يېقىدا روسىيە رېگنۇم ئاگېنتلىغىنىڭ تورىغا (
http://www.regnum.ru/)تۆۋەندىكىدەك بىر خەۋەر بېرىلگەن:
قىرغىز ئالىمى: ئامېرىكىنى تۇڭگانلار بايقىغان
قىرغىزىستان فەيلاسوپىيە پەنلىرى دوكتۇرى، پىروففىسسور ئامانكەلدى بېكبولاېف دۇنيا تارىخشۇناسلىغىغا بىر يېڭىچە كۆز قاراش ئېلىپ كەلدى-- دەپ خەۋەر قىلىدۇ ИА REGNUMنىڭ مۇخبىرى. بۈگۈن، يەنى 27- ئاۋغۇست (2007-يىلى) كۈنى مەخسۇس تۇڭگانلار تونۇشتۇرۇلغان كىتاپنىڭ تارقىتىلىشى ۋە توڭگانلارنىڭ جوڭگودىن قازاقىستان ۋە قىرغىزىستانغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەنلىگىنىڭ 130- يىللىغىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتا، ئامانكەلدى ئەپەندى جوڭگو دېڭىزچىلىرى مۇخامەت ئالى ( جېڭخې) باشچىلىغىدا تۇنجى بولۇپ ئامېرىكنى بايقىغان دىگەن قىياسنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تارىخىي رومان " مىڭ چاقىرىملىق يول: تۇڭگان خەلقى ھەققىدە ھىكايەت" ئالما- ئاتادا ئاممىان. فېڭ. بېك نامىدا نەشر قىلىنغان، كىتاپتا ئاپتورنىڭ سۆزى بويىچە " تۇڭگان خەلقىنىڭ مەدىنىيىتى ۋە قەھرىمانە ئىش ئىزلىرى ناھايىتى تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان". بېكبولائېف نۇتقىدا بۇ كىتاپنىڭ يېڭى دەۋر تۇڭگان ياشلىرىنىڭ ياخشى بىر پايدىلىش كىتابى بولۇپ قىلىشىنى ئۈمىت قىلىدۇ.
تۇڭگان__ جوڭگودا خۇيزۇ دەپ ئاتالغان نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئاز سانلىق مىللەت. ئۇلار نىڭشا خۇيزۇ ئاپتونۇم رايونى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ۋە گەنسۇ ئۆلكىسىدە ياشايدۇ، خەنزۇ تىلىنىڭ شىمال دىيالېكتىدا سۆزلىشىدۇ، كۆپ قىسىملىرى ئۆزىگە ئەرەپچە ۋە پارىسچە ئىسىم قويىدۇ. ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان مۇسۇلمانلاردۇر. بىر قىسىم تۇڭگانلار چىڭ سۇلالىسىگە قارشى 1861-1877 يىللىرى كۆتۈرۈلگەن ئىسياننىڭ مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن بۇرۇنقى مۇستەققىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى تېررىتورىيەسىگە كۆچۈپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ئايرىم بىر ئېتنىك گۇرۇپپا قاتارىدا مىللەت دەپ ئېتىراپ قىلىنغان، ئۇلارنىڭ تىلى ئەجداتلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى دايېلكتىغا ۋارىسلىق قىلىنغان بولۇپ لېكىن كىرىل يېزىغى ئاساسىدا ئىشلىتىلگەن ھەمدە مۇستەققىل دۆلەتلەت بىرلەشمىسى دۆلەتلىرىدە " تۇڭگان تىلى" دىگەن نامدا مەشھۇر بولغان. ئۇلار تۇڭگان تىلىدا " xуэйз" -- خۇيزۇ دەپ يېزىلىدىغان ئۆز نامىنى ساقلاپ قالغان.
ھازىر تۇڭگانلار قازاقىستان جامبۇل ئوبلاستىغا( تەخمىنەن 40مىڭ)، شىمالىي قىرغىزىستانغا (59مىڭ، يەنى رېسپوبلىكا نوپۇسىنىڭ 1.2% پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ) كەڭ تارقالغان، روسىيەنىڭ 2002-يىلىدىكى نوپۇس ستاتىسكىسى بويىچە روسىيەدە 800 تۇڭگان ياشايدۇ. قىرغىزىستاندا بىرقانچە تۇڭگانلار ئولتۇراقلاشقان كىچىك تىپتىكى يېزا- كەنتلەر مەۋجۇت، مەسىلەن: ئالېكساندروفكا، ئىۋانوفكا، مىلئىانفان، كېنبۇلۇن، دېيشىن. نۇرغۇنلىغان توڭگان كىشىلىرى قاراكۆل، توقماق، بىشكەك قاتارلىق شەھەرلەردە ياشايدۇ.
توڭگانلار دېھقانچىلىق، سودا ۋە ئاممىۋى ئاشخانا كەسپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ رايوننىڭ بارلىق چوڭ شەھەرلىرىدە تۇڭگانچە رېستۇران- كافىخانىلار ئومىلاشقان.(تۈگىدى)
جېڭخې ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك جوڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاتاغلىق دېڭىزچى، دىپلومات ۋە چامباشچى . يۈننەن ئۆلكىسى كۇنياڭلىق. يۇقۇرىدىكىگە ئوخشاش جېڭخېنىڭ ئامېرىكىنى بايقىغانلىقى توغۇرلۇق خەۋەرلەردىن يەنە ئەنگىلىيەلىك بىلگە گېۋن. مونھىس ئەپەندىنىڭمۇ دەلىللىك- ئىسپاتلىرى بار ئىكەن. گېۋن ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پېنسىيەگە چىققان كوماندىرى، ئىشتىن سىرتقى تارىخشۇناس، يۈننەن ئۇنىۋېرسىتىنىڭ تەكلىپلىك پىروففىسسورى ۋە يۈننەن ئۆلكىلىك جېڭخې تەتقىقاتى جەمىيىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى، ئۇ مۇنداق دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ: جوڭگو مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى 7 قېتىملىق غەربىي ئوكيان دېڭىز سەپىرىنى ئۇيۇشتۇرغان بۈيۈك دېڭىزشۇناس، يۈننەن كۇنياڭلىق خۇيزۇ جېڭخې ۋە ئۇنىڭ يېتەكچىلىگىسدىكى يىراق ئوكيان فلوتى يەر شارىنى ئايلىنىش سەپىرىنى تاماملىغان ۋە ئىسپانىيە دېڭىزچىسى كولۇمبۇدىن 72 يىل بۇرۇن ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلىغىنى بايقىغان.
ئۇنىڭ قارىشىچە جېڭخې ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېنلاندىيە قىرغاقلىرىغىمۇ چىققان، يەنى ئۇ ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلىغىنى بايقاپلا قالماي يەنە ئاۋستىرالىيەنىمۇ بايقىغان. بىر قىسىملىرى ئۇنىڭ بۇ كۆز قارىشىغا قوشۇلمىسىمۇ لېكىن كۆپ قىسىم مۇتەخخەسسىلەر يەنىلا ئۇنىڭ دەلىل - ئىسپاتلىرى يېتەرلىك دەپ قارىغان. ئۇنىڭ دىيىشىچە ھازىر ئۇ پۈتتۈرگەن 1000نەچچى يۈز بەتلىك تەتقىقات ماتىرىيالىنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى تېخى تەرجىمە قىلىنمىغان، ئەگەر نەشردىن چىقسا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئوقۇپ چۈشەنگەندىن كېيىن ئۇنىڭ تەتقىقاتىغا قوشۇلىدىكەن.
ئۇنداقتا بىزنى قىزىقتۇرىدىغان مەسىلە جېڭخېنىڭ كېلىپ چىقىشى زادى كىم؟
ماتىرىياللاردا يېزىلىشىچە، ئۇنىڭ ئەجدادى بۇخارالىق تۈركتىن بولغان ، يۈەن سۇلالىسىنىڭ مەشھۇر ۋەزىرى سەئىددىن (، 1211~1279 赛典赤، Saiyid Ajall Shams al-Dīn ) دىگەن كىشى بولۇپ جېڭخېنىڭ 6- بوۋىسى بولىدۇ. يۈەن دەۋرىدە يۈننەن قالايمىقان ، باشقۇرۇش تەس بولغاندا خان ئۇنىڭ قابىللىغىدىن ئۇنى يۈننەننى باشقۇرۇشقا ئەۋەتكەن. سەئىد توغۇرلۇق تەتقىقات ماقالىلىرىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ.
جېڭخې مىڭ تەيزۇ خوڭۋۇنىڭ 4-يىلى( 1371) تۇغۇلغان بولۇپ، فامىلىسى ما، يەنى ئەرەپچە Mahmudتىن كەلگەن، كىچىك ئىسمى سەنباۋ، ھۆججەت- ماتىرىياللاردا ئۇنىڭ تەققى- تۇرقى غەلىتە دەپ يېزىلغان، يەنى بويىنىڭ ئىگىزلىگى 7 چى، گەۋدىلىك، بېلى يوغان، يۈزى چوڭ، بۇرنى كىچىكرەك، قاش- كىرپىگى ئېنىق، يۈزى ئاق، چىشلىرى سەدەپتەك.... ئۇ كىچىگىدىنلا دېڭىزچىلىققا ھەۋەس قىلغان بولۇپ دائىم قەغەز كىمە ياساپ ئېرىقلاردا لەيلىتىپ ئوينايدىكەن.
بەزى مىڭ سۇلالىسى تارىخشۇناسلارىنىڭ تەتقىقاتىچە، مىڭ سۇلالىسىنى قۇرغان جۇيۈەنجاڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدۇ، لېكىن يوشۇرۇن تۇتقان دىيىلگەن، ئۇلارنىڭ بۇنداق دىيىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ جۇيۈەنجاڭ كىچىگىدە تۇرغان خۇاڭسى ئىبادەتخانىسى بۇددا ئىبادەتخانىسى بولماستىن مەسچىت ئىدى، جېڭخېنىڭ غەربىي ئوكيانغا 7 قېتىملىق سەپىرى ئەمىلىيەتتە پادىشا ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرىنى ھەج قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان...ۋاھاكازا دەيدىكەن، لېكىن بۇ بۇ يەردە مۇزاكىرە قىلىدىغان مەسىلە ئەمەس.
مەسىلە جېڭخېنىڭ 6- بوۋىسى دەپ ئېنىقلانغان سەئىددىننىڭ كېلىپ چىقىشى توغۇرلۇق قىزىقارلىق تەتقىقاتلار، سەئىددىننىڭ شەجەرىسىگە ئۇ بۇخارالىق تۈرك، چىڭگىسخان بىلەن شەرققە كەلگەن دىيىلگەن. ئوگۇدايخان ۋە مېڭگې خان دەۋرلىرىدە دارغاچ بولغان، كېيىن يۈننەنگە ئەۋەتىلگەن.
خۇيزۇ بىلگەسى ئەيسا. ناۋېيشىن ( 尔萨. 纳为信) ئەپەندى يازغان كىتاپ << يۈەن سۇلالىسى شەنياڭ كېنەزى سەيدەنچى. جەنسىدىن ( 赛典赤.瞻斯丁) جەمەت تارىخى>> دا چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ، سەئىددىننى " قارلۇق قەبىلىسىنىڭ ئاقساقالى ئارسلانخان بىلەن بىر كىشىدۇر" دەپ يەكۈن چىقارغان، چوڭ ھەجىملىك بۇ ماقالىسىدا دەلىل- ئىسپاتلارمۇ يېتەرلىك ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس مايكېل. C. بۇرس ئەپەندىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك سەئىددىن ( Sayyid Omer Shams al-Din ) تەتقىقاتى خەلقارالىق يىغىنى ئىلمى ماقالىلەر توپلىمىدا ئېلان قىلىنغان(2004، يۈننەن ئۇنىۋېرسىتى نەشرياتى) << مىڭ سۇلالىسى دەسلەپكى دەۋرىدىكى يۈننەن ئۇيغۇرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان ئەۋلاتلىرى>> (明初云南畏兀儿人及其穆斯林后裔) دىگەن ئىلمى ماقالىسىدە بۇ مەسىلە تېخىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلىنغان ئىكەن، لېكىن ماقالىنىڭ تەپسىلى مەزمۇنى بىلەن ئۇچرىشىشقا پۇرسەت بولمىدى.
قانداقلا بولمىسۇن، جېڭخې، يەنى ماسەنباۋ، مەملىكىتىمىز تارىخىدىكى ئاتاقلىق دېڭىزچى ، دېڭىزچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان، زامانىمىزدىكى ھەر مىللەت كىشىلىرىمىزنىڭ بۇ كىشىنى ياد ئېتىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.