بۇ بەتتىكى تېما:دىيارىمىزنىڭ قىزىقارلىق يەر نەملىرى | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما قېتىم كۆرۈلدى
CUTUK
دەرىجىسى : يۈز بېشى

UID نۇمۇرى: 2469
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 74
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە74دانە
شۆھرىتى: 225 نومۇر
پۇلى: 1030 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 دىيارىمىزنىڭ قىزىقارلىق يەر نەملىرى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى Yawuz دۇنيا تارىخى يۆتكەپ كەلدى(2009-05-17)
قاپاق ئاستى: بۇيەر مەكىت ناھىيە شېھىددۆڭ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ 11 كىلومېتىر غەربىدە بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇزاق يىللار ئىلگىرى بۇ جاي پايانسىز توغراقلىق ئىكەن، ئايىمخان ئىسىملىك بىر ئايال يوپۇرغىدىن بىر قاپاق سۇنى كۆتۈرۈپ پىيادە مېڭىپ دەل شۇ يەرگە كەلگەندە، كۈن ئولتۇرۇپ ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق بېسىپتۇ. ئۇ بۆرىدىن قورقۇپ قاپاقنى دەرەخ شېخىغا ئېسىپ قويۇپ، ئۆزى دەرەخكە چىقىۋاپتۇ، كەچتە بۆرىلەر كېلىپ ئۇنىڭغا قاراپ ھۇۋلاپتۇ، ئايال قورقۇپ كەتكىنىدىن دەرەختىن يىقىلىپ چۈشۈپ، بۆرىلەرگە يەم بوپتۇ. ئەتىسى يولدىن ئۆتكەن يولۇچىلار دەرەخ شېخىغا ئېسىقلىق قاپاقنى كۆرۈپ، بۇ جاينى ‹‹قاپاق ئاستى››دەپ ئاتاپتۇ.

قانجۇغان: قانجۇغان ئۇلۇغچات ناھىيىسىدىكى بىر قەدىمىي قورغاننىڭ نامى بولۇپ، بۇ جاي دېڭىز يۈزىدىن 2105 مېتىر ئېگىز، قانجوغان سۆزى قەدىمكى تۈركچىدە ‹‹قانغا بويالغان››دېگەن مەنىدە. قەدىمكى زاماندا بۇ جايدا قاتتىق جەڭ بولۇپ، كۆپ قان تۆكۈلگەن ئىكەن.

ئاغىچام قىڭغاندى: بۇ قەدىمكى لۈكچۈن — دۈنخۇاڭ يولىدىكى بىر جاينىڭ نامى بولۇپ، لۈكچۈندىن 60 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ جايدا يول ناھايىتىمۇ خەتەرلىك بولغاچقا، تىك يار ياقىلاپ مېڭىشقا توغرا كېلىدىكەن، لۈكچۈنلۈك پېشقەدەم زات ئىسمائىل ھادىنىڭ ئېيتىشىچە، تارىختىكى يېغىلىقلارنىڭ بىرىدە، لۈكچۈن ۋاڭى مۇشۇ يول بىلەن قاچقاندا، ئاغىچىسى مۇشۇ جايدىن ئۆتكىچە ئۇلاغنىڭ ئۈستىدە قورقۇپ، بىر ياققا قىڭغىيىپ ئولتۇرۇپ كۆز يېشى قىلغانىكەن. شۇنىڭدىن بۇيان بۇ جاي‹‹ئاغىچام قىڭغايدى››دەپ ئاتىلىپ قالغانىكەن.

نىياز ئۇچقان چوققا: تۇرپاندىن ئىدىقۇت تېغى ئارقىلىق گۇچۇڭغا ئۆتىدىغان ئۇلاغ يولىنىڭ قۇتاز داۋىنى (سازلىقنىڭ داۋىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)دىكى بىر چوققىنىڭ نامى. پېشقەدەملەر بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا مۇنداق رىۋايەت قىلىشىدۇ؛ ئىلگىرى چالغانتاغدىكى قوشنا ئىككى سايدا ئىككى باينىڭ ئاتلىرى ئوتلايدىكەن، بىرىنىڭ ئىسمى بارات باي بولۇپ، ئەل ئىچىدە يۈز – ئابرويلۇق كىشى ئىكەن. يەنە بىرىنىڭ ئىسمى ھاجى بولۇپ، چالغانتاغنىڭ دىنىي مۆتىۋىرى ئىكەن. بۇ ئىككى زات ھەمىشە بىر – بىرى بىلەن مەنمەنلىك تالىشىدىكەن. بارات باينىڭ ئايغىرى يامان ئىكەن، ئۇ دائىم ئۆز ئۇيۇرىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، ھاجىنىڭ ئاتلىرىغا ئارام بەرمەيدىكەن، ھاجىنىڭ نىياز دىگەن بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ بىر كۈنى بارات باينىڭ ھېلىقى يامان ئايغىرىنى ئوغرىلاپ، گۇچۇڭغا ئاپىرىپ سېتىشقا تەمشەلگەندە، بارات باينىڭ مالايلىرى ئاتنى ئىزدەپ كېلىپ نىيازنى تۇتۇپ تاغقا ئېلىپ ماڭغانىكەن. نىياز ئۆيگە قايتىپ بارسا ‹‹ئوغرى››دېگەن ئاتاققا قېلىپ خەلقئالەم ئالدىدا رەسۋا بولۇشىدىن ئەنسىرەپ، تاغنىڭ تىك چوققىسىدىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغانىكەن، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ چوققا ‹‹نىياز ئۇچقان چوققا››دەپ ئاتالغانىكەن.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە ياۋا تۇڭگۇز لەڭگەر، ئەندىر لەڭگەر، ياۋا ئات قۇدۇقى، چىڭگىزلىك، ئوسمانباي ئۆتىڭى، تايلاق تۇتقان(تايلاق سوۋغا قىلىنغان دېگەن مەنىدە)، كالا ئاستى، يىلان كۆيدى، ئاق تاز دۆڭ، پاسلادوقا ماڭلاي، ئارغامچىنى بوش ئۆرىگەن، كالا ئۆلگەن دېگەندەك قىزىقارلىق يەر ناملىرى بار.



مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-17 11:26 |
taktimakan
دەرىجىسى : ياساۋۇل


UID نۇمۇرى: 8792
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 53
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە53دانە
شۆھرىتى: 290 نومۇر
پۇلى: 230 سوم
تۆھپىسى: 10 نومۇر
ۋاقتى :87(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
ھەر قانداق بىر يۇرۇتتا ئاجايىپ ناملار بىلەن قۇيۇلغان يەر ناملىرى بولىدىكەن.بۇ بەزى جايلارنىڭ  جۇغراپىيلىك ئالاھىدىلىگى ھەم باشقا مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ نامى بىلەن  قۇيۇلىدىكەن.تولىمۇ پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى تېما يوللاپسىز،ئەجرىڭىزگە رەخمەت.

1som
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-18 01:14 |
aqhun
دەرىجىسى : يۈز بېشى

UID نۇمۇرى: 5869
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 91
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە91دانە
شۆھرىتى: 233 نومۇر
پۇلى: 735 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :91(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

توققۇز كاللا ، داڭلىق مۇنجاق دىگەندەك.

چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-18 09:55 |
Yaglakarhan
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 1847
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 26
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە26دانە
شۆھرىتى: 72 نومۇر
پۇلى: 125 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :64(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
نەقىل
بۇ مەزمونCUTUKنىڭ2009-05-17 11:26دە يوللىغان يازمىسى دىيارىمىزنىڭ قىزىقارلىق يەر نەملىرى :
قانجۇغان: قانجۇغان ئۇلۇغچات ناھىيىسىدىكى بىر قەدىمىي قورغاننىڭ نامى بولۇپ، بۇ جاي دېڭىز يۈزىدىن 2105 مېتىر ئېگىز، قانجوغان سۆزى قەدىمكى تۈركچىدە ‹‹قانغا بويالغان››دېگەن مەنىدە. قەدىمكى زاماندا بۇ جايدا قاتتىق جەڭ بولۇپ، كۆپ قان تۆكۈلگەن ئىكەن.

.......



بۇ يەر نامى قەدىمكى تۈركچىدە ئەمەس ھازىرقى قىرغىز تىلىدىلا شۇ مەنىدە.

terjime guruppisi
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-20 01:43 |
Yaglakarhan
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 1847
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 26
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە26دانە
شۆھرىتى: 72 نومۇر
پۇلى: 125 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :64(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

"شىنجاڭدىكى يەر ناملىرى" دىگەن كىتابنى ئوقۇسام، بەزى يەر ناملىرى ئىنتايىن مۇرەككەپ، ۋە موڭغۇلچىگە باغلاپ چۇشەندۇرۇلۇپتۇ. بىراق، قىرغىز تىلىدا ئىنتايىن ئاددىي:
بورتالا: بۆرۈ تالاا (بۆرە ماكانى، ياكى، بۆرە بار دالا)
قۇمسېڭىر : قۇم سەڭىر ( قۇملۇق دۆۋە [سەڭىر دىگەن گەپنى ئۇيغۇرچە چۇشەندۇرەلىمىدىم]).
يەنە بۇنىڭدىن باشقىلىرىمۇ بار.

چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-20 01:56 |
aqhun
دەرىجىسى : يۈز بېشى

UID نۇمۇرى: 5869
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 91
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە91دانە
شۆھرىتى: 233 نومۇر
پۇلى: 735 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :91(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
قانجوغان-قانيۇغان ، قاندا يۇيۇلغان ، قانغا بۇيالغان؟

چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-20 12:31 |
Ghalip
دەرىجىسى : يۈز بېشى


UID نۇمۇرى: 1793
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 184
ئۈنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە184دانە
شۆھرىتى: 335 نومۇر
پۇلى: 1640 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :836(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نەقىل
بۇ مەزمون4قەۋەتتىكىYaglakarhanنىڭ2009-05-20 01:56دە يوللىغان يازمىسى  :
"شىنجاڭدىكى يەر ناملىرى" دىگەن كىتابنى ئوقۇسام، بەزى يەر ناملىرى ئىنتايىن مۇرەككەپ، ۋە موڭغۇلچىگە باغلاپ چۇشەندۇرۇلۇپتۇ. بىراق، قىرغىز تىلىدا ئىنتايىن ئاددىي:
بورتالا: بۆرۈ تالاا (بۆرە ماكانى، ياكى، بۆرە بار دالا)
قۇمسېڭىر : قۇم سەڭىر ( قۇملۇق دۆۋە [سەڭىر دىگەن گەپنى ئۇيغۇرچە چۇشەندۇرەلىمىدىم]).
يەنە بۇنىڭدىن باشقىلىرىمۇ بار.

ئۇيغۇرچە بىلمىسىڭىز ئەلۋەتتە چۈشەندۈرەلمەيسىز ئۇنى،ياخشى ئۆگۈنۈڭ ھە!!!
قۇمساڭىر يەر -قۇم ئارىلاش تۇپراق.

چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-20 12:54 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » يەر ــ جاي ناملىرىمىز
?!---->
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !