بۇ بەتتىكى تېما:ئابدۇراھمان جامىينىڭ <<باھارىستان>>دىن پارچە | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما قېتىم كۆرۈلدى
uyghurqizi
دەرىجىسى : شەرەپلىك ئەزا

UID نۇمۇرى: 1785
نادىر تىمىسى : 2
يازما سانى : 128
ئۈنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە128دانە
شۆھرىتى: 409 نومۇر
پۇلى: 1215 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :79(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئابدۇراھمان جامىينىڭ <<باھارىستان>>دىن پارچە

ئابدۇراھمان جامىينىڭ <<باھارىستان>>دىن پارچە


ئابدۇراھمان جامىي


ئۆزبىكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:يۇنۇس ئىلياس ئىدىقۇتلۇق


يەتتىنچى رەۋزە


شېئىر ۋە شائىرلىق بابىدا


قەدىمكى بىلىمدانلار ھۆكمىگە قارىغاندا، شېئىر شۇنداق بىر كەلىمىدۇركى ، ئۇ مۇقەددىماتى خىيال، يەنى تىڭشىغۇچىنىڭ خىيال-پىكىرىنى قوزغاتقۇچى ۋە مەنىسى ئۇنىڭغا ئىقبال كۆرسەتكۈچىدۇر. بۇ ھەقىقەت بولىشى ياكى بولماسلىقىدىن بۇنىڭغا تىڭشىغۇچىنىڭ ئىشىنىشى ياكى ئىشەنمەسلىكىدىن قەتئىينەزەر شۇنداق. مەسىلەن، <<مەي –لەئلدۇريا ئېرىتىلگەن ياقۇتتۇر>> ياكى، بال-ھەسەل ھەرىسى چىقىرىپ تاشلىغان شور، ئاچچىق نەرسە>> دېگەندەك.
ئومومەن ئالغاندا بىلىمدانلار بۇ يەردە ۋەزىن① ۋە قاپىيىنى② ئېتىبارغا ئالىدۇ.دېمەك شېئىر ۋەزىنلىك ياكى قاپيىلىك كەلىمىدۇركى،ئۇنىڭدا خىيال-پىكىر ياكى ھەقىقەتنىڭ بار-يوقلىقى ئۇنچىلىك ئېتىبارغا ئېگە ئەمەس.
شېئىر ھەقىقەتەن گۈزەل،پەزىلەتكە ناھايتى باي ۋە يۈكسەكتۇر. شېئىردىنمۇ بۈيۈك نەرسە، شېئىردىنمۇ سېھىرلىكرەك سېھىر بارمىدۇ؟!

بارمۇ نەرسە ھۆسنىگە شېئىردىن كۆرە باي،
خېتىدىن چەتكە چىقماس خۇش چىراي.
ئەگەرچەندە كىرىشىپ كەتكەن بولسادىل،
تەسەللى ۋە سەۋەپ قىلماقلىق مۈشكۈل،
ئۇنىڭ ھۆسنىگە قانچە دىل گاداي،
قاپيىسىدە بار گۈزەل چىراي.
رادىف③ خەلخالى④ بېزەيدۇر ئاياق،
خەلخالىدىن خىيال كۆپىيۇر مۇتلاق.
تەشبىھتىن⑤ روھ ئايدەل جىلۋە قىلار.
يولدىن ئازغاننىڭ ئەقلىنى ئالار،
تەجنىستىن⑥ چېچىنى ئىككىگە بۆلۈپ،
ئۇندىن ئىككى تال چاچ ئۆرۈمىن ئۆرۈپ.
ياقۇت لەۋلىرىدىن گۆھەر چاچىدۇ،
ئۆرۈم چاچلىرىغا گۆھەر ئاسىدۇ.
ئىيھام⑦ كۆزىدىن قىسىلۇر كۆزى،
ئەنجۈمەندە⑧ بولور پىتنىنىڭ ئۆزى.
يۈزىگە تاشلاپ مەجاز⑨ چېچىنى،
پەردىدىن سوزدۇر ھەقىقەت تىلىنى.

شېئىر بىر نەچچە تۈرگە بۆلىنىدۇ. مەسىلەن: قەسىدە، غەزەل، مەسنەۋى، قىتئە ۋە روبائىيلارغا ئوخشاش شائىرلار بۇ شېئىرى شەكىللەردىن پايدىلىنىشتا بىر-بىرىدىن پەرىقلىنىدۇ. بەزىلىرى ھەممە تۈرلەردە شىئېر يازغان، بەزىلىرى بولسا ئايرىم تۈرلەرگە كۆپرەك ئېتىبار بەرگەن.
مەسىلەن، قەدىمكى شائىرلار مەدھىيە، ۋائىزلىق ۋە باشقا قەسىدىلەرگە ئەھمىيەت بىرىشكەن، بەزىلىرى مەسنەۋىگە ئېتىبار بەرگەن. كېيىنكى چاغلاردىكى شائىرلارنىڭ كۆپچىلىكى غەزەل يولىغا كىرىشكەن.
شائىرلار بەك كۆپ بولغاچقا ھەر بىرى توغرىسىدا تەپسىلى توختىلىشنىڭ ھىچ ئىمكانى يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر نەچچە داڭلىق شائىرنىڭ ناملىرىنى تىلغا ئېلىش بىلەن كۇپايىلىنىمىز.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھلار:①ۋەزن-ئۆلچەم،شېئىر ئۆلچىمى. ②قاپىيە(قافىيە)-شېئىرىي مىسرالار ياكى بېيىتلار ئاخىرىدا كەلگەن ئاھاڭداش سۆزلەر. ③رادىف-شەرق خەلقلىرى شېئىرىيىتىدە مىسرا ياكى بېيىت ئاخىرىدا ئاسىسەي قاپيىدىن كېيىن تەكرارلىنىپ كېلىدىغان سۆز،ئىبارە. ④خەلخال-ئاياغنىڭ ئوشۇقىغا تاقىلىدىغان بېزەك بۇيۇمى، پۇت قوڭغۇراقچىسى، شىلدىرما. ⑤تەشبىھ-ئوخشىتىش،مەجاز. ⑥تەجنىس-ئەدەبىياتتىكى شەكىلداش سۆزلەرنى ئىشلىتىش ۋە سۆزلەرنى شەكىلداش قىلىشتىن ئىبارەت بەدىئىي سەنئەت تۈرى؛ تۇيۇق ژانىرىدا كەڭ قوللىنىلىدۇ. ⑦ ئىيھام-بىر بېيىتتا مەنىلىرى ھەر خىل بولغان شەكىلداش سۆزياكى سۆز بىرىكمىلىرىنى قوللانغان ھالدا ئىككى خىل مەنىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى. ⑧ئەنجۈمەن-يىغىن، ئۇلتورۇش، مەجلىس، ئىلمى يىغىن. ⑨مەجاز-سۆز ئىبارىلەرنىڭ ئۆز مەنىسىدىن باشقا، كۆچمە مەنىدە ئىشلىتىلىشى ۋە شۇنداق مەنىدە ئىشلىتىلگەن سۆز، ئىبارە، مېتافورا، ئاللېگورىيە.

رۇداكىي①
رۇداكىي ماۋەرائۇننەھردىن② بولۇپ، تۇغما ئەما. ئەمما، ئۇ شۇنچىلىك ئەقىللىق ئىدىكى سەككىز يېشىدا قۇرئاننى يادلاپ قارىي بولغان ۋە شېئىرنى يېزىشقا باشلىغان. ئاۋازى يېقىملىق بولۇپ، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇد چېلىشقا ماھىر ئىدى. ئۇنى نەسىر ئىبنى ئەھمەد سامانىي ئۆز ھامىيلىقىغا ئالغان.
ئېيتىلىشىچە، رۇداكىينىڭ ئىككى يۈز غۇلامى،تۆت يۈز تۆگىلىك مال دۇنياسى بارئىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆتكەن شائىرلارنىڭ ھىچقايسىسى بۇنچىلىك بايلىققا ئېرىشەلمىگەن.
ئېيتىلىشىچە، ئۇنىڭ شېئىرلىرى يۈز دەپتەر بولغان. <<شەرھى يەمىنىي>> ③ كىتابىدا يېزىلىشىچە ئۇنىڭ شېئىرلىرى بىر مىليون ئۈچ يۈز بېيىت ئىكەن.
  شاراب توغرىسىدىكى مونۇ مىسرالار ئۇنىڭ سۆزلىرىدۇر:

كۆرسە كىم ئۇ ھېقىق رەڭ مەينى،
ئېرىتىلگەن ھېقىق دەپ سالدى.
ئىككىسى ئەسلىدە بىردۇر، ۋە لېكىن
ئۇ ئېرىدى، بۇ موز بولۇپ قالدى.
قول تەككۈزمەي تۇرۇپ قىزاردى يۈزى،
ئىچمەي تۇرۇپ كەيپ باشتا قوزغالدى.

رۇداكىي مونۇ ئۈگۈتنىمۇ ئېيتقان:

قىلدى زامان ماڭا تولا قىممەت نەسىھەت،
ئەگەر بىلسەڭ، زامان تولا نەسھەت ئېرۇر.
دېدى: <<غەم يېمە ئۆزۈڭدىن ئۈستۈننى كۆرۈپ،
سەن بولۇشنى ئارزۇ قىلار كۆپ كىشى باردۇر>>.

بەزى تارىخلاردا يېزىلىشىچە، نەسىر ئىبنى ئەھمەد بۇخارادىن مەرۋ شەھىرىدىكى شاھ جاھان قارارگاھىغا سەپەر قىلغاندى . ئۇ يەردە ئۇنىڭ تۇرۇش مۇددىتى سوزولۇپ كەتتى. دۆلەت ئەركانلىرىنىڭ خىيالى بۇخارا، نەسر ئىبنى ئەھمەدنىڭ قەسىرى ۋە باغلىرىغا باغلاندى. ئۇلار رۇداكىيغا زور ئىنئاملار بېرىشنى ۋەدە قىلىپ،نەسىر ئىبنى ئەھمەدنىڭ بۇخاراغا قايتىپ كېلىش ئىستىكىنى قوزغىتالايدىغان بىر نەچچە بېيىت ئىجاد قىلىپ، ئۇد بىلەن ئورونلاپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىشتى.
  بىر كۈنى ئەتىگەندە پادىشاھ سەبۇھىي④ ئىچىپ ئولتوراتتى. رۇداكىي مونۇ بېيىتلەرنى ئۇد ئاۋازىغا تەڭكەش قىلىپ ئوقۇدى:
مولىياننىڭ⑤ ھىدى بۇيان كېلەدۇر،
مېھرىبان يار ھىدى شۇئان كېلەدۇر.
ئامۇ قۇم-شېغىلى ئاياغ ئاستىدا
پەردەك يۇمشاپ، راھىتى جان كېلەدۇر.
قانچىلىك تاشسىمۇ ئامۇ سۇلىرى،
ئاتىمىز قارنىدىن تۆۋەن كېلەدۇر.
ئەي بۇخارا، خۇشال بول، ھەم شاد كۈلگىن،
سەن تەرەپكە شاھ-شاد مېھمان كېلەدۇر.
شاھ ئايدۇركى، بۇخارا مىسلى ئاسمان،
ئاسمانغا ئاي-نۇرلار چېچىپ كېلەدۇر.
پادىشاھ سەرۋى ھەم، بۇخارا بوستان،
بوستانغا سەرۋى تەخىرسىز كېلەدۇر.

