ئورخۇننى قوللامسىز؟ مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى Munber hetni Nurmal Korelmigenler
قورال ئىشىلتىش ئادرېسىنى كۆچۈرۈش | ساقلىۋېلىش | پىرىنتىرلاش
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 1617
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 60
شۆھرىتى: 136 نومۇر
پۇلى: 700 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 200(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-03-14
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
باش يازما  يوللانغان ۋاقتى: 15كۈن بۇرۇن

 دۇنيا مەدىنيەت مۆجىزىلىرى_ ئاڭكور خارابىيلىقى

ئورنى : كامبودژانىڭ ئوتتۇرا قىسمى
ياسالغان ۋاقتى:  مىلادى 889-يىلى
باھا:  كامبودژانىڭ قەدىمقى قۇرۇلۇش سەنئىتىنىڭ ئەڭ يوقىرى پەللىسسگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.  
     ئاڭكور _ مىلادى 9-15-ئەسىرلەردىكى شەرقى جەنوبى ئاسىيادىكى كېخمىر خاندانلىقىنىڭ پايتەختى. 9-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئاڭكور خاندانلىقىدىكى 25 پادىشاھ ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىنىڭ جەنوبى، ۋېيتنام ۋە بىنگال قولتۇقى ئارىسىدىكى كەڭ زىمىنغا ھۆكۇمرانلىق قىلغان. دائىرىسى ھازىرقى كامبودژادىن خېلىلا چوڭ بولۇپ، بىر مەزگىل گۇللەنگەن. بۇ مەزگىلدە كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىپ، ئاڭكور شەھىرى، ئاڭكور تاشكېمىرلىرى، ئايال پادىشاھ ئوردىسى قاتارلىق 600 نەچچە ھىندى دىنى ۋە بۇددا دىنى ئۇسلۇبىدىكى مۇنارلار ياسالغان. 1431-يىلى تايلاند ئارمىيىسى ئاڭكورنى بۇلاپ-تالىغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ شەھەر خارابىلىشىشقا باشلىغان. كېيىنچە بۇ بىر مەزگىل راسا گۇللەنگەن ئاڭكور قويۇق ئورمان ئارىسدا ئاستا -ئاستا ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن. 1860-يىلى1-ئاينىڭ 22-كۇنى فىرانسىيەلىك مۇزىيشۇناس مۇئوۋ قىممەتلىك . كەم ئۇچىرايدىغان ھايۋانلارنى ئىزدەش سەپىرىدە پىنوم -پىننىڭ غەربى شىمالىغا 2504كىلومىتر كىلىدىغان جايدا34 ياشلىق ئۇ ئورمان ئارىسىدىن پۇتكۇل دۇنيانى زىل-زىلىگە سالغان ئاڭكور خارابىيلىقىنى بايقىغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى كىشلەر بۇ يەردە تارىختىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس، سەنئەتنى دىمەيلا قويايلى دىيىشەتتى. بىراق ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا بىر پارلاق مەدىنيەتنىڭ كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان پاكىتى تۇراتتى. ئۇ 3 ھەپتە سەرپ قىلىپ خارابىيلىقنى كۆزىتىپ، كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىلەرنى تەپسىلى خاتىرلەپ، دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن ئاخبىرات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلماقچى بولدى. لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىدى. نەچچە ئايدىن كېيىن ئۇ ھىندىچىنىغا قىلغان سەپىرىدە كېزىك يۇقتۇرىۋېلىپ ياقا يۇرتتا ئۆلۇپ كەتتى. 1863-يىلى «ئىلىم-پەن » گېزىتى مۇئوۋنىڭ خاتىرىسىنى بېسىپ چىقاردى.غەرپنىڭ ئارخىئولۇگلىرى ئاخىرى ئاڭكور خاربىيلىقىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئىشەنگەن. 1866-يىلى فىرانسىيە ھىندىچىنىغا باستۇرۇپ كىرگەن. فىرانسىيەلىكلەر رىۋايەتلەردىكى بۇ خارابىيلىقنى سېستىمىلىق تەتقىق قىلغان. 1885-يىلى پادىشاھلارنىڭ يىل دەۋر تىزىمىكىنى ئېلان قىلغان. تارىخى ماتىرياللاردىن بىلىشكە بولۇدىكى  كېخمىر (كامبودژا) پادىشاھلىقى ئاڭكورنى تاشلاپ كەتكەندىن كېيىنكى نەچچە ئەسىر ئىچكى قالايمىقانچىلىقتا ئۆتكەن. بىراق ئاڭكور شەھرىنىڭ قۇرۇلىشى يەنىلا مۇكەممەل ساقلانغان بولۇپ، ئۇرۇش بالايى -ئاپىتىگە ئۇچىرىمىغان. 1546-يىلى كېخمىر پادىشاھى ئەنچان 1   ئاڭكور تاشكىمىرلىرىنى رىمونت قىلغان. 1576-يىلى پادىشاھ ساتا ئوردىنىڭ بىر قىسمىنى ئاڭكور يېنىغا كۆچۇرگەن. 1551-يىلى پورتۇگالىيەلىك دىن تارقاتقۇچىلار ئاڭكور ھەققىدە خاتىرە قالدۇرغان.بۇ خاتىرە پورتۇگالىيە پايتەختى لىسسابوندىكى مەركىزى كۈتۇپخانىدا ساقلانماقتا. 17-ئەسىرگە كەلگەندا ئاڭكور ئادەم ئايىقى تەگمەس بولۇپ، ئەتراپى قويۇق ئورمان بىلەن قاپلىنىپ كەتكەن. 1898-يىلى فىرانسىيەلىكلەر زور كۆلەمدا مەبلەغ چىقىرىپ ئاڭكور خارابىيلىقىنى قوغدىغان. ئارخىئولۇگلار تۇركۇم - تۇركۇم يەرلىكلەرنى ياللاپ، قويۇق ئورمانلارنى كېسىپ،200يىل تاشلىنىپ قالغان تاش ئىبادەتخانىلارنى قايتا نامايەن قىلغان.











تەرجىمە قىلغۇچى : قوشۇق
«دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى» دىگەن كىتاپتىن  ئېلىندى.  
yol
tax
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 2839
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 62
شۆھرىتى: 157 نومۇر
پۇلى: 525 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-06-19
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-06
1-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 5كۈن بۇرۇن
ئىسىمدە قىلىشچە ئىلگىرى مۇشۇ ئاڭكور خارابىيلىقىغا ئائىت بىر كىنونى كۆرگەن.ئۇ كىنودا ياپۇنىيەلىك بىر فوتوگىراف مۇشۇ ئاڭكور خارابىلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئامىركا - ۋىيىتنام ئۇرۇشىدا ئامىركىلىقلارنى سۈرەتكە تارتىشنى سەۋەپ قىلىپ ۋىيىتنامغا كىلىدۇ.كىيىن بىر قىتىم باشقىلارنى يول باشلاتقۇزۇپ ئاڭكور خارابىلىقىغا قاراپ مىڭىپ مىڭبىر مۇشەققەتلەر بىلەن ئۇ يەرگە بىرىپ شۇ يەردە پارتىزانلارنىڭ قولىدا ئۆلگەنلىكى تەسۋىرلىنىدۇ.
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 9096
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 3
شۆھرىتى: 10 نومۇر
پۇلى: 0 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-02-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-07
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 4كۈن بۇرۇن
<<پىنوم -پىننىڭ غەربى شىمالىغا 2504كىلومىتر كىلىدىغان جايدا。>>.................كامبودژانىڭ زىمىنى بۇنداق چوڭ ئەمەس......خاتا يىزىۋاپسىز.。。
terjime guruppisi
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 1617
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 60
شۆھرىتى: 136 نومۇر
پۇلى: 700 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 200(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-03-14
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 3كۈن بۇرۇن
<<پىنوم -پىننىڭ غەربى شىمالىغا 2504كىلومىتر كىلىدىغان جايدا。>>.................كامبودژانىڭ زىمىنى بۇنداق چوڭ ئەمەس......خاتا يىزىۋاپسىز.。。
****************************************************************************************
ئەسلى ماتىرىيالدا 2504 千米  دەپ يېزىلغان ئىكەن. بۇنى ئويلاشمايلا تەرجىمە قىلىۋېرىپتىمەن.ماتىرىيال ئاختۇرۇپ باقسام، ئەسلى ئارىلىقى 240 كىلومېتىر ئەتراپىدا ئىكەن. تۈزەتكىنىڭىزگە رەھمەت.
ئەركەم تورى
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !