ئورخۇننى قوللامسىز؟ مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى Munber hetni Nurmal Korelmigenler
قورال ئىشىلتىش ئادرېسىنى كۆچۈرۈش | ساقلىۋېلىش | پىرىنتىرلاش
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 544
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-08-03
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
باش يازما  يوللانغان ۋاقتى: 14كۈن بۇرۇن

 خوتەننىڭ مىللىي ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆي – ئىمارەتلىرى

خوتەننىڭ مىللىي ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆي – ئىمارەتلىرى
ئوبۇلقاسىم تۇرسۇن
قەدىمىي يىپەك ۋادىسى خوتەن گىلەم ، يىپەك ، قاشتېشىدىن ئىبارەت «ئۈچ گۆھەر» بىلەن داڭلىق بولۇپلا قالماستىن ، مىللىي ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەنئەنىۋى ئۆي – ئىمارەتلىرى  بىلەنمۇ مەشھۇر .
خوتەن خەلقىنىڭ  ئۆيلىرى شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئورتاقلىققا ۋە خاسلىققا ئىگە . خوتەندە ھۆل – يېغىن ئاز ، قۇم – بوران كۆپ بولغاچقا ، ئۆي سېلىشتا بۇ نۇقتىغا  ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ . خوتەننىڭ شەھەر – يېزىلىرىغا بارسىڭىز ئازادە ،  يورۇق ،  ھەر خىل نەقىش – ئويمىلار بىلەن كۆركەم سېلىنغان ئۇيغۇر ئۆيلىرى سىزنى جەلپ قىلىدۇ . بۇ ئۆيلەرنىڭ ھەر خىل گۈل – نەقىش چېكىلگەن قوش قاناتلىق دەرۋازىسىدىن كىرسىڭىز ، ئۆينىڭ ئالدىدىكى پىشايۋان بۆلەكلىرىگە ھەر خىل ئەگىمىلەر چىقىرىلىپ ، ئۈستىگە سىر ياكى گەج بىلەن نەقىش ئىشلەنگەن ئۆيلەر دىققىتىڭىزنى تارتىدۇ . پىشايۋانغا سۇپا ياسىلىپ ، ئۈستىگە كىگىز ، گىلەم سېلىنىدۇ . ئىچكىرىسىگە دالان ، يازلىق ، قىشلىق ئۆيلەر ، مېھمانخانا ، ئاشخانا ، مۇنچا ، مىھراپ ، تام جاۋەنلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ . مىھمانخانىلارنىڭ دېرىزىلىرى باغ تەرەپكە قارىتىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ، مېھمانخانا مەنزىرىلىك ، ھاۋالىق قىلىنىدۇ .
خوتەندىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى مېھماندوست ، ناخشا ئۇسسۇلغا ماھىر بولغاچقا ، ئۆينى ئازادە ، كەڭ ، يورۇق قىلىپ سېلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ . ئولتۇراق ئۆينىڭ مەركىزىي قىسمىغا قەپەز ئايۋان ، چۆرىسىگە ئېھتىياجلىق ھەر خىل ئۆيلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ . ئايۋان ياز كۈنى سالقىن بولىدۇ . ئەتراپتىكى ئۆيلەرگە ئايۋان ئارقىلىق كىرىدۇ . ئايۋان ئېگىز بولۇپ ، تۈۋرۈكلىرىگە نەقىش ئويۇلىدۇ . ئايۋان شىپاڭلىق بولۇپ ، شىپاڭ ئەتراپى دېرىزە ياكى ئەينەك جاھاز بىلەن ئىشلىنىپ ، يورۇق ، ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان قىلىنىدۇ . ئايۋاننىڭ تۆت ئەتراپىغا (ئۆيلەرگە يۈرۈشىدىغان ئىشىكتىن باشقا يەرگە) سۇپا ياسىلىپ ، چۆرىسىگە سىلىق رەندىلەنگەن تاختاي ئورنىتىلىدۇ .
خوتەندىكى دېھقان ئۆيلىرى  كۆپ ھاللاردا توپا ، خىش ، ياغاچ قۇرۇلمىلىق بولىدۇ . بۇ ئۆيلەرنى ئۇستا خارەت (ياغاچچى) لەر ئىشلەيدۇ . يېڭى زاماندا خوتەندە خىش ، ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئۆيلەر بارغانسېرى كۆپەيدى . خىش ، سېمونت قۇرۇلمىلىق ئۆيلەرمۇ سېلىنىشقا باشلىدى . لېكىن ئۆي – ئىمارەت شەكلىدە مىللىي ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىك ساقلاپ قېلىندى . ئۆي توساقلىرى ۋە ئىشىك دېرىزىلەرگە نەقەش ئىشلەش – خوتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي – ئىمارەت ئۇسلۇپ – شەكلىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىك .  ئۆي – ئىمارەتلەرنىڭ  ئىچكى زىننەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كەشتىچىلىك (دوپپا) ، توقۇمچىلىق (گىلەم) ، بوياقچىلىق (سەرگەز) قاتارلىق ھۈنەر – سەنئەت بويۇملىرىغا ئوخشاشلا مول . ئۆي ئىچىنى زىننەتلەشتە گۈل سىزىش ، نەقىش ئويۇش ، گەج بىلەن نەقىش چىقىرىش ۋە ناۋا تارتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ . تامغا گەجلىق نەقىشلەر چىقىرىلىدۇ . بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئويۇق ، مورا – ئوچاق بىلەن ، بەزىلىرى تام گىلىمى ، زەدىۋال بىلەن ماسلاشتۇرۇلىدۇ . ئۆي قۇرۇلمىسىدىكى تۈۋرۈك ، خە ، بالا قاتارلىقلارنىڭ باش قىسمى ۋە سىرتقى يۈزىگە ھەر خىل نەپىس گۈل – نەقىشلەر چىقىرىلىدۇ . تورۇس زىننىتىدە ۋاساجۇپ قىلىش ۋە رەڭدار بېزەك ئورنىتىش ئاساس قىلىنىدۇ ، نەقىش ئويۇلىدۇ ياكى گۈل سىزىلىدۇ .

مەنبە : «شىنجاڭ  گېزىتى » 2002– يىلى 6–ئاينىڭ  12- كۈنى
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 7523
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 83
شۆھرىتى: 507 نومۇر
پۇلى: 840 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-12-17
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
1-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 13كۈن بۇرۇن
yazmigizga rahmat , baxka taraplardiki ixlar bolsa yezip turug
ئەركەم تورى
tax
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 2839
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 62
شۆھرىتى: 157 نومۇر
پۇلى: 525 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-06-19
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-06
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 5كۈن بۇرۇن
مىللىي ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆي ئىمارەتلەرمۇ ھازىر پەقەت قەشقەر ،خوتەن قاتارلىق يەرلەردە قالدى.بىزنىڭ بۇ يەرلەر زامانىۋىيى ئىگىز بىنالارغا تولدى،بۇ يەردىن مىللىي ئۆي ئىمارەتلەرنى تاپماقمۇ تەس.بولسا مۇشۇنداق يەرلەرنى قوغدىسا بولاتتى.
terjime guruppisi
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 8792
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 13
شۆھرىتى: 50 نومۇر
پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 4 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-02-09
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 5كۈن بۇرۇن
تېمىڭىزغا كۆپ رەخمەت،بىز خوتەنلىكلەر چۇقۇم  بۇمىللىي ئالاھىدىللىككە ئىگە ئۆي-ئىمارەتلىرىمىزنى چۇقۇم قوغدايمىز.
yol
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !