ئورخۇننى قوللامسىز؟ مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى Munber hetni Nurmal Korelmigenler
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
قورال ئىشىلتىش ئادرېسىنى كۆچۈرۈش | ساقلىۋېلىش | پىرىنتىرلاش
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 8987
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 1
شۆھرىتى: 30 نومۇر
پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-02-14
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-26
باش يازما  يوللانغان ۋاقتى: 14كۈن بۇرۇن

 سادىر پالىۋاننىڭ ئەڭ ئۆلچەملىك رەسىمىنى كىم سىزىغان ؟


مەن 2007 - يىلى 3 - مايدا قازاقىستان دۆلەتلىك مىللى كۈتۈپخانە بىناسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە تارىخى، ئەدەبىي ئارخىپلارنى ئاختۇرۋىتىپ كۆزۈم بىردىنلا < سادىر پالىۋاننىڭ رەسىمى ھەققىدە > دىگەن ماۋزۇغا چۈشۈپ قالسا بولىدۇ. ۋە دەرھال ئوقۇشقا كىرىشتىم.
بۇ ئەسلىمە ئەينى ۋاقىتتىكى قازاقىستاندا قازاق، ئۇيغۇر تىلىدا ئەرەپ يىزىقى بىلەن چىقىدىغان، مۇقاۋىسى نەقىشلەنگەن < قازاق ئېلى >ژورنىلىنىڭ 1945 - يىلىدىكى 8 ~ 9 - بىرلەشمە سانىنىڭ 21 - بىتىدىن باشلىنىپتۇ. ئەسلىمە خىلىلا ئۇزۇن كۆلەمدە يىزىلىپتۇ. ئەسلىمىنىڭ ئاپتۇرى سابىرجان شاكىرجان دېگەن كىشى شۇ دەۋىرنىڭ قەلىمى پىشقان يازغۇچىلىرىدەك تۇرىدۇ. ( شۇنداق قىلىپ ئەتىسى مەن بۇ كىشىنى ئىزدەشتۈرگىلى تۇردۇم، تېلېفۇن ئارقىلىق قازاقىستان ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسىدىكى ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى مۇتەخەسىس ساۋۇت موللايۇپتىن ئۇقۇشۇمچە، سابىرجان شاكىرجان ئۆز ۋاقتىدا يەتتە سۇ دىيارىدا ئوقۇتقۇچى، كىيىنچە ئالمۇتۇدا چىقىدىغان قازاق ،ئۇيغۇر تىللىرىدىكى بىر قاتار گېزىت - ژورناللاردا موخبىر، تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن ئىقتىدارلىق ئادەم ئىكەن. 1970 - يىللاردا ۋاپات بلۇپ كىتىپتۇ.) سابىرجاننىڭ سادىر پالىۋان ھەققىدىكى ئىزدىنىشى ئەينى ۋاقىتتىكى قازاق ئىنقىلابىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى مەزگىللەرگە توغرا كىلىدىغاندەك قىلىدۇ. ئاپتۇر 1924 - يىلى << 1- چامدام >> ناملىق ژورنالدا < سادىر پالىۋان > نى تونۇشتۇرۇپتۇ. 1931 - يىلى تاشكەنىت شەھرىدىكى نەشىرياتلاردا < سادىر قاڭرۇق > ناملىق كىتابنى نەشىر قىلدۇرۇپ، كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپتۇ. شۇندىن كىيىن ئۇ، بىر قانچە يىللار جەريانىدا داۋاملىق ئىزدىنىپ، سادىر پالىۋاننىڭ تەرقى - تۇرقى، شەكلى-چىرايى بىلەن سۆز - ھەرىكىتىنى خەلق ئىچىدىكى كۆپنى كۆرگەن ياشانغان مۇيسىپىتلاردىن ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ يىغىپتۇ.مەقسىدى - سادىر پالىۋاننىڭ ئەڭ ئۆلچەملىك رەسىمىنى سىزدۇرۇپ خەلق قەھرىمانىنىڭ ئوبرازىنى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئىكەن.
شۇنداق قىلىپ رەسىم 1940 - يىللىرى قازاقىستان خەلق رەسسامى،ئاتاقلىق گۈزەل - سەنئەت ماھىرى ئەبىلقان قاستەيۇپنىڭ ئۆتكۈر كۈزىتىش ئىقتىدارى، چىۋەر قەلىمى ئاستىدا بارلىققا كىلىپ سېزىلىپ پۈتۈپتۇ. شۇندىن كىيىن بۇ رەسىم پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدىكى تارىخى موزىيلاردا ساقلانغاننىڭ سىرتىدا ھەر خىل ئەسەرلەر ۋە دەرسلىكلەرگە كىرگۈزۈلۈپ، سۆيۈملۈك قەھرىمانىمىزنىڭ گىگانت ئوبرازى خەلق ئاممىسىغا تەقدىم قىلىنغان. سادىر پالىۋاننىڭ يۇرتىدا سادىر پالىۋاننىڭ مەقبەرىسىنى تۇرغۇزۇشتا ئاكتىپ كۈچ چىقارغان يازغۇچى تۇرسۇن ياسىننىڭ قولىدىكى رەسىم ئەنە شۇ رەسىمنىڭ نوسخىسىدىندۇر .
سابىرجان ئۇزاق ۋاقىت ئىزدىنىش جەريانىدا سادىر پالىۋاننى كۆرگەن، ئاڭلىغان نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن ئۇچراشقان ئىدى. كىيىن ئۇ شۇ ئادەملەرنىڭ ئالدىغا رەسسام ئەبىلقان قاستەيۇپنىمۇ بىللە ئاپىرىپ سادىر پالۋان ھەققىدە كۆپلىگەن سۆھبەتلەرنى تۈزۈپتۇ. مانا شۇنداق ئەستايىدىل ئىزدىنىش، ئۈگۈنۈشلەردىن كىيىن رەسسام سادىر پالىۋان تۇغۇرلۇق بىر قەدەر تولۇق بولغان چۈشەنچىنى تۇرغۇزۇپ، ئاندىن ئۆز ئەسىرىنى تاماملايدۇ. ھەم پىكىر ئىلىش يۈزىسىدىن ھىلىقى مويسىپىتلارنىڭ ئالدىغا سادىر پالىۋاننىڭ قەغەز يۈزىدىكى رەسىمىنى ئېلىپ بىرىپ كۆرسەتكەندە، ئۇلار پالىۋاننىڭ ئوبرازىسىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك چىققانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇپ : " نەق ئۆزىگە ئوخشاپتۇ، رەھمەت ساڭا، ھەقىقى ھۆنەر - سەنئەت ئىگىسىكەنسەن، قولۇڭغا دەرت بەرمىسۇن ! " دەپ رازىمەنچىلىكىنى بىلدۈرۈپتۇ. ھەم تىخىمۇ ئىچكىرلەپ : " ھەتتا بۇ رەسىم سادىر پالىۋاننىڭ ئۆزىگە ئوخشايدىغان ھەم دادىسى بىلەن چىلىشىش، جەڭلەرگە بىللە قاتناشقان چوڭ ئوغلى ئاللاقۇلى بىلەن ئوتتۇرانچى ئوغلى ئىگەمقۇلغىمۇ قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاپتۇ ... " دېيىشىپ رەسسامغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈشۈپتۇ. ( پالىۋاننىڭ 3 - ئوغلى دەۋرانقۇلى بولسا باشقىلاردىن ئۆزگىچەرەك ئىكەن )
ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى سادىر پالىۋاننى ئەڭ ئىنىق، ئەڭ تولۇق بىلىدىغىنى 1939 - يىللىرى 120 ياشقا كىرگەن ئايشەم ئانا جىلىل قىزى بولۇپ، بۇ كىشى سادىر پالىۋان قۇرامىغا يىتىپ، دەۋىر سۈرۈپ تۇرغان مەزگىللەردە 2 ~ 3 باللىق بولغان چوكان ئىكەن. ئۇ سادىر پالىۋاننى تونۇشتۇرۇپ كىلىپ: " سادىر پالىۋان ئىنقىلاپ سەردارى بولۇپ تۇرغاندا قالپىقىنى قىرلاپ، چىرايلىق كىيىنىپ، يۈگرۈك ئات مىنىپ يۈرەتتى. بىراق ئۇ سۆزلىگەندە ئاۋازى غاراڭ - غۇرۇڭ چىققاچقا خەقلەر ئۇنى < سادىر قاڭرۇق > دەپ ئاتىشىپ كەلگەن " دېگەن .
سادىر پالىۋاننى كۆرگەن ئىككىنچى ئاقساقال مەسۈم ئاكا ھەمرا ئوغلى ئىكەن. بۇ كىشى سادىر پالىۋانغا نەۋرە ھەم كۈيئوغۇل كىلىدىكەن. ئۇ 1939 - يىلى ياركەنىتتە 84 يىشىدا ۋاپات بوپتۇ. يەنە بىر ياشانغان كىشى گۈلجەمىلە ئانا چورۇق قىزى بولۇپ، ئۇ 1940 - يىلى 100 ياشقا كىرگەن ۋاقتىدىمۇ سەگەك، چىچەن يۈرۈپ ئۆتكەن ئىكەن . بۇندىن باشقا سادىق ئاكا ھاسان ئوغلى، ئىسلام ئاكا ئۆمەر ئوغلى خۇدابەردى نىياز ئوغلى، ھىدايەت روزى باقى ئوغلى قاتارلىق ياركەنت ۋە ئالمۇتۇدا ياشاپ ئۆتكەن مويسىپىتلارنىڭ ھەممىسى شۇ مەزگىلدە 80 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار ئىكەن.
بۇلارنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، سادىر پالىۋان ئېگىز بوي، قامەتلىك، كەڭ يەلكىلىك، بۇغداي ئۆڭ، پىشانىسى كەڭ ئۆتكۈر كۆزلۈك، قاڭشارلىق، قىرقىما ساقال، سالماق، تەمكىن ئادەم ئىكەن.
تارىخ _ ئۇلۇغلارغىمۇ ، ئەۋلادلارغىمۇ، ئۆلگەنلەرگىمۇ، تىرىكلەرگىمۇ، چوڭلارغىمۇ، كىچىكلەرگىمۇ مۇناسىۋەتلىك تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بولغانلىقتىن بىلگەنلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتۈشنى مۇناسىپ كۆردۈم ۋە بۇ ھەقتىكى پىكىر - خاتىرەمنى مۇشۇنچىلىك ئوتتۇرغا قويۇپ ئاياقلاشتۇردۇم.

مەنبە : ئىشتىياق بىلوگى
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 9064
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 5
شۆھرىتى: -75 نومۇر
پۇلى: -85 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-02-18
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-08
1-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 13كۈن بۇرۇن
ئەقىقەتەن باتۇر ئادەم .چۇنكى ئۆزىنىڭ ئۆلۇم خىتىنى ئۆزى ئەپ باغان دەيدىغۇ...
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 1757
جەۋھەر يازمىسى: 2
يوللىغان يازمىسى: 125
شۆھرىتى: 375 نومۇر
پۇلى: 1630 سوم
تۆھپىسى: 5 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-04-15
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-08
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 13كۈن بۇرۇن
qoute
引用第1楼potsiyama于2009-02-26 19:13发表的  :
ئەقىقەتەن باتۇر ئادەم .چۇنكى ئۆزىنىڭ ئۆلۇم خىتىنى ئۆزى ئەپ باغان دەيدىغۇ...

ئەقلىڭگە بارىكاللا، مۇشۇنىمۇ بىلمىگەن نىمەڭگە ئورخۇنغا كىرىپ ئۇ بۇ دەپ گەپ سېتىپ يۈرگىنىڭ قىزىق، بۇنى ئۇيغۇر تارىخىنى ئەمەس، شىنجاڭ تارىخىدىن ئانچە مۇنچە خەۋىرى بار ئادەم سادىر پالۋاننى بىلىدۇ، سەندەك سىيىت نوچى بىلەن سادىر پالۋاننى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپ ئولتۇرمايدۇ بوڭقۇش.
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 4207
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 135
شۆھرىتى: 185 نومۇر
پۇلى: 1355 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 212(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-09-09
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 13كۈن بۇرۇن
potsiyama  سەن بۇيەرگە خاتا كىرىپقاپسەن ، سادىر پالۋان بىلەن سىيىت نوچىنى ئايرىيالمىغان ھالىڭغا بۇيەردە ئىنكاس يازىمەن دىگىچە ، پاداڭنى باق .
yol
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 9064
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 5
شۆھرىتى: -75 نومۇر
پۇلى: -85 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-02-18
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-08
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 13كۈن بۇرۇن
خاتا دەپ قويۇش قانداق بولىدىكىن ...ئەجەپ چىچاڭشىپ كىتىشىپسەنغۇ.
توخرانى خاتا دىسە ئەنە شۇنداق ئەلەم بولۇدۇ. بئىلىۋالغىن .،ئۇرغۇيۇم...
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 4207
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 135
شۆھرىتى: 185 نومۇر
پۇلى: 1355 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 212(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-09-09
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 13كۈن بۇرۇن
   خا.خا..خا.... قەيەردىمۇ چوڭ بولغانسەن سەن ! ئۆزەڭنى پەردازلاشقا نىمىنداق ئۇستىسەن .  
yol
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 4207
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 135
شۆھرىتى: 185 نومۇر
پۇلى: 1355 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 212(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-09-09
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 13كۈن بۇرۇن
   ئايا دوسلار ،  نادان بىرلە ئۈلپەت بولۇپ ،
  باغرىم كۆيۈپ ، جاندىن تويۇپ  ، ئۆلدۈم مانا .
  توغرا ئىيتسام، ئەگرى يولغا  بويۇن تولغار ،
  قانلار يۇتۇپ غەن زەھرىگە تويدۇم ، مانا .
  دۇئا قىلىڭ ، نادانلارنىڭ يۈزۈن كۆرمەي .

ئەھمەت يەسىۋى
yol
دەرىجىسى: پانسات
UIDنومۇرى: 2090
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 325
شۆھرىتى: 470 نومۇر
پۇلى: 3025 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 110(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-05-29
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 13كۈن بۇرۇن
خاتا دەپ قويۇش قانداق بولىدىكىن ...ئەجەپ چىچاڭشىپ كىتىشىپسەنغۇ.
توخرانى خاتا دىسە ئەنە شۇنداق ئەلەم بولۇدۇ. بئىلىۋالغىن .،ئۇرغۇيۇم...
=====================================
  مانداق بالىلارنىڭ تىزىملىتىپ كىرىپ ئىنكاس يېزىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى .كۆرۈپ ئۈگەنسىلا بولاتتتى .ID سىنى تاقىۋېتەيلى !گەپلىرىنىڭ ناچارلىغى ھەي ،
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 7681
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 57
شۆھرىتى: 193 نومۇر
پۇلى: 435 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-12-23
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 13كۈن بۇرۇن
  بۇرادەرلەر ئۆزۈڭلارنى تۇتىۋېلىڭلار، مۇشۇنداق تارىختىن خەۋىرى يوق دوسلار ئورخۇنغا كىرىپ ئۆگەنسۇن، لىكىن بۈلمەيدىغان نەرسىنى سۆزلەپ ئاتىكارچىلىق قىلمىسۇن...
  گۈزەل - سەنئەت ماھىرى ئەبىلقان قاستەيۇپ سادىر پالۋاننى كۆرۈپتىكەنمۇ؟
  سادىر پالۋان دىگەن 19-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىدېلا ئۆلۈپ كەتكەن تۇرسا...
yol
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 3864
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 12
شۆھرىتى: 59 نومۇر
پۇلى: 85 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-08-27
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 13كۈن بۇرۇن
كەڭچىلىك قىلىڭلار ئالدىرماي ئۇگىنىۋالا. ئۇ نىمىلا دىگىن بىلەن سىىيىت نوچىنى بولسىمۇ تۇنىيدىغان ئوخشايدۇ.
دەرىجىسى: ياساۋۇل
UIDنومۇرى: 7935
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 26
شۆھرىتى: 152 نومۇر
پۇلى: 205 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-01-03
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
10-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 8كۈن بۇرۇن
سادىر پالىۋان قانداق ئۆلۈپ كەتكەن بىلدىغانلار بارمۇ ؟
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 6840
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 9
شۆھرىتى: 19 نومۇر
پۇلى: 90 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-11-26
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-08
11-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 6كۈن بۇرۇن
qoute
引用第2楼ertoghrul于2009-02-26 20:59发表的  :

ئەقلىڭگە بارىكاللا، مۇشۇنىمۇ بىلمىگەن نىمەڭگە ئورخۇنغا كىرىپ ئۇ بۇ دەپ گەپ سېتىپ يۈرگىنىڭ قىزىق، بۇنى ئۇيغۇر تارىخىنى ئەمەس، شىنجاڭ تارىخىدىن ئانچە مۇنچە خەۋىرى بار ئادەم سادىر پالۋاننى بىلىدۇ، سەندەك سىيىت نوچى بىلەن سادىر پالۋاننى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپ ئولتۇرمايدۇ بوڭقۇش.

ئۇلا ئەمەس خىلى چوڭ دادام دىمەتلىك ھۆكۇمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان كىشىلەرمۇ شۇنداق پاراڭ قىلىشقىلى تۇرۇپتىكەن مەن تۇزىتىش بىرىپ قويغان ئىدىم . شۇنىڭغا قارىغاندا خەلقىمىز ئىچىدە سادىر پالۋان بىلەن سىيت نوچىنى ئارىلاشتۇرىدىغانلار خېلى كۆپ ئىكەن.
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 9177
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 8
شۆھرىتى: 50 نومۇر
پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-03-05
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-08
12-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 6كۈن بۇرۇن
سادىر پالۋان بىلەن سىيت نوچىنى ئارىلاشتۇرىدىغانلار خېلى كۆپ ئىكەن.لىكىن بۇنداق ئايرىيالماسلىق ماڭا ناھايىتى قورقۇنۇشلۇق تۇيۇلدق سادىر پالۋان بىلەن سىيت نوچى خەلقىمىز ېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان تىللاردا داستان قەخىرمانلار تۇرسا....................................
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 2182
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 122
شۆھرىتى: 144 نومۇر
پۇلى: 1180 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 272(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-05-17
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
13-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 6كۈن بۇرۇن
ئايرىيالمايدىغانلار غو ئايرىيالمىسۇن ئايرىيالايدىغانلارمۇ  سىيت نوچىنى دوت لىكنىڭ سىمۋۇلى قىلىپ سۇپەتلەيدىغان بۇلۇپقالدى. سىيت نوچى دىگەن قورقماس نوچى، گاڭگۇڭ، مەرت دەپ تەرىپلىنىپ تىللاردا داستان بۇلغان بىرنوچى. ئۇيغۇرلار نىڭ مەدەنىيىتىدە نوچىلىقنىڭ تارىخى ناھايتى ئۇزۇن بۇلسا كىرەك< شاھنامىدە> تۇران پالۋانى سۇھراب ئىران پالۋانى رۇستەم بىلەن مەيدان جېڭى قىلىدۇ جەڭدە سۇھراب رۇستەمنى يىقىتىپ ئاستىنىغا بىسىپ ئۇلتۇرمەكچى بۇلىدۇ بۇچاغدا رۇستەم مەندەك بىرقېرىنى ئاستىنىڭغا بىسىۋالدىڭ قۇپقىلى قۇيساڭ سەن بىلەن قايتائېلىشسام دەيدۇ. سۇھراب خىجىل بۇلۇپ قۇپقىلى تەمشەلگەندە رۇستەم پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ خەنجىرىنى سوھ راپقا سانجىۋىتىدۇ شاھنامە نىڭ ئاپتورى پىردەۋسى سوھراپنى نادان بولغاچقا شۇنداق قىلدى بولمىسا رۇستەمنى ئۈلتۇرۇش ئاسان ئىدى دەيدۇ ئەسلىدە بۇ ئۇيغۇرلاردىكى مەرتلىك نوچىلىق كوز قارشى بۇلۇپ يىقىلغاننى ئۇرۇش،بىر ئادەمنى ئىككى ئادەم ئۇرۇش ،قۇرۇق قول ئادەمنى قۇلىغا نەرسە ئىلىپ ئۇرۇش ،گىپىدىن يىنىۋىلىش، نامەرتلىك نۇمۇسلۇق .ئش بولغاچقا سوھراپ يىقىلغان رۇستەمنى ئۇلتۇرۇشنى نۇمۇس بىلىپ قۇپۇپ كەتمەكچى بولغان . سىت نوچى ھىلىقى خەتنى ئاپىرىپ بىرىشكە ماقۇل بولغان يولدا كىتىپ بارغاندا بىربۇۋاي ئۇنىڭغا بالام بۇخەتنى ئىچىپ ئۇقۇپ باقايلى بۇ ئەمەلداردىن  ۋاپا كەلمەيدۇ دىگەندە سىت نوچى مەن بۇخەتنى ئاپىرىپ بىرىشكە ماقۇل بولغان ،بۇنى ئىچىپ يۇرسەم بولمايدۇ دەپ يۇلىغا راۋان بۇلىدۇ ھەمدە ئۆلۇمنى پىسەنتىگە ئالماي ئۇلۇپ كىتىدۇ .سىت نوچىنىڭ بۇ قىلغىنىنى ئۆز ۋاختىدا خەلىق نوچى قورقماس گاڭگۇڭ دەپ ئاتىغان ،ھازىر زامان ئۆزگۇرۇپ دۆت بۇلۇپ قالدى .
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 4207
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 135
شۆھرىتى: 185 نومۇر
پۇلى: 1355 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 212(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-09-09
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
14-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 3كۈن بۇرۇن
                                      سىيىت نوچىنىڭ خاراكتىرى ھەققىدە  قايتا ئويلۇنۇش
    
     سىيىت نوچى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان  كۈچتۈڭگۈر ، مەرد ، ئاق كۆڭۈل ، تىز پۈكمەس باتۇر . «XIXئەسىردىكى  ئۆلچەملىك ئۇيغۇر ئەركىكى » دەپ قارالدى . مانا بۇ ھازىرغىچە خەلىق ئارىسىدا ياشاۋاتقان روھ .
     يۇقۇرقىلار تارازىنىڭ بىر تەرىپىدىكىسى ، يەنە بىر تەرىپىدە بولسا ، ساۋاتسىز ، ئىلىم - تەربىيەدە يوق ، ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خىتىنى ئاپارغۇچى ناداننىڭ ھىلىگەر ، تەدان ، ھىجىيىپ تۇرپ جان ئالىدىغان دۈشمىنىگە ئۆزىنى ئاتقۇزۇپ ئۆلىۋىلىشىدىن ئىبارەت پاكىت تۇرۇپتۇ . بۇ ئەخماق نوچىلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە ، تۈرمىدىن ياكى  جازا مەيدانىدا چىرىكلەر تىترەپ ئاتالماۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلنىپ قىچىش ( شۇ چاغدا بۇ تامامەن مۈمكىن ئىدى ) ؛ ھىچ بولمىغاندا چىرىككە تاشلىنىپ ، ئۇنى مىجىۋىتىپ ، ئاندىن ئوق يەپ ئۆلۈش - نامەرتلىك ئىدى .
     خۇدا دۈشمەنلىرىڭ ئەيمەنسۇن ، دەپ ساڭا بوي - بەست ؛ ئۇلارغا بوزەك بولمىسۇن ، دەپ بىر تىنىڭگە ئون ، ھەتتا ۋاقتى كەلگەندە  بىرەر يۈزىغا تىقتىغۇدەك كۈچ- قۇۋەت ؛ ئوقۇ تەربىلەن دەپ كۆز ، ئەقىل  ، ئاڭ ؛ ئىمان - ئىتىقادلىق ئادەم بول دەپ ھەممىدىن ئۇلۇغ ، ئىلغار دىن بەرگەن ئىدى . شۇنداق تۇرۇقلۇق ، رۇستەمى داستاندەك تەڭداشسىز پەلۋانلىقىڭ بىلەن ئۆزەڭنى قوغداشنى بىلمىسەڭ ، ھەتتا سەندىن ئاجىز - رەزگى دۈشمىنىڭگە ئۆزەڭنى تۇتۇپ بىرىپ ، ئۇ ئۆلتۈرمەيمەن دىسە ، « نوچىلىقىمنى كۆرسەتتىم » دەپ ئۆلتۈرگۈزسەڭ ، شۇنچە باتۇرلۇق ، كۈچ قۇدرىتىڭ بىلەن ، سىنى بىقىپ چوڭ قىلغان 70 ياشتىن ئاشقان قىرى ، تۇل ئاناڭ ، ئەل -يۇرتۇڭ ، قۇۋىم - جەمەتىڭنىڭ تۈزۈك خىزمىتىدە بولماي ، نامەد دۈشمىنىڭگە قىيداپ : « مانا ، مەن بالدۇرلا مەدلەرچە ئۆلەلىدىم » دەپ ۋاقىتسىز  ئاللانىڭ دەرەاھىغا كەتسەڭ ، بىز بۇنى كەچۈرگۈسىز نادانلىق ، ئۆتۈپكەتكەن ھاماقەتلىك دىمەي نىمە دەيمىز ؟
     ئەپسۇسكى ، بىز بۇ سىيىت نوچىنىڭ بۇ نادانلىق پاجىئەسىدىن ئىبرەت ئالماقتا يوق ، تارىختا بىزدىن مۇشۇنداق مەرد ئوغلان چىققان ، دەپ داستان - قىسسەلەر يىزىپ ، ئۇنىڭ ئوبرازىنى سەھنىلەرگە ئىلىپچىقىپ ، پەخىرلىنىپ ياشاۋاتىمىز . قارىغاندا ، ئەقىل بىلەن ئەمەس ، قارام نوچىلىق بىلەن ياشاش يولىنى تاللىۋالغان خەلق ئوخشايمىز . سىيىت نوچى پاجىئەسىنىڭ ساۋاتسىز ، نادان بولساڭ شۇنداق تۈگۈمەس پۇشيمانغا قالىسەن ، دىگەن ئاچچىق ساۋىقىدىن كۆرە ئۆزىنى ئەخماقلارچى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بىرىش روھى بىزگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن چىغى . يالغان دىسەڭلار ، كونىلارغۇ مەيلى ، ھەتتا ھازىرقى مودا ياشلارمۇ سىيىت نوچىنى ئالاتاغىل ، شالغۇت ناخشىلىرىدا ئاغزىدىن چۈشۈرمەي مەدىلەۋاتىدۇ .

  ئەختەم ئۆمەر   « ئۆزىمىزنى ئىتراپ قىلايلى »
ئەركەم تورى
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !