« 1 2345» Pages: ( 1/5 total )
نۆۋەتتىكى تېما : گېن تەتقىقاتچىلىرىنى ھەيران قالدۇرغان ئۇيغۇر  گېن تىپى قۇرۇلمىسى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 8752ـ كۆرۈرمىنى
moljer

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 449
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-07-07
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 گېن تەتقىقاتچىلىرىنى ھەيران قالدۇرغان ئۇيغۇر  گېن تىپى قۇرۇلمىسى

0
ھازىرقى زامان ئىنسانشۇناسلىق ئىلىمىدە ئىنسانلارنىڭ DNA قۇرۇلمىسى مۇھىم بىر تەتقىقات تىمىسى بۇلۇپ، DNA تۈزۈلىشىگە ئاساسەن ھازرىقى ئىنسانلارنىڭ قايسى رايوندىن كۆچۇپ كەلگەنلىگىنى،قانداق مىللەتلەر بىلەن بىرككەنلىگنى ، قانداق مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا قېرىنداشلىق ۋە تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلىش ئۇنىڭ مۇھىم بىر تەتقىقات يۆنىلىشىدىن ئىبارەت. ئەنە شۇ DNA قۇرۇلمىسغا ئاساسەن ئىنسانلارنىڭ يازما تارخ ماتىرياللىرى جاۋاپ بىرەلمىگەن چىگىش سۇئاللارغا جاۋاپ تېپىش تامامەن مۇمكىن. يەنى تارختا خاتىرلەنمىگەن ئىزلار دەل ئىنسانلارنىڭ DNA قۇرۇلمىسىدا خاتىرلەنگەن ۋە ساقلانغان.DNA زەنجىرى ئەشۇ قەدىمقى ئىنسانلارنىڭ گېن ئالاھدىلىكىرنى ھازىرقى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈپ بەرگەن.
ئۇيغۇرلار يىپەك يولىنىڭ غول لىنىيسىدە ، يەنى كېسىشمە يولىدا ياشىغان بىر مىللەت بۇلۇشى سۈپىتى بىلەن بۇ جۇغىراپىيلىك ئالاھىدە شارائىت ئۇيغۇرلاغا باشقىچە ئالاھىدە ئىزلارنى قالدۇرغان.مەدىنيەتتكى ئۆزگىچىلىك . يەنى غەرىپ -شەرىق، جەنۇپ- شىمالدىن كەلگەن مەدىنيەتنىڭ بىركىشى ،يۇغۇرلىشى ۋە تېخىمۇ مۇكەممەللىشى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر چىرايلىرنىڭ ئۆزگىچىلگى، ھەرخللىغى. سىز ئەتىراپىڭىزدىكى ئۇيغۇرلار ئارسىدىن نېگىرلاردىن باشقا دۇنيادىكى ھەممە ئېرىقلارنى ئاساسەن تاپالايسىز . كۆك كۆز ،سېرىق چاچ ياۋۇرپالىقلارنى، قارا چاچ، قارا كۆز، قاڭشالىق ئىرانلىقلارنى، يالاڭ قاپاق، قارا تۈز چاچلىق شەرقى ئاسيالىقلارنى. دىمەك ئۇيغۇرلارنىڭ گېىن تىپى ئالاھىدە، يەنى بىر ئارلاشما تىپ.
گەرچە ئۆزەمنىڭ كەسپى تارىخ ،ياكى ئىنسانشۇناسلىق بىلەن مۇناسىۋەتىسىز بولسىمۇ بىراق ئىنسانىيەتىنىڭ يىراق ئۆتمۈشتىكى تارىخى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارغا كۈچلۈك قىزىقىشىم بار. شۇ سەۋەپتىن تورغا چىقسام چەتئەل تورلىردا مۇشۇنداق تىمىلارغا ئائىت مۇنبەرلەردە چېپىپ يۈرۈيمەن. ئەشۇنداق مۇنبەرلەرنىڭ بىرىدە مۇنداق بىر قىزقارلىق تىمىنى ئۇچىىرتىپ قالدىم. يەنى بىر ئاق تەنلىك ئامىركىلىق ئۆزىنىڭ گېنىنى تەكشۈرتكەندە تەكشۈرۈش نەتىنجىسى ئۇنى ئۇيغۇر گېىن تىپىغا ماس كىلىدۇ دەپ چىقارغان.نەتىنجىدە بۇ تىما قىزىپ ئۇيغۇرنىڭ قەدىمقى تارىخى ، كىرورەن گۈزىلى، تەكلىماكاندىن چىققان ئاق تەنلىك ئىرققا تەۋە مۇميالارغىچە ، ھەتتا بۇ زىمندا ياشىغان ئاق تەنلىق قەدىمقى ئىنسانلاردىن توخىرىلارغىچە يىتىپتۇ.
ئۇنداقتا مەقسەتكە كەلسەك ئۇيغۇرلارنىڭ گېن تىپى قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟ نىمىشقا ئۇيغۇرلار بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان بۇ ئامىركىلىق ئۇيغۇر گېىن تىپى بۇلۇپ چىقىدۇ؟
   ئىنسانلارنىڭ DNAسىدىكى Y-chromosom ئاتلىق يۆنىلىش بويچە ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات داۋاملىشىدىغان خىروموسوم بۇلۇپ ئۇ يەنە نەچچە ئونلىغان تىپلارغا ئايرىلغان. تەپسىلى تىپلار ۋە ئۇلارنىڭ جۇغىراپىيلىك جايلىشىشى تۆۋەندىكى جەدىۋەلدە كۆرسىتىلگەندەك. 


ئۇنداقتا پۇتۇن دۇنيانىڭ Y-chromosom  تىپلىرنىڭ جايلىشىش خەرتىسىنى كۆرۈپ باقايلىك. 



بۇ خەرتىدىن قىزىل چەمبەر ئىچىگە ئېىلىنغان ئۇيغۇر Y-chromosom تىپى گىرافىكىغا دىققەت قىلىڭ. 



ئۇيغۇر Y-chromosom تىپى گىرافىكىنىڭ چوڭايتىلغان كۆرۈنىشى 


گىرافىكتىن كۆرۈشكە بولىدۇكى ئۇيغۇرلار Y-chromosom دىكى ئاساسلىق تىپلار:R1b, R1a, O, J, Cدىن ئىبارەت.
R1b تىپى : ئاساسلىقى غەربىي ياۋۇرپادا كەڭ كۆرۈلدىغان تىپ، بۇلۇپمۇ ئەنگىليە،ئىرلاندىيە،گېرمانىيە، ۋە ئىسپانيەلەردە كەڭ كۆرۈلدۇ.
R1a تىپى : ئاساسلىقى رۇسىيە ۋە ئەتىراپىدىكى شەرقى ياۋۇرپا ئەللىردە كۆپىرەك تارقالغان تىپ.
J  تىپى :ئاساسلىقى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەبلەرنى مەركەز قىلغان ھالدا تۇركىيە ئىتالىيە قاتارلىق ئوتتۇرا دېڭىز بويدىكى ئەللەردە كۆپ كۆرۈلدۇ.
C تىپى: ئاساسلىقى سىبىريەدە كەڭ تارقالغان تىپ بۇلۇپ موڭغۇل ۋە بۇيرات، ئالتاي،ئېۋېنكى ۋە قازاقلاردا كەڭ تارقالغان تىپ.
O تىپى : ئاساسلىقى شەرقى ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرگە كەڭ تارقالغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ گېن قۇرۇلمىسى نىمىشقا گېن تەتقىقاتچىلىرنى ھەيران قالدۇردۇ؟
ئېنگىلىزچە ئېنسكلوپىدىيەلەردىن Y-haplogroups R1b تىپىنى ئىزدىسىڭىز، R1b  تىپنىڭ غەربى ياۋۇرپادا كەڭ تارقالغان بىر تىپ بۇلىشى بىلەن بىرگە، يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلادىمۇ بۇ خىل تىپنىڭ خېلى كۆپ سالماقىنى ئىگەللەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىكەنلىگىنى كۆرسىز .ئۆزڭىزمۇ ئۈستىدە بىرلگەن دۇنيادىكى Y-haplogroup تىپىنىڭ تارقىلىش خەرتىسگە دىققەت قىلسىڭىز ، قىزىل رەڭلەرنىڭ غەربى ياۋۇرپادا ،تۇم سېرىق رەڭلەرنىڭ رۇسىيە قاتارلىق شەرقى ياۋۇرپا ئەللىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ،ئالتاي، ھىندىستاندا كوپ ئىكەنلىگىنى كۆرسىز. يەنە ئوتتۇرا ئاسىياغا بەكىرەك دىققەت قىلسڭىز ئۇيغۇر ۋە قىرغىزدىن ئىبارەت بۇ مىللەتلەرنىڭ گېن قۇرۇلمىسنىڭ ئۆزگىچە ئىكەنلگىنى كۆرسىز. يەنە ئۇيغۇرلار دا قىزل رەڭ يەنى غەربى ياۋۇرپا گېن تىپى R1b نىڭ سالمىقى ئەتىراپىدىكى قوشنىلىرغا قارغاندا، يەنى پۇتكۈل ئاسىيا رايونىغاسېىلىشتۇرغاندا كورۇنەرلىك دەرجىدە يۇقىرلىغىنى كۆرسىز. ئۇندىن باشقا يەنە سېرىق رەڭ يەنى شەرقى ياۋۇرپا گېن تىپى R1a نىڭ نىبىتىمۇ خېلى يۇقىرى .
بۇ دەل گېنشۇناسلارنى ھەيران قالدۇرغان قىزىق نوقتا. يىراق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلاردا نىمىشقا بۇنداق كۆپ نىسبەتتە R1b،R1a مەۋجۇت بولىدۇ؟
| ۋاقتى : 2007-12-17 16:04 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 8752ـ كۆرۈرمىنى
bugrahan
  مىللىتىمىزنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئويلىشايلى!

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 1111
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 20
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە20دانە
شۆھرىتى: 21 نومۇر
پۇلى: 200 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :10(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-12-15
ئاخىرقى : 2008-04-21

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

        بۇنىڭ جاۋابى:  5-يارالمىش ئىنسانلارنىڭ  ئۇيغۇرلار ۋە نوھ ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇ ئېلىپ ماڭغان كىشىلەردىن تارقالغان. 
        ( ئىشەنگۈسىز تارىخ دېگەن تىمىنى ئوقۇسىڭىز چۈشىنىسىز!)
1som
| ۋاقتى : 2007-12-18 17:15 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8752ـ كۆرۈرمىنى
bares

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 926
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-11-06
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇغراخان توغرا ئىي تىدۇ .مۇشۇ تىمىنى  ئۇ قىسڭىز ھەيران قالىسىز !
1som
| ۋاقتى : 2007-12-21 20:48 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8752ـ كۆرۈرمىنى
Elturk

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 48
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-02-07
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىز ؟
| ۋاقتى : 2007-12-22 13:12 3 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8752ـ كۆرۈرمىنى
niyazdixan

دەرىجىسى :كۇلۇب باشلىقى


UID نۇمۇرى : 1760
نادىر تېما : -5
يازما سانى : 206
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە206دانە
شۆھرىتى: 1074 نومۇر
پۇلى: 1970 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :50(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-01-21
ئاخىرقى : 2008-05-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Quote:
1 - قەۋەتتىكى bugrahan 2007-12-18 17:15 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
        بۇنىڭ جاۋابى:  5-يارالمىش ئىنسانلارنىڭ  ئۇيغۇرلار ۋە نوھ ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇ ئېلىپ ماڭغان كىشىلەردىن تارقالغان.  
        ( ئىشەنگۈسىز تارىخ دېگەن تىمىنى ئوقۇسىڭىز چۈشىنىسىز!)

گېن تەتقىقاتچىلىرى ئىشەنگۈسىز تارىخ دېگەن تىمىنى ئوقۇپ چىقسا بەزىبىر ئىشلارغا بولغان ھەيرانلىقلىرىنى تۈگىتىدىكىەندە .
1som
| ۋاقتى : 2007-12-22 20:31 4 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8752ـ كۆرۈرمىنى
Yawuz

دەرىجىسى :كۇلۇب باشلىقى


UID نۇمۇرى : 1787
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 193
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە193دانە
شۆھرىتى: 200 نومۇر
پۇلى: 2030 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :186(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-01-21
ئاخىرقى : 2008-05-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

[align=justify]
Quote:
1 - قەۋەتتىكى bugrahan 2007-12-18 17:15 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
        بۇنىڭ جاۋابى:  5-يارالمىش ئىنسانلارنىڭ  ئۇيغۇرلار ۋە نوھ ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇ ئېلىپ ماڭغان كىشىلەردىن تارقالغان. 
        ( ئىشەنگۈسىز تارىخ دېگەن تىمىنى ئوقۇسىڭىز چۈشىنىسىز!)

رىۋايەت دىگەن بەرىبىر رىۋايەت، رىۋايەت گەرچە تارىخنىڭ مەلۇم تەرىپىنى يورۇتۇپ بېرەلىسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەرگىز تارىخ بولالمايدۇ.
خوش ئەمدى يۇقۇرىدىكى تېمىغا قايتىپ كەلسەك،  دىيارىمىز  ئەڭ قەدىمقى زامانلاردىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى، شۇڭا بۇ رايوندا ياشاپ ۋە قۇرۇپ ئۆتكەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ گېن تىپى قۇرۇلمىسىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن مىللىتىمىزنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تارىخىغا مۇراجەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، دىيارىمىزنىڭ تارىختىن بۇرۇنقى تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئارخېئولوگىيەلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا ھازىرغىچە دىيارىمىزدىن قېزىۋېلىنغان 4000 يىل بۇرۇنقى جەسەتلەرنىڭ ئېرقى ئالاھىدىلىكىگە قارىغاندا، قېزىۋېلىنغان جەسەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىدە (ھەممىسىدە دىيىشكىمۇ) بولىدۇ، ياۋروپا ئېرقىنىڭ ئېرقى ئالاھىدىلىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە تۇرىدىغان بولۇپ، كىرورەن گۈزىلى، چەرچەن زاغۇنلۇق قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان جەسەتلەر ۋە خېجىڭ قارا مۇدۇن قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان جەسەتلەر بۇ سۆزىمىزگە ئىسپات بولالايدۇ،
ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۇنىڭدىن 2000 يىل بۇرۇنقى دەۋرلەرگە مەنسۇپ بولغان جەسەتلەردە گەرچە يەنىلا ياۋروپا ئېرقى ئالاھىدىلىكى كۈچلۈك ئورۇندا تۇرسىمۇ، لېكىن بۇ دەۋرگە مەنسۇپ بولغان قىسمەن جەسەتلەردە قىسمەن موڭغولوئىدلىق ئېرقى ئالامەتلەر پەيدا بولۇشقا باشلىغان. مېنىڭ قارىشىمچە بولغاندا بۇ دەۋردە قەدىمقى يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ۋە ئىقتىساد ئالماشتۇرۇشنىڭ كېڭىيىشى ۋە تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، مىللەتلەرنىڭ قوشۇلىشى ۋە ئارىلىشىشى چوڭ قەدەمدە بولمىسىمۇ كىچىك قەدەمدە باشلىنىشقا باشلىغان، ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردە مىللەتلەرنىڭ بۇ خىل قوشۇلىشى ئۈزۈلۈپ قالماي ئىزچىل داۋاملىشىپ ماڭغان ۋە موڭغولوئىد ئېرقتىكى كىشىلەرنىڭ تۈركۈملەپ بۇ رايونغا كۆچۈپ كېلىپ ئۆزئارا ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش جەريانىدا مىللەتلەرنىڭ قوشۇلىشى تېخىمۇ كېڭىيىپ، بۇ رايوندىكى خەلقلەرنىڭ ئېرقى ئالاھىدىكىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن. بولۇپمۇ چىڭگىز ئىستىلاسىدىن كېيىن شەكىللەنگەن مىللەتلەرنىڭ چوڭ قوشۇلىشى بۇ رايوندىكى خەلقلەرنىڭ ئېرقى ئالاھىدىكىگە مۇئەييەن تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ، بۇ يەردىكى خەلقلەرنىڭ گېن قۇرۇلمىسىدا يۇقۇرىقىدەك كۆپ خىل ئامىللارنى شەكىللەندۈرگەن بولسا كېرەك.
گەرچە بىز ئۇيغۇرلاردا " قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن " دىگەن تەمسىل بولسىمۇ، لېكىن تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن يېزىپ باقتىم، بۇنىڭغا يەنىلا مۇشۇ كەسپنىڭ ئەھلىلىرى بىرنىمە دىسۇن.
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
| ۋاقتى : 2007-12-24 15:01 5 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8752ـ كۆرۈرمىنى
uyzat

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 1162
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە4دانە
شۆھرىتى: 5 نومۇر
پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-12-25
ئاخىرقى : 2008-05-14

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئىنسانلار گېن گۇرۇپپسى سېخمىسنىڭ تەكشۈرلۈپ-سىزىپ چىقىلىشى تېخنىكا جەھەتتىلا ئەمەس،بەلكى تارىخ،ئىجتمائى مۇناسىۋەت،قانداشلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن رول ئوينايدۇ.
تۆۋەندىكى رەسىم: گېن ئارقىلىق  ئىنسانلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى كۆچۈش ئەۋەلىنى ئەكىس ئەتتۈردۇ.

ئالىملار ئىنسانلارنى ئافىرقىدىن تارقالغان دەپ قاراشماقتا.




ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى:

ئۇيغۇرلار:


*لېكىن بەزى ئالىملار يەنىلا ئىنسانلارنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن تارقالغان دەپ قارىماقتا.

بۇ توغۇرلۇق ماتىرياللارنى كېيىنچە يوللاي.
[ بۇ يازما uyzat تەرىپىدىن 2007-12-26 15:08 دە قايتا ]
yol
| ۋاقتى : 2007-12-25 12:14 6 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8752ـ كۆرۈرمىنى
Kulbilge

دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 2099
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 36
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە36دانە
شۆھرىتى: 66 نومۇر
پۇلى: 1150 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-06-30
ئاخىرقى : 2008-05-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئۇغۇزخاننىڭ توت ئوغلى بولۇپ، بىرسى شىمالغا بىرىپ شىمال مەلىكىسىدىن 9نى خوتونلۇققا ئىلىپ شۇيەردە ئاۋۇپتۇ. ئىككىنچىسى غەرپكە بىرىپ غەرپ مەلىكىسىدىن 9نى ئىلىپ شۇيەردە ئاۋۇپتۇ. ئۇچىنچىسى شەرققە يۇرۇپ شەرق مەلىكىسىدىن 9نى ئىلىپ شۇ يەردە ئاۋۇپتۇ. يەنە بىر ئوغلى جەنۇپقا بىرىپ جەنۇپ مەلىكىسىدىن 9نى ئىلىپ شۇ يەردە ئاۋۇپتۇ. ئەلۋەتتە بۇ جەرياندا نۇرغۇن جەڭ ۋە ئۇرۇشلار بولۇپتۇ. ئەمما ئاخىرى ئۇغۇزخاننىڭ ئەۋلادلىرى بۇ زىمىنلاردا غەلىبە قىلىپ ئۇغۇز روھىنى ساقلاپ قاپتۇ.
بۇ ئۆزەم توقۇپ چىققان كىچىك رىۋايەت، ئەمما ھازىرقى ئالتاي-ئورال خەلقلىرىنىڭ كىلىپ چىقىشىنى مەلۇم جەھەتتىن چۇشەندۇرەلىشى مۇمكىن دەپ قارايمەن. ئەمما ئۇنى ئىرقى ياكى گىن نوقتىسىدىن ئىسپاتلاپ چىقىش  مۇمكىنمۇ ، ئىسپاتلىغان تەقدىردىمۇ بۇنىڭ قانچىلىك رىيال ئەھمىيىتى باردۇر.
[ بۇ يازما kulbilge تەرىپىدىن 2008-04-23 17:34 دە قا ]
| ۋاقتى : 2008-01-10 18:45 7 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8752ـ كۆرۈرمىنى
Nawayi

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 354
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-05-30
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

لەشكەر ياخشىمۇسىز ، تىمىڭىزغا بەك قىزىقىپ قالدىم ، مەن بېيجىڭدا مەخسۇس مۇشۇ تۇرنى ئىشلەيمەن ، لىكىن تەتقىقات ئوبىكتىپ ياۋايى ھايۋانلاردىكى قانداشلىق مۇناسىۋىتى  يەنى تەدرىججەى تەرەققىيات جەريانىدىكى گىن مۇساپىسىنىڭ يەنى يىقىن يىراقلىقنىڭ سىلىشتۇرما ئانالىزى ۋە شۇ ئارقىلىق تەبۇيەتتىكى ھەقىقى ئورنىنى بىكىتىش، سىز دىگەن  ژتەتقىقات بىلەن تامامەن ئوخشاش ، بۇ ئۇيغۇرچە ئىنكاسنى بەك جاپادا يازدىم ، ئلاقىلىشىپ تۇرىلى تىلفۇن 13811934837 قالغان ئادرىسلىنى نىياز دىخان بىلىدۇ 
1som
| ۋاقتى : 2008-01-10 22:00 8 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8752ـ كۆرۈرمىنى
Nawayi

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 354
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-05-30
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

كەچۇرۇڭ ئىمىڭىزنى خاتا كۇرۇپتىمەن مۇلجەر ئەپەندىم
yol
| ۋاقتى : 2008-01-10 22:02 9 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8752ـ كۆرۈرمىنى
udun

دەرىجىسى :باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1168
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 357
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە357دانە
شۆھرىتى: 362 نومۇر
پۇلى: 3610 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :216(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-12-27
ئاخىرقى : 2008-05-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەن گېن تەتقىقاتى يەكۈنلەپ چىققان بۇ نەتىجىلەرگە قىلچە قىزىقمايمەن، بۇ نېمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ؟
مەسىلەن: ئاتۇشلۇقلار يۇرتىمىزنىڭ ھەممە جايىغا ماكانلاشقان، 1000000.....يىلدىن كېيىن مەن گېن تەتقىق قىلدىم دەيلى، &%$#@*^....گېنلارنىڭ تارقىلىش يۆنۈلۈشى بويىچە ئېيتقاندا ، نېمە يەكۈن چىقىدۇ؟  بارلىق ئۇيغۇرلار  ئاتۇشتىن تارالغان دېگەننىمۇ؟ ياكى .................
yol
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
| ۋاقتى : 2008-01-11 01:49 10 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8752ـ كۆرۈرمىنى
moljer

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 449
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-07-07
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

سالام،ناۋايى:
   سىزنىڭ بۇ تىمىغا قىزىققانلىغىڭىزدىن ناھايتى خوشالمەن. ئىنكاسىڭىزدا ئۆزىڭىزنىڭ ھايۋانات گېنى ھەققدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىغىڭىز ھەققىدە يېزىپسىز. ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك بىر تىما ئىكەن. ھايۋانات گېنى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارالىغانكەنسىز، ئىنسان گېنى ،ئۇيغۇر گېنى ئۈستىدىمۇ چۇقۇم يېڭى نەتىنجىلەرگە ئېرشەلەيسىز. مېنڭچە ئۇيغۇرلاردا گېن ساھەسىدە تىرشىۋاتقانلار ئانچە كۆپ ئەمەس. بۇ بىزدىكى بىر بوشلۇق. مەن يۇقىردا يازغان تىمىدىكى  كۆرسەتكەن خەرىتە، گىرافىلارنى چەتئەل تورلىردىن ئىزدەپ تاپقان. ئۇ گىرافىكلار توغىرسىدا ،بۇلۇپمۇ ئۇيغۇر گېندىكى ھەرقايسى تىپلارنىڭ ئېنىق نىسبىتى توغىرسىدا بىرەر سانلىق مەلۇمەت تاپالمىدىم. بىز ھەمىشە ئۆزمىز توغىرىسدا باشقلارنىڭ ئاغىزغا قاراپ ،باشقىلارنىڭ ئېيتقانلىرنى راسىت دەپ يۇرسەك بۇ بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. ئۆزمىزمۇ ئىزدىنىپ بېقىشمىز كىرەك.
   مەن بۇ تىمىنى يېزىش ئۈچۈن پايدىلانغان مەنبەلەرنى بۇ يەرگە قالدۇرۇپ قۇياي.كۆرۈپ بېقىڭ.گەرچە جىق ئەھمىيتى بولمىسمۇ.
http://www.scs.uiuc.edu/~mcdonald/WorldHaplogroupsMaps.pdf
http://www.biodiversityforum.com/a-useful-guide-on-haplogroups-t504.html
http://www.answers.com/Human%20Y-chromosome%20DNA%20haplogroups
http://www.familytreedna.com/forum/showthread.php?t=1770&page=1&pp=10
مەن ئۈستىدىكى بۇ گىرافىك ۋە خەرتىدىن بىر چىگىش مەسلىنى بايقىدىم. يەنى ئۇيغۇر گېن تىپى شۇنداق بىر ئارلاشما تىپ. ئۇيغۇر گېن تىپى ئىچىدە 50% ئەتىراپىدا ئاق تەنلىىك ئېرىق گېن تىپى مەۋجۇت(R1a,R1b,J).باشقىلىرى سىبىريە، شەرقى ئاسىيا ۋە باشقا تىپلار. ئۇنداقتا ئەشۇ قەدىمقى، ئەسلى ئۇيغۇر گېن تىپى زادى قايسى تىپقا تەۋە؟ سىبىريە تىپىمۇ؟ شەرقى ياۋۇرپا ۋە ئوتتۇرا  ،جەنۇبى ئاسىيالارغا تارقالغان R1a تىپىمۇ؟ ياكى غەربى ياۋۇرپا تىپىمۇ؟
  ئۇندىن باشقا خەرتىدىكى باشقا قېرىنداش تۈركى خەلىقلەرنىڭ تىپىمۇ شۇنداق ئارلاشما تىپ. ئۇلاردىن بىرەر ئورتاقلىقنى، يەنى قەدىمقى تۈركلەرنىڭ ئورتاق بىرەر گېن تىپىنى تېپىشمۇ ئىنتايىن قىيىن. 
   قارغاندا بۇ سۇئاللارغا سىزدەك مۇشۇ ساھەدە تىرشىۋاتقانلار جاۋاپ بەرمىسە بولمىغۇدەك.
1som
| ۋاقتى : 2008-01-14 22:29 11 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8752ـ كۆرۈرمىنى
ark-al
ئەرك ئال

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 1070
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە9دانە
شۆھرىتى: 10 نومۇر
پۇلى: 90 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :4(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-12-02
ئاخىرقى : 2008-04-17

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەنمۇ تەرمىلەرنىڭ مەلۇم سانىدىن گىن تىپىغا ئائىت بىرماقالە ئوقۇغانتىم .ئۇنىڭدىمۇ ھازىرقى ھىدىستانلىقلارۋەپاكىستانلىقلارنىڭمۇ گىنتىپىنىڭ بىر ئىكەنلىگىنى  ،يەھۇدىلىلار ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭمۇ گىن تىپىنىڭ ئوخشاشلىغىنى پاكىتلىرى بىلەن يىزىپتىكەن. ھەم بۇنداق تەتقىقاتنىڭ بەزى رايۇنلارنىڭ تەڭپۇڭلۇغىنى بۇزىدىغانلىغىنىمۇ ئەسكەرتىپتىكەن .  مىنىڭچە  گىن تىپى  ئارقىلىق مىللەتلەرنى ئۆزئارا باغلاشمۇ ھەم يىلتىزىنى تىپىشمۇ  بىرياخشى ئىش  . ياۋروپامۇ ئاخىرقى ھىساپتا بىرلەشتىغۇ .
yol
| ۋاقتى : 2008-01-15 13:13 12 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8752ـ كۆرۈرمىنى
udun

دەرىجىسى :باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1168
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 357
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە357دانە
شۆھرىتى: 362 نومۇر
پۇلى: 3610 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :216(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-12-27
ئاخىرقى : 2008-05-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مېنىڭچە، گېن ئارقىلىق مىللەتلەرنى بىر بىرىگە باغلاش توغرا كەلسە، ( گېن دېگەنمۇ قىزىق، بىردەم ۇ ئەجدادنىڭ ، بىردەم بۇ ئەجدادنىڭ چىقىپ قالىدۇ ) بىز نەچچە مىللەتكە باغلىنىپ قېلىپ، دۇنيادا ئۇيغۇر دېگەن ئەسلى بىر شالغۇت خەق ئىكەن دېگەن ئوبدان چۈشەنچىنى پەيدا قىلىمىزدە، شۇ.
ھېلىقى گېن تىپى ئۇيغۇر گېن تىپى بولۇپ چىققان ئامېرىكىلىق ئۆزىنى كىمگە باغلايدۇ؟ بىز خەققە باغلامدۇق ياكى خەقلەر بىزگە باغلامدۇ؟ ark-al  ئەپەندى، ئېيتقىنىڭىزدەك بۇ بەزى رايونلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزامدۇ نېمە؟
ئۆزىنىڭ نېمىشقا ئامېرىكىلىق ياكى باشقا ئوبدان يەرلىك بولۇپ قالمىغىنىغا پۇشايمان قىلىپ يۈرگەن كىشىلىرىمىز يىلتىزىنى ئىزدەپ نەلەرگە قاچار ئەمدى؟ مەن بۇنداق گېن تىپى تەتقىقاتىنى قوللىمايمەن جۇمۇ كۆپچىلىك.
urdek  ئەپەندىمنىڭ يازمىسى ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ، بۇ گېن تەتقىقات نەتىجىلىرى يەنە كىملەرنى ئاكىيۇ قىلىپ چىقار؟
بىز زىيالى بولغاندىكىن، ئالدىراپ پوزىتسىيە بىلدۈرمەي ،ھاياجېنىمىزنى سەل بېسىۋالايلى، ئوخشاش تۈردىكى جانلىقلارنىڭ گېن تىپى ئوخشاش بولۇشى مۇقەررەر، دۇنيادا ئۇيغۇر دېگەن مىللەتنىڭ بارلىقىنى بىلىدىغانلار چاغلىق تۇرسا، كىم كېلىپ سىز بىلەن بىزدىن نۇسخا ئېلىپ تەكشۈردى؟ ئاۋال مۇقىم بولغان گېن ئامبىرى بولسىدى ئۇيغۇرنىڭ، پۇت تىرەپ تۇرغۇدەك ئېنىق يازما مەنبەيىمىز يوق بىر خەق تۇرساق، كىم بىزنى تەتقىق قىپتۇ؟ دەپتۇغۇ ئەنە Nawayi  ئەپەندى، پايتەختىمىزدە تېخى ئەمدى مايمۇننى تەتقىق قىلىۋاتىمىز دەپ، ئۇيغۇرنى تەتقىق قىلىشقا قانچىلىك باردۇ؟
بۇ ھەقىقەتنى بايقاپ قېلىپ مەنمۇ بەك ئۈمىدسىزلىنىپ كەتتىم ، ھەم يەنە سىلەرنىمۇ بۇ ئۈمىدسىزلىك ئىچىگە سۆرەپ كىردىم . كەچۈرۈڭلار، كۆپچىلىك.
yol
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
| ۋاقتى : 2008-01-16 02:31 13 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8752ـ كۆرۈرمىنى
moljer

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 449
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-07-07
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Quote:
13 - قەۋەتتىكى udun 2008-01-16 02:31 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش :
مېنىڭچە، گېن ئارقىلىق مىللەتلەرنى بىر بىرىگە باغلاش توغرا كەلسە، ( گېن دېگەنمۇ قىزىق، بىردەم ۇ ئەجدادنىڭ ، بىردەم بۇ ئەجدادنىڭ چىقىپ قالىدۇ ) بىز نەچچە مىللەتكە باغلىنىپ قېلىپ، دۇنيادا ئۇيغۇر دېگەن ئەسلى بىر شالغۇت خەق ئىكەن دېگەن ئوبدان چۈشەنچىنى پەيدا قىلىمىزدە، شۇ. .......

ھەيرانمەن،ئۇدۇن خانىم. سىزمۇ بۇ تىمىغا شۇنداق قىزىقىپ قاپسىز،بىراق ئىجابى جەھەتتىن ئەمەس،بەلكى سەلبى جەھەتتىن قىزىقىپسىز. يەنى كۆرۈپ شۇنداق ئۈمىتسىزلىنىپ كېتىپسىز. مەن دەل ئۇنىڭ ئەكىسچە. سىزچە ئۇيغۇرنىڭ بىر شالغۇت مىللەت بۇلىىشى شۇنچە نۇمۇس قىلغۇدەك ئىشمۇ؟ بىلىشىڭىز كىرەككى دۇنيادا ھىچقانداق ساپ مىللەت يوق. ھەرقانداق مىللەت ئۆزنىڭ ئەتىراپىدكى مىللەتلەر بىلەن ئارلاشقان. پەقەت ئارلىشىىش نىسبتىدە پەرق بار. بۇ ئۇقۇمنى پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلدۇ.
ھەم ئۇيغۇرنى تەتقىق قىلۋاتقان تارخشۇناسلار،ئارخىلوگلار،ئىنسانشۇناسلارمۇ ئۇيغۇرلارنىىڭ تارىم ئويمانلىقىدا ياشىغان قەدىمقى ئاق تەنلىك ئېرىق بىلەن تۈركى خەلىقلەرنىڭ ئۆز-ئارا قۇشۇلىشىدىن شەكىللەنگەن بىر مىللەت ئىكەنلىگىنى ئېيتىىشىدۇ.
يالغۇز ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى يىپەك يولى بويىدىكى بارلىق خەلىقلەر ئۆز ئارا ئارلاشقان. قەدىمقى زاماندىكى دۇنياۋى ئىمپىريىلەرمۇ باشقىلارنى ئىستىلا قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن مىللەتلەرنى ئۆزىگە قوشقان.شۇڭا ھازىرقى زاماندىكى ئەشۇ ئىمپىريە خەلىقلىرنىڭ ئەۋلاتلىرى بولمىش ئىتالىيلىكلەر، ئىرانلىقلار، تۈركلەرنىڭ چىرايىدىن، گېنىدىن بۇنداق شالغۇتلىقنى كۆرگىلى بولىدۇ. دۇنيادا ئېىرقلار ئۆزئارا قۇشۇلغان ئىككى چوڭ رايۇن بار. بىرى ئچكى ئاسىيا ،يەنى ئوتتۇرا ئاسىيا، يەنە بىرى جەنۇبى ئامىركا.
مېنڭچە بۇ ھىچقانداق نۇمۇس قىلغۇدەك ئىش ئەمەس.
Quote:

ھېلىقى گېن تىپى ئۇيغۇر گېن تىپى بولۇپ چىققان ئامېرىكىلىق ئۆزىنى كىمگە باغلايدۇ؟ بىز خەققە باغلامدۇق ياكى خەقلەر بىزگە باغلامدۇ؟ ark-al  ئەپەندى، ئېيتقىنىڭىزدەك بۇ بەزى رايونلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزامدۇ نېمە؟
ئۆزىنىڭ نېمىشقا ئامېرىكىلىق ياكى باشقا ئوبدان يەرلىك بولۇپ قالمىغىنىغا پۇشايمان قىلىپ يۈرگەن كىشىلىرىمىز يىلتىزىنى ئىزدەپ نەلەرگە قاچار ئەمدى؟ مەن بۇنداق گېن تىپى تەتقىقاتىنى قوللىمايمەن جۇمۇ كۆپچىلىك.
urdek  ئەپەندىمنىڭ يازمىسى ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ، بۇ گېن تەتقىقات نەتىجىلىرى يەنە كىملەرنى ئاكىيۇ قىلىپ چىقار؟

مەن ئۈستىدە قالدۇرغان ئۇلىنىشتىكى ئامىركىلىقنىڭ مۇنازىرسىگە قارسىڭىز، ئۇ ئۆزنى ئۇيغۇرغا باغلىماپتۇ. بەلكى ئۆزنىڭ گېنىنىڭ ئۇيغۇر گېنى تىپىغا ماس كېلىپ قالغىنغا ھەيران بۇلۇپ ئۇيغۇر توغىرلىق تېخمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئىرىشىش ئۈچۈن شۇ تىمىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپتۇ. ئۇيغۇرلاردا بۇنداق ئالاھىدە گېن تىپىنىڭ بۇلىشغا قاراپ بۇنى باشقا يەردىن ئىزدەش بىر ئەخمىقانە ئىش. بۇنى باشقا يەردىن ئەمەس، بەلكى مۇشۇ ئانا زىمندىن، نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى قۇم ئاستىدا كۆمۈلۈپ ئەمدىلەتىن ئۆزنى كۆرستىۋاتقان تەكلىماكان مۇميالىردىن، كىرورەن گۈزلىدىن ئىزدەش كىرەك.
Quote:

بىز زىيالى بولغاندىكىن، ئالدىراپ پوزىتسىيە بىلدۈرمەي ،ھاياجېنىمىزنى سەل بېسىۋالايلى، ئوخشاش تۈردىكى جانلىقلارنىڭ گېن تىپى ئوخشاش بولۇشى مۇقەررەر، دۇنيادا ئۇيغۇر دېگەن مىللەتنىڭ بارلىقىنى بىلىدىغانلار چاغلىق تۇرسا، كىم كېلىپ سىز بىلەن بىزدىن نۇسخا ئېلىپ تەكشۈردى؟ ئاۋال مۇقىم بولغان گېن ئامبىرى بولسىدى ئۇيغۇرنىڭ، پۇت تىرەپ تۇرغۇدەك ئېنىق يازما مەنبەيىمىز يوق بىر خەق تۇرساق، كىم بىزنى تەتقىق قىپتۇ؟ دەپتۇغۇ ئەنە Nawayi  ئەپەندى، پايتەختىمىزدە تېخى ئەمدى مايمۇننى تەتقىق قىلىۋاتىمىز دەپ، ئۇيغۇرنى تەتقىق قىلىشقا قانچىلىك باردۇ؟
.......

سىزنىڭىچە ئۈستىدىكى ئاۋۇ خەرتىدە بېرلگەن گىرافىكلارنى چەتئەللىك گېنشۇناسلار شۇنداقلار چىقىرپ قويغان ، ھىچقانداق ئاسىاسىي يوق بىر نىمىلەر ئوخشىمامدۇ؟ ئەجىبا ئۇلار ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇر گېنىنى تەكشۈرمەي تۇرۇپلار شۇنداق نەرسىلەرنى ئېلان قىلغانمىدۇ؟
نەزەر دائىرىڭىزنى كەڭىرەك تۇتۇپ ،مەسىللەرگە ئىلىمى كۆز بىلەن قارسىڭىز بولمامدۇ؟
ئەگەر ئىشەنمىسڭىز نىمىشقا ئۈستىدە مەن قالدۇرغان مەنبەلەردىن تېخىمۇ ئېچىكىرلەپ ئىزدەپ باقمايسىز؟

مېنڭچە بولغاندا بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر تىما. چۇنكى مۇشۇ زىمندىن چقىۋاتقان نەچچە مىڭ يىللىق تارخقا ئىگە ئاق تەنلىك مۇميالار بىلەن ھازىرقى بۇ زىمندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ يوق؟ مۇناسىۋىتى زادى قانچىلىك؟ بۇنىڭغا ھازىرغا قەدەر تېخى ئىشەنچىلىك ئېنىق جاۋاپ يوق. ھەم ئېنىق يازما خاتىرلەرمۇ يوق.بېرىلگەن جاۋاپلارنىڭ ھەممىسى پەرەزلەر.
سىزنىڭچە بۇنى گېن نوقتىسىدن تۇرۇپ ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئىسپاتلاشنىڭ زادىلا زۈرۈريتى يوقمۇ؟
| ۋاقتى : 2008-01-16 12:27 14 -قەۋەت
« 1 2345» Pages: ( 1/5 total )

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.067944(s) query 4, Time now is:05-25 04:38, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation