يەر -جاي ناملىرىدا ھېكمەتلەر كۆپ
يەر -جاي ناملىرىدا ھېكمەتلەر كۆپ
غالىب بارات ئەرك
ئانا يۇرتىمىزنىڭ يەر ناملىرىدا ھېكمەتلەر كۆپ ، چۈنكى بۇ ناملارنى ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئەينى تارىخى دەۋىرلەردە ، تۈرلۈك شارائىتلاردا ئوتتۇرىغا چىقارغان . شۇڭا يەرناملىرىدىن شۇيەرنىڭ تارىخى دەۋىرلەردىكى جۇغراپىيىسى ، يەرشارائىتى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشەلەيمىز . بۈگۈنكى كۈندە يۇرت -ماكان ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ، مەنىسىنى بىلمەيدىغان ئەھۋال خېلىلا ئېغىر .مانا شۇسەۋەب ، مەقسەتلەر بىلەن ، دەسلەپكى قەدەمدە بىر قىسىم يەر ناملىرىنى ئىزاھلاپ ، ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم .
باشئەگىم (كورلا ): بۇ سەيلىگاھنىڭ نامى ھەققىدە كۆپ ئىزدىنىشلەر بولدى ، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى قاراشلاردا « باش ئەگىم » ( بىرىنچى ئەگىم ) ، « باش ئەگىم » دىگەن قاراشلار ئاساسى سالماقنى ئىگىلەپ كەلدى . مېنىڭ ئوتتۇرىغا قۇيىدىغىم « باش ئەگىن » دىگەن قاراشتۇر . « ئەگىن » ئىبارىسى ھازىرقى زامان تىلىمىزدا ئانچە قوللنىلمىسىمۇ ، يېزا-قىشلاقلاردا تا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ . « قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى » دە « ئەگىن » سۆزىنىڭ دۈمبە ، غول ، دولا ، تورۇس ، ئۆگزە قاتارلىق مەنىلىرى بارلىقى يېزىلغان . خەلق ئارىسىدىكى چۈشەندۈرۈشكە ئاساسلانساق « ئەگىن » سۆزى ياغاچ شالالىق ئىشىك ، دەرۋازا قاتارلىق مەنىلەردە كىلىدۇ . بۇ جاي نامى 1965-يىلى يېڭى يېزىقتا نەشىر قىلىنغان « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى خەرىتىلىرى توپلىمى » دا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ « باش ئەگىن » دەپ يېزىلغان . بۇ جاي نامىنىڭ خەنزۇچە مەنىسى « تۆمۈر دەرۋازىلىق ئۆتكەل » . مانا مۇشۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسلىنىپ ، بۇ نامنىڭ ئەسلىيسى « باش ئەخم » ئەمەس ، « باش ئەگىن » -« بىرىنچى دەرۋازا ، تۇنجى ئۆتكەل » دىگەن مەنىدە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بۇلىدۇ .
غوڭرات (كورلا )-قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىچىدە «قوڭرات » ،« قوڭغىرات » دەپ ناملانغان قەبىلە بولغان ، بۇ قەبىلە نامى « قوڭۇر ئات » سۆزىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن . ناھايىتى يىراق قەدىمكى دەۋىرلەردە ئەجداتلىرىمىز ئاتلىق قۇشۇنلىرىنى ئاتلىرىنىڭ رەڭگى بىلەن ئايرىغان . قوڭغىرات قەبىلىسى قوڭۇر ئاتلىق قۇشۇنى بار قەبىلە بۇلۇشى ، قوڭغۇرات ( قوڭۇر ئات ) نامى كېيىنچە قوڭرات ، غوڭرات بولۇپ ئۆزگەرگەن بۇلۇشى مۇمكىن .
ئەندىر(نىيە ) . بۇ نام « ئەن » ۋە «دىر » دىن ئىبارەت ئىككى سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن ياسالغان . « تۈركى تىللار دىۋانى » نىڭ بىرىنچى تومىدا «ئەن » سۆزىگە « ئەن يەر ، ئويمان يەر » دەپ ئىزاھات بېرىلگەن . تۇرپاندىن تېپىلغان قەدىمكى يادىكارلىقتا « تۆرت بەلدىر » سۆزى « تۆت كوچا ئېغىزى » دىگەن مەنىدە ئىزاھلانغان . مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا قەدىمكى تىلىمىزدا « دىر » ئېغىز مەنىسىدە كەلگەن .
شۇنداق بولغاندا « ئەندىر » نامى -ئەن ئېغىز ، ئويمان ئېغىز ، سۇ ئەن ئاقىدىغان يەر دىگەنلىك بۇلىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئەندىر نامىنى ھەرگىزمۇ « ئەندەرە » دەپ ئۆزگەرتىۋېلىشقا بولمايدۇ .
تارلاق ( بۈگۈر ) . « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكىت ۋە شىۋىلىرى لۇغىتى » دە « تارلاق » سۆزى »جىلغا ياكى تاغلار ئارىلىقىدىكى تار كەتكەن تۈزلەڭلىك كارىدور»دەپ ئىزاھلانغان . مۇشۇ لۇغەتتە يەنە «تار »سۆزىنىڭ خوتەن دىئالېكتىدە « كارىدور » نى كۆرسىتىدىغانلىقى يېزىلغان . قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا « تار » سۆزى « جىلغا » دىگەن مەنىنى بىلدۈرگەن . دىمەك ، « تارلاق » قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا يەر شەكلىگە ئاساسەن قۇيۇلغان « جىلغا ياكى تاغلار ئارىلىقىدىكى تاركەتكەن تۈزلەڭلىك » دىگەن مەنىدىكى يەر نامىدۇر .
قارىقىلچىن ( لوپنۇر ) . بۇ نامنىڭ توغرىسى « قارا قىرچىن » بۇلۇشى مۇمكىن .
لوپنۇر دىئالېكتىدا « قىرچىن » توغراقنىڭ ئادەم بويى كەلگەن نوتىسىنى كۆرسىتىدۇ . مانا مۇشۇنىڭغا ئاساسلانغاندا قارىقىلچىن نامى « توغراق نوتىسى ئۆسكەن يەر » دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .
قاراچوماق ( بۈگۈر ) . بۇ نام « قارا » ۋە چوماق « ناملىرىنىڭ قۇشۇلۇشىدىن ياسالغان . قارا سۆزى ئادەتتە كۆپىنچە ئېتنىك توپلارغا قۇشۇلۇپ كىلىدۇ . مەسىلەن : قاراقالپاق ، قارا ياغما ...ئۇنداقتا ، چوماق دىگەن قانداق ئىبارە ؟ مەھمۇت قەشقىرى » تۈركى تىللار دىۋانى (1-توم ، 495-بەت ) چوماق -ئۇيغۇرلار ۋە مۇسۇلمان بولمىغان ھەممە خەلق مۇسۇلمانلارنى(چوماق ئەرى ) دەيدۇ . بۇ مۇسۇلمانلاردىن بىر ئادەم دىگەن بۇلىدۇ . -دىيىلگەن . مانا مۇشۇلاردىن قارىغاندا مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى ياكى مۇسۇلمانلارنى » چوماق « دەپ ئاتىغانلىقى مەلۇم بۇلىدۇ . مۇشۇنداق بولغاندا ،» قارا چوماق « دىگەن بۇ جاي نامى شۇ يەردە مۇسۇلمانلارنىڭ ئولتۇراقلاشقانلىقىنى ، مۇسۇلمانلارنىڭ خېلى كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . بۇ ئۇچۇرلاردىن بۇ يەر نامىنىڭ يەركەن سئىدىيە خانلىقىدىن بۇرۇنقى ئاتالغۇ ئىكەنلىكىنى بىلىشكە بۇلىدۇ .
تۆمەنپۇ( لوپنۇر ) . ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىئالېكتىدا تۆمەن - تۆۋەن دىگەنلىك بۇلىدۇ . گۇننار يارىڭنىڭ -مەركىزى ئاسىيانىڭ تۈركى يەر ناملىرى (لوپنۇر بىلەن تارىم ) ناملىق كىتابىدا « تۆمەن » دىگەن سۆزنىڭ « تۆۋەن » دىگەن مەنىدە ئىكەنلىكىنى «پۇ» سۆزىنىڭ « چارا ، ئېقىن » سۆزىگە باراۋەرلىكىنى يازغان . دىمەك ، « تۆمەنپۇ » دىگەن بۇنام « تۆۋەنكى ئېقىن » دىگەنلىك بۇلىدۇ . « پۇ » سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە مەنىسى داۋاملىق ئىزدىنىشنى كۈتىدۇ .
كۈمۈش ( توقسۇن ) . « غەربى يۇرتتىكى ئوخشاش تىللىق ئەللەر تەزكىرىسى» دە « كموش اكما» دەپ يېزىلغان . ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، كۈمۈشنىڭ ئەسلى نامى « كۈمۈش ئاقما » ئىكەن . بۇ يەردە بىر بۇلاق بۇلۇپ ، سۈيى كۈمۈش رەڭدە ئىكەن . شۇڭا ئېقىپ چىققان سۈيى « كۈمۈش ئاقما » دەپ ئاتالغان ، كېيىنچە قىسقارتىلىپ « كۈمۈش » دەپلا ئاتىلىدىغان بولغان .
تاتىراڭ ( چارقىلىق ، چەرچەن ) . بۇ يەرنامى « تاتىر » ۋە « ئاڭ » دىن ياسالغان . رايونىمىزدا « تاتىراڭ ، تاتىر ئىلەك » دىگەندەك جاي ناملىرى خېلى كۆپ يۇلۇقىدۇ . « تۈركى تىللار دىۋانى » دا « تاتىر ، تېقىر ، تېتىر ، تاتىر يەر -تېتىر يەر ، سۇسىز ۋە دەرەخسىز يەر » دېيىلگەن . شۇڭا تاتىراڭ نامىنى سۇسىز ، دەرەخسىز دىگەن مەنىدە دەپ قاراشقا بۇلىدۇ . « ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى » دە تاتىراڭ سۆزىگە « قېتىپ كەتكەن ، قۇرغاق ، ھېچنەرسە ئۈنمىگەن يەر » دەپ ئىزاھات بەرگەن .
تېۋىلغا ( خوشۇت ) .« غەربى يۇرتتىكى ئوخشاش تىللىق ئەللەر تەزكىرىسى » دە بۇ يەر نامىنى « ئۇيغۇرچە ( تېۋىلغا) دىگەن ئۆسۈملۈكنىڭ نامىدىن كەلگەن ...بۇ يەردە تېۋىلغا كۆپ بولغانلىقتىن شۇنداق ئاتالغان » دىيىلگەن . « ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدە » تېۋىلغا-ئازغان ئائىلىسىدىكى يۇپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ، يۇپۇرمىقى تۇخۇم ياكى ئېلىپپىس شەكلىدە بۇلىدۇ . گۈلى ئازراق قىزىل ، مۇرەككەپ كۈنلۈكسىمان گۈل رېتىدە بۇلۇپ ، يازنىڭ بېشىدا ئېچىلىدۇ ، ئادەتتە مەنزىرە ئۈسۈملۈكى قىلىنىدۇ ، دىيىلگەن . دىمەك ، خوشۇتتىكى تېۋىلغا دەپ ئاتالغان يەردە ئەسلىدە تېۋىلغا كۆپ بولغانلىقتىن شۇنام بېرىلگەن .
