**************************************
يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلىڭ
**************************************
قاراخانىيلار دەۋرىدە ئۆتكەن ئاتاقلىق دۆلەت ئەربابى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇتەپەككۇر ئالىمى، پەيلاسوپ ۋە شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ (مىلادى 1018 -1085 - يىللار) قەشقەر تۈمەن دەرياسى بويىدىكى «بارىگاھ» دېگەن يەرگە دەپنە قىلىنغان. ئابدۇرېشىتخان دەۋرىدە (1533 - 1570 - يىللاردا) ئالىمنىڭ قەبرىسى تۈمەن دەرياسى كەلكۈنىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قەشقەر شەھىرىنىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسى يېنىدىكى پايناپ مەھەللىسىگە يۆتكەلگەن ۋە بىر نەچچە قېتىم رېمونت قىلىنغان. 1988 - يىلى بۇرۇنقى نۇسخىسىنى ئاساس قىلىپ ئۆز ئورنىغا قايتا ياساپ چىقىلدى. ئالىمنىڭ يېڭىدىن تۇرغۇزۇلغان بۇ كۆركەم ۋە ھەشەمەتلىك مازار دۆلەتلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان قۇرۇلۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مۇتەپەككۇر ئالىم ۋە شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەقبەرىسىنى بۇ مەنزىلدىن زىيارەت قىلىڭ:
http://uzuyghur.blogspot.com/2009/03/yusup-xas-hajip-meqberisi.html**********************************