باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى:
本帖被 Yawuz 执行合并操作(2009-02-25)
چار رۇسسىيە ئىستىلالىرى1878-1877يىللىرى رۇس-تۇرك ئۇرۇشى بىلەن بەند بولىشىغا قارىماي[1870-يىلى خىۋەنى ئىشخال قىلغاچقا]،ئاساسىي كۈچىنى تۈركمەنىستاننىڭ ئاقتەكە ۋادىسىغا جايلاشقان دىڭلىتەپە ۋە كۆكتەپە شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا قاراتتى.باسقۇنچى رۇس گېنىراللىرى-سكوبېلېف، لوماكىن،گولوۋاچىف،لېزىرېف،گرودېكوف،كورۇپاتكىن،فونكېئۇفمانلار قوماندانلىقىدىكى ھەربىي قوشۇن ئاۋۋال زور كۈچ بىلەن دىڭلىتەپە شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى.تۇركمەن قوشۇنلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان رۇس باسقۇنچىلىرى كافكاز غا چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى.لېكىن،ئىستىلاچىلىقتىن ۋاز كەچمىگەن ئاق ئېمپىرىيەنىڭ كاللا كېسەرگېنىراللىرى بىر يىلدىن كېيىن يەنى1879-يىلى 8- ئاينىڭ28-كۈنى زور ھەربىي كۈچ بىلەن يەنە دىڭلىتەپە ۋە كۆكتەپەگە قارىتا ھۇجۇمغا ئۆتتى. شەھەر مۇداپىئە قوشۇنلىرى-تۈركمەن خەلقىنىڭ باتۇر ئوغلانلىرىدىن-تىقمەباتۇر،كاچەرباتۇر،مۇراتخان باتۇر،مەختۇمقۇلىخان،نۇربەردىخان باتۇرلار باشلىق ياۋمۇت،تەكە تۈركمەنلىرى رۇس باسقۇنچىلىرىغا قاقشاتقۇچ زەربە بەردى.ئىمپېرىيە باسقۇنچىلىرى ئىككى قىتىم مەغلۇبىيەتنىڭ تەمىنى تېتىدى.ۋەتەنپەرۋەر،باتۇر تۈركمەن خەلقىنىڭ قاقشاتقۇچ زەربىسىگە ئۇچراپ زور تالاپەت تارتىپ،مەغلۇپ بولغان باسقۇنچى ئارمىيىنىڭ گېنىراللىرى چارپادىشاھدىن ياردەمچى قوشۇن، قورال-ياراق ۋە ھەربىي مۇتەخەسىسلەرنى ئەۋەتىپ بېرىشنى سورايدۇ.شۇنىڭ بىلەن چاررۇسسىيە ئېمپىرىيىسى ئىككى يىل قاتتىق ھەربىي تەييارلىق كۆرىدۇ. ھەرقايسى تۈرك خەلىقلىرى بولسا،دۈشمەنگە قارشى كۆرەشتە ئۆزئارابىرلىشەلمەيدۇ.باسقۇنچىلىق ئۇرۇشلىرىدا باغرىتاشلىقى، ۋەھشىلىكى بىلەن داڭق چىقارغان گېنىرال-سكوبېلېف باشچىلىقىدالوماكىن،گولۇۋاچف،لېزېرېف،گرودېكوف،كورۇپاتكىن قاتارلىق رۇس گېنىراللىرى قول ئاستىدىكى مىڭلىغان رۇس،كازاك[ئوكرائىنلارنى كۆرسىتىدۇ]ئوفېتسىر-ئەسكەرلىرى ھەرخىل قوراللىنىپ،تۈركمەنلەر يۇرتىغا،ئەڭ ئاۋۋال دىڭلىتەپە،كۆكتەپە شەھەرلىرىگە يەنە ھۇجۇم قىلىدۇ.دۈشمەن قوقان،خىۋە خانلىقلىرىنى بىر-بىرلەپ يېڭىىدۇ.ئۇلارنىڭ بىرلىشىشلىرىغا،ئۆزئارا ياردەملىرىگە [رۇسلار]يول قويمايدۇ.چار گېنىرالى لوماكېن 16يېرىم باتالىيۇن،20ئىسكاندېرۇن،20دانەتوپ،زەمبىرەك قۇرۇلمىسى بىلەن،ئىككىنچى بىر رۇس گېنىرالى كورۇپاتكىن بولسا،540نەپەرپىيادىلىك رۇس ئەسكىرى318،كازاك ئەسكەر2راكىتا قۇرۇلمىسى بىلەن بىرلىشىدۇ.ھەرئىككى گېنىرالنىڭ قولئاستىدىكى ئەسكەرلەر تولۇق قوراللانغان بولۇپ،11دانە راكىتا قۇرۇلمىسى،8000رۇس ۋە كازاك ئەسكەرلىرى بىلەن 40مىڭدىن كۆپ تۈركمەن قوشۇنلىرىغا قارشى دەھشەتلىك ئۇرۇش باشلايدۇ.باسقۇنچى دۈشمەن ھۇجۇمىغا قارشى يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە بولغان جىمىكى تۈركمەن باتۇرلىرى ۋەتەن ھىمايىسىدە تىك تۇرىدۇ.ئەسلىدە ئېمپىرىيە شۇنچىلىك غايەت زور ھەربىي كۈچى بىلەن ياۋرۇپانىڭ يېرىمىنى بېسىۋېلىشى مۇمكىن ئىدى.لېكىن كۆكتەپە قەلئەسىنى ئالتە ئايغىچە ئالالمىغاچقا،چار باسقۇنچىلىرى ھىيلە ئىشلىتىشكە ئۆتتى.ئۇلار تۈركمەن مۇداپىيىچى قوشۇنلىرىنىڭ كۆزىنى بوياپ،بىرچەتتىن ھۇجۇم قىلغاندەك بولۇپ بىرچەتتىن لەخمە كولاپ تېمى ئاستىغا بارىدۇ ۋە ئاندىن ئىنتايىن كۆپ مىقتاردا پارتلاتقۇچ دورا قويۇپ ،يېرىم كېچىدە پارتلىتىدۇ.دۈشمەن بىلەن قورغان ھىمايىچىلىرى ئارىسىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن جەڭ باشلىنىدۇ.[ئاقىۋەت]رۇس باسقۇنچىلىرىگە قارشى 40مىڭ ھمايىچىنىڭ 20مىڭدىن ئارتۇقى ھالاك بولىدۇ. قالغانلارنىڭ كۆپى يارلىنىدۇ.
شۇتەرىقىدە،1881-يىلى 12-يانۋاردا دېڭلىتەپە ۋە كۆكتەپە قەلئەلىرى چاررۇسسىيە ئىستىلالىرى تەرىپىدىن زەبىت قىلىندى.گېنىرال سكوبېلېفنىڭ پەرمانى بىلەن،رۇس-كازاك ئەسكەرلىرى غەلبىنى ئۈچ كۈن شاد-خوراملىق بىلەن تەبرىكلىدى.رۇس ھەربىي تارىخچىلىرى ۋە يەرلىك تارىخچىلار نىڭ جۈملىدىن،موھەممەد يۈسۈفنىڭ يېزىشىچە،ئاق پادىشاھ باسقۇنچىلىرى قەلئە ئىچىدە،تىرىك قالغان ھىمايىچىلەرنى بىرنى قويماي قىلىچ بىسىدىن ئۆتكۈزگەن.چارباسقۇنچىلىرى پۈتۈن تۈركمەن ئېلىنى ۋەيران قىلىپ،مال-مۈلكىنى تالان تاراج قىلغان.خەلقنىڭ بارچە بايلىقلىرىنى ـــ چارۋا-ماللىرى،ئات-يىلقىلىرى، ئۆلگەنلەرنىڭ يانلىرىدىكى پۇلغا يارىغۇدەك نەرسە كېرەكلىرى،زىبۇ- زىننەتلىرى،ۋە ھەتتا ئىتلىرىدىن تارتىپ سانكت-پېتىربۇرگغا ئېلىپ كېتىلگەن.بەش مىڭغا يېقىن يەرلىك خوتۇن-قىزنى مەجبۇرىي زورلاپ باسقۇنچىلىق ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسىدىن مەست-ئەلەس،كەيپ-ساپاغا پاتغان رۇس-كازاك ئوفېتسىر-ئەسكەرلىرىگە تارتۇق قىلىپ بەرگەن.كۆكتەپە باسقۇنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ۋەھشىيلىككە پاتقانلىقى ھەققىدەرۇس خەلقىنىڭ ئىلغارۋەكىللىرى جۇملىدىن،لېف تولىستوي چەكسىز غەزەپ- نەپرەت بىلەن ئۆز يازمىشلىرىدا تىلغا ئالغان. ھەتتا سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ دەسلەپكىي دەۋرلىرىدە بۇ ئىشلار ئاشكارا ئېتىراپ قىلىنغان.مەسىلەن، 1931-يىلى مۇسكىۋادا نەشىر قىلىنغان [قىسقىچە سوۋېت ئىنسكلوپىدىيىسى]نىڭ 897-915-بەتلىرىدە،قانخۇر جاللات سكوبېلېفنىڭ قىلمىشلىرى شۇنداق تەرىپلەنگەنىدى؛[تۈركىستان ئىستىلاسى ئەقىلگە ۋە تەسەۋۋۇرغا سىغماس دەرىجىدىكى بىر زۇلمەت شەكلىدەئېلىپ بېرىلدى.مەسىلەن،كۆكتەپە ئىشغالىيىتىدىن كېيىن،خەلق مۇداپىيىچىلىرىدىن مىڭلارچىسى گېنىرال سكوبېلېف ئەمرى بىلەن قىلىچتىن ئۆتكۈزۈلدى.شەھىدلەر سانى بىرنەچچە ئونمىڭغا يەتكەن].مۇشۇنداق بەدبەختلىك ۋە قاتىللىقتىن كېيىن 28-يانۋاردا ئاشخابات شەھىرى جەڭسىز ئېلىنغان.مانا سىزگە ئاق ئېمپىرىيەنىڭ شەرق خەلقلىرىگە جۇملىدىن مەركىزىي ئاسىياــــــ تۈركىستان ئۆلكىسىنى زولۇق بىلەن ئېگەللەش بابىداكۆرسەتكەن ھەربىي سىياسىتىدىن بىر شىڭگىل قانلىق تەفسىلات.شۇنىسى تەئەججۇپلىككى،چاررۇسسىيە باسقۇنچىلىرى كۆكتەپە قەلئەسى ئېلىنغان1881-يىلى12-يانۋاركۈنىنى غەلبە كۈنى قىلىپ،تەبرىكلەپ كەلگەن.ــــــــــــــــ ئۆزبەكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇتۇلدى.