ھاي-ھاي Yawuz ئەپەندى، «نومۇس» نى تەكىتلەپ، ئارقىدىن «ئىشەك»نى تىلىڭىزغا ھەمرا تىللاش قورالى قىلغىنىڭىز نىمىسى؟ بۇيەرگە ئاچچىق بىلەن تىللاشقىلى كەلمىدۇق، بىلمىگەنلەر سۈكۈت قىلساق، بىلگەنلەر ئىلىمىي ھالدا مۇنازىرە قىلساق، چۈشىنىشمەسلىكلەرنى ئىلىمىي ھاسىلات بىلەن ھەل قىلساق دەيمىز.
خوش، ئۆز گىپىمىزگە كەلسەك ،1. يۇقارقى ماقالە بەكمۇ يۈزەكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.بۇ دىگىنىمىز :«1979 – يىلى لوپنۇر كۆلىنىڭ شىمالىدىن قېزىۋىلىنغان جەسەتنىڭ بېشىغا بىر نەچچە تال پەي قىستۇرۇلغان كېگىز قالپاق كىيدۈرۈلگەن بولۇپ ، بۇنىڭدىن 4000 يىللار ئىلگىرىكى باش كىيىمى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان . چەرچەندىكى زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ بېشىغىمۇ كانايسىمان كېگىز قالپاق كىيدۈرۈلگەن ، ھەر بىر قالپاققا يەتتە ياكى توققۇز تالدىن قۇش پېيى قادالغان ، ئىلىدىن تېپىلغان مىس لەشكەر قونچاقنىڭ قالپىقى ئۇچلۇق بولۇپلا قالماستىن ئىككى ھەسسە ئېگىز ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىن 3000 يىللار ئىلگىرىكى بويۇملار ...»دىيىلسىلا كۇپايە قىلمايدۇ .ئۇ قانداق ئىسىم ياكى نومۇر قويۇلغان،يا نىمە دەپ نام بىرىلگەن جەسەت؟قايسى ئالىم «قەدىمكى ئۇيغۇر باش كىيىمى»دەپ ھۆكۈم چىقارغان؟دەلىل كېرەك.بولمىسا ھەركىم ھېسسىي ھۆكۈملىرىنى «چىن پۈتۈۋەرگەندىن» تارىخ دەلىللىنمەيدۇ، بۇ ھەممىگە ئايان.
2.ماقالىدە دىيىلگەندەك« جەسەتنىڭ بېشىغا بىر نەچچە تال پەي قىستۇرۇلغان كېگىز قالپاق،جەسەتلەرنىڭ بېشىغىمۇ كانايسىمان كېگىز قالپاق كىيدۈرۈلگەن ، ھەر بىر قالپاققا يەتتە ياكى توققۇز تالدىن قۇش پېيى قادالغان »،لېكىن ئۇنى قايسى ئارخولوگ ئۇيغۇرنىڭكى دەپ ئىسپاتلىغان؟ شۇنداق بولىشى مومكىن دىگەن تەقدىردىمۇ، قىرغىز قالپىقى «كىگىز» لىكىدىن باشقا،يۇقارقى قالپاقتىن بىر نەچچە ياسىلىش ئالاھىدىلىكى بىلەن پەرقلىنىدۇ. دىمەك ، ئۇ ئارىئانلارنىڭمۇ ياكى باشقىنىڭمۇ تەتقىق ئاساسىدا دەلىللەپ ھۆكۈم چقىرىشقا توغرا كىلىدۇ.
3.قىرغىز قالپىقى ئۇزۇن تارىخى، ھەر قانداق قالپاقلادىن پەرقلىنىدىغان ئىنچىكە ياسىسىلىش ئالاھىدىلىكى
نىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولالايدۇ.بۇ ھەقىقەت.شۇڭا«otlan ئەپەندى:
مەن ئەخلىمنى بىلسەم مىنىڭ چوڭ بوۋام خامان تەپكەندە، ھارۋا ھەيدىگەندە قالپاق كىيدىكەن»دىگەندەك، مەيلى قانداق قىلغاندا كەيسۇن، قالپاقنىڭ ياسىلىش ئالاھىدىلىكىنى سېلىشتۇرۇپ،
ئاندىن ماۋۇ قىرغىز قالپىقى ئىكەن دىسەك،«قىرغىز قېرىنداشلىرىم بۇ ئىنكاسىمنى كۈرۈپ كۇچالىقلارنى قىرغىز دىمەيدىغانسىلەر ھە.....؟؟؟؟؟
قالپاق بولسا كىسىپ ئېيتىش كېرەككى ئويغۇرلارنىڭ باش كىيمى....»بولمايدۇ.«قالپاق»كۆپ غۇ ؟يەنە كىلىپ بىر كىم دۇنيادىكى ھەممە قالپاق قىرغىز نىڭ دىمىدى.ياسىلىش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، ھۆكۈم چىقىرىش لازىم.كىسىپ ئىيتالايمەنكى،كۇچالىقلارنىڭ قالپىقى قىرغىز قالپىقىدىن روشەن پەرقلىنىدۇ.
قېرىنداشلار !قارىغاندا ئاق كىگىز، تۆت تالالىق قىرغىز قالپىقىدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ...(ماتىرىيالىغا، ياسىلىش ئالاھىدىلىكگە قاراپ)قالپىقى ،روس قالپىقى، ئىنگىلىز قالپىقى... دەپ بۆلۈش دەۋرى كەلگەن ئوخشايدۇ...
[ 此帖被Moiunqur在2009-02-25 23:25重新编辑 ]