ئورخۇننى قوللامسىز؟ مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى Munber hetni Nurmal Korelmigenler
قورال ئىشىلتىش ئادرېسىنى كۆچۈرۈش | ساقلىۋېلىش | پىرىنتىرلاش
دەرىجىسى: ياساۋۇل
UIDنومۇرى: 7408
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 26
شۆھرىتى: 132 نومۇر
پۇلى: 290 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 13(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-12-13
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
باش يازما  يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن

 ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر



ئاپتورى: ئەنىۋەر سەمەد قورغانىي

پەرھىز (Taboo) ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ھەر بىر ساھەسىدە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغان بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسىسى بولۇپ، ھازىرقى زامان فولكلور ئىلمىدە بۇ خىل مەدەنىيەت ھادىسىسىگە دەسلەپتىلا ئېتىبار بېرىلگەن. يېقىنقى مەزگىللەردە پەرھىز ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلەر تەدرىجىي رەۋىشتە مەدەنىيەت ئىنسانسۇناشلىقى، مىللەتشۇناسلىقى، پسىخولوگىيە ۋە باشقا بارلىق ئىجتىمائىي پەنلەر دائىرىسىدە تېخىمۇ كۆپ دىققەت - ئېتىبارغا سازاۋەر بولماقتا. پەرھىز ئىنسانلار جەمئىيىتنىڭ تەرەققىياتىنى مەلۇم جەھەتلەردە ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭدا ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. بۈگۈنگىچە بىز سانسىز پەرھىزلەر تورى ئىچىدە ياشاپ كەلگەن بولساقمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى دېگەندەك چوڭقۇر ھېس قىلالماي كەلدۇق.
      بۇ ئەسەر ئۇيغۇر خەلق پەرھىزلىرى بىر قەدەر سېستىمىلىق توپلانغان، تونۇشتۇرۇلغان ۋە مۇلاھىزە قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، كىتابتا ئەمەلىي ماتېرىياللار ۋە يازما ۋەسىقىلەر ئاساسىدا، فولكلور ئىلمىي نۇقتىسىدىن ئۇيغۇر خەلق پەرھىزلىرى ئەستايىدىل رەتكە سېلىندى ھەم ئىنچىكە تۈرلەر ئىچىدە مۇلاھىزە قىلىندى ۋە تونۇشتۇرۇلدى. پەرھىزنىڭ مەنىسى، پەيدا بولۇش ئاساسلىرى، ئالاھىدىلىكلىرى، ئىجتىمائىي رولى، ساقلىنىشى ۋە ئۆزگىرىشى، تەرەققىيات يۈزلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەر شەرھلەندى. قىسقىچە ئېيتقاندا، بۇ كىتابتا پەرھىز ئادىتى نۇقتىسىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى يورۇتۇپ بېرىلدى.
      ئۇيغۇر ئۆرپ - ئادەتلىرى ئىچىدە پەرھىزلەر ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما چېچىلاڭغۇ، شۇنداقلا ئۆرپ - ئادەت ۋە يوسۇنلار بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇغان مەنىۋى ھادىسىدۇر. ئۇيغۇر خەلق پەرھىزلىرى ئاۋام ئىشەنچىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، ئۇ كۆپىنچە ھەر خىل ئۆرپ - ئادەت ھادىسلىرى بىلەن باغلىنىپ بىرىكىپ كەتكەن. مۇشۇنداق ئەھۋالدا پەرھىز ماتېرىياللىرىنى كونكرېت ئادەت ھادىسلىرى ئىچىدىن ئىلغاپ ئېلىش ھەمدە ئۇلارنى مۇلاھىزە قىلىش، ئاندىن ئاشۇ پەرھىزلەر بىلەن باغلىنىشلىق ئادەتلەر ئىچىگە قايتىپ پەرھىز ئارقىلىق شۇ ئادەتلەرنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى چۈشىنىش ۋە شەرھلەش مەزكۇر كىتابتىكى ئەھمىيەتلىك بىر نۇقتا ۋە نىشاندۇر.

      بۇ كىتابتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ پەرھىز ئادەتلىرىنى بىر قەدەر تولۇق قېزىپ چىقىش ۋە سىستېمىلىق يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىغا دىققەت قىلىنغان:
      1. ئەمەلىي ماتېرىياللارنى توپلاش خىزمىتى
      خەلق ئارىسىدا ساقلىنىپ تۇرغان ھەر قايسى ساھەلەردىكى پەرھىزلىك ھادىسلەرنى تولۇق قېزىپ چىقىش ۋە توپلاش، تولۇق ۋە ئىشەنچىلىك بىۋاسىتە ماتېرىيالغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ پەرھىز ئادىتىگە قارىتا خېلى ئۇزاق مەزگىللىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى. تەكشۈرۈش ئوبيېكتى تاللاشتا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى نىسبەتەن مۇكەممەل ساقلىنىۋاتقان يېزا - قىشلاقلار ئاساس قىلىنىپ، پەرھىز ئادىتىنىڭ ساقلىنىش، ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئىمكانقەدەر تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن ھەر خىل ياشتىكى ۋە ھەر خىل مەدەنىيەت سەۋىيىسىدىكى كىشىلەر تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىندى. نەتىجىدە نىسبەتەن مول بولغان بىۋاسىتە ماتېرىيال ـــ ئۇيغۇرلارنىڭ پەرھىز ئادىتى، پەرھىزلىك قاراشلىرى ۋە ئىرىملىك ئىشەنچ - ئېتىقادلىرى ھەققىدىكى ماتېرىياللار توپلاندى.
      2. يازما ماتېرىيال توپلاش خىزمىتى
      ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆرپ - ئادىتىنىڭ ھەر بىر ساھەسىدە مەۋجۇت بولغان ئىلگىرىكى پەرھىزلىك ئادەتلەرنى بىلىش ھەم شۇ ھەقتىكى ماتېرىياللارنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى ئىككى تۈرلۈك ماتېرىيالنى توپلاشقا ئېتىبار بېرىلدى:
      1) ئېلىمىزنىڭ قەدىمدىكى تارىخ كىتابلىرى: ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردە پۈتۈلگەن ئەسەرلەردىن «ۋېينامە»، «سۈينامە»، «كونا تاڭنامە»، «ئەلنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي ئۆرنەكلىرى»، «يۈەن سۇلالىسى تارىخى» قاتارلىقلاردا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ مەنىۋى ئېتىقادىغا ئائىت خاتىرىلەر بولغاندىن سىرت، يەنە ھەر قايسى دەۋرلەردە غەربىي رايونغا كەلگەن سەيياھلارنىڭ ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن «بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى غەربكە ساياھەت خاتىرىسى»، «غەربىي يۇرتتا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىم»، «مۇسۇلمان يۇرتلىرىنىڭ ئومۇمىي ئالاقىدار بايانلار بار بولۇپ، ئۇلار كەم بولسا بولمايدىغان ماتېرىياللاردۇر.
      2) ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەسەرلەر: ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا بارلىققا كەلگەن پەرھىز ئادىتى ۋە ئىرىملىك ئىشەنچ - ئېتىقاد خاتىرىلەنگەن ئەسەرلەردىن مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» («تۈركىي تىللار دىۋانى»)، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ»، بۇددىزم دەۋرىگە تەئەللۇق «مايترى سىمىت»، «ئىككى تېكىننىڭ ھېكايىسى» ۋە باشقا يازمىلار، مۇھەممەد ئىۋەز قاراقاشىينىڭ «مەجمۇئەتۇل ئەھكام» ناملىق قامۇس خاراكتېرلىك كىتابى، شۇنداقلا «سالنامە» قاتارلىق ئەسەرلەر، قىسمەن تەزكىرىلەر، ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەر ھەمدە يېقىنقى يىللاردا نەشر قىلىنغان تىل، ئەدەبىيات، مەدەنىيەت ۋە تارىخقا ئائىت ئەسەرلەر پەرھىز تەتقىقاتىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ماتېرىيال مەنبەسىدۇر.
      3) دىنىي ئەسەرلەر: ئىسلام دىنىغا ئالاقىدار دەستۇر ۋە ئەسەرلەردىن «قۇرئان كەرىم» ۋە تۈرلۈك ھەدىس كىتابلىرى، شۇنداقلا دىنىي ئەقىدە شەرھلەنگەن بىر قىسىم ئەسەرلەرمۇ پەرھىز تەتقىقاتىدىكى مۇھىم ماتېرىياللاردۇر. شۇ نۇقتا ئايان بولۇشى كېرەككى، بۇ ئەسەرلەر ئۇيغۇر خەلق پەرھىزلىرىنى توپلاشتىكى مەنبە ئەمەس، بەلكى خەلق ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن پەرھىز ئادىتىنى دەلىللەشتە تايىنىدىغان مەنبەلەردۇر.
توردىن سېتىۋالماقچى بولغانلار http://www.sazgu.com  غا مۇراجىئەت قىلغاي.
yol
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !