بۇ بەتتىكى تېما:ئۇيغۇرتىلىدىكى  ئىشتان سۆزىنىڭ كىلىش مەنبەسى | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما قېتىم كۆرۈلدى
uyghurbaligh
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 7351
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 18
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە18دانە
شۆھرىتى: 107 نومۇر
پۇلى: 150 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۇيغۇرتىلىدىكى  ئىشتان سۆزىنىڭ كىلىش مەنبەسى

ئۇيغۇرتىلىدىكى  ئىشتان سۆزىنىڭ كىلىش مەنبەسى


维吾尔语 Ishtan 一词的词源探析
The Origin of the Word "Ishtan" in Uyghur Language
چاڭخوڭ (常红)شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى فىلىلوگىيە ئىنىستىتوتىدىن


  
ھەرقانداق بىر تىلنىڭ لۇغەت تەركىبىدە بەلگىلىك مىقداردا باشقا تىلدىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەر ئۇچىرايدۇ .بۇ ناھايتى نورمال ئەھۋال .بۇ ھادىسە شۇ تىلنىڭ لۇغەت تەركىبىنى موللاشتۇرۇشتا مۇھىم رولغا ئىگە.سۆزقۇبۇل قلىشنىڭ تاشقى سەۋەبى بولسا باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادى،سىياسى مەدەنىي تەسىردىن ئىبارەت بولسا ،ئىچكى ئامىلى تىلنىڭ لېكسىكا قىسمىنى بىېيتىشتىن ئىبارەت بولىدۇ .سىرتتىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەرمۇ ئاشۇ تىلنىڭ بىر تەركىبى قىسمى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدە <<ئىشتان>>دىگەن بۇ سۆز روس تىلىدىن ئۇيغۇرتىلىغا قۇبۇل قىلىنغان دىيىلگەن ،ئەمەليەتتە بۇ سۆز چاغىتاي دەۋرىدە ئۇيغۇرتىلىدىن روس تىلىغا كىرگەن .

ئۇيغۇرلار ناھايتى قەدىمكى مىللەت .ئۇلار قەدىمدە 袁纥،韦纥،乌护،乌纥،回纥،回鹘،畏兀儿 قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتالغان .9-ئەسىردىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار كۆچمە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ ،تەبىئىكى ئوۋچىلىقمۇ ئاشۇ دەۋىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تورمۇشۇدىكى مۇھىم ئىگىلىك ئىدى .شۇڭا <<ئىشتان >> ئۇلار ئۈچۈن مۇھىم كىيىم ھېساپلىناتتى.قەدىمى تۈرك تىلىدا <<ئىشتان>>سۆزى ئورنىدا ئىشلىتىلگەن  <<ئىچتون>><<ئوتران>><<ئۆم>>قاتارلىق سۆزلەرنى تاپقىلى بولىدۇ .
<<ئىچتون>>دىگەن سۆز <<ئىچ>>ۋە <<تون>>دىگەن ئىككى سۆزدىن تەركىپ تاپقان قوشما سۆز.<<ئىچ>>سۆزى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرتىلىدا نەرسىلەرنىڭ ئىچكى قىسمى،بىرەر نەرسىنىڭ ئىچىدە تۇرىدىغان ، ئىچىدە بولىدىغان دىگەن مەنىدە قوللىنىلىۋاتىدۇ.<<ئىچ>>سۆزنىڭ ئۇيغۇرتىلىدا ئىشلىتىلىش چاستوتىسى خېلى چوڭ ،بۇ سۆزدىن نۇرغۇن سۆزلەر ياسالغان ،تۈرلەنگەن .مەسىلەن :ئىچ ئەت (جىگەرگە يېقىن بولغان نىپىز گۆش)،ئىچقۇر(تاسما،بەلباغ،ئىشتان باغ)،ئىچ سۆز ....قاتارلىقلار .<<تون>>سۆزىگە كەلسەك ئۇيغۇرتىلىدا ئالدى ئوچۇق ، تۈز ياقىلىق ، ئۇزۇن سىرتقى كىيىم قاتارلىق مەنىلەرگە ئىگە .قەدىمى ئۇيغۇرتىلىدا <<ئىچتون>>دىگەن سۆزگە <<لان>>قۇشۇمچىسى قۇشۇلۇپ پىئىل ياسالغان مەسلەن :مەسلەن ئادەم ئىچتونلاندى (ئادەم ئىشتان كەيدى).دىگەندەك .كىيىنچە <<ئىچتون >>سۆزى كالتە ئىشتان،كوسار دىگەن مەنىلەردە قوللىنىلغانلىقىمۇ مەلۇم .
گوللاندىيەلىك شەرقشۇناس M. Th. Houtsma يازغان <تۈرك تىلى -ئەرەپ تىلى لۇغىتى>دە ئىچتون سۆزىگە كوسار،كالتە ئىشتان ،كۆڭلەك دىگەندەك ئىزاھلارنى بەرگەن .Camalu’l- din ibnu’l- Muhanna     14-ئەسىردە <<ئەرەپ تارك تىلى سۆزلىكلىرى>>دىگەن كىتاپنى يازغان بولۇپ ،ئۇنڭدا تەسۋىرلەنگەن تۈرك تىلى ئاساسلىقى چىڭگىزخان دەۋرىدىكى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ئىدى .بۇ لۇغەتنىڭ كىرىسلى رېفئەت(Kilisli Ri’fat )تەرپىدىن ئىلان قىلىنغان نۇسخىسنىڭ 167-بېتىدە <<ئىچتون>>سۆزى <<ئاشتان>><<كوسار>>دىگەن مەنىلەردە دەپ ئىزاھ بېرىلگەن .Melioranski   تۈزگەن بىر لۇغەتتە ئىشتانباغ سۆزى خاتىرلىنىپ ئۇنىڭغا،ئىشتاننى كۆرسىتىدۇ دەپ ئىزاھ بېرىلگەن .14-ئەسىردە تۈزۈلگەن <<قەدىمى تۈرك تىلىنىڭ تەپسىلى لۇغىتى>>دە :<<ئىچتون>> ئىچ كىيىمنى كۆرسىتىدۇ ،ئۇ ئىچ ۋە تون دىن ئىبارەت ئىككى سۆزدىن تۈزۈلگەن دەپ ئىزاھ بېرىلگەن .15-ئەسىردە B. A talayتەرپىدىن تۈزۈلۇپ 1945-يىلى ئىلان قىلىنغان <<تۈركچە تەنە سۆزلەر توپلىمى>>دىگەن ئەسەردە ئاساسلىقى تۈرۈكمەن،قىپچاق تىللىرى ئاساس بولۇپ<< ئىچتون>> سۆزىگە كىيىم دەپ ئىزاھ بېرىلگەن .V. de V eliam inof- Zernof تەرپىدىن 16-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىلان قىلىنغان ،<<چاغىتاي تىلى -تۈرك تىلى لۇغىتى>>ۋە Gerard clauson تەرپىدىن ئىلان قىلىنىپ Muhammad Mahdi Xan تەرپىدىن 18-ئەسىردە تۈزۈلگەن <<پارسچە-تۈركچە لۇغەت>> قاتارلقلاردا <<ئىچتون>>سۆزىگە كوسار ،ئىچ كىيىم دەپ ئىزاھلار بېرىلگەن .
يۇقارقى ماتېرياللاردىن قارايدىغان بولساق <<ئىچتون>>سۆزى قەدىمى تۈرك تىلىدا ئىشتان ،كوسار دىگەن مەنىلەرنى بىكدۈرگەن ،ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ سۆز مەنسى ئۆزگەرگەن .ئوغۇرتىلى ،خاقانىيە دەۋرىدىكى تىل ۋە چاغىتاي دەۋرىدە ئىشتان ،كوسار مەنسىنى بىلدۈرگەن بولسا ،قەدىمى تۈركىيە تىلى ،قىپچاق تىلى ۋە 18-ئەسىردىكى چاغىتاي دەۋرىدە ئىچ كىيىم ،كىيىم دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرگەن .
ئىچتون سۆزىگە قارايدىغان بولساق كۆپ قىسىم تۈركى تىلدا بو سۆزنىڭ <<چ>>ھەرىپى <<ش>>ھەرپىگە ئۆزگەرگەنلىكىنى ،ئەمما <<ئو>>ھەرپىنىڭ <<ئا>>ھەرپىگە ئۆزگەرمىگەن .ئەمما چاغىتاي دەۋرىدا بۇ سۆز <<ئىشتان>>بولۇپ ئۆزگەرگەن .يەنى <<ئو>>ھەرىپى <<ئا>>غا ،<<چ>>ھەرىپى <<ش>>غا ئۆزگەرگەن .كاشغەرى مەھمۇدمۇ<<دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك>>تە  بۇنداق <<چ>>ھەرپىنىڭ تۈرك تىلىدا <<ش>>تەلەپپۇز قلىندىغانلىقىنى قەيىت قىلىپ ئۆتكەن .مىسالەن بىز ھازىر <<دۇچ كەلدىم >>دىگەن سۆزنى <<دۇش كەلدىم >>دەپ تەلەپپۇز قىلغاندەك .
<<ئىچتون>>سۆزى تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ تىلىدا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ <<ئىچدون>>دەپ يېزىلىدۇ .ئەمما ئۇيغۇر تىلىدا ئچتون(ئىشتان)سۆزى پارىس تىلىدىن كىرگەن <<تامبال>><<شىم>>دىگەن سۆزلەرگە ئورۇن بوشۇتۇپ ،سەھنىدىن چىكىنگەن .
ئىچتون سۆزنىڭ روس تىلىغا قاچان كىرگەنلىكى توغرىسىدا ماتىريال يوق .لىكىن پەرەز قىلىشقا بولۇدىكى -13-ئەسىردە چىڭگىزخان غەرىپنى بويسۇندۇرۇپ ،كەڭ ئوتتۇر ئاسىيا زىمىنى ئىگەللىگەن ،كىيىن بۇ زىمىننى ئىككىنجى ئوغلى چاغىتايغا سۈيۈغال قىلىپ بەرگەن .ئەينى ۋاقىتتىكى روسيەمۇ چاغىتاي تەرپىدىن بوي سۇندۇرۇلغان .15-ئەسىردە روسلار چاغىتاي ھاكىميىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ روسيەنى قورغان .لىكىن ئەينى زاماندا تۈركى تىلدىن 206سۆز روس تىلىغا ئۆزلەشكەن .بۇ سۆزلەرنىڭ سانى كۆپ بولمىسىمۇ ،ئىشلىتىلىش كەڭ بولغان .دىمەك ئىچتون(ئىشتان)سۆزىمۇ روسلار چاغىتاي ھاكىميىتى ئاستىدا تورغان ۋاقىتتا روس تىلىنىڭ گىرامماتىكىسىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ ئۆزلەشكەن .يەنى باشتىكى <<ئى>>ھەرىپى تاشلىۋىتىلىپ قوللىنىلغان .ھازىرمۇ ئوخشاش مەنىدە قولىنىلماقتا يەنى _штаны
بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا قايتپ كىلىشى_17ئەسىردە چارروسىيە ئىلى رايونىنى بېسىۋېلىپ ،روس تىلىنى ھۆكۈمەت تىلى قىلىپ بەلگىلىگەن .يەنە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كىيىن روسلار بىلەن قىلىنغان ئالاقىنىڭ كۆپىيشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇر تىلىغا روس تىلىدىن نورغۇن سۆزلەر گىرگەن،ئىشتان ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى .شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا ئىشتان سۆزى شىم ،بۇرۇلكا قاتارلىق سۆزلەر بىلەن ئوخشاش مەنىدە قللىنىلدىغان بولدى .شىم ئاساسلىقى ئەرلەرنىڭ ئىشتىنىنى كۆرسىتىدىغان بولدى .ئەمما ئىشتان سۆزنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرسى ئانچە كەڭ بولمىدى .
يۇقارقىلاردىن خۇلاسىلغاندا ئىشتان(ئىچتون) سۆزى قەدىمى تۈرۈكچە سۆز بولۇپ ،چاغىتاي دەۋرىدە روس تىلىغا كىرگەن ،كىيىن يەنە ئۇيغۇر تىلىغا قايتىپ كەلگەن .

تىل ۋە تەرجىمە ژورنىلى(خەنزۇچە) 2005-يىللىق 1-سان


http://karamet.5d6d.com/thread-1557-1-1.html  دىن قىسقارتىلىپ تەرجىمە قىلىندى.
ئۆتۈكەن تور تۇراسىدىن ئېلىندى.

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-21 14:36 |
ارامۇت
دەرىجىسى : يۈز بېشى

UID نۇمۇرى: 9335
نادىر تىمىسى : 1
يازما سانى : 119
ئۈنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە119دانە
شۆھرىتى: 995 نومۇر
پۇلى: 765 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :88(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
كېيىنكى دەۋردە كۆپ قىسىم تۈركىي مىللەتلەر روسلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغىنى بىلەن، بۇرۇنقى دەۋرلەردە روسلار تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە تەسىرى ئاستىدا تۇرغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، روسلارنىڭ تۈرك مىللەتلىرى بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى ئۇزۇن، ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىش تەبىئىي ئىش. «تىل ۋە تەرجىمە » ژۇرنىلىدىمىكىن «تۈركىي تىللاردىن روس تىلىغا كىرگەن سۆزلەر » سەرلەۋھىلىك ماقالىنى كۆرگەن ئېسىمدە.

1som
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-21 23:27 |
kisek
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى: 1354
نادىر تىمىسى : 1
يازما سانى : 258
ئۈنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە258دانە
شۆھرىتى: 1042 نومۇر
پۇلى: 2520 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :144(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

      مەلۇم   تىلشۇناس 1975-يىلىدا ئېلان قىلىنغان نوپۇزلۇق سانالغان رۇس لۇغىتىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن لۇغەت تەركىۋىدىكى 4تىن 1 سۆزلۈكنىڭ تۈركلەردىن كىرگەنلىگىنى ئېنىقلاپتىكەنمىش، ئەلۋەتتە ئاز بولمىغان ئەرەپچە، پارىسچە سۆزلۈكلەرمۇ تۈركلەر ئارقىلىق كىرگەن ئىكەن.
[ بۇ يازماkisekتەرپىدىن2009-05-23 11:44دە قايتا تەھر ]

چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-23 01:55 |
barhan
دەرىجىسى : مىڭ بېشى

UID نۇمۇرى: 1522
نادىر تىمىسى : 1
يازما سانى : 536
ئۈنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە536دانە
شۆھرىتى: 1173 نومۇر
پۇلى: 13329 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :221(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
<<ئىشتان>>سۆزىنىڭ كېلىش مەنبەسى توغرىسىدىكى ئىزدىنىشىڭىزگە كۆپ رەھمەت. ئەمما، ئۇنىڭ مەنبىيىنى پارسچە سۆز دەپ قاراش تارىخى مەنتىقىگە ھەرگىز ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. چۈنكى،  ئات مىنىشنى قايسى مىللەتنىڭ ئەجدادى ئاۋال ئۆگەنگەن بولسا، شۇ مىللەت ئىشتاننى كەشىپ قىلغان بولىدۇ.  تۈركى مىللەتلىرىنىڭ ئەجدادى<<تۇرانلار>> ئەڭ دەسلەپ ئات مىنىشنى ئۆگەنگەن بولسا، تۇرانلارنىڭ يەنە بىرتارمىقى ھون(شىيوڭ نۇ، شىيەن يۈن،رۇڭ)لار ئات مىنىشنى مەدەنىيەت دەرجىسىگە كۆتۈردى. <<ئوغۇزنامە>>ئىپوسىدا: <<...مەن ئۇيغۇرلارنىڭ پادىشاسى بولىمەن...>>دېگەن ئوغۇزخاننىڭ ئات مىنگەن ھالەتتە يۈرۈشلىرى، مىلادىدىن 4000يىل بۇرۇنقى تارىخى ۋەقە. دېمەك، ئات مىنگەندە ئىككى پۇت ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئىككى پۇت ئايرىلىپ تۇرغان ئىكەن، ئەلۋەتتە ئىشتان كېيىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ. <<دىۋان>>(1-قىسىم 52-بەت)دا: <<ئۇش-دەرەخ، شاخ ۋە مۈڭگۈزگە ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ ئوتتۇرىسى...>>دەپ ئىزاھ بېرىلگەنگە قارىغاندا، <<ئۇش>>بىلەن<<ئاچا>>(دەرەخنىڭ ئاچىسى) تامامەن ئوخشاش مەنىدە كەلگەن. دەرەخنىڭ ئاچىسى بولغان <<ئۇش>>بىلەن <<ئاچا>>، ئادەم ئىككى پۇتىنى كېرىپ ئات مىنگەندىكى ھالەتكە تەققاسلانغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا، <<ئىشتان>>نى قەدىمدە<<ئۇشتان، ئاچتان>>دەپ ئاتاش ئىھتىمالىغا ئىنتايىن يېقىن. ئۇنداقتا، <<ئۇش>>بىلەن<<ئاچ>>قا <<تان>>نىمە ئۈچۈن قېتىلىپ قالدى ؟ ئۇيغۇر تىلىدا <<تان>> - يۈز ئۆرۈش، تېنىش، ئىككىگە ئايرىلىپ كېتىش دېگەن مەنىدە. ئات مىنگەندە ئىككى پۇت ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئىشتان كەيگەندىمۇ ئوخشاشلا ئىككى پۇت ئىشتان ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ.  ئىشتاننىڭ ئىختىرا قىلىنىشى ئىپتىدائى ھالەتتىكى يالىڭاچ ئىككى پۇتنى مەدەنىيەتلىك(ئىشتان كىيگەن ھالەتتىكى) ئىككى پۇتقا ئايلاندۇردى.
   ئومۇمەن، ھازىرقى ئىستىمالىمىزدىكى<<ئىشتان>>نى ئەجداتلىرىمىز <<ئۇشتان>> ھەم <<ئاچتان>> دەپ ئاتىغان بولۇپ: بىر جۈپ پۇتنى ئىككى ئايرىۋەتكەن كېيىم دېگەن مەنىدە.
[ بۇ يازماbarhanتەرپىدىن2009-05-29 17:48دە قايتا تەھ ]

terjime guruppisi
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-29 17:33 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » تارىخى ئاتالغۇلار
?!---->
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !