جىنشۇرېن ھاكىمىيىتى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى
【ئاپتور 】: ئارتور .C. خاسىئوتس. 【تەرجىمە قىلغۇچى】: خاۋ ۋېن مىەن.
بۇ ماقالە نېۋيورك ئۇنۋېرسىتى ئىژتىمائى- تەبىى پەنلەر ئاسپرانتورىيەسىنىڭ دوكتۇرى ئارتور .C. خاسىئوتس يازغان " سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭدىكى سىياسى، ئىقتىسادى ۋە ھەربىي ئارىلىشىشلىرى تەتقىقاتى" دىگەن كىتاۋىدىن ئېلىنغان بىر باپتىن تەرجىمە قىلىنغان. ئاپتور نۇرغۇنلىغان تارىخىي ماتىرىياللار ئاساسىدا ئۇزۇن مۇددەت تەتقىق قىلىش ئارقىلىق 1928-يىلىدىن 1933-يىلىغىچە شىنجاڭنى سورىغان مىللىتارست جىنشۇرېن ھاكىمىيىتىنىڭ تەرەققى قىلىشى - ئۆزگىرىش جەريانىنى يورۇتۇپ بەرگەن ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ھەربىي جەھەتتىن ئېلىمىزنىڭ بۇ غەربى- شىمالى چېگرىسىغا تەدرىجى سىڭىپ كىرىشى جەھەتتە قىممەتلىك تارىخىي ماتىرىياللار بىلەن تەمىن ئەتكەن، جوڭگونىڭ ھازىرقى زامان تارىخىنى ئىزدىنىشىمىز ئۈچۈنمۇ ناھايىتى پايدىلىق ماتىرىيالدۇر. 1. گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك مەمۇرى باشقۇرۇش سىياسىتى ۋە شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە ئورنى
1927 -يىلى نەنجىڭدا قۇرۇلغان گومىنداڭ ھاكىمىيىتى سىياسى جەھەتتىكى ئاجىز ھالەتىنى ئۆزگەرتىيەلمىدى. بۇ 19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى چىڭ سۇلالىسى كۈچلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زەئىپلەشكىنىدىن باشلانغان ئاللىقاچان جوڭگونىڭ بىر ئالاھىدىلىگى بولۇپ قالغان ئىدى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ زەئىپلىشىشى، كۈندىن- كۈنگە يامراۋاتقان چىرىكلىك، تۈزۈمنىڭ كۈچسىزلىگى ۋە باج ئىشلىرىغا بولغان كونتروللۇقنىڭ تەدرىجى يوقىلىشىنى ئۆزىگە ئىپادە قىلغان ئىدى. 1911-يىلى مەركىزى ھۆكۈمەت ئاغدۇرۇلغاندا يەرلىك ھەربىي ئاتامانلار ھەرقايسى ئۆلكىلەردە ۋە جۇغراپىيەلىك رايونلاردا ھوقۇق ۋاكوومىنى تولدىرىدىغان ھالەت شەكىللەندۈردى، كەلگۈسىدە جوڭگونى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە كۈچلۈك بولغان مەركىزى ھۆكۈمەتنى قايتا قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاچقۇچى دۆلەت- ھۆكۈمەت ئۈچۈن بىر ئۈنۈملۈك تەشكىلىي ئورگان قۇرۇپ چىقىش ئىدى.
گومىنداڭ مۇشۇنداق بىر ئۇزاققا سوزۇلغان ، دۆلەت- ھۆكۈمەت ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان تەشكىلىي ئاپارات قۇرۇپ چىقالمىدى، گېنېرال جاڭجېشىنىڭ ھۆكۈمىتى تەرەققى قىلىپ چەكلىك بولغان ، نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۈنۈمسىز ۋە بىر پارتىيە ھاكىممۇتلەقلىگىدىكى مۇستەبىت ھۆكۈمەت بولۇپ قالدى. ئۇ، مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان يەرلىك مىللىتارست ھاكىمىيەتلەرگە ئوخشىمايدۇ ، چۈنكى ئۇ تېخىمۇ چوڭ بولغان جۇغراپىيەلىك رايونلارنى كونترول قىلغان ۋە خەلقارا جەمىيەتنىڭ جوڭگونىڭ رەسمى ھۆكۈمىتى-- دەپ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە ئىقتىساتنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە يولغا قويغان سىياسىتى چەكلىك مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن، قانداقلا بولمىسۇن، ئادىللىق بىلەن باھا بەرگەندە، كۆپچىلىك شۇنى ئېسىدە تۇتۇشى كېرەككى 1945-يىلىدىن بۇرۇن گومىنداڭنىڭ زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، جوڭگودىكى چوڭقۇر ئىجتىمايى ۋە ئىقتىسادى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشىغا توسالغۇ بولغان سەۋەپ، ياپونىيەلىكلەرنىڭ سالغان تۈرلۈك بېسىملىرى ۋە جوڭگوغا بولغان تاجاۋۇزىدۇر.
شىنجاڭ بىلەن مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋىتى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقىنىڭ چەكلىكلىگىنى چۈشەندۈرىدۇ. ھەمدە شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ يىراق چەتكە ئورۇنلاشقان، خەۋەرلىشىش ئۇسۇلى ئىپتىدايى ۋە قالاق، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئالاقىسى ناھايىتى شالاڭ بولغان. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا شىنجاڭ، مەركەز بىلەن مۇناسىۋىتى بوش بولغان بىر شىتاتقا ئوخشاپ كېتەتتى، بەزىدە ئۇ مەركەزنىڭ تەستىقىنى ئالمايلا چەئەللەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتاتتى، بۇ خىل ھالەت شىنجاڭغىلا خاس بولمىغان ئىدى. 1931-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ياپونىيە جوڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشتىن بۇرۇن، مانجۇرىيەنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى چەتئەل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان، سۈيقەستگە ئوخشاپ كېتىدىغان ۋەقەلەرگە كۆپ قاتناشقان ئىدى. گەرچە گومىنداڭ ھاكىمىيىتى شىنجاڭدىكى بۇ خىل ئاشكارە ھەركەتلەرگە ئامالسىز قالغانلىقى راست بولسىمۇ ، مەركىزى ھۆكۈمەت بۇنداق ھەركەتلەرگە قانۇنى ئەھمىيەتتىن ئەزەلدىن ئېتىراپ قىلمىغانلىقىمۇ راست ئىدى.
1931-يىلى 3-ئانىڭ 23-كۈنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى جاكالىغان يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەشكىلىي تۈزىتىش قانۇنى گومىنداڭنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت ئۇقۇمىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ ھۆججەت 21 ماددىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئارىدىكى باش 8 ماددا ئۇشبۇ ماقالە بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 1- ماددىسىدا، يەرلىك ھۆكۈمەتكە پۈتۈن ئۆلكىنىڭ مەمۇرىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بېرىلگەن، 2- ماددىدا، پەقەت دۆلەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنىغا مۇخالىپ كەلمىسە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز ئۆلكىسىدە ئۆزىنىڭ قانۇنىنى جاكالاشقا ئىجازەت بېرىلگەن. 3- ماددىسىدا، يەرلىك ھۆكۈمەت، يەرلىك ھۆكۈمەتكە تەۋە بولغان بارلىق ئۆلكىلىك ئورگانلارنىڭ بۇيرۇقىغا ۋە قارارىغا ئۆز ھوقۇقىنى ئىشلىتىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن، 4- ماددىدا، بىر ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت كومېسسىيەسىنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت يەرلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلمىسى لاھىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، 5- ماددىسىغا، ئۆلكىلىك" ئىجرا قىلىش" كومېسسىيەسىنىڭ ھوقۇقلىرى تىزىلغان بولۇپ، كۆپ قىسىم ھوقۇقلار ئۆلكىنىڭ مەمۇرىيەت ۋە خامچوت-سەرمايەت ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر. ئۆلكىلىك" ئىجرا قىلىش" كومېسسىيەسى رەئىسىنىڭ ھوقۇق- مەجبۇرىيىتى 6- ماددىدا چۈشەندۈرمەكچى بولغان مەسىلە بولۇپ، بۇ ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلەر، مەمۇرىي نازارەت قىلىش پروگراممىسىنىڭ چەكلىمىسىدە بولىدۇ دىيىلگەن. 7- ماددىسىدا، ئۆلكىلىك" ئىجرا قىلىش" كومېسسىيەسىنىڭ خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان رەئىسنىڭ ئورنىغا ھوقۇق يۈرگۈزىشى، 1 ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىگى كېرەك دىيىلگەن. بەلكىم بۇنداق بولغاندا دۆلەت، رەئىسنىڭ ئورنىغا ئۇزاق مۇددەتلىك كادىر ئەۋەتىشكە يېتەرلىك ۋاقىت يار بېرىدۇ، دەپ ئويلىغان بولىشى مۈمكىن. 8-ماددىسىغا، ھەر بىر ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇشقا تېگىشلىك ھەرقايسى مەمۇرى ئورگانلار تىزىملىگى كۆرسىتىلگەن، ئۇلار: سېكرىتار باشقارمىسى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىگى، مالىيە مىنىستىرلىگى، ماارىپ مىنىستىرلىگى ۋە قايتا قۇرۇش مىنىستىرلىكلىرىدىن ئىبارەت، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت يەنە يېزا ئىگىلىگى مىنىستىرلىگى، كان ئىشلىرى مىنىستىرلىگى ۋە سانائەت مىنىستىرلىگى قۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە، ئەگەر ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت يۇقۇرىدىكى 3 مىنىستىرلىكنى قۇرۇشنى خالىمىسا ، قايتا قۇرۇش مىنىستىرلىگى بۇ جەھەتتىكى ئىشلارنى باشقۇرىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن.
سېكرېتارىيەت باشقارمىسىنىڭ ۋەزىپىسى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ پۈتۈن مەخپىيەتلىك ئىشلىرى ۋە يىغىنلىرى، ھۆججەت لاھىيەسى يېزىش، ساقلاش، تارقىتىش ۋە تاپشۇرۇپ ئېلىش ئىشلىرى. ھەرخىل ئىستاتىسكا ماتىرىياللىرى ۋە دوكلاتلارنىڭ لاھىيەسىنى يېزىش، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك تامغىلىرىنى كونتىرول قىلىش. سېكرېتارىيەت باشقارمىسىدا بىر باش سېكرېتار بولۇپ، ئۇ ئۆلكىلىك" ئىجرائىيەت" كومېسسىيەسى رەئىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تۈرلۈك ئىشلارغا مەسئۇل بولىدۇ.
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىگى تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە مەسئۇل : ناھىيە- شەھەرلەردىكى ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى تەيىنلەش ۋە ئېلىپ تاشلاش، ناھىيە- شەھەرلىك ئاپتونوم ھۆكۈمەت ۋە مالىيە، ساقچى ۋە يەرلىك بىخەتەرلىك، ئىشچى- مۇئاش ماجرالىرى، ئومۇمى ساقلىقنى ساقلاش، تۇپراق ئۆلچەش، زىمىن بېجى يىغىش ۋە سايلام.
مالىيە مىنىستىرلىگى خامچوت تۈزەشكە ۋە ئەڭ ئاخىرقى ھېسابات- دوكلات جەدۋىلى تۈزەشگە مەسئۇل، ئۇنىڭدىن باشقا ئۆلكىدىكى بارلىق كىرىم- چىقىمغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ئۇنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولىدۇ.
قايتا قۇرۇش مىنىستىرلىگى تاشيول، تۆمۈريول ۋە دەريا- ئېقىن ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشقا مەسئۇل، ئەگەر يېزا ئىگىلىگى، سانائەت، كان ئىشلىرى ساھەسىدە ئايرىم ھالدا مىنىستىرلىك قۇرۇلسا، ئۇ تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن جەھەتلەرگە مەسئۇل: يېزا ئىگىلىكى باشقۇرۇش ۋە تەرەققىيات، ئورمانچىلىق، بېلىقچىلىق، كانچىلىق، يېزا ئىگىلىگى سۇغۇرۇش ئىشلىرى، بوز يەر ئېچىش، ساناەت ۋە سودا ئىگىلىگى قۇرۇش، ھەرخىل يېزا ئىگىلىگى تەشكىلاتلىرى ۋە سودا ئۇيۇشمىلىرىنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرىنى تۈزەش، ھاشارەت ۋە باشقا قۇرۇت ئاپەتلىرىنى كونتىرول قىلىش، ئېغىرلىق ۋە ئۇزۇنلۇق ئۆلچەملىرىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق پۈتكۈل ئىشلارغا مەسئۇل بولىدۇ.
ئۆلكىدىكى ھەربىر مىنىستىرلىكتە بىردىن باش نازارەتچى ( نازىر ) قويۇلغان بولۇپ ئۇ دۆلەتلىك ھۆكۈمەت مەمۇرىيەت مەھكىمىسى تەرىپىدىن، ھەرقايسى ئۆلكە كومېسسىيەلىرى ۋەكىللىرىدىن تاللاپ ۋەزىپىگە قويىدۇ. 17-ماددىدا پەقەت دۆلەتلىك ھۆكۈمەت ياكى ئۆلكىنىڭ ھەر تۈرلۈك قانۇن بۇيرۇقلىرىغا ۋە قارارلىرىغا زىت كەلمىسە ، ئۆلكىدىكى ھەرقايسى مىنىستىرلىكلەر ئۆز ئالدىغا بۇيرۇق چىقارسا بولىدۇ دەپ ئىجازەت بېرىلگەن.
18 -ماددىسىدا، مىنىستىرلىكلەر ئارىسىدا ياكى بىر مىنىستىرلىك بىلەن مەلۇم بىر كونكىرت يەرلىك تەشكىلات ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ يۈز بەرگەندە دۆلەتلىك ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ ھەل قىلىنىشنى كۈتىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. 19- ماددىسىدا، ئۆلكە ئىچىدىكى مىنىستىرلىكلەرگە تەيىنلەنگەن كادىرلار ئىشلىرىغا قويۇلغان تەلەپلەر ۋە ئورگان تۇزۇلمىسىگە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىلگەن.
يۇقۇرىدىكى ماددىلاردىن ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ يەردە دىيىلگەن ئۆلكە، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىغىدىكى شىتاتقا ئوخشاش بىر بەلگىلىك ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ئەمىلى گەۋدە ئەمەس. ھۆججەتنىڭ ھەرقانداق ماددىسىغا ئۆلكىدە قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنى مەۋجۇت بولسا بولىدىغانلىقىغا ئىجازەت بېرىلمىگەن بولۇپ، پەقەت ئۆلكە، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ يەرلىك تارماقلارغا نىسبەتەن مەمۇرى ۋە سىياسىي كونتروللىغىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، دەپ قارالغان. نەنجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى ئەمىلىيەتتە ئۆلكە باشلىغىدىن مىنىستىرلارغىچە بارلىق مۇھىم ئەمەلدارلارنى تەيىنلەپ ئەۋەتىش ئارقىلىق ھۆكۈمرانلىغىنى يۈرگۈزگەن. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئوينىغان رولى مەركەز بىلەن ناھىيە دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا ۋاستىچىلىق ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان ئورگان بولىدۇ.
ئۆلكە باشلىغىنىڭ قولىدىكى ھوقۇقتىمۇ ناھايىتى زور پەرقلەر مەۋجۇت، يەرلىك ھەربىي قىسىمنى بىۋاستە باشقۇرالايدىغان ئۆلكە باشلىقلار ھەركەت قىلغاندا دائىم خۇددى مۇستەققىل ھۆكۈمرانلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك كونتىروللىغىدىكى ئۆلكىلەرنىڭ باشلىقلىرىدا بولسا مۇستەققىل ھوقۇق ئاساسىنىڭ يېتەرسىزلىكىگە مايىلراق بولۇپ، ئۇ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھوقۇقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئورنى يىراق ھەم چەت بولغاچقا ، 1928~-1944يىللىرىدا شىنجاڭنىڭ ئۆلكە باشلىغى ئەمىلىيەتتە مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ كونتىروللىغىدىن سىرت تۇرىدىغان مۇستەققىل ھالەتتە ئىدى.
شىنجاڭنىڭ مۇستەققىللىك خاراكتىرى ئىقتىسادى ساھەگىمۇ تەرەققى قىلىپ كىرگەن. ئۇنىڭ ئىقتىسادى، دۆلەت ئىقتىسادى سېستىمىسى ئىچىگە كىرگۈزۈلمىگەن، 1928-يىلىدىن 1944- يىلىغىچە شىنجاڭدا مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ تەلىۋىگە بىنائەن ھىچقانداق باج- سېلىقنى ئېلىۋەتكەنلىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرما بولىدىغىنى، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق كونتىروللىغىدا تۇرغان ئۆلكىلەردە، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋە دۆلەتلىك ھۆكۈمەت باج يىغىش جەھەتتە ئېنىق ئايرىۋېتىلگەن. 1928-يىلىدىن كېيىن زىمىن بېجى پەقەتلا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باج كىرىم مەنبەسى دەپ كۆرسىتىلگەن. 1931-يىلىدىن 1935- يىلىغىچە يەر زىمىن بېجى ھەرقانداق ئۆلكىدە يەرلىك ھۆكۈمەت باج مەنبەسىنىڭ ئالاھىزەل 3تىن بىرىگە باراۋەر بولغان ، شەندۇڭنىڭ يەر-زىمىن بېجى يەرلىك ھۆكۈمەت باج كىرىمىنىڭ 3تىن 2سىگە باراۋەر بولغان، خېنەننىڭ 50%دىن ئېشىپ كەتكەن، خۇبېيدا بولسا 60%دىن 70%گىچە نىسبەتنى ئىگەللىگەن. شەكىل جەھەتتىن يەر- زىمىن بېجىنى يىغىش ، ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسى بولغان، لېكىن ئەمىلىيەتتە يەرلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئۇنى يىغقان. ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئۇنىڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى يىغىدىغان يەر- زىمىن بېجى ئاساسىدا 10% قوشۇمچە باج يىغقان، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت يىققان قوشۇمچە باج ناھىيە ھۆكۈمىتىگە قالدۇرۇلغان بولۇپ ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەلىۋىگە بىنائەن ئۇنى ئېلىپ تاشلىمىغان.
ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىغى ، 1930-يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇنقى بۇ بىر مەزگىل ئىچىدە يىغىلغان يەر- زىمىن بېجى سىتاتىسكىسى، ئازدۇر- كۆپتۇر گۇمانلىق. بۇنىڭ سەۋەبى دۆلەتتە بىرلىككە كەلگەن باج يىغىش- خاتىرىلەش ئۇسۇلىنىڭ بولمىغانلىقىدا، ۋە بوشاڭغۇ ئەھۋاللارغا مايىللىقنى ئالدىن مۆلچەرلەيدىغان ئۆلچەملىك ئۇسۇلنىڭ يېتەرسىزلىكىدە. ئۇنىڭ ئۈستىگە چىرىكلىك، مۇئاشى خېلى تۆۋەن بولغان شۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى ئەۋج ئالغان بولغاچقا، ئاتالمىش يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى يازغان باج يىغىۋېلىش دوكلادىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى تەسىرگە ئۇچرىغان، ئۆلكىنىڭ باشقا باجلىرى ئالاھىدە ئىستىمال بۇيۇم بېجى، ئۆي-مۈلۈك بېجى، سودا بېجى، يەرلىك ھەربىلەرنى قامداش بېجى ۋە ۋاقىتلىق ھەرخىل باجلاردۇر، تاموژنا بېجى، تۇز بېجى ، دۆلەتنى مۇستەھكەملەشتە ئىشلىتىلىدىغان باجلار بولسا دۆلەتنىڭ باج كىرىم مەنبەسى بولغان.
كۆپ ساندىكى گومىنداڭ كونتىروللىغىدىكى باشقا ئۆلكىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا يېزا ئىگىلىگى شىنجاڭدا ناھايىتى چەكلىك، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى پاالىيەتلىرىنىڭ ئاسالىق تەرەپلىرى قوي يۇڭى، ھەرخىل تېرە ۋە ياۋايى ھايۋانلار تېرە-يۇڭى بولغان،
1932- يىلىدا ئومۇمى يەر مەيدانى 2،671،800،120مو ( 4،947،778 كۋادرات چاقىرىم، ياكى 659،073 كۋادرات ئېنگىلىز مىلى) كۆلەمنىڭ ئىچىدە پەقەت 13،692،000مو (253،556 كۋادرات چاقىرىم، ياكى 3،378كۋادرات ئېنگىلىز مىلى )، ياكى ئومۇمى يەر مەيدانىنىڭ 1%تىدىن ئارتۇقراق يەرنىڭ يېرىمىدا تېرىقچىلىق قىلىناتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ، جىنشۇرېن ھۆكۈمرانلىغى مەزگىلىدە يەر بېجى شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق باج كىرىم مەنبەسى بولمىغان.
شىنجاڭنىڭ سىياسى ۋە ئىقتىسادى ناھايىتى چوڭ دەرىجىدە نەنجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىرىنىڭ سىرتىدا ئىدى. مەركىزى ھۆكۈمەت دۆلەت ئىچىدىكى جوڭگو كوممۇنىزىم ھەركىتى قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنىڭ ئېشىپ بېرىشى ۋە ياپونىيەنىڭ تۈرلۈك بېسىملىرىنىڭ تەھتىدىدىن قىيىن ئەھۋالدا قالغاچقا ئۇ، يىراق شىنجاڭنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا ئالدىرىمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە نەنجىڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ ئىچكە ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا چىڭ تۇرۇپ، گومىنداڭنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى سىياسىتىگە بويسۇنۇشقا زورلىسا، بۇنداق قىلغاندا ھەربى ئىشلار نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەمىلىيەتكە تازا ئۇيغۇن كەلمەيلا قالماستىن، جىن ۋە باشقا چېگرا ئۆلكىلەردىكى مۇستەققىلىىق خاھىشى بار ھۆكۈمرانلارنىڭ قارشى تۇرۇشىنى قوزغاپ قويۇش خەۋپى بار ئىدى.
2. جىنشۇرېن ھاكىمىيىتى (1928—1933)
1920- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شىنجاڭدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان نىسبەتەن مۇقىملىق، 1928-يىلى 7-ئاينىڭ 7- كۈنىدىكى ياڭزېڭشىن ئۆلكە باشلىغىنى قەست قىلىپ ئۆلتۈرۈش بىلەن بۇزۇپ تاشلاندى. ئۈرۈمچىدىكى ئۆلكىلىك رۇس تىلىدىكى قانۇن- سىياسى مەخسۇس كۇرسىنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدە ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش پاالىيىتىدە، ئۆز ۋاقتىدا روسىيە كونسۇلىمۇ بۇ پاالىيەتتە بولۇپ، ياڭزېڭشىن تاشقى ئىشلار تولۇق ھوقۇقلۇق مەخسۇس خادىمى فەنياۋنەن تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى. بۇنىڭدىن ئۇزاق ئۆتمەي فەنمۇ بۇرۇنقى بىر ئوقۇغۇچىسى جىنشۇرېن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى، فەن ئۇنى يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇش ئىشلىرىغا ياردەملىشىشكە تەكلىپ قىلغان ئىدى. جىشۇرېن ياڭزېڭشىن بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك باردى- كەلدىسى بار ئىدى، ھەتتا 1908-يىلىدىن بۇرۇنقى ياڭنىڭ گەنسۇدىكى شۇ بىر مەزگىلىدىمۇ ئۇلار ئارىسىدا باردى- كەلدى مەۋجۇت ئىدى.
جىن، ياڭزېڭشىننى قەستلەشكە قاتناشقانلىق گۇمانى بار بارلىق كىشىلەرنى ئېتىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە تېلېگرامما يوللاپ، ئۆزىنىڭ فەنياۋنەننىڭ كوممۇنىستىك ئۇنسۇر ئىكەنلىگىگە ئىشىنىدىغانلىقى توغۇرلۇق خەۋەر قىلغان. ھەمدە ئۇ يەنە ، توپىلاڭ تۇيۇقسىز پارتلىغاندا ئۆزىنىڭ ھاۋا بوشلۇغىدا سوۋېتلىكلەرنىڭ ئايرۇپىلانىنى كۆرگەنلىگىنى ئېيتقان، بۇ دوكلاتلارنىڭ توغرا ياكى ئەمەسلىگى توغۇرلۇق ئەزەلدىن يەنىمۇ بىر قەدەم تەكشۈرۈلمىگەن. ئىشقىلىپ ئۇ كونتىرول قىلغىلى بولمايدىغان، ياكى ئۆزگىرەپ كەتكەن ۋەزىيەتنى تەسۋىرلەپ چىقالىغىنى ئۈچۈن، نەنجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت كومېسسىيەسىنىڭ رەئىسلىگىگە تەيىنلەيدۇ.
جىنشۇرېن جوڭگونىڭ غەربى چېگرا رايونىدىكى بىر پىشقان سۈيقەستچى، ئۇ ئۆزىدىن باشقا ھەرقانداق كىشى بىلەن ھوقۇقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا گۇمان قىلغان ۋە قورققان. ھەرقانداق مۇھىم خىزمەت ئورنىغا ئۆزىنىڭ ئۇرۇق- تۇققانلىرىنى ۋە يېقىن مۇلازىملىرىنى قويۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. مەسىلەن، ئۇ ئىنىسى جىنشۇجىنى قەشقەردە تۇرۇشلۇق قۇرۇقلۇق ئارمىيە دىۋىزىيەسىنىڭ كوماندىرلىقىغا تەيىنلىگەن، ئۇنىڭ يەنە بىر ئىنىسى جىنشۇشىن پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ھەربىي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان مەسئۇلى خادىم قىلىپ تەيىنلەنگەن. ھەتتا ئۇنىڭ ئاتباقارىمۇ سانجىدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ برىگادا كوماندىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن. شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت ئورۇنلىرىنى ئۇنىڭ خېجۇ گۇرۇھىدىكى ئەزالىرى ئىگەللىۋالغان بولۇپ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇلار ئۆلكىدىكى يەرلىك خەلقلەرگە دۈشمەنلىك پوزىتسىيەسىدە بولغان.
جىنشۇرېننىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىپ باشقۇرۇشى يۈزمۇ- يۈز كەلگەن ئىككى قىيىن مەسىلىدىن كونتىرول قىلىنغان. بىرىنچى قىيىن مەسىلە ، ئۆلكىدىكى يەرلىك كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىچكى ئايرىمىچىلىق ۋە بۇ تۈركۈم كىشىلەر بىلەن ھازىر شىنجاڭدا تۇرىۋاتقان خەنزۇلار ئارىسىدىكى دۈشمەنلىك خاھىشى. ئىككىنچى جەھەتتىكى قىيىن مەسىلە بولسا شىنجاڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋەت مەسىلىسى. جىن بۇ ئىككى تەرەپتىكى مەسىلىنى ئۆز لايىقىدا بىرتەرەپ قىلالمىغاچقا، ئۇنىڭ غۇلاپ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
جىن بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى ئۇنىڭ ھوقۇقلۇق تەشەببۇسى بىلەن مۇرەككەپلەشتۈرىۋېتىلگەن، ئەڭ ئاز دىگەندە قىسمەن قىلىپ ئېيتساق، ئۇ ئەيپلەنگەن بىرقىسىم فەن رەھبەرلىگىدىكى كوممۇنىستىك ئۇنسۇرلارنى يوقۇتۇشتا چىڭ تۇرغان، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ جوڭگو- سوۋېت ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى جىددىلەشكەن ئەشۇ بىر مەزگىلدە شىنجاڭنى كونترول قىلغان ئىدى. 1927- يىلى 4-ئاينىڭ 6- كۈنى، مانجۇرىيەنىڭ گېنېرال- گۇبېرناتورى جاڭزولىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىگە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، سۈلھىلىشىپ توقۇنۇشنى بىرتەرەپ قىلىشقا دائىر ماتىرىيالىنى ئاشكارىلىدى. 1927- يىلى 12- ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا، نەنجىڭ ھۆكۈمىتى، ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىنكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئەلچىخانىسىدىن ئاشكارىلىنىپ قالغان ئەھۋاللارغا، ۋە 12- ئاينىڭ 11- كۈنىدىكى گۇاڭدوڭ كوممۇنىستلىرىنىڭ قوزغىلاڭىغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، گومىنداڭ كونتىرول قىلغان بىر پۈتۈن رايوندىكى بارلىق سوۋېت كونسۇلخانىلىرىنى ۋە سودا ئورگانلىرىنى تاقاشقا بۇيرۇق قىلدى. 1929-يىلى 5- ئايغا بارغاندا گومىنداڭ ئۆزىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ھەركىتىنى مانجۇرىيەگىچە تەرەققى قىلدۇردى، مانجۇرىيەدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلخانىسى ئىشخانىسىمۇ تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. 1929- يىلى 7- ئاينىڭ 10- كۈنى، نەنجىڭ ھۆكۈمىتى جوڭگو- شەرق تۆمۈر يولىغا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى باشقۇرىۋاتقان تېلېگراف لىنىيەسىگە ئېرىشتى. ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوڭخۇاجاڭ دەرياسىدىكى بارلىق سۇ ترانسىپورتىنى توختاتتى، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈردى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى بارلىق جوڭگو دىپلوماتلىرىنىڭ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى.
گەرچە جوڭگو- سوۋېت مۇناسىۋىتىدىكى جىددىلىكنىڭ دەرىجىسى يۇقۇرى كۆتۈرىلىۋاتقان بولسىمۇ، جىنشۇرېن ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلى, جوڭگو- سوۋېت چېگرىسىنى بويلىغان 5 جوڭگو كونسۇلخانىسىنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىنى ساقلىشىنى ئورۇنلاشتۇردى. ھەتتا مۇناسىۋەتنىڭ جىددىلىك دەرىجىسى ناھايىتى يۇقۇرى دەرىجىگە يەتكەندىمۇ ، مەسىلەن شەمەيدىكى كونسۇلخانا غەزەپلەنگەن سوۋېت ئىتتىپاقىلىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، گۇۋېيتوڭ كونسۇلنىڭ كۈيوغلى كېيىنكى قالايمىقانچىلىقتا ئېتىۋېتىلگەن بولسىمۇ مۇشۇ يوسۇندا بولدى.
1928-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى 1- بەش يىللىق پىلاننى باشلىدى ۋە يېقىنلىشىش ئاسان بولغان خام ئەشيا بازىسى ئىزدىدى. بۇ ئىش سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يۇقۇرىدا سۆزلەنگەن ۋەقەلەرگە بولغان پوزىتسىيەسىگە تەسىر قىلدى. چۈنكى تۈركىستان- سىبىرىيە تۆمۈر يولىنىڭ 1930- يىلى پۈتۈشى مۆلچەرلىنىۋاتاتتى، ۋە شىنجاڭ ئەڭ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە قوي يۇڭى، پاختا، كۆن- خۇرۇم ۋە چارۋا ماللار بايلىغىنىڭ مەنبەيى ھالدا كۆرۈلىۋاتاتتى. مۇشۇ سەۋەپتىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، شىنجاڭ ھەمكارلىقتىكى بىر خوشنىسىغا ئايلاندى. يەنە جىننىڭ ئىنتايىن گۇمانخور تەبىئىتىدىن، پەقەت جىننىڭ ھەيدەپ- قوغلىشى بولمىسىلا ، ئەگەر جىن ئۆز مەۋجۇتلىغى ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىغا تايانسىلا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭغا نىسبەتەن ئىقتىسادى، سىياسى تەسىرىنى كۈچەيتىش ئارزۇسى ئاندىن ئەمەلگە ئاشاتتى. سوۋېت ئىتتىپاقىلىقلارنىڭ مۇددىئاسى، پەقەت ئاددى ھالدا يەرلىك تۈركىي خەلقلەر ۋە ئۇلارنىڭ خەنزۇ ھۆكۈمرانلىرى ئارىسىدىكى ئەن-ئەنىۋى ئىناقسىزلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشاتتى. ھەرخىل تۈركىي قەبىلىلەر شىنجاڭدىن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىياسىغا كۆچمەن بولغان، مەيلى ھەر قانداق ۋاقىتتا بولسۇن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇلارنى ئەسلى يۇرتلىرى شىنجاڭغا قايتۇرسا ، ئۇلار خۇددى 5- كولوننا ئارمىيەسى تىپىدىكى كىشىلەرگە ئايلىنىپ بۆلگۈنچىلىك ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللىناتتى.
داۋامى بار.
[ بۇ يازماkisekتەرپىدىن2009-05-22 00:05دە قايتا تەھر ]