنى نەدىن تاپقان؟ ئەينەن كېلىش مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ئەينەن تەرجىمە قىلىشقا نېمىدەپ بولمايدىكەن؟ ئەجىبا خەق كۆرگەننى كۆرۈشىمىز مەنئىي قىلىنغۇدەك بىز جۇڭگۇلۇق ئەمەسما؟
    ئەركەم تورى
    ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
    ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
    ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

    ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !