ئورخۇننى قوللامسىز؟ مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى Munber hetni Nurmal Korelmigenler
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
قورال ئىشىلتىش ئادرېسىنى كۆچۈرۈش | ساقلىۋېلىش | پىرىنتىرلاش
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 1787
جەۋھەر يازمىسى: 6
يوللىغان يازمىسى: 432
شۆھرىتى: 688 نومۇر
پۇلى: 4305 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 756(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
باش يازما  يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-03 01:29

 ياپونىيەنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى: بۇ يازمىغا admins تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-04-08)
ياپونىيەنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ يۈزلىنىشى ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئورۇنلىرى
1. كىرىش سۆز

ياپونىيە نۆۋەتتە غەربىي دىيار شىنجاڭنى تەتقىق قىلىش (ئۇيغۇرشۇناسلىق)  جەھەتتىكى ئەمەلىي كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك دۆلەت. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەپ تۆۋەندىكى ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بۇنىڭ بىرسى ياپونىيەدە بۇرۇندىنلا   شەرقسۇناسلىق ئەنئەنىسى بار؛ ئىككىنچىسى ئوتانى تەكشۈرۈش ئەترىتى شىنجاڭدىن ناھايىتى كۆپ قەدىمقى مەدەنىيەت يادىكارلىقلارنى ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ يازما پۈتۈكلەر ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ياپونىيە ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونى ۋە ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىشىنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن. ياپونىيەدىكى شەرقشۇناسلىق ياپونىيەدە مىللىتارىزىمىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن گۈللەنگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا يەنە ”جۇڭگوشۇناسلىق“  دەپمۇ ئاتالغان. ئەلۋەتتە بۇ تەتقىقاتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بۇرۇنقى بىلەن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ.
ياپونىيەدە گەرچە ھازىر ”ئۇيغۇرشۇناسلىق“ دەيدىغان مەخسۇس ئىلمىي ئاتالغۇ بولمىسىمۇ، لېكىن مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان كۈچلۈك ئالىملار ۋە مۇتەخەسسىسلەر بار، ئۇلارنىڭ تەتقىق قىلىدىغان ساھەلىرى كۆپ، تەتقىقات تېمىلىرىنىڭ مەخسۇسلۇق دەرىجىسى ۋە ئىنچىكىلىكى يۇقۇرى بولۇش جەھەتتە، ياۋروپا ئامېرىكا ئالىملىرىغا يەتمىسىمۇ لېكىن ئېلىمىز ئالىملىرىنىڭ ئۈلگە ئېلىشىغا ئەرزىيدۇ. ياپونىيەنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنى شىنجاڭ مەسىلىسى تەتقىقاتىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. غەربىي يۇرت تەتقىقاتى ياپونىيەدىكى شەرقشۇناسلىقنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇيغۇر تەتقىقاتى بولسا غەربىي يۇرت تەتقىقاتىنىڭ بىر قىسمى.
ياپونىيەنىڭ غەربىي يۇرت ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ.
بىرىنچى باسقۇچى ئالدىنقى ئەسىردىكى 1910- يىللاردىن 1930- يىللارغىچە بولغان دەۋر. بۇ دەۋردە ئاساسلىق تەتقىقاتچىلار شىراتورى كۇراكىچى، ئىشىخاما جۈنتارو، ئونوگاۋا خىدېمى، خانېدا تورۇ. فۇجىتا تويوخاچى، ئىشىدا مىكىنوسۇكې، قاتارلىق ئالىملار ئىدى. بۇ دەۋردىكى تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق يۆنىلىشى خەنزۇچە رەسمىي تارىخلارنى تەتقىق قىلىش بولۇپ، بۇ جەھەتتە خانېدا تورۇنىڭ تەتقىقاتى ئەڭ داڭلىق، ئۇ يالغۇز خەنزۇچە ماتېرىياللارغىلا تايىنىپ قالماستىن يەنە نۇرغۇنلىغان قەدىمقى ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلارنىمۇ تەتقىق قىلىپ ئېلان قىلغان بولۇپ، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ پېشىۋاسى دىيىشكە بولىدۇ.
ئىككىنچى باسقۇچى 1940- يىلىدىن 1969- يىلىغىچە بولغان دەۋر. بۇ دەۋردە ئالدىنقى دەۋردىكى ئالىملار بىلەن ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتقىقاتى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ، مەسىلەن: ماسۇدا خىسائو، ئېگامى نامىئو، ئېنوكى كازۇئو، ئۇچىدا گىنپۇ، خانېدا ئاكىرا، ساكۇچى تورۇ، مورى ماسائو، يامادا سازۇئو، ئاكىرا فۇجىئېدا قاتارلىقلار. بۇ ئالىملار بىرىنچى باسقۇچتىكى تەتقىقات مەزمۇنلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشتىن سىرت يەنە، غەربىي يۇرت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادى ۋە تىل مەدەنىيىتى تەتقىقاتى جەھەتتە يېڭى بىر سەۋىيە يارىتىپ، ئۇيغۇر رايونىدىن تېپىلغان تارىخى ماتېرىياللارغا بولغان قىزىقىشنى زور دەرىجىدە كۈچەيتتى.
ئۈچۈنچى باسقۇچى بولسا 1970- يىلىدىن 1989- يىلىغىچە بولغان دەۋر. بۇ دەۋردە بىر قىسىم ياش ئالىملار مەيدانغا كەلدى مەسىلەن: ناگاساۋا كازۇتوشى، ئىكېدا ئون، مانو ئېيجى، ياماگۇچى زۇيخوئۇ، ئۇمېمۇرا خىروشى، مورىياسۇ تاكائو، خورى نائو، خورىكاۋاگىرې، شوگايتو ماساخىرو، كۇدارا كوگى، ئودا جۇتېن، خامادا ماسامى، ئوچىئائى مورىكازۇ، ئوچىئائى مورىكازۇ قاتارلىقلار، بۇ ئالىملارنىڭ بەلگىلىك خەنزۇ تىلى ئاساسى بولۇپلا قالماستىن يەنە كۆپ قىسمى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەدىمقى تىللارنى يەنى ئۇيغۇر تىلى، چاغاتاي تىلى قاتارلىق تىللارنى پىششىق بىلىدۇ. ئۆزى تەتقىق قىلىۋاتقان مىللەتنىڭ تىلىنى ۋە يازما يادىكارلىقلىرىنى بىلىش ياپونىيەنىڭ نۆۋەتتىكى  ۋە بۇندىن كېيىنكى غەربىي يۇرت ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى ۋە ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالدى. بۇ ئېلىمىزدىكى غەربىي يۇرت ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ ئۈلگە قىلىشىغا تېگىشلىك.
ياپونىيەنىڭ غەربىي يۇرت ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ئاساسلىقى تارىخ تەتقىقاتىغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇرۇن غەرپ ئالىملىرىنى دوراپ غەرپ تىللىرىدىكى ۋە خەنزۇ تىللىرىدىكى يازما يادىكارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە خەنزۇچە يازما يادىكارلىقلارنى تەنقىت قىلىش جەھەتتە ناھايىتى كۆپ ساندىكى نادىر ماقالىلارنى يازغان. لېكىن مەيلى خەنزۇ تىلىدىكى ماتېرىياللار ياكى ئەرەپ تىلىدىكى يازما يادىكارلىقلار بولسۇن ھەممىسىنىڭ كەمچىلىكى بولغاچقا، غەربىي يۇرت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا چوقۇم غەربىي يۇرتنىڭ ئۆزىدىكى ئەسلى ماتېرىياللار ئاساسىدا تەتقىق قىلىنىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەربىي يۇرت ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدا ئاساسەن تۆۋەندىكى جەھەتلەردە كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، يەنى: (1) ئەسلى ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىش، مەسىلەن قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى، تۈرك يېزىقى، تىبەت يېزىقى، دەشت ئاتا، تۇرپاندىن تېپىلغان يازما يادىكارلىقلار، چاغاتاي يېزىقى ۋە خوتەن پۈتۈكلىرى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىش؛ (2) يېقىنقى زامان تارىخى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش؛ (3) رايون خارەكتىرلىك ئىجتىمائىي ئۇنۋېرسال تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، يەنى ئەسلىدىكى ماتېرىياللار بىلەن خەنزۇچە ماتېرىياللارنى بىرلەشتۈرۈپ، مەلۇم ئالاھىدە رايون، يەنى قۇجۇ، شاجۇ، بەشبالىق ۋە كۈسەن قاتارلىقلارنى ئۇنۋېرسال خارەكتىردە تەتقىق قىلىش قاتارلىقلار.
يېقىندىن بۇيان، ياپونىيەدىكى غەربىي يۇرت ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى توغرىسىدىكى ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرنى تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرگە ئايرىش مۈمكىن: (1) غەربىي يۇرت ۋە ئۇيغۇر تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ئادەتتىكى ئىلمىي ماقالىلار. (2) تېپىلغان تارىخ ماتېرىياللىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار. بۇ ياپونىيەدىكى ھازىر ئەڭ زور كۈچ چىقىرىلىۋاتقان تەتقىقات ساھەسى بولۇپ، بۇ جەھەتتە قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى يازما يادىكارلىقلار ھەققىدىكى تەتقىقات ئەڭ كۈچلۈك بولىۋاتىدۇ. (3) «مىڭ سۇلالىسى ئوردا خاتىرىلىرى» ۋە «چىڭ سۇلالىسى ئوردا خاتىرىلىرى»دە بايان قىلىنغان مىڭ ۋە چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تەتقىقات بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتلاردا ياش ئالىملارنىڭ پائالىيىتى ئادەمنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىغا ئائىت ئەسەرلەردىن نەچچە مىڭى نەشر قىلىندى
2. ئاساسلىق تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە نەشر ئەپكارلىرى

ياپونىيەدە نۆۋەتتە مەخسۇس ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان تەشكىلى ئاپپارات ۋە نەشر ئەپكارلىرى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارغا زىچ مۇناسىۋەتلىكلىرى خېلى بار.
<1> شەرقى ئاسىيا مەدەنىيەت غەزىنىسى
بۇ 1924- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تەۋەلىكىدە ئوننەچچە كوممېتېت بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيا (غەربىي يۇرتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئىسلام دىنى، دەشت ئاتا يازما يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىش كوممېتېتى قاتارلىقلار بار. تەتقىقات نەتىجىلىرى ئاساسەن ياپون ۋە ئېنگىلىز تىللىرىدا ئېلان قىلىنىدۇ. ياپون تىلىدىكى قەرەللىك نەشر ئەپكارى شەرقىي ئوكيان ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا چىقىرىلىدىغان « شەرقىي ئوكيان ئىلمىي ژورنىلى » بولۇپ (قوشۇمچە سانىنىڭ نامى «شەرقىي ئوكيان مەدەنىيەت غەزىنىسى يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما»)، ئېنگىلىز تىلىدىكى قەرەلسىز نەشر ئەپكارى « شەرقىي ئوكيان مەدەنىيەت غەزىنىسىنىڭ ياۋروپا تىللىرىدىكى ئەسەرلەردىن تاللانما ». شەرقىي ئوكيان مەدەنىيەت غەزىنىسى مەخسۇس تېمىدىكى ئەسەردىن 60 خىلدىن ئارتۇقىنى نەشر قىلدۇردى. بۇندىن باشقا يەنە مەدەنىيەت غەزىنىسى يەنە نۇرغۇنلىغان قەدىمقى ھۆججەتلەرنى قايتا بېسىپ چىقتى ۋە كۆپەيتىپ «شەرقىي ئوكيان مەجمۇئەسى» دىگەن نام بىلەن ھازىرغىچە يۈز خىلدىن ئارتۇق نەشر قىلىندى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇلار قەدىمقى ئەسەرلەرنى تەھرىرلەشنى كۈچەيتىشكە باشلىدى. 1964- يىلىدىن بۇيان ئۇلار ئارقا ئارقىدىن 4- 5 توملۇق « سىتەيىننىڭ دەشت ئاتادىن تاپقان يازما يادىكارلىقلار تەتقىقاتىنى تونۇشتۇرۇش ۋە غەربىي يۇرتتىن تېپىلغان خەنزۇ تىلىدىكى يازما يادىكارلىقلار تۈرلەر بويىچە ئايرىشنىڭ دەسلەپكى ئورگىنالى»نى نەشر قىلدى. بۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنى ۋە ئىسلام تەتقىقات ئورنى يەنە «شەرقىي ئوكيان مەدەنىيەت غەزىنىسىدە ساقلىنىۋاتقان ئەرەپچە يازما يادىكارلىقلار ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنىڭ كاتالوگى»نى (1974- يىلى) ۋە « شەرقىي ئوكيان مەدەنىيەت غەزىنىسىدە ساقلانغان تۈركچە ۋە ئوسمان تۈركىيچە تىلدىكى يازما يادىكارلىقلار ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر كاتالوگى»نى تۈزۈپ چىقتى.
2. توكيو ئۇنىۋېرسىتىتى شەرقىي ئوكيان مەدەنىيەت تەتقىقات ئورنى
بۇ تەتقىقات ئورنى 1941- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ياپونىيەدىكى ئەڭ مەشھۇر ئاسىيا تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ بىرى، ئاساسلىقى ئاسىيانىڭ قەدىمقى ۋە ھازىرقى جەمىيىتىنى تەتقىق قىلىدۇ. بۇ تەتقىقات ئورنى يەنە پان ئاسىيا، شەرقىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىبارەت بەش تەتقىقات ئورنىغا ۋە ئون بىر تەتقىقات ئىشخانىسىغا بۆلۈنگەن، بۇندىن باشقا يەنە ”شەرقىي ئوكيان تەتقىقات مەركىزى“ تەسىس قىلىنغان. چىقىرىدىغان نەشر ئەپكارىدىن « شەرقىي ئوكيان مەسەنىيەت تەتقىقاتىدىن تاللانمىلار »، « شەرقىي ئوكيان مەدەنىيىتى » قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ نەشر ئەپكارلىرىدا دائىم دىگۈدەك غەربىي يۇرت ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ.
3. كىيوتو ئۇنۋېرسىتىتى فىلولوگىيە تەتقىقات ئورنى
1939- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى فىلولوگىيە ئىلمىنى تەتقىق قىلىدۇ، لېكىن بۇ تەتقىقات ئورنى غەربىي يۇرت تەتقىقاتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇ تەتقىقات ئورنىدا ياپونىيە، شەرق ۋە غەرپ تەتقىقات ئورنىدىن ئىبارەت ئۈچ تەتقىقات ئورنى بولۇپ، شەرق تەتقىقات ئورنىدا يەنە دەشت ئاتا تەتقىقات ئىشخانىسى بار. بۇ تەتقىقات ئورنى چىقىرىدىغان نەشر ئاپكارلىرىدىن « شەرقشۇناسلىق ئىلمىي ژورنىلى »، « فىلولوگىيە ئىلمىي ژورنىلىرى » ، « تاللانمىلار »، « شەرقشۇناسلىق ماتېرىياللار كاتالوگى » قاتارلىقلار بار
4. توكيو چەتئەل تىللىرى ئۇنۋېرسىتىتى ئاسىيا ئافرىقا تىللىرى تىل مەدەنىيەت تەتقىقات ئورنى
1965- يىلى قۇرۇلغان، ھازىر 16 تەتقىقات ئورنى بار، ئۇنىڭدا يەنە جۇڭگو 2- تەتقىقات ئورنى بولۇپ، ئاساسلىق تەتقىقات ئوبېكتى تىبەت، يىزۇ، جۇاڭزۇ تىللىرى ۋە جڭگودىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتى قاتارلىقلار.
5. شەرقشۇناسلىق ئىلمىي جەمىيىتى
ئۇ ياپونىيەدىكى داڭلىق ئىلمىي جەمىيىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىراجىتى دىپلوماتىيە ۋازارىتىنىڭ خەلقئارا ئالماشتۇرۇش فوندىدىن كېلىدۇ. بۇ جەمىيەتنىڭ ئاساسلىق نەشر ئەپكارى « شەرقشۇناسلىق » ۋە غەرپ تىلىدىكى « ئاسىياشۇناسلىق » قاتارلىقلار.
6. غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تەتقىقات جەمىيىتى
1953- يىلى 1- ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ ئاساسلىقى ئوتانى ئەكەلگەن يازما يادىكارلىقلار ۋە دەشت ئاتا يازما يادىكارلىقلىرىنى ئومۇمىيۈزلۈك تەتقىق قىلىدۇ. 1958- يىلىدىن 1962- يىلىغىچە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ « غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تەتقىقاتى » دىگەن ئالتە توملۇق بۈيۈك ئەسەرنى نەشر قىلدۇردى. بۇنىڭ بىرىنچى تومى دەشت ئاتادىكى بۇددا دىنى تەتقىقاتى؛ ئىككىنچى، ئۈچىنچى تومى دەشت ئاتا ۋە تۇرپاننىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ماتېرىياللىرى؛ تۆتىنچى تومى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى يازما يادىكارلىقلار تەتقىقاتى؛ بەشىنچى تومى غەربىي يۇرتنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى تەتقىقات؛ ئالتىنچى تومى بولسا مىللىي تىل يېزىق تەتقىقاتىدىن ئىبارەت.
7. ئىچكى قۇرۇقلۇق ئاسىيا ئىلمىي جەمىيىتى
بۇرۇنقى رەئىسى سۇڭتيەن شۇنەن. بۇ ئىلمىي جەمىيەتتە مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى تەتقىق قىلىدىغان ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلەر بولۇپ، يامادا سازۇئو (ۋاپات بولغان)، مورى ماسائو، ساكۇچى تورۇ، مورىياسۇ تاكائو، ئۇمېمۇرا خىروشى، شوگايتو ماساخىرو قاتارلىقلار مۇشۇ تەتقىقات ئورنىدا.
8. ئالتايشۇناشلىق ئىلمىي جەمىيىتى
1964- يىلى قۇرۇلغان. بۇ جەمىيەت ياپونىيەنىڭ ئالتايشۇناسلىق ئىلمىي تەتقىقاتىنى (ئاساسلىقى تۈركى تىللار ۋە موڭغۇل تىل يېزىقى تەتقىقاتى) ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەر يىلى يازدا بىر قېتىم يىغىن ئېچىشنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇ يىغىندا ئاساسلىقى ئىلىم ئالماشتۇرىلىدۇ.
ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك نەشر ئەپكارلىرى
1. « شەرقىي ئوكيان تارىخ تەتقىقاتى »
2. « تارىخشۇناسلىق ئىلمىي ژورنىلى »
3. « شەرقشۇناسلىق ئىلمىي ژورنىلى »
4. « شەرقىي ئوكيان ئىلمىي ژورنىلى »
5. « شەرق ئىلمىي ژورنىلى »

3. تارىخشۇناسلىق ۋە يازما يادىكارلىقلار تەتقىقاتى

<1> قەدىمقى زامان تارىخى ۋە قەدىمقى يازما يادىكارلىقلار تەتقىقاتى
ياپونىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدا خانېدا تورو (1882- 1955) ۋەكىللىك ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ ناھايىتى كۆپ ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىككى تۈرگە يەنى تارىخشۇناسلىق ۋە ۋەسىقىشۇناسلىقتىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ۋەسىقىشۇناسلىقتا قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى دىنىي ھۆججەتلەرنى تەتقىق قىلىش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. ئۇنىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسى « تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە تەتقىقات » مۇشۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق ئەسەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچىنچى بۆلۈمى ”قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ھەققىدە تەتقىقات“ دېگەن قىسىمىدا قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ خەت شەكلى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلەتكەن ۋاقتى ۋە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ھەم ئۇنىڭ يېزىق سېستىمىسى، تۈركەشلەر ۋە مانى دىنى مۇخلىسلىرى ئىشلەتكەن يېزىق، ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇر نامى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلغان. ئۇنىڭ تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتىمۇ ئۆزگىچىلىككە ئىگە.
2. «گىراف ئوتانى ساقلىغان شىنجاڭ تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللارغا ئىزاھ» («شەرقشۇناسلىق ئىلمىي ژورنىلى» 1- جىلد 2- سان، 1911- يىلى)
3. «تۈركى تىلدىكى قەدىمقى ئۇيغۇر ئابىدىلىرى» ( «سەنئەت» 3- جىلد 2- سان، 1911- يىلى)
4. « قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى < سەككىز يۈكمەك نوم> ھەققىدە » (« سەنئەت» 4 جىلد 2- سان، 1913- يىلى)
5. « قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇددا نوملىرى» («تارىخشۇناسلىق ئىلمىي ژورنىلى» 25- جىلد 6- سان، 1914- يىلى)
6. « قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى < ساددارما پۇندارىكا سۇترا>نىڭ پارچىلىرى» («شەرقىي ئوكيان ئىلمىي ژورنىلى» 5- جىلد 3- سان، 1915- يىلى)
7. « قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايال سېتىۋېلىش ھەققىدىكى ھۆججەت » (« شەرقىي ئوكيان ئىلمىي ژورنىلى» 6- جىلد 2- سان)
8. « توققۇز ئۇيغۇر ۋە Toguz Oguz نىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا » (« شەرقىي ئوكيان ئىلمىي ژورنىلى » 9- جىلد 1- سان، 1919- يىلى)
9. « ئۇيغۇر تىلىدىكى < ئابىداراما كۇشاۋاردى شاستىرغا ئەنخۇينىڭ بەرگەن شەرھىسى > ھەققىدە » ( « دوكتور شىراتورىنى خاتىرىلەش شەرقىي ئوكيان مەجمۇئەسى » 1925- يىلى)
10. « تۇرپاندىن تېپىلغان مانىي دىنى مۇرىتلىرىنىڭ ئىستىخپار خاتىرىسىنىڭ قالدۇق ھۆججەتلىرى » (« دوكتور كۇۋاخارانى خاتىرىلەش ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى » 1931- يىلى)
11. « غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تارىخىدىن ئومۇمىي بايان » (خىروخومى نەشرىياتى 1931- يىلى)
12. « مەركىزىي ئاسىيانىڭ مەدەنىيىتى » (« ئىۋانامى لېكسىيىلىرى » ”شەرقىي ئوكيان ئىدىئولوگىيە دولقۇنى“ 14- سان )
13. « غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تارىخى » (زويۇباۋ تەھرىراتى نەشرى 1948- يىلى)
14. « قەدىمقى تۈرك تىلىدىكى (بۇدداۋاتام ساكاماخاۋايپۇليا سۇترا) نىڭ پارچىلىرى » (« گۇەنشى ئۇنۋېرسىتېتى غەرپ، شەرق ئىلمىي تەتقىقات مەجمۇئەسى » 6- سان، 1953- يىلى)
ئۇنىڭ يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى كېيىن « دوكتور خانېدانىڭ تارىخشۇناسلىق ئەسەرلىرى توپلىمى »غا كىرگۈزۈلگەن. (شەرقىي ئوكيان تارىخشۇناسلىق مەجمۇئەسىنىڭ 3- سانى، بۇنىڭ بىرىنچى تومى تارىخ، ئىككىنچى تومى تىلشۇناسلىق ۋە دىن قىسىمى. شەرقىي ئوكيان تارىخى تەتقىقات ئورنى نەشرىياتى نەشرى، 1957- يىلى)
ئىشىخارا جۈنتارومۇ ئۇيغۇرلار تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك بىرقاتار ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدى. ئۇلاردىن ئاساسلىقى:
1. « مەركىزىي ئاسىيا ھەققىدە تەتقىقات » («شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى» 5 – جىلد 1- سان، 1915- يىلى)
2. « دۇنخۇاڭ قەدىمقى كىتاپلىرى ھەققىدە تەتقىقات » («شەرقىي ئوكيان ئىلمىي ژورنىلى»، 15 – جىلد 4- سان، 1926- يىلى)
3. « ئۇيغۇرچە يېزىلغان بۇددا نوملىرى تەزكىرىسى » (« بۇددىزىم تەتقىقاتى » 1- جىلد 3- سان، 1937- يىلى)
4. « ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بۇددا نوملىرىنىڭ پارچىلىرى » («لوڭگۇ ئۇنۋېرسىتىتى بۇددىزىم تارىخ مەجمۇئەسى»، 1939- يىلى)
5. « ئۇيغۇر يېزىقىدىكى پۈتۈك پارچىلىرى » (« دوكتور خانېدانى ئەسلەش مەجمۇئەسى » 1950- يىلى)
6. « غەربىي يۇرت مەدەنىيەت ماتېرىياللىرىنىڭ رەتلىنىشى ۋە تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى » (« ئۇنۋېرسال تەتقىقات دوكلاتلىرىدىن تاللانما، 1954- يىلى)
بۇنىڭدىن باشقا  يەنە ئاساخىىنىڭ « ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇددا نوملىرى توپلىمى » (« دىنى ساھە » 6 – جىلد 2- سان، 1910- يىلى)؛ شىراتورى كۇراكېچىنىڭ « غەربىي يۇرت تارىخى ھەققىدە يېڭى تەتقىقات (1- 4)» (« شەرقىي ئوكيان ئىلمىي ژورنىلى» 1- جىلد 4- سان، 2- جىلد 1- سان، 3- جىلد 1- 2- سان)؛ ئىشىدا مىكىنوسۇكېنىڭ « لېكوك ئىدىقۇت قەدىمقى خارابىسىدىن تاپقان (تۈرك تىلىدىكى مانى دىنى ھۆججەتلىرى)نىڭ 2- قىسىمى » (« شەرقىي ئوكيان ئىلمىي ژورنىلى » 12- جىلد 3- سان، 1922- يىلى)؛ تارو كۇۋاتانىڭ « ئۇيغۇرلارنىڭ يىمىرىلىشى ھەققىدە تەتقىقات » (« شەرقشۇناسلىق ئىلمىي ژورنىلى » 17- جىلد 1- سان، 1928- يىلى) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
بىرىنچى باسقۇچنى ياپونىيەنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ باشلىنىشى دىيىشكە بولىدۇ، بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلار تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر ناھايىتى ئاز بولۇپ، ئاساسەن قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى دىنىي ھۆججەتلەرگە ئىزاھ بېرىش بىلەنلا چەكلەنگەن.
ئىككىنچى باسقۇچتا مورى ماسائو بىلەن يامادا نوبۇئونىڭ تەتقىقاتى ۋەكىللىك ئورۇندا تۇرىدۇ.
مورى ماسائو (1921- ھازىرغىچە) ياپونىيەدىكى ئاتاقلىق تۈركولوگ، شەرقشۇناسلىق ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ باشلىقى، ياپونىيە دوستانە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەمىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، شەرقىي ئوكيان مەدەنىيەت غەزىنىسى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ياپون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرى پىروفېسسورى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ 1943- يىلى ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، ئەينى چاغدا مەخسۇس موڭغۇلشۇناسلىقتا ئوقۇغان. 1945- يىلى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئاسسېنت بولۇپ، ھۇن تارىخىنى تەتقىق قىلغان. 1948- يىلى خوككايدو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى بولۇپ، ئاساسلىقى تۈرك تارىخىنى تەتقىق قىلغان. 1957- يىلى تۈركىيەگە بېرىپ تۈركچەۋە پارىس تىلى ئۈگەنگەن ھەم ئوسمان تۈرك تارىخى تەتقىقاتى بىلەن مەشغۇل بولغان. 1958- يىلى گېرمانىيەگە بېرىپ گابائىن خانىمنى ئۇستاز تۇتۇپ قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىنى ئۈگەنگەن. 1965- يىلى توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ۋە تۈرك ئۇيغۇر تارىخى، جۇغراپىيەسى ۋە تىل ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلغان. ھازىرقى ياپونىيەدىكى ياش ئوتتۇرا ياش  تۈركولوگلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى. مورى ماسائونىڭ ئەسەرلىرى بەك كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. «قاڭقىللار تەزكىرىسىدىكى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ نامى توغرىسىدا ــــ قاڭقىللارنىڭ ھەرقايسى ئۇرۇقلىرىنىڭ تارقىلىشى» («شەرقشۇناسلىق» 1948- يىللىق 1- سان)
2. « ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتى» (”دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ رەسىملىك چۈشەندۈرىشى 26 ـــ شەرق - غەرپ مەدەنىيەت ئالماشتۇرىشى“ كودوكاۋا نەشرىياتى، 1960- يىل نەشرى)
3. « قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى تەكلەرنى ئېلىپ سېتىش كېلىشىمى » («شەرقىي ئوكيان ئىلمىي ژورنىلى» 42- جىلد 2- سان، 1962- يىلى)
4. « قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى قەرز ھۆججەتلىرى ھەققىدە تەتقىقات» («شەرقىي ئوكيان غەزىنىسى تەتقىقات دوكلاتى» 20- سان، 1961- يىلى)
5. « قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئېلىم - سېتىم ھۆججەتلىرى ــــ ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچى ھەققىدە تەتقىقات » («كۆچمەن چارۋىچىلىق جەمىيەت تارىخى تەتقىقاتى» 1961- يىللىق 9 - سان)
6. « قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىستىمال قەرز ھۆججەتلىرى » («غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تەتقىقاتى» 1961- يىللىق 4- سان)
7. « قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئېلىم - بېرىم ھۆججەتلىرىدىكى كېپىللىك سۆز ئىبارىلىرى» (شەرقىي ئوكيان ئىلمىي ژورنىلى 44- جىلد 2- سان، 1961- يىل)
8. « قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى كېلىشىمنامە ھۆججەتلىرى ــــ بولۇپمۇ قەرز ھۆججەتلىرى توغرىسىدا » («شەرقىي ئوكيان غەزىنىسى يىللىق دوكلاتى» 1961- يىلى)
9. «تۈرك تىلىدىكى ۋەسىقىلەر » (”ئاسىيا رايونى ئۇنۋېرسال تەتقىقاتى’ھەرقايسى ئىسلام ئەللىرىنىڭ جەمىيەت قۇرۇلمىسى‘ جاۋخېنىڭ 34-، 35- 36- يىللىرىدىكى ئەسەرلەر توپلىمى“ « شەرقىي ئوكيان غەزىنىسى ئىچكى قۇرۇقلۇق ئاسىيا رايونى ئۇنىۋېرسال تەتقىقات ئەسلىھەلىرى» 1962- يىلى)
10. « قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى < ئالتۇن ئۆڭلۈك يارۇق يالتىراقلىق قوپتا كۆتىرىلمىش نوم ئىلىكى ئاتلىق نوم بىتىك » («تارىخشۇناسلىق ژورنىلى» 71- جىلد 9- سان، 1962- يىل)
11. « يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى يەر ئېلىم - سېتىم ھۆججەتلىرىدىن بىر نۇسخا » ( «دوكتور ئىۋاينى خاتىرىلەش ئەسەرلەر توپلىمى » 1963- يىلى)
12. « قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى قانۇن ۋەقىسىلىرىدىكى بىرنەچچە مەسىلە » (« قانۇن تۈزۈم تارىخى ھەققىدە تەتقىقات » 1965- يىللىق 15- سان)
13. « ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىمال قەرز ھۆججەتلىرى ھەققىدە يەنە تەتقىقات » (« دوكتور نىئىداشوغا مەرسىيە ماقالىلار توپلىمى » 1- توم، 1967- يىل)
14. « ياپونىيەدىكى ئالتايشۇناسلىقنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى » («ئالتايشۇناسلىق تەتقىقات ماقالىلار توپلىمى» 1976- يىل)
15. « بۆكۈ قاغان ۋە بۆركلى » (« لېنىنگىراد تۈركولوگىيەسى » 1986- يىلى)
16. « ئەلشىر نەۋائى » («يىپەك يولى شەخسلەر قامۇسى»، 1982- يىلى)
17. « ئورخۇن ئابىدىلىرىنى دەلىللەش » («شەرقشۇناسلىق ئىلمىي ژورنىلى » 43- جىلد 4- سان، 1983- يىلى)
18. « قەدىمقى تۈركى مىللەتلەر ھەققىدە تەتقىقات » (1967- يىلى نەشر قىلىنغان)
تۆۋەندە يامادا نوبوئونىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز
يامادا نوبوئو (1920 - 1987) ئەدەبىياتشۇناسلىق باكلاۋۇرى، دەسلەپتە ئېدۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسورى بولغان، جۇڭگونىڭ قەدىمقى زامان شىمالدىكى مىللەتلەر تارىخى تەتقىقات مۇتەخەسسىسى، ئۇ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئىجتىمائىي ئىجتىسادىي ھۆججەتلەرنى تەتقىق قىلىشنى بىر بالداق يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرگەن. ئۇنىڭ « پېرسىيە ۋە تاڭ سۇلالىسى »، « ئاتلىق مىللەتلەر تارىخى ـــ رەسمىي تارىخلاردىكى شىمالىي دىلار تەزكىرىسى »، « شەرقىي ئاسىيا تارىخىغا كىرىش » ۋە « تۈركىستاننىڭ شەكىللىنىشى » قاتارلىق ئەسەرلىرىدىن باشقىلىرىنىڭ  كۆپ قىسمى قەدىمقى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك
1. « ئوتانى ئېكىسپىدىتسىيە ئەترىتى ئېلىپ كەلگەن ئۇيغۇرچە يازما ماتېرىياللار كاتالوگى » (خانېدا ئاكىرا بىلەن بىرلىشىپ يازغان « غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تەتقىقاتى » 4- توپلام، 1961- يىلى)
2. « ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ساقلىنىۋاتقان غەربىي يۇرت يازما يادىكارلىقلىرى ــــ ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلار » («غەربىي جەنۇبىي ئاسىيا تەتقىقاتى» 20- سان، 1968- يىلى)
3. « ئۇيغۇرچە ماتېرىياللار ۋە ئۇنىڭ شەرھىسى » (« مەركىزىي ياۋروئاسىيا مەدەنىيىتى تەتقىقات تېمىسى ۋە ئۇسۇلى» ئالتايشۇناسلىق تەتقىقات ئالاقىلىشىش تەشكىلاتى، ئوساكا،  1975- يىلى)
4. « تامغا - مۆھۈرلەر ھەققىدە تەتقىقات » («دوكتور ۋادانى خاتىرىلەش شەرقىي ئوكيان تارىخ مەجمۇئەسى» جاڭتەن نەشرىياتى، 1961- يىلى)
5. « ئوتانى ئېكىسپىدىتسىيە ئەترىتى ئېلىپ كەلگەن ئۇيغۇرچە ئېلىم - سېتىم ھۆججەتلىرى » («غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تەتقىقاتى» 4- توپلام، 1961- يىلى)
6. « قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئېلىم - سېتىم كېلىشىملىرىنىڭ شەكلى » («غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تەتقىقاتى» 6- توپلام، كىيوتو، 1963- يىلى)
7. « غەربىي يۇرتتىن تېپىلغان ئۇيغۇرچە كېلىشىم ھۆججەتلىرىدىكى تامغا مۆھۈر ۋە گۇۋاھچى شەكىللىرى » (« 25- نۆۋەتلىك خەلقئارا شەرقشۇناسلىق ئىلمىي يىغىن ماقالىلار توپلىمى »1963- يىلى موسكۋا)
8. « قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى خۇسۇسىي تامغىلار ۋە بارماق بېسىش » (Denis Sino نىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن « ئالتاي مەدەنىيىتىدىن ئومۇمىي بايان »، 1963- يىلى)
9. « قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى قەرز ھۆججەتلىرىنىڭ شەكلى » («ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەن بۆلۈمى ئەسەرلىرىدىن تاللانما» 11- توپلام، 1963- يىلى)
10. « ئوتانى ئېكىسپىدىتسىيە ئەترىتى ئېلىپ كەلگەن ئۇيغۇرچە ئېلىم - سېتىم ھۆججەتلىرى » (« شەرقىي ئوكيان مەدەنىيەت غەزىنىسى تەتقىقات ئورنى تاللانمىلىرى » 23- توپلام، 1967- يىلى)
11. « قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۆزىنى سېتىش كېلىشىمىدىن ئۈچ نەمۇنە » («شەرقىي ئوكيان تارىخ تەتقىقاتى» 27- جىلد 2- سان، 1968- يىلى)
12. « ھەرقايسى ئەللەردە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلار ھەققىدە ئومۇمىي بايان » (« 3- نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا ئالتايشۇناسلىق ئىلمىي يىغىنى ماقالىلار توپلىمى »، تەيبېي، 1970- يىلى)
13. « قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى بىرنەچە خىل ئېغىرلىق ئۆلچىمى ۋە ئۆلچىگۈچ نامى ھەققىدە تۆت ئىزاھ » («تۈركولوگىيە تەتقىقاتى»، بۇداپېشت، 1971- يىلى)
14. « قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قۇل - دىدەك سېتىۋېلىش ۋە بالا بېقىۋېلىش كېلىشىمى » («ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەن بۆلۈمى ئەسەرلىرىدىن تاللانما» 16- توپلام، 1972- يىلى)
15. « 9- ئەسىردىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ ھالاكىتى » (« تارىخ كۆزنىكى »، 42- جىلدم 1985- يىلى)
16. « توققۇز ئۇيغۇر قاغانلىرىنىڭ نەسەپنامىسى » («شەرقىي ئوكيان ئىلمىي ژورنىلى » 33- جىلد، 3- سان)
17. « قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى گۆرۆ ھۆججىتى » (« دوكتور خاتىرىلەش شەرقىي ئوكيان تارىخ مەجمۇئەسى» )
18. « Bolmïš يازمىلىرى» (دوكتور ماتسۇدانى خاتىرىلەش مەدەنىيەت مائارىپ توپلىمى « شەرق غەرپ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىخى » شيۇڭشەن سارىيى، 1975- يىلى)
19. « Qayimtu يازمىلىرى» (« شەرقىي ئوكيان تارىخ تەتقىقاتى »، 34- جىلد 4- سان، 1976- يىلى)
20. « مۆھۈر ۋە ئىمزا » ( « دوكتور ئاشىكاگانى خاتىرىلەش شەرقشۇناسلىق ۋە ھىندىشۇناسلىق ئەسەرلەر توپلىمى » توكيو، 1978- يىلى)
21. « قۇل مەسىلىسىگە ئائىت بىر پارچە ئۇيغۇرچە پۈتۈك » (« ئاسىيا تەتقىقاتى »، 1981- يىلى)
22. « قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى كېلىشىم ھۆججەتلىرى ھەققىدە ئومۇمى تەتقىقات » (بۇ ئەسەر ئودا جۇتېن، ئۇمېمۇرا خىروشى، مورىياسو تاكائو قاتارلىق ئۈچەيلەن يازغان « مەركىزىي ياۋرو ئاسىيا تارىخىنىڭ قايتىدىن تۈزۈلىشى » دىگەن كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن، كىيوتو، 1987- يىلى). ئۇ 1976- يىلى يەنە ئۆزىنىڭ « تەڭرىتاغ ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تارىخى » قاتارلىق كىتاپلىرىنى نەشر قىلدۇرغان.
23. « قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى كېلىشىملەر توپلىمى » ( ئودا جۇتېن، ئۇمېمۇرا خىروشى، پېتىر زېئىم (گېرمانىيە) مورىياسو تاكائو بىللە يازغان. ئوساكا، 1993- يىلى)
2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، پىروفېسسور مورى ماسائو ۋە يامادا سازۇئولار بىر تەرەپتىن قەدىمقى ئاسىيا تارىخى ۋە تۈركى مىللەتلەر تارىخىنى تەتقىق قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن، قەدىمقى ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلارنى تەتقىق قىلىشنى باشلىدى، بولۇپمۇ قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىساد ۋە قانۇنغا ئائىت ھۆججەتلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلدى. بۇ ئىككى ئالىم قەدىمقى ئۇيغۇچە ھۆججەتلەرنى تەتقىق قىلىشى دۇنيادا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. پىروفېسسور مورى ماسائو خەنزۇچە كېلىشىم ھۆججەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە كېلىشىم ھۆججەتلىرىگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئېنىقلاپ چىقتى. يامادا سازۇئو بولسا ئۇيغۇرچە يازما ھۆججەتلەرنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبىنى تەتقىق قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەرنى تەكشۈرۈپ، كېيىن مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىرنەچچە پارچە تەتقىقات ئەسىرىنى ئېلان قىلدى. مەسىلەن: Bolmïš ھۆججەتلىرى گۇرۇپپىسى ۋە Qayïmtu ھۆججەتلىرى گۇرۇپپىسىنى تەسىس قىلىپ، Bolmïš بىلەن Qaymïtuنىڭ قەدىمقى زاماندا ئۆتكەن پومېشچىكلارنىڭ ئىسمى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى. ئۇ يالغۇز بۇ پومېشچىكلارنىڭ تەڭرىتاغ ئۇيغۇر دۆلىتىدە باي باياشات تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىنىلا كۆرسىتىپ بېرىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ ئۇنچە زور ھوقۇققا ئىگە ئەمەسلىكىنىمۇ كۆرسىتىپ بەردى. ئومۇمەن بۇ ئىككى ئالىم ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلار ئارقىلىق قەدىمقى ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشنىڭ يېڭى ئۇسۇلىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى. پىروفېسسور يامادا سازۇئونىڭ بىر ئۇلۇغۋار نىشانى بولۇپ ئۇ بولسىمۇ، بېرلىن مۇزېيخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان بارلىق قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى يازما يادىكارلىقلارنىڭ فاكسىمىل نۇسخىسىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنى تەرجىمە قىلىش ۋە ئىزاھلاپ چىقىش ئىدى. ئۇ بىر تەتقىقات جەمىيىتى قۇرۇپ، دوكلات يېزىپ چىققان بولسىمۇ، ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ تىرىشچان ئالىم 1987- يىلى 4- ئاينىڭ 27- كۈنى بەختكە قارشى ۋاپات بولدى.

داۋامى بار، داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز تور بېتىمىزدە بولسۇن. باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرۈپ چاپلىماڭ.


ئەركەم تورى
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
تارىخ- كۇچلۇكلەرنىڭ ئاجىزلارنىڭ دۇمبىسىگە ئاجىزلانىڭ ..
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 929
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-11-06
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
1-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-04 19:10
ناھايىتى ياخشى ماقالە ئىكەن .تەتقىق قىلشقا پايدىلنىشقا بولىدىكەن
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 1821
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 3
شۆھرىتى: 4 نومۇر
پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-04-17
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-05-04
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-04-18 23:21
داۋامىغا تەشنامىز.  داۋامىغا تەشنامىز، داۋامىغا تەشنامىز.
terjime guruppisi
دەرىجىسى: ياساۋۇل
UIDنومۇرى: 2117
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 37
شۆھرىتى: 60 نومۇر
پۇلى: 430 سوم
تۆھپىسى: 8 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 119(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-05-12
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-05-17 23:30
داۋامىچۇ؟  خېلى  كۈچ  سەرىپ  قىپسز  تەشەككۇر،داۋامىغا  تەشنامىز!
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: ياساۋۇل
UIDنومۇرى: 2117
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 37
شۆھرىتى: 60 نومۇر
پۇلى: 430 سوم
تۆھپىسى: 8 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 119(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-05-12
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-05-18 00:39
داۋامىچۇ؟  خېلى  كۈچ  سەرىپ  قىپسز  تەشەككۇر،داۋامىغا  تەشنامىز!
دەرىجىسى: ياساۋۇل
UIDنومۇرى: 1545
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 40
شۆھرىتى: 97 نومۇر
پۇلى: 470 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 103(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-03-02
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-03
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-05-18 16:29
ياۋۇز ئەپەندىنىڭ بىزنى مۇشۇنداق قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە كۆپ رەخمەت، داۋامىنى تىزراق يوللىشىڭىزنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتىۋاتىمىز.
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 2262
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 8
شۆھرىتى: 9 نومۇر
پۇلى: 80 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-05-24
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-05-28
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-05-24 00:30
داۋامى قاچان چىقىدۇ؟؟      
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 2262
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 8
شۆھرىتى: 9 نومۇر
پۇلى: 80 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-05-24
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-05-28
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-05-24 00:38
مەن تۈركى تىللار دىۋانىدا مەھمۇد قەشقىرى سىزغان بىر خەرىتىنى كۆرگەن ئۇخەرىتىدە <<جابىرقا >>دىگەن بىر يەربارئكەن ئۇدەل    ياپۇنيە ئكەن  زادى بۇنىڭدىن نىمىنى چۈ شىنشكە بولىدۇ؟؟؟؟؟؟؟    
ئەركەم تورى
YAX
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 2322
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 1
شۆھرىتى: 2 نومۇر
پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-05-26
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-06-08
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-05-26 18:46
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ! مەن بۇ مۇنبەر نىڭ يىڭى ئەزاسى.    بۇ يازمىلارنى كومپىيوتېرغا كۈچۈرۈپ ساقلاپ قويساق بۇلا ؟داۋامى قاچان چىقا؟
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 2251
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 7
شۆھرىتى: 9 نومۇر
پۇلى: 80 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-05-22
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-11-17
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-06-16 20:25
يۇلانمىنى يۇللىغىنىڭىزغا رەھمەت .ياپۇنلارغا رەھمەت .داۋامىنى كۈرۈشكە تەشنا بىز .ياپۇنلارنى تىللىماي ئۇلاردىن ئۈگىنىشىمىز كىرەك، دۇستلار.
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 2904
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 8
شۆھرىتى: 17 نومۇر
پۇلى: 70 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-06-24
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-07
10-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 41كۈن بۇرۇن
ناھايتى ياخىشى تىما يولاپسىز.
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 1895
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 183
شۆھرىتى: 263 نومۇر
پۇلى: 1885 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 83(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-04-24
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
11-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 41كۈن بۇرۇن
قاچانمۇ مۇشۇ ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنى بىلەن دىدارلاشقىلى نىسىپ بۇلا؟
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 9142
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 4
شۆھرىتى: 30 نومۇر
پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-02-26
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-27
12-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 14كۈن بۇرۇن
بۇنىڭغا نىمە دەيسىز !

http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-97746-keyword-%D9%8A%D8%A7%D9%BE%D9%88%D9%86%D9%89%D9%8A%DB%95.html
[ 此帖被eltikin10在2009-02-26 00:38重新编辑 ]
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 9142
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 4
شۆھرىتى: 30 نومۇر
پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-02-26
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-27
13-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 14كۈن بۇرۇن
ياپونىيەنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى tughrul بۇ تېمىنى شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى .(2009-02-24)ياپونىيەنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ يۈزلىنىشى ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئورۇنلىرى
1. كىرىش سۆز


..................................................................

مۇناسىۋەتلىك بىرنەچچە پارچە تەتقىقات ئەسىرىنى ئېلان قىلدى. مەسىلەن: Bolmïš ھۆججەتلىرى گۇرۇپپىسى ۋە Qayïmtu ھۆججەتلىرى گۇرۇپپىسىنى تەسىس قىلىپ، Bolmïš بىلەن Qaymïtuنىڭ قەدىمقى زاماندا ئۆتكەن پومېشچىكلارنىڭ ئىسمى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى. ئۇ يالغۇز بۇ پومېشچىكلارنىڭ تەڭرىتاغ ئۇيغۇر دۆلىتىدە باي باياشات تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىنىلا كۆرسىتىپ بېرىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ ئۇنچە زور ھوقۇققا ئىگە ئەمەسلىكىنىمۇ كۆرسىتىپ بەردى. ئومۇمەن بۇ ئىككى ئالىم ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلار ئارقىلىق قەدىمقى ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشنىڭ يېڭى ئۇسۇلىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى. پىروفېسسور يامادا سازۇئونىڭ بىر ئۇلۇغۋار نىشانى بولۇپ ئۇ بولسىمۇ، بېرلىن مۇزېيخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان بارلىق قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى يازما يادىكارلىقلارنىڭ فاكسىمىل نۇسخىسىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنى تەرجىمە قىلىش ۋە ئىزاھلاپ چىقىش ئىدى. ئۇ بىر تەتقىقات جەمىيىتى قۇرۇپ، دوكلات يېزىپ چىققان بولسىمۇ، ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ تىرىشچان ئالىم 1987- يىلى 4- ئاينىڭ 27- كۈنى بەختكە قارشى ۋاپات بولدى.



مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى  : دەپتۇغۇ !
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 9054
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 1
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: -10 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-02-17
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-26
14-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 14كۈن بۇرۇن
ياۋۇز ئەپەندى نىمىشقا مىنىڭ ئىنكاسلىرىمنى قالايمىقان ئۆچۈرىۋېتىسىز؟
yol
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !