قەدىمقى ئۇيغۇرچە شــېــئــىــرلار
قەدىمقى ئۇيغۇرچە شــېــئــىــرلانىڭ كۆپ قىسمى << قۇچۇ ئىدىقۇت خانلىقى >> دەۋرى ( 9-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە ) دە يىزىلغان ۋە كۆچۇرۇلگەن بولۇپ ، ئۇ ۋەتىنىمىز مەدەنىيەت خەزىنسىدىكى نۇر چاقناپ تۇرغان مىللى مىراسلارنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ . بۇ شېئىرلا سان جەھەتتىن كۆپ ھەجىم جەھەتتىن زور بولۇپ ، ئۇلارنىڭ يىزىلغان دەۋرى ، تۇرلىرى ۋە ئۇسلۇبى جەھەتتىن بىباھا قىممەتكە ئىگە شۇنداقلا ئۇيغۇر شېئىرىنىڭ شەكىللىنىش ، تەرەققى قىلىش جەرياننى ئۇگىنىش ئۇچۇن تىپىلغۇسىز ئۆرنەك ھىسابلىنىدۇ .
ھازىرقى شېئىرىيەت زوقمەنلىرىنىڭ شېئىرىيەتكە بولغان چۇشەنچىسىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇش ، قەدىمكىنى بۇگۇن ئۇچۇن خىزمەت قىلدۇرۇش ئۇچۇن ئەينى زاماندا يىزىلغان بولسىمۇ ئەمما ئاپتۇرلىرى تىخىچە نامالۇم بولغان شېىرلاردىن بىر نەچچە پارچىنى ئەسلى تىكىستى بىلەن قوشۇپ ئۆرنەك تەرەقىسىدە ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇق .
مــەدھــــىيە پــارچىــــسىس
كۆك بۆرىتەك سېنى بىرلە يۇرىيىن
قارا قوزغۇنتەك تۇپراق ئۇزە قالايىن
ئىگگە كۆمۇرى
بىلەگۇكە يارىتەگ بولايىن
ئەر كىلىگ ئۇلۇغ ئىلىگىمىز ئەرۇرسىز
ئالتۇنچا توممىش
تۇملۇنچا توممىش
قۇتلۇق بىلگە بەگۇسىز ئەرۇرسىز
يمە قالىن قارا بۇدۇنىڭىزىن
كىڭ قوينىڭىزدا
ئۇزۇن ئەتەكىڭىزدە
كۆيۇ كۆزەدۇ تۇتۇپ ئاچىدۇ ئىگدۇرسىز
تەرجىمسىس
كۆك بۆرىدەك سەن بىلەن بىللە يۇرەي ،
قارا قوزغۇندەك تۇپراق ئۇىستىدە قالاي .
قاغرىققا داۋا ،
بىلەي ( تاش ) گە سۇ بولاي .
قۇدىرەتلىك ئۇلۇغ ئىگمىز پادىشاھىمىز سىز ،
سىز ئالتۇندەك ساپ ،
مەرۋايىتتەك سۇزۇك .،
قۇتلۇق ، دانا بىگىمىز سىز .
سىز بارلىق پۇخرالىرىڭىزنى ،
كەڭ قوينىڭىزدا .
ئۇزۇن ئىتىكىڭىزدە ،
كۆيۇنۇپ ئاسراپ ،مىھرىبانلىق بىلەن باقىسىز .
ئـــاتىــــلار ســـــــۆزى
ئايىپسىز تىشىكە ئەر
بوينىن سۇنمىش كەرەك .
ئول ئانتاغ تۇزۇن بىرلە
تىرىكلىك قىلمىش كەرەك .
تەرجىمسسى :
ئەيىپسىز ئاياللارغا ،
ئەرلەر بويننى ئىگىشى كىرەك .
ئۇنداق ئەخلاقلىق ئايال بىلەن ،
ئۆمۇر بويى ئۆتۇش كىرەك .
* * * * * * * * *
ئاقىقات بولسا تۇزۇن ،
ئاڭا جان بەرمىش كەرەك .
مەڭى چىن ئول مەڭى ئوق ،
تاقى نە ئايمىش كەرەك .
تەرجىمسسسى :
ھەقىقەت توغرا بولسا ،
ئاڭا جاننى بىرىش كىرەك .
مەڭگۇ چىن ئۇ ، مەڭگۇ ئوق ،
ئۇنىڭغا يەنە نىمە دىيىش كىرەك .
* * * * * * * * *
ئەردەملىگ كىشى ئەردىنى بىرلە تۇز ئول
ئەردەمسىز كىشى ئۆتۇك ئىچىندەكى ئولياق بىرلە تۇز ئول
تەرجىمسسسى :
پەزىلەتلىك كىشى گويا گۆھەرگە ئوخشايدۇ ،
پەزىلەتىسىز كىشى گويا ئۆتۇك ئىچىدىكى پىتەككە ئوخشايدۇ .
* * * * * * * * *
ياغمۇر ياغسا قاپۇڭ بولسۇن ياپىنغۇ كەرگەك
يەۋۇز كىشى ياقىن كەلسە ئابىنغۇ كەرگەك
تەرجىمسسسى :
يامغۇر ياغسا يىپىنچاڭنى يىپىنىشىڭ كىرەك ،
ياۋۇز كىشى يىقىن كەلسە ئىھتىيات قىلىشىڭ كىرەك .
* * * * * * * * * * * *
قوچۇ تاغىنتا قاپلان يوق
قۇدۇق سۇۋىنتا بالىق يوق
تەرجىمىسسسسى :
قۇچۇ ( تۇرپان ) تاغلىرىدا قاپلان يوق ،
قۇدۇق سۇيىدە بىلىق يوق .
* * * * * * * * * * *
ئەر قۇتى بەلىڭ
سوۋ قۇتى تەرىڭ
تەرجىمسسسسى :
ئەرنىڭ قۇتى( بەختى ) قورۇقماسلىقتا ،
سۇنىڭ قۇتى چۇڭقۇرلۇقتا .
==============================
مايبۇلاق ژورنىلى 2004.4 ساندىن
شەبنەم تورى