1.بۇنىڭدىن تەخمىنەن 6-7مىڭ يىللار ئىلگىرى : شىنجاڭ رايۇنىدا ئىنسانلار ياشىغان .
2.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 209-يىلى : ھونلار تەڭرىقۇتى مۆتې تەخىتكە چىققان .
3.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 176-يىلى : توخرىلار دۇنخۇاڭ . چىليەنشەن تېغى ئەتراپىدىكى غەربكە كۆچۈپ ئىلى دەرياسى ۋادىسىنى ئىگىلىگەن .
4.مىلادىدىن ئىلگىرىكى161-يىلى : ئۈسۇنلار چوڭ توخرىلارنى مەغلۇپ قىلىپ ، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنى ئىگىلىگەن .
5.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 138-يىلى : جاڭ چيەن غەربىي يۇرتقا تۇنجى قېتىم ئەلچىلىككە كەلگەن.
6.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 119-يىلى : جاڭ چىيەن غەربىي يۇرتقا ئىككىنچى قېتىم ئەلچىلىككە كەلگەن.
7.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 105يىلى : خەن سۇلالىسى مەلىكىسى شى جۈن ئۈسۇنلارنىڭ كۈنبېيى ئېلجاۋبىيغا ياتلىق بولغان .
8.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 101-يىلى : خەن سۇلالىسى بۈگۈر . چېدىردا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈلگەن ، « يالۋاچ چېرىكچى » تەسىس قىلىپ باشقۇرغان.
9.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 92-يىلى :ھونلار غەربىي يۇرتتا « چاكارلار كاھبېگى » تەسىس قىلغان .
10.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 64-يىلى : خەن سۇلالىسى جېڭ جىنى « پىشامشاننىڭ غەربىي قوغدۇغۇچى ئەمەلدارى » قىلىپ تەيىنلەپ جەنۇبىي يولنى قوغدىغان .
11. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 60-يىلى : خەن سۇلالىسى جېڭ جىنى « غەربىي يۇرت باش قۇرۇقچى بەگ » قىلىپ تەيىنلىگەن ، غەربىي يۇرت خەن سۇلالىسىنىڭ زېمىنى دائىرىسىگە تەۋە قىلىنغان .
12. مىلادى 73-يىلى : بەن چاۋ غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە بارغان .
13. 74-يىلى شەرقىي خەن سۇلالىسى يېڭىباشتىن غەربىي يۇرت باش قورۇقچى بەگ تەسىس قىلىپ چېن مۇنى باش قورۇقچى بەگ قىلىپ تەيىنلىگەن .
14. 91-يىلى شەرقىي خەن سۇلالىسى بەن چاۋنى غەربىي يۇرت باش قۇرۇقچى بەگ قىلىپ تەيىنلىگەن ، ئۇ كۈسەندە تۇرغان.
15. 97 يىلى بەن چاۋ گەن يىڭنى داكچىن (رىم ئىمپىرىيىسى ) غا ئەلچى قىلىپ تەيىنلىگەن.
16. 327-يىلى ئالدىنقى لياڭ ھاكىمىيىتى قۇچۇدا ۋىلايەت - ناھىيە تەسىس قىلغان .
17. 460-يىلى جۇجانلار جۇرچى قەۋىمىنىڭ قۇچۇدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ، گەن بوجۇنى قۇچۇغا پادىشاھ قىلغان .
18. 552-يىلى تۈرك خانلىقى قۇرۇلغان .
19. 583-يىلى تۈرك خانلىقى شەرقىي تۈرك خانلىقى ۋە غەربىي تۈرك خانلىقى دەپ ئىككى قىسىمغا رەسمىي بۆلۈنۈپ كەتكەن .
20. 609-يىلى سۇي سۇلالىسى غەربىي يۇرتتا پىشامشان ، چۇرچاندىن ئىبارەت ئىككى ۋىلايەت تەسىسى قىلغان سۇي سۇلالىسى قۇچۇ بېگى چۈبوياغا كېڭەش تۆرە قۇست ۋالىيسى دەپ مەرتېۋە نامى بەرگەن .
21. 610-يىلى سۇي سۇلالىسى ئېۋىر غۇلدا ۋىلايەت تەسىس قىلغان .
22. تاڭ سۇلالىسى شەرقى تۈرۈكنى تىنچىتقان تاڭ سۇلالىسى ئېۋىرغۇلدا غەربىي ئېۋىرغۇل ئايمىقىنى تەسىس قىلغان .
23. 640 -يىلى تاڭ سۇلالىسى قۇچۇدىكى چۈ جەمەتى بەگلىكىنى ( پادىشاھلىقىنى ) تىنچىتقان ، چۇقۇدا غەربىي ئايماق ، قاغانبۇت شەھىرىدە بېشبالىق ئايمىقى تەسىس قىلغان . يارغول شەھىرىدە يەنە ئەنشى قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلغان .
24 . 646 -يىلى تۇمەت تۇنجى ئۇيغۇر ھاكىمىيىتى بەرپا قىلغان .
25 . 648-يىلى تاڭ سۇلالىسى كۈسەن توپىلىڭىنى تىنچىتىپ ، تىيانشاننىڭ جەنۇبىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن .
26. 649-يىلى تاڭ سۇلالسى كىنگىت كۈسەن ، ئۇدۇن ، سۇلى تۆت قورغاننى تەسىس قىلغان ، بۇ تارىختا « ئەنشەندىكى تۆت قورغان » دەپ ئاتالغان .
27. 651 -يىلى ئاشنا قۇلى تاڭ سۇلالىسىدىن يۈز ئۆرىگەن.
28. 657 -يىلى تاڭ سۇلالىسى ئاشنا قۇلىنىڭ توپىلىڭىنى تىنچىتىپ ، غەربىي تۈرك خانلىقىنى يۇقاتقان ، غەربىي تۈرۈكلەر رايۇنىدا ئىسسىقكۆل ۋە تىنىقنۇر قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىپ غەربىي يۇرتتا بىرلىككە كەلگەن ئەنشى قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسىنى باش قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسى قىلىپ ئۆستۈرگەن.
29. 702-يىلى تاڭ سۇلالىسى ئالتۇنتاغ قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسى ئورنىغا بېشبالىق باش قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسى قىلىپ ئۆستۈرگەن.
30. 744-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغان .
31. 840-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى خاككاسلار تەرىپىدىن تارمار قىلىنىپ ، ئۇيغۇر قەبىلىللىرىنىڭ كۆپىنچىسى غەربىي يۇرتقا كۆچۈپ كىرگەن.
32. 866-يىلى بۆگۈ تېكىن قۇچۇ ئۇيغۇر پادىشاھلىقىنى رەسمىي قۇرۇپ چىققان .
33. 9-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمدا قارخانىلار خانلىقى قۇرۇلغان .
34. 1001-يىلى ئۇدۇن پادىشاھلىقى قارخانىلار خانلىقى تەرىپىدىن ئىشغان قىلىنغان ، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان .
35. 1124-يىلى يەللىغ تاشىن ئۆزىنى خان قىلىپ ، غەربىي لياۋ ( قاراقىتان ) سۇلالىسىنى قۇرغان .
36. 1132-يىلى يەللىغ تاشىن كىرماندا ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتىغان .
37. 1134 -يىلى غەربىي لياۋ قۇز ئوردۇنى پايتەخت قىلغان .
38. 1209-يىلى قۇچۇ ئۇيغۇر ئىدىقۇتى - بارچۇق ئارتېكىن مۇڭغۇللارغا ئەل بولغان .
39. 1218-يىلى مۇڭغۇللار غەربىي لياۋنى يۇقىتىپ ، غەربىي يۇرتنى بىرلىككى كەلتۈرگەن.
40. 1251-يىلى مۆڭگۈز بېشبالىق ۋە ئامۇ دەرياسى ۋادىسى قاتارلىق جايلاردا ۋاقىتلىق دىۋانبىگى ۋازارىتىنى تەسىس قىلغان .
41. 1275-يىلى يۈەن سۇلالىسى ئالمالىق ۋاقىتلىق دىۋانبېگى ۋازارىتىنى قۇرۇپ ، ئىلى رايۇنىنى بىر تۇتاش باشقۇرغۇرغان .
42. 1281-يىلى يۈەن سۇلالىسى ئۇيغۇرلار پىچىمچى بەگ مەھكىمىسىنى بېشبالىق قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسىگە تۈزگەن.
43. 1282-يىلى يۈەن سۇلالىسى ئالمالىق ئەمىر - لەشكەر مەھكىمىسىنى تەسىس قىلىپ ، تىيانشاننىڭ شىمالىي تەرىپىنى باشقۇرغان .
44. 1283-يىلى يۈەن سۇلالىسى بېشبالىق ، قارا قۇچۇ ۋە ئۇدۇن ئايغاقچى مەھكىمىسىنى تەسىس قىلغان.
45. 1286-يىلى يۈەن سۇلالىسى بېشبالىق ئەمىر -لەشكەر مەھكىمىسىنى قۇرۇپ ، تىيانشاننىڭ جەنۇبىي تەرىپىنى باشقۇرغان.
46. يۈەن سۇلالىسى كۈسەن ، تارىم ۋە بېشبالىق ئەمىر -لەشكەر مەھكىمىسىنى قۇرۇپ ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي تەرىپىنى باشقۇرغان .
47. 1348-يىلى شەرقىي چاغاتاي خانلىقى قۇرۇلغان .
48. 1406-يىلى مىڭ سۇلالىسى قۇمۇل سەرۋازخانىسىنى تەسىس قىلغان .
49. 1514-يىلى چاغاتاي ئەۋلادى سۇلتان سەئىدىخان يەكەن خانلىقىنى قۇرغان .
50. 1630-يىلى تۇرغاتلار قەبىلىسى ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئىقىمىدىكى رايۇنغا كۆچۈپ بارغان .
51. 1671-يىلى غالدان جۇڭغارلار قەبىلىسىنىڭ ھاكىمىيىتىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان.
52. 1678-يىلى غالدان يەكەن خانلىقىنى يۇقىتىپ تىيانشاننىڭ جەنۇبىي تەرىپىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان.
53. 1690-يىلى غالدان چىڭ سۇلالىسىگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ ، ئۇلانباتۇندا چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنى تەرىپىدىن قاتتىق مەغلۇپ قىلىنغان .
54. 1696-يىلى غالدان قوشۇنى جۇمۇتۇدا بولغان جەڭدە ، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى تەرىپىدىن قاتتىق مەغلۇپ قىلىنغان .
55. 1697-يىلى غالدان ئۇشتۇمتۇت كېسەل بولۇپ ئۆلگەن.
56. 1755-يىلى چىڭ سۇلالىسى ئىلىنغان ئەسكەر چىقىرىپ ، داۋاچىنى مەغلۇپ قىلغان.
57. 1757-يىلى ئامۇرسانا مەغلۇپ بولۇپ روسىيەگە قاچقان . چوڭ-كىچىك غۇجىلار توپىلاڭ كۆتۈرگەن.
58. 1759-يىلى چىڭ سۇلالىسى چوڭ-كىچىك غۇجىلار توپىلىڭنى تىنجىتىپ ، شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەن.
59. 1771-يىلى تۇرغۇت قەبىلىسى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن.
60.جاھانگىر خوجا توپىلاڭ كۆتۈرگەن ۋە ئۇنىڭ توپىلىڭى تىنچىتقان.
61. 1851-يىلى چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى « جۇڭگو - روسىيە ئىلى ، تارباغاتاي سۇدا نىزامنامىسى » نى مەجبۇرى ئىمزالاتقان.
62. 1854-يىلى چارروسىيە ئىلىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇبىنى بېسىۋالغان .
63. 1855-يىلى چۆچەك خەلقى چارروسىيەنى سودا چەمبىرىكىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرگەن .
64. 1864-يىلى شىنجاڭدا دېھقانلار زور ئىنقىلابى بولغان .
65. 1864-يىلى « جۇڭگو - روسىيە كىلىشىمى » ئىمزالانغان .
66. 1865-يىلى قوقەنلىك ئوفىستىر ياقۇپ بەگ قەشقەرگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن.
67. 1867-يىلى ياقۇپ بەگ « يەتتە شەھەر ھاكىمىيىتى » نى قۇرغان .
68. 1871-يىلى چارروسىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنى ئىلىنى بېسىۋالغان.
69. 1872-يىلى چارروسىيە ياقۇپ بەگ بىلەن « روسىيە - قەشقەر شەرتنامىسى » نى ئىمزالىغان .
70. 1875-يىلى چىڭ سۇلالىسى ئېلىدىن باشلقا جايلارنى قايتۇرۋالغان.
71. 1877-يىلى ياقۇپ بەگ ئۇشتۇمتۇت ئۆلگەن شۇنداقلا مەغلۇپ بولغان.
72. 1881-يىلى جۇڭگو روسىيە ئىلى شەرتنامىسى ئىمزالانغان.
73. 1911-يىلى ئۈرۈمچىدە قوزغىلاڭ پارتىلغان .
74. 1912-يىلى شىنجاڭ - ئىلى ئۇرۇشى پارتىلغان.
75. 1912-يىلى قۇمۇلدا تۆمۈر خەلپە قوزغىلىڭى پارتىلغان.
76. 1913-يىلى تۆمۈر خەلپە ، مۆھىدىن خەلپە ئۆلتىرىلگەن.
77. 1934-يىلى شىنجاڭ خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى قۇرۇلغان.
78. 1945-يىلى مىللىي ئارمىيە ئۈچ سەپ بويىچە ھۇجۇمغا ئاتلانغان .
79. 1948-يىلى « شىنجاڭدا تىنىچلىق ، خەلقچىللىقىنى قوغداش ئىتىپاقى » غۇلجىدا قۇرۇلغان.
80. 1949-يىلى شىنجاڭ ھەربىي رايونى بىلەن شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكىمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى.
http://www.izchilar.com/bbs/read.php?tid=50