قارا مىرەن،كۆك مىرەن ، مىرەن . چاقىلىق ناھىيىسىدە مىرەن دىرياسى ، مىرەن بوستانلىقى ، چەرچەن ناھىيىسىدە كۆك مىرەن دەرياسى بار . « ئوغۇزنامە » ۋە « ئىدىقۇت مەھكىمىسى » سۆزلۈكى قاتارلىق ئەسەرلەرگە مۇراجىئەت قىلساق ، « مىرەن » مۈرۈن ، مۆرەن دەپ تەلەپپۇز قىلنغان ، بۇنىڭدىن بۇ سۆزنىڭ دەريا مەنىسىنى ئاڭلىتىدىغان ئالتاي تىللرىغا ئورتاق لېكسىكا ئىكەنلىكى مەلۇم بۇلىدۇ . بۇ ئاتالغۇ ھازىرقى زامان تۈركى تىللىرىدىن يۇغۇر ( سېرىق ئۇيغۇر ) ۋە سالار تىللىرىدا قوللىنىۋاتقاندىن سىرت ، ئۇيغۇر تىلنىڭ قۇمۇل شېۋىسىدە « مۆرەن » ، تۇرپان شېۋىسىدە « مۈرەن ، مۇرەن » دەپ ساقلىنىپ قالغان ۋە دەريا دىگەن لېكسىكىلىق مەنا ئاڭلاتقان . ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركى خەلقلەرنىڭ رەڭلەر ئارقىلىق تەرەپلەرنى بىلدۈرۈش ئادىتىدىن قارىغاندا قارا مىرەن-شىمالى دەريا ، كۆك مىرەن -شەرقى دەريا ، دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ . « قارا » دىگەن سۆز يەنە ئۇلۇغ مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان بولغاچقا قارا مىرەن ئۇلۇغ دەريا دىگەن مەنىدە كەلگەن بۇلۇشىمۇ مۇمكىن . كېيىنكىلەر مىرەن نامىنىڭ مەنىسىنى تەدىرېجى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكتىن ئۇنى خاس ئىسىم دەپ قاراپ ، « دەريا « نامىنى قۇۇشۇپ ئاتىغان .
قاپچىغاي . ئاپتونوم رايۇنمىزدا بۇنداق يەرنامىدىن بىر قانچىسى بار . «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكىت سۆزلىرى تەتقىقاتى » ناملىق كىتابتا ، قاپچىغاي بىلەن تارلاقنى ئوخشاش مەنىدە دەپ ئىزاھلىغان .
« كارىدور ، تاغ ئارىلىقىدىكى تار ، ئۇزۇن جىرا ، مەسىلەن ، خېشى قاپچىغايى ( خېشى كارىدورى ، بەزى جايلاردا تارلىقمۇ دىيىلىدۇ ) » دىيىلگەن . مانا بۇنىڭدىن بۇ نامنىڭ جۇغراپىيىلىك ئەھۋال ئەكس ئەتتۈرۈلگەن جاي نامى ئىكەنلىكى مەلۇم بۇلىدۇ .
تارتما كۆلى ( چاقىلىق ) . تارىم ۋە چەرچەن دەرياسنىڭ قۇشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان كۆلنىڭ نامى . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، تارىم دەرياسىنىڭ تارىخى ئۆزگىرىش تەتقىقاتى ۋە تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىغا سۇ قۇيۇپ بېرىلىشى بىلەن كۆپ كۈرۈلىدىغان جاي نامىغا ئايلاندى . بۇ كۆلنىڭ نامى خەنزۇچىدا «台特玛湖» دەپ يېزىلغاچقا ، « تېتىما كۆلى » دىگەندەك ھەرخىل قاراشلار بارلىققا كەلدى . بەزىلەر بۇ كۆلنىڭ سۈيى تاتلىق بولغانلىقتىن كىلىپ چىققان دىسە ، بەزىلەر « تەتۈر كۆل » دىگەن سۆزدىن كىلىپ چىققان دەپ قارايدۇ .
مېنىڭ ئىگىلىشىمچە ، « تەتۈر كۆل » دەپ ناملانغان كۆل ھەقىقەتەن مەۋجۇت . لېكىن ھازىر تارتما كۆلىنى ئەمەس ، ئۇنىڭغا يېقىن بولغان باشقا بىر كۆلنى كۆرسىتىدىكەن . مېنىڭ قارىشىمچە ، بۇ كۆل سۈيى تارتىلىپ كىتىدىغان كۆل مەنىسىدە « تارتما كۆلى » دەپ ئاتالغان ، چۈنكى تارىم ۋە چەرچەن دەريالىرى بۇ كۆلگە قۇيۇلۇپ ، سۇ ئورنى كۈتۈرۈلگەندىن كىيىن ئېقىپ چىقىپ قارا بوران كۆلىگە قۇيۇلغان . دىمەك ، سۈيى تارتىلىپ كىتىدىغان كۆل مەنىسىدە « تارتما كۆلى » دەپ ئاتالغان .
لوپنۇر كۆلى ( چاقىلىق ) .چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدىكى بىر سىرلىق كۆلنىڭ نامى . كۆپىنچە كىشىلەر بۇ كۆلنىڭ نامى بىلەن لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ نامى ئوخشاش بولغانلىقتىن ، خاتا ھالدا لوپنۇر ناھىيىسىدە دەپ قارايدۇ . لېكىن جۇغراپىيىلىك جايلىشىش جەھەتتىن چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ مەمۇرىي رايۇن تەۋەسىدە . لوپنۇر ناى « لوپ » سۆزىگە « نۇر » سۆزىنىڭ قۇشۇلۇشىدىن ياسالغان . لوپ ناھايىتى قەدىمى ئاتالغۇ بۇلۇپ ، ئالتاي تىللىرىغا ئورتاق لېكسىكىدۇر . مىلادىيە 11-ئەسىردىن ئىلگىرى « نوپ ، ناپ » شەكلىدە قوللنىلغان . بۇ ئىبارە 11-ئەسىردىن كىيىن « لوپ » بۇلۇپ ئومۇملاشقان .«
نۇر » سۆزى 18-ئەسىردىن كىيىنكى دەۋىرىنىڭ ، يەنى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ مەھسۇلى ، مەنىسى « كۆل » دىمەكتۇر . 18-ئەسىردىن ئىلگىرى تارىم ۋە كۆنچى دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدىكى چوڭ كۆل كۆپىنچە « لوپ كۆلى » دەپ ئاتالغان . « لوپ » سۆزىنىڭ لوپلۇقلار تىلىدىكى كۆچمە مەنىسىنى ناھايىتى كەڭ دىيىشكە بۇلىدۇ . بىز تىل ماتىرىياللىرىغا ئاساسلانساق ، ناھايىتى قەدىمكى دەۋىردە « ناپ » سۆزى « تۈزلەڭلىك ، چوڭ دۈگىلەك ، يۇپۇرماق » دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرگەن .
بۇ سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى دەۋرىگە كەلگەندە ياپ ( تۈركى تىللار دىۋانى 3-توم ،1-،39بەتتە « دۈگلەك ، ھەرقانداق دۈگىلەك نەرسە » « ياپرى ، تۈز ، تۈزلەڭ » دەپ ئىزاھلانغان ) . شەكلىدە ساقلىنىپ قالغان . « تۈركچە -ئۇيغۇرچە لۇغەت » تە لوپ-يۇمشاق ، يوغان يۇمىلاق -دەپ ئىزاھلانغان .
مانا مۇشۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا لوپ -قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا « تۈزلەڭدىكى دۈگىلەك ، ئويمانلىق يەر » دىگەن مەنىدە . « نۇر » دىگەن موڭغۇل-مانجۇ تىللىرىدىكى ئاتالغۇ قۇشۇلۇشتىن بۇرۇن كۆل سۆزى قۇشۇپ قوللىنىلغان . بۈگۈنكى كۈندە چاقىلىق ناھىيىسىدە « لوپلۇق »« لوپلەنگەر »، « لوپنىڭ قېقىرى » ؛پىچاندا « لوپكارىز » ؛ كورلىدا « لوپئېرىق » ؛13-ئەسىردە « لوپ شەھىرى » ناملىرىنىڭ بۇلۇشى بۇنىڭ ئىسپاتىدۇر .دىمەك ، چاقىلىق ناھىيىسىدىكى « لوپنۇر كۆلى » ئەسلىدە « لوپ كۆلى » دەپ ناملانغان بۇلۇپ ، « تۈزلەڭدىكى ئويمان كۆل ، تۈزلەڭدىكى چوڭ كۆل » دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرگەن . 18-ئەسىردىن كىيىن موڭغۇل-مانجۇلارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا « لوپ » سۆزىگە كۆل مەنىسىدىكى « نۇر » سۆزىنىڭ قۇشۇلۇشى بىلەن « لوپنۇر كۆلى » دەپ ئاتالغان . بۇ نامنىڭ كۆچمە مەنىسى « چوڭ كۆل » دۇر .
ئالچۇقساي . بۇ نام « ئالچۇق » ۋە «ساي » سۆزلىرىدىن ياسالغان . ئالچۇق قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىن قالغان سۆزلەم بۇلۇپ ، « تۈركى تىللار دىۋانى » 1-تومىدا ئالاچۇ ، ئالچۇق ، كەپە دەپ ئىزاھلانغان . بۇ قەدىمى سۆزلەم تۇرپان ، قۇمۇل شېۋىلىرىدە ھازىرغىچە ساقلنىپ قالغان بۇلۇپ ، « ئالچۇق ، ساتما ، كەپە » دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ . دىمەك ، ئالچۇقساي دىگەن -بۇنام كەپە بار ساي ، ساتما بار ساي دىگەن مەنىدە .
قاراسۇ . رايۇنىمىزدا بۇ خىلدىكى جاي ناملىرى كۆپ ئۇچرايدۇ . « بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت » تە ، « قاراسۇ » دىگەن سۆزنى « سۈيى توڭلىمايدىغان كۆل » دەپ ئىزاھلىغان . مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا 18-ئەسىرلەردە ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاتا بوۋىلىرىمىز سۈيى توڭلىمايدىغان كۆللەرنى « قاراسۇ » دەپ ئاتىغان بولسا كېرەك .
چارچى، چەرچى ، ( كورلا ) .«غەربىي يۇرتتىكى ئوخشاش تىللىق ئەللەرتەزكىرىسى » دە « جرجور » دەپ يېزىلغان ۋە جۇڭغار تىلىدا « ئېغىر ئالماق ، يامان كۆرمەك » دىگەن مەنىدە . بۇ يەردە مازار كۆپ بولغانلىقتىن ، بۇ يەردىن ئۆتكۈچىلەر كېسەلگە گىرىپتا بۇلىدۇ . شۇڭا مۇشۇنداق ئاتالغان ، دىيىلگەن . شىۋىتسىيىلىك ئۇيغۇرشۇناس گۇننار يارىڭ ۋە مورزايىۋلار « چارخچى ، چارچى دىن كەلگەن » دەپ قارىغان . بۇ ئىككى ئالىمنىڭ قارىشى بۇيىچە بولغاندا ، « چارقچى » دىگەن مەنىدە بۇلۇشى مۇمكىن .
تايىز كۆل ( چاقىلىق ) .بۇ سۆز ھازىرقى تىلىمىزدا « تېيىز » دەپ ئىستىمال قىلىنىدۇ . « بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت » تە « تايىز » سۆزى خەنزۇچە « تېيىز » دەپ ئاتالغان . دىمەك ، « تايىز كۆل » دىگەن كۆل نامى سۈيىنىڭ تېيىزلىقىدىن شۇنداق ئاتالغان .
تۈگىدى
مەنبە-شىنجاڭ ياشلىرى (2007-12) غالىب بارات ئەرك