جەسەت سازايى قىلىش
1968-يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى تازا ئەۋجىگە چىقىپ، رەئىس ماۋزېدۇڭغا، كومپارتىيىگە ساداقەت بىلدۈرۈش دولقۇنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. ئەتىگەندە ماۋزېدۇڭنىڭ سۈرىتى ئالدىدا «ساداقەت ئۇسسۇلى» ئويناش، «ساداقەت ناخشىسى» ئېيتىش، كەچتە بىر كۈنلۈك ئىشتىن دوكلات بېرىش ساداقەتنىڭ كونكرېت ئىپادىسى ئىدى. ساداقەت بىلدۈرۈشكە ھەربىي قىسىمدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر، كان، زاۋۇتلاردىكى ئىشچىلار، يېزىلاردىكى دېھقانلار ۋە ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار تولۇق قاتنىشىشى كېرەك ئىدى. «ساداقەت ناخشىسى»دا:
قەدىردان ماۋجۇشى قەلبىمىزدىكى قىزىل قۇياش،
سىزگە ئېيتار سۆزىمىز شۇنچە كۆپ بىزنىڭ.
كۈيلەپ سىزنى تۈگىمەس ناخشىمىز بىزنىڭ، كۈيلەپ سىزنى زور ھاياجاندا.
باقار ئىللىق چىرايلار قىزىل قۇياشقا،
بىز سىز ئاتىمىزغا چەكسىز ئۇزۇن ــــ
چەكسىز ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمىز.
دېگەنگە ئوخشاش مىسرالار بار ئىدى.
قاراقاش ناھىيىسىدە 1968-يىل 11-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئەتىگەندە، يېڭىشەھەر كەنتىنىڭ 1-مەھەللىسىدىكى دېھقانلار «ساداقەت ئۇسسۇلى» ئويناش ئالدىدا ئەترەت باشلىقى توختاخۇن يوقلىما قىلىپ، مەمتىمىننىڭ كەلمىگەنلىكىنى بىلدى. ھاشىخان دېگەن ئايال مەمتىمىننىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن مەمتىمىننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنى ئويغاتتى. مەمتىمىن دادىسى كېسەلدە، ئىنىسى ئەلەم كۈرىشىدە ئۆلۈپ كەتكەن تىكەندەك يالغۇز ئوغۇل ئىدى. مەمتىمىن ھازىرلا بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى. توختاخۇن ھاشىخاننىڭ يالغۇز كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ:
ــــ مەمتىمىننى نېمىشقا بىللە ئېلىپ كەلمىدىڭىز؟ كەينىڭىزگە قايتىپ، دەرھال ئۇنى بىللە ئېلىپ كېلىڭ، دېدى.
ھاشىخان كەينىگە يېنىپ مەمتىمىننىڭ ئۆيىگە كېلىپ:
ــــ تېز بولۇڭ، شياۋدۈيجاڭ ئاچچىقلاپ قالدى، دېدى. مەمتىمىن:
ــــ كىيىمىمنى كىيىۋاتىمەن، ھازىرلا باراي، توختاخۇن مەن بىلەنلا قاپتۇغۇ؟ دېدى. ھاشىخان توختاخۇننىڭ يېنىغا كېلىپ، گەپتىن گەپ تۇغدۇرۇپ:
ــــ مەن توختاخوننىڭ x ىنى بىر نېمە قىلمىدىم. مەن بارمىساممۇ ناخشىسىنى ئوقۇۋەرسۇن، دېدې، دەپ تۇرۇشىغا مەمتىمىن كېلىپ قالدى. توختاخۇن مەمتىمىنگە:
ــــ نېمىشقا شۇنداق دەيسەن؟ دەپ ھۆكۈرەپ دېۋەيلەپ كەلدى. مەمتىمىن ئۇنداق دېمىگەنلىكىنى دەپ تۇرسىمۇ، توختاخۇن ئۇنىڭ ياقىسىنى بوغۇپ:
ــــ ئاشۇ گېپىڭنى مېنىڭ ئالدىمدا يەنە بىر دېگىنە ،دەپ ۋارقىراپ، 18 ياشلىق مەمتىمىننى ئاستىغا بېسىۋېلىپ ئۇرۇشقا باشلىدى. مەمتىمىن مۇشتقا چىدىماي «توۋا قىلدىم» دېگەن مەنىدە «ماۋجۇشى ياشىسۇن!» دەپ توۋلىدى. لېكىن توختاخۇن ئۇنى ئۇرۇۋەردى.مەمتىمىن جان ئاچچىقىدا يانچۇقىدىكى پىچىقىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۆزىنى بېسىپ تۇرغان توختاخۇننىڭ بوينىغا تىقتى. پىچاق ئىتتىك بولغاچقا، توختاخۇننىڭ بويۇن تومۇرىدىن ئوقتەك قان ئېتىلىپ چىقىپ شۇ يەردىلا جان بەردى.
«سادىق بولۇشقا قارشىلىق كۆرسەتكەن قاتىل، نەق ئەكسىل ئىنقىلابچى» مەمتىمىن دەرھال تۈرمىگە قامالدى. ئىنقىلابىي ئامما (ئاساسلىقى توختاخۇننىڭ تۇغقانلىرى) ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، مەمتىمىننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى نامايان قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئايرىم كامىرغا سولاپ قويۇلغان مەمتىمىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتتى، چاپىنىنى يىرتىپ يىپ ئېشىپ، كامىرنىڭ ئىچىدە ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى.
ھازىرقى ناھىيىلىك تۈرلۈك ماللار شىركىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال ماگىزىنىنىڭ ئورنى ئەسلىدە ئېگىز مازارلىق ئىدى. 1966-يىلى يازدا ياي ئېقىتىپ تۈزلەندى. 1967-يىلدىن باشلاپ بۇ يەر ناھىيە بويىچە چوڭ يىغىن مەيدانى بولدى. يىغىن سەھنىسىنىڭ ئالدىدىكى لوزۇنكا، پلاكات ئېسىلىدىغان دار شەكىللىك ياغاچ قۇرۇلما ئاشۇ كۈنى بەئەينى دارنىڭ ئۆزىلا بولغانىدى.
ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سەھنىدە مەمتىمىننىڭ جىنايىتىنى ئوقۇدى ۋە «جىنايىتىدىن قورقۇپ ئۆلۈۋالغان نەق ئەكسىل ئىنقىلابچى دارغا ئېسىلسۇن» دەپ ھۆكۈم ئېلان قىلدى. مەمتىمىننىڭ بوينىغا دېلىنغان سىرتماق تارتىلىپ، جەسەت تۆت مېتىر كۆتۈرۈلگەندە ئارغامچا ئۈزۈلۈپ كېتىپ، جەسەت يەرگە چۈشۈپ كەتتى. مەيدانغا يىغىلغانلار 2000دىن ئارتۇق كىشى بولۇپ، ھېچكىمنىڭ يىغلىشى ۋە كۈلۈشىگە رۇخسەت يوق ئىدى. ھېيت قاسىم، باۋۇدۇن، ئەمەتجان، تۇرسۇننىياز دودەن قاتارلىق يەتتە «ئۇنسۇر» بۇيرۇققا بىنائەن جەسەتنى شەھەر رەستىلىرىدە سۆرەپ سازايى قىلدى. جەسەت تاشتىن-تاشقا سوقۇلۇپ، كىيىملىرى جۇل-جۇل بولۇپ كەتتى. «ئىنقىلابىي ئامما» ۋەكىللىرى «ئۇنسۇر»لارغا:
ــــ تېز يۈگۈرۈپ سۆرىگىن، دەپ ھەيۋە قىلاتتى. ئۇلاردىن بىرسى تېز ماڭمىدى دەپ، ھېيت قاسىمنىڭ پۇتىغا نەيزە سانجىدى. يەنە بىر «ئۇنسۇر» يول بويى جەسەتنى يوغان تاياق بىلەن ئۇرۇپ «ئىنقىلابىي ئاممىنىڭ غەزەپ-نەپرىتى»نى نامايان قىلىپ ماڭدى. «ئۇنسۇر»لار جەسەتنى سۆرەپ شەھەر كوچىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، دەريا بويىغا سۆرەپ چىقتى. «ئىنقىلابىي ئامما» ۋەكىللىرى جەسەتنىڭ بوينىنى سۆگەتنىڭ ئاچىسىغا ئېسىپ، ئاستىغا پاخال دۆۋىلەپ، بېنزىن چېچىپ ئوت قويۇۋەتتى. جەسەتنىڭ پۇرىقى ئەتراپنى بىر ئالدى. كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن جەسەتنى دەريا بويىغا كۆمۈپ قويۇشتى.
بۇ ئىش بۇ مۇدھىش ۋەقەگە شاھىد بولغان كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن تېخى كۆتۈرۈلۈپ كەتكىنى يوق.
تەييارلىغۇچى: مۇھەممەتئىمىن قۇربان.
مەنبە:«شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» 2002-يىل 4-سان.