نۆۋەتتىكى تېما : ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 5117ـ كۆرۈرمىنى
tahir.imin

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 1395
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 2
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە2دانە
شۆھرىتى: 6 نومۇر
پۇلى: 50 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-02-08
ئاخىرقى : 2008-10-19

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى

بۇ يازمىغا admins تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-04-08)

 

گېرمانىيە، جۇڭگو بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى
گېرمانىيە ماكىس پىلانك جەمئىيەت ئىنسانشۇناسلىقى ئىنستىتۇتى، جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى ئىنسانشۇناسلىق ۋە فولكلور تەتقىقات مەركىزى، جۇڭگو بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى مىللەتشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتى

2008- يىلى 7- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 12- كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان «جۇڭگونىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتى» تېمىسىدىكى ئىلىمى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئەسەر چاقىرىدۇ:

ئۇيۇشتۇرغۇچىلار:

ئايشەم ئېلى (گېرمانىيە ماكىس پىلانك جەمئىيەت ئىنسانشۇناسلىقى ئىنستىتۇتى)

راھىلە داۋۇت (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى)

ساۋۇت پاۋان (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى)

ياڭ شېڭمىن (مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى)

يىغىن ئورنى: جۇڭگو، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى

گېرمانىيە ماكىس پىلانك جەمئىيەت ئىنسانشۇناسلىقى ئىنستىتۇتى، جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار ھەمكارلىشىپ «جۇڭگونىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتى» تېمىسىدا 2008- يىلى 7- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 12- كۈنىگىچە ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرماقچى.

مەزكۇر ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئاساسى مەقسىتى ئىنسانشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنى تەتقىق قىلىشتىكى زۆرۈرىيىتى ۋە مەزكۇر رايوندىكى ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى، كەلگۈسى ۋە مۇھىم رولى ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىشى ئۈچۈن سورۇن ھازىرلاشتۇر.

جۇڭگودىكى ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتى بىر نەچچە باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، تاكى 1970- يىلىغا قەدەر سىياسىي مالىمانچىلىقنىڭ زور تەسىرىگە ئۇچراپ كەلگەن. بۇ مەزگىللەردە 1950- يىلى دۆلەت تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان تەتقىقاتلار بىر قەدەر كەڭ دائىرىلىك ۋە گەۋدىلىك بولۇپ بىر قىسىم كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر بارلىققا كەلگەن. 80- يىللاردىكى ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتى مەخسۇس «ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتلەر» ۋە «يېزا ئاھالىسى»نى مەركەزلىك تەتقىق قىلىدىغان ئەنئەنىۋى قېلىپتىن بىر باسقۇچ تەرەققىي قىلدى. مەكتەپلەر ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ئىنسانشۇناسلىق پېنى ئىلمى تەتقىقات پېنى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىندى. تەتقىقات يۈزلىنىشى ۋە تەتقىقات دائىرىسىمۇ زور دەرىجىدە كېڭەيدى، چەتئەللىك تەتقىقاتچىلار ۋە چەتئەلدە تەربىيىلەنگەن جۇڭگولۇق ئىنسانشۇناسلار جىنس، ئىرق، مىللەتشۇناسلىق، كۆچمە نوپۇس تەتقىقاتى، جەمئىيەت ۋە مائارىپ قاتارلىق تېمىلارغىچە كېڭەيتىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

مۇشۇ تەرەققىياتلارغا ماس قەدەمدە، ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى جۇڭگونىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىنسانشۇناسلارنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى تارتىشقا باشلىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۆتكەن 20 يىلدىن بېرى ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقات ساھەسىدە كۈچلۈك دىققەت قوزغاپ كەلگەن كۆپ مىللەتلىك رايونلارنىڭ بىرىدۇر. لېكىن شىنجاڭ ھەققىدىكى تەتقىقاتلار پەقەت مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، جەمئىيەت تەتقىقاتى ۋە يەرلىك ئۆرپ - ئادەتلەر تەتقىقاتى بىلەن چەكلىنىپ قالدى. ئېرىشىش مۇمكىن بولغان ئىلمى ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، شىنجاڭ ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە خەلقى، جۇغراپىيىلىك مۇھىتى ۋە مەدەنىيەتكە تويۇنغان مەنزىرىلىرى بىلەن، ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتى نۇقتىسىدىن يەنىلا ئېچىلمىغان بوز يەر پېتى تۇرۇپتۇ.

شىنجاڭ ۋە باشقا ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىغا قىزىقىدىغان تەتقىقاتچىلارنىڭ قاتنىشىشى ئارقىلىق بىز مۇشۇ رايونلاردىكى ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ يىڭى تەتقىقات ئۇسۇللىرى ۋە نەزەرىيىۋى رامكىسىنى قۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ خىزمەت ئۆز نۆۋىتىدە باشقا تەتقىقات ساھەلىرىنىمۇ مېتودولوگىيە ۋە ۋە تەتقىقات ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىنسانشۇناسلارنىڭ تارىخشۇناسلار، فولكلور تەتقىقاتچىلىرى، جەمئىيەتشۇناسلار ۋە ئىقتىسادشۇناسلار بىلەن بولغان تەتقىقات مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدۇ. شۇڭا ئىشىنىمىزكى، بىزنىڭ تەتقىقاتىمىز يەرلىكنىڭ ئىلمى ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشالايدۇ.

مۇھاكىمە يىغىنىدا قوللىنىلىدىغان تىللار ئنگىلىز ۋە خەنزۇ تىللىرى بولۇپ، 300 سۆزدىن ئېشىپ كەتمىگەن قىسقىچە ماقالە مەزمۇنى ۋە بىر بەتلىك پايدىلىنىشتا زۆرۈر تونۇشتۇرۇش ماتېرىيالى 25- مارتتىن بۇرۇن ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا ئەۋەتىلىشى كېرەك. (PDF ياكى Word ھۆججەت شەكلى تەشەببۇس قىلىنىدۇ) قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالى 25- ئاپرېلدا ئۇقتۇرۇلىدۇ. قاتناشقۇچىلار ئارىسىدا تارقىتىلىدىغان نۇسخىسى ئۈچۈن ماقالىنىڭ تولۇق بىر نۇسخىسىنى 1- ئىيۇندىن بۇرۇن تاپشۇرۇشى كېرەك.

ماقالە قوبۇل قىلغۇچىلار ۋە ئېلخەت ئادرېسى:
ئايشەم ئېلى: eli@eth.mpg.de
راھىلە داۋۇت: rahiled@xju.edu.cn


توردا بۇ ئەسەر قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى كۆرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ بۇ پائالىيەتتىن خەۋەر تېپىشى، قاتنىشىشى ، ئايشەم ئېلى ۋە راھىلە داۋۇتقا ئوخشاش ئۇيغۇر ئايال تەتقىقاتچىلار ۋە باشقا ساۋۇت پاۋان قاتارلىق پېشقەدەم تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر رايونى تەتقىقاتى يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىدىن خەۋەر تاپقۇزۇش ئۈچۈن بۇ ئۇقتۇرۇشنى تەرجىمە قىلىپ چىقىپ، ئېلان قىلىشتىن ئاۋۋال ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكرى ھەم رۇخسىتىنى ئېلىش مەقسىتىدە خەت ئالاقە قىلدىم، ئايشەم ھەدىمىز ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن بۇ ئىشنى قوللايدىغانلىقىنى، بۇ ئىشنى قىلىشتىكى مەقسەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، ياش ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى ئىزدىنىشلىرىگە ئىلھام ۋە شارائىت يارىتىلىشى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ رۇخسەت ھەم پىكىر بېرىپ مۇشۇ ھالەتتە ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتىدە ئېلان قىلىنىشىغا ئىجازەت بەردى. دوكتۇر راھىلە داۋۇت كۆرۈپ چىقىپ تەستىقلىدى. قېرىنداش ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ ئۇچۇردىن ئۈنۈملۈك ۋە دۇرۇس يوسۇندا پايدىلىنىشنى، ئىلمى ئەمگەكلىرى بولسا ئاكتىپ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدە قىتئەلەر ئاتلاپ، نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مۇشۇنداق ئەمەلىي نەتىجىلىرى بىلەن بىزنى سۆيۈندۈرگەن ئۇستازلارغا ئاپىرىن، تەڭرى ئۇلارنى خاتىرجەم ۋە ئۇتۇق ئىگىسى قىلغاي!)

2008-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى

تاھىر ئىمىن




| ۋاقتى : 2008-02-15 03:01 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 5117ـ كۆرۈرمىنى
Yawuz

دەرىجىسى :كۇلۇب باشلىقى


UID نۇمۇرى : 1787
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 367
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە367دانە
شۆھرىتى: 398 نومۇر
پۇلى: 3980 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :610(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-01-21
ئاخىرقى : 2009-01-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئايشەم ئېلى، راھىلە داۋۇت، ساۋۇت پاۋان، ياڭ شېڭمىن قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ بۇ تېمىنى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى سەھنىسىگە ئېلىپ چىققانلىقىغا كۆپتىن - كۆپ ھەشقاللا!
ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتىمىز ئۇلارنىڭ بۇ شىجائىتىگە رەھمەت ۋە بارىكاللا ئېيتىمىز ھەم شۇنداقلا بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئوڭۇشلۇق غەلىبىلىك ئېلىپ بېرىلىشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللايمىز. تور بېتىمىزدىكى مۇشۇ ھەقتە تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوستلىرىمىزنىڭ يىغىن ئۇقتۇرىشىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى بۇ يىغىنغا سۇنۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئالىملىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىشقا چاقىرىمىز
ھۆرمەت بىلەن: ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتى
1som
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
| ۋاقتى : 2008-02-15 04:03 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 5117ـ كۆرۈرمىنى
TarimDadxah

دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 29
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-01-27
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بەكلا ياخشى  ئىش  بوپتۇ! سۆيۈنگىدەك  ئىش  بوپتۇ!
terjime guruppisi
| ۋاقتى : 2008-02-15 15:40 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 5117ـ كۆرۈرمىنى
pidakar194

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 1381
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە14دانە
شۆھرىتى: 16 نومۇر
پۇلى: 150 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :8(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-02-06
ئاخىرقى : 2009-01-04

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

耿史民ةگېڭ شىمىن دەپ تۈزۈتىۋېلىشىڭىزلارنى سۇرايمەن.
| ۋاقتى : 2008-02-16 18:33 3 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 5117ـ كۆرۈرمىنى
Yawuz

دەرىجىسى :كۇلۇب باشلىقى


UID نۇمۇرى : 1787
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 367
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە367دانە
شۆھرىتى: 398 نومۇر
پۇلى: 3980 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :610(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-01-21
ئاخىرقى : 2009-01-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Quote:
3 - قەۋەتتىكى pidakar194 2008-02-16 18:33 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
耿史民ةگېڭ شىمىن دەپ تۈزۈتىۋېلىشىڭىزلارنى سۇرايمەن.

نىمىنى تۈزىتىپ قويىمىز دوستۇم، بۇ قېتىنقى پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرسى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىدىكى پىروفېسسور ياڭ شېڭمىن (杨圣敏) سىز دىگەن پىروفېسسور گېڭ شىمىن (耿世民) ئەمەس.
1som
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
| ۋاقتى : 2008-02-16 23:20 4 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 5117ـ كۆرۈرمىنى
uyghurqizi

دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 1785
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 92
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە92دانە
شۆھرىتى: 92 نومۇر
پۇلى: 920 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :44(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-12
ئاخىرقى : 2009-01-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ناھايىتى ياخشى ئىش بوپتۇ، كۆپلىگەن ھەۋەسكارلارنىڭ، ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
1som
| ۋاقتى : 2008-02-16 23:34 5 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 5117ـ كۆرۈرمىنى
tunyuquq79

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 1434
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە2دانە
شۆھرىتى: 3 نومۇر
پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-02-11
ئاخىرقى : 2008-03-02

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇ بەك ئىسىل پائالىيەت بوپتۇ. تىما يوللۇغىچىغا رەھمەت.................موكىن بولسا ئېلىپ بىرىلىدىغا ن ئىشلار تىخىمۇ كونكىرىتنى ئەيتىلغان بولسا
1som
| ۋاقتى : 2008-02-16 23:34 6 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 5117ـ كۆرۈرمىنى
erkhon

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 1066
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 42
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە42دانە
شۆھرىتى: 43 نومۇر
پۇلى: 420 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :30(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-11-30
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

bu heqiqeten karamet xosh-xewer iken.mumkin bolsa yezilidighan maqaligha qarita qoyulidighan telep we daire tepsiliraq bolghan bolsa,bu xewer her bir ziyali we millet soyer xeliqlerning choqum bilishi sherit bolghan uchur iken.men bu xewerni tonush-bilishlerimge toluq,tiz yetkuzushke tirishimen.tima igisige kop rexmet.
yol
| ۋاقتى : 2008-02-17 01:14 7 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 5117ـ كۆرۈرمىنى
...yasir

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 1375
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە17دانە
شۆھرىتى: 18 نومۇر
پۇلى: 170 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :11(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-02-05
ئاخىرقى : 2008-12-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

تۆۋەندىكى مەزمۇن <دىيارىم> مۇنبىرىدىكى <يولباشچى> نىڭ تىمىسىدىن قالدۇرۇلغان ئىنكاسى بولۇپ ، مۇشۇ تىمىغا ئىنكاس شەكلىدە قوشۇپ قويۇشنى زۆرۈر تىپىپ ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئىلىپ يوللاپ قويدۇم .

ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ



ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ (anthropology) ﺋﺎﺩﻩﻡ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻣﻮﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﻪﻧﺪﯗﺭ . ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﻰ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ (anthropology) ﺳﯚﺯﻯ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﮔﯧﺮﯨﻚ ﻳﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ anthropos (ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ) ﯞﻩ logys (ﭘﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ) ﺗﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﯩﺴﻰ ﺳﯚﺯ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﻯ ، ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﯩﺴﻰ ﺳﯚﺯ ﻳﺎﺳﯩﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ . ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻧﺪﻩ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ " ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﻪﻥ " ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯘﺭ .
ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﮔﯧﺮﯨﻚ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ " ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ " ﻗﺎ ﻛﻪﻟﮕﯜﭼﻪ ، ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﻚ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﺩﻯ . ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻻﺗﯩﻦ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ " ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ " ﺳﯚﺯﻯ 16 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﯩﭙﯩﺪﻩ ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﻰ " ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﻧﺎﺗﻮﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﻰ " ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ . 19 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 40 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻼ " ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ " ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﻯ . ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﯩﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﺎﺵ ﭘﻪﻥ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻛﻮﻟﯘﻣﺒﻮ ﭼﻮﯓ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ، ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﭘﻪﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﯞﻩ ﺷﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﺪﻯ .
ﺋﯩﺸﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻰ ﺗﻪﻳﻠﻮﺭ (E.B.Tylor) ﻧﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ . ﺋﯘ 19 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 60 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، 1883 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻛﯩﺴﻔﻮﺭﺩ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻨﺎﻣﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﻪﻧﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻟﺪﻯ . ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﺍ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻠﯘﻕ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺱ ﺑﻮﺋﯩﺲ (F.Boas) ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ، ﺗﻪﻳﻠﻮﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﯞﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﺪﻯ ، ﺩﯨﺴﻪﻙ ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺑﻮﺋﯩﺴﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﯘ ﺋﻪﻗﻠﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﯨﻤﯘ - ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎﺩﺍ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ - ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺋﻪﯓ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ . ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ، ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﯜﻛﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ " ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ " ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﺭ ﻣﻪﯞﺟﯜﺕ . ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ - ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺩﯦﻪﻩﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺗﻪﻥ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻧﯟﯨﺮﺳﺎﻝ ﭘﻪﻥ ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﯘ ﭘﻪﻧﻨﻰ ﮬﻪﻡ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﯜﻛﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯗ ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ ؛ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ، ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺗﻪﻥ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﻪﻥ ﺩﻩﭘﻼ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ . ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ " ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ " ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﭘﻪﻥ ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ . ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ - ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ " ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ " ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﭗ ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ، ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ .
ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﭘﻪﻥ ﻧﺎﻣﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﻛﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﻪﯞﺯﻩﻝ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ( ﺑﯘ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻢ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﻮﻟﺒﺎﺷﭽﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ﺗﯩﻤﯩﺴﻰ ، ﺭﯗﺧﺴﻪﺗﺴﯩﺰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﺌﻪﺩﻩﭘﻠﯩﻚ . ﺋﻪﺩﻩﭘﻜﻪ ﻗﺎﻳﺖ ، ﺗﯩﻤﺎ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﺮﻯ) ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ - ﺋﺎﺭﺍ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻣﻪﯞﺟﯜﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﯞﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺳﺎﮬﻪﺩﻩ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ، ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﺎﺯ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻻﻳﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﻼ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ، ﺧﺎﻻﺱ . ﺷﯘﯕﺎ ، ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺳﺎﮬﻪﺩﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ، " ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻰ " ﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ .
Ethnology ﺳﯚﺯﻯ ﺟﯘﯕﮕﯘﺩﺍ ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ 1903 - ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ " ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯧﺮﯨﻘﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ " ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . 1926 - ﻳﯩﻠﻰ ، ﺳﻪﻱ ﻳﯜﻩﻧﭙﯩﻲ (蔡元培) ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯘﻧﻰ " ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ " ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻥ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺳﻪﻱ ﻳﯜﻩﻧﭙﯩﻴﻨﻰ ﺟﯘﯕﮕﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ . ﺋﯧﻨﯩﻘﻜﻰ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﻏﯩﻨﻰ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﺟﯘﯕﮕﯘ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ " ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﻰ " ﺩﻩ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .
ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ - ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﯩﻼ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ - ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ ، ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﭘﻪﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭ 1949 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ - ﺋﺎﺭﺍ ﺧﺎﺗﺎ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻣﻪﯞﺟﯜﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .
20 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 80 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﯞﻩ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﺎﭘﺮﺍﺗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﺶ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﺪﻩ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﯩﺮﺩﻩﻛﻠﯩﻜﻜﻪ ﻛﯩﻠﻪﻟﻤﯩﺪﻯ . ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﺸﻰ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺗﯘﺭﺍﻗﺴﯩﺰ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ .
ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﯨﺶ - ﻛﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ " ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ " ﯞﻩ " ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ " ﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﯞﻩ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻗﺘﻪ ﺑﺎﺭﺍ - ﺑﺎﺭﺍ ﺑﯩﺮﺩﻩﻛﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﯧﯖﯩﺶ ﮬﺎﻟﯩﺘﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﻤﻪﻛﺘﻪ . 1954 - ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻥ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯩﯔ " ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﻯ " ﻧﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ : ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﻮﺑﯩﻜﺘﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ " ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ " ﯞﻩ " ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ " ﺩﯨﻜﻰ " ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ " ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ .
ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻤﯩﺴﻰ " ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﻪﻥ " ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻤﺎ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ : ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ، ﭘﺴﯩﺨﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ، ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﺷﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ، ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ، ﻓﺰﻭﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ " ﺋﺎﺩﻩﻡ " ﻳﺎﻛﻰ " ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﻰ " ﻧﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﻪﻥ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯘﺯﯗﻥ ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯗﺭ . ﺷﯘﯕﻼﭼﻘﺎ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﻗﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﯟﯨﻠﯩﺶ ﺯﯙﺭﯛﺭ . ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ، ﺑﯘ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﻼ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ ﭘﻪﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ .


ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻛﻮﻟﯘﻣﺒﯩﻴﻪ ﺋﯘﻧﯟﯦﺴﺘﯩﺘﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﻰ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ " ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ " ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺪﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ :

ﻣﯘﻧﺪﻩﺭﯨﺠﻪ


ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺳﯚﺯ


ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯩﺴﯩﻢ



1. ﺑﺎﭖ : ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﻪ - ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﭘﻪﻥ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ
2. ﺑﺎﭖ : ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﻰ ﺋﯩﺰﻧﺎﻟﯩﺮﻯ
3. ﺑﺎﭖ : ﺗﻪﻥ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ
4. ﺑﺎﭖ : ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ
5. ﺑﺎﭖ : ﺋﯩﻜﯩﻠﻮﮔﯩﻴﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ
6. ﺑﺎﭖ : ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ
7. ﺑﺎﭖ : ﺗﯩﻞ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ
8. ﺑﺎﭖ : ﺗﻮﻧﯘﺵ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ
9. ﺑﺎﭖ : ﭘﺴﯩﺨﯩﻚ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ
10. ﺑﺎﭖ : ﺩﺍﻟﯩﺪﺍ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ
11. ﺑﺎﭖ : ﻧﯩﻜﺎﮬ ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﯞﻩ ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ
12. ﺑﺎﭖ : ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺱ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ
13. ﺑﺎﭖ : ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﻮﭘﻰ
14. ﺑﺎﭖ : ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺶ
15. باپ : ﺩﯨﻦ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ


ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯩﺴﯩﻢ


16. ﺑﺎﭖ : ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ
17. ﺑﺎﭖ : ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ
18. ﺑﺎﭖ : ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﯩﺴﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ
19. ﺑﺎﭖ : ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﭘﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ
20. ﺑﺎﭖ : ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻧﺪﯨﺴﻰ
21. ﺑﺎﭖ : ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﮔﯜﺯﻩﻝ - ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ
22. ﺑﺎﭖ : ﺳﯜﺭﻩﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ
23. ﺑﺎﭖ : ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ
24. ﺑﺎﭖ : ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﭽﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ
25. ﺑﺎﭖ : ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ " ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﺶ " ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ


ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﺎﺗﯧﺮﻳﺎﻟﻼﺭ :
1. ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ < ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ > ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭖ .
2. ﻛﻮﻟﯘﻣﺒﯩﻴﻪ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ F.Boas ﻧﯩﯔ < ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ > ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭖ .
3. ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ﺋﻮﻛﯩﺴﻔﻮﺭﺩ ﺋﯘﻧﯟﯦﺴﺘﯩﺘﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ E.B.Tylor ﻧﯩﯔ < ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ > ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭖ .



مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىزنى مۇشۇنداق زۆرۈر بىلىم بىلەن تەمىنلىگەن <دىيارىم> مۇنبىرىدىكى <يولباشچى> غا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن !
| ۋاقتى : 2008-02-17 02:23 8 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 5117ـ كۆرۈرمىنى
udun

دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1168
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 494
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە494دانە
شۆھرىتى: 503 نومۇر
پۇلى: 5020 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :260(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-12-27
ئاخىرقى : 2008-12-14

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

...yasir  ئەپەندى، بەك ياخشى بىر تېمىنى قوشۇپسىز، نۇرغۇنلىرىمىزغا مەنپەئەتى يەتتى. كۆپ رەھمەت.
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
| ۋاقتى : 2008-02-17 03:21 9 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 5117ـ كۆرۈرمىنى
Kulbilge

دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 2099
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 139
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە139دانە
شۆھرىتى: 176 نومۇر
پۇلى: 2250 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :28(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-06-30
ئاخىرقى : 2008-12-19

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشغا قولايلىق بولۇشى ئۇچۇن يوقارقى ئىنكاسقا تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنىمۇ قوشۇپ قويساق بولغۇدەك.
1. ئتنولوگىيە:  民族学 , Ethnology ; ئىتنىك گۇرۇپ ياكى مىللەت مەنىسىدىكى Ethno سۆزىگە پەن،ئىلىم مەنىسىدىكى logy سۆزىنىڭ قوشۇلىشىدىن ياسالغان. مىللەتشۇناسلىق دىگەن مەنىدە،  1929-يىلى فىرانسىيىلىك ئدۋارد( Edward ) تۇنجى بولۇپ بۇ ئاتالغۇنى ئوتتورغا قويغان، 1839-يىلى پارىژ مىللەتشۇناسلىق جەمىيىتى قۇرۇلغاندىن كىيىن بۇ ئاتالغۇ دۇنيا ئىلىم ساھەسى تەرىپىدىن رەسمى ئىتىراپ قىلىنغان.

2. فولكلور: 民俗学 , Folklore؛ ئادەم،خەلق مەنىسىدىكى Folk سۆزى بىلەن پەن،ئىلىم مەنىسىدىكى lore سۆزىنىڭ قوشۇلىشىدىن ياسالغان، خەلق ئارىسىدىكى بىلىم دىگەن مەنىدە. ئاساسلىقى مەلۇم بىر خەلقنىڭ ياكى مىللەتنىڭ ئۆرپ ئادىتىنى،ئىغىز ئەدىبىياتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم، ئادەتشۇناسلىق،ئەنئەنەشۇناسلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ (پەقەت خەلق ئىغىز ئەدىبىياتىنى تەتقىق قىلىدۇ دەيدىغان قاراشمۇ بولغان). 1846 -يىلى ئەنگىلىيىلىك ۋىليام توماس( W.J.Thomas ) تەرىپىدىن تۇنجى بولۇپ ئوتتورغا قويۇلغان. 1878-يىلى لوندوندا خەلق ئۆرپ ئادىتىنى تەتقىق قىلىدىغان تۇنجى "فولكلور جەمىيىتى"  قۇرۇلغان.

3. ئىتنوگىرافىيە: 民族志 , Ethnography; ئىتنىك گۇرۇپ ياكى مىللەت مەنىسىدىكى Ethno سۆزىگە يىزىق-بەلگە ياكى خاتىرە مەنىسىدىكى graphy سۆزىنىڭ قوشۇلىشىدىن ياسالغان. مىللەتكە ئالاقىدار تۇرلۇك ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىدىغان ۋە خاتىرلەيدىغان ئىلىم.  مىللەت تەزكىرىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

4. ئانتروپولوگىيە: 人类学 , Anthropology، ئىنسانشۇناسلىق؛ يوقۇرقى قەۋەتتىكى ئىنكاستا  بىرىلگەن مەلۇماتقا قارالسۇن. 

يوقارقى تۆت پەننىڭ تەتقىقات دائىرىسى ئوخشىشىپ كىتىدۇ، بەزىدە ھەتتا ئادەمنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ. ئەمما ئۇلار يەنىلا پەرقلىنىدىغان كونكىرت پەنلەر. بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەرگە قىزىقىدىغان تورداشلارنىڭ تۆۋەندىكى كىتاپلارنى كورۇپ بىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
"ئۇيغۇر ئتنوگرافىيىسى" ،ئابدىرىھىم ھەبىبۇللا، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1993-يىلى.
"ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان"،  ئابدىكىرىم راخمان، شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى نەشرىياتى، 1989-يىلى.
1som
| ۋاقتى : 2008-03-31 22:01 10 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 5117ـ كۆرۈرمىنى
udun

دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1168
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 494
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە494دانە
شۆھرىتى: 503 نومۇر
پۇلى: 5020 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :260(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-12-27
ئاخىرقى : 2008-12-14

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇ بەتتىكى نۇرغۇن تورداشلار ئۈچۈن كەم بولۇۋاتقان بىلىملەر يەتكۈزۈلۈپتۇ.  بۇلارنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر ئېيتىمەن.
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
| ۋاقتى : 2008-04-05 03:34 11 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 5117ـ كۆرۈرمىنى
zirek

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1895
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 167
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە167دانە
شۆھرىتى: 177 نومۇر
پۇلى: 1790 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :80(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-24
ئاخىرقى : 2009-01-07

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇ يىغىنغا سىرتتىنمۇ ئادەم قاتناشتۇرامدىكەن؟ مىنىڭ بەكمۇ قاتناشقۇم بار ئىدى.
yol
| ۋاقتى : 2008-06-19 03:51 12 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 5117ـ كۆرۈرمىنى
Aptap

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 2962
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە6دانە
شۆھرىتى: 8 نومۇر
پۇلى: 70 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :15(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-06-27
ئاخىرقى : 2008-12-16

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇ ئىشمۇ "ئولىمپىك" كاساپىتىدىن سۇغا چىلاشتى، "سۇ"دىن چىقارغىلى بولامدۇ-يوق، بىلگىلى بولمايدۇ!!!
| ۋاقتى : 2008-07-14 12:40 13 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 5117ـ كۆرۈرمىنى
kahxal

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 4511
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە2دانە
شۆھرىتى: 3 نومۇر
پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-09-22
ئاخىرقى : 2008-09-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

شۇنداق قىلىپ بۇيىغىن ئېچىلدىمۇ قانداق بولغانلىغىنى بىلەلمىدۇققۇ.بۇلسا ىەۋىرىنى بەرگەن بولساڭلار
1som
| ۋاقتى : 2008-09-24 18:52 14 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.060407(s) query 4, Time now is:01-11 09:37, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation