سالام قۇتۇغۇر بۇرادەر!
مەن توردىن مۇشۇ كىتاپقا ئائىت ماتىرياللارنى كۆرۈپ باقسام ھەممىسىدە دىگۈدەك بۇ كىتاپنىڭ 982-يىلى تاماملىلىنىپ شۇ جاينىڭ بىر پادىشاھسىغا سوغا قىلىنغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرلۈپتۇ.
مەن بۇ كىتابنى نەچچە يىل بۇرۇن كۆرگەن ئىدىم،شۇڭا بەزى بايانلار ئانچە ئىسىمچە قالماپتۇ،ھازىر بۇ كىتاب يىنىمدا بولمىغاچقا كۆرۈشكە ئامالسىزمەن. سىز ئوتۇرغا قويغان مەسلىگە كەلسەم 261-بەتتىكى «خوتەن،كەشمىر،پامىر» دىگەن خەرىتىگە ئاساسەن بەلكىم ئاپتور خوتەن،كەشمىر،پامىر رايونلىرىنى بىر پۈتۈنلۈككە ياكى ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە ئايرىم بىر رايون دەپ ئويلىغان بولسا كىرەك دەپ قارىدىم، ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك تىبەتلەرنىڭ كۈچى زورايغان ۋاقىتلاردا ئۇلار پۈتۈن تارىم ئويمانلىقىنى كونتورۇل قىلىپلا قالماي يەنە كەشمىر ھەم پامىر تاغلىرى ئەتراپىىنىمۇ كونتورۇل قىلغان. گەرچە كىيىن ئۇيغۇر ئىمپىريىسىنىڭ كۈچى زورايغان ۋاقىتتا تىبەتلەرنى تارىم ئويمانلىقىدىن قوغلاپ چىقارغا بولسىمۇ ئەمما خوتەن،كەشمىر ھەم پامىر رايونلىرى تىبەتلەرگە يىقىن بولغاچقا بەلكىم خىلى ئۇزۇنغىچە تىبەتلەرنىڭ ھوكۈمرانلىقى ئاستىدا بولغان بولىشى ،بەلكىم قاراخانلار دۆلىتى قۇرۇلغان دەۋىرلەردىمۇ تىبەتلەرنىڭ بۇ رايونلاردە تەسىر كۈچى ساقلىنىپ قالغان بولىشى مومكىن. شۇڭا قەشقەرنى تىبەت چىگراسىدىكى شەھەر دەپ خاتىرلىگەن بولسا كىرەك دەپ ئويلۇدۇم. ئۇندىن باشقا خوتەن بىلەن تىبەتنىڭ ئورتاق بۇددا دىنى ئىتقادىمۇ بەلكىم ئاپتوردا خوتەن بىلەن تىبەتنى بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە دىگەن قاراشنى كەلتۈرۈپ قويغان بولىشى مومكىن.
بۇ ئەلۋەتتە مىنىڭ پەرەزلىرىم خالاس ،بۇ توغرىسىدا يەنە ئىزدىنىشكە توغرا كىلىدۇ.
ئۇندىن باشقا يەنە بىر موھىم مەسلە شۇكى ، تىبەتلەر ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ سىياسى ھەم ئىجتىمائى ئەھۋالى ،خوتەن دۆلىتىنىڭ تىبەت ھۆكۈمرانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى قاراخانىلار ئىستىلاسى مەزگىلىگىچە بولغان تارىخى دىگەندەك مەسىللەر ئۇيغۇر تارىخىدا بىر چوڭ بوشلۇق دەپ ئويلايمەن. مىنىڭچە بۇ تارىخ كەسپىدە ئوقۇۋاتقانلار ئۈچۈن ياخشى بىر تەتقىقات تىمىسى بولالايدۇ.
[ 此帖被ark_xamili在2009-03-05 22:32重新编辑 ]