مۇقەددىمە
چېن يەنچى (شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى)
«مەدەنىيەت» كەڭلىككە ۋە چۇڭقۇرلۇققا قاراپ ئۇزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدىغان ئۇقۇم. جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى «مەدەنىيەت» ئۇقۇمى مەدەنىيەت-مائارىپ مۇۋەپپەئىيەتلىرى ۋە تەربىيىلەپ تەسىرلەندۈرۈشنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، تەبىئەت بىلەن ئوڭ تاناسىپ، تەربىيە بېرىلمىغان «ساددىلىق» ۋە «ياۋايىلىق» بىلەن تەتۈر تاناسىپ، كېلىدۇ.«مەدەنىيەت»نىڭ غەربچە ئاتىلىشى - لاتىن تىلىدا «كۇلتۇرا»، ئۇنىڭ تۈپ سۆزى پېئىل بولۇپ، تېرىقچىلىق، ئولتۇراقلىشىش، مەشىق قىلىش، كۆڭۈل قۇيۇش ياكى دىققەت قىلىش، دىنىي ئېتىقاد قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق مەنىلەرگە ئىگە، ئۇ ئادەمنىڭ سۇبيېكتىپ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق تەبىئىي ھالەتتىن قۇتۇلۇش مەنىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 16-17- ئەسىرلەردە، ئىنگلىزچە، فىرانسۇسچە چۇلتۇرە (نىمىسچەكۇلتۇر ، رۇسچە) تېرىقچىلىقتىن دەل-دەرەخلەرنى ئۈستۈرۈشكە تەدرىجىي كېڭەيدى ھەمدە ئىنسانلارنىڭ روھىي بىلىمى ، مىجەز-خۇلىقى ئۆرپ-ئادىتىنى كۆرسىتىدىغان بولدى. خەنزۇتىلى سۆزلۈكىدە، چۇلتۇرە نىڭ مەنىسىگە يېقىنراق كېلىدىغان «文化 » (مەدەنىيەت) ، «文明» (مەدەنىيەتلىك) دېگەن ئىككى سۆز بار. ئىنسانلارنىڭ ماددىي ئىجادىيىتى (بولۇپمۇك ئوتتىن پايدىلىنىش) كېڭىيىپ روھىنىڭ نۇرى يەر- جاھاننى يۇرۇتقان «مەدەنىيەتلىك» « 文明 » دېگەن كۇلتۇر(چۇلتۇرە) نىڭ مەزمۇنىغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. «مەدەنىيلىك» (文明) نى «مەدەنىيەت مائارىپ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە قارىتىش» (文治教化) دىكى «مەدەنىيەت»(文化)بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالاغان مەنىسى تېخىمۇ كەڭ بولۇپ، بىز ھازىر ئېيتىۋاتقان كەڭ مەنىدىكى مەدەنىيەتكە يېقىن كېلىدۇ، يەنى ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تارىخىي ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئىجاد قىلىنغان ماددىي بايلىق ۋە مەنىۋى بايلىقنىڭ يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ. مەزكۇر كىتابىتا تەتقىق قىلىنىدىغان مەدەنىيەت ئاساسەن تار مەنىدىكى مەدەنىيەت ئىچىدىكى ئاساسلىق قىسمى-جەمىئەتنىڭ ئاڭ فورماتسىيىسى، يەنى ئىنسانلار ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىدىيىۋى نەزەرىيە، ئەدەپ-قائىدە، ئەدەبىيات-سەنئەت، تارىخ-سىياسەت، پەلسەپە، دىن، مائارىپ قاتارلىق ئاساسىي جەھەتتىن مەنىۋى مەدەنىيەت كاتېگورىيىسىگە مەنسۇپ مەزمۇنلارغا ھەمدە يەنە كەڭ مەنىدىكى مەدەنىيەت مەسىلىرىگىمۇ چېتىلىدۇ.
«مەدەنىيەت» بىر خىل ئاڭ فورماتسىيىسى بولۇش بىلەن، تۆۋەندىكىدەك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە:
دەۋرىيلىكى: مەدەنىيەت بىر خىل تارىخىي ھادىسە، ھەر بىر ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت بولىدۇ ھەمدە ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت بەلگىلىك ئىجتىمائىي سىياسىي، ئىقسادنىڭ ئىنكاسى بولۇپ، يەنە بەلگىلىك ئىجتىمائىي سىياسىي ۋە ئىقتىسادقا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە رول ئوينايدۇ، سىنىپىي جەمئىيەتتە ئۇ سىنىپىيلىققا ئىگە.
مىللىيلىكى: مىللەتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، مەدەنىيەت مىللىيلىككە ئىگە بولدى، مىللىي شەكىللنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، مىللەتنىڭ ئەنئەنىسى، ئۆرپ-ئادىتى شەكىللەنگەنىدى.
داۋاملىشىشچانلىقى: مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتى تارىخنىڭ داۋاملىنىشىشچانلىقىغا ئىگە، ئىجتىمائىي ماددىي ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتنىڭ تارىخىي داۋاملىشىچانلىقى مەدەنىيەت تەرەققىياتى داۋاملىشىشچانلىقىنىڭ ئاساسى.
ئۆزلەشتۈرشچانلىقى: ھەر بىر مەدەنىيەتنىڭ خۇددى مىللەتكە ئوخشاش بۇ مىللەتتە بار مەدەنىيەت ئۇ مىللەتتىمۇ بولىدىغان، ئۇ مىللەتتە بار مەدەنىيەت بۇ مىللەتتىمۇ بولىدىغان ھەم ئالاھىدىلىككە، ھەم ئورتاقلىققا ئىگە بىر تەرىپى بولىدۇ. دېمەك،ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا مەلۇم تەرەپلەردە ئۆزلىشىشچانلىق بولىدۇ. رايون خاراكتېرلىكى: ئۇرۇقداشلىق پاترىئارخاللىق تۈرۈمىنىڭ تەلتۆكۈس يىمىرىلىشىگە ئەگىشىپ، رايون مەدەنىيەت ئەندىزىسى ئۇرقداشلىق ئاسارىتى خارابىسى ئۈستىگە قۇرۇلدى. بۇ يەردە ھەم بىر مىللەتنىڭ ئىچكى ئامىللىق جۇغراپىيىۋى پەرقتىن شەكىللەنگەن ئوخشاش بولمىغان كىچىك رايون مەدەنىيىتى ھەم كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئىچىدە شەكىللەنگەن چوڭ رايون مەدەنىيىتىمۇ بار، مەسىلەن، جۇڭخۇئا مەدەنىيىتى.
2
«تۈرك مەدەنىيىتى» نى «تۈركلەر» بايقىغان ئەمەس.
تۈركلەر ئۆز ماكانى ۋە تارىخىنى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇغان ۋاقىتلاردا، ياۋروپا ئالىملىرى بۇ تەرەققىيات ساھەسىنى ئاچتى. پانتۈركىزم مەيدانىغا چىقىشتىن ئىلگىرى، ياۋروپادا ئىككى قېتىم تۈرك مەدىنىيتى باش تېما قىلىنغان ھەرىكەت كۆتۈرۈلدى. بىرىنچى قېتىملىقى تۈركىيىنىڭ قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە ھۆسنىخەت-رەسىملىرىنى يىغىش دولقۇنى بولۇپ، تۈرك مەدىنىيتى تۇنجى قېتىم كىشىلەر بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. ئىككىنچى قېتىملىقى «تۈركولوگىيە» پائالىيىتى بولۇپ، بىر تۈركۈم رۇسىيە، فرانسىيە، ھۈنگرىيە، دانىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگىئىلىيە ئالىملىرى قەدىمكى تۈركلەر، ھونلار ۋە موڭغۇللار ئۈسستىدە تارىخشۇناسلىق ۋە ئارخېئولوگىيىلىك تەتقىقاتىنى باشلىۋەتتى. ئۇلار تۈركلەر ناھايىتى قەدىمىي مىللەت، تارىختا ناھايىتى يۇقىرى مەدەنىيەت ياراتقان دېگەننى ئىسپاتلاش غەرىزىدە بولغانىدى. بۇ پائالىيەتلەر تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ھەر قايسى مىللەتلەر ئىچىدىكى زىيالىيلار ئارىسىدا چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلماق قالمىدى، شۇنداقلا بۇ بىر قىسىم كىشىلەرنى يېڭى مىللەتچىلىك ئىدىيسىئى – پان تۈركىزمگە قىزىقتۇرماي قالمىدى.
تۈرك مەدەنىيىتى-پان تۈركىزملىق مەدەنىيەت قارىشىنىڭ شەكىللىنىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس، چاررۇسىيە ئەھۋالى بۇ خىل مەدەنىيەتنى يېتىلدۈرىدىغان بۆشۈك ۋە تۇپراققا ئايلاندى.
سىياسىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، 19-ئەسىردە چاررۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىياغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن كېيىن، رۇسلاشتۇرۇشتەك پان سلاۋىزمنى يۈرگۈزۈپ، يەرلىكتىكى دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادىتىنى قەتئىي ساقلايدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغىدى. تاتارلارنىڭ چاررۇسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچرىغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن، رۇسلاشتۇرۇش بېسىمىغا ئۇچرىشى ئەڭ ئېغىر، پان سلاۋىزىمغا قارشى كۈرىشى ئەڭ كەسكىن بولدى.
ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، چاررۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىستېلا قىلغاندىن كېيىن، تاتارلارنىڭ سودا كاپىتالى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مونوپوللۇق ئورنىدىن مەھرۇم بولدى، رۇسىيە بۇرژۇئازلىرىنىڭ قەدەممۇ قەدەم قىستىشى بىلەن، تاتار سودا-سانائەت بۇرژۇئازلىرىغا ئامالسىزلىقتىن كۈچ تەشكىللەپ قارشىلىشىشقا توغرا كەلدى. 17-ئەسىردىن باشلاپ، تاتارلار ئىچىدىن ئادەم سانى كۆپ، پائالىيىتى ئاكتىپ، مىللەتنىڭ ئويغىنىشىنى مۇراجىئەت قىلىدىغان سودا-سانائەت بۇرژۇئازلىرى ۋەكىللىكىدىكى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە مەيدانغا كەلدى. بۇ تەبىقە دەل پان تۈركىزم ھەرىكىتىنىڭ تايانچ كۈچىگە ئايلاندى.
دىنىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، نەچچە يۈزلىگەن تاتار ياشلىرى ئوتتۇرا ئاسىياغا بېرىپ ئەنئەنىۋى ئىسلام تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىپ، پان تۈركىزمنىڭ شەكىللىنىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. پان تۈركىزمنىڭ ئائىسى دەپ نام ئالغان گاسپرىنسكىي ئىلگىرى «تىل، ئىدىيە، ھەرىكەتتە بىرلىشەيلى!» دېگەن ناھايىتى مەشھۇر پان تۈركىزم شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. بۇ شوئار پان تۈركىزمنىڭ مەدەنىيەتتقم باشلاپ قول تىقىشىنى، ئەمما پەقەت مەدەنىيەت ساھەسىدىلا چەكلىنىپ قالماسلىقىنى ناھايىتى ئېنىق ئىپادىلىدى، ئۇنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى سىياسىي ساھەگە كىرىپ، ھوقۇق تەلەپ قىلىش ئىدى. پان سلاۋىزمنىڭ ئىنكاسى بولغان پان تۈركىزم دەسلەپكى مەزگىللەردە مىللىي مەنپەئەتنى قوغداش، چوڭ رۇسچىلىققا قارشى تۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىدى. لېكىن، پان تۈركىزمنىڭ سىرتقا ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، مىللەتچىلىكتىن مىللەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىگە، ئاخىرى بېرىپ يەنە مىللىي كېڭەيمىچىلىككە قاراپ تەرەققىي قىلدى، نەتىجىدە مۇستەملىكىچىلەر ۋە جاھانگىرلار تەرىپىدىن پايدىلىنىپ، دەۋرنىڭ تەتۈر ئېقىمىغا قاراپ ھەرىكەت قىلىدىغان بىر خىل ئەكسىيەتچىل پىكىر ئېقىمى بىلەن سىياسىي ھەرىكەتكە ئايلىنىپ، نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى ۋە ھايات-ماماتىغا تەھدىت سالدى.
پان تۈركىزم دۇنياغا كەلگەندىن كېيىنكى 100 يىلدىن ئارتۇق تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ھەربىر دۇنيا ئۇرۇشىدا، دۇنيا سىياسىيدا داۋالغۇش يۈز بەرگەندە (مەسىلەن، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغان، شەرقىي ياۋروپا ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولغاندا)، پان تۈركىزمنىڭ ھەرىكىتى روشەن ھالدا كۈچەيدى، چۈنكى پەقەت مۇشۇنداق چوڭ كۆلەمدىكى ئۇرۇش ۋە سىياسىي داۋالغۇشلا ئۇنى مىللەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈك ئارزۇسى بويىچە سىياسىي چەك-چېگىرىنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئېتەتتى.
ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، پان تۈركىزم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئازلا قالدى. لېكىن، بىرىنچى قېتىملىق ئۇرۇنۇش تۈركىيە ئىتتىپاق تۈزگەن گېرمانىيە تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى، گېرمانىيىنىڭ تۈركىيىنىڭ شەقىي چېگىرسىنى ئۆزگەرتىپ، رۇسىيىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بېرىش ۋەدىسى كۆپۈككە ئايلاندى. ئىككىنچى قېتىملىق ئۇرۇنۇشمۇ تۈركىيىنىڭ بىتەرەپ بولۇۋېلىشى، غەلىبە قىلغۇچىلار قاتارىغا خېلى كېيىن قاتنىشىشى بىلەن، پان تۈركىزم ئېرىشمەكچى بولغان ئۇ خىل ئۇرۇش نەتىجىسىگە ئېرىشەلمىدى.
90-يىللارنىڭ بېشىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان قاتارلىق بەش دۆلەت كەينى-كەينىدىن مۇستەقىل بولدى، تېخى ئەمدىلا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن بۆلۈنۈپ چىققان، تەلتۆكۈس مۇستەقىللىقنىڭ تەمىنى تېتىمىغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى گەرچە مۇستەقىل بولا-بولمايلا، مەلۇم خىياللار بىلەن ئىلگىرى پان تۈركىزمنىڭ بۇ دەستۇرىنى كۆرۈپ باققان بولسىمۇ، لېكىن ھېچقاچان پان تۈركىزمنى ھەقىقىي يولغا قويۇپ باقىمىغانىدى. ئۇلار بەرىبىر «تۈرك ئىتتىپاقى»نىڭ ئىتتىپاق باشلىقى بولالمايتتى ھەم ئۆز مۇستەقىللىقىنى قولدىن بېرىپ باشقا دۆلەتنىڭ سىياسىي ھامىيسى بولۇشنى خالىمايتتى، ئۇنداقتا لوگىكىغا سىغىدىغان تەرەققىيات يولى مۇقەررەر ھالدا پان تۈركىزمنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان مىللىيپەرۋەرلىك تەرەققىيات يولىنى تېپىشى لازىم ئىدى.
تارىخنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىغا دىققەت قىلىش ھەقىقەتەن ئەرزىيدۇ. نېمە ئۈچۈن پان تۈركىزمچىلار ھازىرغىچىلىك ئۆزىنىڭ سىياسىي نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى ھەم كۆرۈنەرلىك سىياسىي نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى؟ بۇنىڭ سەۋەبى:
بىرىنچى، پان تۈركىزملىق ھەرىكەتنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئاشۇ قىسقىغىنا تارىخىدىن باشقا، باشتىن-ئاخىر ھېچقانداق بىر دۆلەت ياكى ھۆكۈمەتنىڭ كۈچلۈك ئىزچىل قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى. تارىخ شۇنى ئىپادىلىدىكى، مىللەتچىلىك كۈچلۈك مىللىي ھېسسىيات بىلەن ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر سادىقلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدىغانلىقتىن، پان تۈركىزمغا قارىغاندا سىياسىي جەھەتتە غەلىبە ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مايىللىقىنى تېخىمۇ ئاسان قولغا كەلتۈرەلىدى. دېمەك، تۈركىيىگە ئوخشاش پان تۈركىزملىق تارىخىغا ئىگە ئەنئەنىۋى دۆلەتلەر پان تۈركىزملىق مەسىلىسىدە ئىككى خىل ئۆلچەمنى ئىزچىل يۈرگۈزۈپ كەلدى. بىر تەرەپتىن، پان تۈركىزم «چېگرا سىرتىدا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان تۈرك»لەرگە «كۆڭۈل بۆلۈپ»، «مەدەت بېرىپ»، «قوللاپ» كەلدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەت ئىچىدە پان تۈركىزمنى دۆلەت تىكلەش دەستىكى قىلماستىن، بەلكى كامالىزمدا چىڭ تۇردى. پان تۈركىزمنىڭ مىللەت ھالقىغان، دۆلەت ھالقىغان ئۇچىغا چىققان تەلىماتى ئەزەلدىن بىر دۆلەتنىڭ مىللىي مەسلىكى بىلەن قارىمۇ قارشى، ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىگە، خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز بولغانلىقتىن، ھېچقاچان تۈركىيىدە كامال تەشەببۇس قىلغان مىللىي مەسلەكتەك ئۇنداق جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولالمىدى.
ئىككىنچى، پان تۈركىزم ئىزچىل تۈردە كىچىك دائىرىدىكى سەرخىللارنىڭ ھەرىكىتى بولۇپ كەلگەچكە، ئۇ پەقەت ئاز بىر قىسىم زىيالىي، ياش ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيىنىڭ قوللىشىغىلا ئېرىشىپ، كۆلىمى ناھايىتى كىچىك بولدى، ئادەتتە بىر قانچە يۈز، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 2000~3000كىشىدىن ئاشمىدى. چۈنكى، ئۇ ئەزەلدىن كەڭ خەلق ئاممىسى چۈشىدىنىغان، قوبۇل قىلالايدىغان بىرەر پروگراممىنى يولغا قويۇپ باقمىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇ تۇتامى يوق «تۈركىي مىللەتلەر»نىڭ ئازادلىقىغىلا باش قاتۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە سەل قارىغانلىقتىن، ئۇ ھېچقاچان ئۆزلىرى ئۈمىد قىلغاندىكىدەك ئۇنداق زور كۆلەمدىكى ئاممىۋى ھەرىكەت قوزغىيالمىدى، ھېچقاچان كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشەلمىدى.
ئۈچىنچى، پان تۈركىزملىق ھەرىكەتتە بىر نوپۇزلۇق رەھبەرلىك يادروسى كەمچىل. خىلمۇ خىل تەشكىلاتلار تەڭ باش كۆتۈرۈپ تۇرغان، ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن بولۈنغان تالاش-تارشالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا يەنە تەلتۆكۈس ۋە روشەن بولغان ھەربىر تەشكىلاتنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرىدىغان، بىرلىككە كەلتۇردىغان رەھبەرلىك ئىدىيىسى كەمچىل.تەشكىلىي جەھەتتىكى چېچىلاڭغۇلۇق ۋە باشباشتاقلىقىمۇ بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۈنۇملۈك تۆۋەن بولۇشىدىكى مۇھىم بىر ئامىل بولۇپ كەلدى. تۆتۇنچى، پان تۈركىزم ھەرىكىتىنىڭ ماھىيىتىنى ئۇچىغا چىققان مىللەتچىلىك ياكى قارا نىيىتىنى ئۇچىغا چىققان مىللەتلىك، دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.ئۇ ھەممىنى دۆلەتنىڭ، مىللەتتىن ئۈستۈن قويىدىغان مىللىي بىرلىك مەسلىكىدۇر. ئۇ بىر خىل دەۋر ئېقىمىغا قارشى ھەرىكەت قىلىدىغان ئەكسىيەتچىل پىكىر ئېقىمى بولغانلىقتىن، ھەم چوڭقۇر ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولالمىدى، ھەم ھەر قايسى ئەل سىياسىي رەھبەرلرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى.
پان تۈركىزم 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلىرىدىن باشلاپ گۈللىنىش-ئۇيقۇغا پېتىش-ئويغىنىش-زەئىپلىشىش-قايتا جانلىنىش-زەئىپلىشىشكە ئوخشاش ئۈچ كۆتۈرۈلۈپ، ئۈچ پەسىيىشتەك جەرياننى باشتىن كەچۈردى. بۇنىڭدىن بىز ئۇنىڭ زاۋاللىققا يۈزلەنگەنلىكىنى، جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. پان تۈركىزىمنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ، شېرىن چۈشلىرىنى كۆرۈش غەرىزى ئەمەلگە ئاشمايدىغان قۇرۇق خىيالدىنلا ئىبارەت. لېكىن، ئۇچىغا چىققان مىللەتچىلىك پىكىر ئېقىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەزەلدىن يوقىغىنى ۋە توختاپ قالغىنى يوق، ئەزەلدىن شىنجاڭ ۋە باشقا تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر رايونىغا سىڭىپ كىرىشنى توختاتماي، ھەر ۋاقىت باشقىچە شەكىل ياكى يېڭىچە قىياپەتتە پەيدا بولۇپ، كىشىنىڭ خاتىرجەملىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ تۇردى. پەقەت مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندىلا، بىز ھەرگىزمۇ بىخەستەلىك قىلماسلىقىمىز لازىم.
3 گەرچە پان تۈركىزم سىياسىي جەھەتتە نەچچە كۆتۈرۈلۈپ، نەچچە پەسەيگەن بولسىمۇ، كۆرۈنەرلىك سىياسىي نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. لېكىن، مەدەنىيەت جەھەتتە ياكى مەدەنىيەت پان تۈركىزىمى ئەكسىچە ئىزچىل تۈردە ناھىيتى زور تەسىرگە ئىگە بولۇپ، چوڭقۇر يىلتىز تارتتى، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟
بىرىنچى، پان تۈركىزم «تۈرك مەدەنىيىتى» دىن باشلىغان. سىياسىي جەھەتتىكى پان تۈركىزم ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەتلەر تەرىپىدىن دائىم ئاسانلار بايقىۋېلىندۇ، لېكىن مەدەنىيەت جەھەتتىكى پان تۈركىزم غەرب ئالىملىرىنىڭ «تۈركىلوگىيە قىياپىتى بىلەن ئىلمىي يېپىنچىغا ئورۇنۇۋېلىپ، «تۈركولوگىيە» قىياپىتى بىلەن مەيدانغا چىقىپ، سىياسىي قورغاننى ئاسانلا بۆسۈپ ئۆتۈپ بىر قىسىم دۆلەتلەرگە سىڭىپ كىردى، شۇنىڭ بىلەن تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان بىر قىسىم مىللەتنىڭ ئىچىدىكى زىيالىيلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.
ئىككىنچى، پان تۈركىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشىنى، مىللەت قارىشى، دىن سىياسىي جەھەتتىكى پان تۈركىزم بىلەن مەدەنىيەت جەھەتتىكى پان تۈركىزم باشتىن-ئاخىر بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. سىياسىي جەھەتتىكى پان تۈركىزمغا ئۆزگەردى. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، پۈتكۈل پان تۈركىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى سىياسىي پان تۈركىزم بىلەن مەدەنىيەت پان تۈركىزمى سىياسىي پان تۈركىزمىنىڭ ئاساسىي ئانا تېنى، بۆشۈكى ھەمدە پاناھلىنىش ماكانىدۇر. بۆشۈكى بولغانىكەن مەدەنىيەت پان تۈركىزمى ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىكەن، سىياسىي پان تۈركىزم قايتا باش چىقالمايدۇ، دېيەلمەيمىز. بۇ دەل بىزنىڭ سىياسىي پان تۈركىزمغىلا ئېتىبار بېرىپ، مەدەنىيەت پان تۈركىزىمغا سەل قارىشىمىزغا بولمايدىغاننىڭ سەۋەبى، شۇنداقلا بىزنىڭ پان تۈركىزىملىق مەدەنىيەت قارىشىغا قارىتا تەتقىد ۋە تەتقىقاتنى قانات يايدۇرغانلىقىمىزنىڭ مۇھىم سەۋەبى.
ئۈچىنچى، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر بار دۆلەتلەر ئاساسەن دېگۈدەك تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپ ئۇلار تارىختا ئاساسەن جاھانگىر دۆلەتلەر ۋە مۇستەملىكە كۈچلەرنىڭ ئېزىشى ۋە دەپسەندە قىلىشقا ئۇچرىماي قالمىدى. ئۇلار ئوخشاش بولمىغان تارىخىي تەقدىرگە ۋە ئورتاق دىنىي ئېيىقادقا ئىگە تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئىتتىئىپاقىلىشىشىغا، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ غەرب جاھانگىر دۆلەتلىرى ۋە مۇستەملىكە كۈچلەرنىڭ ئېكسپىلاتاسىيىسىگە تاقابىل تۇرۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ھېچقاچان مەۋجۇت بولمىغان، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان بارلىق مىللەتلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى مىللەت-«تۈركىي مىللەت»نى ياساپ ۋە ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، مەلۇم بىر خىل تەلۋىلەرچە ئۆزىنى يوغان چاغلايدىغان مىللىي پسىخولوگىيىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان بىر خىل ئورتاق تىل بەرپا قىلىپ، ئورتاق ئىدىيە يارىتىپ، ئورتاق تارىخ تۈزۈپ، ئۆزلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كىچىكلەتمەكچى بولدى. پان تۈركىزملىق مىللەت قارشى دەل مۇشۇنداق تار مىللەت پسىخولوگىيىسىگە ماس كەلدى، مانا بۇ پان تۈركىزمنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشىدىكى مۇھىم سەۋەب.
تۆتىنچى، پان تۈركىزمچىلار غەربنىڭ نەرسىلىرىنى ئۇنداق ئاددىيلا چەتكە قاقماستىن، تۈرك ۋە مۇسۇلمانچىلىقنى ساقلاپ قېلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا پۈتۈنلەي، ھېچقانداق شەرت ھازىرلىمايلا غەرب مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇلار غەرب مەدەنىيىتىگە تەلتۆكۈس كىرىشتىن ئىلگىرى، جەزمەن ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ «تۈركىي مىللەت» مەدەنىيىتىنى بايقىشى، قېزىقىشى، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەممە تەرەپتىن ياۋروپا مەدەنىيىتىنى سىستېمىلىق قوبۇل قىلىشنى تەكىتلىدى. بۇ خىل پوزىتسىيە ناھايىتى ئاسانلا تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ماقۇللۇقىغا ئىگە بولدى.
پان تۈركىزم ھەرىكىتىنىڭ تارقاقلىقى، شۇنداقلا پان تۈركىزمنىڭ غوللۇق خادىملىرىنىڭ باشباشتاقلىقىدىن ئۇنىڭدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلگەن، ئەتراپلىق بولغان مەدەنىيەت قارىشى يوق ياكى بولمىسا ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان مەدەنىيەت قارىشى يوق دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن، پان تۈركىزم مدەنىيىتىدىن كېلىپ چىققان مىللەت قارىشى، دىن قارىشى، تارىخ قارىشى ۋە دۆلەت قارىشى بولسا ناھايىتى روشەن، بۇلارنىڭ ئىچىگە سىڭگەن مەدەنىيەت قارىشىنىڭ بىمەنىلىكى، ئالدامچىلىقى، قۇتراتقۇلىقىنىمۇ ناھايىتى ئاسانلا بايقىۋالغىلى بولىدۇ.
پان تۈركىزملىق مەدەنىيەت قارىشىغا قارشى تەنقىد ۋە تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇش شىنجاڭغا نىسبەتەن چوڭقۇر تارىخىي ۋە ئەمەلىي ئەھمىيىتىگە ئىگە. 20-ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، پان تۈركىزمنىڭ شىنجاڭغا تارقىلىپ كىرىشى ئالدى بىلەن مەدەنىيەت، مائارىپ ساھەسىدە، ئۇنىڭدىن كېيىن سىياسىي ساھەدە كۆرۈلدى. مەيلى 30-يىللارنىڭ بېشىدىكى ئۆمرى كۇتا ئىككى بۆلۈنمە ھاكىمىيەت بولسۇن ياكى 40-يىللاردا ئەلاخان تۆرە ئويدۇرۇپ چىققان «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» بولسۇن، ھېچقايسىسى پان تۈركىزم مەدەنىيەت قارىشى ئېزىتقۇسىنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئوچرىماي قالمىدى. مەيلى مۇھەممەت ئىمىن توقۇپ چىققان «شەرقىي تۈركىستان تارىخىي»بولسۇن ياكى 80-يىللاردا مەيدانغا چىققان «ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، «ئۇيغۇرلار»، «قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»قاتارلىق ئۈچ كىتاب بولسۇن، ھەممىسىدىلا پان تۈركىزملىق مەدەنىيەت قارىشىنىڭ كونكرېت يىغىندىسى ئىپادىلەنگەنىدى. پان تۈركىزملىق مەدەنىيەت قارىشى بىر تەرەپتىن «تىل، دىن، ئۆرپ-ئادەت ۋە سىياسىي خارابە ئۈستىگە قۇرۇلغان» «تۈرك مەدەنىيىتى ئورتاق گەۋدىسى»نى كۈچەپ تەرغىب قىلىپ، خىلمۇ خىل ئاماللار بىلەن شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى كۆپ مىللەتتىن تەشكىل تاپقان ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەتتىن-جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر پۈتۈن مەدەنىيىتى-جۇڭخۇئا مىللەتلىرى مەدەنىيىتىدىن ئايرىپ چىقىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە مەدەت بەردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن بار كۈچى بىلەن مەدەنىيەتنىڭ بىرخىل ئېچىۋېتىلگەن، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىدىغان، تەرەققىي قىلىدىغان ھاياتى كۈچكە ئىگە ئورگانىزم ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، بېكىنمىچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، كونىلىقىنى ساقلاپ، قاتمال ھالەتتە تۇرۇۋېلىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشىنىڭ توسالغۇسىغا ئايلاندى.
4. جۇڭگونىڭ رايون مەدەنىيەت ۋەزىيىتى قەبىلىلەر پاترىئارخاللىق تۈزۈمى يىمىرىلىشكە باشلىغان ئەمىنىيە، يېغىقلىق دەۋرىدە شەكىللەنگەن بولۇشى مۇمكىن. فېڭ تيەنيۈ، خې شياۋمىڭ، جۇ جىمىڭلار يازغان «جۇڭخۇئا مەدەنىيەت تارىخ» (شاڭخەي خەلق نەشرىياتى، 1990-يىلى نەشرى)دا، ئەينى ۋاقىتتىكى رايون مەدەنىيەتلىرى:
1.چىلو مەدەنىيىتى. بۈگۈنكى شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى تەيشەن تېغىنىڭ شىمالى (چى) ۋە جەنۇبى (لۇ)غا تارقالغان. ئەمىنىيە دەۋرىدىكى چىلۇ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغانىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن چىلۇ مەدەنىيىتى ئورتودوكساللىق، لوگىكىلىق ئالاھىدىلىكلەرنى ھازىرلىغانىدى. جۇڭگو زور بىر تۈركۈم پېشۋالار، مەسىلەن كۇڭزى، مېڭزى، گۈنزى، موزى، سۇنۋۇ ۋە زۇيەن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ جايدا دۇنياغا كەلگەن.
2.چۇ مەدەنىيىتى. ئاساسەن بۈگۈنكى خۇنەن، خۇبېي ۋە خېنەن، ئەنخۇي، جياڭشىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىغا تارقالغان. بۇ مەدەنىيەتنىڭ مەنبەسى قەدىمدىن ئاۋۋالقى رىۋايەت دەۋرىدىكى جۇرۇڭ، سەن مياۋغىچە بېرىپ تاقالغانلىقتىن، مەدەنىيەت مورفولوگىيىسى جەھەتتىن تەھلىل قىلغاندا، ئۇنىڭدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خۇئاشيا مەدەنىيىتى ۋە جەنۇبتىكى يات قەۋملەر مەدەنىيىتىنىڭ شالغۇتلاشقانلىقىنىڭ روشەن ئالامەتلىرى بار.
3.ۋۇيۆ مەدەنىيىتى. بۈگۈنكى جياڭسۇ، جېجياڭ، شاڭخەي ۋە جياڭشى، ئەنخۇيلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىغا تارقاق جايلاشقان بولۇپ، شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز دېڭىز ياقىسى رايونلىرىنىڭ ئالامەتلىرى بار.
4.باشۇ مەدەنىيىتى. سچۈئەننى مەركەز قىلىپ، شەنشى، جۇبېينىڭ غەربى ۋە يۈننەن-گۇيجۇنىڭ قىسمەن رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
5.چىن مەدەنىيىتى. ئۇنىڭ تارقىلىش دائىرىسى بۈگۈنكى شەنشىنىڭ گۇئەنجۇڭ، خەنجۇڭ رايونلىرىنى مەركەز قىلىپ، شەرقتە خەنگۇ ئۆتكىلى① دىن باشلىنىپ، شەربتە گەنسۇنىڭ ئوتتۇرا قىسمى، جەنۇبتا چىنلىڭ② غىچە، شىمالدا خېلەن تېغىنىڭ كەڭ زېمىنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چىلۇ مەدەنىيىتى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، چىن مەدەنىيىتىدە روشەن بولغان مەنپەئەتپەرەستلىك
① خەنگۇ ئۆتكىلى-ھازىرقى خېنەن ئۆلكىسى لىڭباۋ ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالدىكى ۋاڭدۇ كەنتى تەۋەسىدە-مۇھەررىردىن.
② چىنلىڭ-ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى شەرقتىن شەربكە كېسىپ ئۆتىدىغان تاغ تىزمىسى-مۇھەررىردىن.
ئالاھىدىلىكى بار. چىنلىقلارنىڭ ھەۋەس بىلەن سۆزلەيدىغان مەسىلىلىرىنىڭ ھەممىسى بوز يەر ئېچىش، تېرىقچىلىق قىلىش، جازا يۈرۈشى قىلىش، يات ئەلدىن تېرىقچىلىق قىلىشقا كەلگەنلەر قاتارلىق دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بولۇپ، ئۇلار ۋاپادارلىق-مېھرىبانلىق، ئەدەپ-قائىدىلىك پەلسەپە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئانچە ئېتىبارغا ئېلىپ كەتمىگەچكە، ئەدەپ-ئەخلاق نورمىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەخلاقىي تەلىپىمۇ ناھايىتى بوش ئىدى.
6.سەنجىن مەدەنىيىتى. ئاساسىي جەھەتتىن بۈگۈنكى سەنشىنىڭ پۈتكۈل چېگرىسىغا، خېنەننىڭ ئوتتۇرا، شىمالىي قىسمى بىلەن خېبېينىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا تارقالغان بولۇپ، جۇڭخۇئا مەدەنىيىتىنىڭ يادرولۇق قىسمى. قانۇنچىلىقق ئىدىيىسى سەنجىن مەدەنىيىتى ئىدىيىسىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى شەكىللەندۈرگەن.
فېڭ تيەنيۈ، خې شياۋمىڭ، جۇ جىمىڭ ئەپەندىلەر يۇقىرىقى ئالتە رايوننى شەرھلىگەندە، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خۇئاشيا مەدەنىيىتى بىلەن جەنۇبتىكى يات قوۋملار مەدەنىيىتىنىڭ قوشۇلۇشى ھەمدە جاۋ بەگلىكنىڭ بېگى ۋۇلىڭنىڭ «غۇز (ھۇن) كىيىمى كىيىپ، ئاتلىق ئوقيا ئېتىشى»نى بايان قىلغان، بۇ تولىمۇ قىممەتلىكتۇر. لېكىن، بىزنىڭچە پەقەت ئالتە رايون مەدەنىيىتىگىلا مۇجەسسەملەشتۈرۈش كۇپايە قىلمايدۇ. يۇقىرىقى رايون مەدەنىيەتلىرىدە گەرچە ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبلىرى بولسىمۇ، ئەمما توغرىسىنى ئېيتقاندا، پەقەتلا خەنزۇ مەدەنىيىتى، خالاس. جۇڭخۇئا مىللەتلىرىنىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش ۋەزىيىتى ھېچقاچان يېقىندىلا شەكىللەنگەن ئەمەس، جۇڭخۇئا مىللەتلىرى شەكىللەنگەن نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، ئوخشىمىغان مىللەت مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى، ئالماشتۇرۇلۇشى ۋە قوشۇلۇپ كېتىشى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن. شۇنىسى ئېنىقكى، خۇئاشيا مەدەنىيەت رايونى ئەتراپىدا ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيەت رايونلىرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، مەسىلەن بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان غەربىي يۇرت مەدەنىيىتى، تۇرپان مەدەنىيىتى، سۇڭلىياۋ مەدەنىيىتى①، لىڭنەن②مەدەنىيىتى قاتارلىق ئۇقۇملارنىڭ ئىپادىلىگىنى ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەتلىرى، يەنى شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، خەنزۇ مەدەنىيىتىدىن باشقا، يەنە كۆپلىگەن غۇز (ھۇن) مەدەنىيىتى، يات قەۋملەر مەدەنىيىتىگە ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيەتلىرى بار. جۇڭخۇئا مەدەنىيىتى مانا مۇشۇنداق خەنزۇ مەدەنىيىتى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەتلىرى، يەنى شۇنداق ئېيتىشقا بۇلىدىكى، خەنزۇ مەدىنىيتىدىن باشقا، يەنە كۆپلىگەن غۇز (ھۇن) مەدىنىيتى، يات قەۋىملەر مەدىنىيتىگە ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيەتلىرى بار.جۇڭخۇئا مەدەنىيىتى مانا مۇشۇنداق خەنزۇ مەدىنىيتى ئاز سانلىق مىللەت مەدىنىيەتلىردىن تەشكىللەنگەن. ئەمەلىيەتتە، ئۇزۇن تارىخىي دەۋرلەر جەريانىدا، خەنزۇ مەدەنىيەتكە نۇرغۇنلىغان ئاز سانلىق مىللەت مەزمۇنلىرى قوشۇلدى، ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيىتىگە خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ مەزمۇنلىرى قوشۇلۇپ، خەنزۇ مەدەنىيىتى ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيىتى بولغان، ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيىتى ئىچىدىمۇ خەنزۇ مەدەنىيىتى بولغان زىچ مۇناسىۋەتلىك ھالەتنى شەكىللەندۈردى. «غۇز (ھۇن) كىيىمى كىيىپ، ئاتىلىق ئوقيا ئېتىش» تارىخىي كىتابلاردا كۆرۈلگەن ئەڭ ئاۋۋالقى خاتىرە.
مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 302- يىلى، جاۋ بەگلىكىنىڭ بېگى ۋۇلىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇش ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ شىمالدىكى چارۋىچى مىللەتلەرنى دوراپ «ئۇزۇن ھەم كەڭ» خۇئاشيا (خەنزۇ) كىيىمىنى ئۈستى چاپان، ئاستى ئىشتانلىق «غۇز (ھۇن) كىيىمى» گە ئۆزگەرتىپ، ئەنئەنىۋى ھارۋا بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئاتقا مىنىپ ئوقيا ئېتىشنى ئۆگىنىشكە ئۆزگەرتتى، مانا مەشھۇر «غۇز كىيىمىنى كىيىپ، ئاتلىق ئوقيا ئېتىش»تۇر. بۇ پۈتكۈل جۇڭخۇئا مەدىنىيتىگە نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ۋەقەدۇر. بۇ ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى، ئۇ ئېچىۋېتىلگەن، تەرەققىي قىلغان مەدەنىيەت قارىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۆزىگە چوڭ مىللەت دەپ تەمەننا قويماي، كىيىم-كېچەك ئۇرۇش تاكتىكىسىدىن باشلاپ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن شىمال مەدەنىيىتى، خۇئاشيا مەدەنىيىتى بىلەن غۇز مەدەنىيىتى، تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى بىلەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ ئالمىشىشى ۋە قوشۇلۇشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۇپ، جۇڭخۇئا مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ جۇش ئۇرۇپ روناق تېپىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.
ۋېي، جىن، جەنۇبىي-شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرى جەمئىيەت داۋالغۇش ئىچىدە تۇرغان تارىخىي مەزگىل ئىدى. ھۇن، سىيانپى، كېش، دى، چىياڭ قاتارلىق قەدىمكى مىللەتلەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئوت-سۇ قوغلىشىپ كۆچۈپ يۇرۇيدىغان چارۋىچىلىق ئىشلەپ چىقىرىش ئۇسۇلىدىن ۋاز كېچىپ، خەنزۇ مەدەنىيىتىگە ماس كېلىدىغان ھاياتلىق مۇھىيتى-نەم، يېرىم نەم چوڭ قۇرۇقلۇق دەريا تىپتىكى ئېكىلوگىيلىك مۇھىتقا قەدەم قۇيۇپ، بەس-بەستە ئىچكى ئۆلكىلەردە ھاكىمىيەت قۇرۇشتى. بىر تەرەپتىن، بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەت توقۇنۇشى مەۋجۇت؛ يەنە بىر تەرەپتىن بىر-بىرىگە يېقىن بولغان كۆچمەن چارۋىچى مىللەت مەدەنىيىتى يەنە مۇشۇ مىللەتلەر بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدىكى يېزا ئىگىلىك جەمئىيىتىدىكى«جەنزۇ» مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدا ئۇزلۈكسىز ۋە كەسكىن توقۇنۇش پەيدا قىلدى. بۇ ئىككى خىل مەدەنىيەت تىپى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش، يەنى يېزا ئىگىلىك ئىجتىمائىي مەدەنىيلىكى بىلەن كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىجتىمائىي مەدەنىيلىكنىڭ توقۇنۇشى ھەمدە ئىلغار ئىشلەپچىرىش ھەمدە ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى بىلەن قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ تۇقۇنىشىدۇر. توقۇنۇشنىڭ نەتىجىسى ئىككى خىل مەدەنىيلىك، ئىككى خىل مەدەنىيەتنىڭ قارىشى تۇرۇپ بولمايدىغان قوش يۆنىلىشلىك سىڭشىشى ۋە بىرىكىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مەدەنىيەت توقۇنۇشىنىڭ قارمۇ-قارشىلىقىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ئازدۇر-كۆپتۇر قارشى تەرەپنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئەسلىدىكى مەدەنىيەتنىڭ پسىخولوگىيە قۇرۇلمىسىنى ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتتى، ماسلىشىش ۋە تەرتىپكە سېلىش جەريانىدا، ئىككىلا تەرەپتە ئورتاق بار بولغان يېڭىدىن بىر گەۋدىلەشكەن مەدەنىيەت ئورتاقلىقى-جۇڭخۇئا مەدەنىيىتى تەدرىجىي مەيدانغا كەلدى، ئۇ ئەسلىدە بار بولغان خەنزۇ مەدەنىيىتىمۇ ئەمەس ھەم ئەسلىدە بار بولغان ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيىتىمۇ بۇ خىل بىر گەۋدىلىشىش ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ «خەنزۇلىشىشى» ۋە خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ «غوزلىشىشى»دا ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. ئاز سانىلىق مىللەت مەدەنىيتىنڭ «خەنزۇلىشىشى»، بىر تەرەپتىئىن ئاز سانلىق مىللەت ھۆكۈمرانلىرى خەنزۇ فېئودال ھۆكۈمرانلىق تەشكىلىي شەكلىنى قوللانغانلىقتىن ھەمدە كۇڭزىچىلىق تەلىماتىنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇپ، زور كۈچ بىلەن «خەنزۇلىشىشنى يولغا قويغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىچكى ئۆلكىلەرگە كۆچكەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەنزۇ تىلىنى ئۆگەنلىكىدە ھەمدە خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ ئىدىۋى ئاڭ تەربىيىسى ۋە تەسىرىنى ئاستا- ئاستا قوبۇل قىلغانلىقىدا ئىپادىلەندى. خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ «غۇزلىشىشى» بولسا مەردانە، جۇشقۇن، ھاياتنى كۈچكە تولۇپ تاشقان شىمالدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ روھى نازاكەتلىك، ئەنئەنىگە چىڭ ئېسىلىۋالغان خەنزۇ مەدەنىيىتىگە يېڭى ھەم جانىلق ئامىللارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىدە ئىپادىلەندى. بۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ تولۇق قوشۇلۇشى ئاخىرقى ھىساپتا تاڭ سۇلالىسىنىڭ گۈللەنگەن مەزگىلىدىكى پارلاق مەدەنىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە ياخشى ئاساس ھازىرلاپ بەردى.
تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەدەنىيەتنىڭ پارلاق نۇر چاچالىشى زور مىقداردا ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيىتىنى ھېچ ئىككىلەنمەدتىن قوبۇل قىلىشىدىنلا بولماستىن، بەلكى كەڭ قورساقلىق بىلەن يات ئەل مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشىدىن بولدى. چەت ئەللىك خەنزۇشۇناسلار تاڭ سۇلالىسى مەدەنىيىتىنى «ھىندىستان، ئەرەب مەدەنىيىتىنى ۋاسىتە قىلغان، ھەتتا غەربىي ياۋروپا مەدەنىيىتى بىلەنمۇ ئالاقە باغلىغان دۇنياۋى مەدەنىيەت»دەپ ئاتىدى. جەنۇبىي ئاسىيا بۇددا دىنىنىڭمۇ ئومۇميۈزلۈك يەرلىكلىشىپ كېتىشىمۇ جۇڭگو مەدەنىيەت تارىخىدىكى جۇڭخۇئا مەدەنىيىتىنىڭ سىرتتىن كىرگەن مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىشى، سىرتتىن كىرگەن مەدەنىيەتنى ئۆزلەشتۈرۈۋېلىشتىكى تىپىك مىسالى.
لىياۋ، شيا، جىن، يۈەن سۇلالىسى مەزگىللىرىدە، غەربىي شىمالدىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تېرىقچىلىق جەمئىيىتىگە كۆلىمى كۈنسېرى زورىيىپ بارغان ئۇرۇلۇشنى قوزغىدى، شۇنىڭ بىلەن كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى بىلەن تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىدە يەنە بىر قېتىم مەدەنىيەت جەھەتتە توقۇنۇش ۋە قوشۇلۇش يۈز بەردى. بۇ بىر قېتىملىق جاھاننى لەرزىگە سالغان زور تارىخىي ئۆزگىرىشتە، جۇڭخۇئا مەدەنىيىتى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە سىغدۇرالايدىغان ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. سىياسىي، ھەربىي، مىللىي توقۇنۇش دائىم بىر خىل شەكىل جەھەتتىكى توقۇنۇش بولۇپ، مەدەنىيەتنىڭ چوڭقۇر بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەدەنىيەتنىڭ بىرىئىشىدە، جۇرجان، قىتانلار ھەمدە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كۆچكەن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاخىرقى ھېسابتا خەنزۇلار بىلەن قوشۇلۇپ كەتتى، خەنزۇ مىللىتى يەنە بىر قېتىم يېڭى قاننىڭ تولۇقلىشىنى باشتىن كەچۈرۈپ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولدى. سۇڭ، لياۋ، جىن، يۈەن سۇلالىلىرى مەزگىلىدىكى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ قوشۇلۇش ھەرىكىتى يەنە بىر قېتىم مەدەنىيەت ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدە خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىشتىكى غايەت زور ھەل قىلغۇچ رولىنى نامايان قىلدى.
مانجۇلار سەددىچىن سېپىلىدىن ئۆتۈپ، پۈتۈن مەملىكەتكە بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىگەندىن كېيىن، جۇڭخۇئا مەدەنىيەت سىستېمىسى ئىچىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە قوشۇلۇشى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى بەللىگە كۆتۈرۈلدى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى مەدەنىيەت جەھەتتە ئارقىدا قالغان ئورۇندا تورسىمۇ، لېكىن ئۇلار غالىبلارنىڭ تارىخىي بوپىسىنى يۈدۈۋالماي، ئەكسىچە ئېگىلمەس ئىرادە بىلەن ئالغا ئىنتىلىدىغان روھتا خەنزۇلارنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، بىر خىل بۈيۈك ئىمپېراتورنىڭ جاسارىتى بىلەن مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئېلىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن، جۇڭخۇئا ئەدەنىيىتى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە پارلاق نۇر چېچىپ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن دەۋرگە قەدەم قويدى.
مانا بۇنىڭدىن جۇڭخۇئا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسى ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ 2000 يىلدىن ئىلگىرىلا خەنۇ مەدەنىيىتى بىلەن بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز، ئۇنىڭ تارىخنىڭ ئۇزۇنلۇقى، مۇناسىۋىتىنىڭ زىچلىقى، ئارىلىشىشىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى باشقا ھېچقانداق مەدەنىيەت بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.
جۇڭخۇئا مىللەتلىرى شەكىللەنگەن نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، نېمە ئۈچۈن بىر-بىرىدىن ئايرىغىلى بولمايدىغان ئىجتىمائىي ئورتاق گەۋدە شەكىللىنەلەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇ ئىجتىمائىي ئورتاق گەۋدىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئادەتتە بىر قىسىم ئۇششاق سۈركىلىشلەر بولسىمۇ، لېكىن بىردىنلا چوڭ دۈشمەن ئالدىدا، مىللەت ھايات-ماماتلىق خەۋپكە دۇچ كەلگەندە، جۇڭخۇئا مىللەتلىرى جاپا-مۇشەققەتلىك دەۋرلەرنى باشتىن كەچۈرسىمۇ، ئېگىلمەي-سۇنماي، غەيرەت-جاسارەت بىلەن ئۇلۇغ مىللەتنىڭ ئوبرازىنى ساقلاپ، بارا-بارا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى؟ بۇنىڭدىكى مۇھىم سەۋەب شۇكى، جۇڭخۇئا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىدىكى ھەرقايسى قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئىنتايىن زور ئۇيۇشۇش كۈچىنىڭ بولغانلىقىدىن بولدى.
بۇ خىل ئۇيۇشۇش كۈچىنىڭ شەكىللىنىشى ئۇزۇن مۇددەتلىك توختىماي ئۇچرىشىپ تۇرۇش، ھېسىيات-پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەر مىللەت مەدەنىيىتى ئاساسىدا جۇڭخۇئا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق مەدەنىيىتى، ئېتىكىسى ۋە ئەخلاق قارىشىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە شەكىللىنىشىدىن؛ ئۇزۇندىن بۇيان ئورتاق بىر ماكاندا ياشىغانلىقى، مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقانلىقى، ئىقتىسادىي تۇرمۇشتا بىر-بىرىگە باغلانغانلىقى، بىر-بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلىغانلىقى، ئورتاق پايدا-زىيان مۇناسىۋىتىنى ھاسىل قىلغانلىقىدىن؛ يېقىنقى 100 يىلدىن بېرى، جۇڭخۇئا مىللەتلىرى چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ۋە زۇلۇمىغا ئۈزلۈكسىز ئۇچرىغاچقا، كۈچلۈك ئىتتىپاقلىشىپ قارشى تۇرۇش ۋە جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەشتەك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقىدىن بولغان. بۇ خىل ئۇيۇشۇشچانلىق ھەرقايسى قېرىنداش مىللەت مەدەنىيەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئالمىشىشى ۋە قوشۇلۇشى بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىپ، بۇ خىل ئۇيۇشۇشچانلىقىنى بۇزماقچى بولغان ھەرقانداق سىرتقى كۈچلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇئا مىللەتلىرى ئورتاق قۇرغان پولات ئىستىھكام ئالدىدا قانلىرى دەريا بولۇپ ئاقىدۇ.
بۇ كىتاب مۇقەددىمە، بىرىنچى باب «پان تۈركىزمنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىياتى»، ئىككىنچى باب «پان تۈركىزم ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت قارىشى ئۈستىدە تەتقىقات»، ئۈچىنچى باب «پان تۈركىزملىق مەدەنىيەت قارىشىنىڭ مەزمۇنى ۋە ماھىيىتى»، تۆتىنچى باب «پان تۈركىزملىق مەدەنىيەت قارىشىغا تەنقىد»ۋە ئاخىرقى سۆز قاتارلىق ئالتە قىسىمدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇلارنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا چېن يەنچى، ۋاڭ شۇمېي، ۋاڭ مىڭيى، فەن جىپىڭ، شېن جۈنلى قاتارلىق يولداشلار يازدى. ئاخىرىدا چېن يەنچى ماقالىنى كۆرۈپ بېكىتىپ چىقتى. كىتابخانلارنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشتا پايدىلىنىشى ئۈچۈن، كىتابىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇمچە تۆت پارچە ماتېرىيال بېرىلدى.
بىرىنچى باب
پان تۈركىزىمنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىياتى
ۋاڭ شۇمېي(شىنجاڭ خەلق نەشرياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەرىرى)
پان تۈركىزىمنى تەتقىق قىلغاندا، ئالدى بىلەن«تۈرك» ھەمدە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇملارنى جەزمەن ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش لازىم.
تۈرك كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا،6-ئەسىردىن8-ئەسرلەرگىچە ئاسىيانىڭ شىمالىي قىسمىدىكى يايلاقلاردا ياشىغان خەلقنى كۆرسىتىدۇ. تۈركلەر ئەڭ دەسلەپ جۇرجانلارنىڭ بېقىندىسى بولۇپ، 6-ئەسىرلەرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۇرا(تېلىي) قەبىلىسى بىلەن بىرلىشىپ جۇرجانلارنى يوقىتىپ، تۈرك قاغانلىقىنى قۇرغان، ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغاندا شەرقتە لىياۋ شۇي ①گىچە، غەرىپتە كاسپىي دېڭىزغىچە، غەربىي جەنۇبتا ئامۇ دەرياسى ئارقىلىق پارس بىلەن قوشنا ئىدى. 6-ئەسىرنىڭ ئاخىرى تۇرۇكلەر شەرقىي تۈرك، غەربىي تۈرك دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈندى، كېيىن تاڭ سۇلالىسى بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇردى.تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى شەرقىي، غەربىي تۈركلەر ھالاكەتكە يۈزلىنىپ، ئاخىرى تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىقتى.
____________________________
①لياۋشۈي-شەرقى شىمالدىكى لياۋخى دەرياسىنى كۆرسىتىدۇ-مۇھەرىردىن.
قەدىمكى خەلق بولغان تۈركلەر ئاللىبۇرۇن مەۋجۇت بولۇپ تۈرۇشتىن قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئاسىيانىڭ شىمالىي قىسمىدىكى يايلاقلاردا ياشايدىغان ئوخشاش بولمۇغان قەۋىمدىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان تىلدا سۆزلەشكەنلىكتىن، تۈركىي تىل بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان تىلدا سۆزلىشىدىغان جەنۇبتىكى پارسلار ۋە ئەرەبلەر ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى«تۈركلەر»((تۇركس دەپ ئاتاپ، بۇ «تۈركلەر»پائالىيەت ئېلىپ بارغان يەرنى«تۈركىستان (تۇركەستان) ياكى «تۇران» (تۇران)دەپ ئاتىدى.
«تۈركلەر» ئوت-سۇ قوغلىشىپ كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەمدە مۇقىم ئولتۇراق رايونى بولمىغانلىقتىن، «تۈركىستان»، «تۇران»دېگەنلەر خۇددى شانگىرى-لاغا ئوخشاش مۈجمەل تارىخىي جۇغراپىيىلىك ئۇقۇمدىنلا ئىبارەت ئىدى.
«تۈركلەر» زور تۈركۈمدە جەنۇبقا قاراپ كۆچۈپ ئولتۇراق تۇرمۇشقا قاراپ يۈزلەنگىنىدە، تەخمىنەن8~9-ئەسىرلەردە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا پەيدا بولغان ئىسلام دىنى شىمالغا قاراپ تارقىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى ئاھالىلەر ئىلمىي ساھادىكىلەرنىڭ ئاتىشى بويىچە«تۈركىلىشىش» ۋە «ئىسلاملىشىش» جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈشكە باشلىدى.
«تۈركلىشىش» كۆچۈپ كىرگەن، ماكانلاشقان «تۈركلەر»نىڭ شۇ جايدىكى ئاھالىلەر بىلەن نىكاھلىنىش، شالغۇتلىشىشى ھەمدە تۈرك تىلىنى شۇ جايدىكىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدىغان تىلىغا ئايلاندۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر تىلى تىلشۇناسلىق ئىلمىي نۇقتىسىدىن تۈرك تىلىنىڭ بىر تارمىقىغا مەنسۇپ بولغانلىقتىن، 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشىگە ئەگىشىپ،«تۈركلىشىش»تارىم ئويمانلىقىدا ئۇيغۇرلىشىشتا ئىپادىلەندى.
«ئىسلاملىشىش» ئىسلام دىنى بۇ ريونغا تارقىلىپ كىرگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئەسلىدىكى دىنىي ئېتىقادىدىن كېچىپ ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلانلىقىنى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى، ئاڭ فورماتسىيىسى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردە، كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر مۇقىم ئولتۇراقلاشقاندىلا، ئاندىن شۇ جايدىكى كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقىلى، ئۆزئارا نىكاھلانغىلى، شالغۇتلاشقىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، «ئىسلاملىشىش» بىلەن «تۈركلىشىش» (ئۇيغۇرلىشىش» ئۆزئارا بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مىللىي بىرىكىشى جەريانىدۇر، لېكىن بۇ بىر نەچچە يۈز يىللىق ئۇزۇن تارىخىي جەرياندۇر.
ئۇزۇن يىللىق تارىخىي تەرەققىيات جەرياندا، «تۈركلەر» ياۋروپا، ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى كىندىكىدە تۈرك، ئەزەربەيجان، تاتار، ئۆزبېك، قىرغىز، ئۇيغۇر قاتارلىق ئون نەچچە يېقىنقى زامان مەنىسىدىكى مىللەت شەكىللىنىپ، تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر دەپ ئاتالدى.
شۇنى ئېنىق تەكىتلەش كېرەككى، تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان ھەر قايسى مىللەتلەر بىلەن قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئۇقۇمغا ئىگە: ئالدىنقىسى تىل كاتېگورىيىسىگە مەنسۇپ، كېيىنكىسى تارىخ ئىلمىي كاتېگورىيىسىگە مەنسۇپ؛ ئالدىنقىسى كېيىنكىسىنىڭ بىۋاسىتە ئۇرۇق-ئەۋلادى ئەمەس، كېيىنكىسى ئالدىنقىسىنىڭ ئورتاق ئەجدادىمۇ ئەمەس. قەدىمكى خەلقنىڭ مەخسۇس نامى بولغان «تۈرك» بىلەن مۇشۇ نامنى قوللىنىپ كېلىۋاتقان «تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر» ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق قانداشلىق، تارخ، مەدەنىيەت جەھەتلەردە، جەزمەن ۋارىسلىق قىلىش مۇناسىۋىتى مەۋجۇت ئەمەس.
ۋەھالەنكى، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرى بىر خىل پىكىر ئېقىمى پەيدا بولۇپ، يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىنى بىر قازاندا قاينىتىپ، قارىسىغىلا تارىخى تۈمەن يىل، دائىرىسى تۈمەن چاقىرىم كېلىدىغان «تۈركىي مىللەتلەر»نى ئويدۇرۇپ چىقتى، مانا بۇ كىتابتا پان تۈركىزم ئۈستىدە توختىلىمىز.
بىرىنچى بۆلۈم
ئارقا كۆرۈنۈش
پان تۈركىزمنىڭ شەكىللىنىشىدە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئارقا كۆرۈنۈش بار: (1) تۈركولوگىيە ئەمەلىيىتى؛ (2) ياۋروپانىڭ «مىللىي دۆلەت» نەزەرىيىسى ۋە «مىللىي پرىنسىپى»؛ (3) «پان» پىكىر ئېقىمىنىڭ باش كۆتۈرۈشى. تۆۋەندە بۇلار ئۈستىدە ئايرىم توختىلىمىز.
«تۈركلەر» ئاللىبۇرۇن ئۆزىنىڭ قەدىمكى يېزىقى ۋە تارىخىنى ئۇنتۇپ قالغان مەزگىلدە، ياۋروپا ئىلمىي تەتقىقاتىنىڭ تەرەققىياتى بۇ تېپىشماققا ئوخشاش تارىخ، مەدەنىيەتنى قېزىشقا باشلىدى، ئۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپ بايقىغىنى يايلاقتىكى 1000يىلدىن ئاۋۋالقى قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى ئابىدىلەر ئىدى.
تىلشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، مۇناسىۋەتلىك تارىخ، مەدەنىيەت تەتقىقاتلىرىمۇ كەڭ قانات يايدى، شۇنىڭ بىلەن بىر تۈرلۈك پەن_ «تۈركولوگىيە» ( ) شەكىللەندى. شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بۇ ساھەگە مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي تەتقىقاتلار غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى، كۆپلىگەن ئالىملارنىڭ تەتقىقات پوزىتسىيىسى كەسكىن ھەم سىياسىي خاراكتېرنى ئالمىغانىدى. لېكىن، «تۈركولوگىيە»نى مۇستەقىل بىر پەن تۈرى قىلىش، بۇ بىر مەسىلە.
«سوۋېت ئېنسىكلوپېدىيىسى»دە «تۈركولوگىيە»گە «تۈرك تىلىنى قوللىنىدىغان ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تىلى، تارىخى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان گومانىتار (ئىجتىمائىي) پەنلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى» دەپ تەبىر بەرگەن. گېرمانىيە ئالىمى جوفېر بولسا «ھەر قايسى تۈركىي مىللەتلەر ھەمدە ئۇلارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت ئورتاقلىقى توغرىسىدىكى پەن» دەپ تەبىر بەرگەن. بۇ يەردىكى مەسىلە، بۇ ئىككى تەبىر ھېچقانداق تەھلىل يۈرگۈزمەيلا پارس ۋە ئەرەبلەرنىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆلۈك ھالدا تۈركلەر بىلەن تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەردىن ئىبارەت ئوخشىمايدىغان ئىككى كاتېگورىيىدىكى ئۇقۇمنى بىر-بىرىگە چېتىپ، ئوتتۇرىدىن ئۇلارنىڭ تارىخىي، مەدەنىيەت «ئورتاقلىقى»نى ئىزدىمەكچى بولدى. بۇ ئىلمىيلىق ئەمەس.
ۋەھالەنكى، قەدىمكى خەلق بولغان تۈرك بىلەن قەدىمكى «تۈركلەر» ۋە ھازىرقى زامان تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر قاتارلىق ئاساسىي ئۇقۇمنى مالىماتاڭ قىلىپ، ئوخشىمىشغان تارىخ، مەدەنىيەتنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىگۈچىلەر، نىيىتى دۇرۇس ئەمەس كىشىلەردۇر. بۇنىڭ ئىچىدىكى رۇسىيە، گېرمانىيە، ھۇنگرىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بىر قىسىم ئالىملارنىڭ ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلىدا ئېغىر يېتەرسىزلىك مەۋجۇت، يېن تىلشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ئورنىغا ئوغرىلىقچە تارىخشۇناسلىق تەتقىقاتىنى دەسسىتىپ، ھەددىدىن زىيادە پارس، ئەرەب يازما يادىكارلىقلىرىغ يۆلىنىۋېلىپ، خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللارغا سەل قارىغانلىقتىن، تۈرك ئۇقۇمى دائىرىسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كېڭىيىپ كېتىشى ۋە مەزمۇنىنىڭ ئېنىق بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. «تۈركولوگىيە»نىڭ ئېنىق تەتقىقات ئوبيېكتى ۋە دائىرىسى كەمچىل بولۇپ، نەزەرىيە شۇكى، ئەمەلىيەت داۋامىدا مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا پان تۈركىزمنىڭ ئۇلغىيىشى ئۈچۈن ئىلمى جەھەتتە پەرداز ھازىرلاپ بەردى.
ياۋرو-ئاسىيا يايلاقلىرىدىكى ئەڭ دەسلەپكى دۆلەت شەكلى كۆپىنچە كۆچمەن چارۋىچى «ئەللەر» ئىدى. مەسىلەن، تۈرك قەدىمكى خەلق بولۇپ، تۈرك قاغانلىقى دۇنياغا مەشھۇر بولسىمۇ، لېكىن قاغانلىرىنىڭ كاللىسىدا دۆلەت ۋە خەلق دېگەن ئۇقۇم مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. قاغان ئۇرۇشقا ئاتلانغاندا، ئۆزىگە قارازلىق شەھەر ۋە ئاھالىلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۆلتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى دائىم ئۇچۇرىتىمىز. ئوتتۇرا ئەسىردىكى دۆلەت شەكلى ئاساسەن فېئودال سۇلالە دۆلەتلىرى ئىدى، بولۇپمۇ ئىسلاملاشقاندىن كېيىن، مىللىي كۆز قاراش بىلەن دىن قارىشى ئارىلىشىپ كەتتى. مەسىلەن، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىدە دىن، مىللەت ۋە دۆلەت بىرلىشىپ كەتكەنىدى. 18~19-ئەسىردە، كاپىتالىزم غەربىي ياۋروپادا ئومۇميۈزلۈك غەلىبىگە ئېرىشىپ، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە قاتارلىق يېقىنقى زامان مىللەتلىرىنى ئاساس قىلغن بورژۇئا دۆلەتلىرى بىرلىككە كەلگەن جەرياندا ماس قەدەم بىلەن شەكىللەندى. بۇ خىل دۆلەت بىلەن مىللەتنىڭ ئۆزئارا ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن بىرلىشىشى مىللىي دۆلەتنىڭ شەكىللىنىشى، يېڭى بۇرژۇئازىيە مىللەت قارىشىنى شەكىللەندۈردى، يەنى «بىر مىللەت، بىر دۆلەت» قارىشى شەكىللىنىپ، بۇنىڭ ئاساسىغا «مىللىي دۆلەت» نەزەرىيىسى قۇرۇلدى. غەربىي ياۋروپادىكى مىللىي بىرلىك ھەرىكىتى خانلىق دۆلەتلىرى بىلەن تىل گۇرۇھى ( ئوخشاش بىر خىل تىل-يېزىق قوللىنىلىدىغان جەمئىيەت) ھەمدە جۇغراپىيىلىك ماكانى ئاساسىي جەھەتتىن ئورتاق بولغان ماكاندا يۈز بەردى. ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى «تاۋار ئىشلەپچىقىرىشىنى تامامەن غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، بۇرژۇئازىيە سىنىپى دۆلەت ئىچىدىكى بازارنى جەزمەن قولغا كەلتۈرۈش، بىرخىل تىلدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان زېمىننى دۆلەت شەكلىدە بىرلىككە كەلتۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تىلنىڭ راۋاجلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ۋە بۇ خىل تىلنى يېزىق بىلەن مۇقىملاشتۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان بارلىق توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاش»①. بۇ شەك-سۈبھىسىز تارىخنىڭ تەرەققىياتىدۇر. لېكىن، 1848-يىلىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئادەتتىكى تەرەققىيات يۆلىنىشى قۇدرەت تېپىش ۋە ھەربىر مەدەنىيەت بىلەن ئىرقنى ئۆزئارا باغلىغان «مىللەت»نىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بولۇشنى قوغلىشىش بولدى؛ ئۇنىڭ ئۇچىغا چىققان يۈزلىنىشى سىياسىي ھوقۇققا بولغان تەلۋىلەرچە چوقۇنۇش، ئىرقىي ئەۋزەللىك تەلىماتىغا بولغان قارىغۇلارچە ئەگىشىش ھەمدە مىللىي شان-شەرەپكە ئىنتىلىشتىن ئىبارەت. مۇبادا ئەينى زاماندىكى پان ئىتالىزمىنى ئادەتتىكى يۈزلىنىش دېسەك، ئۇنداقتا بىسمارك دەۋرىدىكى پان گېرمانىزم بولسا ئۇچىغا چىققان يۈزلىنىشتۇر.
ئەينى ۋاقىتتىكى ئوتتۇرا ياۋروپا بولسا مۇستەبىت ئىمپېرىيىنىڭ ھامىيلىقىدا ئىدى. ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانى گرېكلەر، بولغارلار، رومىنلار بىلەن تەخمىنەن يېرىم جەنۇبىي سلاۋيانلار ھەمدە ئاسىيادىكى بىر قىسىم ئەرەبلەر ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى؛ ئاۋستىرىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن كېيىنكى ئاۋسترو-ھۇنگرىيە «ئىككى مەنبەلىك پادىشاھلىق دۆلەت»ئىچىدىكى مېمىسلار بىلەن ھۇنگرلار چېخىلار سىلوۋاكلار ھەمدە بىر قىسىم پولەكلەر، رۇمىنلار، ئۇكرائىنلار ۋە جەنۇبىي سلاۋيانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى؛ رۇسىيە ئىمپېرىيىسى بولسا ياۋرۇ-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى توغرا كېسىپ ئۆتىدىغان رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقىنى كۆپ مىللەتنىڭ«تۈرمىسى» ئىدى.
غەربىي ياۋروپادا «پان» ئىزمىنىڭ تەسىرى ۋە تۈرىتكىسى ئاستىدا، پان سىلاۋىزىم ئالدى بىلەن ئاۋسترىيە ئىمپېرىيىسىدىكى پراگا، زاگرېبتا باشلاندى. ئۇنىڭ دەسلەپكى غەرەزى«ئاۋىستىرىيدىدىكى،ئۇنىڭدىن قالسا تۇركىيدىكى بارلىق ئاجىز سىلاۋىيان مىللەتلىرى ئاۋسترىيدىكى نېمىسلار، ماجار(ماديار) لار، شۇنداقلا تۈركلەرگىمۇ قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۇيۇشقان ئىتتىپاق بولۇشى مۇمكىن» 2. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ئېنگېلىس كۆرسەتكەندەك:«شۇنىڭ بىلەن، سىلاۋىيانلارنىڭ تارىخ پېنىگە ھەۋەس قىلغۇچى بىر نەچچەيلەننىڭ كۇتۇپخانىلىرىدا بىمەنە، تارىخقا قارشى ھەرىكەت قوزغالدى»3.شۇنىڭ بىلەن، پان سىلاۋىزىم روسىينى مەزكۇر قىلغان ھەر مىللەت سىلاۋىيانلارنى قۇل قىلىشنى تەرغىب قىلىدىغان چوڭ روسىيلىك پىكىر ئېقىمى قىلىشنى تەرغىب قىلىدىغان چوڭ روسىيلىك پىكىر ئېقىمى بولۇپ تېز شەكىللەندى. ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تەرغىباتچىسى مىخائىل پوگۇدىن: «رۇسىيە-قايسى بىر دۆلەت ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشەلەيدۇ... رۇسىيىنىڭ60مىليون ئاھالىسى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە300مىليون سىلاۋيان ئوغۇل-قىزلىرىنى قوشقاندا... ئۇلارنىڭ تومۇرلىرىدا ئېقىۋاتقان قان بىلەن ئوخشاش، گەرچە سىلاۋسلايانلار جۇغراپىيە ۋە سىياسىي جەھەتلەردە ئايرىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئورتاق مەنبە ۋە تىل بىزنى روھىي جەھەتتە بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىپ باغلاپ تۇرىدۇ» دەپ جار سالدى. پان سلاۋىزىم تۇنىغا ئورىنىۋالغان چوڭ رۇسچىلىك پەيدىنپەي ئۇرۇشپەرەس ئىرقچىلىك تۈسىنى ئالدى. خۇددى ئېنگېلىس كۆرسەتكەندەك:«پان سلاۋىزىمنىڭ بىرلىشىشى ھەرگىزمۇ ئارزۇ قىلغىنىدەك بولماستىن، روسىينىڭ قامچىسى ئاستىدا پەيدا بولغان»4.پان تۈركىزىممۇ دەل تۈركولوگىينىڭ ئەمەلىيىتى، ياۋروپانىڭ«مىللىي دۆلەت» نەزەرىيىسى ۋە«مىللىي پرىنسىپ» بىلەن«پان» پىكىر ئېقىمى(بولۇپمۇ پان سىلاۋىزىم) نىڭ باش كۆتۈرۈشىدەك مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا پەيدا بولغان.
ئىككىنچى بۆلۈم
باش كۆتۇرىشى : رۇسىيىنىڭ « تاتارىستانى »
پان تۇركىزىم دۇنياغا كەلگەن بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە،مەيلى ئۇنى مەدىيلەيدىغان ياكى ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغان ئادەم بولسۇن، جېلى كۆپ كىشىلەر ئۇنىڭغا قارىتا توغرا تونۇش ھاسىل قىلالمىدى. تا بۈگۈنمۇ بەزى كىشىلەر: «پان تۈركىزىم(تۈركىيىلىك) ياكى ئۇسمانىزىم19-ئەسىرنىڭ باشلىرى تۈركىيىدە بارلىققا كەلگەن باشقىچە بىر خىل ئەكسىيەتچىل ئىجتىمائىي پىكىر ئېقىمى بولۇپ، تۈركىيىدىكى پومېشچىك، بۇرژۇئازىيە گۇرۇھىنىڭ بىر تۈرلۈك شوۋىنىزم نەزەرىيىسى» دەپ قارايدۇ. بۇ يەردىكى خاتالىق شۇكى، بىرىنچىدىن، پان تۈركىزىم ئوسمانىزىم ئەمەس؛ ئىككىنچىدىن، پان تۈركىزىم ئالدى بىلەن تۈركىيىدە بارلىققا كەلگەنمۇ ئەمەس؛ ئۈچىنچىدىن، پان تۇركىزىمگە«تۈركىيە پومېشچىك، پومېشچىك، بۇرژۇئازىيە گۇرۇھى» دېگەن ماركىنى چاپلاش ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس.
ئەمەلىيەتتە، پان تۈركىزم پان ئىسلامىزىم بىلەن دائىم ئارىلاشتۇرۇۋېلتىلدى، بەزىدە يەنە تۇرانىزىم، ئوغۇزىزم شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئوسمانىزىم، كامالىزىم، تۇركىزىم، ئاناتولىزىم بىلەن باغلاپ قويۇلدى. روسىينىڭ«تاتارىستانى» دىن تۈركىيىگىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىن شىنجاڭغا ئىلمىي تۈن بىلەن ئورالغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى، قارا نىيەتلەرنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى، ھەتتا قوراللىق زوراۋانلىق ھەرىكەتكەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ئۇنىڭ بايرىقىنى كۆتۈردى. خەلقئارالىق مۇناسىۋەتتە، ئۇ «تۈركىي مىللەتلەر» نىڭ مىللىي بىرلىكىنى تەرغىب قىلدى؛ تۈكىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر بار ھەر قايسى ئەللەردە ئۇ مىللىي بۆلگۇنچىلىك پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللاندى. پان تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر»نىڭ مىللىي بىرلىكىنى تەرغىب قىلدى؛ تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر بار ھەرقايسى ئەللەردە ئۇ مىللىي بۆلگۈنچىلىك پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللاندى. پان تۇركىزىمنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، ئالدى بىلەن يەنىلا ئۇنىڭ باش كۆتۈرۈش مەنبەسىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.
پان سلاۋىزىم تەھدىتنىڭ ئىنكاسى بولغان پان تۈركىزىم«چوڭ تۇران» ئىدىيىسىدىن باشلاندى. «چوڭ تۇران» پان تۇركىزىمنىڭ كەلگۈسى غايىسى-«تۈركلەر» ئېلى دەپ قارالدى. بۇ خىل ئۇتوپىيە ئىدىيىسى«تۈركلەر» گە نىسپىتەن ئەلۋەتتە ناھايىتى چوڭ ئىلھام بولماي قالمىدى. ھونگرىيلىك شەرقشۇناس ۋامبېرى1868-يىلى «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى» دېگەن كىتابنى يېزىپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر بابتا تۇرانلارنى بايان قىلىپ، بارلىق تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئورتاق بىر ئۇرۇقتىن كېلىپ چىققان، دەپ كېسىپ قارىغانىدى.
«تۇران» نى ئۆزىنىڭ غايىسى قىلغان پان تۈركىزىم ئەينى ۋاقىتتىكى ھونگىرىيدە كەڭ تارقالغانىدى، لېكىن ئۇنىڭ ھەقىقىي بىر ئىدىيىۋى ھەرىكەتكە ئايلىنىشى ئالدى بىلەن رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى«تاتارىستان»دا بولدى.
تاتارلارنىڭ رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچرىغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاچقا، قىرىم تاتارلىرىنىڭ روسىيگە قارىشى تۇرۇش روھى ئەڭ كۈچلۈك بولدى. 18-ئەسردىن باشلاپ، تاتارلار ئىچىدە پائالىيىتى ئاكتىپ سودا كاپىتالىزم گۇرۇھى پەيدا بولۇشقا باشلاندى ھەمدە رۇسىيە سودا كاپىتالىزم گۇرۇھى پەيدا بولۇشقا باشلىدى ھەمدە رۇسىيە سودا سودا كاپىتالىزم بىلەن بولغان رىقابىتىنى باشلىۋەتتى. پان سىلاۋىزىم تونىغا ئۇرۇنۇۋالغان چوڭ رۇسچىلىكنىڭ بېسىمىغا قارىتا، پان تۈركىزىم دەل بۇ ئوتتۇرا تەبىقە سىنىپىنى مۇۋاپىق ئىدىيىۋى قورال بىلەن تەمىنلىدى.
ئۇلاردىن باشقا، تاتار زىيالىلىرنىڭ دانالىرى ئەڭ ئاۋۋال تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ھەر مىللەت گۇرۇھى جۇغراپىيىلىك جەھەتتە بىر-بىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرمىغانلىقتىن، باشقا ئامىللارنى ئىزدەش ۋە تەربىيىلەپ يىتىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنى يېقىنلاشتۇرۇش ۋە بىرلەشتۈرۈش لازىملىقىنى تونۇپ يەتتى. ئۇلارنىڭ ئالدى بىلەن تاللىغىنى تىل ئامىلى ئىدى، چۈنكى ھەر مىللەت گۇرۇھى ئىشلىتىلىدىغان ئېغىز تىلى گەرچە بىردەك بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا يېقىن ئىدى، زىيالىيلار«قەدىمكى تۈركىي تىل»ئارقىلىق ئالاقىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان بولسىمۇ، ئەمما قىيىنچىلىق تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدىنىيىتي ئارقىدا قالغان، ساۋاتى تۆۋەن بولۇشتەك تەرەپلەرگە مەركەزلەشكەنلىكىدە ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، يېقىنلىشىش، بىرلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىر خىل ئورتاق تىلنى يارىتىش، تەبىئىي ھالدا ئەينى ۋاقىتتىكى مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ قالغانىدى.
قىرىملىق تاتار گاسپىرىنسگىي (1851~1914-يىللىرى) دەسلەپكى پان تۈركىزىمنىڭ ۋەكىللىك شەخسلىرىدىن ئىدى. ئۇنىڭ ئاساسلىق پائالىيەتلىرى مائارىپ، تىل ئىسلىھاتى ۋە گېزىت-ژۇرنال تەشۋىقاتىغا مەركەزلەشكەنىدى.چاررۇسىيە دائىلىرى ۋە مۇتەئەسىسىپ مۇسۇلمان موللىلرى بىلەن بىۋاسىتە قارشىلىشىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇ ئۆزىنىڭ پان تۈركىزملىق ھېسسىياتىنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىپادىلىدى، ئاساسەن دائىم تەكرارلايدىغان«تىل، ئىدىيە، ھەرىكەتلەردە بىرلىشەيلى» (ئۈچتە بىرلىشىش)دېگەن شۇئارىدا ئىپادىلەندى، گېزىت نەشر قىلىپ، ئۆزى ئىجاد قىلغان ئوسمانلى تىلى بىلەن تاتار تىلى ئوتتۇرىسىدىكى بىر خىل «ئورتاق تىل»نى ئاكتىپ بازارغا سالدى، ئەينى چاغدىكى تاتار ئىسلام دىنىدىكى «جەدىد»نىڭ مەنىسى «يېڭىلىق، يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى»بولۇپ، ياۋروپا ئۇسلۇبىدا ئىسلام مەكتەپلىرىنى ئىسلاھ قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى، ئۇنىڭ پان تۈركىزمى دەل «جەدىد»ھەرىكىتىدە پان ئىسلامىزم بىلەن ئالاقىلىشىش ۋاسىتىسىنى تاپتى.
1905-يىلىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ھەرىكىتىدە سىياسىيلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكى ئاشكارىلاندى. ئۇ رۇسىيىنىڭ «مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى»، «مۇسۇلمان مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇيۇشمىسى»نى تەشكىللىدى، ئۇنىڭ ئاشكارا ئاساسىي مەقسىتى رۇسىيىدىكى پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنى ئورتاق تىل بايرىقى ئاستىدا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن پان ئىسلامىزم ئارقىلىق پان تۈركىزمنى يوشۇرماقچى ئىدى.
پان تۈركىزمنى مەدەنىيەتتىن سىياسىيغا ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلغۇچى گاسپرىنسكىينىڭ تۇغقىنى يۈسۈپ ئاقشۇرا (1876~1935-يىللىرى)ئىدى. ئۇ 1905~1908-يىللىرى رۇسىيە پان تۈركىزم سىياسىي ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، بارلىق تۈركىي گۇرۇھلارنى مىللىي ئىتتىپاق قىلىپ بىرلەشتۈرۈشنى ئاشكارا تەشەببۇس قىلدى. پروفېسسور ئەخمەد زېكى ۋەلىد تۇغان (1890~1970-يىللىرى) بۇ جەھەتتە تېخىمۇ يىراقلىشىپ كەتتى، ئۇ ئىلگىرى 1916-يىلىدىكى «دۇما»دا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان، ئۆكتەبىر ئىنقىلابى مەزگىلىدە «تۈركىستان مىللىي كومىتېتى»نى تەشكىللەپ، باش شتابى بۇخارادا تەسىس قىلدى، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ مەقسىتى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا-بۇخارا، خىۋە، پەرغانە، يەتتىسۇ رايونى قاتارلىق جايلاردا بىر قىسىم دۆلەتلەرنى قۇرۇش، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغۋار پان تۈركىزم پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىدى.
ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ ئالدى-كەينىدە، گاسپىرىنسكىي، ئاقشۇرا، تۇغان قاتارلىق پان تۈركىزمچىلار ئارقا-ئارقىدىن تۈركىيىگە قېچىپ بېرىپ، پان تۈركىزم ئىشلىرى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللاندى ھەمدە تۈركىيىدىكى پان تۈركىزم ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. ئەمەلىيەتتە خۇددى سوۋېت قىزىل پروفېسسورلار ئىنستىتۇتىدىكى گابىدۇلىن بىلەن ئارشارۇنى كۆرسەتكەندەك؛ «پان تۈركىزم رۇسىيىدە ۋۇجۇدقا كەلگەن ھاسىلات، ئۇ تۈركىيىدىكى ئىستانبۇلدا ئۆزىنى قوللىغۇچى ۋە ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىلا تېپىۋالدى.»
ئۈچىنچى بۆلۈم
تۈركىيە: «تۈركلەر»نى قايتىدىن بايقىدى
رۇسىيىدە تاتار پان تۈركىزمچىلار چېپىپ يۈرۈپ شوئار توۋلاۋاتقان مەزگىلدە، تۈركىيە يەنىلا سۇلتان ھەم خەلىپە ئابدۇلھەمىد Ⅱتەرغىب قىلىۋاتقان پان ئىسلامىزمغا چوڭقۇر چۆككەنىدى، دانا زىيالىيلار «تۈرك»سۆزى مەلۇم بىرخىل ھاقارەت مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ دەپ قاراپ، «ئوسمانىزم» شەكلىدىكى مىللەتچىلىكنى تاللىۋالدى. ياۋروپادىكى «تۈركولوگىيە»نىڭ تەسىرى ئاستىدا، تۈركىيە «تۈرك»لەرنىڭ ئۆتمۈشتىكى تارىخىنى، تىلىنىڭ موللىقىنى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ رەڭدارلىقىنى بايقىدى. ھەربىي ئىنستىتۇتنىڭ گېنېرالى سۇلايمان پاشا بۇ «قايتا بايقاش»نىڭ تارىخىنى «دۇنيا تارىخى»دېگەن كىتابىغا كىرگۈزدى. شائىر ئەمىن يۈر دادىل (1869~1944-يىللىرى): «ئەي، تۈرك قوۋملىرى! ئەي، تۆمۈر بىلەن ئوتتىن تۆرەلگەنلەر! ئەي، تۈمەنمىڭ ئەلنىڭ ياراتقۇچىلىرى! ئەي، تۈمەنمىڭ تاجۇتەختنىڭ ئىگىلىرى!»دەپ خىتاب قىلغانىدى. يازغۇچى خالىدە ئەدىب تىلى بىلەن: «باشقا مىللەتلەرنىڭ چېچىلىپ كېتىشى بىلەن بىزمۇ غۇلاپ چۈشەرمىزمىكىن دەپ ئەندىشە قىلماڭلار، دۇنيادا خەلقى بار. ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان بۇ تۈرك قوۋمىنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ، ئۇلار مەڭگۈ ياشناپ، كۆپىيىپ كېتىۋېرىدۇ»دەپ جار سالدى.
مۇبادا گاسپرىنسكىينى رۇسىيە تاتار پان تۈركىزمچىلىرىنىڭ پىرى دېسەك، ئۇنداقتا زىيا كۆك ئالپ (1876~1924-يىللىرى)نى تۈركىيە پان تۈركىزمىنىڭ ئاساسچىسى دېيىشكەن بولىدۇ. ئۇنىڭ پان تۈركىزمگە ئاساس سالغان ئىجادىيىتى «تۈركىزم ئاساسلىرى»ئىدى، بۇ ئەسەر پان تۈركىزمنى سېستىملاشتۇرغان، ماددىيلاشتۇرغان تۇنجى نادىر ئەسەر دەپ قارالدى. زىيا كۆك ئالپنىڭ قارىشىچە، تۈركلەرنىڭ بىرلا خىل يېزىقى ۋە مەدەنىيىتى بار ئىكەن. ئۇ تۇراننىڭ چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك لايىھىلىرىنى ئوتتۇرىغ قويدى، ئۇنىڭ بۇ نەزەرىيىۋى بايانى مەلۇم چوڭقۇرلۇققا يېتىپ، ئىلگىرىكى ئۇچىغا چىققان پان تۈركىزم كەيپىياتى سەل پەسكويغا چۈشتى، ئۇنىڭ «پان تۈركىزمى»دە، ئەمەلىيەتتە پان تۈركىمدىن چېكىنىپ تۈركىزمگە يۈزلىنىش ئالامىتى بار ئىدى.
ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ھەرخىل پىكىر ئېقىمىدىكىلەر بەس-بەستە خېرىدار ئىزدەۋاتقان بازاردا، پان تۈركىزم پەقەتلا ئانچە-مۇنچە تىلغا ئېلىنىپ قويىدىغان بىر قانچە پىكىر ئېقىملىرىنىڭ بىر ئىدى. تۈركىيە مىللەتپەرۋەر پارتىيىسى-ياش تۈركلەر پارتىيىسى سۇلتان ئابدۇلھەمىدⅡ زور كۈچ بىلەن يۆلەۋاتقان پان ئىسلامىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئوسمانىزمنى تاللىدى.
1908-يىلى ياش تۈركلەر پارتىيىسى ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، ئەمەلىيەتتە ئۈچ خىل سىياسەتنى تەڭ يولغا قويدى: ئوسمانىزم يەنىلا دۆلەت ئىچىدىكى سىياسەتنىڭ ئاساسىي روھى بولدى؛ تۈركىزم رۇسىيە تاتارلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئاساس قىلىندى؛ پان ئىسلامىزم ئىمپېرىيە تەۋەلىكىدىكى ئەرەبلەر بىلەن شىمالىي ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا مۇسۇلمانلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى بولۇپمۇ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، گېرمانىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، بۇ يۈزلىنىشنى تېخىمۇ تېزلەتتى.
ياش تۈركلەر پارتىيىسىدىكى ئۈچ شەخسنىڭ بىر بولغان جامال پاشا ( 1872~ 1922- يىللىرى ):«ئۆزۈمنى ئالسام،مەن بىر ئوسمانلىلىق، لېكىن ھېچقاچان ئۆزۈمنىڭ بىر تۈرك ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچقاندق نەرسە مېنىڭ بۇ ئېتىقادىمنى تەۋرىتەلمەيدۇ، يەنى تۈرك ئىرقى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئۇل تېشى» دېگەنىدى. ئۈچ مەشھۇر شەخسىنىڭ يەنە بىرى بولغان ئەنۋەر پاشا (1881~1922-يىللىرى)مۇ تۈركىيىدىن جۇڭگوغىچە بولغان، سەمەرقەندنى مەركەز قىلغان بۈيۈك تۈرك دۆلىتى قۇرۇشنى خىيال قىلاتتى. 1921-يىلى، ئەنۋەر پاشا بۇ خام خىيالنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىپ باسمىچى باندىتلارنىڭ سوۋېتتىكى توپىلىڭىغا بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىپ، ئۇرۇشتا ئوق تېگىپ ئۆلدى.
تۆتىنچى بۆلۈم
تەرەققىياتى: ھەر قېتىمقى مەغلۇبىيىتىنىڭ خاتىرىسى
رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، پان تۈركىزم تەرەققىي قىلىۋەردى، پان تۈركىزمچىلار ئىككى قارىمۇقارشى لاگېرغا بۆلۈندى.
بىرى، ئاق ئۇرۇسلار تەرەپتە تۇرغان باسمىچى توپىلاڭچىلار. باسمىچىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەكسىيەتچىل فېئودال بايلار بولۇپ، پان تۈركىزم، پان ئىسلامىزم ئۇلارنىڭ سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇشتىكى ئىككى بايرىقى ئىدى. باسمىچى باندىتلار ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر مەھەل زورلۇق-زومبۇلۇق ئىشلىتىپ، خورىكى ئۆسۈپ قالغانىدى، لېكىن ئۇزۇنغا بارمايلا تەلتۆكۈس سۈپۈرۈلدى ۋە باستۇرۇلدى.
يەنە بىرى سوۋېت ھاكىمىيىتى ئىچىگە كىرىۋالغانلار. ئۇنىڭ ۋەكىلى ئەينى چاغدا تېرىسىگە پاتماي قالغان، مىللەتلەر ئىشلىرى كومىسسارىياتىنىڭ ھەيئىتى، رۇسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى سۇلتان غالىيېف ئىدى. سۇلتان غالىيېف گۇرۇھىدىكىلەر ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىنكى دەسلەپكى يىللاردا «سەپداشلار»سۈپىتىدە ئىنقىلابقا قاتناشتى، لېكىن ئۇلار «بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بەدەل تۆلەشكە تېگشىلىكى ياۋروپا ئىنقىلابى بىلەن جاھانگىرلارنى ئاغدۇرۇش، سوۋېت ھاكىمىيىتى ۋاقتىنچە مەۋجۇت بولۇپلا تۇرالايدۇ»دەپ قارايتتى. ئۇلارنىڭ نىشانى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەقىي رايونىدا «تۇران دۆلىتى»نى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋولگا-ئۇرال ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈيۈك تۈرك دۆلىتىنى قۇرۇش ئىدى.
ھەقىقەتەن سوۋېت كومپارتىيىسى سۇلتان غالىيېف ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە پۈتكۈل قىرىق تاتارلىرىنى سۈرگۈن قىلىش ئۇسۇلىدا، ئىككى خىل ئوخشىمىغان خاراكتېردىكى زىددىيەتنى بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ، ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان زىياننى كەلتۈرۈپ چىقاردى. لېكىن، پان تۈركىزم بۇنداق ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغانلىقتىن، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنمۇ تەشكىللىك پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇستۇرالمىدى.
پان تۈركىزممۇ ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللەت پروگراممىسى خۇددى زۇڭتۇڭ كامال ئېلان قىلغاندەك: «ئىسلام ئىتتىپاقى ۋە تۇرانىزممۇ بىزنىڭ پرىنسىپىمىز ۋە مۇقەررەر سىياسىتىمىز بولالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يېڭى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى مۇستەقىللىقتا چىڭ تۇرۇش بولۇپ، تۈركىيە مىللىتىنىڭ چېگرىسى ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئۈستىگە قويۇلغان» كامالىزم ئىدى. تۈركىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئادەتتە سىياسىي خاراكتېرلىك پان تۈركىزمنى، بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى مىللىي بىرلىكچىلىك ئامىلىنى قوللىمايتتى.
بۇ ۋاقىتتا، بىرىنچى ئەۋلاد پان تۈركىزمچىلارنىڭ تايانچ خادىملىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۆلۈشكە باشلىدى، بەزىلىرى بايرىقىنى ئۆزگەرتىپ كامالىزمغا يېقىنلاشتى. مەسىلەن، خالىدە ئەدىب، ئەمىن يۇردادىل ئۆزىنىڭ شېئىرلىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، «تۇران» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا «ۋەتەن» دېگەن سۆزنى ئىشلەتتى. لېكىن، پان تۈركىزم يەنىلا مەدەنىيەت ساھەسىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقتىن، پۇرسەت بولسىلا ئۆزىنى كۆرسەتتى. 30-يىللاردا گېرمانىيە فاشىستلىرى غەربىي ياۋروپادا زوراۋانلىق تۈرگۈزۈۋاتقاندا، يېڭى بىر ئەۋلاد تۈركىيە پان تۈركىزمچىلىرى جانلىنىشقا باشلىدى، ئۇنىڭ ۋەكىللىك شەخسلىرى ھۈسەين نەھال ئەزىز (1905~1975-يىللىرى)، ناجاد سانجار (1910~1976-يىللىرى)، ئوغۇز دىرخان (1920~؟) ئورخان سەيىف ئورخۇن (1890~1972-يىللىرى) قاتارلىقلار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ يېرىم مەخپىي كىچىك تەشكىلاتلىرى بولۇپ، گېزىت-ژۇرنال نەشر قىلاتتى. بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت ئورخۇنلا گاسپرىنسكىينىڭ «تىل، ئىدىيە، ھەرىكەتلەردە بىرلىشەيلى» دېگەن بىر قەدەر مۆتىدىل بولغان شوئارىنى قايتا تەكىتلەپ چىقتى، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىدە سوۋېتقا قارشى، كوممۇنىستىك پارتىيىگە قارشى ئۇچۇق-ئاشكارا ئۇچىغا چىققان ئىرقچىلىق خاھىشى بار ئىدى. دىرخان «كۆك بۆرە» ژۇرنىلىنى چىقىرىش بىلەن «كۆك بۆرىچىلەر»تەرىپىدىن بۆرە ئەۋلادى دەپ تەرىپلەندى. ئۇ «تۈرك ئىرقى ھەممىدىن ئۈستۈن»، «تۈرك ئىرقى باشقا ئىرقتىن ئەلا» دېگەن شوئارنى توۋلىدى، ئەزىز بولسا گىتلېرنى دوراپ: «مۇھىمى، تۈركلەرنىڭ ئىتتىپاقى، لېكىن مىللەت مەسىلىسى بولسا مۇھىم قانداشلىق مەسىلىسىدۇر» دەپ خىتاب قىلدى.
گېرمانىيە فاشستلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قوزغىغاندا، بۇ بىر تۈركۈم ئىرقچىلار تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، تۈكىيىنى ئانتانتا ئىتتىپاقىغا قاتنىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۇرۇش ئېلان قىلىشقا ئالدىراتتى، 1944-يىلى 5-ئايدا، يەنە كوچا نامايىشى ئۆتكۈزدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن قورققانلىقتىن، بۇ بىر تۈركۈم ئۇرۇشخۇمار پان تۈركىزم ئىرقچىلىرىغا ھەرىكەت قوللىنىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئۇلارنى سوتقا تارتتى. بۇ تۈركىزمچىلار تەپ تارتماستىن سوتتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىدىيىلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلدى ۋە ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتتى. لېكىن كېيىنكى سۆز-ھەرىكەتلىرىدە سەل ئۆزىنى يىغىشتۇرۇۋالدى.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، بولۇپمۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، تۈركىيىدىكى پان تۈركىزم ھەرىكىتى پان تۈركىزم نۇقتىسىدىن كوممۇنىستىك پارتىيىگە قارشى تۇرۇش، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇش، جۇڭگوغا قارشى تۇرۇشقا مەركەزلەشتى. 1950-يىلى، ئەزىز پان تۈركىزمچىلارغا قايتىدىن يېڭى تەبىر بېرىپ: «ھەر بىر تۈرك ئۆزىنىڭ تۈرك ئىرقىنىڭ يۈكسەك ئەۋزەللىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشى، مىللىتىنىڭ تارىخىغا ھۆرمەت قىلىشى، تۈرك كوللېكتىپى يولىدا قۇربان بېرىشكە تەييارلىق كۆرۈشى كېرەك» دەپ كۆرسەتتى. لېكىن، تۈركىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىزچىل ئىككىلىنىپ ھەر ۋاقىت ھەربىي ئىدارە قىلىپ تۇرغانلىقتىن، بۇ ئۇچىغا چىققان سىياسىي خاراكتېردىكى پان تۈركىزمنىڭ پائالىيەت دائىرىسى تارىيىپ، مەدەنىيەت ساھەسىدىلا گاھ پەيدا بولۇپ، گاھ غايىب بولۇپ تۇردى. 1965-يىلى، باشقۇرۇش بوشاشقان مەزگىللەردە، پان تۈركىزم مۇتەئەسسىپ جۇمھۇرىيەتچى دېھقان ۋە مىللەتپەرۋەرلەر پارتىيىسىنى كونترول قىلىۋېلىپ، كېيىن ئۇنىڭ نامىنى مىللەتپەرۋەر ھەرىكەت پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىپ، تۈركىيىنىڭ ئاساسىي سىياسىي ئېقىمىدا ئوچۇق-ئاشكارا قەد كۆتۈرۈش غەرەزىدە بولغان بولسىمۇ، لېكىن پائالىيەت مەيدانى يەنىلا چەكلىنىپ قالدى. 1969-يىلى، دۆلەت پارلامېنتىدىكى 450 ئورۇننىڭ ئاران بىرىنى ئىگىلەپ، ئۇلار ئۇچىغا چىققان ئوڭ قانات، ھېچقانداق ئاممىۋى ئاساسى يوق دەپ قارالدى. 1980-يىلى، ھەربىي باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، بارلىق سىياسىي پارتىيىلەر ۋە سىياسىي تەشكىلاتلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، پان تۈركىزم يەنە مەدەنىيەت ساھەسىگە يوشۇرۇنۇشقا مەجبۇر بولدى. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىنكى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، پان تۈركىزم سوۋېت ئىتتىپاقىدا تەلتۆكۈس سۈپۈرۈپ تاشلاندى، تۈركىيىدە بولسا سىياسىي ساھەگە ئۈزلۈكسىز ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ، لېكىن ھەر قېتىملىق مەغلۇبىيىتىنىڭ خاتىرسىلا قېلىپ، ئومۇمەن مەدەنىيەت ساھەسىدە تەرەققىي قىلدى.
بەشىنچى بۆلۈم
ئاتالمىش «ئېزىلىۋاتقان تۈرك»
مەيلى مەدەنىيەت پان تۈركىزمى بولسۇن ياكى سىياسىي پان تۈركىزم بولسۇن، ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئورتاق خۇمارى «تۈركىي ئىرق»نىڭ سانىنى ستاتىستىكا قىلىش بولۇپ، ياۋروپا، ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە چېچىلغان «تۈرك قانداشلىقى»بولغان نوپۇسنىڭ ستاتىستىكا سانى ئوخشىمىغان ھالدا 57 مىليون، 65 مىليون، 82مىليون 840مىڭ، 99 مىليون 200 مىڭدىن 100 مىليونغىچە، ھەتتا 150 مىليونغىچە بولغان. تۈركىيىدىكى پان تۈركىزمچىلار دائىم ھاياجىنىنى باسالماي، «چېگرا سىرتىدىكى تۈركلەر»نىڭ قىيىن ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، «ئېزىلىۋاتقان تۈرك» ياكى «قۇل قىلىنىۋاتقان تۈرك»نى مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ، «تۈركلەردىن باشقا ھېچقانداق كىشى تۈركلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ» دەپ جار سالدى. سوۋېت ئىتتىپاقى، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمى ئاستىدىكى «تۈركلەر»نىڭ تەقدىرى ئۇلارنىڭ كۆز تىكىدىغان نۇقتىسىغا ئايلاندى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، «ئېزىۋاتقان تۈرك» نىڭ ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇشى، ئالدى بىلەن سوتسىيالىستىلىك تۈزۈمگە بولغان ئۆچمەنلىكى كومۇنىسلىك پارتىيىگە قارشى تۇرۇش ھېسسىياتىدا ئىپادىلەندى، ئۇنىڭدىن قالسا بۇلغارىيە، يۇگوسلاۋىيە، رۇمىنىيە، ئىران، سۈرىيە، ئىراق، لىۋان، مىسىر، سىپىروس، گېرىتسىيە، ئافانىستان، ھەتتا فىنلاندىيە، ياپونىيىدىكى «تۈرىكلەر» نىڭ تەغدىرىمۇ ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىدە بولدى. بۇ پان تۈركىزىمنىڭ بارلىق مۇناسىۋەتلىك ياۋرۇ-ئاسىيا دۆلەتلىرىدە قۇتۇراتقۇلۇق قىلىپ ئايرىلمىچىلىق كەيپىياتى تۇرغۇزۇۋاتقانلىقىنى تۇلۇق ئىپادىلەپ بەردى.
نۆۋەتتە ئىگىلىگەن ماتېرىياللارغا قارىغاندا،1914-يىلىلا تۈركىيىلىك ئەھمەد كامال مەكتەپ قۇرۇش نامىدا شىنجاڭدىكى ئاتۇشقا يوشۇرۇنچە كىرىپ پان تۈركىزىمنى تەرغىب قىلغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، روسىينىڭ پان تۈركىزىم ئاساسچىسى گاسپرىنىسكىينىڭ «تەرجىمىلەر» گېزىتى شىنجاڭغا تار قىلىپ كىرگەن. 1933-يىلى قەشقەردە كۆرۈلگەن «شەرقىي تۈرىكىستان ئىسلام جۇمھىرىيتى» دەك كومېدىيە، پان تۈركىزىم بىلەن پان ئىسلامىزمنىڭ شىنجاڭنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە سىياسىي مانېۋىرى ئىدى. شىنجاڭدىكى ئەڭ كونا پان ئىسلامىزمچى مەسئۇد ئىلگىرى يىللاردا تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە بېرىپ ئوقۇغان بولۇپ، شۇ يەردە پان ئىسلامىزىمنى قوبۇل قىلغان، 40-يىللاردا جياڭ جيېشىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئۆزىنى ئېتىپ، بىر مەھەل تېرىسىگە پاتماي، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۇمەتنىڭ رەئىسى بۇلىۋالغانىدى . ئۇنىڭ ئىككى ئەگەشكۈچىسى بولغان مۇھەممەت ئىمىن بىلەن ئەيسامۇ گومىنداڭنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتىدە مۇھىم ۋەزىپىلەردە بولغانىدى. شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇلار تۈركىيىگە قېچىپ بېرىۋېلىپ، «ئېزىلىۋاتقان تۈرىكلەر» نىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە تا ئۆلگۈچە كوممۇنىستىك پارتىيىگە، جۇڭگوغا قارشى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللاندى. ھازىر ئەيسانىڭ ئوغلى ئەركىن تۈرىكىيدە دادىسىنىڭ ئىزىنى باستى.
تۈرىكىينىڭ پان تۈركىزىم كىتاب- ژورنالىرىدا دائىم «شەرقىي تۈرىكىستان مۇستەقىل ھۆكۈمىتى» نى قۇرۇش تەلەپلىرى بېسىلىپ تۇردى ھەمدە تۈركىيە ھۆكۇمىتىنى چېگرا سىرتىدىكى «زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان تۈرىكلەر» گە سوغۇق مۇئامىلىدە بولدى ۋە سەل قارىدى، دەپ ئەيىبلىدى.
سوۋېت ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن چېگرا ئىچىدىكى پان تۈركىزىم، پان ئىسلامىزىمنى قەتئىي مەنئى قىلىش، باستۇرۇش مەيدانىنى قوللانغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇنىڭ بۇ ئىككى ئىزمىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا ۋاسىتە بولدى. 1944- يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چوڭ ئاخۇنۇم ئېلىجان تۆرىنى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مۇھىم رەھبەرلىك ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە بىر مەھەل «شەرقىي تۈرىكىستان مۇستەقىللىقى» بىلەن شۇغۇللاندى. 60~80- يىللاردا، جۇڭگو – سوۋېت ئىتتىپاقى ئالما -ئاتا، تاشكەنىت رادىئو ئىستانسىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ھەر كۈنى ئۇيغۇر تىلى، قازاق تىلىدا «شەرقىي تۈرىكىستان ئويغۇرئېلىدۇر» دەپ شىنجاڭغا مەركەزلىك تەشۋىقات ھۇجۇمى قورغىدى، بۇ 20 يىلغا سوزۇلغان، كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغان تەشۋىقاتلار ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق تېما ئىدى.
«ئېزىلىۋاتقان تۈرك» نىڭ ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇشى پان تۈركىزىمنىڭ سىياسىيلىشىشىقا قاراپ مەركەزلەشكەنلىكنىڭ ئىپادىسى، شۇنداقلا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ باشقا دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىتا ھەمىشە كۆتۈرۈپ چىقىدىغان قورالى.
ئالتىنچى بۆلۈم
ھازىرقى ھالىتى ۋە يۈزلىنىشى
نۆۋەتتە، پان تۇركىزىمنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت مەركىزى يەنىلا تۈركىيىدە. ئەسەبىيلەرچە پان تۈركىزىم مەدىنىيتىنى تەشۋىق قىلىدىغان تۈركىيە گېزىت-ژۇرناللىرىدىن ئاساسلىقى «تۈرك ۋەتىنى»، «تۈرك ئىتتىپاقى»، «تۈرك مەدىنىيتى»، «تۈرك ئەدەبىياتى»، «بىزنىڭ مۇقەددەس جايىمىز»، «تۈرىكىستان ئاۋازى»، «شىمالىي كاۋكاز»، «مۇھاكىمە مۇنبىرى»، «غايە»، «مىللىي مائارىپ»، «مىللىي مەدەنىيەت» قاتارلىق ئون ئىككى خىلى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇ يەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن شىنجاڭلىق مىللىي بۆلگۇنچىلىكلەر چىقارغان «شەرقىي تۈرىكىستان ئاۋازى» مۇ بار. يېقىنقى يىللاردىن بېرى، پان تۈركىزىمچىلار يەنە ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىقمۇ ئىدىيىلەرنى كەڭ تارقىلىشقا باشلىدى. بىر قىسىم ئىلمىي تونغا ئورىنىۋالغان تارىخ- مەدەنىيەت ئەسەرلىرى، مەسىلەن، «بۈيۈك تۈرك دۇنياسى» ھەمدە يۈز تومىغا يېقىن چوڭ ھەجىمدىكى «تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەدىنىيتى ۋە تارىخى» مەجمۇئەسى- «مۇقەددەس جاي مەجمۇئەسى» تۈركىيىدە زور مىقداردا نەشر قىلىندى. ئۇلار يەنە« تۈرىكىستان تارىخى ۋە خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دىن پايدىلىنىپ، پان تۈركىزىم ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى ئەڭ دەسلەپكى مەزگىللدە، پان تۈركىزىم ئىدىيىسىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يېڭىلا مۇستەقىل بولغان بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشىگە ئېرىشتى. 1991-يىلى9-ئايدا، ئۆزبېكىستان كوممۇنىستىك پارتىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان ھەمدە نامىنى ئۆزگەرتىپ خەلق دېموكراتىك پارتىيىسى بولۇپ قۇرۇلغانلىق چوڭ يىغىنىدا، ئۆزبېكىستان زۇڭتىڭى كەرىمۇف«جەدىد»ھەرىكىتى، پان تۈرىكىزىم، پاسمىچى قاتارلىق ھەر قايسى مىللەتلەرگە ئومۇميۈزلۈك ھەمدە ئوبيېكتىپ تەھلىل يۈرگۈزۈش لازىم، دەپ ئوتتۇرىغا قويغانىدى. 1992-يىلى، قازىقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېف ئوچۇق-ئاشكار ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان «تۈرك ئىتتىپاقى» تەسەۋۋۇرى دۇنيادا غۇلىغۇلا قوزغىدى. ئەزەربەيجان زۇڭتىڭى ئالىيېف قىلچە يوشۇرماي يوگۇسلاۋىيىدىن جۇڭگوغىچە «تۈركىستان» نىڭ «ئۈچ بىرلىكى» (تىل، ئىدىيە، ھەرىكەت بىرلىكى) نى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن، دەپ پو ئاتتى. بۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ: «تۈركلەشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە ئىسلاملاشتۇرۇشتەك بۇ شوئارنى مەنىسى ئاللىبۇرۇن ئەزەربەيجان قاتارلىق«تۈركىي تىللىق دۆلەتلەر»دەپ قارالغان بەش دۆلەتنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا ئەگىشىپ، بىر مەھەل جىمىپ قالغان پان تۈركىزىم جانلىشىغا باشلانغانلىقتىن، مەھەل جىمىپ قالغان پان تۈركىزم جانلىشىشقا باشلانغانلىقتىن، تۈركىيە ھۆكۈمەت تەرەپ پوزىتسىيسىدىمۇ سەل-پەل ئۆزگىرىش بولدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، تۈركىيە «دۆلەت ئاتىسى» مۇستافا كامال ئوتتۇرىسىغا قويغان «تۈركىزىم» نى، يەنى تۈركىيە ھازىرقى زامان مىللىتىنىڭ كامالىزىمىنى بەرپا قىلىپ، تۇتامى يوق پان تۈركىزمگە نىسبەتەن ئېھتىياتچانلىق بىلەن چەكلەش سىياسىتىنى يولغا قويغانىدى. لېكىن، مۇستافا كامالنىڭ «تۈركىزىم» ئى بىلەن پان تۈركىزىمنىڭ پەرقى پان تۈركىزىمدىكى «پان» نىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىدىنلا ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن، كېيىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زور بىر قىسىم جايلىرىدا «پان» باش كۆتۇرگەندە، ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىيە ئۆزەل ھۆكۈمىتى ئۆزىنى تۇتىۋالالمىغان ھالدا ئىلگىرىكى پان تۈركىزم چۈشىنى كۆرۇشكە باشلىدى.
1992-يىلى، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ساھىبخانا بولۇپ، ئەنقەرەدە تۈركىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركىمەنىستان، قىرغىزىستان، ئەزەربەيجان ئالتە دۆلەت زۇڭتۇڭى قاتناشقان تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ تۇنجى باشلىقلار يىغىنىنى چاقىردى. پان تۈركىزمنىڭ ساداسى چېكىدىن ئاشقان چوقان-سۆرەنى ئىچىدە، تېخىمۇ غالجىرلاشقان «تۇرانىزم»مۇ قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقتى. تۈركىيىنىڭ «يېڭى مۇھاكىمە مۇنبىرى»ژۇرنىلى ھەتتا «تۇرانىزم»توغرىسىدا بىر پارچە پروگرامما خاراكتېرلىك ماقالە ئېلان قىلىپ، «تۇران بارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۆتمۈشى، شۇنداقلا كەلگۈسى ۋەتىنى»دەپ ئۇچۇقتىن-ئوچۇق جار سالدى ھەمدە ئۆزەل زۇڭتۇڭنىڭ خېلى بۇرۇنلا «بوسنىيىدىن جۇڭگو دېڭىزىغىچە»بولغان «يېڭى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ چىقىش پىلانى»غا كۈچ چىقارغۇسى بار ئىدى، دېدى. ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مۇھىم ئەربابى ئەسىرىدە تۈركىيە پان تۈركىزمنىڭ ئاساسچىسى زىيا كۆك ئالپنىڭ شېئىرىدىن نەقىل ئېلىپ: «رۇسىيە زاۋاللىققا يۈزلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، تۈرك ئۆسۈپ-يېتىلىپ تۇرانغا ئايلانماقتا»، ئادرىئاتىك دېڭىزىدىن جۇڭگوغىچە بولغان «تۇران ئىتتىپاقى» قۇرۇشىمىز كېرەك، دەپ جار سالدى.
1994-يىلى، تۈركىيە ھۆكۈمىتى يەنە ساھىبخانا دۆلەت بولۇپ، ئىستانبۇلدا ئىككىنچى نۆۋەتلىك «تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر»باشلىقلار يىغىنىنى چاقىردى. يىغىندا، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى كەرىموف مۇخبىرلارغا: «بىز _ تۈرك مىللىتى، بىزنىڭ ئورتاقلىقىمىز بىزگە كۈچ ئاتا قىلىدۇ»دېدى. قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ئاقايېف: «ئۇلۇغ، ئورتاق تۈرك تىلى مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئاساسى بولۇشى كېرەك»دېدى. بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىدا پان تۈركىزمنىڭ ھىدى يوق دېيىشكە بولمايدۇ.
لېكىن، مۇستەقىللىقنىڭ شادلىقىدىن ئۆزىنى بېسىۋالغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈستىدە ئويلىنىپ، پان تۈركىزمگە پەيدىنپەي قىزىقميدىغان بولۇپ قالدى. زۇڭتۇڭ نەزەربايېف يىغىندا: «بۇ يەردە ھېچقانداق پان تۈكىزم، پان ئىسلامىزم يوق»دەپ رەسمىي ئېلان قىلدى. 1996-يىلى، ئۇ يېڭىدىن يازغان «21-ئەسىر بوسۇغىسىدا»دېگەن كىتابىدا: «تۈركىيە زۇڭتۇڭى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئالاقىسىدە بايقال كۆلىدىن كاسپى دېڭىزىغىچە ۋە دون دەرياسىغىچىلىك بولغان قۇدرەتلىك تۈرك دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇشقا ئاشكارا تەلپۈنىدىغان (غايە)بار، لېكىن بۇ يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان قازاقىستان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدۇ، چۈنكى (بۇ ئەمدىلا قولغا كەلتۈرگەن مۇستەقىللىقنى قولدىن بېرىپ، قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ تاشلاپ، بۇ (خوجايىن)نىڭ ئورنىغا يەنە بىر (خوجايىن) ئالماشتۇرۇپ، ئۇنىڭ بوينىمىزغا مېنىۋېلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ»دەپ قارىدى. ئەمەلىيەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىچىدە ئۆزبېكىستان ئەڭ ئاۋۋال سىياسىي پان تۈكىزمگە قارشى چىققانىدى. ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى ئەڭ ئاۋۋال «چوڭ تۇران ئىدىيىسى»گە قارشى تۇرۇپ، بىر قىسىم خەلئارالىق سورۇنلاردا ئۇنىڭ رەسمىي ھۆكۈمەت تەرەپ ۋەكىلى پەقەتلا «ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تەرەپلەردە بىرلىشىشىنى يولغا قويۇش، لېكىن ھەرقانداق ‹سىياسىي بىرلىشىش›نى ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرنى رەت قىلىش»نى تەكىتلىدى. سېسىق نامى پۈر كەتكەن خەلقئارالىق پان تۈركىزمچى، گېرمانىيەتەۋەلىكىدىكى ئۆزبېك باي مىرزا ھايت 1992-يىلى «ئايرىلغىنىغا 52 يىل بولغان ۋەتىنى»گە قايتىپ تۇغقان يوقلىشىغا رۇخسەت قىلىنغاندىن كېيىن، ھەممىلا يەردە پان تۈركىزم ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلدى. نەتىجىدە، ئالدى بىلەن زۇڭتۇڭ كۆرۈشۈشنى رەت قىلدى، كېيىن ناھايىتى تېزلا «بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە چېگىردىن چىقىپ كېتىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى». شۇنىڭ بىلەن، بۇ پان تۈركىزمچى تۈركىيىدە «دۆلىتى» ئۈستىدىن ئۇزۇن شىكايەت ماقالىسى ئېلان قىلىپ، بۈگۈنكى ئۆزبېكىستان «چىرىكلەشكەن كونا كوممۇنىزمنىڭ مۇستەقىل بايرىقى بىلەن يېڭى كوممۇنىزم ئەندىزىسى ئاستىدا» ياشاۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىدى.
1997-يىلى، زۇڭتۇڭ كەرىموف «21-ئەسىرگە يېقىنلاشقان ئۆزبېكىستان» دېگەن كىتابنى يېزىپ: «تارىختا بىز تۈركىي تىللىق چوڭ ئائىلىگە مەنسۇپ ئىدۇق، لېكىن بىزنىڭ خەلقىمىز قەتئىي نىيەتتە ‹بۈيۈك تۇران›دەك بۇ خىل شوۋىنىزم ئىدىيىسىنى چۆرۈپ تاشلىۋەتتى. بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۇراندىن ئىبارەت بۇ رايون تۈركىي تىلدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت ئورتاق گەۋدىسىدىن ھالقىغان سىمۋول ئەمەس» دەپ تەكىتلىدى. يەنە: «ئۆزبېكىستاننىڭ ‹تۈركىستان-بىزنىڭ ئورتاق ئائىلىمىز› دىن ئىبارەت بۇ ھەرىكەت دائىرىسىدە يولغا قويغان سىياسىتى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتى بىلەن مىللىي مەنپەئەتكە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ‹تۈركىستان› قەدىمدىن تارتىپ تۈركلەرنىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەمەس، بەلكى مەزكۇر رايوندىكى بارلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان»دەپ جاكارلىدى.
ئەمەلىيەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى ئەللەر قىسقىنىغا ئارىسالدىلىقنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئۆزىدىكى تەرەققىيات يولىنى ئىزدەشكە باشلاپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي دۆلەت قۇرۇلۇشىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلاشقا كىرىشتى. پان تۈركىزمنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىلا سوۋېت رۇسىيىسىدىن ئايرىلىشتەك سىياسىي مەزمۇنى بار بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى مەزگىلدە بۇ خىل مەزمۇننىڭ ئەھمىيىتى قالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى ئۆز مەيلىچە تەرەققىي قىلىشقا قويۇپ بەرسە، بۇ يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەرنىڭ ھايات-ماماتىغا تەھدىت بولاتتى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىيونلار ئۇنىڭ ئاشۇ ئابستراكت مەدەنىيەت قاتلىمىدا توختاپ قېلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، پان تۈركىزم ئىدىيىسى يەنىلا بىر قىسىم ئالىملارنىڭ داۋاملىق تۈردە ئىلمىي سالونلاردا مۇزاكىرىلىشىدىغان سۆھبەت تېمىسى بولۇپ قېلىۋېرىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىي تەسىرى بىلەن چاقىرىق كۈچى ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مەلۇم جەھەتتىن چەكلىشىگە ئۇچرايدۇ.
پان تۈكىزم تۈركىيىدە ناھايىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. زۇڭتۇڭ ئۆزەل 1992-يىلىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك «تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى»دا تۈركلەرنىڭ ئورتاق تارىخى، تىلى ۋە مەدەنىيەت روھىغا ئاساسەن، «تۈركىي تىللىق دۆلەت»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈركىيە بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈش غەرەزىدە بولدى. ئۇنىڭ پىلانى قارشىلىقق ئۇچرىغاندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ دەمرەل 1994-يىلى ئىككىنچى نۆۋەتلىك «تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى»دا «ئۇلار (ئاسىيالىقلار) بىزنىڭ قېرىندىشىمىز، بىزنىڭ ئورتاق تىل، دىن، تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىمىز بار»دەپ توختىماي تەشۋىقات ۋە چۈشەندۈرۈش ئېلىپ باردى. لېكىن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق «تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر» ئوتتۇرىسىدا «مەدەنىيەت كۆۋرۈكى»سېلىشنى ئاساسلىق تەكىتلەپ، قارا دېڭىز (پارسچە پوسپور دەپ ئاتىلىدۇ _ ت.) بوغۇزىدىن جۇڭگوغا سوزۇلىدىغان «تۈركىي تىللىق دۆلەتلەر ئىتتىپاقى» خام خىيالىنى تىلغا ئالمىدى. تۈركىيە گېزىت ساھەسىدىكىلەر مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن: «بۇ تۈركىي تىللىق دۆلەتلەر ئىتتىپاقى پىلانىنىڭ خاتا ھەم ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. تۈركلەر ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى مادارىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى» دەپ ئوبزور ئېلان قىلىشتى.
قارىغاندا، پان تۈركىزمنىڭ تۈركىيىگە نىسبەتەن ئەزەلدىن سىياسىي پايدىلىنىش قىممىتى بار بولغاچقا، نۆۋەتتىكى مەدەنىيەت ساھەسىگە چېكىنىپ كىرىۋېلىشى پەقەت قۇربەت ۋە شەرت-شارائىت مەسىلىسىلا بولۇپ قالدى. بىراق دۇنيا ۋەزىيىتىدە شۇنداقلا داۋالغۇش بولىدىكەن، ئۇ ھامان سىياسىي ساھەگە قاراپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ بىر قانۇنىيەتكە ئايلىنىپ قالدى. بۇنىڭدىن كېيىن، چېگرا سىرتىدىكى پان تۈركىزمنىڭ دۆلىتىمىزگە سىڭىپ كىرىشى ئاساسەن تۈركىيىدىن كېلىدۇ، لېكىن ئوتتۇرا ئاسىيانىمۇ پۈتۈنلەي قايرىپ قويۇشقا بولمايدۇ. بۇ ئىزمنىڭ ئۇ يەرلەردە، بولۇپمۇ «بىلىم سەردارلىرى»قاتلىمىدا ناھايىتى چوڭقۇر تارىخىي تەسىرى بار، لېكىن بۇ دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ساھەدىكى زاتلىرى گەرچە سىياسىي پان تۈركىزمگە قارشى تۇرسىمۇ، ئەمما مەدەنىيەت پان تۈركىزملىق كۆر قارىشى، ھېسسىياتى ۋە تەسەۋۋۇرىنى ھەر دائىم ياد ئېتىپ تۇردى. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، «بۈيۈك تۇران» دىن ئەڭ بېشى ئاغىرىيدىغان زۇڭتۇڭ كەرىموفمۇ: «تۇراندىن ئىبارەت رايون تۈركىي تىللىق ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى مەدەنىيەت ئورتاق گەۋدىسىنىڭ سىمۋولى»غا ئىخلاس قىلىدۇ.
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، پان تۈركىزمنىڭ ھازىرغىچىلىك بولغان بىر ئەسىردىن كۆپرەك تارىخى، ئومۇمىي جەھەتتىن تۆت تارىخىي باسقۇچنى بېشىدىن كەچۈردى:
1. 19-ئەسىرنىڭ كېئىنكى يېرىمىدا، پان سلاۋىزمنىڭ ئىنكاسى بولغان رۇسىيە تاتارىستانىنىڭ «تىل، ئىدىيە، ھەرىكەتتىكى» (ئۈچ بىرلىك) ھەرىكىتى.
2. 19-سىرنىڭ ئالمىشىش ھارپىسىدا، ئوسمانلى سەرخىللىرىنىڭ «قايتىدىن بايقىغان» تۈركلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى.
3. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن بۇيان، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن شىنجاڭغىچە كوممۇنىستىك پارتىيىگە قارشى تۇرۇشنى ئاساسىي ئېقىم قىلغان سىياسىي، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى.
4. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، تۈركىيىنى مەركەز قىلغان سىياسىي پان تۈركىزمنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە مەدەنىيەت پان تۈركىزمىنىڭ تەرەققىياتى.
ئىشەنچلىك ئېيىشقا بولىدۇكى، بۇ ئىزم تەرەققىي قىلىپ ئۈچىنچى باسقۇچقا يەتكەندىن كېيىن، ئۇچىغا چىققان ئوڭ قانات ئەكسىيەتچىل ئىدىيىۋى دولقۇنغا ئايلىنىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى، ھايات-ماماتىغا تەھدىت بولدى. ھېچقانداق بىرەر ئىشەنگۈدەك ئاكتىپ مەزمۇنى بولمىدى.
ئىزاھلار:
① لېنىن: «مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشى توغرىسىدا» (1914-يىل 2~5-ئاي)، «لېنىن تاللانما ئەسەرلىرى»، 2-توم، خەلق نەشرىياتى 1995-يىلى 3-نەشرى، 370-بەت.
② ئېنگېلس: «ھۇنگرىيىنىڭ كۈرىشى»، «ماركس-ئېگېلس ئەسەرلىرى»، 6-توم، (خەلق نەشرىياتى 1-نەشرى، تۆۋەندىكىمۇ ئوخشاش)، 200-بەت.
③ ئېنگېلس: «گېرمانىيىدكى ئىنقىلاب ۋە ئەكسىلئىنقىلاب-9»، «ماركس-ئېنگېلس ئەسەرلىرى»، 9-توم، 56-بەت.
④ ئېنگېلس: «ھۇنگرىيىنىڭ كۈرىشى»، «ماركس-ئېنگېلس ئەسەرلىرى»، 6-توم، 201-بەت.
⑤ «پان ئىسلامىزم، پان تۈركىزم تەتقىقاتى»، 137-، 169-بەتلەر، شىنجاڭ ئىچكى ماتېرىياللارنى بېسىش ۋاكالەت نومۇرى 1978~1994-يىل.
⑥ چېن جىجۇ: «سوۋېت كومپارتىيىسىنىڭ پارچىلىنىشى ۋە ئۆزبېكىستان كومپارتىيىسىنىڭ بۆلۈنۈشى»، «ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى»، 1991-يىل 4-سان.
⑦ 20-يىللاردا، سوۋېت كومپارتىيىسىنىڭ سۇلتان غالىيېفلارنى باسمىچى باندىت دەپ قاراپ، سوت ئاچمايلا مەخپىي ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشىدە جەزمەن مەسىلە بار، ھەتتا غەرب ئەللىرىمۇ سۇلتان غالىيېف ئىلگىرى «مۇسۇلمانلارنىڭ كوممۇنىزمى ۋە تاتارىستاندىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە بولغان بۈيۈك تۈرك دۆلىتى پىلانىنى لايىھىلەشكە كۈچ چىقارغان ۋە قۇرماقچى بولغان دەپ قارايدۇ.» (گاۋېن خامبىلى: «ئوتتۇرا ئاسىيا تېزىسلىرى»، سودا باسمىخانىسى 1994-يىل نەشرى، 267-بەتكە قاراڭ).
⑧ ليۇ بىڭ: ««دۆلەت ھالقىغان مىللەتچىلىك-جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسلىق توسالغۇسى»، «ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى»، 1993-يىللىق سانى.
⑨ قازاقىستان «ئومۇمىي كۆرۈنۈش» گېزىتى، 1994-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى.
⑩ قازاقىستان «ئومۇمىي كۆرۈنۈش» گېزىتى، 1994-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى.
⑪ (11) نەزەر بايېف: «21-ئەسىر بوسۇغىسىدا»، «ئېقىم مەسىلىلىرى»نەشرىياتى 1997-يىل نەشرى، 151-بەت.
⑫ (12) ليۇبىڭ: «دۆلەت ھالقىغان مىللەتچىلىك _ جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسلىق توسالغۇسى»، «ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى»، 1993-يىللىق سانى.
⑬ (13) كەرىموف: «21-ئەسىرگە يۈزلەنگەن ئۆزبېكىستان»، خەلقئارا مەدەنىيەت نەشرىياتى 1997-يىل نەشرى، 63-، 112-بەت.
⑭ (14) فەن جىپىڭ: «‹بىر گەۋدىلىشىش› ۋە ‹ئىزم›»، «ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى»، 1994-يىل 3-، 4-سان.
داۋامى بار
⑮
[ بۇ يازماtorlamurتەرپىدىن2009-05-23 01:09دە قايتا ت ]