« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
نۆۋەتتىكى تېما : موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدىكى ئۇيغۇر قوماندانلار تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 8720ـ كۆرۈرمىنى
Boran

دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 898
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-11-05
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدىكى ئۇيغۇر قوماندانلار

بۇ يازمىغا admins تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-04-08)

 

موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدىكى ئۇيغۇر قوماندانلار

يۈسۈپجان ياسىن

مىلادى 13- ئەسىردە ھازىرقى تاشقى موڭغۇلىيىدە باش كۆتۈرۈپ چىققان موڭغۇللار ئۆزىدىن بۇرۇن بۇ يەردە ھۆكۈم سۈرگەن ھەر قانداق بىر مىللەتكە سېلىشتۇرغاندا، ھەربىي كۈچ جەھەتتە ناھايىتى ئۈستۈن سەۋىيىدە ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇلارنىڭ ھەربىي كۈچ- قۇدرىتى ئاسىيا ۋە ياۋروپا تارىخىدا ناھايىتى چوڭ بىر بۇرۇلۇش ياسىغان. موڭغۇللارنى مانا شۇنداق بۈيۈك بىر مىللەتكە ئايلاندۇرغان كۈچ بولسا، تۈرك قەبىلىسىدىن كېلىپ چىققان چىڭگىزخاننىڭ ئەقىل -- پاراسىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىرگەن مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە بۇ مىللەتلەرنىڭ ساداقەت بىلەن كۈچ بىرىشى ئىدى.
مىلادى 13- ئەسىردە موڭغۇللار مەدەنىيەت جەھەتتە ناھايىتى ئاجىز ۋە گۈدەك مىللەت بولۇپ، سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتە قابىل ۋە ئىقتىدارلىق كىشىلەرگە ناھايىتى مۇھتاج ئىدى. شۇڭا، چىڭگىزخان دۆلەتنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن، قايسى مىللەت بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئىرق ۋە دۆلەت تەۋەلىكى سۈرۈشتۈرمەستىن، ئەقىل – پاراسەتلىك، ئىقتىدارلىق، تەدبىرلىك ۋە ساداقەتمەن بولسىلا، شۇ كىشىنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن. ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىمۇ بۇ يولنى تۇتقان. شۇڭا، ئۇيغۇرلار، قارلۇقلار، قاڭلىلار، قىتانلار، خەنزۇلار، پارسلار، ئەرەبلەر، قىپچاقلار ۋە ئىتالىيانلاردىن نۇرغۇن كىشىلەر چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ پايتەختى ۋە باشقا مۇھىم شەھەرلىرىدە سىياسىي، ھەربىي، مالىيە، ئىقتىساد، پەن، مائارىپ، بىناكارچىلىك، سەنئەت قاتارلىق تۈرلۈك ساھالەردە مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇلغان. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلاردىن موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ۋە موڭغۇللارغا مەدەنىيەت ئۈگىتىشكە تەكلىپ قىلىنغان كىشىلەر ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇيغۇرلار موڭغۇللارنىڭ <<ئۇستازى>>غا ئايلانغانىدى. )ر.گروسسېت:<<بوزقىر ئىمپېرىيىسى>>، تۈركچە،132-بەت.(
مەشھۇر تۈرك ئالىمى ب. ئۆگەلنىڭ 1967- يىلى تەيبېيدە يازغان ۋە 2002- يىلى ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىنغان <<چىڭگىزخاننىڭ تۈرك مەسلىھەتچىلىرى>> دېگەن كىتابىدا ئۇيغۇر، قارلۇق، قاڭلى، قىپچاق، ئاس، ئۆڭگۈت، قارا قىتان، ئەرەپ ۋە پارىس قاتارلىق مىللەتلەردىن موڭغۇل ئىمپېرىيسى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتكەن 134 كىشىنىڭ قىسقىچە بىيوگىرافىيىسى ۋە شەجەرىسى بىرىلگەن. بۇ ماقالىمىزدە ب. ئۆگەلنىڭ ئاشۇ تەتقىقاتلىرى ئاساسىدا موڭغۇللارنىڭ شەرق ۋە غەرپتىكى ھەيۋەتلىك ھەربىي يۈرۈشلىرىدە ھەر دەرىجىلىك قوماندانلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۇرۇشقا قاتنىشىپ ئالاھىدە تۆھپە ياراتقان ئۇيغۇر قوماندانلىرىنى تۇنۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلدۇق.
بارچۇق ئارتتېكىن — ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ خانى. ئۇ مىلادى 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تەختتە ئولتۇرغان. بارچۇق ئارتتېكىن مىلادى1209 - يىلى چىڭگىزخاننىڭ نامىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ھېمايىسىگە كىرمەكچى بولغان ۋە قاراقىتانلارنىڭ ئىدىقۇتتىكى نازارەتچىسى شاۋقامنى ئۆلتۈرۈپ، قارا قىتانلارغا بولغان بېقىندىلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن. بۇ چاغدا موڭغۇل ئىمپېرىيىسى ئەمدىلا تەشكىل تاپقان بولغاچقا، تېخى قۇدرەتلىك بىر باسقۇچقا كىرمىگەن ئىدى. شۇڭا، چىڭگىزخان بارچۇق ئارتتېكىن بىلەن ئىتتىپاقچى بولۇش مەقسىتىدە ئالپ ئۇتۇق ۋە تارباي دېگەن ئىككى كىشىنى ئۇنىڭ يېنىغا ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن. بارچۇق ئارتتېكىن بۇ ئەلچىلەرنى ناھايىتى قىزغىن كۈتۈۋالغان ۋە جاۋابەن قىلىپ باقىش بىلەن ئارىن تەمۈر دېگەن ئىككى كىشىنى چىڭگىزخاننىڭ ئوردىسىغا ئەلچىلىككە ئەۋەتىپ ئۆزىنىڭ ساداقىتىنى بىلدۈرگەن. ئەلچىلەرنىڭ قولىدىكى مەكتۇپتا بارچۇق ئارتتېكىننىڭ ساداقەت سۆزلىرى مۇنداق يېزىلغان: <<بىز قاغاننىڭ شىجائىتى ۋە پەزىلىتىنى ئاڭلاپ، قارا قىتانلار بىلەن بولغان دوستلۇقىمىزنى ئۈزدۇق. ئەمدى سىزگە خىزمەت قىلماقچى بولغانىدۇق. ئەپسۇس قاغاننىڭ ئەلچىسى بىزنىڭ بۇ ئەرزىمەس مەملىكىتىمىزگە ئاۋۋال كەلگەنلىكى ئۈچۈن، سىزگە ھۆرمىتىمىزنى كۆرسىتەلمىدۇق. خۇددى بۇلۇتلار تارقىلىپ قۇياشنى كۆرگەندەك، مۇزلار ئىرىپ سۇنى كۆرگەندەك خۇشاللىقتىن ھۇشىمىزدىن كەتتۇق. ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن ئۆيىڭىزدىكى بىر خىزمەتچى ئايالغا ۋە بالىلىرىڭىزغا ئوخشاش ئارقىڭىزدا قوشۇنۇمنى باشلاپ مېڭىپ، ئىت ۋە ئاتلار ئىگىسى ئۈچۈن قانداق ئىشلىسە، مەنمۇ سىزگە شۇنداق خىزمەت قىلىمەن.>> بۇ مەكتۇپ چىڭگىزخاننى بەكلا خۇش قىلىۋەتكەن. ئۇ بارچۇق ئارتتېكىننىڭ يېنىغا يەنە بىر قېتىم ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ھوزۇرىغا كېلىشىنى ۋە ئۇنىڭغا ئالتۇن ۋە باشقا قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى تەقدىم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مىلادى1211- يىلى بارچۇق ئارتتېكىن كىرولىن دەرياسى بويىدا چىڭگىزخاننى زىيارەت قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ناھايىتى ھۆرمەت كۆرسىتىپ مۇنداق دېگەن:<< ئەگەر مېنى پۇخراسىڭىز سۈپىتىدە قوبۇل قىلسىڭىز، تۆت ئوغلىڭىزنىڭ ئارقىسىدىن دائىم سىزگە ئەگىشىپ ماڭىمەن>> بارچۇق ئارتتېكىننىڭ بۇ سۆزى چىڭگىزخانغا بەكلا ياققان. چىڭگىزخان ئۇنىڭغا ئال ئالتۇن مەلىكىنى ياتلىق قىلىپ، ئۇنى 5- ئوغلۇم دەپ ئاتىغان. چىڭگىزخان غەرپكە يۈرۈش قىلغاندا، بارچۇق ئارتتېكىن ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەنگەن بىر تۈمەن كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغان. بۇ ھەقتە مەنبەلەردە مۇنداق دېيىلىدۇ : << بارچۇق ئارتتېكىن چىڭگىزنىڭ خان مەلىك سۇلتان )بۇ ئىسىم ئۇيغۇرچە بەزى ئەسەرلەردە خاتا ھالدا قومۇل دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ ( ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي يۈرۈشلىرىدە ئۆزىنىڭ تۈمەن كىشىلىك قوشۇنىنى باشلاپ ئۇرۇشقا قاتناشتى. قوشۇنىنىڭ ئىنتىزامى ياخشى ئورنىتىلغانلىقتىن دائىم زەپەر قازاندى. ئىدىقۇت چىڭگىزخاننىڭ نىشاپۇر ۋە خېشىگە قىلغان يۈرۈشلىرىگىمۇ قاتناشتى. ئۇ قاتناشقان ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسىدە زور غەلىبىگە ئىرىشتى.>> بارچۇق ئارتتېكىننىڭ چىڭگىزخانغا ساداقەت بىلدۈرىشى ۋە ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنى باشلاپ موڭغۇل ئىمپېرىيسى ئۈچۈن كۈچ كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، چىڭگىزخان ئىدىقۇت خانلىقىغا ئىچكى جەھەتتە مۇستەقىللىقىنى ساقلاش ھوقۇقىنى بەرگەن. )ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 4-،5-، 13- بەتلەر.(
مامۇراق تېكىن – بارچۇق ئارتتېكىننىڭ نەۋرىسى. ئۇ مىلادى 13- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ تەختىدە ئولتۇرغان. مامۇراق تېكىن موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ چارلىغۇچى قوشۇنىنىڭ تۈمەن قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. مامۇراق تېكىن مۇڭكىخاننىڭ ئالى قوماندانلىقىدا سۇڭ سۇلالىسىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، خېجۇ شەھرىنى ئېلىشتا ۋە دىياۋيۈ تېغىغا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىدا زور تۆھپە كۆرسەتكەن.)ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 14- بەت.(
تۆمۈر بۇقا – مىلادى 1318- 1330- يىللاردا ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ تەختىدە ئولتۇرغان. ئۇ دادىسى نيۇلىن تېكىن ھايات چېغىدا خانبالىق )بېيجىڭ( قا بېرىپ، ئوردا قوغدىغۇچى قوشۇنىغا قاتناشقان. شەرقىي سارايدا خان ئانىسىنىڭ يېنىدا خىزمەت قىلغان. بىر مەزگىل باش قورۇقچى بەگلىك ئىشلىرىگە مەسئۇل قىلىپ تەيىنلەنگەن. گۇڭچاڭ دېگەن يەرگە دارۇغاچ بولغان. تۆمۈر بۇقا ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ تەختىگە چىققاندىن كېيىن ئۇيغۇر قوشۇنلىرىغا قوماندانلىق قىلغان. مىلادى 1221-1224 - يىللاردا يەنە گەنسۇدىكى موڭغۇل قوشۇنلىرىنىمۇ باشقۇرغان. )ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 18- بەت.(
بىلگە بۇقا – كۆكتۈركلەر دەۋرىدىكى دانىشمەن ۋەزىر، ھەربىي ئالىم ۋە دۆلەت ئادىمى تونيۇقۇقنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن بىرى. بىلگە بۇقا 16 ياش ۋاقتىدا دادىسىنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىدىقۇت خانلىقىغا ۋەزىر ۋە تارخان بولغان. ئۇ بارچۇق ئارتتېكىنگە قارا قىتانلارنىڭ ئىدىقۇتتىكى نازارەتچىسىنى ئۆلتۈرۈپ موڭغۇل ھاكىمىيىتىگە تەۋەلىك بىلدۈرۈشنى تەۋسىيە قىلغان ۋە ئۆزى قوشۇن باشلاپ بېرىپ، قارا قىتانلارنىڭ نازارەتچىسىنى ئۆلتۈرگەن. بۇ غەلىبىسى ئۈچۈن ئۇنىڭغا << بىلگە قۇت تېكىن >>، ئايالىغا <<قۇس تارىم >> دېگەن ئۈنۋان بىرىلگەن. لېكىن، باشقا ۋەزىرلەر ئۇنىڭغا ھەسەت قىلغان ۋە ئۇنى بارچۇق ئارتتېكىنگە << قارا قىتانلارنىڭ ئالتۇن -- كۈمۈشلىرى ئالدى بىلەن ھۆكۈمدارنىڭ خەزىنىسىگە ئايلىنىشى كىرەك ئىدى. بۇ بايلىقلار ھەرگىزمۇ يۇقىلىپ كەتمىدى، ئۇنى بىلگە بۇقا تىقىۋالدى >> دەپ چېقىشتۇرغان. بۇ گەپنى ئاڭلاپ غەزەپلەنگەن بارچۇق ئارتتېكىن بىلگە بۇقانى خەزىنىنى دەرھال تاپشۇرۇشقا بۇيرىغان. ئامالسىز ئەھۋالدا قالغان بىلگە بۇقا چىڭگىزخاننىڭ يېنىغا قېچىپ كەتكەن. چىڭگىزخان ئۇنىڭغا نۇرغۇن سوغا تەقدىم قىلغان ۋە 23 شەھەرنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بەرگەن. بىلگە بۇقا كېيىن كىسەل بىلەن ئۆلگەن. )ب.ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 37 - بەت.(
ئارىن تەمۈر – تونيۇقۇقنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرى، بىلگە بۇقانىڭ ئىنىسى. بىلگە بۇقا چىڭگىزخاننىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىپ ئۇنىڭدىن پاناھلىق تىلىگەن چاغدا، چىڭگىزخان ئۇنىڭ ئىنىسى ئارىن تەمۈرنى بالا قىلىپ بېقىۋالغان. كېيىن ئۇ چىڭگىزخاننىڭ بارلىق ھەربىي يۈررۈشلىرىگە قاتنىشىپ، نۇرغۇن ئۇرۇشلاردا تۆھپە كۆرسەتكەن. چىڭگىزخان ئۇنى يەنە ئۆزىنىڭ كىچىك ئىنىسى ئوتچىگىننىڭ ئائىلىسىگە ئۇستاز قىلىپ تەيىنلىگەن. ئارىن تەمۈر خېنەننى ئىشغال قىلىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، خېنەن قاتارلىق جايلارنىڭ باش دارۇغاچلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ باش دارۇغاچ بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە، سۇ قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئاھالىلەرنى ماكانلاشتۇرغان، مەمۇرىيەتنى ئىسلاھ قىلىپ، ئوغرى ۋە قاراقچىلارنى تازىلاپ، شىمالىي جۇڭگودا ھەقىقىي بىر تىنچ ۋەزىيەت ياراتقان. كېيىن يەنە خېنەن قاتارلىق جايلاردىكى ئاھالىلەرنى باشقۇرۇش ۋە قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىش ۋەزىپىسىمۇ ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلغان. ئارىن تېمۈر 67 يېشىدا ئۆلگەن. )ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 42-،43- بەتلەر.(
تۇرمىش – تونيۇقۇقنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرى. ئۇ بىلگە بۇقانىڭ ئىنىسى ئۇيغۇرتاينىڭ 2- ئوغلى. تۇرمىش دەستلەپتە تاغىسى ساقىز قوماندانلىقىدا لى تەننىڭ ئىسيانىنى باستۇرۇشقا قاتنىشىپ تۆھپە كۆرسەتكەچكە، شىڭجو ۋە يىجوغا دارۇغاچلىققا تەيىنلەنگەن. موڭغۇل قوشۇنى سۇڭ سۇلالىسىگە قارشى يۈرۈش قىلغاندا، ئۇ ئالدىن يۈرەر قىسىمنى باشلاپ چاڭجونى ئىشغال قىلغان. بۇ غەلىبىدىن كېيىن جارغۇچى (سوتچى) بولۇپ تەيىنلەنگەن. سۇڭ سۇلالىسى يوقىتىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئەنفىڭ رايونىنىڭ ۋە چۇجونىڭ دارۇغاچلىق ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان. بۇ ۋەزىپىلەرنى ئەھمەد ئۆتكۈزىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ئالى دەرىجىلىك قوماندانلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. موڭغۇل قوشۇنى ياپۇنغا يۈرۈش قىلماقچى بولغاندا، تۇرمىش بۇ قوشۇننىڭ شەرقىي (ئوڭ) سەپ قىسمىنىڭ قوماندانلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. لېكىن، ئېستراتىگىيە مەسىلىسىدە ئۇ موڭغۇل قوماندانلىرىدىن ئاناقاي بىلەن بىر پىكىرگە كىلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، شەرقىي سەپنىڭ قوماندانلىق ۋەزىپىسىدىن ۋاز كەچكەن. پىكىر پەرقى ۋە تاكتىكا بەلگىلەشتىكى خاتالىق سەۋەبىدىن ياپۇنغا يۈرۈش قىلغان موڭغۇل قوشۇنى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ چېكىنىپ كەلگەن. (ب.ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 45-، 46- بەتلەر.)

قارا بۇقا – تونيۇقۇقنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ ئائىلىسى يىدو شەھرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. قارا بۇقانىڭ دادىسى ئۇيغۇرتاي باۋدىڭ شەھرىگە جارغۇچى بولغان. قارا بۇقا ناھايىتى ئەقىللىق، خاتېرىسى كۈچلۈك ۋە تىرىشچان بولغاچقا، شۇ چاغدىكى ئۇيغۇرچە كىتاپلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ تۈگەتكەن ۋە قەدىمكى كىتاپلارنى ئوقۇپ تارىخ ئۈگەنگەن. لى تەن ئىسيان كۆتۈرگەندە، ئۇ تاغىسى ساقىز بىلەن بىرلىكتە شەندۇڭدىكى قاراقچىلارنى تازلىغان. ساقىز قوبلايخانغا بەزى تۆمۈر كانلاردىن پايدىلىنىش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن. قوبلايخان بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، قارا بۇقانى كانلارنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل قىلغان. سۇڭ سۇلالىسىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان چوڭ يۈرۈشتە ئۇنىڭغا 15مىڭ كىشىلىك تارماق قوشۇننىڭ قوماندانلىق ھوقۇقى، ئۇزۇق — تۆلۈكى ۋە نەقلىيات ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان. ئەھمەدنىڭ ئىسيانىنى باشتۇرۇشتا ئۇنىڭ شۆھرىتى كەڭ تارالغان، ئۆزىمۇ شۇ ئۇرۇشتا ئۆلگەن. خەنزۇچە مەنبەلەردە ئۇ ساداقەت ۋە پەزىلەت ئىچىدە ئۆلگەن كىشىلەر قاتارىدا بايان قىلىنغان. (ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە،47 -،48-بەت.)
ساقىز -- تونيۇقۇقنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرى. ئۇ ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ ئاتا تۇتۇق ئۈنۋانىدىكى ۋەزىرى توقىش (توقۇز)نىڭ ئىككىنجى ئوغلى. ساقىز دەستلەپتە چىڭگىزخاننىڭ كىچىك ئىنىسى ئوتچىگىننىڭ بىتىكچىسى بولغان. ئۇ يەنە ئوتچىگىننىڭ بالىلىرىغا ئۇستازلىققا تەيىنلەنگەن. ئوتچىگىن ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇ قورۇغاسۇن بىلەن بىرلىكتە تاچارنى قوللاپ، ئۇنىڭ دادىسى ئوتچىگىننىڭ ئورنىغا چىقىشىدا مۇھىم رول ئوينىغاچقا، دۆلەتنى ۋاكالىتەن ئىدارە قىلىۋاتقان خان ئانىسى نايمانجىن تەرىپىدىن تاچارنىڭ سۇيۇرغال يەرلىرىنى باشقۇرۇشقا قويۇلغان. نەتىجىدە قارا تاغ (خېيلۇڭجياڭدا) نىڭ جەنۇبىنى ساقىز، شىمالىنى قورۇغاسۇن ئىدارە قىلغان.
ساقىز مۇڭكىخاننىڭ دىياۋيۈ تېغىغا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىغا مۇھىم قوماندانلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە قاتناشقان. ھەتتا شۇ ۋاقىتتا ئۇ مۇڭكىخانغا مەسلىھەت بىرىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىنىمۇ ئىشغال قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان. ئۇ مۇڭكىخان ئۆلگەندە قوبلايخاننىڭ تەختكە چىقىشى ئۈچۈن، تاچار ئارقىلىق مۇھىم پىلان ۋە يول كۆرسەتكەن. قوبلايخان تەختكە چىقىپلا ساقىزنى شىمالىي ئوردىنى قوغدىغۇچى قوشۇننىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلىگەن ۋە ئۇنىڭغا ئالتۇن بىلەن بىزەلگەن يىپەك كىيىم تەقدىم قىلغان.
قوبلايخان يەنە ساقىزنى لياۋدۇڭ ۋە كۇرىيىدىكى ئىختىلاپلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن جارغۇچى قىلىپ ئەۋەتكەن. لى تەننىڭ ئىسيانىنى باستۇرۇشتىمۇ ساقىز مۇھىم رول ئوينىغان. لى تەننىڭ ئىسيانى باستۇرۇلغاندىن كېيىن، قوبلايخان ئۇنى يىدونىڭ دارۇغاچلىقىغا تەيىنلىگەن. ئۇنىڭ ئەجرى بىلەن بۇ رايوندىكى تۆمۈر كانلارنى قېزىش ئىشى پائال ھالغا كەلتۈرۈلگەن. موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ئوردىسىدا يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە بولغان ساقىز 66 يېشىدا ئۆلگەن. (ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 55-بەت.)
دارما – ساقىزنىڭ نەۋرىسى. ياشلىق چاغلىرىدا ئوردىنى قوغدىغۇچى قوشۇنغا قاتناشقان. دارما قوبلايخان دەۋرىدە پارتلىغان لى تەن ئىسيانىنى باستۇرۇشتا مۇھىم تۆھپە ياراتقانلىقى ئۈچۈن، شەندۇڭ ئۆلكىسىگە ئۇلۇغ تۇتۇق بولۇپ تەيىنلەنگەن. بىر مەزگىل يەنە جارغۇچى بولغان. مەنبەلەردە ئۇنىڭ جارغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىللەردە بەزى دىلولار ئۈستىدىن چىقارغان قىزىقارلىق ھۆكۈملىرى خاتىرىلەنگەن. مەسىلەن، بىر قېتىم باشقىلار مەستلىك تۈپەيلىدىن باۋجيا دېگەن بىر خەنزۇ پۇخرانى ئۆلتۈرۈپ قويغان. ئاساسلىق قاتىل قېچىپ كەتكەن، باشقىلار تۇتۇلۇپ تۇرمىگە تاشلانغان. ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ئۇلار توغرىلىق بىرەر دەلىل -- ئىسپات تېپىلمىغان. شۇنىڭ بىلەن دارما << ئاساسلىق قاتىلنىڭ قېچىپ كەتكىنىگە خېلى ۋاقىت بولدى. ئۇنىڭغا دائىر ھېچقانداق بىر مەلۇماتقا ئىرىشەلمىدۇق. تۇرمىدىكى ئادەملەر گۇناھكار ئەمەس، بەلكى خاتالاشقانلار. بىز ئۇلارنى ئۇزۇن ۋاقىت تۇتۇپ تۇرالمايىز>> دەپ قاراپ، ئۇلارنى قويىۋەتكەن. يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭ ئالدىغا 70 ياشلاردىكى بىر قاتىل ئېلىپ كىلىنگەن. قانۇن بويىچە قېرى كىشىنى جازالىغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن دارما << باشقىلارنى ئۆلتۈرەلىگىدەك ماغدۇرى بار قاتىل چوقۇم ئۆلتۈرۈلىشى كىرەك >> دەپ قاراپ، ئۇنى ئۆلۈمگە بۇيرىغان. (ب.ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 56-،57- بەتلەر.)
سەۋىنچ توغرىل — تونيۇقۇقنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ ئائىلىسى چىڭگىزخاننىڭ يۇقىرى ئېتىبار بىلەن مۇئامىلە قىلىشىغا ئىرىشكەن. سەۋىنچ توغرىل دەستلەپتە ئىدىقۇت خانلىقىدا ئۇلۇغ ئايغۇچى(باش ۋەزىر) ئىدى. ئۇ يۈەن سۇلالىسىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىنمۇ بۇ ئۈنۋاننى داۋاملاشتۇرغان. ئۇ چىڭگىزخاننىڭ مۇھىم قوماندانلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ئۇنىڭ غەرپكە قىلغان ھەربىي يۈرۈشىگە قاتناشقان. كېيىن تولىينىڭ ئوردىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىگە قويۇلغان. يەنە جېندىڭ ۋىلايىتىگە دارۇغاچ ۋە باش جارغۇچىلىققا تەيىنلەنگەن.
سەۋىنچ توغرىلنىڭ چوڭ ئوغلى باسان قوبلايخاننىڭ قوشۇنىدا بائۇرچى ئىدى. ئۇ سۇڭ سۇلالىسىگە قارشى ئۇرۇشقا ۋە ئارىق بۇقا بىلەن قايدۇنىڭ ئىسيانىنى باستۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ چوڭ تۆھپە كۆرسەتكەن.
سەۋىنچ توغرىلنىڭ 2- ئوغلى سوقۇنچار ئىلخانىيلار خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ھىلاكۇخاننىڭ ئوردىسىدا ئىشلىگەن. كېيىن ئاباقان بىلەن توقتاغا باش قوماندان بولغان.
سەۋىنچ توغرىلنىڭ نەۋرىسى ھەسەن ئىگىز بويلۇق، تەرقى— تۇرقى كىلىشكەن، ھەر قانداق مەسىلە ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشقا ئامراق ۋە ھەرقانداق كىشىنىڭ زېھنىنى يورىتىۋىتىدىغان كىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە مۇكەممەل بىلىگە ئىگە ئىدى. ئۇ ئات مىنىش ۋە ئوق ئېتىشقىمۇ ئىنتايىن ماھىر ئىدى. 1295- يىلى گەنسۇ ئۆلكىسىگە دىۋان ۋازارەت مۇئەككىلى (ئامبال) بولۇپ تەيىنلەنگەن. 1304- يىلى 50 يېشىدا ئۆلگەن. ھەسەن ناھايىتى مەشھۇر كىشى ئىدى. ھەسەننىڭ كىچىك ئىنىسى لاچىن يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ، ھۈدەيچى ۋە دىۋان ۋازارەت مۇئەككىلى بولغان. خەنلىن ئاكادىمىيىسىگە ئاكادىمىڭ بولۇپ سايلانغان. ئۇنىڭ ئوغلى چانايمۇ مەمۇرى جەھەتتە دادىسىگە ئوخشاش دىۋان ۋازارەت مۇئەككىلى بولغان. ( ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 59-،62، - 63 - بەتلەر.)

يۇتۇس ئىنال — ئەسلى يۇرتى سۇلمى (قاراشەھەر). ئۇ ئىدىقۇت خانلىقى، قارا قىتان خانلىقى ۋە موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدە يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە بولغان دۆلەت ئۇستازى، سوتچى ۋە سىياسىي مەسلىھەتچى قارا يىغاچ بۇيرۇقنىڭ ئوغلى ئىدى. ئاتا ۋە بالا ئىككىسى 1209- يىلى بارچۇق ئارتتېكىنگە ئەگىشىپ چىڭگىزخاننى ھېمايە قىلغان. يۇتۇس ئىنال چىڭگىزخاننىڭ بۇيرىقى بويىچە قوغدىغۇچى قوشۇنغا قوبۇل قىلىنغان. ئاتا ۋە بالا ئىككىسى چىڭگىزخاننىڭ غەرپكە قىلغان يۈرۈشىگە قاتناشقان. غەرپكە يۈرۈش قىلغان بۇ قوشۇن بەشبالىققا كەلگەندە، چىڭگىزخان بۇ شەھەرنىڭ شەرقىدىكى يالغۇز تاغنىڭ ئېتىگىدە ئادەم يوق بىر شەھەرنى ئۇچراتقان. چىڭگىزخان بۇنىڭ قانداق شەھەر ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، قارا يىغاچ بۇيرۇق جاۋاپ بىرىپ مۇنداق دېگەن: << ئۆتكەن يىلى يالغۇز تاغ شەھرىدە ئېغىر قۇرغاقچىلىق بولدى. شۇڭا، خەلقنىڭ ھەممىسى قېچىپ باشقا يەرلەرگە كۆچۈپ كەتتى. لېكىن، بۇيەر شىمال بىلەن جەنۇپنىڭ قاتنىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يەر. شۇڭا، بۇ يەرنى ھەربىي تۇرالغۇ قىلىش كىرەك.>> چىڭگىزخان ئۇنىڭ سۆزىنى تەستىقلاپ، ئاتا — بالا ئىككىسىنى بۇ شەھەردە قالدۇرغان ھەم يۇتۇس ئىنالغا ھوقۇق سىمۋولى بولغان كەمەر بىلەن ئالتۇن پايزا بەرگەن. ئالتە يىلدىن كېيىن چىڭگىزخان شەرققە قايتىپ بۇ شەھەرگە كەلگەندە، قارا يىغاچ بۇيرۇق ئاللىقاچان ئالەمدىن ئۆتكەن. چىڭگىزخان بۇ شەھەردە نۇرغۇنلىغان يېشىل ئېتىزلىقلارنى كۆرۈپ ئىنتايىن مەمنۇن بولغان ۋە يۇتۇس ئىنالغا تۇتۇقلۇق تامغىسى بىرىپ، ئۇنى بۇ شەھەرگە دارۇغاچ قىلىپ تەيىنلىگەن.
يۇتۇس ئىنال ئۆلگەندىن كېيىن، ئورنىغا ئوغلى كىچىگ سونغۇر ۋارىسلىق قىلغان. ئوگىدايخان ئۇنىڭغا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد مىراس قالىدىغان << تارخان >> دېگەن ئۈنۋاننى بەرگەن.

كىچىگ سونغۇرنىڭ تۆت ئوغلى بولغان. قوبلايخان ئۇنىڭ 3- ئوغلى قۇلۇسمانغا بارچۇق ئارتتېكىننىڭ ئوغلى بىلەن بىرلىكتە يۈننەن ئۆلكىسىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان. تۆتىنجى ئوغلى ئۇلۇسمان دەستلەپتە مۇڭكىخاننىڭ ئوردىسىدا ۋەزىپىگە قويۇلغان . چاغاتاي قوشۇنلىرى بەشبالىقنى ئىشغال قىلغاندا، ئۇنىڭ ئائىلىسى بەشبالىقنى تاشلاپ شىمالىي جۇڭگودىكى پىڭلياڭغا كۆچۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئوغلى ئالتمىش قوبلايخاننىڭ قوغدىغۇچى قوشۇنىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. قوبلايخاندىن كېيىن يۈەن سۇلالىسىنىڭ تەختىگە چىققان تەمۈرخان (مىلادى 1295-1308- يىللار) ئالتمىش تەمۈرنى جۇجو ۋىلايىتىگە دارۇغاچ قىلىپ تەيىنلىگەن. يەنە مەخپىي ھۆججەتلەر بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىلىكىنى ئۆتىگەن. (ب.ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 69-، 70 -،71-بەتلەر.)

قارا ئارسلان تۇتۇق – مىلادى 1209- يىلى بارچۇق ئارتتېكىن چىڭگىزخانغا ئەل بولغاندا، بىرىنجى قېتىم باقىش بىلەن ئارىن تەمۈرنى، ئىككىنجى قېتىم قارا ئارسلان تۇتۇق بىلەن قالۈنى ئۇنىڭ ئوردىسىغا ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن. قارا ئارسلان تۇتۇقنىڭ ئۈنۋانى << ئۈگە >> ئىدى. ئۇنىڭ نەسەپ شەجەرىسىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئائىلىسىنىڭ پەمىلىسى ياكى لەقىمى <<قايا>> دەپ ئاتىلاتتى. بۇ پەمىلىنى كۆپۈنچە بەشبالىق ئۇيغۇرلىرى قوللىناتتى. قارا ئارسلان تۇتۇق ئەسلىدە بارچۇق ئارتتېكىننىڭ يېقىن ئادەملىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ چىڭگىزخاننىڭ يېنىغا ئەلچىلىككە بارغاندا، چىڭگىزخان ئۇنى تۇتۇپ قېلىپ، قوغدىغۇچى قوشۇنغا قوماندان قىلىپ تەيىنلىگەن. ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى موڭغۇل قوشۇنى يۈرۈشكە ئاتلانغان چاغدا، ئالدىن يۈرەر قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىش ئىدى. قارا ئارسلان تۇتۇق مىلادى 1215- يىلى موڭغۇل قوشۇنى جىن سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلغان چاغدا، ھازىرقى شەرقىي شىمالدىكى ليۇچىڭ ( شىڭچىڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دېگەن شەھەردىكى ئۇرۇشتا ئۆلگەن.
قارا ئارسلان تۇتۇقنىڭ دادىسى يۈرۈڭ ئارسلانمۇ موڭغۇللارنىڭ نەزىرىدە ئېتىبارلىق ئادەم ئىدى. ئۆلىمىدىن كېيىن ئۇنىڭغا خېنەن ئۆلكىسىنىڭ دىۋان مەسلىھەتچىسى، ياڭچۈن ۋىلايىتىنىڭ بېگى دېگەن ئۈنۋانلار بىرىلگەن. قارا ئارسلان تۇتۇقنىڭ ئوغلى ئاتا قايا دەستلەپتە قوغدىغۇچى قوشۇنغا كىرگەن، كېيىن دارۇغاچ بولغان. مىلادى 1330 – يىلى ۋەزىرلىككە ئۆستۈرۈلگەن. ( ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 76- بەت.)
بۇلاد قايا – خان ئانىسى سويۇرغاچتانىنىڭ كۈچلۈك ئىشەنچىسىگە ئىرىشكەن كىشى بولۇپ، ئۆزىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئادالەتپەرۋەرلىكى بىلەن شۆھرەت قازانغان. ئۇ بالىلىق چاغلىرىدىلا نۇرغۇن كىتاپلارنى ئوقۇپ تۈگەتكەن. شۇنىڭدەك ئات مىنىش ۋە ئوق ئېتىشقا ماھىر بولۇپ يىتىلگەن. 18 ياش ۋاقتىدا بارچۇق ئارتتېكىنگە ئەگىشىپ چىڭگىزخاننى ھىمايە قىلغان ۋە قوغدىغۇچى قوشۇنغا قوبۇل قىلىنغان. ئۇ ناھايىتى باتۇر ۋە قورقماس بولۇپ، چىڭگىزخاننىڭ غەرپكە قىلغان ھەربىي يۈرۈشىدە چوڭ تۆھپە كۆرسەتكەن. چىڭگىزخان ئۇنى بارلىق ئەسكەرلەرگە تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا قوي، ئات ۋە چىدىر تەقدىم قىلغان ھەم ئۇنى قارا قىتانلارنىڭ خانى گۇرخاننىڭ مەلىكىسىگە ئۆيلىگەن. چىڭگىزخان بۇ توينى << شەرەپلىك ۋە مۇھىم بىر ۋەقە >> دەپ ئاتىغان.  
چىڭگىزخان ئۆلگەندىن كېيىن، بارلىق شاھزادىلەر جەم بولۇپ قۇرۇلتاي ئېچىپ، ئۇنى يەنجىڭ (بېيجىڭ) شەھرىنىڭ باج ۋە مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل پەۋقۇلئاددە ئەلچى قىلىپ تەيىنلىگەن. خان ئانىسى سويۇرغاچتانى بۇلاد قايانىڭ ناھايىتى نومۇسچان، ئىنچىكە ئىش قىلىدىغان ۋە ئەستائىدىل ئادەم ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئوگىدايخانغا ئۆزىنىڭ تەۋەسىدىكى قوشۇن، خەلق ۋە ھۈنەرۋەن ئائىلىلەرنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن ئۇنى ئەۋەتىشنى ئىلتىماس قىلغان. يەنجىڭدىكى جۇڭشەن دېگەن يەر ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا بىرىلگەن. شۇنىڭدەك يەنە ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادەملەر ۋەزىپىگە قويىلىدىغان جېندىڭ ۋىلايىتىنىڭ دارۇغاچلىقىغا تەيىنلەنگەن. مىلادى 1231- يىلى يەنجىڭنىڭ جەنۇبىدىكى يوللارنىڭ تەپتىش بەگلىكىگە تەيىنلەنگەن. ئۇزۇن ئۆتەي يەنە جارغۇچى بولغان. ئۇ سوت ھۆكۈمىنى چىقىرىشتا تولىمۇ ئادىل بولغان. ھەربىي ئىشلار نىزامنامىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، جەمئىيەت تەرتىۋىنى رەتكە سالغان. قوبلايخانمۇ ئۇنىڭغا ناھايىتى ئىشەنگەچكە، ئون پىرقىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرلارنى تەپتىش قىلىشنى ۋە جېندىڭ ۋىلايىتىنى باشقۇرۇشنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغان. بۇلاد قايا جېندىڭ ۋىلايىتىنى باشقۇرغان مەزگىللەردە پۇل— مۇئامىلە ئىشلىرىنى رەتكە سالغان. ئۇ بايلار بىلەن كەمبىغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى قەرىز پۇل مۇناسىۋىتىدىكى ئۆسۈم نىسبىتىنى يېڭىدىن بىكىتىپ چىققان. قەغەز پۇلنى بازاردا خەزىنىدىكى ئالتۇن – كۆمۈشنىڭ مىقدارىغا قاراپ ئوبۇرۇت قىلىشىنى بەلگىلىگەن. شۇ دەۋرنىڭ ئەڭ مۇھىم كىشىلىرىدىن بىرى بولغان بۇلاد قايا مىلادى 1265- يىلى 75 يېشىدا ئۆلگەن. 

بۇلاد قايانىڭ ئوغلى ليەن شىشيەن قوبلايخاننىڭ دەۋرىدىكى ئەڭ مەشھۇر دۆلەت ئادەملىرىنىڭ ۋە كۇڭزىچىلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ مىلادى 1260- يىلى دىۋان بېگى، مىلادى 1264- يىلى دىۋان ۋازارەت مۇئەككىلى بولغان. ئۇنىڭ تۈركچە ئىسمى ھىندۇ ياكى سىندۇ بولسا كىرەك. قوبلايخان ئۇنى مەشھۇر خەنزۇ پەيلاسوپى ۋە كۇڭزىشۇناس مېڭزىنىڭ نامىغا ئىزافەن قىلىپ << ليەن مېڭزى >> دەپ ئاتىغان. ئۇ قوبلايخان سورىغان بىر مەسىلىگە كۇڭزىچىلارچە تەبىر بىلەن جاۋاپ بەرگەچكە، قوبلايخان ئۇنى شۇنداق نام بىلەن ئاتىغان. شۇ دەۋردىكى بىر خەنزۇ رەسسامى تەرىپىدىن سىزىلغان بىر پورترىتتە ئۇنىڭ باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئادەملىرى بىلەن بىرگە قوبلايخاننىڭ كەينىدە تۇرغان كۆرۈنىشى تەسۋىرلەنگەن.(ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە،81-، 82-، 83-، 84- بەتلەر. )
ئىسمائىل – قارا قىتان خانلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە كاسان شەھرىگە باسقاق بولغان. چىڭگىزخان نايمانلارنىڭ قالدۇق كۈچلىرىگە قارشى يۈرۈش قىلغاندا، ئۇ كاسان ۋە باشقا شەھەرلەرنىڭ مەمۇرلىرىنى باشلاپ كىلىپ، جەبە نويانغا تەسلىم بولغان. چىڭگىزخاننىڭ بۇيرىقى بويىچە ئىسمائىل موڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ كۈچلۈكنى قوغلاپ تۇتۇش ئۇرۇشىغا يول باشلىغان. ئۇ كۈچلۈكنى ئۆز قولى بىلەن تۇتۇپ، ئۇنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ جەبە نويانغا تاپشۇرغان. ئۇنىڭدىن كېيىن نىشاپورغا قىلغان ھۇجۇمغا ۋە خارازىمشاھلارنىڭ شاھزادىسى جالالىدىننى يوقىتىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ چوڭ تۆھپە كۆرسەتكەن.
چىڭگىزخان جەبە نوياننى قىپچاق دالىسىغا يۈرۈش قىلىشقا بۇيرىغاندا، ئىسمائىلغا كۇرت ۋە شىرۋانشاھ شەھەرلىرىنىڭ تەسلىم بولۇشىغا دەۋەت قىلىشنى بۇيرىغان. ئۇ جەبە نويانغا ئەگىشىپ، ئاسلار، رۇسلار، قاڭلىلار ۋە قىپچاقلارنى يوقۇتۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. چىڭگىزخان تاڭغۇتلارغا قارشى ئۇرۇش قوزغىغاندا، ئىسمائىل قولغا چۈشۈرگەن يەتتە خىل ئولجىنىڭ ھەممىسىنى موڭغۇل خانلىرىدىن بىرى بولغان ئالاشاي بۇلاسقا تاپشۇرغان. بۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن چىڭگىزخان ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكىلەرگە ئىسمائىلنى ماختاپ مۇنداق دېگەن:<<جەبە دائىم ئىسمائىلنىڭ غەلىبىسىنى تىلغا ئالاتتى. ئىسمائىلنىڭ بويى ھەر قانچە كىچىك (پاكار) بولسىمۇ، شۆھرىتى ناھايىتى چوڭ.>> چىڭگىزخان ئىسمائىلنى تەقدىرلەپ، ئۇنى ئۆزى تاپشۇرغان ئالتۇن -- كۆمۈشلەردىن چامىسىنىڭ يەتكىنىچە ئېلىۋېلىشنى بۇيرىغان ۋە ئۇنى ساچۇ ئۈنۋانىدا بىتىكچى قىلىپ تەيىنلىگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىسمائىل چىڭگىزخاندىن ئۆزىنىڭ ئىلىبالىقتا بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرىۋاتقان قوشۇنىنى تاڭغۇتلارغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. چىڭگىزخان ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپ، ئۇنى شىدىرقۇغا ھۇجۇم قىلىشنى بۇيرىغان. ئۇ يەنە ئوگىدايخان بىلەن بىرلىكتە شىمالىي جۇڭگودىكى ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، خۇەيمىنگە قەدەر ئىلگىلەپ بارغان. مىلادى 1232- يىلى خۇەيمىنگە دارۇغاچ بولۇپ تەيىنلەنگەن. جىن سۇلالىسىنىڭ قوشۇنى خۇەيجونى قورشىۋالغاندا، ئىسمائىل سارگىس ۋە شالاخاي قاتارلىق قوماندانلارغىمۇ باشچىلىق قىلىپ، جىن سۇلالىسى قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ چېكىندۈرگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ كىشىلىگ قاتارلىق تۆت كىشىنى ئەۋەتىپ، جىن سۇلالىسىنىڭ باش قوماندانىنى تەسلىم بولۇشقا دەۋەت قىلغان. قوماندان فەنجېن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى بىلەن كىلىپ تەسلىم بولغان.

مىلادى 1239- يىلى، چىڭگىزخان ئىسمائىلنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قىپچاق دالىسىدا كۆرسەتكەن چوڭ تۆھپىسىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى نەجىبنى دادىسىنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ خۇەيمىنگە دارۇغاچ بولۇشقا، 2- ئوغلى مەلىكنىڭ دادىسىنىڭ بىتىكچىلىك مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلىشنى، ئىسمائىلنى بولسا ئوتتۇرا ئاسىيادا جارغۇچى بۇلۇشقا بۇيرىغان. لېكىن، باش ۋەزىر چاغان بىلەن تەمۈدار(تامۇتاي) چىڭگىزخاندىن ئۇنىڭ داۋاملىق شىمالىي جۇڭگودا تۇرۇپ ۋەزىپە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلىپ چىڭ تۇرىۋالغاچقا، چىڭگىزخان مىلادى 1240 - يىلى ئىسمائىلنى خېنەندىكى 28 شەھەرنىڭ باش دارۇغاچلىقىغا تەيىنلىگەن. ئىسمائىل مىلادى 1255- يىلى ئۆلگەن. ئوغلى مەلىك يېڭىدىن خۇەيمىنگە دارۇغاچ بولغان. ئۇ مىلادى 1262- يىلى سۇڭ سۇلالىسىغا قارشى ئۇرۇشتا ئۆلگەن. ( ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 245 -، 246 -، 247-، 248 -بەتلەر.) !
 
مۇڭسۇز – يۇرتى بەشبالىق. ئۇ 15 يېشىغىچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا دائىر بارلىق ئەسەرلەرنى ئۈگىنىپ بولغان. چىڭگىزخان ئۇنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ ھوزۇرىغا چاقىرىتقان ۋە ئۇنى بىر كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالغان. چىڭگىزخان <<بۇ بالىنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ تۇرىدۇ. بەلكىم كەلگۈسىدە بىزگە چوڭ تۆھپە كۆرسىتىشى مۈمكىن>> دەپ، ئۇنى تولىيخاننىڭ خىزمەتكە سېلىشىغا تاپشۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن مۇڭسۇز خان ئانىسى سويۇرغاچتانىنىڭ مۇھىم ئادەملىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. سويۇرغاچتانى ئۇنى جېندىڭ ۋىلايىتىنىڭ باج ئىشلىرىغا مەسئۇل مەمۇر قىلىپ تەيىنلىگەن.
مۇڭسۇز قوبلايخاننىڭ تەختكە چىقىشىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان. مۇڭكىخان ئۆلگەندە ئۇ قوبلايخانغا << تەڭرىنىڭ قاچىسى ئۇزۇن ۋاقىت بوش تۇرمايدۇ. چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىلىرى ئىچىدە ئەڭ ئەقىللىقى، ئەڭ ئۇلۇغى پەقەت سىز. سىزنىڭ دەرھال خان بولىشىڭىز ئەڭ مۇۋاپىقتۇر>> دەپ تەكلىپ بەرگەن ھەم باش جارغۇچى بۇجىر قوبلايخاننىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىشىغا قارشى چىققاندا، مۇڭسۇز ئۇنىڭغا قارشى سەپ ئېچىپ، قوبلاينىڭ تەختكە چىقىشىدا مۇھىم كۆچ قوشقان. بۇ ھەرىكەت ئۇنىڭ شۆھرىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن. قوبلايخان تەختكە چىققاندىن كېيىن خانتون بىلەن ئىككىسىنى باش ۋەزىرنىڭ ياردەمچىلىكىگە تەيىنلىگەن بولسىمۇ، مۇڭسۇز بۇ ۋەزىپىنى قوبۇل قىلمىغان.
مۇڭسۇز ناھايىتى ئەقىللىق، ئەستائىدىل ۋە ھەققانىيەتچى ئادەم ئىدى. مىلادى 1267- يىلى 62 يېشىدا ئۆلگەن. (ب.ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 93 -، 94-، 95- بەتلەر)
تاش – يۇرتى بەشبالىق. ئۇنىڭ ئائىلىسى بەشبالىقتا نۇرغۇن يەر— زىمىنغا ئىگە ۋە قەبىلە رەئىسى بولغان ئۇرۇغلاردىن بىرى ئىدى. تاش پىلان تۈزۈش ۋە قوشۇنغا يول باشلاشتىكى ماھىرلىقى بىلەن شۆھرەت قازىنىپ، ئىدىقۇت خانلىقىدا دىۋان بەگلىكىگە تەيىنلەنگەن. شۇڭا، ئۇنىڭ ئائىلىسى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدىكى خانىدان ئەزالىرىنىڭ ھەر ۋاقىت ئالاھىدە مۇئامىلىسىگە ئىرىشكەن. ( ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 99 - بەت.)
يەلچۈك(يەرچى) -- تاشنىڭ ئوغلى. يەلچۈك ياشلىق چاغلىرىدا ئات مىنىش، ئۇرۇش قىلىش ۋە قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىشتىكى ماھىرلىقى بىلەن داڭق چىقارغان. ئۇ قوشۇنىنى باشلاپ چىڭگىزخان تەرەپكە ئۆتكەندە، چىڭگىزخان ئۇنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن 500كىشىلىك بىر ئاتلىق قوشۇننى ئالدىغا ئەۋەتكەن. چىڭگىزخان يەلچۈكنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن. مىلادى 1219- يىلى چىڭگىزخان غەرپكە يۈرۈش قىلغاندا، يەلچۈك شاھزادە ئالچىگىتاينىڭ قىسمىدا شىددەتلىك ئۇرۇشلارنى قىلىپ غەلىبە قازانغان. ئالچىگىتاي ئۇنىڭغا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنى سىخۇەنۋېيگە بىتىكچى قىلىپ تەيىنلىگەن.
مىلادى 1232- يىلى موڭغۇل قوشۇنى جىن سۇلالىسىگە چوڭ ھوجۇم قوزغىغاندا، يەلچۈك ناھايىتى زور تۆھپە ياراتقاچقا، نۇرغۇن مۇكاپاتقا ۋە سوغىغا ئىرىشكەن. ئۇ مىلادى 1234-يىلى قۇدۇقتۇ نوياننىڭ ياردەمچىلىكىگە تەيىنلىنىپ، خەنزۇ رايونىدىكى ئۆي بېجى ۋە خىزمەت ئىشلىرىنى رەتكە سالغان. ئۇ ئەقىل – پاراسەتلىكلىكى بىلەنمۇ ھەر قانداق كىشىنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن. ( ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 100-،101-بەتلەر. )
تاقاجۈك – يەلچۈكنىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، قابىلىيەتلىك ۋە يولىدىن يانماس كىشى ئىدى. ئۇ ئۇيغۇر قوشۇنلىرىغا قوماندانلىق قىلىپ، يەنجىڭ (بېيجىڭ) شەھرىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. مىلادى 1264- يىلىدىن كېيىن ئاۋۋال لىڭجوغا، ئۇنىڭدىن كېيىن دېئەنفۇ ۋىلايىتىگە دارۇغاچ بولغان. بۇ مەزگىلدە ئىسيان كۆتۈرگەن سۇڭ سۇلالىسى ئاق سۆڭەكلىرىنى باستۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۇنىڭ شۆھرىتىمۇ دەل مۇشۇ ئۇرۇشلاردا چىققان. ئۇ يەنە ئۇيغۇر تىلى ۋە خەنزۇ تىلى مۇتەخەسسىسى ئىدى. مىلادى 1299- يىلى ئۆلگەن. (ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 102 -بەت. )

بالاجۇق – يۇرتى بەشبالىق. كېيىن خان ئانىسى سويۇرغاچتانىنىڭ سۇيۇرغال يېرى بولغان جېندىڭ رايونىغا كۆچۈپ بېرىپ ماكانلاشقان. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى شەھەر قوغدىچى قوشۇننىڭ قوماندانلىقىغا قەدەر يۈكسەلگەن. ئۇنىڭ نەۋرىسى تۆرە قايا مەشھۇر بۇددىزم ئالىمى ئىدى، كېيىن ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىپ كۇڭزىچىغا ئايلانغان. تۆرە قايا مىلادى 1327- يىلى 67 يېشىدا ئۆلگەن. ( ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 107 - بەت.)
تۈگەن قايا – يۇرتى بەشبالىق. تۈگەن قايا ئۆزىنىڭ قابىلىيىتى ۋە جاسارىتى ئارقىلىق چىڭگىزخاننىڭ يېنىدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەملەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. تۈگەن قايا چىڭگىزخان ۋە ئوگىدايخانلارنىڭ جىن سۇلالىسى ۋە غەربىي شيا سۇلالىسىگە قارشى ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان. ئۇنىڭ قوماندانلىقىدىكى قوشۇن ھەممە ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان. ( ب.ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 110- بەت.)
يەسۇناي – تۈگەن قايانىڭ ئوغلى. قوبلايخاننىڭ ئوردىسىدا ئىشلىگەن. ئو موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قوشۇنى تىبەت ۋە يۈننەنگە يۈرۈش قىلغاندا، ئالدىن يۈرەر قوشۇنغا قوماندانلىق قىلغان. مىلادى 1260- يىلى ئارىق بۇقاغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. مىلادى 1278- يىلى مۇھىم ۋەزىپە بىلەن تىبەتكە ئەۋەتىلگەن. مىلادى 1287- يىلى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ، ئۇنىڭدىن كېيىن جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ دىۋان بېگى بولغان. تەمۈرخان دەۋرىدە (مىلادى1295- 1308- يىللاردا) ئۇ جياڭشىدىكى ئىسيانلارنى باستۇرۇشتا تۆھپە كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ دىۋان ۋازارەت مۇئەككىلى بولۇپ تەيىنلەنگەن. مىلادى 1306- يىلى ئۆلگەن. ئۇنىڭ ئوغلى ئولجاي مىلادى 1317- يىلى يۈننەننىڭ دىۋان ۋازارەت مۇئەككىلى بولۇپ تەيىنلەنگەن. مىلادى 1324- يىلى خان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ( ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 110- ،111- بەتلەر.)
يۈگرۈنچ قايا — قوماندان ھەم مەشھۇر دوختۇر. ئۇ شاھزادە ماڭغۇتنىڭ قوماندانلىقىدىكى قوشۇننىڭ تەركىۋىدە يۈننەنگە ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان ۋە بىر قانچە ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان. مىلادى1261-1262- يىللاردا شاھزادىلەرنىڭ ئىسيانىنى باستۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. مىلادى 1283- يىلى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ دىۋان ۋازارەت مۇئەككىلى بولۇپ تەيىنلەنگەن.
يۈگرۈنچ قايا دوختۇرلۇق ساھەسىدە داڭق چىقارغان. ئۇ نۇرغۇن يۈرۈشكە ھەربىي دوختۇر سۈپىتىدە قاتناشقان. مۇڭكىخان دىياۋيۈ تېغىغا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىغاندا، ئۇنىڭغا كىسەل ۋە يارىدار ئەسكەرلەر ئۈچۈن بۇغدايدىن دورا ياساشنى بۇيرىغان. بۇ ئەجرى ئۈچۈن مۇڭكىخان ئۇنى 50 سەر ئاق ئالتۇن بىلەن مۇكاپاتلىغان. يۈگرۈنچ قايا مىلادى 1304- يىلى ئۆلگەن.
يۈگرۈنچ قايانىڭ ئوغلى جىرقالاڭ دادىسىدىنمۇ بەكرەك مەشھۇر ئىدى. ئۇ ياقا جارغۇچى، يەنى باش سوتچى ئىدى. ئۇ تەمۈرخان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. (ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 113- بەت.)
ئارىغ قايا – موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ جەبە ۋە سۇبۇتاي قاتارلىق ئەڭ مەشھۇر قوماندانلىرىدىن قالسا موڭغۇل تارىخىدا ئوتتۇرىغا چىققان قوماندانلار ئىچىدە ھەربىي بىلىم جەھەتتىن ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە ئىگە بۈيۈك قوماندان ھېساپلىنىدۇ. موڭغۇللار دەۋرىگە ئائىت ھەر قانداق بىر تارىخىي كىتاپ، ئەدەبىي ئەسەر، پەرمان ۋە خاتىرىلەردە ئۇنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇ بەشبالىقتىكى ھەسەن خوجا بىلەن تۈگەن خانىمنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسى ئىسلام دىنى ئېتىقادىغا مەنسۇپ ئىدى. مەنبەلەردە ئۇنىڭ بەشبالىقتا تۈرلۈك پەنلەرنى ناھايىتى ياخشى ئىگىلىگەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ. ئارىغ قايا دەستلەپتە قوبلايخاننىڭ قوغدىغۇچى قوشۇنىنىڭ قوماندانى سۈپىتىدە تىبەتكە قىلغان ھەربىي يۈرۈشكە قاتناشقان ۋە بۇ ئۇرۇشتا ئالاھىدە تۆھپە ياراتقان. قوبلايخاننىڭ تەختكە چىقىشىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان. مىلادى 1262- يىلى ھۈدەيچى، مىلادى 1263- يىلى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ دىۋان ۋازارەت مۇئەككىلى بولغان. مىلادى 1264- يىلى قوبلايخان مەشھۇر شياڭياڭ مۇھاسىرىسىنى باشلىغاندا، ئارىغ قايا بۇ ئۇرۇشقا ئاساسلىق قوماندانلاردىن بىرى سۈپىتىدە قاتناشقان. شەھەرنىڭ مۇھاسىرىسى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتكەچكە، مىلادى 1272- يىلى ئارىغ قايا قوبلايخانغا ئۇرۇش ئېستراتىگىيىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىلخانىيلاردىن توپچى(زەمبىرەكچى) ئەكىلىش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن. نەتىجىدە قوبلايخان بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، ئىلخانىيلاردىن توپچى ئەكەلگەن. توپنىڭ كۈچى بىلەن شياڭياڭ شەھرى مىلادى 1275- يىلى ئىشغال قىلىنغان ۋە سۇڭ سۇلالىسىنىڭ يۇقىلىشى تىزلەشكەن. ئو. فرانكى ئارىغ قايانىڭ بۇ غەلىبىسىگە << ناھايىتى ئاقىلانىلىك بىلەن پىلانلانغان پەۋقۇلئاددە بىر ۋەقە >> دەپ باھا بەرگەن.
مىلادى 1275- يىلىدىن كېيىن سۇڭ سۇلالىسىنى تەلتۈكۈس يوقىتىش ئۇرۇشى باشلانغان. بۇ قېتىم ھۇجۇمغا ئۆتكەن ئۈچ تارماق قوشۇن ئىچىدە بايان(ئوتتۇرا ئاسىيالىق) بىلەن ئاچۇنىڭ قوشۇنى خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى قالدۇق كۈچلەرنى تازىلاشقا مەسئۇل بولغان. ئارىغ قايانىڭ قوماندانلىقىدىكى قوشۇن جەنۇپقا قاراپ تىز سۈرئەتتە ئىلگىرىلەپ بىر مۇنچە شەھەرلەرنى ئىشغال قىلغان.
ئارىغ قايانىڭ ھەربىي يۈرۈشلەردە قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىلىرى ناھايىتى كۈپ. ئۇ يۈەن سۇلالىسى ئۈچۈن ئىجۇ(ۋۇخەن)دىن خەينەنگىچە بولغان جايلاردىكى 58 ۋىلايەت ۋە ناھىيىلەرنى ئىشغال قىلىپ، يۈەن سۇلالىسىنىڭ دۆلەت بەرپا قىلغۇچى ئەرباپلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان.
ئارىغ قايا بۈيۈك بىر قوماندان ئىدى. ئۇ ئىستراتېگىيە ۋە تاكتېكا بىكىتىشكە ماھىر بولۇپلا قالماي، كۈچ سېلىشتۇرمىسى ۋە جۇغراپىيىلىك مۇھىتنىڭ ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى كۆزىتىشكىمۇ سەزگۈر ئىدى. ئۇرۇشتا ئۆزلىگىدىن تەسلىم قىلدۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىناتتى. پۇخرالارنىڭ ھاياتىغا كىپىللىك قىلاتتى. ئەسكەرلەرنىڭ بۇلاڭ — تالاڭ قىلىشىنى چەكلەيتتى. شۇڭا، ئۇ ئىشغال قىلىنغان يەرلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن. خەلق ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىبادەتخانا ياساپ، ھەيكىلىگە سەجدە قىلغان. قوبلايخان ئارىغ قاياغا باھا بىرىپ مۇنداق دەپ يازغان:<< مەن قەلەم ساھىبى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بەشبالىق ھەققىدە بىر نەرسە يازغانلىقىمدىن ناھايىتى مەمنۇنمەن. غەربىي يۇرتتىكى شىلۇلۇخا(خەنزۇچە ئوقۇلىشى)دا تۇغۇلغان ئارىغ قايا تۆھپىسى چوڭ، سادىق، سۆزىدە تۇرىدىغان ۋە سوغۇق قان بىر بۈيۈك قوماندان ئىدى . ئۇنىڭغا ئالاھىدە ھالدا <<ئاغىر ئايغۇچى>>، << تېگىن >>، << ئۈگەچى >> (ئۈگە) ، << بەگ >> ۋە << خانلىق مۇئەككىلى >> قاتارلىق ئۈنۋانلارنى بەردىم.>>
ئارىغ قايانىڭ مىلادى 1285- يىلى ھىندىچىنىگە قىلغان ھەربىي يۈرۈشى ئوڭۇشسىزلىق بىلەن ئاخىرلاشقان. ئۇنىڭ ئوردىدىكى رەقىپلىرى بۇنى پۇرسەت بىلىپ ئۇنى تۆھمەت چاپلاپ يوقىتىشقا ئورۇنغان. مىلادى 1286- يىلى ئارىغ قايا ھىندىچىنىگە قايتا ھۇجۇم قىلماقچى بولغاندا، ساڭگانىڭ ئادەملىرى ئارىغ قايا دۆلەتنىڭ مالىيىسىنى خورىتىۋەتتى، دەپ پىتنە -- ئىغۋا تارقىتىپ، ئۇنى خاننىڭ قولى ئارقىلىق يوقىتىشقا ئورۇنغان. بۇ تۆھمەتكە چىدىمىغان ئارىغ قايا شۇ يىلى (60يېشىدا) زەھەر ئىچىپ ئۆلىۋالغان. (ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 134 -، 135- بەتلەر.)
ئالائىددىن – ئارىغ قايا تەكلىپ بىلەن ئىلخانىيلار خانلىقىدىن ئەكەلدۈرگەن توپچىلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ مىللەت تەۋەلىكى تېخىچىلا ئايدىڭلاشمىغان بىر مەسىلە. نۇرغۇن تارىخچىلار ئۇنى ئۇيغۇر، دەپ قارىماقتا. ئۇ مىلادى 1272- يىلىدىن كېيىن يۈەن سۇلالىسىنىڭ قوشۇنىدا ۋە ئۇنىڭ قوماندانلىرى ئارىسىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقان سەخسلەردىن بىرىگە ئايلانغاچقا، بۇ يەردە ئۇنىڭغا دائىر قىسقىچە مەلۇمات بىرىشنى زۆرۈر تاپتۇق.
ئالائىددىن مۇسۇلمان بولۇپ، مۇقالى(ئال مۇسۇل)دېگەن شەھەردىن. ئاباقان قوبلايخاننىڭ بۇيرىقى بويىچە ئىسمائىل بىلەن ئۇنى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قوشۇپ پايتەختكە ئەۋەتكەن. قوبلايخان تەرىپىدىن ئۇلارغا مەمۇرىيەت بىرىلگەن. ئالائىددىن ئىسمائىل بىلەن بىرلىكتە ۋۇمىن دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا بىر توپ ئورۇنلاشتۇرۇپ سىناق قىلغان. قوبلايخان ئۇلارغا كىيىم — كىچەك تەقدىم قىلغان. ئالائىددىن مىلادى 1274- يىلى زور قوشۇننىڭ تەركىۋىدە شياڭياڭ مۇھاسىرىسىگە قاتناشقان. ( ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 142-، 143-بەتلەر.)

ئىسمائىل – ئارىغ قايانىڭ تەكلىۋى بىلەن مىلادى 1272- يىلى ئىلخانىيلار خانلىقىدىن كەلتۈرۈلگەن توپچىلارنىڭ بىرى. يۇرتى شۇلىي دېگەن شەھەر. ئۇ توپنى ناھايىتى ياخشى ياسايتتى. ئۇ مىلادى 1274- يىلى قوشۇننىڭ تەركىۋىدە شياڭياڭ مۇھاسىرىسىگە قاتناشقان. لېكىن شەھەرنى يەنىلا قولغا چۈشۈرگىلى بولمىغاچقا، ئىسمائىل يەر شارائىتىغا قاراپ توپنى شەھەرنىڭ شەرقىي جەنۇبىي تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ توپنىڭ ئېغىرلىقى 150 جىڭ بولۇپ، ئۇنىڭ ئاۋازىدىن ئاسمان – زىمىن لەززىگە كەلگەن. توپنىڭ ئوقى تەگكەن ھەر قانداق يەر قاتتىق ۋەيران بولغان. يەرنى يەتتە چى چوڭقۇرلۇقتا ئويىۋەتكەن. نەتىجىدە توپنىڭ زەربىسىدىن قورقۇپ كەتكەن سۇڭ قوماندانى لۇۋېن خۇەن شەھەرنى تاپشۇرغان. ئىسمائىل بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن 250 لياڭ كۆمۈش بىلەن تەقدىرلەنگەن.
شياڭياڭ ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، قوبلايخان توپچىلار تۈمەن تۈتۈن مەھكىمىسىنى تەسىس قىلىپ، ئىسمائىلنى توپچى بېشى (تۈمەن تۈتۈن بېشى)، ئالائىددىننى ئۇنىڭ ياردەمچىسى قىلىپ تەيىنلىگەن. ئىسمائىل ئۆلگەندىن كېيىن ئالائىددىن توپچى بېشى بولغان. ئىسمائىلنىڭ ئوغلى پۇپەي(خەنزۇچە ئوقۇلىشى) توپچى تۈمەن نويان بولۇپ تەيىنلەنگەن. ئۇ مىلادى 1275- 1278- يىللاردىكى سۇڭ سۇلالىسىگە قارشى ئۇرۇشتا تۆھپە كۆرسەتكەن. ( ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 145 - بەت.)
تاپۇن – ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدە قومۇل شەھرىنى ئىدارە قىلىشتىكى ماھارىتى بىلەن داڭق چىقارغان. شۇڭا، قۇمۇلدىكى چاغدا ئۇنىڭغا <<دۆلەت پىرى>>دېگەن نام بىرىلگەن. مىلادى 1209- يىلىدىن باشلاپ چىڭگىزخاننىڭ قوشۇنىدا مۇھىم رول ئوينىغان. جۇڭدو(بېيجىڭ) مۇھاسىرىسىگە ۋە لياۋشى ئۇرۇشىغا قاتناشقان. پىڭلۈەن ۋە بەيشى شەھەرلىرىنى ئۇ ئىشغال قىلغان.
تاپۇن قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىش ۋە شەھەر باشقۇرۇشقا ناھايىتى تەدبىرلىك بولغاچقا، چىڭگىزخان ئۇنىڭ تەجىرىبىسىدىن پايدىلىنىش مەخسىتىدە شىمالىي جۇڭگودىكى ئىشغال قىلىنغان مۇھىم يەرلەرگە ئۇنى پەۋقۇلئاددە سالاھىيەتلىك ۋالى قىلىپ تەيىنلىگەن. ئۇ قوشۇننىڭ ئىنتىزامسىزلىق قىلىشىنى ۋە تىنچ ئاھالىلەرگە چېقىلىشىنى قاتتىق چەكلىگەن. ئەگەر شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە << دۆلەتنىڭ ئاساسىنى خەلق تەشكىل قىلىدۇ. كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، يەرلىرىنى تارتىۋېلىشنىڭ نىمە پايدىسى بار. گۇناھسىز كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈش دۈشمەننىڭ روھىنى ۋە يۈرىكىنى چوڭايتىش دېگەنلىكتۇر>>دەپ دەرھال توساتتى. بۇ سۆز چىڭگىزخانغا بەكلا ياققاچقا، بەيشى شەھرىنى قوغدىغۇچى قوشۇننىڭ قوماندانلىقىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغان. تاپۇن يەنە ئۆلكە قوشۇنىنىڭ ئەمىر لەشكەرلىكىگە ئۆستۈرۈلگەن.
تاپۇننىڭ ئىچكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۆز ئالدىغا بىر خىل باشقۇرۇش سىستېمىسى بار ئىدى. ئۇ ئايماق — ناھىيىلەردىكى مەمۇرلارنىڭ خىزمىتىنى ئالماشتۇرۇپ تۇراتتى. ئۆلۈم جازاسى بىرىلىدىغان دىلو ئۈستىدىن ئۆزى بىۋاسىتە ھۆكۈم چىقىراتتى. خالىغان بىر ۋاقىتتا خەلقنى چاقىرتىپ كىلىپ، ئۇلارنىڭ دەرت — ئەھۋالىنى ۋە ئارزۇ — ئىستەكلىرىنى ئۆزى بىۋاسىتە ئاڭلايتتى ۋە بىر تەرەپ قىلاتتى. ئۇ سودا ۋە دېھقانچىلىق ئىشلىرىغىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى. سودىگەرلەرگە ۋە دېھقانلارغا پۇل ۋە چارۋا – مال ياردەم قىلىپ تۇراتتى.  
مىلادى 1234- يىلى ئوگىدايخان تاپۇنغا يىجۇڭشەننى ئىشغال قىلىش ۋە ئۇنى پىڭيۈەن ۋىلايىتى قىلىپ ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان. مىلادى 1235- يىلى لى شيەن بىلەن چاۋشياۋنىڭ ئىسيانىنى باستۇرغان. مىلادى 1243- يىلى باھاردا مەمۇرلارغا بىر زىياپەت بىرىلگەن. تاپۇن زىياپەتتىن قايتىپ كىلىپلا كىسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن.
تاپۇن موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلار ساھەسىدىكى ناھايىتى مەشھۇر بىر شەخس ئىدى. ئۇنىڭ بىر ئوغلى ئارقىش تەمۈر دادىسىنىڭ ئۆلكە قوشۇنىنىڭ ئەمىرلەشكەرلىك ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلغان ۋە شىڭپىڭ قاتارلىق جايلارنى ئىدارە قىلغۇچى مەمۇر بولۇپ تەيىنلەنگەن. ئۇ ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتە چىڭگىزخان ۋە دادىسىنىڭ باشقۇرۇش شەكلىگە ۋارىسلىق قىلغان. ئۇ مۇڭكىخان دەۋرىدە جالارتاينىڭ قوماندانلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان كۇرىيە يۈرىشىگە قاتناشقان. لېكىن ئۇ ياشلا ئۆلۈپ كەتكەن. تاپۇننىڭ يەنە بىر ئوغلى ئاتايمۇ دادىسىنىڭ مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلغان ۋە مۇڭكىخان دەۋرىدە دارۇغاچلىققا تەيىنلەنگەن. ئاتاينىڭ قوبلايخان دەۋرىدىكى خىزمەتلىرى، بولۇپمۇ نوياننىڭ ئىسيانىنى باستۇرۇشتىكى تۆھپىسى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ مىلادى 1289- يىلى ئۆلگەن. ئاتاينىڭ ئوغلى دەرمىش(ياكى دەرۋىش) تەمۈرخاننىڭ ئوردىسىدا ئىشلىگەن. ئۇ ئالىملىق سالاھىيىتى بىلەن شۆھرەت قازانغانىدى. ( ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 148-، 149- ، 150- بەتلەر.)
ئۇقمىش – نايمان ھۆكۈمدارى تايانخاننىڭ مۆھۈرچىسى، خەزىنىدارى ۋە مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئەڭ ئىشەنچىلىك ۋەزىرى، شۇنىڭدەك كېيىن موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدە خەزىنىدار ۋە دۆلەت ئۇستازى بولغان تاتاتۇڭانىڭ چوڭ ئوغلى. قۇندۇقاي ئىسيان كۆتۈرگەندە، ئۇقمىش ئاۋۋال خان ئەۋلادلىرىدىن قاچارنىڭ ئوغلى توقتانىڭ لاگىرىنى قوغداشقا مەسئۇل بولغان. كېيىن قوشۇنىنى باشلاپ قۇندۇقاينىڭ ئىسيانچى قوشۇنى بىلەن ئۇرۇشۇپ مەغلۇپ قىلغان. لېكىن ئالاندارنىڭ قوشۇنى بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇرۇشتا ئۆلگەن. سۇرغاي تاتاتۇڭانىڭ 3- ئوغلى. ئۇ موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدە دادىسىنىڭ خەزىدارلىق مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلغان. مىلادى 1260- يىلىدىكى ئارىق بۇقا ئىسيانىدا مۇھىم رول ئوينىغان. تاتاتۇڭانىڭ 4- ئوغلى تۈمەن قوبلايخان تەختكە چىققاندىن كېيىن ئوردا قوغدىغۇچى قوشۇنىغا قوماندانلىققا تەيىنلەنگەن. سورغاينىڭ ئوغلى ئابۇشقا شەنشى ئۆلكىسىگە دىۋان ۋازارەت مۇئەككىلى بولغان. (ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 155 -بەت. <<يۈەن دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە موڭغۇللارغا دائىرى ماتىرىياللار توپلىمى>>، خەنزۇچە،161- بەت.)
باش قۇت تۇڭگا ئايغۇچى – موڭغۇل ئىمپېرىيسىنىڭ دەستلەپكى مەزگىللىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۆت قەبىلىسىگە ۋە ئۇزىنىڭ خاس قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ سىچۈەنگە يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. لېكىن، ئاشۇ يۈرۈشتە ئۆلگەن. ئۇنىڭ ئوغلى تاقاجۈكنى مۇڭكىخان پەۋقۇلئاددە سالاھىيەت بىلەن قۇمۇل ۋە چۈ شيەن شەھرىدىكى موڭغۇل نەسىللىك كىشىلەرنىڭ ۋە يات مىللەتنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل مەمۇر قىلىپ تەيىنلىگەن. قۇندۇقاي ۋە ئالاندار قاتارلىقلار ئىسيان كۆتۈرگەندە، ئىسيانچىلار ئۇنى تۇتقۇن قىلغان. تاقاجۈك پۇرسەت تېپىپ قېچىپ چىقىپ، قوبلايخاننىڭ ئوردىسىغا بارغان. قوبلايخاننىڭ ئەمرى بىلەن ئۇ دادىسىنىڭ قوماندانلىق ۋەزىپىسىگە ۋارىسلىق قىلغان. مىلادى 1272- يىلىدىن باشلاپ ئۇ يۈەن سۇلالىسىنىڭ قوشۇنىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋە ئۆلكە قوشۇنىنىڭ مۇئاۋىن ئەمىرلەشكەرلىكىگە تەيىنلەنگەن. (ب.ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 158-، 159-بەتلەر.) ئوغلى تۆرە شىگۈەن دادىسىنىڭ ئەمىلىگە ۋارىسلىق قىلغان ۋە گۇنا، ئايى ۋە لو لەيمىن قاتارلىقلارنىڭ يۈەن سۇلالىسىغا قارشى كۆتۈرگەن بىر قانچە قېتىملىق ئىسياننى باستۇرغان. تۆرە شىگۈەننىڭ ئوغلى ئاۋۋال قوغدىغۇچى قوشۇنغا قوماندان بولغان، كېيىن مەرتىۋىسى يەنىمۇ ئۆرلەپ باش قوماندانلىق دەرىجىسىگە قەدەر كۆتۈرۈلگەن.(<<يۈەن دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە قارلۇقلارغا دائىرى ماتىرىياللار توپلىى>>، خەنزۇچە، 173-،174 - بەتلەر. )

كۆل باغۇدچى – ناھايىتى ئەقىللىق ۋە ئالاھىدە ماھارەتلىك كىشى ئىدى. چىڭگىزخان غەرپكە يۈرۈش قىلغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ قوشۇنىنى باشلاپ كىلىپ چىڭگىزخانغا ئەل بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن چىڭگىزخاننىڭ مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىگە قىلغان ھەربىي يۈرۈشلىرىگە قاتنىشىپ، بىر قانچە ئۇرۇشتا چوڭ تۆھپە كۆرسەتكەن. چىڭگىزخان ئۇنى تەقدىرلەپ چوڭ مۇكاپات بەرمەكچى بولغاندا، ئۇ ئۆز يۇرتى كۇنلۇ(قارا شەھەرنىڭ يېنىدا)نىڭ دارۇغاچلىق ئەمىلىنى بىرىشنى تەلەپ قىلغان. چىڭگىزخان ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلغان. ئۇنىڭغا يەنە ئايرىم تېرىلغۇ يەر ۋە 200 نەپەر خاس ئەسكەر ئاجرىتىپ بەرگەن. ئۇنىڭ ئوغلى شىبان قايدۇ ئىسيان كۆتۈرگەن چاغدا قوبلايخاننىڭ ئەلچىسى سۈپىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان. (ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە،162-بەت.)
شىبان – كۆل باغۇدچىنىڭ ئوغلى. دەستلەپتە ئوگىدايخاننىڭ ئوردىسىدا ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى قاشىغا ئۇستاز بولغان. كېيىن قوبلايخاننىڭ ئوردىسىدا بىتىكچى، موڭغۇل شاھزادىلىرىنىڭ جارغۇچىسى، سىياسىي ۋە ھەربىي مەسلىھەتچى بولغان. مىلادى 1260 – يىلى جېندىڭ ۋىلايىتىگە دارۇغاچلىققا تەيىنلەنگەن. قاشىنىڭ ئوغلى قايدۇ ئىسيان كۆتۈرگەندە، ئۇ قوبلايخان ئۈچۈن ئەلچى بولغان. ئۇنىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن قايدۇ قوشۇن چېكىندۈرۈشكە قوشۇلغان. مىلادى 1276 - يىلى 79يېشىدا ئۆلگەن. ( ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە،162 -، 163- بەتلەر.)
شىباننىڭ ئوغلى ئورۇسبەگ جاڭسۇ ۋە جېجاڭ ئۆلكىسىگە ھۈدەيچى بولغان. بۇ چاغدا جاڭسۇ ۋە جېجياڭدا ئىسيان كۆتۈرۈلگەن. ئىسيانچىلارنىڭ باشلىقى ئۆزىنى <<ساماۋىي خان >>دەپ ئاتىۋالغان. شىبان بۇ ئىسياننى باستۇرۇپ، كەينىدىن گۇاڭشى ئۆلكىسىدىكى مالىمانچىلىقنى تىنچىتقانىدى. مىلادى 1314- يىلى 69 يېشىدا ئۆلگەن.(<<يۈەن دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە قارلۇقلارغا دائىر ماتىرىياللار توپلىمى>>، خەنزۇچە، 176- بەت.)
ئاپانا توقتۇ – ئىدىقۇت خانلىقىدا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد لۈكچۈن شەھرىنى باشقۇرۇپ كەلگەن بىر ئائىلىگە مەنسۇپ بولۇپ، مىلادى 1209- يىلى بارچۇق ئارتتېكىنگە ئەگىشىپ چىڭگىزخانغا ساداقەت بىلدۈرگەن. چىڭگىزخان ئاپانا توقتۇنى ئۆزىنىڭ شەھرى لۈكچۈنگە دارۇغاچلىققا تەيىنلىگەن. ئۇزۇن ئۆتەي ئاپانا توقتۇ موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختىگە كۆچۈپ بارغان ۋە قوغدىغۇچى قوشۇنغا قوماندان بولغان. ئۇنىڭ ئوغلى ئالچى بۇقانى قوبلايخان خانبالىق (بېيجىڭ) شەھرىنىڭ قۇرۇلۇش خىزمىتىنىڭ ياردەمچى نازارەتچىلىكىگە تەيىنلىگەن. ( ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 166- بەت.)
 
بۇلاد تامۇر – ناھايىتى شۆھرەتلىك كىشى بولۇپ، شياڭياڭ شەھرىگە دارۇغاچ بولغان. مىلادى 1351- يىلى يېسۇن بۇقاغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشتا ئۆزىنىڭ ھەربىي تالانتىنى نامايەن قىلغان. مىلادى 1368- يىلى يۈەن سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ جەمەتىدىكى 26 ئادەم بىلەن بىراقلا ئۆلتۈرۈلگەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇ قوماندانلىق قىلغان ئۇرۇشلار ئىنتايىن شىددەتلىك بولغان. مەنبەلەردە ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرى ساداقەتنىڭ نەمۇنىسى سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن. ( ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە،181 -بەت. )
يىغمىش – قوبلايخان دەۋرىدىكى مەشھۇر دېڭىز ساياھەتچىسى، دىپلومات ۋە قوماندان. مىلادى 1292- يىلى يۈەن سۇلالىسىنىڭ 1000كىمىگە چىققان 20 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى ياۋا ئارىلىغا يۈرۈش قىلغاندا، قوبلايخان بۇ قوشۇنغا شىمېي، گاۋشىڭ ۋە يىغمىش قاتارلىقلار ئۈچ كىشىنى قوماندان قىلىپ تەيىنلەپ، دېڭىز ئىشلىرىنى مەخسۇس يىغمىشقا تاپشۇرغان. مىلادى 1293- يىلى بۇ قوشۇن ياۋا مەملىكىتىنىڭ چىگراسىغا يىتىپ كەلگەندە، بۇ مەملىكەتنىڭ پادىشاھى خاجىگېداناكا قوشنا مەملىكەت گېلاننىڭ پادىشاھى خاجىگى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ كۈيئوغلى تۇخانبىدۇيې يۈەن سۇلالىسى قوشۇنىغا تەسلىم بولۇپ، ئۆز ئىلىنى تاپشۇرغان ۋە گېلان مەملىكىتىنىڭ پادىشاھىدىن قېساس ئېلىش ئۈچۈن، يۈەن سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ ياردەم بىرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ يۈەن سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ ياردىمى بىلەن گېلان مەملىكىتىگە ھوجۇم قىلىپ كىرگەن. خاجىگې مەغلۇپ بولۇپ تەسلىم بولغان. لېكىن، يۈەن سۇلالىسىنىڭ قوشۇنى قايتىۋاتقاندا، تۇخانبىدۇيې يۈز ئۆرۈپ يول توسۇپ بۇ قوشۇنغا ھۇجۇم قىلغان. يۈەن سۇلالىسى قوشۇنىدىن ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن. (<< موڭغۇللارنىڭ ئومۇمىي تارىخى >>، خەنزۇچە، 1- قىسىم، 180-،181- بەتلەر.)
ئالابارىس – باۋارىدلىك ئۇيغۇر. ئۆز شەھرىدە ئەسلىدە مىڭ بېشى بولغان. چىڭگىزخان غەرپكە يۈرۈش قىلىپ باۋارىدقا كەلگەندە، ئۇ ئۆزىنىڭ قوشۇنىنى باشلاپ كىلىپ ئۇنىڭغا ئەل بولغان. ئۇ بايقال قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. تۇرپان، بۈگۈر ۋە خۇتەندىكى كۈچلۈككە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. ئوغلى ئالائىددىن قوبلايخاننىڭ شىمالغا يۈرۈش ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ تۆھپە كۆرسەتكەن. مىلادى 1287- يىلى 102 يېشىدا ئۆلگەن. ( ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە،196 - بەت.)
ئەرتوغرىل -- چىڭگىزخان ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىپ يالىۋاچلىق مەرتىۋىسىگە ئىرىشكەن ۋە ھوقۇق بەلگىسى سۈپىتىدە ئالتۇن پايزا بىرىلگەن. ئۇ قوشۇن ئۈچۈن ساۋۇت — دوبۇلغا ياسايدىغان ئۇيغۇر ھۈنەرۋەنلىرىگە مەسئۇل بولغان. ( ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 198- بەت.)
 
تۇقمىر – قوبلايخان دەۋرىدە سۇڭ سۇلالىسىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان قوماندانلاردىن بىرى. ئۇنىڭ ئوغلى نوقاي دەستلەپ مىڭبېشى بولغان، مىلادى 1308- يىلى تارخانلىق ئۈنۋانىغا ئىرىشكەن. يەنە بىر ئوغلى ئۇيغۇر ئاۋۋال خېنەن بىلەن خېبىيگە سىياسىي مەسلىھەتچى، مىلادى1321- يىلى جىياڭشىگە سىياسىي مەسلىھەتچى بولغان. مىلادى 1326 - يىلى 59 يېشىدا ئۆلگەن. (ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە،351- بەت.)
نەسىردىن – يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى دېڭىز(سۇ) قوشۇنىنىڭ قوماندانلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ بوۋىسى مەھمۇد ئارىغ قىيانىڭ قوشۇنىدىكى مۇھىم ئادەم بولۇپ، مەشھۇر شياڭياڭ مۇھاسىرىسىگە قاتناشقان. شياڭياڭ ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ جۈنجوغا دارۇغاچ بولغان. نەسىردىن دەستلەپتە جۇندۇڭدا كاتىپ، لىڭجۇدا قاتناش ئىشلىرىغا مەسئۇل بەگ ۋە جۈندۇڭدا تەپتىش بولغان. مىلادى 1350- يىلى يۈەن سۇلالىسىگە قارشى قوزغىلاڭ پارتلىغاندا، نەسىردىن جېنجونى قوغداش بىلەن مەشھۇر بولغان. كېيىن كىمە ئەترىتىنى باشلاپ، قوزغىلاڭچىلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان جاڭشىچىڭ قوشۇنلىرىنى ۋۇخۇدا مەغلۇپ قىلىپ چىكىندۈرگەن. مىلادى 1353- يىلى خۇەيشى قوماندانلىقىغا تەينىلىنىپ، شەھەرنى قاتتىق مۇداپىئە قىلغان. لېكىن، بۇ ئۇرۇشتا ئۈچ ئوغلى بىلەن بىرلىكتە ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئۇنىڭ ئائىلىسى يۈەن سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداشتىكى ساداقىتى بىلەن مەشھۇر بىر ئائىلىگە ئايلانغان. (ب. ئۆگەل، يۇقىرىقى كىتاپ، تۈركچە، 359-، 360- بەتلەر. )
يۇقىرىدا تۇنۇشتۇرۇلغان قوماندانلارنىڭ ئىش — ئىزلىرىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، مىلادى 13- ئەسىردە ئوتتۇرىغا چىققان موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ كېڭىيىشى ۋە كۈچىيىشىدە ئۇيغۇر قوماندانلىرى ۋە ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ تۆھپىسى ئالاھىدە زور بولغان. موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي مەقسەتلىرى يولىدا ئۇيغۇر قوماندانلىرى ۋە ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ قەدەم ئىزى شەرقتە بېيجىڭدىن خاڭجۇ ئەتراپلىرىغىچە، جەنۇپتا خەينەن ئارىلى، ۋېتنام ۋە ياۋا ئارىلىغىچە ، غەرپتە ئىران، سۈرىيە، مىسىرغىچە، غەربىي شىمالدا ۋولگا بويلىرى كېيىف، موسكۋا، بالتىق دېڭىزى ۋە بۇداپېشتقىچە يىتىپ بارغان. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي ئىشلار تېخنىكىسى موڭغۇل مىللىتى ئۈچۈن بىر خىل يېڭى كۈچكە ئايلىنىپلا قالماي، يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىن ھالقىپ، ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ ھەربىي ئىشلار ئىسلاھاتى ئۈچۈن تۈرتكە بولغان. موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ئۇلۇغ ئوكياندىن تارتىپ بالتىق دېڭىز بويلىرىغا قەدەر ئىشغال قىلغان جايلىرىدا قۇرۇلغان خانلىقلىرىدا مەخسۇس ئۇيغۇر قوشۇنلىرى تۇرغۇزۇلغان. موڭغۇل ئىمپېرىيىسىگە قاراشلىق ئاشۇ خانلىقلاردىكى تۈرلۈك مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ ئىقتىدارلىقى ۋە ئەڭ سادىقى ئۇيغۇرلار ئىدى. ئۇيغۇرلاردىن چىققان ھەر ساھەدىكى تالانت ئىگىلىرى موڭغۇل ھاكىمىيىتىدە ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي ۋە ھەربىي ۋەزىپىلەرگە قويۇلغان. بۇ خىل ۋەزىپىلەرنىڭ يۇقىرىسى خان مەسلىھەتچىسى، ۋەزىر، ۋەزىر ياردەمچىسى، ئەلچى، دۆلەت ئۇستازى، كاتىپ، باش قوماندان، قوماندان، باش سوتچى، سوتچى، ئۆلكە باشلىقى، ۋالى قاتارلىقلار، تۈۋەن دەرىجىلىكلىرى بولسا مىڭ بېشى ۋە يۈز بېشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى. ئۇيغۇر قوشۇنلىرى ئۇرۇش مەزگىلىدە ناھايىتى قەھرىمانلىق بىلەن ئۇرۇشۇپ موڭغۇل ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتسە، تىنچ مەزگىللەردە ئوردا، پايتەخت، پايتەخت ئەتراپى، خەزىنە، قاتناش تۈگۈنلىرىنى قوغداشتەك مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇلغان. دېمەك، موڭغۇل ئىمپېرىيىسى ئۇيغۇرلارغا بەكرەك تايانغاچقا، ئۇنىڭ غەلىبىسىنى ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ غەلىبىسى دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. بۇ يەردە شۇنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل خانلىق قۇرۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن. بۇنىڭغا غەربىي ئاسىيادا قۇرۇلغان ئەرتىنە(ئەراتنا) خانلىقىنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ. بۇ خانلىقنى ئىلخانىيلارنىڭ ئاناتولىيىدىكى باش ۋالىسى ئەرتىنە قۇرغان. ئەرتىنە ئەسلىدە مىلادى 1327- يىلى ئاناتولىيىگە باش ۋالى بولۇپ تەيىنلىگەن. ئۇ مىلادى 1335- يىلى ئىسيان كۆتۈرۈپ مۇستەقىللىق ئىلان قىلغان. بۇ خانلىق مىلادى 1381- يىلىغىچە46 يىل ھۆكۈم سۈرگەن. بۇ خانلىقتا ئەرتىنە (1335-1352- يىللار)، غىياسىدىن(1352- 1365- يىللار)، ئالائىددىن (1365- 1380-يىللار)، مۇھەممەد(1380- يىلى) ۋە قىلىچ ئارسلان(1380-1381- يىللار) قاتارلىق بەش كىشى تەختتە ئولتۇرغان. بۇ خانلىق ئەڭ كۈچەيگەن مەزگىلدە زىمىنى ئاناتولىيىگە تولۇق كېڭەيگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇل ئىمپېرىيىسى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئايرىم تەتقىق قىلىنىدىغان مەسىلە . لېكىن، موڭغۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي ساھەدە ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن تولۇق نامايەن قىلغان مەزگىلى ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا، موڭغۇل ئىمپېرىيسىنىڭ تارىخىنى يازغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي ئۇتۇقلىرىنى تولۇق يورىتىش ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مەنتىقىسىنى چۈشۈنىشتىكى مۇھىم بىر ۋاسىتىدۇر.
ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ.
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 7755023--0991

_________________________
بۇ يازمىنى ئىجادىيەت مۇنبىرى مەسئۇللىرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن كۆچۈردۈم.
| ۋاقتى : 2007-12-25 23:59 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 8720ـ كۆرۈرمىنى
bares

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 926
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-11-06
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇ يەردە شۇنداق بىر مەسلىنى تىلغا ئىىش تۇلىمۇ زۆرۈر دەپ قارايمەن ،چىڭگزخاننىى تۈرۈك ئەۋلادى دەپ ھىساپلاش تارىخ ۋە مىللەت مىسىلىسىدە ئىنىق پاكىتقا تۇللۇق ئاساسقا ئىگىمۇ ؟بۇ ھەقتە نۇرغۇن ماتىرياللار نى كۆردۈم ئەممە بۇنى بىز ئىتراپ قىلغان بىلەن باشقا مىللەتلەر جۈمىلدىن ھەزىرقى مۇڭغۇللار غا تەۋە ،ياكى ھازىرقى مۇڭغۇل ئەۋلاتلىرىن قايىل قىلغۇدەك دەرىجىدە ئىسپالتلار بارمۇ .؟بولسا تىخىمۇ ئىنىق بىرچۈشەنچە ئارقىلىق مۇشۇ مەسىلىنى ئىنىق بلگەن بولساق دەپ ئويلايمەن .
yol
| ۋاقتى : 2007-12-26 14:26 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8720ـ كۆرۈرمىنى
oguz

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 1148
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە8دانە
شۆھرىتى: 9 نومۇر
پۇلى: 80 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :12(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-12-23
ئاخىرقى : 2008-03-23

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

لېكىن چىڭگڭزخان دىگەن تېلۋىزىيە تىياتىرىدا  يۇقارقى قوماندانلار توغرىسىدا ھىچقانداق مەلۇمات بېرىلمەپتىغۇ
ئۇ كىنودا پەقەت تاتاتوڭا دىگەن ئۇيغۇرلا چىقىدۇ.
| ۋاقتى : 2007-12-27 10:56 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8720ـ كۆرۈرمىنى
hejran(712)

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 1099
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە4دانە
شۆھرىتى: 5 نومۇر
پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-12-12
ئاخىرقى : 2007-12-27

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

نۇرغۇن بىلىمدىن خەۋەردار بولدۇم كۆپ تەشەككۈر
1som
| ۋاقتى : 2007-12-27 15:37 3 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8720ـ كۆرۈرمىنى
Elturk

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 48
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-02-07
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئەسلىدە بىزلەرنىڭ ئەشۇنداق شانلىق ئۆتمۈشىمىز بولغان ........................
| ۋاقتى : 2007-12-27 18:22 4 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8720ـ كۆرۈرمىنى
aliptekin

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 1112
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە4دانە
شۆھرىتى: 5 نومۇر
پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-12-15
ئاخىرقى : 2008-11-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

شۇنداق بىزنىڭ شانلىق ۆتمۈشىمىز بولغان . اشۇنداق كۈنلەر يەنە كىلەرمۇ؟
yol
| ۋاقتى : 2007-12-27 19:40 5 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8720ـ كۆرۈرمىنى
izbasar

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 1097
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە11دانە
شۆھرىتى: 12 نومۇر
پۇلى: 110 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-12-12
ئاخىرقى : 2008-12-28

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Quote:
5 - قەۋەتتىكى aliptekin 2007-12-27 19:40 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
شۇنداق بىزنىڭ شانلىق ۆتمۈشىمىز بولغان . اشۇنداق كۈنلەر يەنە كىلەرمۇ؟

بۇ پەقەت << مەن >> ۋە << سىز >> گە باغلىق .
yol
| ۋاقتى : 2007-12-27 20:16 6 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8720ـ كۆرۈرمىنى
timanbol

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 1064
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 41
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە41دانە
شۆھرىتى: 42 نومۇر
پۇلى: 410 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :120(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-11-27
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

  oguz  :  " لېكىن چىڭگڭزخان دىگەن تېلۋىزىيە تىياتىرىدا  يۇقارقى قوماندانلار توغرىسىدا ھىچقانداق مەلۇمات بېرىلمەپتىغۇ ئۇ كىنودا پەقەت تاتاتوڭا دىگەن ئۇيغۇرلا چىقىدۇ"
  ئۇرۇشنىڭ توققۇزى رەڭ بىرى جەڭ دىگەندەك كىنومۇ ھەم شۇنداق بولىدۇ دە.
| ۋاقتى : 2007-12-28 01:49 7 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8720ـ كۆرۈرمىنى
arslan

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 1186
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە11دانە
شۆھرىتى: 12 نومۇر
پۇلى: 110 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :7(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-12-29
ئاخىرقى : 2009-01-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

لېكىن مەن ئۇلارنى بىزنىڭ شانىلىق تارىخىمىز دەپ قارىمايمەن.ئۇ دېگەن ئۆزىنى بەزلەش.ھەتتا مەن شۇ دەۋرىمىزدىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ يۇمشاق سۆڭەكلىكىدىن ئاغرىنىمەن.ئۇلارمۇ ئەركەك بولغاندىكىن مۇستەقىل ئىش تەۋرىتىپ باقسا بولمامدۇ ؟ باشقىلارنىڭ قول ئاستىدا تۇرۇپ پەخىرلەنگىچە،  بىرەيلەن تېخى شۇنداق كۈنلەر كېلەرمۇ دەپتۇ، ھاھا..بىر چوڭ دەرەخننىڭ سايىسى ئاستىدىكى  بىر ئادەتتىكى ئۆسۈملۈك ئۆزىنىڭ شۇ دەرەخنىڭ ئاستىدا تۇرغانىلىقىدىن پەخىرلىنىپ خۇش بوپ كەتسە  ،ئېيتىڭلار بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ھاماقەتلىك بارمۇ؟
[ بۇ يازما arslan تەرىپىدىن 2007-12-30 03:35 دە قايت ]
| ۋاقتى : 2007-12-29 22:25 8 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8720ـ كۆرۈرمىنى
IDIKUT

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 1861
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە3دانە
شۆھرىتى: 4 نومۇر
پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-21
ئاخىرقى : 2008-09-29

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

  يەنا بىر بىلىم ئوگەندىم````رەخمەت سىزگە``بۇنى ئۇقۇپ بولىغىچە چىرىپ كىتتىم....يازغەچە قانچىلىك.........
1som
| ۋاقتى : 2008-04-24 12:27 9 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8720ـ كۆرۈرمىنى
izdinix

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 1528
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە8دانە
شۆھرىتى: 10 نومۇر
پۇلى: 80 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :9(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-02-27
ئاخىرقى : 2009-01-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەنمۇ ئارسلاننىڭ پىكىرىگە قۇشىلىمەن، بىز بۇ قۇماندانلارنى بىلسەكلا بولدى لېكىن ئۇلاردىن پەخىرلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، پەخىرلىنىش توغرا كەلسە
1som
| ۋاقتى : 2008-04-25 19:45 10 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8720ـ كۆرۈرمىنى
KARLUK

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 2262
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە8دانە
شۆھرىتى: 9 نومۇر
پۇلى: 80 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-05-24
ئاخىرقى : 2008-05-28

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەن ئىزدىنىشنىڭ سۆزىى خاتادەپ ئويلايمەن
1som
| ۋاقتى : 2008-05-27 19:36 11 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8720ـ كۆرۈرمىنى
zirek

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1895
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 167
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە167دانە
شۆھرىتى: 177 نومۇر
پۇلى: 1790 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :80(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-24
ئاخىرقى : 2009-01-07

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەن ئەسلى چىڭگىزخان دىگەن كىنونىڭ ئىشلىنىشتىن ئاۋۋالقى خەۋىرىنى كۆرگەن چېغىمدا 30 قىسىملىق دەپ ئوقۇغان.لېكىن تېلېۋىزوردا 28 قىسم قىلىپ بەردى. دىمەك قالغان 2 قىسىم كىمگە مۇناسىۋەتلىك؟ ئەسلى تارىخى كىنو دىگەننى تارىخقا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئىشلىشى كىرەكتى، نىمە بۇلۇپ 2قىسىمنى قىسقارتىۋەتكىنىنى بىلمىدىم.
| ۋاقتى : 2008-05-27 23:27 12 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8720ـ كۆرۈرمىنى
merghup

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 3608
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە1دانە
شۆھرىتى: 2 نومۇر
پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-07-18
ئاخىرقى : 2008-10-04

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Quote:
6 - قەۋەتتىكى izbasar 2007-12-27 20:16 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :

بۇ پەقەت << مەن >> ۋە << سىز >> گە باغلىق .


يەنە<<ئۇ>>مۇ بار قېرىندىشىم.
| ۋاقتى : 2008-07-18 21:28 13 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 8720ـ كۆرۈرمىنى
zirek

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1895
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 167
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە167دانە
شۆھرىتى: 177 نومۇر
پۇلى: 1790 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :80(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-24
ئاخىرقى : 2009-01-07

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

توغرا، بىز پەقەت ئۇلارنىڭ ئىسمىنى بىلىپ قالساقلا بولدى. ئۇلاردىن پەخىرلىنىشكە ئەرزىمەيدۇ. ھەم پەخىرلىنىشنىڭ قىلچە ئەھمىيتى يوق. پەخىرلىنىشكە توغرا كەلسە، قاراخانىيلار خاندانلىقىدا نۇرغۇن جەڭلەرنى قىلغان(يەنى ئىران ساسانىيلار ۋە قىتانلار بىلەن بولغان جەڭ) سەركەردىلىرىمىزنى تېپىپ چىقالىساق شۇلاردىن پەخىرلەنسەك بولىدۇ.
1som
| ۋاقتى : 2008-07-19 00:58 14 -قەۋەت
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.098938(s) query 4, Time now is:01-11 11:57, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation