بۇ بەتتىكى تېما:قەدىمقى نىيا بەگلىكىنى  ئىزدەش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما قېتىم كۆرۈلدى
torlamur
دەرىجىسى : ياساۋۇل


UID نۇمۇرى: 6650
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 37
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە37دانە
شۆھرىتى: 223 نومۇر
پۇلى: 270 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-31
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 قەدىمقى نىيا بەگلىكىنى  ئىزدەش

0
                                                قەدىمقى نىيا بەگلىكىنى  ئىزدەش


ئىلىمىزنىڭ قەدىمقى مەشھۇر تارىخى كىتاپ « خەننامە غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» دە خاتىرلىنىشىچە ؛ كۇئېنلۇن تېغى ئىتىگىدە تەكلىماكان چوڭ قۇملىغىنىڭ ئوتتۇرسىدا  ئىلگىرى خەن سۇلالىسنىڭ شىزاڭدىكى تۇتۇق مەھكمىسىگە قاراشلىق 3360  نۇپۇسقا ئىگە 480 تۇتۇنلۇك قەدىمقى كىچىك بەگلىك نىيا بەگلىكى ئوتكەن بۇلۇپ ، بۇ بەگلىكتە سەركەردە ، سانغۇن لەشكەر بېشى دىگەندەك ھەربى ئەمەلدارلار بولغان ، نىيا بەگلىكىنىڭ  زىمىنى كىچىك بۇلۇپ . قەدىمقى يىپەك يۇلىنىڭ كىكىردىكىگە جايلاشقان ، جۇغراپىيىلىك ئورنى جەھەتتىن  ئىتايىن ئەۋزەللىككە ئىگە بولغان . خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى قەدىمقى مەشھۇر تارىخى كىتاپلاردىمۇ نىيا بەگلىكىگە ئائىت نۇرغۇن بايانلار خاتىرلەنگەن بۇلۇپ،  ئەينى يىللىرى بەزىلەر بۇ بەگلىكنى مۇنداق دەپ تەسۋىرلىگەن «نىيا بەگلىكىنىڭ ھاۋاسى ساپ ھەم ئىنتايىن نەم خۇش  كىلدىكەن، ھەممە يەرلەر قۇيۇق قۇمۇشلۇقلار بىلەن قاپلانغان بۇلۇپ، ماڭىدىغانغا يول يوق ئىكەن» مۇشۇ بىر ئابزاس تەسۋىرنىڭ ئۇزىدىن قەدىمقى نىيا بەگلىكىنىڭ پايان سىز قۇمۇشلۇق ئىچىدىكى ھاۋاسى ساپ بولغان ياپ يېشىل بوستانلىق بەگلىك ئىكەنلىگىنى كۇرىۋېلىشقا بۇلىدۇ ،  ئەپسۇسلىنارلىقى ، مۇنداق گۇزەل ، ساپ ھاۋالىق بەگلىك  مىلادىيە 3 -ئەسىردىن كىيىن تۇيۇقسىزلا  غايىپ بۇلۇپ كەتكەن، ئەينى يىللىرى جۇڭگۇدىكى قالايمىقان ئىچكى ئۇرۇش بىلەن چەت ئەللىكنىڭ تاجاۋۇزچىلىغى تۇپەيلى غەربىي يۇرتقا دىگەندەك ئەھمىيەت بىرىلمىگەن ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىگە كەلگەندە شىنجاڭ قايتا ئەسلىگە كىلىپ گۇللۇنۇشكە باشلىغان بولسىمۇ ، بۇ چاغدانىيا بەگلىكى ئاللىقاچان رەھىمسىز قۇم دېڭىزى تەرپىدىن يۇتۋېتىلگەنىدى؛ قەدىمقى نىيا بەگلىكى قانداق بۇلۇپ قۇملۇق تەرپىدىن يۇتۋېتىلگەن ؟  ياپيېشىل بوستانلىق نىمە سەۋەپتىن ئۇلۇك خارابىغا ئايلىنىپ قالغان؟   قەدىمقى نىيا بەگلىكىنىڭ خارابىسى مۇشۇ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ۋىنگىريىلىك سىتەيىن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىدىكى نىيا دەرياسى بۇيىدىن قەدىمقى نىيا شەھرىنىڭ خارابىسنى بايقىغاندىن كيىن ئاندىن كىشىلەر بىلەن يۇز كۇرۇشكەن ،  سىتەيىن نىيا خارابىسىنى تاپقاندىن كىيىن نىيا بەگلىكىگە ئائىت 12 ساندۇق ھىساپسىز مەدىنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەنگىلىيىگە تۇشۇپ كەتكەن  ، ئۇزۇن ئوتمەي ئامىرىكا ياپۇنىيە قاتارلىق دولەتلەردىكى  ئېكىسپىدىتسىيىچىلەر ئارقا ئارقىدىن نىيا خارابىسىغا كىلىپ تەكشۇرگەن  ، نىيا شەھرىنىڭ نىمە سەۋەپتىن غايىپ بولغانلىغىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۇچۇن ئىلىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك ئارخىلوگلار نىيىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىلمىي تەكشۇرۇش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق نىيا بەگلىكىنىڭ ئاساسى ئەھۋالىنى  ئىگەنلەپ چىققان ، ئارخىلوگلارنىڭ ئېيتىشىچە ؛ نىيا بەگلىكىنىڭ زىمىنى  ئۇزۇنلىغى 25 كىلو مىتىر كەڭلىگى 7 كىلومىتىر دئىرىدە بۇلۇپ كولىمى 100 كۇۋادىرات كىلومىتىر ئەتراپىدا ئىكەن، ئورنى نىيا دەرياسى جىلغىسىنىڭ  ئوتتۇرسىدا بۇلۇپ  تارۇشتى  يىزىغىنى ئىشلەتكەن ، بۇددا دىنىغا بەيئەت قىلغان ، چارۋۇچىلىق بىلەن دىخانچىلىققا تاينىپ تۇرمۇش كەچۇرگەن ، ئالىملار يەنە نىيا بەگلىكى خارابىسىدىكى 150 ئۇرۇندا قەدىمقى خارابىلىقنى بايقىغان  ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۇرالغۇ ئوي ، بۇتخانا ، ئوردا ،دۇكان قاتارلىقلارنىڭ خارابىسىمۇ بار ئىكەن ، بەزى چوڭراق كەلگەن ھويلىلاردا مۇز ساقلاش ئۇچۇن كولانغان چۇڭقۇر گەمىلەر بىلەن  ئېللىپىس شەكلىدىكى كەلكۇندىن مۇداپە كۇرۇش ئۇچۇن ياسالغان كارىزلار بار ئىكەن ، ئالىملار ئوننەچچە  خارابە ئويلەرنى رەتلەش جەريانىدا ساپال بۇيۇملار ، يۇڭ. پاختا، يىپەك ،  تۇقۇلما بۇيۇملار ، قۇمۇشتىن ياسالغان ئەسۋاپلار ، قاشتېشى، قۇلۇلە قېپى ، بىلەي تۇمۇردىن ياسالغان پىچاق ، ئوق يا ، پىل چىشى ، سەدەپ، ھېقىق ، مارجان، مىس ئۇزۇك، مىس ئەينەك ، ياپراق ئالتۇن، قەغەز بوتقا، قاتارلىق زور مىقدار دىكى يادىكارلىقلارنى  تاپقان، دىمەك يۇقۇرقىلار دىن شۇنىسى مەلۇمكى ، قەدىمقى نىيا بەگلىكى چەكسىز كەتكەن قۇملۇق دېڭىزىدا سۇيى ئەلۋەك ، تۇپرىقى مۇنبەت، جىمى ئەتراپ ياپ يېشىل بوستانلىققا تولغان ھاياتلىق، باغچىسنى بەرپا قىلىپ چىققان، ئەينى يىللىرى بۇ مۇنبەت زىمىندا چوڭ چوڭ بۇتخانىلار، سېلىنغان،  ئاھالىلار ئوتىراق رايۇنى ياپ يېشىل ئورمان بەلۋېغى بىلەن ئورالغان ، ھەر بىر ئائىلىكلەر ئارقا ھويلىسىدا چوڭ كولەمدىكى مىۋىلىك باغلارنى بەرپا قىلغان ، ئائىلە ئولتىراق رايۇنىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا ئۇزۇمزارلىق  ئۇنىڭدىن سەل نېرىراقتا كەڭرى كەتكەن ئىھاتە ئورمان بەلۋېغى ھاسىل قىلىنغان بۇبۇگۇنكى كۇندە بۇ ئورمانلىقلار قۇرۇپ تۇپراققا ئايلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ  10 -20 -مىتىر ئىگىز لىكتىكى قاخشال دەرەخ غوللۇردىن ئينى يىللاردىكى ھەيۋەتلىك سالاپىتنى كۇرىۋالغىلى بۇلىدۇ نىيا بەگلىكى خەن دەۋرىدە قەدىمقى يىپەك يۇلىدىكى مۇھىم سودا ئوتىڭى بولغاچقا  بۇ جايدا سودا ئىنتايىن جاللىنىپ خەن سۇلالىسى بىلەن غەربىي يۇرتتىكى  ھەر قايسى بەگلىك لەرنى  تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان  ، شۇ مەزگىللەردە توگە بىلەن ئات ئاساسلىق قاتناش قورالى قىلىنغان بۇلۇپ بۇگۇنكى كۇندە ئۇنىڭ خارابىسىدىن بۇنداق ھايۋانلارنىڭ ئاپپاق ئۇستىخانلىرىنى  ھەممە يەردە كورگىلى بۇلىدۇ ، نىيا بەگلىكىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ نۇپۇزى ئىنتايىن يۇقۇرى بۇلۇپ ئۇلار ئۇتىۋېشىغا قىممەتلىك تاۋار دۇردۇندىن كىمخاپ كىيىپ ، مىستىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرنى ئىشلىتىپ شۇ مەزگىلەردىكى ئەڭ يۇقىرى بولغان  ماددى مەدنىيەتتىىن ھوزۇر لانغان، 1995 -يىلى ئالىملار نىيا خارابىسىدىن نىيا بەگلىكىدىكى ئىسىل زادىلەرنىڭ قەبرىسىدىن  توققۇزىنى تاپقان ، بۇ قەبرىلەر نىچچە مىڭ يىللىق بوران چاپقۇننى  باشتىن كەچۇر گەن بولسىمۇ قەبرىدىكى مىيىت ساندۇقى ۋە ئۇنىڭدىكى قۇرۇپ كەتكەن جەسسەتلەرنىڭ  ئۇستىۋېشىدىن قارىغاندا بېشىدىكى ياغلىق ئۇچىسىدىكى كەمزۇل، بىلەن تامبال پۇتىدىكى  پايپاق يىپەك پاختا رەخىتىن  تىكىلگەن ئۇتىگى يۇڭدىن تىكىلگەن  يىپەك رەخىتلەرگە   چىرايلىق گۇللەر قېنىق قىلىپ چۇشرۇلگەن بۇلۇپمۇ بەزى يىپىەك تاۋار رەختلەردىكى گۇللەرنىڭ  ئارسىغا  20 نەچچە خەنزۇچە خەتلەر چىكىلگەن بۇلۇپ ئەينى يىللىردا خەن سۇلالىسىنىڭ قەدىمكى نىيا بەگلىكنى سەنئەت پۇرىقى بىلەن تولغان  قىممەتلىك زىبۇ زىننەت تاۋار دۇردۇن قاتارلىق ئالاھىدە سوغاتلار بىلەن تارتۇقلاپ تۇرغانلىقىنى كورۋالغىلى  بۇلدۇ ، ھالبۇكى بۇگۇنكى كۇنگە كەلگەندە ئاللىقاچان خارابىلىققا  ئايلىنىپ ئەسلىدىكى بوستانلىقتىن قىلچە ئەسەرمۇ قالمىغان ، كىشىلەرمۇ نىيا خارابىسىنى كۇرۇپ  سانسىزلغان سودا كارۋانلىرى بىلەن جۇشقۇن كەيپىياتقا تولغان 1600 يىل ئاۋالقى  ئاۋات گۇللەنگەن دولەت  نىمىشقا تۇيۇقسىز يوقۇلۇپ كەتكەندۇ  دەپ ھەيران قېلىشتى ،، قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدە ياشاپ كەلگەن قەدىمقى نىيىلىكلەرنىڭ مۇشۇنداق مەنزىرىسى گۇزەل  يېشىل بوستانلىقنى بەرپا قىلىپ چىقىشى ئۇلارنىڭ يۇكسەك مەدىنىيەتكە ، كۇچلۇك تەشكىلى ئاساسقا  ۋە قۇرلۇش ئقتىدارىغا  ئىگە ئىكەنلىگنى چۇشەندۇردۇ ، مۇناسىۋەتلىك ماتىريالدا خاتىرلىنىشىچە ؛  نىيا بەگلىكىنىڭ نۇپۇسى  ئاز بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئقتىدارىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدىكەن بەگلىكنىڭ چوڭ كىچىك ھەممە پۇقرالرى قوراللانغان بۇلۇپ ئەرلىرى بىر بىرىدىن قېلىشمايدىغان باتۇر پالۋانلار ئىكەن ئۇلار ئولگەندىن كىيىنمۇ  قەبرىسىگە ئوق، يا، قېلىچ ،قاتارلىق جەڭ قوراللىرى بىلەن بىللە كۇمىدىكەن  شۇڭا بۇ بەگلىك سىرىتقى دۇشمەننىڭ  تاجاۋۇزىدىن مۇداپەلىنىش ۋە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئكەن ؛ مۇشۇنداق كۇچلۇك ھەربى ئىقتقدارىغا  ئىگە بەگلىكنىڭ يەر شارىدىن غايىپ بۇلشىغا زادى نىمە سەۋەپ بولغاندۇ ،، بۇ مەسىلە توغرىسىدا بەزىلەر نىيا بەگلىكىنىڭ غايىپ بۇلىشى سۇغا مۇناسىۋەتلىك  دىگەن ئەينى يىللرى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرسىگە جايلاشقان  بۇ زىمىننىڭ ئېكلوگىيىلىك مۇھىتى ئىنتايىن ئاجىز بۇلۇپ ، دەريا ئېقىنى تەسسدىپى ئوزگۇرۇپ  كەتكەن ياكى ئازلاپ كەتكەن ، نەتىنجىدە بوستانلىقلار  سۇسىز قېلېپ تەبىئى ھالدا قۇرۇپ كەتكەن؛ بۇخىل كوز قاراشنىڭ مەلۇم ئاساسى بار  چۇنكى تارىختىمۇ بەزى بوستانلىقلار  سۇ يىتىشمەسلىك تۇپەيلى قاقاسلىشىپ كىتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولغان بىراق كوپ ساندىكى كىشىلەر  يۇقۇرقى كوز قاراشنى  ئىنكار قىلىپ  مۇنداق دىگەن  ئەينى يىللاردىكى  نىيا بەگلىكىدە  ئاھالىلا دەريا ئېقىننى بويلاپ تارقاق لىشىپ  ئولتىراقلاشقان  ئائىلىكلەر رايۇنىمۇ  قۇييۇق ئورمان بىلەن قاپلانغان  .  ھەر بىر تۇرالغۇ ئويلەرنىڭ ئارلىقىدىمۇ  ئورمانلار رەت رەت بۇلۇپ تىزىلغان  كىچىك ئېرىقلارمۇ زىچ جايلاشقان  ئوي -ئويلەردە مىۋىلىك باغلار بەرپا قىلىغان بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەرگىزمۇ  
بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەرگىزمۇ ئۇزۇن مۇددەت سۇ ئۇزلۇپ قالمىغانلىقىنى ، سۇنىڭ تەھدىتىتىگە ئۇچراپ ئۇلۇم گىرداۋىغا بېرىپ قالمىغانلىغىنى چۇشەندۇردۇ، ئۇنۇڭدىن باشقا يەنە نىيا خارابىسىدىكى ئولتۇراق ئويلەرنىڭ ئامبارلىرىدىن بۇگۇنگىچە ئوزپېتى ساقلىنىپ كەلگەن دوۋلەكلىك موگولار بىلەن كارۇشتى يىزىقىدىكى نۇرغۇنلىغان كىتاپلار تېپىلغان ، بۇ كىتاپلار ساپال بۇيملىرنىڭ ئىچىگە قۇيۇلغان بۇلۇپ ، ئاغزى ئاددى قىلىپ ئىتىلگەن يەنە بەزى قىممەتلىك بۇيۇملارمۇ  ئوي ئىگىسى تەرپىدىن ئادەتتىكى ئادىتى بۇيىچە تەرتىپلىك ھالدا كىڭنىڭ گىرۋىگىگە قۇيۇپقۇيۇلغان  ، بۇ ئالامەتلەر ئوي ئىگىسىنىڭ ئوز ئۇيىدىن مەڭگۇلۇككە، ئەمەس بەلكىم مەلۇم نەرسىنىڭ قىستىشى بىلەن ۋاقىتلىق ئايرىلغانلىغىنى چۇشەندۇردۇ، ئۇنداقتا قانداق نەرسە نىيا بەگلىكىدىكى پۇقرالارنى يۇرتىنى تاشلاپ ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلدى؟ ، بەزىلەر نىيا خارابىسىدىن تېپىلغان كىتاپلارنى ئۇقۇپ چىقىپ ، نىيا بەگلىكىنىڭ جەنۇپتىن كەلگەن « سۇپىس» دەيدىغان بىر مىللەتنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن لىكىنى ، بۇ مىللەتنىڭ نەچچە قېتىم تاجاۋۇز قىلىپ نىيا بەگلىكىنى تالان تاراج قىلغانلىقىنى ، پۇقرالارنىڭ زۇلۇمغا چىدىماي يۇرتىنى تاشلاپ ياقا يۇرتلارغا سەرسان بۇلۇپ چىقىپ كەتكەنلىگىنى ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ  ئېلىمىزنىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى  مۇناسىۋەتلىك  تارىخى ماتىريالىرىدا   «سۇپىس» مىللىتىگە ئائىت ھىچ قانداق ۋەقە خاتىرلەنمىگەن ، ئۇنداقتا بۇنداق ئۇرۇشخۇمار  تاجاۋۇزچى  مىللەت  زادى كىملەر؟ ئەگەر نىيا بەگلىكىدىكى پۇقرالار مۇشۇنداق مىللەتنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ يۇرتىدىن چىقىپ كەتكەن بولسا  ئۇلار نەگە كەتكەن ؟ بۇھەقتە بەزىلەر مۇنداق دەپ قارىغان؛ ئەينى يىللاردىكى نىيا بەگلىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۇرىدىكى ئۇنچىۋالا گۇزەل دولەتمۇ  ئەمەس ، نىيا خارابىسىدىن تېپىلغان 150 ئۇرۇندىكى ۋەيرانا تۇرالغۇ ئويلەردىن قارغاندا  ئوي ئىگىللىرنىڭ جەميەتتىكى نۇپۇزىنىڭ پەرقلىق بۇلىشىغا  ئەگىشىپ ئاھالىلارنىڭ ئېختىسادى ئەھۋالىمۇ زور دەرىجىدە پەرىقلەنگەن ، بەزى چوڭ تۇرالغۇ ئويلەرنىڭ كولىمى ئادەتتە 200 كۇۋادىرات مىتىر ئەتراپىدا ئىكەن ، ئوينىڭ ئىچىدىكى مېھمان خانا ياتاق ئامبارلار كەڭ ئازادە بۇلۇپ بۇ ئوي ئىگىلىرنىڭ باي ئىكەنلىگى كۇرنۇپ تۇردۇ، بەزى تۇرالغۇ ئويلەردە پەقەت بىرلا ئېغىز ئوي بارئىكەن ھەتتا  بەزىللىرى ھايۋانلار بىلە بىللە تۇرغان، خارابىلىقتىن تېپىلغان تۇرلۇك تۇمەن  يادىكالىقلار  ئىچىدە كوپ ساندىكى ياغاچتىن ياسالغان قۇلۇپلار بارئىكەن ، بۇلار ئەينى يىلاردىكى نىيا بەگلىكى جەميىتىدە باي كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى جەميەتىكى يۇشۇرۇن خەۋپ ئىكەنلىگىنى ، ياغاچ قۇلۇپلارمۇ مال مۇلۇكىنىڭ تەھدىتكە دۇچ كەلگەندە  مۇداپەلىنىش ئۇچۇن قوللانغان تەدبىر ئىكەنلىگنى چۇشەندۇرۇپ بىردۇ ، شۇڭا نىيا بەگلىكىنىڭ غايىپ بۇلىشىدا جەميەتتىكى ئىجتىمايى زىدىيەتلەر ، تۇقۇنۇشلار توپىلاڭلارنىڭ ئەدەپ كىتىشى سىرىتقى دۇشمەنلەرنىڭ تاجاۋۇز قىلىشى سەۋەپچى بولغان دەپ قارىغان ، قەدىمقى نىيا بەگلىكى بىز ھازىرغىچە بىلەلمىگەن نامەلۇم سەۋەپلەر تۇپەيلى رەھىمسىز قۇم دېڭىزىغا  غەرىق بولدى ، ئۇ ئوزى بىلەن تەڭ بىر مەھەل  مەرۋايىتتەك چاقنىپ تۇرغان   پارلاق مەدەنىيىتى بىلەن شەرەپلىك تارىخنى ، ياپ يېشىل بوستانلارنى زۇمرەتتەك سۇلارنى بىللە ئېلىپ كىتىپ بۇگۇنكى زاماندىكى كىشىلەرگە نۇرغۇنلىغان يىشىلمەس سىرلارنى قالدۇرۇپ كەتتى ،  بەلكىم كۇنلەرنىڭ بىرىدە ئاشۇ نىيا خارابىسىدىكى  ئېغىر قۇملۇقلار سۇپۇرلۇپ تاشلانغاندىن كىيىن ئاندىن نىيا بەگلىكىدىكى يېشىل بوستانلىقلار قايتىدىن نامايان بۇلار ،،  

  

             مەنبە؛ تىلسىملىق دۇنيا ناملىق  كىتاپ

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-23 11:34 |
xumtak
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 9489
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 3
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە3دانە
شۆھرىتى: 20 نومۇر
پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
رەھمەت بىرمۇنچە نەرسىلەرنى ئۇقۇۋالدىم ....   داۋاملىق كىرىپ تۇرسام بولغىدەك ... مەن تېخى تارىخ توغۇرلۇق ھېچ نىمە بىلمەيدىكەنمەن ....

http://www.xumtak.cn/

1som
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-25 00:25 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » رىۋايەتلەردىكى تارىخ
?!---->
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !