ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى، قەدىمقى ئۇيغۇرلار، قاشتېشى ۋە Made In Uyghur
ماۋزۇنىڭ بۇنداق قويۇلۇشى ئادەمگە تولىمۇ كۈلكىلىك تۇيۇلىدىكەن، دەپ قېلىشىڭلار تۇرغانلا گەپ. دېمىسىمۇ، ھازىرقى دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات قۇرۇلمىسىدا ئۇيغۇرنىڭ بۇنداق سۆزدە سۈپەتلىنىشتە نېسىۋىسى يوق. چۈنكى بىزنىڭ ئاجىزلىقىدىن يەنە ئاجىز بولسا كارخانىچى،دېگىلى بولمايدىغان ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىمىزنىڭ Made In Uyghur تامغىسىدا تاۋار ئىشلەپچىقارمىقى بەك تەس! ئۇيغۇرچە تىل-يېزىققا ئۇستا بىر خەنزۇ زىيالىي ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلات ئېلانلىرىدىن تولىمۇ كۈلكىلىك ھېس قىلغان، ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇيغۇر كارخانىچىلار خۇددىي ئەنئەنىۋىي ئۇيغۇر تىجارىتىگە ئوخشاش ، يەنى بىرى نانۋايخانا ئاچسا يەنە بىرىمۇ دەل ئۇنىڭ بېقىنىغا ياكى ئۇدۇلىغا كېلىپ نانۋايخانا ئاچقاندەك، بىرى ساچتراچخانا ئاچسا يەنە بىرى ئۇنىڭ قورققىسى كېلىدىغاندەك خوشنا بولۇۋالىدىغان ئىگىلىك قۇرۇلمىسى شەكىللەندۈرۈۋالغان ئىكەن. تالقان ئىشلەپچىقىرىش ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىنىڭ مۇقەددەس كەسپى ئەمەسلىكىنى بىلىدىغان بۇ زىيالىي «ھەيرانمەن ، ھەممەيلەن بىرلا كەسپكە ئېسىلىۋېلىپ بازار تالاشقىچە، تۈرلۈك كەسپتىكى ئىگىلىكنى ئاچسا، ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى جۇڭگونى بىر ئالىدۇ، كېلەچەكتە خۇددىي سۇڭ دەۋرىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى ئىگىلىگەن ئۇيغۇر سودىگەرلىرىدىن قېلىشمايدىغان كارخا نىچىلار قوشۇنى بارلىققا كېلەتتى، بەزىلىرى تۈركىيەنىڭ ئۈلكەر مەھسۇلاتلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانسا يەنە بەزىلىرى تۈركىيەنىڭ يەنە بىر خىل مەھسۇلاتىنىڭ ۋەكالەتچىلىكىنى قىلماقتىكەن، بۇنداق دېيىشىمنىڭ ئاساسى يوق ئەمەس، ‹سەنلۇ› ۋەقەسىدىن كېيىن خەنزۇ كارخانىچىلىرىنىڭ ئىناۋىتى چۈشۈپ كەتتى، يېمەكلىككە ساختىلىق قىلىشتىن خەلق جاق تويدى. ھازىر بەزىلەرنىڭ ‹ئۇيغۇر›نى يۈرۈشلۈك تاۋار ماركىسى قىلىۋېلىپ بازار ئىگىلەپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقى تورلاردا پۇر كەتتى. بۇ نامنىڭ ھەقدارلىرى بولغان بۇ خەلقنىڭ كارخانىچى پەرزەنتلىرىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. مىللەت نامىنى تاۋار ماركىسى قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلگەن بۇ خەلق نېمىشقا ‹ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن›، ‹ئۇغۇرلار ياسىغان›... دېگەندەك تامغىدا مەھسۇلات ئىشلەپ بازار ئاچمايدۇ؟»
بۇ تونۇش كىشىنىڭ تەھلىلىنىڭ مەلۇم جەھەتتىن ئاساسى بار، دېمىسىمۇ ھازىر بىزنىڭ ھالىمىز شۇنچىلىك، ئۇيغۇر تىلىدىكى دەبدەبىلىك سۆزلەرنى ماركا قىلىمىز-يۇ، ئۇيغۇرنىڭلا پۇلىنى تاپىمىز، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىگىلىك يوق. قازاقىستانلىق ئۇيغۇر كارخانىچى دىلمۇرات كوزىيېۋ دېگەن كىشىنىڭ كارخانىسى ھەققىدە ئانچە-مۇنچە ئاڭلىدۇق. خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ كارخانىچى قازاقىستاننىڭ دۆلەت ئەھۋالىدىن چىقىش قىلىپ، گۆش مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىپ، تاشقى دۇنيانىڭ پۇلىنى تېپىپ دۆلەت ئىچىدە باج تاپشۇرۇپ، پايدىنى دۆلەت ئىچىدە خەجلەپ، دۆلەت ئۈچۈن تېگىشلىك ئىش ئورنى ياراتقاندىن باشقا يەنە تۈرلۈك پاراۋانلىق، ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدىكەن.
توزاندىلارنى پۈۋلىۋېتىپ تارىخقا قاراپ باقايلى:
خەنزۇچى مەنبەلەردە خاتىرىلىنىشىچە،قەدىمقى زاماندا ئۇيغۇرلار گەرچە Made In Uyghur دېگەن تامغىدا تاۋار ئىشلەپچىقارمىغان بولسىمۇ ئەمما جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىگە ۋە ئەتراپتىكى ئەللەرگە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان تاۋارلىرىنى تۆكمە قىلىۋەتكەن. ئۇيغۇرچە قانۇنىي ھۆججەتلەر ۋە خەنزۇچە مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 9~13 –ئەسرلەردە ئۇيغۇرلار تېرىقچىلىق،چارۋىچىلىق ۋە قولھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. شۇ زامانلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشى خۇددى ھازىرقىغا ئوخشاشلا غەربىي يۇرتتىكى سۇ باشلاپ سۇغىرىدىغان يەرلەردە دېھقانچىلىق قىلغان. تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتەكلىرىدە، تەكلىماكان ئەتراپىدىكى ئانچە كەڭ بولمىغان يايلاقلاردا، يەنى ئاساسەن لوپنور كۆلى ئەتراپلىرىدا، كۆنچى دەرياسى ۋە نىيا دەرياسى بويلىرىدا چارۋىچىلىق قىلغان. خەنزۇچە تارىخىي ھۆججەتلەردىن قارىغاندا، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل ياكى مۇستەقىللىقى قىسقا ۋاقت ئۈزۈلۈپ قالغان ۋاقتلارنى ھېساب قىلغاندىمۇ 500 يىلدىن ئوشۇقراق مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان قوچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلى ئاكتىپ ئىچكى-تاشقى سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ، ئۆز مەنپەئەتىگە چوغ تارتىپ ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىغان. 9-ئەسرنىڭ ئاخىرلىرىدا قوچۇ ئىدىقۇتلىرى ياخشى تەربىيىلەنگەن ۋە ئبدان قوراللانغان قوششۇن تەشكىللىگەن ھەم بۇ ئارقىلىق قوشنىلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش نىيىتىدە بولغان. مەسىلەن، «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» (9-توم، 263-باب، 5873-بەت) دىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 902-يىلى ئۇيغۇرلار تاڭ ئوردىسىغا« يالاۋاچ ۋە سوۋغا-سالاملار ئەۋەتىپ، زاۋال تېپىشقا يۈزلىنىۋاتقان تاڭ ئوردىسىغا ياردەم ئۈچۈن لەشكەر ئەۋەتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ھەم تاڭ پادشاھىنىڭ بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىشىنى سورىغان». بۇ ھال جۇڭگو پادشاھىنى سەل ئويغا سېلىپ قويغان، ئۇ بۇ ھەقتە ئۆز ئالدىغا بىر قارارغا كېلىشتىن بۇرۇن خەنلىن بىلىم يۇرتى(翰林院 )نىڭ مۇشاۋىرلىرىدىن خەن ۋۇ دېگەن كىشىگە بۇ ھەقتە يازما ماتېرىيال تەييارلاشنى تاپشۇرغان. تۆت كۈندىن كېيىن، يەنى 902-يىل 6-ئاينىڭ 9-كۈنى خەن ۋۇ پادشاھ نامىغا مەلۇمات يېزىپ مۇنۇلارنى دەلىللىگەن: « بۇ ياۋايى خەقلەر ناھايىتى رەھىمسىز كېلىدۇ. ئۇلارغا ئىشىنىشكە بولمايدۇ. ئېلىمىزدىكى ئوبدان ئادەملەر ۋە نەرسىلەرنى كۆرۈپ، شەھەرلىرىمىزنىڭ تاشلىنىپ قالغان ئەھۋالىنى بايقاپ، لەشكەرلىرىمىزنىڭ بوشاڭ ھالىتىنى سېزىپ ئۇلاردا تاڭ ئوردىسىغا نىسبەتەن كۆزگە ئىلماسلىق تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ ۋە ئاچكۆزلۈكى قوزغىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا تاڭ ئېلى ئۇيغۇرلارنى تار-مار قىلغانىدى، بۇنى نەزەردىن ساقت قىلماسلىق كېرەك. ئۇيغۇرلار بىزنىڭ مۇشۇ ھالىمىزدىن پايدىلىنىپ ئۆچ ئېلىشى مۇمكىن. قاغانغا (ئىدىقۇتقا) جەۋاب يازغاندا چېگرىمىزغا ناھايىتى كىچىك دائىرىدە كېلىپ-كېتىشىگە رۇخسەت قىلىپ، تاڭ ئوردىسىغا ياردەمگە كەلدۇق، دەپ ئىچكىرىلەپ كىرىشىگە رۇخسەت قىلماسلىق كېرەك.ئۇلارنىڭ نومۇسسىزلارچە ئويلىغان سۈيقەستلىرىنى ۋە پىلانلىرىنى ئالدىن توسۇۋېلىش كېرەك». پادشاھ خەنى ۋۇنڭ بۇ مەلۇماتىدىكى تەكلىپكە قوشۇلغان(يۇقىرىقىلار ئا.گ.مالياۋكىننىڭ «9~12-ئەسرلەردىكى ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى»دېگەن 1974-يىلى يېڭى سىبىرىيە‹نوۋىسىبىرسكى›دە نەشر قىلىنغان كىتابىنىڭ 41-بېتىدىن ئېلىنغان، بۇ يەرگە «ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى» دىن نەقىل قىلىندى). ئۇيغۇرنىڭ تاڭ ئوردىسىغا ياردەم بېرىش غەرىزى ئەمەلىيەتتە ئىككى تەرەپنىڭ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۈكسەلدۈرۈش نىشانىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. خەن ۋۇنىڭ تەكلىبى بىلەن تاڭ پادشاھى ئۇيغۇرلارنىڭ غايەت زور ياردىمىدىن ۋاز كەچتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇنۇشلىرى دەخلىگە ئۇچرىدى. شۇنداقتىمۇ گەنجۇ ۋە قوچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ يالاۋاچلىرى ۋە سودىگەرلىرى تاڭ ئېلى دائىرىسىدىكى يەرلەرگە ھەم باشقا قوشنا ئەللەرگە ئۈزۈلمەي قاتناپ تۇردى. پەقەت 951-يىلىغا كەلگەندىلا ئۇيغۇر تاۋارلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكىي ئۆلكىلىرىگە ئاپىرىلىشىغا بولغان بۇرۇنقى چەكلىمىلەر بىكار قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى جۇ ( 后周 ) پادشاھى تەيزۇ 951-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە) پەرمان چىقىرىپ: « بۇ يەرگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خۇسۇسىي تىجارەت قىلىشىغا ئىجازەت قىلىنىدۇ. ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى مەنئىي قىلىنىدۇ»(مالياۋكىن كىتابىنىڭ 61-بېتى) دەپ جاكارلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئىشلىگەن، خەنزۇ خەلقى ناھايىتى ئەتىۋارلايدىغان قاشتېشى بۇيۇملىرى جۇڭگونىڭ جاي-جايلىرىدا تۆكمە قىلىۋېتىلىپ، باھاسى ئىلگىرىكىدىن%70 ~%80 چۈشۈپ كەتتى. جۇڭگو پادشاھى ئۇيغۇر سودىگەرلەرگە بولغان چەكلىمىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن سودىگەرلەر بۇ دۆلەتكە ئاپىرىدىغان ماللىرىنىڭ مىقدارى ۋە تۈرىنى بىراقلا كۆپەيتتى. بۇنى چۈشىنىۋېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر سودىگەرلىرى 951-يىلى بۇ دۆلەتكە ئېلىپ كەلگەن تاۋارلىرىنىڭ تىزىملىكىنى كۆرسەكلا كۇپايە :«چوڭ-كىچىك 6 پارچە قاشتېشى، بىر پارچە 9جىڭ كەھرىۋا، 1329 توپ ئاق يىپ رەخت، 280 توپ ئاق يۇڭ رەخت، 6 باغلام مارجان، 2632 پارچە ئاق قاما تېرىسى، 250 پارچە قارا قاما تېرىسى، 503 پارچە كۆك سۆسەر تېرىسى، سۆسەر تېرىسىدىن تىكىلگەن 400 چاپان، بىردىن قاشتېشى بىلەگزۈك، زۇمرەت بىلەگزۈك، ئىككى تۆمۈر كۆرگۈ (ئەينەك)، قاشتېشىدىن ئىشلەنگەن ناھايىتى سىپتا ۋە نەفس 69 دانە كەمەر توقىسى، ساپ قاشتېشىدا ناھايىتى نەفس بېزەلگەن بىر دانە كەمەر، ھەر خىل خۇشپۇراقلىق تاۋارلار ھەم ناھايىتى كۆپ دورا-دەرمەك بار ئىدى»(مالياۋكىن كىتابىنىڭ 61-بېتى).
ئۇيغۇر ئېلىدىن خەنزۇ ئېلىگە ئېكسپورت قىلىنغان تاۋار تۈرلىرىنىڭ كۆپلىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە گۈللىنىشكە يۈزلەنگەنلىكى ۋە ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنىڭ زورايغانلىقى، قولھۈنەرۋەنچىلىكىنىڭ روناق تاپقانلىقى، مېتالچىلىقنىڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. تەنەپۇسسلۇق سوۋغا سۈپىتىدە بۇنداق مىساللارنى ناھايىتى كۆپلەپ كەلتۈرۈش مۇمكىن. گەرچە 1000 يىللار بۇرۇنقى ئەينى زاماندا ئۇيغۇرلار مۇستەقىل ئىقتىسادىي گەۋدە سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر سودىگەرلىرىگە مالىيە، پۇل مۇئامىلە جەھەتتە نۇرغۇن چەكلىمىلەر بولسىمۇ ئەمما بۇچەكلىمىلەر ئۇيغۇر سودا-سانائەتچىلىرىنىڭ ئىجادكارلىقىنى، ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش جۈرئىتىنى ھەم ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ جاسارىتىنى زادىلا توسۇپ قالالمايدۇ. بىرى بىرلىرىدىن بازار قىزغىنىپ بىرى ئاچقان تۈرگە باشقىلىرىمۇ كۆز ئالايتىدىغان ھازىرقى كارخانىچىلىرىمىز ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن تەسلىكتە مۇشۇ كۆلەمنى شەكىللەندۈرگەن. 1000 يىللار ئىلگىرىكىگە قارىغاندا بىز تەرەققىي قىلدۇقمۇ ؟ قىياپىتىمىزدە ئۆزگىرىش بولدىمۇ ؟ ناۋادا بولدى ، دېيىلسە قايسى تەرەپلەردە بولدى ؟ ھېچكىم ئۇيغۇرنى دكت مىللەت ، دەپ يەكۈن چىقارمىغان بولسىمۇ، ئامېرىكىلىق ئۇيغۇر ئالىم ئەركىن سىددىق ئەپەندى «ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىق !» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە يازدى . دەرۋەقە ئۇنىڭدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدىيە مائارىپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئالىي مائارىپتىن بەھرلىنىش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنسېرى ئەقىلنىڭ ئۇيغۇر ۋۇجۇدىغا سىڭىپ كىرىش دائىرىسى زورىيىپ بارىدۇ. ئەمما، ھازىرقى ۋاقتتا ئۇيغۇرنىڭ ماددىي جەھەتتىكى نامراتلىقى ئۇيغۇرنى چۈشەپ قويماقتا. ئۇيغۇرلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىش ماكان جەھەتتە ئىنتايىن تار. چەكلىك بولۇۋاتقان مۇشۇنداق شارائىتتا، ھەممە ئادەمنىڭ دۆلەت مەمۇرلىقى، كەسپىي ئورۇنغا ئىنتىلىشىنى بىنورمال ھادىسە، دېمەي تۇرالمايمىز ( ئەلۋەتتە بۇنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىنلا كۆرگىلى بولمايدۇ، خۇددى لاندلورد ئەپەندى «ئۇيغۇرلار قايتا يارىلىشى كېرەك» سەرلەھەلىك ماقالىسىدە ئېيتىپ ئۆتكىنىدەك، تاشقى جەمئىيەتنىڭمۇ مۇداخىلىسى بار). ھازىر ئاۋۇ خەنزۇ تەھلىلچىنىڭ يۈزەكى، ئاددىي ئەمما جايىدا يۈرگۈزۈلگەن تەھلىلىنى ۋاقتىنچە توغرا تاپمايمۇ تۇرالمايمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى جۇڭگودا ياشاۋاتىدۇ، شۇنداق ئىكەن، ئۇيغۇر سودا-سانائەتچىلىرى، كارخانىچىلىرى، سودىگەرلىرى ئەلۋەتتە جۇڭگونىڭ ئىقتىدسادىي قۇرۇلمىسىدا بىر كىشىلىك ئورنىنى تېپىشى، ئۆزىنىڭ مەدەنىيەتلىك، سەمىمىي ئەخلاقىنى جارى قىلدۇرۇپ، 1 مىليارد 500 مىليون خەنزۇ خەلقىنىڭ بازىرىنى نىشانغا ئېلىشى( 1993-يىلىدىكى ماتېرىياللاردا جۇڭگودا 1 مىليارد 300 مىليون ئاھالە بار، دېيىلەتتى، ئارىدىن 15 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە يەنە كونا مەقامنى تەكرارلاشتىن باش تارتتىم)، ھېچ بولمىغاندا ئۇۇيغۇر جەمئىيىتىدىن تاشقى جەمئىيەتنىڭ بازىرىنى قارىغا ئېلىپ، پۇلنى تېشىدا تېپىپ ئىچىدە خەجلىشى لازىم. ئۇيغۇر ئىگىلىك ياراتقۇچىلار ھازىرچە تاشقى دۇنيانىڭ ياردىمىگە تايىنالمايدۇ ( بۇ يەردىكى تاشقى دۇنيا چەت ئەل ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇردىن سىرتقى جەمئىيەت) ، شۇنداق ئىكەن، تەستە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بەدەل تۆلىشى، قايتا يارىلىشقا جېنىنىڭ بارىچە ئۇۇرۇنۇشى كېرەك. ئەجدادلىرى ياراتقان شانلىق سودا-تىجارەت ئىزنالىرىنى قاپلىغان توزانلارنى سۈپۈرۈپ يارقىنلاشتۇرۇشى لازىم. بەكلا نامرات بۇ مىللەت خەلقىنىڭ نېپىز چۆنتىكىگە كۆز تىكىش ئۇيغۇر سودا-سانائەتچىلىرىگە، سودىگەرلىرىگە نومۇس تۇيۇلۇشى كېرەك...
يەنە شۇنداق بىر نۇقتىنى قەيت قىلىش ئاجايىب زۆرۈركى، ئۇيغۇرلار ئىدىقۇت ئېلىدىن باشقىمۇ بىر ھۇدۇدتا ـــ قاراخانىيلار ئېلىدىمۇ ئوخشاشلا ناھايىتى يۇقىرى تاۋار ئىشلەش تېخنىكىسىغا ئىگە ئىدى. پۈتكۈل كاشغەرىيە ھۇدۇدىدا ـــ كاشغەر، ياركەند، خوتەنلەردە ئالتۇنچىلىق(زەرگەرچىلىك) تەرەققىي قىلغان ۋە مەشھۇر زەرگەرلەرنىڭ داڭقى چىققان.جەنۇبىي كاشغەرىيەنىڭ قولھۈنەرۋەنلىرى تۈرلۈك زىننەت بۇيۇملىرىنى بېزەش ئۈچۈن خوتەن قاشتېشى ئۈستىدە ئىشلىگەن. دۇنيادا تۈركلەردىن قالسا قاشتېشىدىن زوقلىنىش سەۋىيىسى خەنزۇ خەلقىنىڭ ھەممىدىن يۇقىرى بولسا كېرەك ھەم ئۇلاردىن ئېششىپ كېتىدىغانلىرى بولمىسا كېرەك. غەربىي يۇرت، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي ئاسىيا خەلقلىرىدە قاشتېشىدا بىر خىل سېھرىي قۇدرەت بار، دەيدىغان ئەقىدە بار ۋە بۇ ئەقىدە ۈركلەردىن سىرت خەنزۇ خەلقىدە ھەممىدىن مۇقەددەس ئىدى. بۇ ھەقتە ئەبۇ رەيھان بېرۇنى مۇنداق يازغان: «... قاش تېشى ياكى ئۇنىڭ بىر تۈرىنى نۇسرەت تېشى، دەپ ئاتايدۇ، نۇسرەت قازىنىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ قىلىچ-شەمشەر، ئىگەر-توقۇم، قامچا-كەمەرلىرىنى قاشتېشى بىلەن بېزەيدۇ، كېيىن باشقا خەلقلەرمۇ تۈركلەردىن ئۆگىنىپ مۇشۇنداق قىلىىدىغان بولدى. شۇ مەقسەتتە قاشتېشىدىن ئۈزۈك ياسايدۇ، پىچاق ۋە خەنجەر ساپلىرىنى ياسايدۇ»(ئەل بېرۇنىنىڭ 1963-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشر قىلىنغان ئەسىرىنىڭ 184-بېتى). مانا بۇ مەنبەلەردىن بىلىش مۇمكىنكى، تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە ئەزەلدىن ھەممىدىن بۇرۇن شەھەر مەدەنىيىتىگە كۆچكەن خەلق ئۇيغۇرلارلا قاشتېشى ئويمىكارلىقىنى باشقا خەلقلەرگە ئۆگەتكەن ۋە يىراق-يېقىن ئەللەر خەلقلىرىگە ئېكسپورت قىلغان. چېچىلاڭغۇ مۇھاكىمىمىزنى يىغىپ كەلسەك، ئۇيغۇر قەدىمقى زاماندا قىلغان ئىشلارنى ھازىرقىلار قىلالامدۇ؟ قانچىلىك قىلالايدۇ ؟ يەنە شۇ تالقان ئىشلەپ تالقاننىڭ ئەتىبارىنى بىلىدىغان ئۆز خەلقىنىڭلا پۇلىنى تاپامدۇ؟ بۇنداق بېكىنمىچىلىك ئۇيغۇر ئەنئەنىسىگە، ئۇيغۇر روھىغا، «يېپەك يولى» دەپ ئاتىلىۋاتقان كاراۋان يولىنى ئاچقان ئۇيغۇر ئىجادكارلىقىغا مۇخالىپتۇر. قاچان ئۇيغۇر سودا-سانائەتچىلىرى ساددا سەۋىيەدىكى تىجارەت ئېڭىدىن قۇتۇلغاندا ئاندىن ئۆز خەلقىنىڭ شانلىق ئەنئەنىسى ئارقىلىق ئەجدادلىرىنىڭ ئىجادكارلىقىنى تاپالايدۇ ھەم Made In Uyghur دېگەن تامغا مەيدانغا كېلىدۇ .
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
پايدىلانمىلار : بىر خەنزۇ دوستنىڭ تەھلىلى ھەم «ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى» ۋە ھەم تارىم دادخاھنىڭ ساددا ھېسسىي بىلىشى شۇنىڭدەك نادان ئەقلىي يەكۈنى.