بۇ بەتتىكى تېما:تۇڭگان 36-دىۋىزىيىسىنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما قېتىم كۆرۈلدى
ارامۇت
دەرىجىسى : يۈز بېشى

UID نۇمۇرى: 9335
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 105
ئۈنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە105دانە
شۆھرىتى: 860 نومۇر
پۇلى: 670 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :78(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 تۇڭگان 36-دىۋىزىيىسىنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى

تۇڭگان 36-دىۋىزىيىسىنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى


(ياقۇپ بوۋاي تىلىدىن)


مۇھەممەد ئىمىن قۇربانى


مېنىڭ تېگىم يەكەنلىك بولۇپ، ئۆمرۈم يامۇلدا يايىلىق خىزمىتى بىلەن ئۆتكەن، مېنىڭ بىر قىزىم خوتەنگە ياتلىق قىلىنغاچقا خوتەنگە بىر نەچچە قېتىم بارغانمەن، شۇڭا خوتەن يوللىرى ماڭا تونۇش بولۇپ قالغان.
9-ئاي كۈنلىرىنىڭ بىرىدە يەكەن تۇڭگانلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ قالدى، ئۇلار يەكەندە ئازلا تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن قەشقەر تەرەپتىكى تۇڭگانلارمۇ قېچىپ كېلىپ، ئۇلغىيىپ ھەممىسى يەكەننى تاشلاپ خوتەن تەرەپكە قاچتى.
ئۇلار كېتىپ بىر كېچىدىلا رۇس ئەسكەرلىرى پەيدا بولۇپ قالدى. ئۇلار نۇرغۇن تانكا، ئاپتوموبىل، ماشىنىلارنى ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۇلارغا يول باشلايدىغان ئادەم لازىم بولغاچقا، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت مېنى تەيىنلەپتۇل. ئۇلارنىڭ كوماندىرى ماڭا پۇل بەردى. مەن بالا-چاقىلىرىمنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، ئۇلارغا يول باشلاپ ماڭدىم. ئۇلار مېنى تانكىغا چىقىرىۋالدى. مەن ئۆمرۈمدە كۆرۈپ باقمىغان نەرسىگە ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئاجايىپ كارامەتلىرىنى تاماشا قىلىپ ماڭدىم. بىز يەكەن دەرياسىغا يېتىپ كەلگىنىمىزدە تۇڭگانلار دەريا بويلاپ ئىستىھكام قۇرغانىكەن. ئۇلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئۇچرىدۇق. ئىككى تەرەپ مىلتىق، پىلىموت، توپلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ بىر-بىرى بىلەن قاتتىق تۇتۇشتى. ھەر ئىككى تەرەپتىن ئېتىلغان ئوقنىڭ تۈتەكلىرى يورۇق كۈننى خىرەلەشتۈرگەنىدى. ئوق ئاۋازى ئالەمنى بىر ئالغانىدى. ئىككىلا تەرەپتىن نۇرغۇن ئادەم چىقىم بولغان بولسىمۇ، ھېچقايسىسى تىركىشىشتىن قول ئۈزمىدى. سوقۇش بىر نەچچە سائەت داۋام قىلدى، تۇڭگانلارمۇ بوش كەلمىدى.
ئاتلىق ۋە پىيادە ئەسكەرلەر بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلالمىغان رۇسلار تانكىلىرىنى ئىشقا سالدى، ئارقىدىنلا ھاۋادا ئايروپىلان پەيدا بولدى. رۇسلار تانكا ۋە ئايروپىلانلار بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ تۇڭگانلارنى شىددەتلىك ئوققا تۇتتى. مۇنداق شىددەتلىك ھۇجۇمغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن تۇڭگان قىسىملىرى چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. لېكىن بۇ چېكىنىش ناھايىتى پاجىئەلىك بولدى. كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشكە ئۈلگىرەلمىگەن تۇڭگان ئەسكەرلىرى ئاتلىرىنى ياۋىداپ مىنىپ، ئۆزلىرىنى دەرياغا ئاتتى. ئاتلار دولقۇن يېرىپ سۇ ئۈزەتتى، ئات ئۈستىدىكىلەر بولسا قىرغاققا تېزراق يېتىۋېلىش ئۈچۈن ئاتلىرىنى ئالدىرىتاتتى. لېكىن دەريا لېۋىگە باستۇرۇپ كەلگەن تانكا قىرغاقتا تۇرۇپ ئوق ياغدۇرۇشقا باشلىدى. ھاۋادا بولسا ئايروپىلان پەس ئۇچۇپ يامغۇردەك ئوق ياغدۇراتتى.تاشلانغان بومبا دەريا سۈيىنى قىپقىزىل قانغا بويىغانىدى.
قارشىلىق كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم بولغان تۇڭگان ئەسكەرلىرى ئوچۇقچىلىقتا جان تالىشاتتى. ياغدۇرۇلغان ئوق يامغۇرى سەل بولۇپ، ئۇلارنى ئېقىتىشقا باشلىدى، قايسى بىرى ئاتتىن موللاق ئاتسا، قايسى بىرى ئېتىغا ئوق تېگىپ سۇغا غەرق بولاتتى. دەريا ئىچىدە قىيامەت قايىم بولغان ئىدىكى، دادا بالىغا، بالا دادىسىغا قاراشقا ئىمكان يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دەريا سۈيى ئۇلۇغ بولغاچقا، ئاتلارنى موللاق ئاتقۇزۇپ ئادەملەرنى سۇنىڭ ئاستىغا تارتىپ كېتەتتى. ئاساسىي كۈچىدىن ئايرىلىپ ئۇ قاتقا سالامەت ئۆتكەن ئازغىنە تۇڭگان قوشۇنى خوتەن تەرەپكە داۋاملىق چېكىنىشكە باشلىدى.
رۇس قوشۇنى ئۇلارنى قوغلاپ قاغىلىق بىلەن گۇما ئوتتۇرىسىدىكى چولاقنىڭ سېيىدا ئۇلارغا يېتىشىۋالدى. 2-قېتىملىق توقۇنۇش مۇشۇ سايدا يۈز بەردى. تۇڭگانلار ئۇلارغا قارشىلىق كۆرسەتتى، رۇس قوشۇنلىرىدىن خېلىلا چىقىم بولدى، ھاۋا ھۇجۇمى باشلانغاندىن كېيىن تۇڭگانلار چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى.
3-قېتىملىق توقۇنۇش خوتەننىڭ پىيالما دېگەن يېرىدە بولدى. تۇڭگانلار ئۇ يەردىكى يەرلىك ئالالىنى ئالدىغا سېلىۋېلىپ، ئۇلارنى دالدا قىلىپ قارشىلىق كۆرسەتتى. بۇ ئۇرۇشتا نۇرغۇن بىگۇناھ ئادەم ھالاك بولغان بولسىمۇ، لېكىن كەسكىن ئېلىشىشلاردىن كېيىن تۇڭگانلار يەنە چېكىنىشكە باشلىدى.
4-قېيىملىق توقۇنۇش خوتەنگە يېقىن «چۇدا» دېگەن جايدا بولدى. بۇ يەرنىڭ ئەتراپى ئېگىز قۇم دۆۋىلىرى بىلەن ئورالغان ھاۋالىق پەس جاي ئىدى. تۇڭگانلار بۇ يەردە ياشايدىغان 1500دەك ئاھالىنى بۇ يەرگە سولاپ ئۆزلىرىمۇ بۇ جايغا ئورۇنلىشىۋالدى، باستۇرۇپ كەلگەنلەرنى ئوققا تۇتۇپ يېقىن كەلتۈرمىدى. ئايروپىلانلار يەرلىك ئاھالىلەرنى ئاياپ ھۇجۇم قىلالمىدى. نەتىجىدە بۇ ئۇرۇش بىر نەچچە كۈنگە سوزۇلۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇڭگانلار لەخمە كولاپ چىقىپ كېچىلىرى رۇسلارنى جىق تالاپەتكە ئۇچراتتى، ھەتتا قوراللىرىنى بۇلاپ كەتتى. ئاھالىنى تۆپىلىككە چىقىرىپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ دالدىسىغا ئۆتۈۋېلىپ رۇسلارنى ھۇجۇم قوزغاشقا ئامالسىز قىلىپ قويدى.
بۇ ھالەت شۇ خىلدا 15كۈندەك داۋاملاشتى. ئامال بولمىغاندا، رۇسلار تانكىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، قورغانچىغا باستۇرۇپ كىردى، تۇڭگانلار ئىلاجىسىز چېكىندى.
قورغانچا رۇسلارنىڭ قولىغا ئۆتكەندە، كىشىلەر ئىنتايىن دەھشەتلىك بىر مەنزىرىنى كۆرگەنىدى: تۇڭگانلار يەرلىك خەلقتىن 20مىدەك ئادەمنى تۈۋرۈكلەرگە باغلاپ، تىرىك تۇرغۇزۇپ قارنىنى يېرىۋەتكەنىدى، ئۇچەي-باغرى ساڭگىلاپ قالغانىدى. يۈزدەك ئادەم ئېتىپ تاشلانغانىدى. يەنە 30 دەك ئادەمنى باغلاپ قورسىقىغا قوزۇق تىقىپ تامغا مىخلاپ قويغاچقا، شۇ پېتى ئۆلۈپ قالغانىدى. بۇ كىشىلەر تۇڭگانلارغا قارشىلىق كۆرسەتكەن، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشتىن باش تارتقان كىشىلەر بولۇپ، ئومۇمەن «رۇسلاردىن پاناھ تىلىگەن» دېگەن جىنايەت بىلەن مۇشۇنداق قاباھەتلىك ئۆلتۈرۈلگەنىدى.
رۇس قوشۇنلىرى تۇڭگانلارغا ئارام بەرمەي قوغلىدى، ئۇلارغا خوتەندە يېتىشىۋالدى. تۇڭگانلار خوتەن يېڭى شەھىرىگە كىرىۋېلىپ، ئۇ يەردىكى ھەربىي گۈزەرنىڭ ئېگىز سېپىللىرىنىڭ دالدىسىدا تۇرۇپ مۇداپىئەگە كىرىشتى. بۇ يەردىمۇ نۇرغۇن خەلقنى سېپىل ئىچىگە سولىۋالغانىدى. لېكىن تانكا، ئايروپىلانلارنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان تۇڭگانلارنىڭ روھى چۈشۈپ، پۇقراچە كىيىنىپ ئارقا تەرەپتىن قېچىپ چىقتى،بىراق رۇسلار ئۇلارنى تۇتۇۋالدى. ئۇزۇن ئۆتمەي سېپىل ئىچىدىكىلەرمۇ تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر بولدى. ئۇلار قورال تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلار، ئوفىتسېرلار بىلەن جەڭچىلەر ئايرىۋېلىندى، جىنايىتى ئېغىر ئوفىتسېرلار سىم بىلەن باغلىنىپ، توك سايمىنى ئارقىلىق ئۆلتۈرۈلدى. قويۇپ بېرىشكە تېگىشلىكلىرى يول راسخوتى بېرىلىپ يۇرتىغا قايتۇرۇلدى.
شۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدا بىر مەزگىل دەۋران سۈرگەن تۇڭگان 36-دىۋىزىيىسى خوتەننىڭ دەشت-چۆللۈكلىرىدە رۇس ئارمىيىسىنىڭ تانكا، ئايروپىلان، بىرونىۋىكلىرىنىڭ زەربىسىدە ۋەيران بولدى.
خوتەن يولىدىكى قۇم ئۈستىدە ئىككى خىل بەلگە كۆزگە چېلىقىدۇ. بىر خىلى تىك قاداپ قويۇلغان بادرا بولۇپ، بۇلار تۇڭگان قوشۇنىدىن ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ بەلگىلىرىدۇر.
يەنە بىر خىلى قادالغان موما ياغاچقا ئېسىپ قويۇلغان قوشقار مۈڭگۈزى ۋە چىگىپ قويۇلغان خوراز پەيلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۇرۇشتا ئۆلگەن ياكى نىگۇناھ ئۆلتۈرۈلگەن يەرلىك خەلقنىڭ قەبرە بەلگىسىدۇر.
بۇ جايدىن ئۆتكەن –كەچكەنلەر بۇ ئىككى خىل بەلگىنى كۆرگەندە دۇئا قىلىپ ئۆتىدۇ.
مانا مۇشۇ ئىككى خىل بەلگە ئاستىدا ياتقانلار دىنداش ۋە ۋەتەنداش بولسىمۇ، لېكىن ئىتتىپاقسىزلىق تۈپەيلى ئۆز ئارا ئۇرۇشۇپ ئاقىۋەتتە ھەر ئىككى تەرەپ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانىدى.
ياقۇپ بوۋاي سۆزلەپ بەرگەن بۇ ۋەقە ئەسلىدە 1937-يىلى 9-ئايدا يۈز بەرگەن ۋەقە بولۇپ، 36-دىۋىزىيىنىڭ پەيزىۋاتتا تۇرۇشلۇق تۇڭگان ماشىڭكۈي بىراگادىسى ماخۇسەندىن يۈز ئۆرۈپ، شېڭ شىسەي تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەچكە، ماخۇسەن 9-ئاينىڭ 1-كۈنى قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن. ماخۇسەن ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قەشقەرنى تاشلاپ خوتەنگە قاچقان. ئۇنىڭ قوشۇنى تۆت خىل قوشۇننىڭ زەربىسى ئاستىدا قالغان. بىرىنچىسى، مارالبېشىدىن بېسىپ كەلگەن رۇس ئارمىيىسى، ئىككىنچىسى، قەشقەردىن قوغلاپ كەلگەن 38- ۋە40-پولكلاردىكى خەنزۇ ئەسكەرلەر، ئۈچىنچىسى، 31-پولك تەركىبىدىكى ئەخمەت ليەنجاڭ باشچىلىقىدىكى بىر روتا ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى، تۆتىنچىسى، ماشىڭكۈينىڭ بىر بىراگادا تۇڭگان ئەسكەرلىرى. ماخۇسەننىڭ 36-دىۋىزىيىسى مانا مۇشۇ تۆت خىل قوشۇن بىلەن يېڭىساردا تۇتۇشقاندىن كېيىن، يېڭىلىپ يەركەنگە چېكىنگەن. ماخۇسەننىڭ قوشۇنى خوتەن چۆللىرىدە يوقىتىلغاندىن كېيىن، ماشىڭكۈي قىسىملىرىمۇ يىغىشتۇرۇپ تاشلاندى.
بۇ ۋەقەنى 1940-يىلى يەكەنلىك ياقۇپ ئاتلىق بىر بوۋاي خوتەندىن مەپە بىلەن قايتىپ كېلىۋېتىپ، سەپەردىشى ــــ دوختۇر مامۇت ئەمەتكە سۆزلەپ بەرگەنىكەن. مەن بۇنى 1970-يىلى 12-ئىيۇن كۈنى مامۇت خان ئاغزىدىن خاتىرىلەپ ئالدىم.

نەشرگە تەييارلىغۇچى: ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن


مەنبە:
«شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» 2002-يىل 4-سان.

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-25 20:32 |
arkim
دەرىجىسى : يۈز بېشى

UID نۇمۇرى: 4052
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 164
ئۈنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە164دانە
شۆھرىتى: 339 نومۇر
پۇلى: 1580 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :82(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
خوپ بوپتۇ! ئۆز دىنداشلىرىنى بۇنچە ۋەھشىي قىرغان يەنە بىر خەلق يوقتۇ دۇنيادا!...تارىخ چاقى ھامان ئاشۇنداق پەسكەشلەرنى بىر ياقتىن تاسقاپ چىقىدۇ...

1som
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-25 21:42 |
kumushoq
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 9120
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 6
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە6دانە
شۆھرىتى: 55 نومۇر
پۇلى: 35 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۇلارنى چىللاپ كەلگەنمۇ ئۆزىمىزكەنتۇق، بۇ تارىخنى ئېسىمىزدە تۇتايلى

چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-26 01:49 |
ارامۇت
دەرىجىسى : يۈز بېشى

UID نۇمۇرى: 9335
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 105
ئۈنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە105دانە
شۆھرىتى: 860 نومۇر
پۇلى: 670 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :78(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن كۆكسى قارنى كەڭ، ئاق كۆڭۈل خەلق، شۇڭا شۇ تۇڭگانلارنىڭ قەبرىسى يېنىدىن ئۆتكەندە يەنىلا دۇئا قىلىپ ئۆتىدۇ.

terjime guruppisi
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-26 08:22 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ياڭ زېڭشىن، جىن شۇرېن ۋە شېڭ شىسەي
?!---->
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !