ئورخۇننى قوللامسىز؟ مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى Munber hetni Nurmal Korelmigenler
قورال ئىشىلتىش ئادرېسىنى كۆچۈرۈش | ساقلىۋېلىش | پىرىنتىرلاش
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 872
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-11-01
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
باش يازما  يوللانغان ۋاقتى: 4كۈن بۇرۇن

 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭﯨﭙﻠﻪﺭﻧﻰ ﻻﺗﯩﻦ ﮬﻪﺭﯨﭙﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﻻﻳﯩﮭﻪﺳﻰ






بۇ لايىھىنىڭ مەزمۇنى

1. كىرىش


ئۇيغۇرلار قاراخانىيلار دەۋرىدىن باشلاپ (ئىدىقۇت خانلىقى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن سىرت) ئەرەب يېزىقىنى قوبۇل قىلغاندىن تارتىپ، تاكى 1965-يىلى 1-ئايغىچە بولغان مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە، بۇ يېزىقنى پەيدىنپەي ئىسلاھ قىلىپ، ئىزچىل قوللىنىپ كەلگەن. 1965-يىلى 1-ئايغا كەلگەندە، بۇ يېزىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنى 1982-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 17 يىل رەسمىي قوللانغان. 1984-يىلىدىن باشلاپ ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئۇنى بۈگۈنگە قەدەر قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

ھازىر قوللىنىۋاتقان ئۇيغۇر يېزىقى جەمئىي 32 ھەرپتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سەككىزى سوزۇق تاۋۇشنى، 24 ى ئۈزۈك تاۋۇشنى ئىپادىلەيدۇ.



2. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى

يېزىق مەدەنىي جەمئىيەتنىڭ بەلگىسى. شۇنداقلا جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلار تارىختا يېزىق قوللىنىشتا نۇرغۇن ئەگرى-توقاي تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى بېشىدىن كەچۈردى. تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار يېزىق قوللانغان ئۇزۇن ۋاقىت جەريانىدا خىلمۇخىل ئېھتىياج تۈپەيلىدىن كۆپ قېتىملاپ يېزىق ئۆزگەرتكەن. بۇ ئۆزگەرتىشلەر كۆپ ھاللاردا شۇ يېزىقلارنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇش، ئەلالاشتۇرۇش ئۈستىدىكى ئادەتتىكى ئىسلاھات بولماستىن، بەلكى ئەسلىدىكى يېزىقنى تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى بىر يېزىقنى دەسسىتىش بىلەن تاماملانغان ئىسلاھات بولغان.

بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلار مەدەنىيەتكە قەدەم قويغان ۋاقىتتىن باشلاپلا ئۆز تىل-يېزىقىنى ئۆز دەۋرىگە لايىقلاشتۇرۇپ كۈندىلىك تۇرمۇش، ئشلەپچىقىرىش، پەن-مائارىپ ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا مۇناسىپ ئىشلىتىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقتىن پايدىلىنىش تارىخى ئۇزۇن، يېزىق قوللىنىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى زور بولسىمۇ، تارىختىكى كۆپ قېتىملىق يېزىق ئۆزگەرتىشلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۈزۈكچىلىك، كېيىنكىسىنىڭ ئالدىنقىسىنى ئىنكار قىلىشى قاتارلىق ئامىللار شۇنچە پارلاق يېزىق مەدەنىيىتىگە ئىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەن-مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسىلىشىگە زور دەرىجىدە توسالغۇ بولغان. يېقىنقى 70-80 يىل مابەينىدە، بولۇپمۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋىي ئاڭ ۋە زامانىۋىي پەن-تېخنىكىغا بولغان تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، يېزىقنىڭ رولى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلۇشقا باشلىدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى ۋە ئىنتېرنېت تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى، ئىشخانا خىزمەتلىرىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇملىشىشى دۇنيا مىقياسىدا ئىنقىلاب خاراكتېرلىق ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن دەۋر تەرەققىياتىنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەر يېزىقىغا بولغان تەلىپىمۇ كۈنسايىن كۈچىيىپ باردى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن مىللەتلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۆز يېزىقلىرىنى كومپيۇتېر تېخنىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېزىقنىڭ ئۇچۇر دەۋرىدىكى ئۆزگىچە ئۈنۈمىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىشقا باشلىدى. ئۇيغۇر يېزىقىنى كومپيۇتېرغا تونۇتۇش ۋە ئۇنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ خىزمەت قىلىش ئىشى گەرچە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىلا باشلىنىپ، كۆپلىگەن نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، بۇ ساھەدىكى نەتىجىلەر ئاساسەن يېزىق بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرچە يۇمشاق ماتېرىياللاردا ئوخشاش ئۆلچەم قوللىنىلمىغاچقا، يەنى ئۆلچەملىك ھەرپ نۇسخىلىرى، خەت شەكىللىرى ۋە كودى بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىدا بىرتۇتاش قوللىنىلمىغاچقا، بۇ يۇمشاق ماتېرىياللار بىر-بىرىنى قوللىماي كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ھەر ساھە خىزمەتلىرىمىزدىكى رولىنى بەلگىلىك چەكلەپ كەلگەنىدى. ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇچۇرلارنى يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرى ۋە بازار ئىگىلىكىدە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تارقىتىش ئۈچۈن ھازىر بەزى شەخسلەر، شىركەتلەر ۋە ئايرىم ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلات ناملىرى، ماركا ناملىرى، تور بېكەت ئىسىملىرى، تور ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلارنى ئۇيغۇر يېزىقىغا قوشۇمچە قىلىپ، قېلىپلاشمىغان لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەپ يەتكۈزىۋاتىدۇ (مەسىلەن: Qinnuri, HANATLAS, www.xabnam.com, ALDOS, IHLAS... دېگەندەك). نۆۋەتتە جەمئىيىتىمىزدە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەشنىڭ بىرنەچچە خىل لايىھىسى قىسمەن ساھەلەردە قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ لايىھىنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتى ئورگانلىرى تەرىپىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن يەرلىك ياكى دۆلەتلىك ئۆلچىمى، خەت شەكلى، ھەرپ نۇسخىلىرى، ئىملا قائىدىسى بولمىغاچقا، يېزىلىشى ھەر خىل، ھەرپ شەكىللىرىمۇ قالايمىقان بولماقتا.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەن-تەتقىقات خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن 2000- 2001- يىللىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىرقانچە قېتىم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك تىل-يېزىق خادىملىرى، كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسلىرى قاتناشقان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مۇزاكىرە، مۇھاكىمە ئارقىلىق بۇ مەسىلە توغرىسىدا مەلۇم ئورتاق خۇلاسىمۇ چىقارغانىدى. ئەمما تۈرلۈك ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسى ئىلمىي ۋە تېخنىكىلىق جەھەتتىن ھازىرغا قەدەر بىرلىككە كەلتۈرۈلمىگەنىدى. شۇنداق بولسىمۇ، جەمئىيىتىمىزدىكى ھەر ساھە كىشىلىرى، بولۇپمۇ بىر قىسىم ياشلار بىرقانچە يۈرۈش ئاتالمىش ‏«ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى» ۋە «ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى‏» نى (بۇنداق ئاتاش توغرا ئەمەس) تەشۋىق قىلماقتا ۋە زۆرۈر بولغان ئايرىم ساھەلەردە قوللانماقتا. مانا بۇ ئەھۋاللار بىزدىن ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەيدىغان يۇقىرىقىدەك ئۇسۇللارنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى جىددىي تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. بۇ خىل زۆرۈرىيەت تۈرتكىسىدە، كومىتېتىمىز جەمئىيەت تەكشۈرۈش ۋە ئاممىدىن پىكىر ئېلىش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ۋە ئورگانلارغا بۇ خىزمەتنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇشتۇردى. دۆلەتلىك تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى قاتارلىق ئورگانلار بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ، قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى. نەتىجىدە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىش خىزمىتى دۆلەتلىك تەتقىقات تېمىسى سۈپىتىدە كومىتېتىمىزنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلدى (بۇ تېمىنىڭ تەستىق نومۇرى: MZ115—68). نۆۋەتتە كومىتېتىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملار ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتە دەلىللەش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىپ كۆپچىلىككە سۇندى. شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، بۇ لايىھە پەقەتلا بىر تەتقىقات نەتىجىسىدىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئونى زۆرۈر تېپىلغان ئايرىم ساھەلەردە بىر خىل ياردەمچى ۋاسىتە سۈپىتىدە قوللىنىشقىلا بولىدۇ، ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىشكە ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ.



3. بۇ لايىھىدىكى ھەرپلەرنىڭ نامى، شەكلى ۋە سانى، شۇنداقلا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەشتىكى ئىلمىي ۋە تېخنىكىلىق ئاساسلار

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كىشىلەر ئىشلىتىپ بىرقەدەر ئادەتلەنگەن، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش ئۈلگىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ تۆۋەندىكى لايىھىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بۇ لايىھىدىكى ھەرپلەرنىڭ نامى، سانى ۋە ئېلىپبە تەرتىپى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنىڭ نامى، سانى ۋە ئېلىپبە تەرتىپى بىلەن ئوخشاش. بۇ لايىھىدە ھەرپلەرنىڭ پەقەتلا باسما نۇسخىسىنىڭ چوڭ، كىچىك شەكىللىرى قوبۇل قىلىندى. بۇ لايىھە ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىلمىيلىك پرىنسىپىگە ئاساسەن كومپيۇتېرنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ئىنگلىزچە 25 (جەمئىي 26 ھەرپ بار) ھەرپ ۋە كېڭەيتىلگەن رايوندىكى قىسمەن لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدا، ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر تاۋۇشقا بىر ھەرپ بولۇش تەلىپى بويىچە بېكىتىلدى.

بۇ لايىھىنىڭ ئېلىپبە جەدۋېلى




ئىلمىيلىك جەھەتتە:

بۇ لايىھىدە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ھەرپ بەلگىلەشتىكى ئاساسىي پرىنسىپى بولغان بىر ھەرپ بىر تاۋۇشنى ئىپادىلەش نىشانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

تېخنىكىلىق جەھەتتە:

1) بۇ لايىھىدە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى 32 ھەرپنىڭ 29 ى كومپيۇتېرنىڭ كۇنۇبكا تاختىسىدىكى 25 لاتىن ھەرپى بىلەن ئىپادىلىنىپ، قالغان ئۈچ ھەرپ (ئۆ، ئۈ، ئې، يەنى Ëë, Üü, Öö) لاتىن ھەرپلىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن رايونىدىن تاللاندى.

2) بۇ لايىھىدىكى «ئا، ئە، ب، پ، ت، ج، چ، خ، د، ر، ز، س، ش، غ، ف، ق، ك، گ، ڭ، ل، م، ن، ھ، ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ، ۋ، ئې، ئى، ي» قاتارلىق 31 تاۋۇشنى

«Aa, Ee,Bb, Pp, Tt, Jj, CH ch, Xx,Dd, Rr, Zz, Ss, SHsh, GHgh‏, Ff, Qq, Kk, Gg, NGng, Ll, Mm, Nn, Hh, Oo, Uu, Öö,Üü, Ww, Ëë, Ii, Yy»

قاتارلىق لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادە قىلىش خەلقئارادىكى كۆپ تىللاردا بىرقەدەر قېلىپلىشىپ بىرلىككە كەلگەن بولغاچقا، بۇ ھەرپلەر بىلەن يۇقىرىقى تاۋۇشلار ئىپادە قىلىندى. بۇنداق بولغاندا بىزنىڭ لاتىن يېزىقىنى قوللىنىدىغان باشقا تىللارنى ئۆگىنىشىمىزگە، باشقىلارنىڭمۇ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشىگە مەلۇم جەھەتتىن ياردىمى بولىدۇ.

3) «چ» بىلەن «غ» تاۋۇشى ئۇيغۇر تىلىدا نىسبەتەن كۆپ قوللىنىدىغان تاۋۇش بولسىمۇ، «چ» تاۋۇشى ئۈچۈن «CH,ch» قوشما ھەرپى، «غ» تاۋۇشى ئۈچۈن «GH,gh‏» قوشما ھەرپى ياسالدى. چۈنكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەر ئۇيغۇرچە تېكىستلەرنى لاتىنچە ھەرپلەر بىلەن ئىپادىلىگەندە، «چ» ۋە ‏«غ‏» تاۋۇشلرىنى «CH,ch» ۋە ‏«GH,gh‏» قوشما ھەرپى بىلەن ئىپادە قىلىشقا ئادەتلەندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلقئارادىمۇ يۇقىرىقى بەلگە بىلەن‏ بۇ ئىككى تاۋۇشنى ئىپادە قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز ئادەت كۈچىگە ھۆرمەت قىلغان ۋە خەلقئارا بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىغان ئاساستا مۇشۇ قوشما ھەرپلەرنى تاللىدۇق.

4) بۇ لايىھىدە ‏«ژ‏» ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپى ئۈچۈن ‏«ZH,zh‏» قوشما ھەرپى ياسالدى. چۈنكى ‏«ژ‏» ئۇيغۇر يېزىقىدا ئىنتايىن ئاز ئىشلىتىلىدىغان ھەرپ بولغاچقا، ئۇنىڭغا قوشما ھەرپ ياسالسا، ئىملا ۋە تەلەپپۇزدا باشقا ھەرپلەر بىلەن توقۇنۇشمايدۇ.

5) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ‏«ئۆ، ئۈ، ئې‏» ھەرپلىرى ئۈچۈن لاتىن ھەرپلىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن رايونىدىن ‏«Ëë, Üü, Öö» ھەرپلىرىنى تاللىدۇق. چۈنكى خەلقئارالىق ترانسكرىپسىيىدە ۋە باشقا بەزى يېزىقلاردا بۇ ھەرپلەر بىلەن يۇقىرىقى تاۋۇشلارنى ئىپادىلەش ئادەت بولغان.

بۇ لايىھىدىن ئۆرنەك

Yëqinda, bir zhurnaldin ëlimizning melum bir ölkiside yüz bergen ajayip tesirlik bir hëkayini oqup, ümidning adem üchün hemmidin muhim orunda turidighanliqini hës qilghandek boldum .

Aldinqi esirning 70-yillirida ëlimizning melum ölkisidiki chet, taghliq bir bazarda bir dëhqan ghelite bir xil këselge giriptar bolup qaptu. Dëhqanning kësilige nahiye we bazardiki doxturlar hëch amal qilalmaptu. CHünki, ular ezeldin bundaq këselni uchritip baqmighaniken, shuning bilen dëhqan ölkilik dohturxanigha bëriptu. Doxturlar uning kësilini tekshürüp körgendin këyin intayin heyran qaptu. CHünki, uning kësili az uchraydighan kësellik iken. Uni chet’eldin import qilin’ghan bir xil dora bilenla dawalighili bolidiken, lëkin tüp yiltizidin yoqatqili bolmaydiken, uning üstige bu xil këselge giriptar bolghan kishi köp bolghanda aran bir yërim yilla yashiyalaydiken. Tëximu epsuslinarliq yëri, bu dëhqan ölkilik dohturhanigha ketkende, uning yurtida yene alte adem bu xil këselge giriptar bolghan iken. Ularning hemmisi ghurbetchilikte kün ötküzidiken, hetta ölke merkizige bërishqa këtidighan yol kirasighimu chiqinalmaydiken.



4. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسىنىڭ قىسقىچە ئىملا قائىدىسى

ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسىنىڭ ئىملاسىنى ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسى بويىچە قوللىنىشقا ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. مۇشۇ زۆرۈرىيەتتىن بۇ لايىھىنىڭمۇ قىسقىچە ئىملا قائىدىسى تۈزۈپ چىقىلدى.

بۇ لايىھىنىڭ ئىملا قائىدىسى ئومۇمىي جەھەتتىن ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسى بىلەن ئوخشاش. ئەمما ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ھەرپلىرى، يېزىلىش يۆنىلىشى بىلەن لاتىن يېزىقىنىڭ ھەرپلىرى ۋە يېزىلىش يۆنىلىشى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان تېكىستلەرنى بۇ لايىھە بىلەن ئىپادە قىلىشقا توغرا كەلگەندە (ياكى ئەكسىچە بولغاندا)، بەزىبىر ئىملا مەسىلىلىرىگە يولۇقۇشىمىز تەبىئىي. يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن بۇ قىسقىچە ئىملا قائىدىسى تۈزۈلۈپ، پەرقلىق نۇقتىلار كۆرسىتىلدى.

بۇ لايىھىنىڭ ئىملا قائىدىسى بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلىنىدىغان نۇقتىلار تۆۋەندىكىچە:



1) سۆز تەركىبىدە ئالدىنقى بوغۇم ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلىشىپ، كېيىنكى بوغۇم سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغان بولسا، بۇنداق بوغۇملارنى ئالدىنقى بوغۇمدىن ئايرىش ئۈچۈن ئالدىنقى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئوڭ تەرەپ يۇقىرىسىغا بوغۇم ئايرىش بەلگىسى«’» قويۇلىدۇ.

مەسىلەن:

tash'eynek, tel'et, qel'e, sen'et, ün'alghu, kir'alghu, yen'en, chang'en...

2) سۆز تەركىبىدە ئىككى بوغۇمغا تەۋە «n» بىلەن «g» ۋە «n» بىلەن «gh» ھەرپلىرى قاتار كېلىپ قالغاندا، بۇلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىش ئۈچۈن ئالدىنقى بوغۇمدىكى «n» تاۋۇشىنىڭ ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قىسمىغا بوغۇم ئايرىش بەلگىسى «’» قويۇلىدۇ.

مەسىلەن:

ten'ge, kün'ge, ögen'gen, qilin'ghan, qamchilan'ghan

3) جۈملىنىڭ باش ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ.

مەسىلەن:

(1)Misir tarixida ular‏» sikoslar‏ «dep atilidu ....................................

Ariyanlarning bundaq zor türkümde köchüshini zadi nëme keltürüp chiqardi?

(2) Jem'iyette xilmuxil kesp mewjut, muhimi kespni toghra tallash.

4) كىشى ئىسىملىرى، يەر-جاي ناملىرى، ھەر خىل ماركا، مەھسۇلات ناملىرى، لوزۇنكا، ماۋزۇ، ئىدارە-ئورگان، تەشكىلات ناملىرى قاتارلىقلارنى بۇ لايىھە بىلەن يېزىشقا توغرا كەلسە، بۇ سۆزلەرنىڭ باش ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ ياكى ھەممە ھەرپلىرىنى چوڭ ھەرپ بىلەن يازسىمۇ بولىدۇ.

باش ھەرپى چوڭ يېزىلغانلىرى:

Yüsüp Xas Hajip, SHinjang Uyghur Aptonom Rayoni, Birleshken Döletler Teshkilati, Mehmud Kashigheri Tughulghanliqining Ming Yilliqini Tebriklesh Yighini, SHinjang Xelq Neshriyati

ھەممە ھەرپلىرى چوڭ يېزىلغانلىرى:

YÜSÜP XAS HAJIP, SHINJANG UYGHUR APTONOM RAYONI, BIRLESHKEN DÖLETLER TESHKILATI, MEHMUD KASHIGHERI TUGHULGHANLIQINING MING YILLIQINI TEBRIKLESH YIGHINI, SHINJANG XELQ NESHRIYATI...

5) ھەرپ بويىچە قىسقارتىلغان سۆزلەر چوڭ ھەرپ بىلەن ئۇلاپ يېزىلىدۇ.

مەسىلەن:

SM---santimëtir, BDT----- Birleshken Döletler Teshkilati

JXI---Jamaet Hewpsizlik Idarisi, SHUAR--- SHinjang Uyghur Aptonom Rayoni

6) بوغۇم بويىچە قىسقارتىلغان سۆزلەرنىڭ بىرىنچى ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ.

مەسىلەن:

Obkom--- Oblastliq Komitët, Partkom---- Partiye Komitëti

7) پاراگراف بەلگىسى ساندىن كېيىن يېزىلىدۇ. پاراگراف بەلگىسىدىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ.

مەسىلەن:

1§. 2§. 3§. 4§. 5§. 6§. 7§.

8) تىنىش بەلگىلىرىدىن سوئال بەلگىسى «?»، پەش «,»، چېكىتلىك پەش «;» لەر بۇ لايىھىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە قوللىنىلىدۇ.



5. بۇ لايىھىدىكى ھەرپلەرنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىغا جايلىشىشى

بۇ لايىھىدىكى ئىنگلىزچە كۇنۇپكا تاختىسىدا بولمىغان «ئۆ، ئۈ، ئې» (Ü, Ö Ë,) قاتارلىق ئۈچ ھەرپنىڭ كۇنۇپكىدىكى ئورنى ۋە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

ئىنگلىزچىنىڭ خەلقئارلىق كىرگۈزۈش ئۇسۇلى (English international key board layout, 美国英语__国际) نى قاچىلاپ، تاللىغاندىن كېيىن «ئۆ، ئۈ، ئې» (Ë,Ü,Ö) ھەرپلىرىنى تۆۋەندىكى بىرىكمە كۇنۇپكىلارنى بېسىش ئارقىلىق چىقىرالايسىز.

Shift+"+U

Shift+"+E

Shift+"+O


6. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تېكىستلەر بىلەن لاتىن ھەرپلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن تېكىستلەرنى بىر-بىرىگە ئايلاندۇرۇش يۇمشاق ماتېرىيالى

بۇ يۇمشاق ماتېرىيال ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان تېكىستلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادە قىلىشتا ياكى لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى بۇ لايىھە بىلەن يېزىلغان تېكىستلەرنى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئاپتوماتىك ئايلاندۇرۇشتا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يۇمشاق ماتېرىيال تېكىستلەرنىڭ مەيلى قايسى خىل ھەرپلەر بىلەن ئىپادە قىلىنىشىدىن قەتئىينەزەر ئىملانىڭ توغرا، تىنىش بەلگىلىرىنىڭ جايىدا قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا بىر-بىرىگە ئايلاندۇرۇلغان تېكىستنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

«ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسى» نى تەكشۈرۈپ بېكىتىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش






ئەسلى ﻣﻪﻧﺒﻪ: http://www.xjyw.gov.cn/Web/article.aspx?ArticleID=1088

ئورخۇن تور بېكىتىگە : « ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺳﯚﺯﻟﻪﻡ ﺗﻮﺭﻯ » دىن چاپلاندى !

ئورخۇن مۇنبىرى بەك تاتلىق بوپكېتىپتۇ جۇمۇ !
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 8921
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 7
شۆھرىتى: 45 نومۇر
پۇلى: 35 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-02-12
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
1-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 4كۈن بۇرۇن
لاھىيەسىغۇ بولغاندەك قىلىدۇ. بىراق:
تىل-يېزىق كومتىتىدىكىلەر داۋاملىق سۆرەلمىلىك بىلەن ئىش قىلامدىغاندۇ. ھەممە نەرسە ئومۇملىشىپ بولغاندا ئاندىن ئۆلچەملەشتۈرىمەن، قېلىپلاشتۈرىمەن دەپ چىققان. ئەسلىدە كومپىيوتېرنى كۆگەندىلا بۇنى بىزلەرنىڭ يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ  چوقۇم ئىشلىتىغانلىقىنى ئويلاش كېرەكتى. 10 نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ لاھىيەنى ئوتتۇرىغا قويغىنىنى.
(لويىنجى، بىڭشاڭ، شىيىجى دەپ ئادەتلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن بۇنى ئۈنئالغۇ، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ دەپ ئىشلىتىمىز دىگەنگە ئوخشاش)
باشقىلار ئۇخلاپ قالسىمۇ تىل-يېزىق كومتىتىدىكىلەر ئۇخلاپ قالماڭلار، ئۈگۈنۈپ قالسا ئۆزگەرمەك بەك تەس.
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: ياساۋۇل
UIDنومۇرى: 2641
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 35
شۆھرىتى: 166 نومۇر
پۇلى: 290 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 51(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-06-12
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-09
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 4كۈن بۇرۇن
مېنىڭ ئۆز قارىشىم:
     مەيلى تىل كومۇتىتىنىڭ دىگىندەك بولسۇم ۋە ياكى بەزى ئوت يۈرەكلەرنىڭ تەشەببۇسى بولسۇن، يەنە بىر مەيدان ساۋاتسىزلىق ئىنقىلاۋى قوزغاشقا قەتىئى يول قۇيۇشقا بولمايدۇ، بۇرۇن «تۈت كىشىلىك گۇرۇھ» بىر تۈركۈم كىشىنى ساۋاتسىز قۇيدى،ئەمدى قۇپۇپ، يەنە، بىر ئۇچۇم ياش گۇرۇھلارنىڭ بىر تالاي ياشلارنى ساۋاتسىز قۇيۇشىغا قاراپ تۇرۇشقا بۇلمايدۇ، بىزنىڭ ھازىرقى يېزىقىمىز ھېچقاچان لاتىن يېزىقىدىن كەم ئەمەس، لاتىن يېزىقىنى تەشەببۇس قىلىش يەنىلا ئۈزىمىزنى چۈشۈرگەنلىك بىلەن باراۋەر....(بەزىلەر دىيىشى مۈمكىن: كومپىيۇتىردا ئەپ ئەمەس دەپ،بىراق بۇ ئەرەپ يېزىقىدىن ئۆزگىرىپ بىزنىڭ تىلىمىز ،دىلىمىزغا ئۆزگىرىپ كەتكەن يېزىق يەنىلا بىزگە قەدىرلىك)بىز باشقىلارغا يېزىق ئىجات قىلىپ بىرىپ ،ئۈزىمىزگە يېزىق قالدۇرمىغان مىللەت بۇلۇپ قالمايلى، بۇ قېتىمقى خەلق قۇرۇلتىيىدا خەنزۇ يولداشلار بۇرۇنقى كونا خەنزۇ يېزىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خەلق قۇرۇلتىيىغا تەكلىپ قىلىپ قۇيدى،گەرچە كونا خەنزۇ يېزىقى مۇرەككەپ بولسىمۇ ،كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەن.چۈنكى، يېزىق مىللەتنىڭ ئىخچام كۈرۈنىشى.
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 1787
جەۋھەر يازمىسى: 6
يوللىغان يازمىسى: 432
شۆھرىتى: 688 نومۇر
پۇلى: 4305 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 756(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 3كۈن بۇرۇن
ئۇيغۇر ئەرەپ يېزىقى ئىشلىتىش مۈمكىن بولمىغان بەزى ئورۇن ۋە مۇھىتتا ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش بۇ لايىھىسى ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق، يەنە كېلىپ بۇ بىزنىڭ باشقا تۈركى مىللەتلەر بىلەن بولغان ئارىلىقىمىزنى يېقىنشلاتۇرىدۇ، ھازىرقى يېزىقنى ساقلاپ قالغان ئاساستا بۇنى قوشۇمچە سۈپىتىدە ماس ئورۇنلاردا ئىشلىتىش ئەقىلگە مۇۋاپىق. لېكىنزە rawajlan ئەپەندى ئېيتقاندەك، بۇ يېزىق لايىھەسى ھەقىقەتەنمۇ كېچىكىپ كەتتىدە.
ئەركەم تورى
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 1760
جەۋھەر يازمىسى: 4
يوللىغان يازمىسى: 316
شۆھرىتى: 1230 نومۇر
پۇلى: 3020 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 231(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 3كۈن بۇرۇن
qoute
引用第2楼QINMAQIN于2009-03-08 03:19发表的  :
مېنىڭ ئۆز قارىشىم:
     مەيلى تىل كومۇتىتىنىڭ دىگىندەك بولسۇم ۋە ياكى بەزى ئوت يۈرەكلەرنىڭ تەشەببۇسى بولسۇن، يەنە بىر مەيدان ساۋاتسىزلىق ئىنقىلاۋى قوزغاشقا قەتىئى يول قۇيۇشقا بولمايدۇ، بۇرۇن «تۈت كىشىلىك گۇرۇھ» بىر تۈركۈم كىشىنى ساۋاتسىز قۇيدى،ئەمدى قۇپۇپ، يەنە، بىر ئۇچۇم ياش گۇرۇھلارنىڭ بىر تالاي ياشلارنى ساۋاتسىز قۇيۇشىغا قاراپ تۇرۇشقا بۇلمايدۇ، بىزنىڭ ھازىرقى يېزىقىمىز ھېچقاچان لاتىن يېزىقىدىن كەم ئەمەس، لاتىن يېزىقىنى تەشەببۇس قىلىش يەنىلا ئۈزىمىزنى چۈشۈرگەنلىك بىلەن باراۋەر....(بەزىلەر دىيىشى مۈمكىن: كومپىيۇتىردا ئەپ ئەمەس دەپ،بىراق بۇ ئەرەپ يېزىقىدىن ئۆزگىرىپ بىزنىڭ تىلىمىز ،دىلىمىزغا ئۆزگىرىپ كەتكەن يېزىق يەنىلا بىزگە قەدىرلىك)بىز باشقىلارغا يېزىق ئىجات قىلىپ بىرىپ ،ئۈزىمىزگە يېزىق قالدۇرمىغان مىللەت بۇلۇپ قالمايلى، بۇ قېتىمقى خەلق قۇرۇلتىيىدا خەنزۇ يولداشلار بۇرۇنقى كونا خەنزۇ يېزىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خەلق قۇرۇلتىيىغا تەكلىپ قىلىپ قۇيدى،گەرچە كونا خەنزۇ يېزىقى مۇرەككەپ بولسىمۇ ،كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەن.چۈنكى، يېزىق مىللەتنىڭ ئىخچام كۈرۈنىشى.


بۇ تېمىنى ياخشى ئوقۇپ چۈشىنىپ ئىنكاس يازدىىڭىزمۇ ؟ يا بېشىغا قاراپ بېقىپلا ئەرەپ يېىزىقىدىن لاتىنچىغا ئۆتىدىكەنمىز دەپ قالدىڭىزمۇ ؟
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 4400
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 102
شۆھرىتى: 152 نومۇر
پۇلى: 890 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 66(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-09-17
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-09
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن
مەن شەخسەن مۇشۇنداق قانۇنلۇق ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى لايىھەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىنى بەكمۇ ئۈمۈت قىلغانتىم.
بۇ ھەممىمىز ئالقىشلاشقا تېگىشلىك مەسىلە!بۇ ئەلۋەتتە ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئورنىغا دېسسىتىلمەيدۇ،بەلكى بىر قورال سۈپىتىدە ھەر ساھەدە ئىشلىتىلىدۇ،ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى يېزىق قالايمىقانچىلىغىنى ھەل قىلىدۇ،بۇ ئەمگەكنىڭ بىزگە پايدىسى بولسا باركى،ھەرگىزمۇ زىيىنى يوق!شۇڭا بەزى تورداشلارنىڭ ھە دىگەندە بۇ ئىشقا سوغۇق سۇ سەپمەسلىگىنى ،ئۈگەڭۈسى بولمىسا باشقىلارنىڭ ئەمگىگە ھاقارەت قىلماي،ھۆرمەت قىلىشىنى شەخسى نامىمدىن سورايمەن.
بۇنىڭغا قارشى چىققۇچىلارغا شۇنى دېگۈم كېلىدۇ،لاتىن يېزىقىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ئىشلىتىلىشىنى ھىچكىم توسۇپ قالالمايدۇ،بۇ جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى.ئەتراپىڭىزغا قاراپ بېقىڭ،ئۇيغۇر شىركەتلىرى ۋە ئۇنىڭ قايسى بىر مەھسۇلاتىدا لاتىنچە يېزىلغان ئۇيغۇرچە خەت يوق!ئۇلار نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ؟سەۋەبى بەك ئاددى،ئىقتىساد كۈندىن-كۈنگە يەرشارىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە،ئۇيغۇر مېلىنىڭ نامىنى  ئەرەب يېزىقىدا يازسىڭىز ئۇنى بىلىدىغانلار قانچىلىك؟ ئۇنىڭ تونۇلىشى قانچىلىك بولار؟
ئاددى بىر مىسال ئارمان شېركىتىنىڭ نامى كونا يېزىقتىلا يېزىلسا،ئۇنى بىزدىن باشقا ھىچقانداق مىللەت تونۇماسلىغى مۈمكىن،ئەگەر ئۇنى لاتىنچە يېزىلسا،خەنزۇلاردىن تارتىپ،چەتئەللىكلەرگىچە بۇ ئۇيغۇر ماركىسىنى مەنىسىنى بىلسۇن بىلمۇسۇن تەلەپپۇز قىلالايدۇ،ئاشۇنداق نامدىكى بىر ماركىنى قوبۇل قىلىدۇ.ياپونلار بۇنىڭ تەمىنى ئوبدان تېتىغان مىللەت.سىز قاراپ بېقىڭ،ئۇلارنىڭ قايسى بىر مەھسۇلاتىدا ياپونچە يېزىق بار،ئۇلار دۇنيا بازىرىنى ئىگەلللەش،ئېنىقراقىنى ئېيتقاندا دۇنيا-پەنتېخنىكىسىدىكى ھۆكۈمرانلار بولغان لاتىن تىلى سېستىمىسدىكى غەرپلىكلەرگە ئۆز مەھسۇلاتىنى ئۆز تىلىنى ئاشۇلارنىڭ يېزىقى ئارقىلىق ئىپادىلەپ تونۇتتى.تويوتا،سۇزۇكى،سوني دىسە ھېلىغۇ ياۋروپالىقلاركەن،تەكلىماكاننىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىدىكى ئەڭ بېكىنمە يېزا قىشلاقتىكى ئۇيغۇرلىرىمىزمۇ ئاشۇ ماركىلارنى تونۇيدۇ،چۈنكى بىزمۇ ئاشۇ لاتىنچىنى ئانچە-مۇنچە تونۇيمىز ئەمەسمۇ. ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدىكى ئەڭ ئاساسى قورال كومپيوتەردا بۇ خىل يېزىقنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.....سۆزلىسەم گەپ تولا.
ئىشقىلىپ ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆزىمىز بوغمايلى،بۇ خىل يېزىقنى ئۈگىنىش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس،كۆڭۈل قويغان ئادەمگە ئاز بولغاندا 1كۈنلۈك ۋاقىت يېتەرلىك.
قاملاشمىغان تەنتەكلەرچە ئىنكاسلارنى يېزىپ،ئۆزىمىزنىڭ يۈزىمىزگە ئۇرمايلى دوستلار!
يۇقۇرقى سۈرەتتىكى كىشىلەر ئۇيغۇر خەلقىگە ۋەكىللىك قىلغۇچىلىگى بار،مۇشۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق ئەرباپلار،سىز-بىز ئۇلارنىڭ بۇ خالىس ئىلمى ئەمگىگە ھۆرمەت قىلايلى!
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 4400
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 102
شۆھرىتى: 152 نومۇر
پۇلى: 890 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 66(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-09-17
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-09
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن
باشقىنى قويۇپ، مۇشۇ توردىكى ئۆزىمىزنىڭ لاتىنچە يېزىۋالغان ئىسىملىرىمىزغا كۆز يۈگۈرتۈپ باقايلى،خاتالىق،قالايمىقانچىلىق شۇنداق كۆپ،
ھەركىم ئۆزى بىلگەنچە يېزىۋالغان ئەھۋال ئېغىر،ھەتتا بىر خىل ئىسىم ئوخشىمىغان ئوقۇلۇشتا تولىمۇ سەت مەنىلەرنى بېرىپ قويىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىۋاتىدۇ.،چۈنكى ھازىرغىچە قانۇنلۇق قېلىپلاشقان مۇنتىزىم ئۆلچەم بارلىققا كەلمەي كەلگەن.مۇشۇنداق بىر ئۆلچەمنى تۇرغۇزغانننىڭ نىمىسى يامان.
مەلۇم بىر  تورداش ئىسمىنى  پىنيىن بويىچە “xaya”دەپ قويۇۋاپتۇ،دىمەكچى بولغىنى شايارلىق دىمەكچىكەن،لېكىن بۇنى ھازىرقى ئۆلچەملىك ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا تەلەپپۇز قىلساق ...نىمە دەپ ئوقۇلىدۇ،ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن ئىچى ئېچىشىدۇ بۇ قالايمىقانچىلىققا.
yol
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 7484
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 8
شۆھرىتى: 10 نومۇر
پۇلى: 90 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 36(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-12-16
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-09
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن
باشقىنى قويۇپ، مۇشۇ توردىكى ئۆزىمىزنىڭ لاتىنچە يېزىۋالغان ئىسىملىرىمىزغا كۆز يۈگۈرتۈپ باقايلى،خاتالىق،قالايمىقانچىلىق شۇنداق كۆپ،
ھەركىم ئۆزى بىلگەنچە يېزىۋالغان ئەھۋال ئېغىر،ھەتتا بىر خىل ئىسىم ئوخشىمىغان ئوقۇلۇشتا تولىمۇ سەت مەنىلەرنى بېرىپ قويىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىۋاتىدۇ.،چۈنكى ھازىرغىچە قانۇنلۇق قېلىپلاشقان مۇنتىزىم ئۆلچەم بارلىققا كەلمەي كەلگەن.مۇشۇنداق بىر ئۆلچەمنى تۇرغۇزغانننىڭ نىمىسى يامان.
مەلۇم بىر  تورداش ئىسمىنى  پىنيىن بويىچە “xaya”دەپ قويۇۋاپتۇ،دىمەكچى بولغىنى شايارلىق دىمەكچىكەن،لېكىن بۇنى ھازىرقى ئۆلچەملىك ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا تەلەپپۇز قىلساق ...نىمە دەپ ئوقۇلىدۇ،ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن ئىچى ئېچىشىدۇ بۇ قالايمىقانچىلىققا.


ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمىمۇ  خاتا  يىزىلىپ قالغاندەك  تۇرامدۇ نىمە؟   jezire ئەسلى  مۇنداق  بولارمىكىن دەيمىنا؟؟!!
yol
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 47
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-02-07
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن
قوللاشقا تېگىشلىك لاھىيە ئىكەن.
بۇندىن كېيىن مۇشۇ لاھىيەنى ئاساس قىلساق بولغۇدەك .
yol
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !