قىرغىز - ئۇيغۇر مۇناسىۋەتلىرىگە تارىخى خاتىرىلەردىن نەزەر
باتۇر تەڭىرقۇت دەۋرىدە «... دىڭلىڭ،جىيەنكۇن ....قاتارلىق ئەللەر بېقىندۇرۇلغان».
( < تارىخى خاتىرىلەر،ھۇنلار تەزكىرىسى>خەنزۇچە)5،-پارگىراپ)
تارىخى خاتىرىلەردە، ئۇيغۇر ۋە قىرغىزلارنىڭ قەدىمقى ئەجداتلىرىنى ئەنە شۇنداق ناملار بىلەن ئاتىغان،ھەمدە بۇ ئىككى قەۋىمنى بىرلىكتە تىلغا ئالغان، شۇنىڭدىن قارىغاندا، قىرغىز بىلەن ئۇيغۇرنىڭ قەدىمقى ئەجداتلىرى باتۇر تەڭرىقۇت دەۋرىدىمۇ بىرلىكتە ياشاپ،مەلۇم بىر سىياسى بىرلىك بۇلۇپ ئۇيۇشقان،ئەڭ قەدىمى،ئەڭ ئۇيۇشقان مىللەتلەرنىڭ(ياكى قەبىلە بىرلەشمىسىنىڭ) بىرى دەپ قاراشقا بۇلۇدۇ.دىڭلىڭلار ، تەرەققى قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاستە ئىتنىك مەنبەسىنى تەشكىل قىلىش بىلەن بىرگە ،نۇرغۇن تۈركى تىللىق مىللەتلەرنىڭ تەشكىللىنىشىدە بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق روللارنى ئوينىغىنىغا ئوخشاش،جىيەنكۇنلەرمۇ مۇشۇنداق بىر تارىخى تەكرارلىنىشلارغا قاتناشتى،بۇ جەريان ، بىز دىگەندەك ئۇنچە ئاددى داۋاملاشمىدى،بەزىدە ئۇ ،بەزىدە بۇ دىگەندەك، قايسى ئۇرۇق ياكى قايسى قەبىلە ئۈستۈن كەلسە شۇ قەبىلە ئىتتىىپاقنى تەشكىللەپ ،بەزىدە ئۈزىنىڭ ھىساۋى،بەزىدە باشقىلارنىڭ پايدىسىغا ھەركەت قىلدى ،بىز، دىڭلىڭلارنى دەل ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈزى دىيەلمىگىنىمىزگە ئوخشاش ،جىيەنكۈنلەرنىمۇ ھازىرقى قىرغىزلارنىڭ دەل ئۈزى ئىدى دىيەلمەيمىز،شۇنداقلا بۇلار ئۇيغۇر ۋە قىرغىزنىڭ بىۋاستە ئەجدادى ئەمەستى دىسەكمۇ بەكمۇ خاتالاشقان بۇلۇمىز.ئۇندىن باشقا، بۇ ئىككى خەلق ئەنە شۇخاتىرىلەرگە ئېلىنىشتىن مۇقەددەم، دوسلۇق يەنى ئېلىم بىرىم،قۇدا -باجىلىق ،ئۆز -ئارا دۈشمەنگە قارشى بىرلىك مۇناسىۋەتلىرىدە بۇلغىنى شۆبھىسىز.بۇنىڭدىكى ئاساسى سەۋەپ:بۇلارنىڭ تىلى ،قەۋىم ئېڭى،جايلاشقان ئۇرنىنىڭ يېقىنلىقى،ئۆرۈپ ئادىتىنىڭ چوڭ جەھەتتىن ئوخشاش،قىسمەن جەھەتتىنلا ئۆزگىچە ئىكەنلىكى سەۋەپ بولغان ئىدى.
يەنە بىر جەھەتتىن مۇشۇ دەۋىرلەدىن باشلاپ دىڭلىڭ ۋە جىيەنكۇن قەبىلىلىرىنىڭ ھۇن قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىشىپ يۇرغۇلۇشنىڭ بىر جەريانى باشلانغان دىيىشكە بۇلۇدۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ تارىخى خاتىرىلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى ھۇنلار ئىدى، دىگەن قاراش شەكىللەنگەن،بۇ دىگەنلىك ئۇيغۇر ھۇنلارنىڭ دەل ئۈزى ئىدى دىگەنلىك بولمىسىمۇ،مەلۇم جەھەتتنىن ئۇيغۇرنى ھۇنلاردىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ،(ھازىر نۇرغۇن تۈركى مىللەتلەر ئۆزلىرىنى ھۇنلارغا باغلاشقا تەلپۈنگەندەك).
ئەسكەرتىش:1.بىز بۇيەردە تارىخى خاتىرىلەردىكى ئۈزۈندىلەرنى ئۇقۇش بىلەن بىرگە ،بۇ ئىككى مىللەتنىڭ تارىختىكى دوسلۇقىنى تېپىپ چىقىشنى نىيەت قىلىپ ئۇلتۇرۇپتۇق،ئۈتۈنۈدىغىنىم گەپ تۈگۈمىگىچە گەپنىڭ بىلىگە تەپمىسەڭلار.(ئىلمى مۇنازىرە بۇنىڭ سىرتىدا)
2.بۇ پەقەت مېنىڭ تارىخى خاتىرىلەرنى ئۇقۇش جەريانىدىكى تەسىراتىم،يەكۈن ئەمەس،باشقا تور بەتلەرگە چاپلاپ ،گەپنى شاخلىتىپ يامان تەسىر پەيدا قىلسىڭىز ئۈزىڭىز ئىگە.
( داۋامى خۇدا بۇيرىسا ئەتە ھۇزۇرىڭىزدا)
داۋامى داۋاملىق ئىزلىنىش تەرەققىسىدە يوللۇنىدۇ.