ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
Yawuz
دەرىجىسى :كۇلۇب باشلىقى |
|
---|
ياقۇپبەگنىڭ تولۇق ئىسمى مۇھەممەت ياقۇپبەگ. تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى،بۇنداق ئاتاشتا ئاتىنىڭ ئىسمى ئالدىغا،بالىنىڭ ئىسمى كەينىگە كېلىپ قالىدۇ(ياقۇپبەگنىڭ دادىسىنىڭ تولۇق ئىسمى پىر مۇھەممەت مىرزا. رۇسىيىلىك كىروپاتكىن يازغان قەشقەرىيە دېگەن كىتابتا ياقۇپبەگنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمىنى ئىسمەت ئوۋلا دېيىلگەن)... ياقۇپبەگ تاشكەنتنىڭ شىمالىدىكى پىسكەنت كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن .ياقۇپبەگنىڭ بالىلىق دەۋرى ھەر بىر مۇسۇلمان بالىغا ئوخشاش ئىسلام دىنىدا بەلگىلەنگەن ئىپتىدائى مائارىپنى قۇبۇل قىلغان .12-13 ياشقا كىرگەندە ،ياقۇپبەگ تۇرمۇش يولىنى تاللىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ،يەنى مەدرىستە ئوقۇپ ،ئوقۇش پۈتتۈرگەندە قارى بولۇش كۆپ ساندىكى مۇسۇلمان ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ ئۇلارنىڭ دىندارلىق سالاھىيىتىنى تىكلىشىنىڭ ئاساسى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ تىرىكچىلىك قىلىشىنىڭ بىرخىل ۋاستىسى ئىدى. قارىيلىق دەرىجىسىگە ئېرىشكەن كىشى ناۋادا تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالسا ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ ،توي- تۆكۈن.ئۆلۈم -يېتىم، نەزىر- چىراغ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپمۇ ئۆز تۇرمۇشىنى قامدىيالىغۇدەك تاپاۋەتكە مۇيەسسەر بولالايتتى. ياقۇپبەگ جەمەتىنىڭ ئەنئەنىسىدىن قارىغاندا، ياقۇپبەگ ئېھتىمال مۇشۇ يولدا مېڭىپ مەدرىستىن ئىبارەت ئالىي دىنىي بىلىم يۇرتىغا كىرىپ ئىسلام دىنىي بىلىملىرى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ ھەرقايسى پەنلەرنى ئۆگىنىپ ، بۇخاراغا بېرىپ موللا ئاتالغان بولسا كېرەك. ئەگەر ياقۇپبەگ ئۆزىنى ئىلىمگە ھەقىقى بېغىشلىغان بولسا مىسىرغا بېرىپ قاھىرە ئەزھەر مەدرىسىدە ئوقۇپ شەيخ دەرىجىسىگە دەرىجىسىگە يېتەلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. بىراق ياقۇپ بەگ بۇ يولدىن ۋاز كەچكەن. ياقۇپبەگ دەسلەپكى دىنىي ئوقۇشنى تۈگىتىپلا ئەلنەغمىچىلەر بىلەن ئارىلىشىشقا باشلىغان . بۇ ئەلنەغمىچىلەرنىڭ تەسىرىدە، ياقۇپبەگ نەغمە-ناۋا سورۇنلىرىغا ئىشتىياق باغلىغان. شۇنىڭ بىلەن بالا ۋاقتىدىلا بەدەن تۈزىلىشى راۋۇرۇس .پۇت- قوللىرى چەبدەس بولغان ياقۇپبەگ تېزلا پىسكەنت كەنتىدە ئۇسۇل بىلەن نام چىقارغان. ياقۇپبەگ 16 ياشقا كىرگەن يىلى مۇھىم بىر بۇرۇلۇشقا دۈچ كەلدى. شۇ يىلى ياقۇپبەگنىڭ بىر ھەدىسى نار مۇھەممەت ئىسىملىك بىر كىشى بىلەن توي قىلىدۇ..شۇ ۋاقىتتا نار مۇھەممەت تاشكەنتنىڭ ھاكىمبېگى ئىدى. تاشكەنت قوقەنت خانلىقىدىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر ئىدى.شۇ سەۋەپتىن ، قوقەنت خانلىقىنىڭ يۈزلىگەن،مىڭلىغان مەمۇرىي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىچىدە نارمۇھەممەد نىڭ ئورنى ۋە ئەمەلىي كۈچى يۇقىرى ئىدى. يۈكسەك ئىمتىياز ۋە ۋە ھوقۇققا ئىگە ھاكىمبەگ بىلەن نەغمە ناۋا سورۇنلىرىدىكى بىر ئۇسسۇلچى قانداقمۇ تەڭ ئورۇندا تۇرالىسۇن ؟ نارمۇھەممەتنىڭ ياردىمى بىلەن ياقۇپبەگ تاشكەنت ھاكىمبېگىنىڭ مۇھاپىزەتچى قوشۇنىغا قۇبۇل قىلىنىدۇ ھەم دەھبېشى قىلىپ تەيىنلىنىدۇ. بۇ چاغدا ياقۇپبەگ بويى ئۆسۈپ قاۋۇل يىگىت بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ قەددى -قامىتى كېلىشكەن،ئۆزى بولسا پالۋان ئىدى. بۇلارغا ياقۇپبەگنىڭ نارمۇھەممەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قوشۇلۇپ ، ئۇ بىر دەھبېشى بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ بىلەن تەك دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئەمەلدارلارنىڭ نەزىرىدە ئادەتتىكى ئادەم ئەمەس ئىدى. نارمۇھەممەتتىن كېيىن تاشكەنتكە قانائەتشاھ دېگەن كىشى ھاكىمبەگ بولىدۇ. قانائەتشاھنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى تاشكەنتنىڭ مۇداپىئە ئىستىھكاملىرىنى كۈچەيتىپ چاررۇسىيىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى. قانائەتشاھ يولغا قويغان تەدبىرلەر ئىچىدە ھاكىمبەگنىڭ مۇھاپىزەتچى قوشۇنىنى كېڭەيتىش مەزمۇنىمۇ بار ئىدى.كېڭەيتىپ تەشكىللەنگەن مۇھاپىزەتچى قوشۇندا ياقۇپبەگ يۈزبېشى مەنسىپىگە تەيىنلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ياقۇپبەگنىڭ كىيىنكى سىياسى،ھەربى ھاياتىدا يۈز بېشى مەزگىلىدە يېتىلدۈرگەن مىجەز - خۇلقى ھەمىشە كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ ، بولۇپمۇ ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتا ئۇنىڭ پوزىتسىيىسى قاتتىق،ۋاستىسى دەھشەتلىك بولغان. يۈزبېشىلىق مەنسىپىدە تۇرغاندا ياقۇپبەگنىڭ خىزمىتى كۆرۈنەرلىك بولغىنى ئۈچۈن ، قانائەتشاھ باشلىق كىشىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن 1844-يىلى ياقۇپبەگ ئاق مەسچىتكە ئەۋەتىلىپ ،شۇ يەرنىڭ مەمۇرىي باشلىقى- ھاكىمبېگى قىلىپ تەيىنلەنگەن. ئاق مەسچىت سىر دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغا جايلاشقان بولۇپ ،تاشكەنتكە 12 كۈنلۈك يول ئىدى .ھەقىقى مەنىدىن ئېيتقاندا بۇ بىر ھەربى قورغان ئىدى.موللا مۇسا سايرامىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا ياقۇپبەگ مىلادىيە 1864-1865-يىللىرى بۇزرۇكخانغا ئەگىشىپ قەشقەرگە كەلگەن . 1865- يىلى 4- ئايدا قەشقەردە يەتتە شەھەر خانلىقىنى قۇرغان ۋە جەنۇبتا خوتەن قارا - قۇرۇم تاغلىرىدىن شىمالدا ئۈرۈمچىگىچە شەرقتە تۇرپاندىن غەربتە پامىر تاغلىرىغىچە بولغان كەڭ زېمىننى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆزىنى بەدۆلەت دەپ ئاتاپ، پۈتكۈل قەشقەرىيە رايونىنىڭ ھۆكۈمدارىغا ئايلانغان. 1875- يىلى چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن زوزۇڭتاڭ باشچىلىقىدىكى خۇنەن قوشۇنى ئەۋەتكەندىن كېيىن، ئىستىراتېگىيە جەھەتتىن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، سۈلھى تۈزۈشنى ئويلىغانلىقى ئۈچۈن، 1876- يىلى شىمالدىكى زېمىنلار قولدىن كەتكەن ۋە 1877- يىلى 5- ئاينىڭ 29- كۈنى قارا شەھەردە زەھەرلىنىپ ئۆلگەن. تۆۋەندە سىز كۆرۈۋاتقان بۇ رەسىملەر ئەينى چاغدىكى ئەنگلىيە ئەلچىسى فورسېيىس تەرىپىدىن تارتىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەسىرىگە كىرگۈزۈلگەن سۈرەتلەر بولۇپ، بۇ سۈرەتلەر 140 يىل بۇرۇن تارتىلغانلىقى ئۈچۈن بىرقەدەر تۇتۇق، شۇنداق بولسىمۇ ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى چۈشىنىشكە پايدىسى بولار دېگەن مەقسەتتە بۇ سۈرەتلەرنى يوللىدۇق. ![]() ياقۇپبەگ قوشۇنلىرى ![]() ياقۇپبەگ ئەسكەرلىرى ۋە قوراللىرى ![]() ياقۇپبەگ ئەسكەرلىرى ۋە قوراللىرى ![]() ياقۇپبەگ ئەسكەرلىرى ۋە قوراللىرى ![]() ياقۇپبەگ قوشۇنلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىرى قىرغىز ئەسكەرلەر ![]() ياقۇپبەگ ئارمىيىسىنىڭ توپ زەمبىرەكلىرى ![]() ماۋۇلارنىڭ تۇڭگان قوشۇنى ياكى ئەل بولغان چىڭ ئارمىيىسى ئىكەنلىكىنى ئۇققىلى بولمىدى ![]() قىسىمدىن بىر كۆرۈنۈش ![]() قىسىمدىن بىر كۆرۈنۈش ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەتقىقاتتا پايدىلانغۇچىلار ئۈچۈن رەسىملەرگە تامغا بېسىلمىدى، شۇڭا باشقا مۇنبەرلەرگە يۆتكىمەڭ، ئەگەر يۆتكىسىڭىزمۇ ئۈچ پارچە يۆتكەپ، قالغىنىغا ئەسلى مەنبەسىنى ئۇلانما قىلىڭ، بىزنى تامغا بېسىشقا مەجبۇرلاپ رەسىملەرنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرمەڭ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت |
||
![]() |

adil
ئادىل
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
serdar
دەرىجىسى :لەشكەر |
كۆزۈم پەنجىرە بولدى !
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
riwayet
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
totem
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
jewlaniy
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
Emeren
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
udun
دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
TuranTekin
ئۆزىنى بىلمەسلىك - ئەڭ چوڭ نادانلىقتۇر!
دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
kisek
دەرىجىسى :باشقۇرغۇچى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
Qutghur
دەرىجىسى :پانسات |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
woljfn999
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
bugrahan
مىللىتىمىزنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئويلىشايلى!
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
uyghurtekin
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
serjant123
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|