بۇ مىسرالار نەسىرئبنى ئەھمەدكەشۇنداق تەسىرقىلدىكى، ئۇ ئۆي كېيىمى ۋە كېپىش بېلەنلا ئاتقا مىنىپ، بىر مەنزىل يول يۈردى .
ئەمما، باشقا مەنبەلەردە سۇلتان سەنجەر ۋە شائىر مۇئىززى توغرېسىدېمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ھېكايە سۆزلىنىدۇ .  
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھلار:①رۇداكىي-ئەبۇ ئابدۇللاھ جەئفەر(858-941)،پارىس-تاجىك شائىرى، ھازىرقى تاجىكىستاننىڭ پەنجەكەنت رايۇنى پەنجرۇداك يېزىسىدا تۇغۇلغان ۋە شۇ يەردە ۋاپات بولغان. ②ماۋەرائۇننەھىر-دەريا ئارقىسى،دەريانىڭ ئۇ قېتىدىكى يەرلەر،دېگەن مەنىدە.ئەرەپلەر تارىختا ئوتتۇرا ئاسىيانى شۇنداق دەپ ئاتىغان. ③<<شەرھى يەمىنىي>> - تارىخچى ھەمىدىددىن مەھمۇد نەجاتىي نىشاپۇرىي 11-ئەسىر تارىخچىسى ئەبۇ نەسىر ئۇتبىينىڭ كىتابىغا يازغان شەرھى. ئۇتبىينىڭ <<كىتابۇل يەمىنىي>> (<<تارىخى يەمىنىي>>)ئەسرىدە مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ ھاياتى تەسۋىرلىنىدۇ. ④سەبۇھىي-تاڭدا ئېچىلغان مەي.⑤مولىيان-بىر ئېرىق نامى.

دەقىقي①
دەقىقي قەدىمكى شائىرلارجۇملسىندۇر. فىردەۋسي②<<شاھنامە>>نى دەقىقي يازغان مىڭ بېيتتن كېيىن داۋاملاشتۇرۇپ يېزىپ ، ئاخىرىغا يەتكۈزگەن.
تۆۋەندىكى ئىككى بېيىت دەقىقىيىنڭ شېئېرلىرىدىندۇر:

دىلىمغا جا قلسام مەن پەرىئەۋلادىدىن بىر يارنى،
تۇيۇقسىزيوقالدى كۆزدىن ئۇ پەرى تۇمان مىسال.
كەتتى لەشكەر، لەشكەرلىرمنى يەڭگەن ئۇ بۇت چۇنان،
ھېچ كىشى دىل بەرمىگەي، لەشكەرگە بولغاي پايمال.

بۇ قىتئە ھەم ئۇنىڭدۇر:

بۇندا ئۇزۇن تۇرۇپ قالدىم خار بولوپ،
ئەزىز ئۇزاق تۇرۇپ قالسابۇلۇر خار.
ئاقماي تۇرۇشىدىن كەتكۇسى سېسىپ
يېمىش ئچرە سۇ ھەم جىم تۇرسابىسيار③.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھلار: ①دەقىقىي-ئەبۇ مەنسۇر مۇھەممەدئەمىن ئىبنى ئەھمەد دەقىقىي بەلخىي(956-980)، پارس-تاجىك شائىرى؛ ئۇنىڭ بىرنەچچە ئاجايىپ پاساھەتلىك شېئىرى ۋە <<شاھنامە>>سىدىن مىڭ بېيىت ساقلىنىپ قالغان؛ <<شاھنامە>>نى يېزىۋاتقان چاغدا ئۆلتۈرۈلگەن. ②فىردەۋسىي-ئەبۇلقاسىم تۇسىي (تەخمىنەن934-1030)، تاجىك شائىرى ۋە مۇتەپەككۇرى. جاھان بەدىئىي پىكىر خەزىنىسىدىن تېگىشلىك ئورۇن ئالغان چوڭ ئېپوس <<شاھنامە>>نىڭ مۇئەللىپى.ئۇنىڭ تەخەللۇسى <<فىردەۋسىي>>، <<فىردەۋس-جەننەت>> سۆزىدىن ئېلىنغان بولۇپ، <<جەننەتىي-جەننەتلىك>> مەنىسىنى بېرىدۇ. ③بىسيار-ئۇزۇن، ئۇزاق، چەكسىز؛ كۆپ، جىق.

ئىمارە①
ئىمارە سامانىيلار دەۋرىدە ياشىغان شائىر.ئۇنىڭ يېقىملىق ۋە دىلكەش شېئىرلىرى بار، جۇملىدىن تۆۋەندىكى بېيتلار شۇنىڭدۇر:

جاھان بىر نەچچە ۋاقىت قاردىن مەگەز كۈمۈش رەڭ بولۇپ تۇردى،
زۇمرەت كەلدىيۇ،بىردىن كۈمۈشنىڭ ئورنىنى ئالدى.
باھار كەلگەندە ئول كەشمىر نىگارىستانى② ھەم بارچە
بوياقلارنى قىلىپ تەسلىم،گۇلىستان ھۆسنىگە سالدى.

مۇنۇ قىتئە ھەم شۇنىڭدۇر:

جاھان سېنى ئەزىز قىلسا ،بولما مەغرۇر،
ئۇزۇن ئۆتمەي خار قىلغۇسى بەلكىم جاھان.
جاھان-يىلان ،يىلاننى كىم قىلسا تۇتقۇن،
ئاخىر بىر كۇن ئۆچ ئالىدۇ ئۇندىن يىلان.

تەرىقەت سۇلتانى شەيخ ئەبۇ سەئىد ئەبۇلخەير ماقاماتىدا③ ئېيتىلىشىچە، بىر كۇنى بىر شېئىر دېكلاماتسىيە قىلغۇچى كىشى ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا تۆۋەندىكى بېيىتنى ئوقۇپتۇ:
مۆكۈنمەكنى ئىستەيمەن ئىچىگە ئۆز غەزەلىمنىڭ.
ئۆپۈپ ئالاي لېۋىڭدىن سەن ئۇقۇغان زانىڭ.

بۇ بېيىت شەيىخكە بەك يېقىپتۇ ۋە ئۇ:
-بۇ بېيىت كىمنىڭكى ؟-دەپ سوراپتۇ.
-ئىمارەنىڭ،-دەپتۇ ئۇ كىشى.
-تۇرۇڭ، ئۇنىڭ زىيارىتىگە بارماق زۆرۈر،-دەپتۇ شەيىخ ۋە ھەممە مۇرتىنى ئېلىپ بېرىپ ، ئىمارەنىڭ قەبرىسىنى زىيەرەت قىپتۇ.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھلار: ①ئىمارە-ئەبۇ مەنسۇر ئىمارەئى مەرۋەزىي،10-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ياشىغان شائىر.1005-يىلى ۋاپات بولغان. ②نىگارىستان-رەسىمخانا،ماي بوياق رەسىم ئىشخانىسى.③ ماقامات(مەقامات)-ئورۇن، مەۋقە؛ ئورگان، يىغىلىش.

ئۇنسۇرىي①
ئۇنسۇرىي ئۆز زامانىسىدىكى شائىرلارنىڭ سەردارى بولغان. يەمىنۇد-دەۋلە مەھمۇد سەبۇق تېگىن② ئۇنى ئۆز ھىمايىسىگە ئالغان. مۈنۇ رۇبائىې ئۇنسۇرىيىدىن قالغان.

چېچىڭ ئۆز رەڭگىنى ئالمىش دىلىڭدىن،
ئشقىمىز قايغۇسىن ئالمىش دىلىڭدىن.
يولۋاس كىبرى باردۇر دىلىڭداسېنىڭ.
مۇمدەك دىلىم سەنگىنى③ ئالمىش دىلىڭدىن.

ئۇنىڭ سۇلتان مەدھىيىسىگە بېغشلانغان مەسنەۋىلىرى كۆپ بولغان،دېيىشىدۇ.ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ نامى <<ۋامىق ۋە ئۇزرا>>دۇر، ئەمما ئۇلاردىن ھېچبىر ئەسەر قالمىغان.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھلار: ①ئۇنسۇرىي-ئەبدۇلقاسىم ھەسەن ئىبنى ئەھمەد ئۇنسۇرىي(970-1040)، فارس-تاجىك شائىرى، غەزنەۋىيلەر سارىيىدا <<مەلىكۇششۇئەرا>> (شائىرلار شاھى)ئۈنۋانىغا ئېرىشكەن. كۆپلىگەن قەسىدە ۋە بىر نەچچە داستان يازغان. ②مەھمۇد سەبۇق تېگىن-ئەبۇلقاسىم مەھمۇد ئىبنى سەبۇق تېگىن(967-1030)،دۆلەت ئەربابى ۋە ھەربى سەركەردە. غەزنەۋىلەر سۇلالىسىنىڭ ئاساسىنى قۇرغۇچى سەبۇق تېگىننىڭ ئوغلى.ئۇ باغداد خەلىپىسى ئەل- قادىر تەرىپىدىن <<يەمىنۇد-دەۋلە ۋە ئەمىنۇل مىللە>> (دۆلەتنىڭ ئوڭ قولى ۋە مىللەتنىڭ ئىشەنچىسى) دېگەن نامغا ئېرىشكەن. خارەزمدىن تارتىپ شىمالىي ھىندىستانغىچە بولغان كەڭ زىمىندا بۈيۈك فىئۇدال دكلەت قۇرغان.سارىيىغا كۆپلەپ ئالىم،شائىرلارنى يىغىپ،ئۇلارغا ھامىيلىق قىلغان.③سەنگ-تاش.

ئەسجەدىې①
ئەسجەدئى مەرۋلىك بولوپ، يەمىنۇد-مەدداھلىرىدىن بىرى بولغان ۋە ئۇنىڭ ھىندىستاندىكى غەلبىلىرىگە بېغىشلاپ قەسىدە يازغان . ئۇنىڭ مەتلە②ئى تۆۋەندىكىچە:
سۇمنەتكە شاھ سەپەر قىلدى، ئېنىق يېقىن-يىراقى،
ئىشلارنى كۆر ، سەپەرئەمەس، مۆجىزاتنىڭ بايراقى.

قوغۇننى ماختاپ ئۇ شۇنداق دەيدۇ:

ئول زەبەرجەد③رەڭلىك، ئىپار ھىدلىق ،تەمىدۇر ھەسەل،
ئۇد④ ھىدى پۇراپ تۇرادۇر، تونى شاھى بەقەسەم.
پىچسا يېڭى ئورغاق ئايدەك چىقار ھەربىر تىلىمى،
پىچسا ئاي كۇرسىدەك پارلاپ تۇرادۇر ئۇندا ھەم.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھلار: ①ئەسجەدىي-مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ ساراي شائىرى،1401-يىلى ۋاپات بولغان.قەسىدەنەۋىس ئۇستاز. ②مەتلەئ-غەزەل ياكى قەسىدىنىڭ ھەر ئىككى مىسراسى ئۆزئارا قاپيىلىنىدىغان بىرىنچى بېيىتى. ③زەبەرجەد- سارغۇچ يېشىل رەڭلىك قىممەت باھالىق تاش.④ئۇد-ياغىچى پۇراقلىق دەرەخ.

فەررۇخىي①
    فەررۇخىي يەمىنۇد-دەۋلە دەۋرىدە ياشىغان،ئېسىل ئەخلاقى پەزىلىتى تۈپەيلى خېلى كۆپ بايلىققا ئېرىشكەن . ئۇ سەمەرقەند سەپىرىنى ئىختىيار قىلىپ، شەھەرگە يېقىن كەلگەندە، قاراقچىلار ئۇنىڭ بارلىق مۈلكىنى بۇلۇۋالغان.ئۇشەھەرگە كىرىپ ھېچكىمگە تونۇشلۇق بەرمەي، بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ، تۆۋەندىكى قىتەنى يېزىپ قايتىپ كەتكەن:

باشتىن-ئاخىر كەزدىم سەمەرقەندنى مەن ،
نەزىرىمدىن ئۆتتى باغ-راغ،تاغۇ تاش.
دىنارۇ دىرھەمدىن چۆنتىكىم خالىي،
خوشاللىقتىن خالىي بۇ دىلى بىباش②.
جەننەت بېغى، كەۋسەر سۈيى بىرلا دەپ،
شائىرلار، ۋائىزلار سۆزلەر ئاھاڭداش.
مىڭلاپ جەننەت بېغى،مىڭلاپ كەۋسەرنى
بۇ يەرنىڭ بىر كىچىك بېغى ئېتەر پاش.
نازۇ نېمەت ئىچرە بولمىسا پۇلۇڭ،
گويا ئالتۇن تاۋاقتا ياتقان كېسىك باش.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھلار: ①فەررۇخىي-ئەبۇ ھەسەن ئەلى فەررۇخىي سىيىستانىي غەزنەۋىلەر شائىرى بولۇپ،11-ئەسىرنىڭ يىرىك شائىرلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. 1401-يىلى ۋاپات بولغان.② بىباش-ئىتائەتسىز،تىزگىنسىز،سۆزگە كىرمەس.

فىردەۋسىي

فىردەۋسىي تۇس شەھىرىدىندۇر.ئۇنىڭ پەزىلىتى ۋە كامالىتى ھەممىگە مەلۇم، ئۇنىڭ ئۈستىگە <<شاھنامە>>دەك ئەسىرى بار ئادەمنى ماختاش ھاجەتسىز. ئېيتىلىشىچە ،ئۇدېھقانچىلىق بىلەن مەشغۇل بولغان. ئۇ باشقىلارنىڭ زۇلمىغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، ئادالەت ئىزدەپ سۇلتان مەھمۇد پايتەختى –غەزنە شەھىرىگەبېرىپتۇ. ئۇ غەزنە بېغىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىدا، مۇشائىرە ئېيتىشىپ ئولتۇرغان ئۈچ كىشىنى كۆرۈپ قاپتۇ. ئۇلارنى سۇلتاننىڭ مۇلازىملىرى ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىغان فىردەۋسىي ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ھالىنى ئېيتماقچى بوپتۇ. ئۇلار فىردەۋسىينى كۆرۈپ چۆچۈشۈپتۇ ۋە: <<بۇ كىشى بىزنىڭ ئولتۇرۇشىمىزنى بۇزماقچى ئوخشايدۇ>> دەپ ئويلاپتۇ-دە: <<ياخشىسى، ئۇ كەلگەندەبىز پادشاھنىڭ شائىرلىرىمىز، بىز بىلەن پەقەت شائىرلارلا سۆھبەتتەبولالايدۇ،دەيلى ۋە ھەر بىرىمىز بىر مىسرادىن ئۈچ مىسرا شېئىرئېيتايلى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا بىز ئېيتقان شىئېرنىڭ تۆتىنچى مىسراسىنى ئېيتالسىڭىز، سىز بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولىمىز، بولمىسا بىزنى كەچۈرۈڭ، دەپ ئۇنى يولغا سالايلى>> دېيىشىپتۇ.
ئۇلار فىردەۋسىي كېلىشى بىلەنلا كېلىشىۋالغان گەپنى ئېيتىپتۇ.
-قېنى، ئۇنداق بولسا، مىسرالىرىڭىزلارنى ئوقۇغايسىلەر،-دەپتۇ فىردەۋىسي.
شۇنىڭ بىلەن ئۇنسۇرىي ئوقۇپتۇ:

ئايمۇ جامالىڭدەك بولالماس روشەن،

ئارقىدىن ئەسجەدىي ئوقۇپتۇ:

يۇزۇڭ تېڭى گۈلنى تاپالماس گۈلشەن.

ئۇنىڭغا ئۇلاپ فەررۇخىې ئېيتىپتۇ:

كىرپىكىڭ ئوقىدىن تېشىلۇر جەۋشەن①،

فىردەۋسىې بۇ مىسرالارنى ئشىتكەن ھامان بەدىھە قىلىپ دەپتۇ:

گىۋ نەيزەسىن جەڭدە كۆرگەندەك پەشەن.

ئۇلار بۇ مىسرانى ئىشىتىپ ھەيران قىلىشىپتۇ ۋە <<گىۋ ۋە پەشەن>> قىسسىسىنى ئېيتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشىپتۇ.
فىردەۋسىي ئۇ قىسسىنى ئۇلارغا سۆزلەپ بېرىپتۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن فىردەۋسىي سۇلتاننىڭ ئولتۇرۇشىغا قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرشىپتۇ ۋە  ئۇنىڭ دىققەت مەركىزىدىن ئورۇن ئاپتۇ.سۇلتان ئۇنىڭغا:
    -بىزنىڭ ئولتۇرۇشلىرىمىزنى جەننەت قىلدىڭ،-دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىگە <<فىردەۋسىي>> سۇلتاننىڭ ھۇزۇرىغا بىر نەچچە قېتىم كەلگىنىدىن كېيىن،سۇلتان ئۇنىڭغا <<شاھنامە>> يېزىشنى تاپشۇرۇپتۇ. فىردەۋسىي <<شاھنامە>> دىن مىڭ بېيىت يېزىپ، ئۇنى سۇلتاننىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. سۇلتان ئۇنى ماختاپتۇ ھەمدە ئۇنىڭغا مىڭ دىنار قىزىل ئالتۇن ئىنئام قىپتۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن فىردەۋسىي ئوتتۇز يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ <<شاھنامە>>نى تاماملاپ، سۇلتاننىڭ قېشىغا ئېلىپ بېرىپتۇ ۋە باشتا بېرىلگەن ۋەدىگە بىنائەن ئەسەرنىڭ ھەر بىر مىسراغا بىر ئالتۇن دىنار ئېلىش ئۈمىدىدە بوپتۇ. سارايدىكى ھەسەتخورلار ئۇنى كۆرەلمەي: <<بۇ شائىرنىڭ نېمە ئارتۇقچىلىقى بار؟ بۇنچە كۆپ ئىنئام ئۇنىڭ خورىكىنى ئۆستۆرۈپ قويىدۇ>> دېيىشىپتۇ.
سۇلتان ئۇنىڭغا ئاتمىش مىڭ كۈمۈش دىرھەم ھەق بېرىشنى بۇيرۇپتۇ.فىردەۋسىي بۇنىڭدىن بەك رەنجىپتۇ.
     ئېيتىشلارغا قارىغاندا، دىرھەملەرنى ئەكەلگەن چاغدا فىردەۋسىي ھاممامدا ئىكەن. ئۇ ھاممامدىن چىقىپ يىگىرمە مىڭ دىرھەمنى ھاممام خوجايىنغا،  يىگىرمە مىڭ دىرھەمنى بىر نەچچە قاچا ئارپا شارابى ئىچكەنلىكى ئۈچۈن شارابچىغا ، قالغان يىگىرمە مىڭ دىرھەمنى بولسا، ئىنئامنى ئېلىپ كەلگەن مۇلازىملارغا بۆلۈپ بەرگەن ۋە قىرىق بېيىتلىك شىئېر يېزىپ، سۇلتاننى ھەجۋى قىلغان. بۇ ھەجۋىيدە تۆۋەندىكى مىسرالار بار:

شاھلاردىن بولسا ئىدى بۇ شاھقا ئاتا،
كىيگۈزگەن بولاتتى تاجى زەر ماڭا.
ئانىسى بولسا ئىدى ئەگەردە خاندىن،
تىللاغا كۆمەر ئىدى مېنى نەق ساندىن.
ئۇلۇغلار زاتىدىن بولمىغاچ ئۇ شاھ،
ئۇلۇغلار نامىدىن بولار دىل سىياھ②.
ئەگەر ئاچچىق يېمىشلىك كۆچەتنى سەن
جەننەت بېغىغا ئەپ بېرىپ تىكسەڭ،
كەۋسەر سۇيى بەرسەڭ چاڭقىغان مەھەل،
ئوغۇت ئورنىغا بەرسەڭ سەن ھەسەل،
يېتىلگەندە ھوسۇل بېرىدۇ شەكسىز،
ۋە لېكىن يېمىشى بولىدۇ تەمسىز.
تېگى پەسلەرگە ھېچ ئۈمىد باغلىما،
قارا تۈن ئاقارماس، دىلىڭ داغلىما.
جاھانگىرنىڭ نامى بولغىنىدا پاك،
بىلىمدانلار دىلى بولماس ئىدى چاك.

شۇنىڭدىن كېيىن  فىردەۋسىي قېچىپ كېتىپتۇ.ئۇنى ھەر قانچە ئىزدىشىپمۇ تاپالماپتۇ.
    بىر مەزگىلدىن كېيىن ۋەزىر خوجا ھەسەن مەيمەندىي شىكارگاھدا <<شاھنامە>>دىن ئەينى كەيپىياتقا لايىق بىر قانچە بېيىت ئوقۇپتۇ.بۇ بېيىتلار سۇلتانغا ناھايتى يېقىپتۇ-دە،ئۇ:
-بۇ شېئىر كىمنىڭكى؟- دەپ سوراپتۇ.
-فىردەۋسىينىڭ،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ۋەزىر.
   سۇلتان ئۆز قىلمىشىدن پۇشايمان قىپتۇ ۋە فىردەۋسىينىڭ ھەققى بولغان ئاتمىش مىڭ دىنارنى مەخسۇس ئۈستىۋاش بىلەن قوشۇپ تۇس شەھرىگە ئەۋەتىش توغرىلىق يارلىق چۈشۈرۈپتۇ.
   ئەمما شائىرغا ئامەت كۈلۈپ باقماپتۇ. ئېيتىلىشىچە سۇلتاننىڭ ھەدىيىسى تۇس قوۋۇقىدىن كىرىۋاتقان چاغدا، يەنە بىر قوۋۇقتىن فىردەۋسىينىڭ تاۋۇتى چىقىۋاتقانىكەن.
   فىردەۋسىيدىن بىر قىزى قالغانىكەن،ئەھۋالنى ئۇنىڭغا ئېيتىشىپتۇ.ئۇ ئىنئامنى: <<مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا يەتكۈدەك مال-بىساتىم بار، بۇنىڭغا ئېھتىياجىم يوق>> دەپ چىرايلىقچە رەت قىپتۇ.
   سۇلتاننىڭ مۇلازىملىرى بۇ دىنارلارنى شۇ يەردە رابات قۇرۇشقا سەرپ قىپتۇ.

كىشى قەدرىن بىلىش ياخشى،ئېگىلگەن ئاسمانغا باق،
تۇرۇپتۇ ھادىساتتىن ئوق تېرىپ، ئاتماق بولۇر دەمدە.
كېتىپ ئالەمدىن ئول مەھمۇد،يوقالمىش شەۋكەت-شانى،
قەدىرسىز قىلدى شائىرنى،دېگەن گەپ قالدى ئالەمدە.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھلار: ①جەۋشەن-قۇياق،ساۋۇت.②دىل سىياھ-كۆڭۈل غەشلىكى،خاپىلىق.

ناسىر خۇسرەۋ①
خۇسرەۋ ئەنسەرىينىڭ ئوغلى ناسىر خۇسرەۋ شېئىر سەنئىتىگە ماھىر، ھېكمەت ئىلمىدا كامىل ئىدى، ئەمما دەھرىيلىكتە ئەيىپلەنگەنىدى.
ئۇنىڭ <<سەپەرنامە>> ناملىق كىتابى بار.ئۇ كۆپلىگەن مەملىكەتلەردە زىيارەتتە بولغان ۋە ئالىملار بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىنى نەزم قىلىپ يازغان. ئۇنىڭ مونۇ بېيىتلىرىنى ئەينۇلقۇززات② ئۆزىنىڭ <<زۇبدەتۇل- ھەقايىق>> دېگەن كىتابىدا كەلتۈرگەن:

كۆپ ئازاپ چەكتىم مەن بۇلغارىيلاردىن،
شۇ سەۋەپ ئەرزىيدۇ پىغان ئەيلىسەم.
بۇلغارىيلارنىڭ ھەم يوقتۇر گۇناھى،
ئەي خۇدا،پىتنە ئۆزۈڭدىندۇر، راست ئېيتسام.

قورقىمەن ئېيتىشتىن،يوق مەندە ئىمكان.
چىن گۈزەللىرىنىڭ لەۋ-چىشلىرىنى،
كېرەك ئەمەس بۇنچە سۈرەتلەش.
ئۇلارنى كۆرگەندە ھەيرەتتە قېلىپ،
لازىم ئەمەس بارماقنى چىشلەش.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھلار: ①ناسىر خۇسرەۋ-تولۇق ئىسمى ئەبۇموئىنىددىن ناسىر خۇسرەۋ ئەل-قۇبادىيانىي (1004-1088)، پارس-تاجىك شائىرى، مۇتەپەككۇرى. مەھمۇد غەزنەۋى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى مەسئۇد سارىيىدا مىرزىلىق قىلغان. ئۇ يەتتە يىل سەپەر قىلىپ،پۈتكۈل ئوتتۇراۋە يېقىن شەرق مەملىكەتلىرىنى پىيادە كېزىپ چىققان ھەم بۇ توغرىسىدا <<سەپەرنامە>> ناملىق بىر قىزىقارلىق كىتاب يازغان. ②ئەينۇلقۇززات-شائىر ۋە تەسەۋۋۇپچى ئالىم ئەبۇل فەزايىل ئەبدۇللاھ مىيەنجىينىڭ لەقىمى؛ئۇ ھەمەداندا ياشاپ فىقىھ (قانۇنشۇناسلىق) دىن دەرس بەرگەن. <<زۇبدەتۇل -ھەقايىق>> (<<ھەقىقەتلەرقايمىقى>>) ناملىق كىتاپ يازغان؛ 1139-يىلى كۇپپارلىقتا ئەيىپلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

ئەمىر مۇئىززىي①
مۇئىززىي سۇلتان سەنجەر ئىبنى مەلىكشاھ دەۋرىدە ياشىغان ۋە ئۇنىڭغا مەدھىيىلەر يازغان. مۇئىززىي تەخەللۇسىمۇ سەنجەر نامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مۇئىززىي ئېرىشكەن شۆھرەتكە ۋە يېتىشكەن ئالىي دەرىجىگە پەقەت بىر نەچچە شائىرلا ئېرىشكەن.
   پەقەت ئۈچ شائىرلا ئۈچ دۆلەت سايىسدە بەختۇئىقبال تاپقان، دېيىشىدۇ: بىرى رۇداكي،سامانىيلار دۆلىتىدە؛ ئىككىنچىسى ئۇنسۇرىي، مەھمۇد دۆلىتىدە؛ ئۈچىنچىسى مۇئىززىي، سەنجەر دۆلىتىدە.
     مۇئىززىي تۆۋەندىكى سەۋەپ تۈپەيلى قازا قىلغانىدى:
بىر كۈنى سۇلتان چىدىرىدىن چىقماي تۇرۇپ ئوق ئاتقان ئىدى، ئۇ ئوق تاشقىرىدا تۇرغان مۇئىززىيغا خاتا تېگىپ كەتتى، شائىر شۇ زامان جان بەردى.
تۆۋەندىكى بىر نەچچە بېيىت ئۇنىڭ ئەرەپ شائىرلىرىغا تەقلىد قىلىپ يازغان قەسىدىلىرىدىندۇر:

ئەي تۆگىچى، توختىمىغىل تا كەلمەي يار مەنزىلى،
ۋەيرانىسى ئۆزرە تۇرۇپ ،ۋەيران بولۇر ئاشىق دىلى.
ئاستانىسىن خۇن قىلۇر،ۋەيرانىسىن جەيھۇن② قىلۇر،
تۇپراقلارىن گۈلگۈن قىلۇر كۆزۈمدىن ئاققان خۇن سېلى.

يارنىڭ قىزىل مەڭزىدىن ھەم لەۋلىرى خەندانىدىن،
سەرۋقامىتى جەۋلانىدىن ئايرىلدىمۇ بوستان گۈلى.
بۇندا تۇرۇردى دىلىستان ،دوستلارغا تولغان بوستان،
ئەمدى بۆرىلەرگە ماكان يا قاغىلارنىڭ مەنزىلى.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھلار: ①ئەمىرمۇئىززىي-سەلچۇقىيلار دەۋرىدە ياشىغان يىرىك شائىر؛ سەنجەر(1118-1157)دەۋرىدە ئۇ شائىرلار ئەمىرى ئۈنۋانىنى ئالغان؛ ۋاپات بولغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس، مەنبەلەردە 1126-1147-يىللار دېيىلىدۇ. ②جەيھۇن- ئامۇ دەرياسىنىڭ قەدىمكى ناملىرىدىن بىرى، ئومۇمەن ھەر قانداق دەريا.

ئەدىب سابىر تېرمىزىي①
ئەدىب سابىر تېرمىزىي شېرىن سۆزلۈك شائىر ھەم دانا ئالىم. ئۇنىڭ شېئىرلىرى جەزىبدارلىق ۋە گۈزەللىكتە كامالەتكە يەتكەن، پازىل شائىرلارئۇنىڭ سۆز سەنئىتىگە قايىل بولوشقان. مەسىلەن، ئەنۋەرىي② ئۆز كامالتىنى سىناپ ئۆتكەن بىر قىتئەسى ئاخىرىدا سابىرنى ئۆزىدىن ئۈستۈن قويۇپ، مۇنداق دەيدۇ:

بارچىسىن قوي، تازا شېئىرىم بىرلەن كەلگەنمەن ھامان،
گەرچە سابىر بولمىساممۇ،مەن سەنايى تائىپە.

تۆۋەندىكىلەر سابىر شېئىرلىرىدىن نەمۇنە:

ئاي يۈزۈڭ جەنننەتتۇر،لېۋىڭ سەلسەبىل③،
جەننەت، سەلسەبىلىڭ ئۈچۈن جان سەبىل④.
ئىشقىڭدا دىل تائەت قىلىپ بىلدىكىم،
تائەتتىن مۇرادى:جەننەت،سەلسەبىل.
  يۈزۈڭ شولىسىدىن زۆھرە قامىشۇر،
قۇياش جامالىڭدىن بولىدۇ خىجىل.
سەندە باغدادھۆسنى،مىسىر جامالى،
باغداد ھۈسنى دەجلە،مىسىرنىڭكى نىل.
ھېجرانىڭ يۇكىدىن قەددىم بولدى دال⑤،
ئىشقىڭ يارىسىدىن يۈزلىرىمدە نىل⑥.

دۆلەت قۇرالىدۇر دۈۋەت، ئەي ئوغلۇم،
بىباش بۇ دۆلەت ئۇ بىلەن رام بولسۇن.
دۈۋەتنى  گەر دۆلەت قىلماق ئىستىسەڭ،
ئەلىفىگە⑦سىزىق قوش،تاكى لام⑧ بولسۇن.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھلار: ①ئەدىب سابىر تېرمىزىي-شاھابىددىن ئىبنى ئىسمائىل(1078-1147)-شائىر،ئاترونومىيە ۋە ماتىماتكا ئىلىملىرى بىلەن شوغۇللانغان. ②ئەنۋەرىي-ئەۋھەدىددىن مۇھەممەد ئەنۋەرىي 12-ئەسرنىڭ بۈيۈك شائىرى بولۇپ، قەسىدىچىلىكتە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇراتتى. ئەمما ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا شېئىرىيەتنىڭ بۇ تۈرىنى ۋە ساراي شائىرىلىقىنى قارىلىغان.1169-يىلى ۋاپات بولغان.③سەلسەبىل-جەننەت بۇلىقى.④ سەبىل-پىدا،بېغىشلىماق،قۇربان قىلماق. ⑤دال-<<د>> ھەرپىنىڭ ئەرەپچە نامى؛ بۇ يەردە<<قەددىم يادەك ئېگىلدى،پۈكۈلدى>> مەنىسىدە. ⑥نىل-كۆك رەڭ؛ بۇ يەردە <<ئىشقىڭ يارىسىدىن يۈزلىرىم سارغىيىپ كۆكۈرۈپ كەتتى>> مەنىسىدە. ⑦ئەلىف-<<ا>> ھەرپىنىڭ ئەرەپچە نامى. ⑧لام-<<ل>> ھەرپىنىڭ ئەرەپچە نامى.

ئەنۋەرىي
ئەنۋەرىي دانا ۋە پازىل كامالەت ئېگىسى . شېئىرلىرىنىڭ ھۆسنۈ كامالى ۋە نەزمىلىرىنىڭ لۇتفۇ جامالى ئۇنىڭ پەزىلەتلىرىدىن پەقەت بىر تامچىلا، خالاس.ئۇنىڭ شېئىرلىرى مەشھۇر بولۇپ ، توپلام قىلىنغاندۇر. ئۇ تۆۋەندىكى قىتئەنى  نەمۇنە قىلىپ يازغاندۇر:

كېچە بىر شائىر دېدى: <<يازماقتىدۇرسەنمۇ غەزەل؟>>
مەن دېدىم: <<قول شىلتىدىم مەدھىدىن ھەم، ھەجۋىيدىن ھەم>>.
ئۇ دېدى: <<نەچۈن؟>> دېدىم: <<ئازغۇنلۇق ئىكەن ھەممىسى،
ئۆتتى ئازغۇنلۇق، بۇ تەبىئكە قايتا كەلمەيدۇ ھېچ ھەم،
ھەم غەزەل، ھەم مەدھۇ ھەجۋىيات يازاردىم شۇل ئۈچۈن،
كى غەزەپ ئۈستىگە ھېرىس- شەھۋەت بەرى بولغاندا زەم①.
قىستار ئىدى تۈنلىرى شەھۋەت  ئىتى ياز-ياز دېبان،
ئول شەكەر لەۋب ۋەسفىنى قەددى بەلەند زۇلفى ھەم.
ھېرىس بولسا كۈنلەر بويى بەرمەستى ئارام بىر نەپەس>>،
دەردى: <<قايدىن بولسا ھەم تاپماق كېرەكتۇربەش دىرەم>>.
نەق قۇترىغان ئىت كەبى كۆڭلۈم ئارا ھېرىسۇ غەزەپ،
ئىستىدى كىم دۇنيادا بۇنى، بولغۇسى پەس ۋە كەم.
ئاخىرى بۇ ئۈچ ئىت دەستىدىن ئىلاھىم ئەتتى خالاس،
بۇ مەن ئاڭسىز بەندىگە مېھرۇ ھېدايەت ھەم كەرەم.
ھەجۋىيات،مەدھۇ غەزەللەرنى يېزىپ،(ئاللاكۆچۇر)،
كۆپ كىشىگە قىلدىم جاپا،ئاقىللارغا زور سىتەم.
ئەنۋەرىي، لاپ ئۇرماق ئەمەس مەردكە ئادەت ھېچ مەھەل،
لاپ ئۇرۇشتىن ياندىڭمۇ، ئەمدى مەرد بول،قويغىل قەدەم.
ئۆمرۈڭ نىجاتىن ئىزدىگىل ئەمدى بىر يۇلۇڭ تېپىپ،
كۆپ ئۇزاق بارمايدۇ ئۆمۈر، ئۇ پەقەت ئۈچ –تۆتلا دەم...

رىۋايەت قىلىنىشچە ،كىشلەرغورھاكىمغا ئەنۋەرېي سېنىڭ توغراڭدا ھەجىۋىي يازدى،دەپ خەۋەر يەتكۈزۈپتۇ. غور ھاكىمى ھىرات ھاكىمغا ئەنۋەرىگە مېھرىبانلىق يەتكۈزىدىغانلىقن ئىزھار قىلىپ ئۇنى ئۆز ھوزۇرۇغا ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىپ ، مەكتۇپ يوللااپتۇ . ئەسلىدە  غور ھاكىمى ئەنۋەرېيدىن ھەجىۋىي يازغانلىىقى ئۈچۈن ئۆچ ئالماقچى بولغانكەن . ھىرات ھاكمى بۇ ئشنى ئەنۋەرىيگە ئوچۇق دېمەستىن ، ئۇنىڭغا غور ھاكىمنىڭ ئىلتىماسى توغرېسىدا مەكتۇپ يوللاپ، تۆۋەندىكى تۆتلۈكنى مەكتۇپقا قىستۇرۇپ قويوپتۇ :                                    

بۇ ھايات ئەسلىدە شۇنداق سۆز دەيدۇ :
<<ھەر ئشىمدا مۇدھىش،كۇچ –قۇدىرىتىم بار .
كۆز يېشى تۆكمەكتۇر ئشلىرىم مېنىڭ ،
كۈلگىنىمدە ياشىرىپ تۇرسىمۇ باھار >>.

زېرەك شائىر بۇ شېىرنىىڭ تېگىگە يېتىپتۇ –دە، غور ھاكىمنىىڭ ھۇزۇرۇرۇغا بارماسلىققا بىر باھانە تېپىپتۇ .ھىرات ھاكىمى بۇ باھانە بېلەن غۇر ھاكىمىنىڭ تەلېپىنى رەت قىپتۇ .
كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي غور ھاكىمى ھىرات ھاكىمىغا يەنە بىر مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنىڭدىن ئەنۋەرېينى ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ ھەم بۇنىڭ ھەققى ئۈچۈن مىڭ تۇياق قوي بېرىشكە ۋەدە قىپتۇ .شۇنىڭ  بىلەن ھىرات ھاكىمى ئەنۋەرىيگە ئادەم ئەۋەتىپ، مۇنداق دەپتۇ :
-ئەمدى سەن خالىساڭ-خالمىساڭ ، غورغا بېرىشىڭ كېرەك. چۈنكى ، غور ھاكىمى سېنىڭ ھەققىڭ ئۈچۈن ماڭا مىڭ تۇياق قوي بېرىشكە ۋەدە قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن ئەنۋەرىي ھاكىم ھوزۇرىغا كېلىپ:
ئەي شاھىم، ئەجەبا سېلى باشقا بىر ھۆكۈمدار مىڭ تۇياق قوي باھا قويغان كىشىنىڭ ئۆز ھوزۇرلىرىدا ھەقسىز خىزمەت قىلىشنى خالىمامدىلا؟!رۇخسەت قىلسىلا، تاكى ئۆمرۇم ئاخىرىغىچە يېقىنلىرى ئارىسىدا سىلىگە ساداقەت كۆرسىتىپ، خىزمەتلىرىدە بولاي ۋە ھەر بىر قەدەملىرىنى ماختاپ سۆز جاۋاھىرلىرىنى چاچاي،-دەپتۇ.
بۇ سۆزلەر ھىرات ھاكىمغا بەك يېقىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇشائىرنى ئۆز يېنىدا ئېلىپ قاپتۇ.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھ: ①زەم-قوشۇلماق،قېتىلماق.

رەشىدىددىن ۋەتۋات①
ئۇ ماۋەرائۇننەھر شائىرلىرىدىندۇر. ئۆزدەۋرى شائىرلىرىغا يېتەكچى ئىدى. شېئىر سەنئىتى توغرىسىدا <<ھەدائىق  ئۇس –سېھر>> (<<سېھىر باغلىرى>>) كىتابىنى يازغان . ئۇ بىر ۋەزىرگە قارىتاشۇنداق دېگەن :

سەن ۋەزىرسەن، مەن سېنىڭ مەدداھىڭ،
سوۋغىسىز بوش قولۇم ساڭىمۇ راۋا .
ۋەزىرلىكىڭ ماڭا تاپشۇرۇپ كۆرچۇ،
نە بولۇر كۆرۇرسەن شائىرغا ئاتا.

تۆۋەندىكى ئىككى روبائىينىمۇ ئۇ يازغان:

يۈزلىرىڭ يادىدا يۈرىمەن نالان②،
سەن خەۋەرسىز، كېزىپ چىقتىمغۇ جاھان .
بارچىدىن قول ئۈزدۈم سەنسىز ،ئەي جانان،
ئۆتكەن ئۆمۈر ئۆتەر باشقىسىز ئاسان.

كۆزلىرىمدە دائىم دوستۇم سۈرىتى،
دوست سۈرىتى ئەمەسمۇ كۆزۈم دۆلىتى.
ئاجرىتىپ بولمايدۇدوستنى كۆزلەردىن،
بىلمەيمەن كۆزمۇ بۇ يا دوست نېمىتى؟

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھلار: ①رەشىددىن ۋەتۋات-ئەسلىي ئىسىم شەرىپى: مۇھەممەد بىن ئەبدۇلجەلال ئەل-ئۇمەرىي (1087- 1183- 1177)؛ تەخەللۇسى: ۋەتۋات-شەپەرەڭ؛ئەدىبنىڭ جۇغى كىچىك بولغاچقا، شۇنداق ئاتالغان؛ شائىر، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم. ②نالان-نالە،پىغان.

ئەفزەلىددىن خاقانىي①
   ئەفزەلىددىن خاقانىي شېىئر سەنئىتىدە كامالەتكە يەتكەنلىكى ئۈچۈن ، <<ئەجەم ھەسەنى②>> دېگەن نامغائېرىشكەن. ئۇنىڭ شېئىرىي ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇنىڭدەك شېئىر يازغانلار ئازدۇر.
ئۇ نەسھەت ۋە ھېكمەتتە ھەكىم سەنائىي يولىدىن ماڭغان. مەنىلەر بابىدا ئۆز دەۋرداشلىرىدىن ئۈستۈن تۇراتتى. ئۇ ئۆزى توغرىسىدا ئىپتىخار بىلەن مۇنۇ قىتئەنى يازغان:

مېنىڭدەك شائىر بارمۇ، يايدىم داستىخان،
ئۇۋاق تېرۇر ئۇنسۇرىي ۋە پىرى رۇداك.
نامىم ئۆچمەس ئەسىرلەر دانالىق بىلەن،
ھېكمەتتىن بايلىقىم كۆپ،ھېرىس يوقتۇر ئۇنداق.

ئۇنى تەرىپلەپ رەشىدىددىن ۋەتۋات مۇنداق دەيدۇ:

ئەي شەرەپ ئاسمىنىنىڭ قۇياشى-ماھى③.
ئەي پەزىلەت تەختىنىڭ شەۋكەتى –شاھى،
ئەازەلىددىن ئۆزۈڭ سەن پەزل يۆلەنچى،
ھەر سۆزۈڭ ئىماننىڭ تەكىيە-تايانچى.

تۆۋەندىكى تۆتلۈكمۇ ئۇنىڭ قىتئەلىرىدىندۇر:

گۈزەللەرگە بەرمە كۆڭۈل،خاقانىي،
بۇندىن ئەقىل خىرەلىشۇر بىگۇمان.
گۈزەللەرنىڭ چېھرى گويا بىر كۆزگۈ،
يۈزى يورۇق، قاپقارادۇر ئول تامان.

  ئۇنىڭ <<يۇھاەتۇل-ئىراقەين>> (<<ئىككى ئىراق تۆھپىسى>>) ناملىق  مەسنەۋىسىمۇ بار.
تۆۋەندىكى بىر نەچچەبېيىت شۇ مەسنەۋىنىڭ باشلىنىشىدۇر:

غەمكىن تىكىلىمىز دۇنيا ئىشىغا،
دائىرە بىلەن كۆك گۈمبەزخان بۇندا.
گۈمبەز ۋە دائىرە تا ئۆز جايىدە،
جايىدائۆمۈر رەمزى تەرتىپ- قائىدە.
شۇلار گەدىنىدە ئەجەپ بىر پەرمان،
دائىرە جايىدا ئايلىنۇر ئاسمان.
ئەجەپ ھالەت كېلەر كېچە يا كۈندۈز،
بۇلاردىن تۇغۇلار تۈن ياكى كۈندۈز.
ۋاقتى يەتتى،كەلسە ۋاقىتنىڭ ئاخىرى،
ئاخىر ئېلىپ كەتسە يوقلۇق ئەمىرى.
ۋاقتى كېلىپ، تۆت ھاممال بىرمۇ-بىر
تەختىراۋانلىرىن قويسا گەر ئاخىر،
ۋاقتى كېلىپ،يۇلتۇز ئۇلاغلىرى ھەم
تۇياق-تاقىلىرىن تاشلىسا باھەم④.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھلار: ①ئەفزەلىددىن خاقانىي-تولۇق ئىسىم-شەرىپى: ئەفزەلىددىن بەدىل ئىبنى ئەلى(1120-1199)،ئەزەربەيجان شائىرى، پارس تىلىدا ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب بىلەن غەزەل، قەسىدە ۋە مەسنەۋى يازغان.② ئەجەم ھەسەنى-پارس،ئىران گۈزىلى مەنىسىدە.③ ماھ-ئاي.④ باھەم-بىرلىكتە، بىللىلىكتە، ئورتاق.

فەخرجورقانىي①
ئۇ ئۆزدەۋرىنىڭ ئەڭ پازىل ۋە ھۆرمەتلىك كىشىلىرىدىن بىرى.ئۇنىڭ كامالىتى، شېئىرىيەتتىكى ماھارىتى ھەم ھازىر جاۋابلىقنىڭ نامايەندىسى <<ۋىس ۋە رامىن>> ناملىق داستانىدۇر. ھازىر بۇ كىتاپ ئېتىبارلىق بولۇپ، كەمدىن-كەم تېپىلىدۇ. مونۇ بېيىتلار شۇ كىتابتىن سۈزۈپ ئېلىنغاندۇر:

ئالەمنى بىلگەنلەر دەيدۇرلار چۇنان،
جەڭنى چەتتە تۇرۇپ كۆرمەكلىك ئاسان.

ئاشۇ ئالتۇن قاچا كېرەكمەس ماڭا،
ئەگەر ياۋلار قېنىم سالماق بولسا ئاڭا.

يىلاننىڭ بالىسى يىلاندۇر،يىلان،
زەئىپ شاختىن يامان مېۋىدۇر نىشان.

سەپەر ئاسان ئېرۇر ساقلىقتا ھەر ۋاق،
زەئىپ بىمارلىقتا نېچۈك بولۇر،باق.

نەرگىس گۈلى كۆزگە كۆرۇنۈر گۈزەل،
ئەمما ئاچچىق قاتىل چاينىغان مەھەل.

گۇناھ ئەلدىن يوشۇرماق، جىم ئولتۇرماق،
ئەمما ئۇندىن يامان يالغان سۆزلىمەك.

خان-خاقان گوياكى ئوت-يانغىن ئوخشاش.
يانغىن كەبى سوزۇدۇ ئۇ باش.

شىجائەتتە ئەگەر شىر،كۈچتە بولساڭ پىل،
كۆيدۇرگۇسى، يالقۇنغا تاشلانمادادىل.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھ: ①فەخر جورجانىي-فەخرىددىن ئەسەد گورگانىي،11-ئەسىر شائىرى.

نىزامىي①
نىزامىي گەنجىلىكتۇر.ئۇنىڭ كامالىتى ۋە پەزىلىتى رۆشەنكى، شەرھلەش ھاجەت ئەمەستۇر. <<بەش خەزىنە>> ناملىق كىتابىدائېرىشكەن نازاكىتى ۋە لاتاپىتى ئۇنىڭدىن باشقا ھىچكىمگە نېسىپ بولمىغان، بەلكى ئومومەن ئادەمزات قۇدرىتىدىن تاشقىرىدۇر. بۇ كىتاپتىن باشقىمۇ شېئىرلىرى بار، دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ. مۇنۇ غەزەل شۇلار جۈملىسىدىندۇر:

زەھمەتى دانىلىرى بۇغداي يۈزى ئايدىندۇر،
تۈن بويى رەڭگىم سامانۇ دىل ئۆزە تولغان قاندۇر.
سۇنبۇل ئۈستىدە پىشىپتۇر ئۇشبۇ بۇغداي دانىسى،
باشىقى كەمتەرىنۇ سۇنبۇللار ئاسمانىدۇر.
مەن زادى تېتىمىدىم بۇغدايىنى، سەۋرىم يەپ،
كۈتىمەن ئەمدى قوغلانماق بۇ بېھىشتىن،راستتۇر.
ئىككى زۇلفى② تارازىسىدا خال ئارپا دېسەم،
يەنە بۇغداي تىلەيمەن، بەسكى سۆزۈم مەۋزۇندۇر③،
غەمىدىن قەلبىم ئېرۇر مىسلى پۇچۇق بۇغدايدەك،
ئەي نىزامىي،قايغۇدىن ئارپا بولۇشۇم مۇمكىندۇر.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھلار: ①نىزامىيگنجىۋى-ئەسلىي ئىسىم شەرىپى-ئەبۇ مۇھەممەد ئىلياس ئىبنى يۈسۈف ئىبنى زەكىي مۇئەييەد (1141-1209)، ئۇلۇغ ئەزەربەيجان شائىرى ۋە مەرىپەتپەرۋەرى، پارس تىلىدا ئىجاد قىلغان، خەمىسىچىلىكنىڭ باشلامچىسى.ئۇنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك غايىلىرى ئۆزىدىن كېيىنكى شائىرلار ئىجادىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن.② زۇلف- چاچ،ئۆرۈم چاچ.③مەۋزۇن-كېلىشكەن، خۇش پىچىم، خۇش قامەت.

سەلمان ساۋەجىي①
سەلمان ساۋەجىي ئىپادە ۋە ئىشارىدە تەڭداشسىز،گۈزەل سۆزلۈك شائىر. ئۇ ئۇستازلارنىڭ قەسىدىلىرىگە جاۋابەن قەسىدىلەر يازغان. ئۇ قەسىدىلەرنىڭ بەزىلىرى ئۇستازلارنىڭكىدىن ئېشىپ چۈشكەن، بەزىلىرى ئۇلارنىڭكىگە يەتمەيدۇ. بەزىلىرى تەڭ كېلىدۇ.ئۇ قەسىدىلەردە ئۆزگىچە ئىپادىلەر ۋە ئوبرازلار ناھايتى كۆپ. سەلمان ساۋەجىينىڭ ئۇستازلاردىن، بولۇپمۇ كەمال ئىسمائىلدىن ئالغان ئوبرازلىرىمۇ كۆپ. ئەمما، بۇنىڭ ئۈچۈن شائىرغا نوقسان يەتكۈزگىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئوبرازلار ساۋەجىي شېئىرلىرىدا شەكىل جەھەتتىن تېخىمۇ گۈزەل ۋە ئۇسلۇپ جەھەتتىن تېخىمۇ يېقىملىق بولغان.

ياخشى مەزمۇن-پاك بەدەننىڭ شاھىتى،
ھەرقېتىم ئۆزگە لىباس كەيسە ھەم.
ئار كەلتۈرەر ئۇنىڭغا ئەسكىرىگەن كېيىم،
مەزمۇنىغا يارىشا كېيىم بەر ھەردەم.
ھۈنەر شۇكى،كونا چەكمەن-لىباسنى،
يېشىپ،كېيدۈرەلسەڭ شاھى بەقەسەم.

ئۇنىڭ ئىككى مەسنەۋى كىتابى بار؛ بىرى <<جەمشىد ۋە خۇرشىد>> بولۇپ، ئۇ ھەددىدىن زىيادە تەكەللۇپىۋى ئۇسلۇبىدا يېزىلغاچقا، بەدىئى ئەدەبىيات چىگرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن. ئىككىنچىسى <<پىراقنامە>> دېگەن داستان بولۇپ، بەدىئىيلىكى يۇقىرى ۋە مىسرالىرى گۈزەلدۇر. ئۇنىڭ غەزەللىرىمۇ بەدەئىي سەنئىتى يۇقىرى بولۇپ، دىلغا ياقىدۇ. ئەمما، غەزەلدىن مەقسەت ئىشىق-مۇھەببەت تۇيغۇلىرىنى ئىپادە قىلىشتۇر، ئۇنىڭ غەزەللىرى بۇنىڭدىن خالىي بولغانلىقتىن، زەۋق ئەھلىنىڭ دىتىغا ياقمايدۇ. ئۇنىڭ قىتئەلىرىدىن بىرى بۇدۇر:

ئەي دىل، ھېرىس قۇچاقىن بولماس تولدۇرۇپ،
ئوتتۇرى بوش<<تەمە..سۆزىگە لەنەت.
ئەزىزىم،دەرۋىشلىك ئىشىكىنى قاق،
تەمە خارلىق بېرەر،قانائەت ئىززەت.
باي ئايىغى تېيىپ كەتسە،كۆپ ئېغىر،
دەرۋىش سائادەتىن بىلگىل قانائەت.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھ: ①سەلمان ساۋەجىي-(1300-1375)، شېئىرىيەتتە كامالەتكە يەتكەن، فورمالىستىك قەسىدىلەرنى يازغان پارس شائىرى. ئۇ بىر قانچە داستان يازغان بولۇپ، <<جەمشىد ۋە خۇرشىد>> شۇلار جۈملىسىدىندۇر.

شەيخ سەئدىي شىرازىي①
ئۇنىڭ ئېتى مۇسلىھىددىن، <<سەئدىي>>تەخەللۇسى ئۇنىڭ ھامىيسى نامىدىن ئېلىنغان.ئۇ غەزەلگۇي شائىرلارنىڭ يېتەكچىسىدۇر.ئۇنىڭغىچە ھىچكىم غەزەلنى ئۇنىڭدەك يازمىغان.ئۇنىڭ سۆزلىرى ھەممەتائىپىدىكىلەرگە يارايدۇ.ئۇ ھەققىدە بىر شائىر مونۇ مىسرالارنى يازغان ۋە ھەقىقەتەن ئىنساپ گۆھېرىنى تىزغانىدى:
شېئىر ئالىمىدە پەيغەمبەر ئۈچلا،
گەرچە <<لانەبىييە بەئدىي②>>.
داستان،قەسىدە ۋە غەزەلدە
بار فىردەۋسىي،ئەنۋەرىي،سەئدىي.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھلار: ①شەيخ سەئدىي شىرازىي-تولۇق ئىسىم-شەرىپى:مۇسلىھىددىن ئەبۇ مۇھەممەدئەبدۇللاھ ئىبنى مۇشەررىفىدىن (1210-1203ــ 1292)پارسگۇي شائىر، ئەدىب ۋە مۇتەپەككۇر، مەدرىسىدىكى ئوقۇشنى تۈگەتكەندىن كېيىن،20 يىللىق ساياھىتىنى باشلاپ، بەزىدە ئۇلاغلىق، بەزىدە پىيادە يول يۈرۈپ، كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلى، مىسىر، خۇراسان، ھىندىستان، جۈملىدىن قەشقەر قاتارلىق يەرلەرنى كېزىپ چىققان. پارس-تاجىك ئەدەبىياتىدا سەئدىينىڭ ئورنى ناھايتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇ غەزەلنى مۇستەقىل ژانىر دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن. ئۇنىڭ <<تۆت دىۋان>>دىن ئىبارەت غەزەللىرى بار. ئۇنىڭ بولۇپمۇ <<بوستان>>(<<سەئدىينامە>>،1257)ۋە <<گۈلىستان>>(1258) ناملىق ئەسەرلىرى داڭلىق بولۇپ، كۆپ تىللارغا جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.② <<لانەبىيە بەئدىي>>ــ <<مېنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر كەلمەيدۇ>>، بۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدۇر.

ھافىز شرازىي①
شائىرلارنىڭ يولباشچىسى ھافىز شرازىينىڭ كۆپلىگەن شېئىرلىرى ناھايتى گۈزەل ۋە تەبىئىي، بەزىلىرى بولسا مۆجىزىگە يېقىن. راۋانلىقتاۋە يارقىنلىقتا زەھىرىي قەسىدىلىرى باشقىلارنىڭ قەسىدىلىرىدىن ئېشىپ چۈشكەندەك، ھافىز غەزەللىرىمۇ باشقىلارنىڭ غەزەللىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرىي زەۋقى نىزارىي كۇھىستانىينىڭ② بەدىئىي زەۋقىگە توغرا كېلىدۇ. ئەمما، نىزارىي شېئىرلىرى ھافىز شېئىرلىرىدىن پەرقلىق بولۇپ، ئۇلاردا پەزىلەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە كەمچىلىكلەرمۇ بار.
ھافىز شېئىرلىرى سۈنئىيلىكتىن خالىي بولغانلىقى ئۈچۈن،ئۇنىڭغا <<لىسانۇل-غەيب>>(<<غايىبنىڭ تىلى>>) دېگەن نام بېرىلگەن.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھلار: ①ھافىز شىرازىي ــ ئەسلىي ئىسىم-شەرىپى:شەمسۇددىن مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد (1389-1326)،پارس شائىرى،جاھان ئەدەبىياتى تارىخىدىكى بۈيۈك لېرىك شائىرلاردىن بىرى.ئۇ غەزەل ژانىرىدا ھىچكىم يېتەلمىگەن يۈكسەك چوققىغا يەتكەن.ئۇنىڭ بىر لېرىك شېئىرلار دىۋانى ساقلىنىپ قالغان.② نىزارىي كۇھىستانىي  ــ 1247ــ 1320-يىللاردا ياشاپ ئكتكەن ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللانغان شائىر. ئۇنىڭدىن كۆپلىگەن لېرىك شېئىر ۋە ئۈچ پارچە داستان قالغان.

كەمال خوجەندىي①
شەيخ كەمال خوجەندىي گۈزەل سۆزلۈكلۈكى ۋە مەنە ئىپادىلەشتىكى دانالىقى بىلەن تەسەۋۋۇر قىلغۇسىزيۈكسەك دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەن. ئەمما، ئۇنىڭ شېئىرلىرى مۇبالىغە چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلى، كېلەڭسىزرەك ۋە ئېنىقسىزراق ھەم ئىشقى-مۇھەببەتتىن مۇستەسنا.
   ئۇنىڭ شېئىرلىرى ھېكمەتلىك سۆزگە باي،ۋەزنى راۋان،ئۇلاردىكى قاپيىلەر ۋە رادىفلار كەم ئۇچرايدۇ.
   ئۇ ھەسەن دېھلىۋىنىڭ② ئىزىدىن ماڭغان،ئەممما ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكىگە ئوخشاش گۈزەل مەنىلەر ھەسەن شېئىرلىرىدا يوقتۇر. ئۇنى <<ھەسەن ئوغرىسى>> دەپ ئاتاشنىڭ سەۋەبى شۇ ئىزداشلىقتىن بولسا كېرەك. ئۇنىڭ بەزى دىۋانلىرىدا مونۇ بېيىت ئۇچرايدۇ:

رەھنامىلىقتا مېنى تۇتمىدى ھىچكىم،
ئەمما مەلۇم بولدى،ھەسەن ئوغرىسىمەن.③

   شەيخ كەمال ۋە ھافىز سۆبىتىگە مۇشەررەپ بولغان ئارىفلار: <<شەيىخنىڭ سۆھبىتى شېئىرلىرىدىن ياخشىراق ئىدى؛ ھافىزنىڭ شېئىرلىرى بولسا، ئۇنىڭ سۆھبىتىدىن ياخشىراق>> دېيىشىدۇ.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھلار: ①كەمال خوجەندىي ــ ئىسىم-شەرىپى:كەمالىددىن-مەسئۇد(1321-1401)،پارس-تاجىك شائىرى. ئۇ ئاسالىقى غەزەللىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان.ئەلىشىر نەۋائىي ئۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىپ، ئۇنى سەئدىي، خۇسرەۋ دېھلىۋى، سەلمان ساۋەجىيلەربىلەن بىر قاتارغا قويغان. ② ھەسەن دېھلىۋى (1253-1327) ــ ھىندىستانلىق پارسگۇي شائىر؛ باشتا ھۆر پىكىرلىك شېئىرلار يازغان بولسىمۇ، كېيىن سوپىلىقنىڭ چىشتىيە تەرىقىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان؛ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە سەئدىينىڭ كۈچلۈك تەسىرى سېزىلىدۇ؛ئۇنىڭغا غەزەللىرى كۆپرەك شۆھرەت كەلتۈرگەن. ③ھەسەن ئوغرىسىمەن ــ بۇ ئىبارىگە <<مەن گۈزەللىك ئوغرىسىمەن>>، <<مەن ياخشىلىق ئوغرىسىمەن ئوغرىسىمەن>> مەنىلىرىنىمۇ بېرىشكە بولىدۇ.

خۇسرەۋ دېھلىۋى①
   ئەمىر خۇسرەۋ دېھلىۋى قەسىدە، غەزەل، مەسنەۋىلەر يازغان،ھەممىسىدە كامالەتكە يەتكەن. ئۇ خاقانىينىڭ ئىزىدىن ماڭغان. قەسىدىدە خاقانىيغا يېتەلمىگەن، ئەمما غەزەلدە ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشكەن. ئۇنىڭ غەزەللىرىدىكى مەنىلەر روشەن ۋە ئىشق-مۇھەببەت ئەھلىنىڭ زەۋقى ۋە ۋىجدانىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. <<ئۇنىڭ خەمىسە>>سىگە كىرگەن مەسنەۋىلىرىدىن باشقا داستانلىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇلار تەبىئىي ۋە ماھىرلىق بىلەن يېزىلغان.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھلار:①خۇسرەۋ دېھلىۋى ــ ئەسلىي ئىسمى: يەمىنىددىن ئەبدۇلھەسەن (1253-1325)، پارىس-تاجىك شائىرى، ئەدەبىياتشۇناس، كومپوزىتور. ئۇنىزامىي گەنجىۋىيدىن كېيىن خەمىسە يېزىپ،خەمىسىچىلىكنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان؛ غەزەلدىمۇ يۈكسەك ماھارەت كۆرسىتىپ، <<ھىندى سېھرىگىرى>> نامىنى ئالغان؛ تۇنجى بولۇپ تارىخى داستان يازغان؛ ئۆز ھاياتىدا يازغان شېئىرى ئەسەرلىرىنى ئۆمۈر پەسىللىرى بويىچە بۆلۈپ بەش دىۋان تۈزۈپ، شەرق ئەدەبىياتىدا دىۋان تۈزۈش ئەنئەنىسىنى باشلاپ بەرگەن.

ئارىف ھەرەۋىي①
ئۇ <<گۇي ۋە چەۋگەن>> مۇنازىرىسىنىڭ مۇئەللىپى. تولىمۇ ماھىرلىق بىلەن يېزىلغان بۇ مۇنازىرىدىكى ئات توغرىسىدا يېزىلغان مىسرالار مونۇلار:

كۆك گۈمبىزىنى باسقىنىدا چاڭ،
توپتەك سەكرىتىپ ئات چېپىپتۇ دەڭ.
ھەرقېتىم ھەم تەرگە بولغىنىدا غەرق،
يامغۇر قۇيار ئىدى ئارىدا بەرق.
تاقىسىدىن ئوت-ئۇچقۇن چاچاردى،
پۇشقۇرسا، دېمىدىن بوران چىقاردى.
توپ تۆپىسىدە ئايلانغان زامان،
يانغىن تۈتۈنىدىن كۆتۈرەر توزان.
ياۋ بىلەن ئېلىشماققا كىرىشسە ئەگەر،
يۈز بوران چاڭ بىلەن توزان كۆتۈرەر.
تاغلارنىڭ ئۈستىدىن سەلدەك ئۆتەردى،
دەريا-دېڭىزلاردىن يەلدەك كۆچەردى.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھ: ①ئارىف ھەرەۋىي ــ 144-يىلى ۋاپات بولغان.

ئەلىشىر نەۋائىي①
بۇ زامان بۇ دۆلەت ئېگىسى بىلەن شەرەپ قۇچقاندۇر. مەرتىۋېسى، ئۇلۇغلۇقى،خانغا يېقىنلىقى، ئاللا ئاتا قىلغان ۋە ئوقۇش-ئۆگىنىش يولى بىلەن ئېرىشكەن، ئىلىم-بىلىمى، ئەقىل- ئىدرىكى، شۇنىڭدەك كامالەتكە يەتكەن شېئىرلىرى تۈپەيلى، ئۇنىڭغا ھەرقانداق يۈكسەك ماختاشلار ئازلىق قىلسىمۇ، ئۇ ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ، شېئىر ئەھلىگە قوشولغان ۋە باشقىلارغىمۇ شېئىرىيەت يولىنى ئېچىپ بەرگەن. راستىنى ئېيتقاندا، ئۇ مانا شۇ ئەنجۈمەنلەرنىڭ ھەممىسىگە باشلىق ۋە شېئىر ئەھلى باش دەپتىرىدە نامى پۈتۈك. ئۇنىڭ پاك نامىنى تۆۋەندىكى مۇئەممادىن بىلگىلى بولىدۇ:

ئەسلىي نامىغا كىشى تاپماس تەخەللۇسىدىن ئىما،
كىم تاپالىسا، لەۋلىرىدىن تۆكۈلەر جانبەخش ناۋا.

ئۇ تەبىئىتى تەقەززاسى ۋە يۈكسەك قابىليىتى بىلەن تۈركىي-پارسىي شېئىرىيەتتە يۈكسەك دەرىجىگە يەتكەن بولسىمۇ، تۈركىي شېئىرىيەتكە مايىل بولغان ۋە تۈركىي تىلدا ئون مىڭ بېيىتتىن ئارتۇق غەزەل يازغان.
   ئۇنىڭ نىزامىي <<خەمىسە>>سىگە جاۋابەن تۈركىي تىلىدا يازغان مەسنەۋىلىرى ئۈچ مىڭ بېيىتقا يېقىن ھەم بۇ تىلدا ھىچكىم بۇنچىلىك كۆپ ۋە نادىر شېئىر يازمىغاندۇر.
   ئۇنىڭ ئەمىر خۇسرەۋ دېھلىۋىنىڭ <<ياخشىلار دەرياسى>> ناملىق قەسىدىسىگە جاۋاپ تەرىقىسىدە يازغان پارسىي قەسىدىسى بار. ئۇنىڭدا ئاجايىپ چوڭقۇر مەزمۇن ۋە نازۇك تۇيغۇلار ئىپادىلەنگەن بېيىتلارناھايتى كۆپ. ئۇ قەسىدىنىڭ باشلانمىسى مۇنداق:

پادىشاھلار تاجىغا جۇلالىق لەئل بولسا بېزەك،
باشتىكى ھەر خام خىيالغا تاپ بەرگۈچى چوغ دېمەك.

تۆۋەندىكى رۇبائىي بىر كىشىنىڭ ھېجازدىن قايتىپ كېلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن يېزىلغان تەبرىك خېتىدىن ئېلىندى:

پەلەك، ئىنساب بىلەن يەتكۈزگىن پەيغام،
قېنى كىم ياخشىراق ئەيلىدى خىرام②.
ئەتە تاڭدا شەرقتىن چىققاي قۇياشمۇ،
تولۇن ئايمۇ چىققاي جايى بولسا شام.

مونۇ رۇبائىي باشقا بىر مەكتۇپتىن:

بۇ نامە مەكتۇپمەس، دەردىم دەرمانى،
ھىجراندا ئېزىلگەن يۈرىكىم قانى.
قايناق دىلۇ سوغۇق ئاھىم تەسكىنى،
يەنى جاھانكەشتى ماھىم نىشانى.

بۇ رۇبائىي يەنە بىر مەكتۇپتىن:

مەيخانىدە دائىم سەندىن سۆزلەيمەن،
ھەردەمدە ھەم تىنماي سېنى ئىزلەيمەن.
ئادەملەر ئىچرە كەلسەم دەيمەن يۈزمۇ يۈز،
پىراقتا ھەم دىلدىن سېنى كۆزلەيمەن.
كۆرمىدىڭمۇ، تېۋىپ ئاچچىق دورىنى
شېكەر بىلەن تاتلىق قىلغىنى زامان؟

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھلار: ①ئەلىشىر نەۋائىي ــ ئەسلىي ئىسم- شەرىپى:نىزامىددىن ئەمىر ئەلىشىر غىياسىددىن (2.9. 1441
ــ 3. 1501.1)، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ شائىرى،مۇتەپەككۇر ۋە دۆلەت ئەربابى. ② خىرام ــ چىرايلىق مېڭىش، ناز-تەمەننا بىلەن قەدەم بېسىش...

(سەككىزىنچى رەۋزە قالدۇرۇلدى)

ئاخىرقى سۆز


دىلىمدىن ئۆتمۈش ۋە خاتىرەمگە چۈشمۈشكى، بۇ پۈتۈك ئاخىرىغا بۇنچىلىك تېز يەتمەس ۋە بۇ قەلەم مەقسەت يولىدا يۈگۈرۈشتىن بۇنچىلىك بالدۇر تىنماس ئىدى. ئەمما، مۇئەللىپنىڭ كۆڭۈل ئەينىكىگە مالامەت دېتى چۈشتىكى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەرھەمەت ۋە رىغبەت قولى ئۇنىڭغا نۇر بەرمىگەنلىكتىن كىتابقا قىسقىلىق يەتتى.

قىسقا قىل ئەي جامىي، سۆز بىساتىنى،
يوقتۇر قىسقىلىقتىن ياخشىراق بىسات.
ئەگەر سۆزلىرىڭدىن شادلىق بولمىسا،
بۇلۇڭدا دېمىڭنى ئېلىپ، جىمجىت يات.
ئۆز كۆڭلۈڭ سۆيۈنسە ئەمەس يېتەرلىك،
ئەگەر ئوقۇغانلار سۆيۈنمىسە پات.

بۇ كىتاپتا كەلتۈرۈلگەن نەسىر ۋە نەزملەردىن مۇئەللىپ ئىسمى يېزىلمىغانلىرى ئۇشبۇ كىتاب مۇئەللىپنىڭ بايانى ۋە تەپەككۇرىنىڭ مېۋىسىدۇر.

جامىي ھەر دائىما كىتاب يازاركەن،
ئۆزگىدىن ئامانەت ئالمىدى مۇتلاق.
ئۆز سەنئەت دۇكىنى تۇتتۇق كىشىگە،
ياراشماس باشقىلار دەللالى بولماق.

كەمىنىنىڭ مۇتائىلە قىلغۇچىلار ئەگەر نوقسانلىرىمنى بايقىسا، ئالىيجانابلىقىدىن ماڭا شەپقەت قىلىپ، ئۇلارغا كۆز يۇمۇپ ئۆتۈپ كېتەر،ئۇلارنى پاش قىلىش ئۈچۈن ئېغىز ئېچىپ، سۆز قىلماس، دېگەن ئۈمىدىم بار.

دوستلار ئەيىبىنى كۆرۈپ قالسا گەر،
ياخشى ئەمەس ئۇنى ئۆزگىگە ئېيتماق.
ئاقىۋىتىن ئويلاپ ئىش قىلغۇچى دەر:
<<ئەيىب ئاچماقتىن ياخشى ئەيىبنى ياپماق>>.

كىتابنىڭ يېزىلىش تارىخى تۆۋندىكىچە:

بۇ تۇرفە① پۈتۈكتە قەلەم ئىشىدىن
جامىي ئۆز زەۋقىنى سىنىدى ئاسان.
تارىخىن بىلمەكچى بولساڭ، سەككىز قۇش،
توققۇز يۈز بولغۇسى شۇندا بىنۇقسان.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھ: ① تۇرفە ــ ئاجايىپ، قىزىقارلىقى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان، ئۆزگىچە.


بۇ ئەسەر<<بۇلاق>> ژۇرنلىنىڭ 2008-يىللىق 1-،2-،3-سانىغابېسىلغان بولۇپ، بۇ رەۋزە 3-سانىدىن ئېلىندى.<
[ بۇ يازماuyghurqiziتەرپىدىن2009-05-25 21:56دە قايتا ]

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-25 21:51 |
samani
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 845
نادىر تىمىسى :
يازما سانى :
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-30
ئاخىرقى كىرگىنى:1970-01-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
مەنبە-http://www.tajikam.cn/bbs


دوستۇم مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ.

1som
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-25 23:20 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » كونا - يېڭى كىتاپلار
?!---->
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !