بۇ بەتتىكى تېما:چوڭ تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ شاھىدى | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما قېتىم كۆرۈلدى
niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى

UID نۇمۇرى: 1760
نادىر تىمىسى : 4
يازما سانى : 340
ئۈنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە340دانە
شۆھرىتى: 1375 نومۇر
پۇلى: 3145 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :305(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 چوڭ تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ شاھىدى

چوڭ تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ شاھىدى
كومۇنار تالىپ ( قازاقىستان )
ئۇيغۇر خەلقى خېلىدىن بېرى بىر نەچچە بۆلەككە پارچىلىنىپ ھەر خىل تۈزۈمدىكى دۆلەتلەردە ياشاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما تارىخنىڭ مۇھىم باسقۇچلىرىغا كەلگەندە ئۇلار يەنىلا قويۇق ئارىلىشىپ، مىللەتنىڭ بېشىغا چۈشكەن قىسمەتلەرنى تەڭ تارتىشىپ كەلدى. مۇنداق ۋەقەلەر بولۇپمۇ 20 - ئەسىرنىڭ 30- 40 - يىللىرىدا كۆپرەك يۈز بەردى. شۇ يىللىرى شىنجاڭدا كەڭ قانات يايغان مىللىي ئازاتلىق كۈرىشىنىڭ قاتناشچىلىرى كېلەچەككە چوڭ ئۈمىد باغلاپ ، بەرپاكارلىق بىلەن، يېڭى تۇرمۇش، يېڭى ھايات قۇرۇش يولىدا چوڭ - چوڭ ئىشلارغا تۇتۇش قىلغانىدى. ئاز ۋاقىت بولسىمۇ ئەنە شۇ ئۇلۇغ ئىشلارغا بىۋاسىتە قاتنىشىپ، خەلقىمىزنىڭ ئىلىم - ئىرپان، مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشلىرىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان ھەم جامائەتچىلىك ئارىسىدا " مەنسۈر ئەپەندى " ، " ۋەتەن ئوغلى " دېگەن ناملاردا كەڭ تونۇلغان ئەدىپلىرىمىزنىڭ بىرى مەشۈر روزىيېفتۇر.
مەشۈر روزىيېف 1902 - يىلى 10 - نويابردا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن. ئوغلىنىڭ موللا بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان دادىسى ئۇنى 7 ~ 8 ياشلىرىدا يەرلىك مەسچىتنىڭ يېنىدىكى دىنىي مەكتەپكە بېرىدۇ. زېرەك بالا چاپسانلا خەت - ساۋادىنى چىقىرىپ تۈركىي تىللاردا يېزىلغان كىتاپ، ژۇرناللارنىبىمالال ئوقۇيدىغان بولىدۇ. لېكىن ئۇ ئائىلە تۇرمۇشى ئېغىر بولغانلىقتىن ئۇزاق ئۆتمەيلا ئوقۇشنى تاشلاپ، يېزىنىڭ ھاللىق ئادەملىرىگە ياللىنىپ تىرىكچىلىك قىلىشقا باشلايدۇ.1918 - يىلدىكى " ئاتۇ " پاجىئەسىدە ئائىلە چوڭىدىن جۇدا بولغان روزىيېفلار، مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ قاتارىدا پاراكەندىچىلىككە ئۇچراپ، ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە بىر مەزگىل تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.
مەشۈر روزىيېف 1919 - يىلى كومسومول قاتارىغا كىرىپ، بىر يىل چېلەكتە ئوقۇيدۇ، ئاندىن ئالمۇتىغا كېلىپ، قازاق خەلقىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن پەرزەنتلىرىنىڭ بىرى غەنى مۇراتبايېفنىڭ ياردىمى بىلەن قىسقا مۇددەتلىك مۇئەللىملەرنى تەييارلاش كۇرسىغا كىرىدۇ. ئۇنى تاماملىغاندىن كېيىن، چېلەك بولۇسلۇغىنىڭ قورام، قارايوتا يېزىلىرىدا مۇئەللىم، مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ 5 ~ 4 يىل ئىشلەيدۇ. ئۇ شۇ يىللىرى مائارىپ خىزمىتى بىلەن بىر قاتاردا جەمئىيەت ئىشلىرىغىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ ئىتتىپاق تەشكىلاتىنىڭ كاتىۋى بولۇپ سايلىنىدۇ ۋە يەتتىسۇ ئىنقىلابىي كومىتېتى ، پارتىيە كومىتېتى، كەمبەغەللەر كومىتېتى تەرىپىدىن جاي - جايلاردا يۈرگۈزۈلگەن ھەر خىل چارە - تەدبىرلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يېقىندىن ياردەملىشىدۇ.ئۆزىنىڭ پائالىيەتچانلىقى، مەسئۇلىيەتچالىقى بىلەن كۆزگە كۆرۈنۈپ، پارتىيە ئەزالىقىغا نامزات بولغان ياش يىگىتنى ئالمۇتا ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى 1924 - يىلى تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە بولۇسلۇق كاتىپلارنى تەييارلاش كۇرسىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ. ئوقۇشتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن چېلەك بولۇسلۇقىدا بىر مەزگىل ئىجرائىي كومىتېتنىڭ كاتىپى بولۇپ ئىشلەيدۇ-دە، ئاندىن يەنە ئۆزى ئىشتىياق باغلىغان مائارىپ ساھەسىگە يۆتكىلىپ ئاسى ( ھازىرقى غەيرەت يېزىسى ) ، چېلەك، قورام يېزىلىرىدا مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ بۇ مەزگىلدىمۇ ئىلگىرىكىدەكلا پارتىيە ۋە جەمئىيەت ئىشلىرىغا قويۇق ئارىلىشپ، ئۆزىنى ئىستېداتلىق مەرىپەتچى، ماھىر تەشكىلاتچى سۈپىتىدە نامايىش قىلىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ ئالمۇتا ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئۇنى 1929 - يىلى مەخسۇس يوللانما بىلەن تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا كوممۇنىستىك ئۇنىۋېرسىتېتىغا، ئايالى ئايشەمنى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ.
 ئوقۇشنى قىزىل دىپلوم بىلەن تاماملىغان مەشۈر روزىيېفنى ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىكى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ ئاسپرانتلىق بۆلۈمىگە ئېلىپ قالىدۇ. ئۇ ئاسپرانتلىقتا ئوقۇپ يۈرۈپمۇ جەمئىيەت ئىشلىرىدىن قول ئۈزمەيدۇ ھەمدە تۆۋەنكى كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا تارىخ پەنىنىڭ ھەرخىل تارماقلىرى بويىچە دەرس ئۆتىدۇ.1934 - يىلى بۇ ئۇنىۋېرسىتېت قايتا ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ يېڭىدىن تەشكىل قىلىنغان ئوتتۇرا ئاسىيا قىزىل پروفېسسۇرا ئىنىستىتۇتى مۇدىرىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىنى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ.1935 - يىلى بولشېۋىكلار كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەشۈر روزىيېفنى شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان زور داۋالغۇشلار مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس ۋەزىپە بىلەن شىنجاڭغا ئەۋەتىدۇ.بۇ مەزگىل شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئۇرۇش مالىمانچىلىقى بېسىققان بولسىمۇ، لېكىن كەسكىن ۋەزىيەت، بىر بىرىگە يوشۇرۇن قارشى تۇرۇش يەنىلا مەۋجۇت ئىدى.مەلۇمكى، 1931 - يىلى قۇمۇلدا باشلانغان كۈرەش ئوتى كۆپ ئۆتمەيلا پۈتكۈل ئۆلكىگە تۇتاشقانىدى. قوزغىلاڭچىلار بىلەن بولغان دەسلەپكى قوراللىق توقۇنۇشلاردا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى سەزگەن جىن شۇرېن ھاكىمىيىتى گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە ئۈمىد باغلىغان بولسىمۇ، بىراق بىر تەرەپتىن كومپارتىيىنىڭ، يەنە بىر تەرەپتىن ياپونلارنىڭ تەھدىتى ئاستىدا ئۆز ھەلەكچىلىكىدە قالغان جياڭ جيېشىنىڭ شىنجاڭغا قارىغىدەك ھالى قالمىغانىدى. ئەرۋاھى قىرق گەز ئۆرلىگەن جىن شۇرېن ئۆز يېقىنلىرىنىڭ مەسلىھەتى ۋە ۋاسىتىچىلىقى بىلەن ھەربىي ياردەم سوراپ كېڭەش ھۆكۈمىتىگە مۇراجىئەت قىلىدۇ. شىنجاڭ ھەققىدە ئۆز چوتىنى سوقۇپ يۈرگەن كېڭەش ھۆكۈمىتى بۇ قولايلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جىن شۇرېننى " قەتئىي مەخپىي " كېلىشىمگە قول قويغۇزىدۇ. ھەمدە دەسلەپكى قەدەمدە ئۇنىڭغا قورال - ياراق بىلەن بىر قاتاردا 1932 - يىلى شەرقىي شىمالدا ياپونلاردىن مەغلۇپ بولۇپ كېڭەش يېرىگە كىرگەن مىڭلىغان ( بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 50 مىڭدىن ئوشۇق ) پىدائىي ئەسكەرنى قوراللاندۇرۇپ غۇلجا، ئۈرۈمچىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
ئۆلكە مىقياسىدا مالىمانچىلىق راسا ئەۋج ئالغان مەزگىلدە 1933 - يىلى 12 - ئاپرېل كۈنى قۇمۇل قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش قونامدانلىق شىتابىنىڭ باش قوماندانى شېڭ شىسەي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قوزغىلاڭچىلارغا قارشى سەپەرۋەر قىلىنغان ئاق گۋاردىيىچىلەر ( روسىيىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قېچىپ كەلگەنلەر ) نىڭ ياردىمىدە جىن شۇرېننى تەختتىن چۈشۈرۈپ ئۆزى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىدۇ. ئۆزىنى تەرەققىيپەرۋەر، كېڭەشپەرەس قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان شېڭ شىسەينىڭ كېلىشى بىلەن كېڭەش ئىتتىپاقى ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىگە بولغان ياردىمىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن پۈتكۈل ئۆلكە خەلقى ئارىسىدا شۆھرەت قازىنىشقا باشلىغان ۋە قوزغىلاڭنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئاز - تولا ئوق - دورا، كىيىم - كېچەك سېتىپ بېرىش ھەم ئەتراپىغا ئۆز ئادەملىرىنى سىڭدۈرۈش ئارقىلىق تىزگىنلىۋالغان خوجانىياز ھاجىنى شېڭ شىسەي بىلەن ياراشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بىرلەشمە كۈچىنى ماجۇڭيىڭ قوشۇنىغا ۋە قەشقەر، خوتەن، يەكەن، ئاقسۇ، كۇچا تەرەپلەردىكى جەنۇبىي شىنجاڭ ئىنقىلاپچىلىرىغا قارشى سەپەرۋەر قىلىدۇ. بۇ يۈرۈشنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن كېڭەش ئىتتىپاقى ئۇلارغا بىر تۈركۈم ئەڭ تەجرىبىلىك، ئىچكى ئۇرۇشلاردا چېنىققان ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرىنى مەسلىھەتچى، ياردەمچى قىلىپ قوشۇپ بېرىدۇ. ئا. ك. مالىكوف ( مالىك ئەپەندى ) رەھبەرلىكىدىكى بىر توپ ھەربىينىڭ مەسىلەن كېيىن ئىككى قېتىم كېڭەش ئىتتىپاقىنىڭ قەھرىمانى بولغان، برونېتانك ئەسكەرلىرىنىڭ مارشالى پ. س. رىبالكو، كېڭەش ئىتتىپاقىنىڭ قەھرىمانى، گېنېرال - پولكوۋنىك ۋ. ت. ئوبۇخوف، ف. پ. پولىنىن، گېنېرال- مايورلار م. م. شايمۇراتوف، ئى. ف. كۇتس ۋە باشقىلار. بۇ مەسلىھەتچى - ياردەمچىلەرنىڭ بىلىم - تەجرىبىلىرى، شېڭ شىسەي بىلەن خوجا نىياز ھاجىنىڭ بىرلەشكەن كۈچى ئاجىزلىق قىلغان پەيتلەردە ( بولۇپمۇ 3391 - 4391- يىللاردىكى جەڭلەردە ) كېڭەش ئىتتىپاقى ئالتايلىق، تارباغاتايلىق، غۇلجىلىق " ئاق گۋاردىيىچىلەر " نىقابى ئاستىدا ئۆزىنىڭ تاللانغان ھەربىي قىسىملىرىنى، ھاۋا ئارمىيىسىنى كىرگۈزۈپ، ئاخىرى ماجۇڭيىڭنىڭ "يېڭىلمەس" قوشۇنلىرىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىدۇ. ئۇنىڭ قالدۇق قىسىملىرى خوتەنگە بېرىپ يوشۇرۇنىدۇ، ئۆزى كېڭەش ئىتتىپاقىغا تەسلىم بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى ئېلان قىلغان سابىت داموللا ئايرىم نازىرلىرى بىلەن قولغا ئېلىنىپ زىندانغا تاشلىنىدۇ. خوتەن ئەمىرى مەمتىمىن بۇغرامۇ خانۇ ۋەيران بولۇپ چەتكە قېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
مۇشۇ ئۇسۇلدا لاۋۇلدىغان كۈرەش ئوتىنى بىرئاز بېسىقتۇرغان شېڭ شىسەي 1934 - يىلنىڭ كۈز ئايلىرىدا خوجا نىياز ھاجىنى ئۈرۈمچىگە كەلتۈرۈپ، كېلىشىم بويىچە مۇئاۋىن رەئىسلىك مەنسىپىنى بېرىدۇ. ھەمدە ئۆزىنىڭ ئاتالمىش"ئالتە بۈيۈك سىياسەت" ىنى كەڭ دائىرىدە كۈچەپ تەرغىپ قىلىشقا باشلايدۇ. "ئالتە بۈيۈك سىياسەت" نىڭ ئاساسىي مەخسىتى بىر تەرەپتىن كېڭەش ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ ، ئۇنىڭدىن كېلىۋاتقان ياردەمنى كۆپەيتىش، يەنە بىر تەرەپتىن ئۈچ - تۆت يىللىق ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا خانىۋەيران بولۇپ گاڭگىراپ قالغان ئۆلكە خەلقىنى تېخىمۇ بىخۇدلاشتۇرۇش ئىدى. يەنە ئالاھىدە تەكىتلەش لازىمكى، بۇ شېڭ شىسەينىڭ شىنجاڭ خەلقىنى ھەقىقىي بەخت - سائادەتكە يەتكۈزۈش يولىنى تاللىۋالغانلىقى ئەمەس بەلكى كېڭەش ئىتتىپاقى ۋە ئۆلكە خەلقىنىڭ كۆزىنى بوياپ ۋە بىخۇتلاشتۇرۇپ، خوجانىياز ھاجى ۋە ئۇنىڭ قەشقەردىكى مەھمۇت مۇھىتى باشچىلىقىدىكى كۈچلىرىنى يوقىتىشقا قاراتقان تەييارلىقى ئىدى.ئۆز نۆۋىتىدە تېخى تۈنۈگۈنلا قۇمۇل، تۇرپان ئەتراپلىرىدا شېڭ شىسەينىڭ قوشۇنىغا قارشى جان تىكىپ كۈرەش قىلغان، ئەمدىلىكتە بولسا ئۇنىڭغا بېقىنىشقا مەجبۇر بولغان خوجانىياز ھاجىنىڭ سەردارلىرىمۇ بولۇۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ ئاق - قارىسىغا يېتەلمەي، ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر بىر قەدىمىنى دىققەت ۋە گۇمان بىلەن كۈزىتىشكە باشلىدى.
مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى شېڭ شىسەيگە ھەر تەرەپلىمە ياردەم بېرىشكە باشلايدۇ. خەلق ئىگىلىكىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى بويىچە ئونلاپ ھەتتا يۈزلەپ مۇتەخەسسىس ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئۆلكىنىڭ ھەربىي، ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەمۇرىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە باشقا ئىشلىرىنى يولغا سېلىشقا پائال قاتناشتۇرىدۇ.
مەشۈر روزىيېف ئۆز ئەجداتلىرىنىڭ تۇپرىقىغا ئەنە شۇ نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر قاتارىدا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ زىممىسىگەباشقىلارغا قارىغاندا جاۋاپكارلىقى تېخىمۇ ئېغىرراق ۋەزىپىلەر يۈكلىنىدۇ. ئۇ شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ ھەمدە كۆپرەك خوجانىياز ھاجىنىڭ ئىشخانىسى ئارقىلىق پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن ۋەزىپىنىڭ جاۋاپكارلىقى شۇنىڭدىن ئىبارەت بولدىكى، ئۆلكىنىڭ شۇ چاغدىكى ۋەزىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن باش قوماندان شېڭ شىسەي بىلەن مۇئاۋىن رەئىس خوجا نىياز ھاجىنىڭ مۇناسىۋىتىگە باغلىق بولۇپ قالغانىدى. ئەگەر ئۇلار ئارىسىدا بىرەر سۈركىلىش ياكى ئۇقۇشماسلىق پەيدا بولۇپ قالسا، قىل ئۈستىدە تۇرغان تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇپ، ئۇرۇش ئوتىنىڭ قايتىدىن تۇتىشىپ كېتىش خەۋپى بار ئىدى. شۇڭلاشقىمۇ باش مەسلىھەتچى مەنسۇر ئەپەندى ھەرقانداق چوڭ - كىچىك مەسىلىلەردە ئۇلارنىڭ ئەپ ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەلۋەتتە بۇ ئوڭاي ئىش ئەمەس ئىدى. چۈنكى، بىرىنچىدىن، شېڭ شىسەي بىلەن خوجا نىياز ھاجى بىر بىرىگە تامامەن ئىشەنمەيتتى، دائىم بىر بىرىگە گۇمان بىلەن قارايتتى. ئىككىنچىدىن بۇ ئىككەيلەننىڭ خۇلقى - مىجەزى مۇرەككەپ ئادەملەردىن بولۇپ، ئۇلارنى ئۆز دېگىنىدىن ياندۇرۇش ياكى ئۇلارغا باشقىلارنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلدۇرۇش ئاسان ئەمەس ئىدى.مەنسۈر ئەپەندىنىڭ شۇ يىللاردا شىنجاڭ خەلقىگە كۆرسەتكەن خىزمىتى پەقەت ئۇنىڭ سىياسىي - مەمۇرىي پائالىيىتىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئاساسەن مىللىي مەدەنىيەت - مائارىپ، مەتبۇئات، نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىنى جانلاندۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسىدىن ئىبارەت بولدى. ئۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش مەسلىھەتچىسى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن بىر قاتاردا 1935- يىلى قۇرۇلغان مەركىزىي ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، 1935- يىلى ئىيۇندىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىدا چىقىشقا باشلىغان " شىنجاڭ گېزىتى" ( ئۇنىڭ تۇنجى سانلىرى مەنسۈر ئەپەندىنىڭ تەكلىپى بويىچە "يېڭى ھايات" ، "شىنجاڭ ئۇيغۇر گېزىتى" دېگەن ناملار بىلەن چىققان ) نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، سىياسىي - مەمۇرىي خادىملار بىلەن مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى تەييارلاش بويىچە ئۆلكىلىك كومىسسىيەنىڭ رەئىسى قاتارلىق باشقا نۇرغۇن خىزمەتلەرنىمۇ ئىشلىگەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ 30 - يىللىرى مىللىي مائارىپ ۋە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ راۋاجلىنىشىدا ئالاھىدە رول ئوينىغان ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ پائالىيىتىنى يولغا قويۇشى ناھايىتى چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانىدى. مەزكۇر ئۇيۇشما شۆبىلىرىنىڭ بارلىق شەھەر ۋە ناھىيىلەردە قۇرۇلۇشى ئۆلكە بويىچە ئومۇمىيۈزلۈك زامانىۋى مەكتەپلەرنىڭ ئېچىلىشىغا ھەم ئۇلار ئۈچۈن ئاممىۋى تۈردە مۇئەللىملەرنى تەييارلاشقا تۈرتكە بولغان. مىللىي مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى دېگىدەك ( مۇئەللىملەرنى تەييارلاش كۇرسلىرىنى ئېچىش، ئۇلارغا دەرس بېرىش، چەت ئەلگە ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ ئەۋەتىش، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەنلەرنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە باشقىلار ) مەنسۈر ئەپەندىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانىدى.
مەنسۈر ئەپەندىگە ئوخشاش مىڭلىغان مىللەتپەرۋەرلەرنىڭ جاپالىق ئەمگىكى بەدىلىگە تامامەن يېڭىچە قىياپەتكە كىرىپ ئەمدىلا قەد كۆتىرىشكە باشلىغان مىللىي مائارىپ ۋە مەدەنىيەت 1937 - يىلىغا كەلگەندە يەنە قايتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى.1937 - يىلى ئەتىيازدا خوجا نىياز ھاجىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق قىسىملىرى قوزغىلاڭ كۆتەردى. قولايلىق پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئۇلارغا قارشى سېلىش ئۈچۈن قوزغىلاڭچىلارنىڭ " جاھانگىرلار بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلىكى " توغرىسىدا تەرەپ - تەرەپكە جار سالدى. بۇ قېتىممۇ قوزغىلاڭ كېڭەش ئىتتىپاقى قىسىملىرى تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇلدى. 1937 - يىلنىڭ ياز ۋە كۈز ئايلىرىدا مەھمۇت مۇھىتىنىڭ مىللىي دىۋىزىيىسى بىلەن ماخۇسەننىڭ تۇڭگان قىسىملىرى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىلغاندىن كېيىن كۆڭلى تىنغان شېڭ شىسەي ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى كۆڭلىگە پۈكۈپ يۈرگەن پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا باشلايدۇ. 10 - ئايدا مۇئاۋىن رەئىس خوجا نىياز ھاجىنى بىر توپ ھۆكۈمەت ئەزالىرى ( يەر، ئورمان نازىرى يۇنۇسبەگ، مىللەتلەر مەجلىسىنىڭ رەئىسى تاھىربەگ ۋە باشقىلار ) بىلەن بىللە قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلايدۇ.
مۇشۇنىڭغا ئەگىشىپلا "جاھانگىرلارنىڭ جاسۇسى" ، "تروتىسكىچى " ، " تار مىللەتچى" ، " پان ئىسلامىست " ، " پان تۈركىست " دېگەنگە ئوخشاش ئويدۇرمىلار بىلەن ئاممىۋى تۇتقۇن قىلىش باشلىنىدۇ ۋە 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان شېڭ شىسەي ھۆكۈمرانلىقىنىڭ يېڭى دەۋرى باشلىنىدۇ. كۆككە كۆتىرىپ مەدھىيىلەنگەن " ئاپرېل ئىنقىلابىنىڭ ئۇتۇقلىرى" پۈتۈنلەي دەپسەندە قىلىنىدۇ.
1937- يىلى خوجا نىياز ھاجىدىن كېيىنلا "ياپونلار بىلەن مۇناسىۋەت باغلىغان" دېگەن "ئەيىپ" بىلەن قاماققا ئېلىنغان مەنسۈر ئەپەندى يېرىم يىلدىن ئوشۇق تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن كېڭەش ئىتتىپاقىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن ئاران دېگەندە ( چۈنكى ئۇنىڭ جۇڭگو پۇقرالىقىغا ئۆتكەنلىكى مەلۇم قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرغانىدى ) بوشاپ قازاقىستانغا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ قازاقىستاندا 1939 - يىلدىن 1943 - يىلغىچە ھەر خىل خىزمەتلەردە جۇمھۇرىيەتلىك خەلققە بىلىم بېرىش كادىرلىرى بىلىم ئاشۇرۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، مەركىزىي تارىخىي ئۆلكىشۇناسلىق مۇزېيىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1943- يىلى يازدا مەنسۈر روزىيېف بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا جەلپ قىلىنىدۇ. ئۇ دەسلەپ باختى يېزىسىدا تۇرۇپ، قوزغىلاڭنىڭ تەييارلىق ئىشلىرىغا قاتنىشىدۇ، ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن چۆچەك ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيلىقىغا تەيىنلىنىدۇ.
بۇ يەردە مەنسۈر ئەپەندىنڭ مۇئاۋىن ۋالىيلىق سۈپىتى بىلەن خەلققە قىلغان خىزمىتىنى تەپسىلىي ئېيتىپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق، چۈنكى ئۇنىڭغا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكى شۇ يىللىرىلا ئۆزىنىڭ تېگىشلىك باھاسىنى بېرىپ بولغانىدى. ئۇ بولسىمۇ مەنسۈر ئەپەندىنىڭ 1 - سانلىق "غالىبىيەت" ئوردېنى ۋە ۋە 1 - دەرىجىلىك "ئىستىقلالىيەت ئۈچۈن" ئوردېنى بىلەن مۇكاپاتلىنىشىدۇر.ئاز ۋاقىت ئىچىدىلا چۆچەك ۋىلايىتى ئاھالىسى ئارىسىدا چوڭ ئابروي قازانغان مەنسۈر ئەپەندى 1946 - يىلى ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن كېڭەش ئىتتىپاقىغا قايتۇرۇلىدۇ.
1946- يىلدىن تارتىپ ئۇ مەتبۇئات ۋە نەشرىياتچىلىق ساھەلىرىدە ئىشلەشكە باشلىدى. دەسلەپتە ئاساسلىق شىنجاڭدىكى ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن قازاق تىلىدا چىقىرىلغان "قازاق ئېلى" ژۇرنىلىدا، كېيىن ئۇنىڭدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ ئۇيغۇر تىلىدا چىقىشقا باشلىغان "يېڭى ھايات " ژۇرنىلىدا بۆلۈم باشلىقى، مۇئاۋىن مۇھەررىر، مۇھەررىر بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. شۇنداقلا مەزكۇر ژۇرنالنىڭ قارىمىقىدا قۇرۇلغان ھەمدە شىنجاڭ ئوقۇرمەنلىرى ئۈچۈن بەدىئىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقا ئەسەرلەرنى چىقىرىدىغان مەخسۇس نەشرىياتنىڭ ئىشلىرىغىمۇ بىۋاسىتە ئارىلىشىپ، كۆپلىگەن كىتابلارنى ( م. كارامزىننىڭ "دەھشەتلىك تېھران"، ئايبېكنىڭ "ناۋايى"، م. گوركىينىڭ "كىشىلەر ئىشىكىدە"، س . شېدرىننىڭ"جانابى گولوۋلېفلار" قاتارلىق ) ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ يورۇققا چىقىرىدۇ. ژۇرنال ۋە نەشرىيات يېپىلغاندىن كېيىن "قازاقىستان" نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ تاكى دەم ئېلىشقا چىققانغا قەدەر شۇ يەردە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىدى.
ئۇ ھاياتىنىڭ كېيىنكى يىللىرى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىجادىيەتكە بېرىلىپ، سىياسىي - ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە بېغىشلانغان ئونلىغان ماقالىلارنى ئېلان قىلىش بىلەن بىر قاتاردا "ئانايەت"، "تۈن ۋە كۈن"، "بورانلىق يىللار"، "توختاشنىڭ تەقدىرى"، "يېڭىۋاشتىن تۇغۇلغان ئۇيغۇر خەلقى" دېگەنگە ئوخشاش نۇرغۇن يىرىك بەدىئىي، تارىخىي ئەسەرلەرنى يارىتىدۇ. شۇ جۇملىدىن ئۇنىڭ تېخى يورۇق كۆرمىگەن ئۈچ كىتابتىن تەركىپ تاپقان "يادنامىلەر" دېگەن ئەسىرىنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ قوليازمىنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىمىزنىڭ بەزى تەپسىلاتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا ئالاھىدە قىممىتى بارلىقىدا شەك يوق.
مەنبە : شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى ژورنىلى 2004 – يىللىق 1 – سان


چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-02-29 15:39 |
BIRLIK1944
دەرىجىسى : لەشكەر

UID نۇمۇرى: 888
نادىر تىمىسى :
يازما سانى :
ئۈنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-03
ئاخىرقى كىرگىنى:1970-01-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
شۇنچە كۈرۈپ -كۈرۈپ، شۇنچە ئۇقۇپ -ئۇقۇپمۇ قانمايدىغان ، ھە دىسىلا يۈرەكنى ئېچىشتۇرىدىغان تارىخىمىزنى ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېكىتىدىن كۈرۈپ تۇرالىشىمىزنىڭ ئۈزىمۇ بىر قۇتلