ئورخۇننى قوللامسىز؟ مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى Munber hetni Nurmal Korelmigenler
قورال ئىشىلتىش ئادرېسىنى كۆچۈرۈش | ساقلىۋېلىش | پىرىنتىرلاش
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 1530
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 3
شۆھرىتى: 27 نومۇر
پۇلى: 25 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 13(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-02-27
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-06
باش يازما  يوللانغان ۋاقتى: 5كۈن بۇرۇن

 تۈركىي تىللاردىن چەت تىللارغا سىڭىپ كىرگەن بەزى جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇلار توغرىسىدا

تۈركىي تىللاردىن چەت تىللارغا سىڭىپ كىرگەن بەزى جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇلار توغرىسىدا
ئۆمەر موللا
(شىنجاڭ داشۆ جۇغراپىيە فاكۇلتىتى)
دۇنيادىكى تىللار ھەرخىل ئائىلىلەرگە (سېستىمىلارغا)، ئائىلىلەر بولسا گۇرۇپپىلارغا بۆلىنىدۇ، بۇنداق ئائىلىلەرنىڭ بىرى-ئالتاي تىلى ئائىلىسى بولۇپ، بۇ موڭغۇل تىل گورۇپپىسىغا بۆلىنىدۇ، تۈركىي تىل گورۇپپىسى تۈرك، ئەزەربەيجان،نوغاي، قۇمىق، بالقار،قاشقاي، ئافشار، تۈركمەن، داغىستانلىقلار، قازاق، قارا قالپاق، قىرغىز، ئۆزبېك، سالا(يۈگۇ)، تاتار، باشقىرىد، ئالتايلىقلار، شورلار، خاقاس، تۇۋا، ياقۇت، دولگان، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇلار ياۋروپانىڭ جەنۇبىدىكى فراكىيە (تۈركىيىنىڭ) رايونىغا، قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىكى قىرىم يېرىم ئارىلىغا، كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلىغا، شىمالىي كاۋكاز ۋە كاسپى دېڭىز بويلىرىغا، ئىراننىڭ شىمالى، شەرقىي شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى ئايرىم رايونلارغا، ئوتتۇرا ئاسىياغا، قازاقىستان ۋە ئالتاي ئۆلكىسىگە ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنلىرىغا، ئۇرال تاغ ئالدى ۋە جەنۇبىي تەرەپلىرىگە، غەربىي سىبىر تۈزلەڭلىكىگە، ئوب، يېنسىېي، ئولېنوك، لىنا، كولىما ۋە ئىندىگىركا دەريا ۋادىلىرى، ئوتتۇرا ۋە شەرقىي سىبىردىكى ئېگىز تەكشىلىكلەرگە، شەرقىي سىبىر ئاراللىرىغا، رومىنىيە، بولغارىيىلەرنىڭ ئايرىم رايونلىرىغا، سىبىرىيىنىڭ جەنۇبىدىكى بايقال كۆلى ئەتراپى ۋە سايان تاغلىق رايونلىرىغا، شىنجاڭ، چىڭخەي، گەنسۇ رايونلىرىغا تارقالغان. تۈركىي خەلقلەر ئولتۇراقلاشقان رايوننىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ھەر خىل تەبىئى جۇغراپىيىلىك بەلۋاغلار بىلەن لاندىشافىتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالايلۇق، سۇپتروپىك بەلۋاغدىن تارتىپ توندىرىغىچە بولغان كەڭ دائىرىدىكى تۈرلۈك گورىزونتال ۋە ۋېرتىكال ھالەتلىك تەبىئى رايونلار ۋە كەنجى تەبىئىي رايونلار، خىلمۇ-خىل يەر شەكلى ھالەتلىرى، دېڭىز- كۆللەر، ھىدرولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى ھەر خىل بولغان سۇ سېستىمىلىرى قاتارلىقلار بۇ رايونلاردىن تېپىلىدۇ. تەبىئەتتىكى ھەر خىل لاندىشافىتلىق رايونلاردا ياشايدىغان تۈركىي خەلقلەر «ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي جەرياندا كىشىلىك جەمىيىتىنىڭ ھەر قايسى دەۋرلىرىدە تۈرلۈك-تۈمەن ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلارنى يارىتىپ مەدەنىيەت خەزىنىسىنى بارلىققا كەلتۈردى، ئىلىم-پەن، ھۈنەر- سەنئەت ساھەسىدە ياراتقان ئاجايىپ كەشپىياتلىرى بىلەن جاھان مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسىلىشىدە چوڭ رول ئوينىدى» (تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدىن ئېلىندى). جۈملىدىن جۇغرايىيە ئېلمىنىڭ راۋاجلىنىشىدىمۇ، ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ تارىختا ئۆزىگە مۇناسىپ تۆھپىلەرنى قوشتى، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان زىمىنلەردىكى جۇغراپىيىلىك مۇھىتنى تەسۋىرلىدى، تەتقىق قىلدى ۋە ئۆزى رايونىدا تاغ- داۋانلارغا، سۇ سېستىمىللىرىغا، يەر شەكلى ھالەتلىرىگە، تۇپراق، ئۆسۈملۈك، ھايۋانلارغا مۇۋاپىق، ئىخچام، چۈشىنىشلىرىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىشكە ياردەم بېرىدىغان ئۆزگىچىلىككە ئىگە، شۇڭا، ئۇلارغا قوشنا مىللەتلەر ۋە ئۇلار ئارقىلىق دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەر بۇ ئاتالغۇلارنىڭ بەزىللىرىنى شۇ خىلدىكى تەبىئەت كۆرۈنۈشى ئۈچۈن ئۆزگەرتمەي ياكى تەجرىبە قىلماي ئۆز پېتى قوللانغان، جۇغراپىيىلىك لۇغەتلەردە مەخسۇس ئاتالغۇلار قاتارىدا ئىزاھلىغان. مەسىلەن، قىر((Кыр، ئېرىق(Арык,Ерики)، جايلاۋ (Жаилао,джаияу) ، قوشلار بازىرى (Птицьи базр) ، تاقىر، شور، يارداڭ، يار، توقايلىق، ئەنجۈر، ئورمان، بولگۇنياخ، لايدا، مىئاندىر، سۆكسۆك( ساكساۋۇل)، تۇمان، بەرخەن، قۇرۇم، تايغا (Тайга)، تىرەنى( يەر ئاستى چوكا مۇزلىرى)، تەنگە (Денги) ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ئاتالغۇلار باشقا تىللاردا، بولۇپمۇ روس تىلىدىكى جۇغراپىيىلىك ماتېرىياللاردا كۆپىنچە ئەينەن قوللىنىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئەينەن قوللىنىشىغا شۇ ئاتالاغۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تۈركىي خەلقلەر ياشايدىغان رايونلاغىلا خاس تەبىئىي ئېلېمېنتلار بولغانلىقى ياكى بەزىلىرى باشقا رايونلاردىكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئېلېمېنتلارغا قارىغاندا تىپىكرەك بولغانلىقى سەۋەپ بولغان. بۇ ئاتالغۇلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇ سۈپىتىدە باشقىلاردىن بۇرۇن تۈركىي خەلقلەر تەرىپىدىن قوللىنىلغانلىقىمۇ بىر مۇھىم سەۋەپتۇر. مەسىلەن: تاقىر (روسچىدا     Такырыدەپ ئېلىنىدۇ) گىئومورفولوگىيىدە ئالاھىدە بىر خىل يەر شەكلى تىپى بولۇپ، چۆل ۋە يېرىم چۆل رايونلىرىدىكى بەزىدە كىچىك بەزىدە چوڭراق يەرلەرنى ئىگىلەپ ياتقان لاي توپىلىق تۈزلەڭ جاي، يامغۇر سۈيى پارغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن تاقىرنىڭ تېگى سېغىز لايغا ياكى ئۇۋاق قۇملۇق جايغا ئايلىنىپ قالىدۇ. تاقىردا كۆپىنچە ھىچقانداق ئۆسۈلۈك ئۆسمەيدۇ. بۇنداق جايلار يېرىلىپ كۆپ بۇرجەكلىك سېغىز لاي پارچىلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ خىل يەر شەكلى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە مەركىزىي ئاسىيا رايونلىرىدا كۆپ ۋە تىپىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۈستىگە روسلار رايونىدا بۇخىل يەر شەكلى بولمىغاچقا، روسلار «تاقىر›› دىگەن بۇ ئاتالغۇنى ئەينەن قوبۇل قىلغان. ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى››دا دەرەخسىز، سۇسىز يەرلەرنى تاقىر، تېتىر، تېقىر دەپ ئاتىغان. شىنجاڭدا بۇ ئۈچ خىل ئاتاشنىڭ ھەممىسى ئۇچرايدۇ. بۇ ئاتالغۇ گەرچە ئەشۇنداق كونا بولسىمۇ لېكىن بۇرۇنقى، ھازىرقى ۋە چەت تىلىدىكى ئېستىمال مەنىلىرىدە ئۆزگىرىش بولمىغان.
   تەبىئىي جۇغراپىيىلىك لۇغەت مەنىسى دەريانىڭ تىك قىرغىقى دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ‹‹ يار ›› سۆزىمۇ روس تىلىدىكى ماتېرىياللاردا يەنىلا ‹‹ يار›› دەپ قوللىنىلىدۇ. روسچىدىن تەرجىمە قىلىنغان خەنزۇچە ماتېرىياللاردىمۇ يارنى ئەينەن ‹‹ 亚尔 ››دەپ تەرجىمە قىلغان. ھازىر ‹‹ يار›› سۆزى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالتاي ئۆلكىسىدە جۇرغراپىيىلىك ئاتالغۇ سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالغان، ئۇ يەردە تاغلار ئارىسىدىن___ تىك قىرغاقلىق جىلغىلاردىن ئېقىپ ئۆتىدىغان بىر دەريا بولۇپ، بۇ قىزىل يار دەپ ئاتىلىدۇ، بۇنى روسلار ‹‹ كىراسنويار ›› (Краснояр) دەپ ئاتايدۇ. بۇنىڭدىكى قىزىل سۆزى تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ لېكىن ‹‹يار›› سۆزى يەنىلا ساقلىنىپ قېلىنغان. بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا شۇ رايوندا يەنە ‹‹كىراسنويارىسكى›› دىگەن شەھەر، ‹‹زايارىسكى›› ( ئارقا يار، يار ئارقىسى) بازىرى بار. ئالتاي تاغلىق رايونىدا بۇ خىل يارلىقلار ئۆزگىچە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەرگە  كېيىن كەلگەن روسلار ئۆز رايونىدا ئۇچرىتىش مۈمكىن بولمايدىغان بۇنداق ‹‹يار››نى ئۆز پېتى قوبۇل قلىغان. بۇنىڭ ئۆز پېتى قوبۇل قىلىنىشى شىمالىي ئامېرىكىنىڭ كولۇرادو دەرياسى رايونىدىكى چوڭ جىلغىنىڭ ‹‹كانئۇن›› دەپ ئۆز پېتى قوبۇل قىلىنغىنىغا ئوخشاپ كېتىدۇ ( شىمالىي ئامېرىكىدىكى بۇ جىلغىنى ئىسپانلار ئۇچراتقاندا ئۇنىڭ ئۇزۇن كەتكەن شەكلىگە قاراپ ‹كانئون› يەنى تۇرۇبا دەپ ئاتىغان. شۇندىن ئىتىبارەن دۇنيانىڭ بەزى رايونلىرىدا مۇشۇ خىلدىكى يەر شەكلىنى شۇنىڭغا تەقلىد قىلىپ كانئون دەپ ئاتاشقا ئادەتلىنىپ قالغان).
       يارداڭ: شامالنىڭ تەسىرىدىن ھاسىل بولغان نۇرغا ئوخشاش ئۇزۇن كەتكەن جىرالارنى بىر-بىرىدىن ئاجرىتىپ تۇرغۇچى، تەرتىپسىز ھالدا جايلاشقان، بىر-بىرىگە سەل پاراللېل بولغان يارلار- يارداڭ دەپ ئاتىلىدۇ. بۇمۇ مەركىزىي ئاسىياغا خاس يەرلىك ئالاھىدىلىككە يەر شەكلى بولۇپ، روسچىدا، خەنزۇچىدا ئوخشاشلا يارداڭ ( 雅丹地形-Ярданги)دەپ قوللىنىلىدۇ. توندىرا رايونىنىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى ۋە شىمالىي ئاسىيا دەريالىرىنىڭ دېڭىز ياكى كۆلگە قۇيۇلۇش ئېغىزىدىكى تۈزلەڭلىكلەرنى يەرلىك خەلق ‹‹لايدا›› دەپ ئاتايدۇ، روسلارمۇ ‹‹لايدىلار›› دەپ ئەينەن قوللانغان. بۇ جايلارنى دېڭىز ياكى دەريا سۇلىرى بېسىپ تۇرىدۇ، بۇ يەردە شۇرلۇق ئۆسۈملۈكلىرى (گالوفىتلار) ئۆسىدۇ. بۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ دېلتا ۋە پويىمىلارغا بۇرۇنلا ئىسىملارنى قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ تۈركىي تىلىدىكى لايلى، لايلاتما، لاي، لايلىق سۆزلىرى بىلەن مەنىداش سۆز بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، دېلتا ۋە پويىما سۆزلىرى ئۈستىدە ئويلۇنۇپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ. چەت تىلىدىكى ‹‹دېلتا›› بىلەن خەنزۇچىدىكى ‹‹ 三角洲 ›› سۆزلىرى شۇ رايوننىڭ شەكلىگە قارىتىلغان. ‹‹لايدا›› بولسا ئۇنىڭ لاي-لاتقىلاردىن تۈزۈلگەن رايونلىقىغا قارىتىلغان، خالاس.  
        ‹‹قىر›› سۆزى دالا، سەھرا، چۆل، پەس تاغ، يايلاقتاغ، ئېگىز قىرغاق، ئېگىزلىك، گىرۋەك دىگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› دا قىرنىڭ شۇنىڭغا ئوخشاش ھەر خىل مەنىلىرى ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ تەلەپپۇز قىلىنىشى، ئىستېمال مەنىسى ھەرقايسى رايونلاردا ھەرخىل بولسىمۇ لېكىن يۇقۇرىدىكى مەنىلەردىن چەتنەپ كەتمەيدۇ. مەسىلەن، تۈركمەنلەر قىر ۋە گىر دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ. تۈركىيىدە قىر سۆزى دالا، چۆل تۈزلەڭلىك جاي دىگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ؛ داغىستان تۈركىي تىلىدا قىرىي () دەپ ئوقۇپ قىرغاق مەنىسىدە، شۇ جايدىكى نۇغايلار بولسا قىرنى دالا، چۆل مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ؛ سىبىردىكى تۈركىي تىللاردىن بولغان تۇۋا تىلىدا ‹‹قىر›› سۆزى ئېگىزلىك، تۆپىلىك مەنىللىرىدە قوللىنىلىدۇ؛ خاقاس تىلىدا قىر سۆزى ‹‹خىر›› بولۇپ كېلىدۇ. ئالتاي تىلىدا قىر سۆزى تاغ، تىزما، ئىگىز چۆللىكلەر مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. ياقۇت تىلىدا ‹‹قىردالى›› ھالىتىدە كېلىپ ئېگىزلىكى 2-3 مېتىر كېلىدىغان پاراللېل كەتكەن دەريا بويى قىرغاقلىرىنى  كۆرسىتىدۇ، دىمەك ھەممىسىدە ئورتاقلىق كۆپ بولۇپ پەرق ئاز. روس تىلىدىكى جۇغراپىيىلىك ماتېرىياللاردا بۇ سۆزمۇ ئەينەن ئېلىنىدۇ. بولغارىيىدىمۇ بۇ ئاتالغۇ مەۋجۇت بولۇپ ئۇ يەردە دالا مەنىسىنى بېرىدۇ. تۈركلەرگە قوشنا بولغان ئەرمەنلەرمۇ قىر سۆزىنى شېغىل تاشلىق تۈزلەڭلىك مەنىسىدە ئىشلىتىدۇ.
   ‹‹ئورمان›› دىگەن سۆز روسچە ۋە رومىنچە ماتىرىياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. رومىنىيىدە تېلو ئورمان دىگەن ھالەتتە كېلىدۇ. روسچە ماتېرىياللاردا سىبىرىيە ئورمانلىقلىرى ئۈستىدە گەپ بولغاندا ئۇنى ئورمان دەپ ئىپادىلەيدۇ ( مەسىلەن، سىبىر ئورمىنى دىگەننى سىبىرىسكى ئورمان Сбириский , урман دەپ ئالىدۇ). دىمەك بۇ روسلارغا سىبىر خەلقى تەرىپىدىن سىڭگەنلىكى ئېنىق. رومىيىيىگە كىرگەنلىكىنىمۇ تارىخىي جەريان بىلەن باغلىساق ئانچە ئەجەپلىنىپ كەتمەيمىز. رومىنىيىدە تۈرك ئوسمانلار ئىمپېرىيىسى ئۇزاق مۇددەت ھۆكۈمرانلىق قىلغان، بۇ جەريانلاردا تۈركلەرنىڭ تەسىرىگە يولۇققان. ھازىرمۇ رومىنىيىنىڭ دۇبرۇجا رايونىدا ئولتۇراقلاشقان تۈركلەر بار.  روسچە ماتېرىياللاردا ئورمان دەپ يېزىلغان سۆزنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغاندىمۇ ئورمان (乌尔曼林(دەپ ئېلىنىدۇ.
      سىلاۋيان تىلىغا سىڭىپ كىرگەن سۆزلەردىن يەنە مەڭگۈ مۇزلۇق گىئومورفولوگىيىسىگە ئائىت ئاتالغۇلاردىن بۇگۇنياخ ۋە تىرەنلەرمۇ بار. بۇ رايوندىكى خەلق يەر ئاستى مۇزلىرىنىڭ سىرتقا تومپۇيۇپ بۇلغۇپ چىققانلىقىنى بۇلگۇنياخ دەيدۇ. شۇنىڭدەك يەر ئاستى چوكا مۇزلىرىنى تىرەنى دەپ ئاتايدۇ. بۇ ئاتالغۇلامۇ روسچىدا ئەينەن قوللىنىلىدۇ. ئۇندىن باشقا ئېرىق، تەنگە دىگەن ئاتالغۇلار روسىيىگە كىرىپ (Арык) ۋە (Денги) دەپ ئىشلىتىلگەن. روسچىدا تەنگە پۇل مەنىسسىنى بىلدۈرىدۇ. ئەندى دۇنيادىكى ھەر قايسى تىللارغا كەڭ سىڭىپ كىرگەن ۋە دۇنياۋى ئاتالغۇ بولۇپ قالغان ‹‹ تايغا›› سۆزىنى كۆرۈپ باقايلى: قۇرۇقلۇقتىكى تەبىئىي بەلۋاغلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ياۋرۇپا-ئاسىيا ۋە شىمالىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ كەتكەن يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان رايونى ‹‹تايغا›› دەپ ئاتىلىدۇ. ‹‹تايغا›› سۆزى جۇغراپىيىچىلەرگە ناھايىتى تونۇش ئاتالغۇ بولۇپ، قارىماققا ئەزەلدىن روسچىدەك تۇيىلىدۇ. چۈنكى بىز بۇ ئاتالغۇنىڭ ‹‹تايگا›› دەپ قوللىنىلغانلىقىنى (خەنزۇچىدىمۇ 泰加林دەپ قوللىنىلىدۇ) روسچە ماتېرىياللاردىن كۆرگەنمىز. ئەمما ئۇ بىزنىڭ ھىس قىلغىنىمىزنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، كېيىنكى چاغلاردا سىبىر تەرەپتىن روس تىلىغا كىرىپ ئۆزلىشىپ قالغان تۈرك-موڭغۇلچە سۆزلۈكدۇر. تايغا بەزى ماتىرىياللاردا ‹‹دايغا›› ھالىتىمۇ ئۇچرايدۇ، بۇ دەريانىڭ يۇقۇرى  ئېقىنىدىكى تاغلىقنى بىلدۈرىدۇ. موڭغۇل تىلىدا ‹‹تايغا›› قېلىن ئورمانلىق، قاراڭغۇ تاغ ئورمانلىقى دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. سىبىر تۈركىي تىللىرىدا بۇ سۆز ئۆزلەشتۈرۈلمىگەن، ئادەم ئولتۇراقلاشمىغان ئورمانلىق جاي، تاغ ئورمانلىقى، قىيا تاغلىقلار دىگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تۈركىي تىللاردىكى ‹‹ تايغا›› سۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئىپتىدائىي ئىستىمال مەنىسى لاندىشافت مەنىسىنىلا بىلدۈرۈپ قالماستىن، بەلكى ئوروگراپىيىلىك ھالەت يەنى تاغلىق مەنىسىنىمۇ بىلدۈرگەن. ‹‹تايغا›› سۆزىنىڭ تەكتى يۇرتى جەنۇبىي سىبىر بولۇپ، بۇ سۆز ھازىرمۇ ئۇ يەردە ناھايتى كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، تايغا تىزمىسى، قىزىل تايغا تېغى (ئالتايدا)، شەرقىي ساياندا تايغا ئوژاسى تېغى، تۇۋادا تاقىر تايغا تېغى، خورتايغا، دوڭغۇل تايغا، باي تايغا، تاسقىل (تاشلىق) تايغا، ئۇزۇن تايغا، دېمىر تايغا تاغلىقلىرى بار. يېنسىي دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىدا ۋە باش ئېقىنىدا ئۇلان تايغا، سىن تايغا پەس تاغلىقى، خانتايغا تاغلىقى قاتارلىقلار بار. سىلاۋىيان تىلىدا ‹‹غ›› ھەرپى بولمىغاچقا، ‹‹تايغا›› سۆزى ‹‹تايگا››غا ئۆزگىرىپ كەتكەن. ئىنگلىز، فرانسۇز، نېمىس تىلىرىدىمۇ ‹‹تايگا›› دەپ قوللىنىلىدۇ. تايغا سۆزىنىڭ تۈرك-موڭغۇلچە بولۇشى بىرىنچىدىن سىبىرىيىدىكى تۈركىي خەلقلەرگە ھەم موڭغۇللارغا ئورتاق بولغانلىقىدا، موڭغۇللارمۇ ئەسلىدىكى چاغاتاي تىلىنى قوللانغان ۋە بۇ تىل ئۇلاردا ھازىرغىچە ساقلانغان. ئى.ئى سىرېزنىۋىسكىنىڭ ‹‹ قەدىمكى روس تىلى لۇغىتى ماتىرىياللىرى››(1893-1903)دا ‹‹تايغا›› سۆزى كۆرسىتىلمىگەن. بۇمۇ شۇ سۆزنىڭ موڭغۇل- تۈرك تىلى ئىكەنلىكىگە بىر دەلىلدۇر. شۇڭا، بۇندىن كېيىن بۇ سۆزنىڭ ئىگىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇنى ‹‹تايگا›› ئەمەس ‹‹تايغا›› دەپ ئىشلىتىشىمىز لازىم.
     ئوتتۇرا ئاسىيا دەريا ئۆسىدىغان ئورمانلارنى توقاي ۋە بۇ جاينى توقايلىق، ئۇ يەردە ھاسىل بولغان تۇپراق توقايلىق توپىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئاتالغۇمۇ، روس تىلىدا يەرلىك ئاتالغۇ سۈپىتىدە ‹‹Тугаи›› ۋە خەنزۇچىدا土盖林دەپ ئېلىنىدۇ.
     قۇرۇم- قۇرام (Курмы-石流(دىگەن سۆز سىبىرلىق تۈركىي خەلقلەر تەرىپىدىن روسچىغا سىڭىپ كىرگەن بولۇپ، بۇ قۇرۇملار تاغ يانباغرىلىرىدىن ئېغىرلىق كۈچى بىلەن ئاستا-ئاستا سېرىلىپ چۈشىدىغان تاشلارغا قارىتىلغان، بۇ بىزدىكى قورام تاش سۆزى بىلەن ئوخشاش مەنىدىكى سۆزدۇر. تۈركىي خەلقلەر ياشىغان جايلاردا ئىگىز تاغلار كۆپ بولغاچقا قورام تاشلارنىڭ دۇمىلاپ چۆشۈش ھادىسىلىرى كۆپ، لېكىن روسلار ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ ئۆزگىچە ھادىسىدۇر، چۈنكى روسلارنىڭ ئەسلى يۇرتى ۋولگىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنى ئوكا دەرياسىنىڭ بويلىرى بولۇپ، شەرققە 17- ئەسىردىن باشلاپلا سۈرۈلۈپ كەلگەن. مەسلەن، بايقال كۆلى ئەتراپىغا 1643-يىلى كوربات ئىۋانوۋ بىرىنچى بولۇپ كەلگەن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ شەرققە كېلىپ ئۇ يەرلەرنى ئىگىلىگەن. روسلارنىڭ ئۆز يۈرتىدا ھەيۋەتلىك تاغلار ۋە ئۇلاردىن دومۇلاپ چۈشكىدەك بۇنداق قورام تاشلارمۇ يوق (ئورتا روس ئېگىزلىكىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 290مېتىر،موسكىۋا ئىگىزلىكىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىگى320 مېتىر ۋە باشقىلار)، ئۇلار سىبىرگە كەلگەندىن كېيىن ناھايىتى چوڭ، ئۇزۇن تاغ تىزمىلىرىنى، ئىگىز تەكشىلىكلەرنى كۆرگەن ۋە ئۇ يەرلەردە يۈز بېرىدىغان قورام تاشلارنى يەرلىك تىل بويىچە قۇرۇملار دەپ ئاتىغان.
          شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى قارا قۇرۇم تاغلىرىنى روسلار ۋە باشقىلار ئوخشاشلا ‹‹قارا قۇرۇم›› دەپ قوللىنىدۇ. خەنزۇچىدىمۇ-喀喇昆仑دەپ ئالىدۇ. بۇ يەردىكى 昆仑(كۈنلۈن) قۇرۇمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەپسۇسكى مۇشۇ 昆仑 سۆزى بىلەن ئېيتىلىدىغان قۇرۇم تاغلىرى بۈگۈنكى كۈندە ‹‹كوئىنلۇن›› بولۇپ قالغان. بۇ خەنزۇچىدىكى ‹‹昆仑›› سۆزىنىڭ ئۇيغۇرچىدا ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە ئىپادىلىنىشى ۋە ياكى ئەسلىدىكى ‹‹قۇرۇم›› سۆزىنىڭ بۇزۇپ ئېيتىلىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇڭا ئۇيغۇرچە ماتىرىياللاردا ئەلۋەتتە ‹‹كوئىنلۇن›› ئەمەس، ‹‹قۇرۇم تاغلىرى›› دەپ قوللىنىلسا توغرا بولاتتى. شۇ چاغدا قارا قۇرۇم ۋە بۇنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشىدىكى 昆仑 نىڭ مەنىسى ئۇيغۇرچىدا ئۆز ئورنىنى تاپقان بولاتتى. گىئومورفولۇگىيىدە ‹‹مېئانىر›› تىپىدىكى دەريالار دىگەن بىر تىپ بار. بۇ ئەسلىدە كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلىدىكى مېئاندىر (بۈيۈك مېئاندىرىس) دەرياسىنىڭ نامى بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن ئەگرى توقاي دەريا. (مىئاندىر نامى بۇ يەردە قەدىمدا ياشىغان مىئاندىرتال قەبلىسىنىڭ نامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك) گىئومورفولوگىيىدە جاھاندىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دەريالارنىڭ ھەممىسىنى مىئاندىر تىپىدىكى دەريالار دەپ ئاتاش ئادەت بولۇپ قالغان.
      يۇقۇرىدا تۈركىي تىللاردىن چەت تىللارغا سىڭىپ كىرگەن جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇلاردىن بەزى مىساللار كەلتۈرۈلدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرەلەيمىزكى، ئەسلى كېلىپ چىقىشى جەھەتتە تۈركىي تىللارغا مەنسۇپ بولغان بۇ خىل ئاتالغۇلار ھازىر دۇنياۋى تىل بايلىقىغا ئايلىنىپ، جۇغراپىيە ساھەسىدە ئۆز رولىنى جارى قىلىپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە بىزنىڭ ئالدىمىزدا تۈركىي تىللاردىن خەلقئارا تىللارغا كىرىپ ئۆزلىشىپ كەتكەن ئاتالغۇلار ئۈستىدە تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، بۇ خىل ئاتالغۇلارنىڭ ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش؛ شۇنىڭدەك ئەسلىدە تۈركىي تىلاردىن كېلىپ چىققان، لېكىن باشقا تىلارغا سىڭىپ كىرىش جەريانىدا ئاھاڭ جەھەتت مەلۇم ئۆزەىرىشلەرنى ھاسىل قىلغان ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇر تىلىدا قوللانغاندا، بۇزۇلغان ۋە ئۆزگەرگەن تەلەپپۇزى بويىچە ئەمەس، ئەسلىدىكى تەلەپپۇزى بويىچە قوللىنىشىمىز لازىم. مەن ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە بىر قېتىملىق مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرۇشىنى تەكلىپ قىلىمەن.

مەنبە: قۇرغاق رايونلار جۇغراپىيسى ژورنىلى 1988-يىل 3-سان.
ئەسكەرتىش: روسچىدىن خەۋىرىم بولمىغاچقا روسچە ئاتالغۇلارنى كىرگۈزۈشتە خاتالىقلار بولىشى مۈمكىن،تۈزۈتۈپ پايدىلىنارسىلەر.



ئەركەم تورى
دەرىجىسى: مىڭ بېشى
UIDنومۇرى: 1522
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 480
شۆھرىتى: 828 نومۇر
پۇلى: 13025 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 198(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-02-26
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
1-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 5كۈن بۇرۇن
   تۈركىي تىلىدىكى بەزى ئاتالغۇلارنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغانلىقى <<دىۋان>>نىڭ يەنىلا بىر قامۇس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. قىسمەن تارىخچىللىرىمىز، ھەل بولمىغان بەزى ئاتالغۇلار ھەققىدە، ئۆزگىلەرنىڭ تارىخى بايانلىرىغا بەكلا ھېرىسمەن. مېنىڭچە ئاتالغۇلارنىڭ يەشمە مەسىلىسىدە يەنىلا <<دىۋان>>ئاساس بولىشى كېرەك.
   بۇ ھەقتە مېنى بەكلا ھەيران قالدۇرغىنى <<ئالياسكا>>دىكى <<ئالياس>> <<دىۋان>>دا: - ئۆلۈم ۋەھىمىسى پۇراپ تۇرىدىغان جاي دېگەن يەشمە بولدى. بۇنىڭدىن ئون مىڭ يىللار بۇرۇنقى ئاتالغۇنىڭ يەشمىسى<<دىۋان>>دا بولغان ئىكەن، ئەلبەتتە ئۇنىڭغا سەل قارىماسلىق كېرەك.
yol
دەرىجىسى: يېزىش چەكلەندى
UIDنومۇرى: 3905
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 53
شۆھرىتى: 227 نومۇر
پۇلى: 480 سوم
تۆھپىسى: 1 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 78(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-08-28
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 5كۈن بۇرۇن
ئەزا چەكلەنگەن،يازما توسۋېتىلگەن!
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 7523
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 83
شۆھرىتى: 507 نومۇر
پۇلى: 840 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-12-17
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 5كۈن بۇرۇن
ئاتالغۇلارنى ئىلاجى بار ، ئۆز تىلىمىزدىن ئاساس تېپىپ قوللىنىشىمىز كېرەككەن .
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 1847
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 18
شۆھرىتى: 32 نومۇر
پۇلى: 85 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 42(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-04-20
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 5كۈن بۇرۇن

 (ilham.umut)نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

ياخشى ماقالە ئىكەن.
مىنىڭ بىلىشىمچە، رۇس تىلىدا Буран, туман (بوران، تۇمان) قاتارلىق مېتېرولوگىيىلىك اتالغۇلار ، Юрта(يۇرت دىگەندىن ۆزگەرگەن، رۇس تىلىدىكى مەنىسى بوز ئۆي يەنى كىگىز ۆي)Юрат (جۇۇرات، قېتىق) قاتارلىق باشقا سۆزلەر مۇ بار. ئاخىرقى ئككى سۆز ئىنگلىس تىلىدىمۇ بار.
ئىزدەنسە، بەلكىم خىلى جىق سۆزلەرنى تاپقىلى بولىدۇ.
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !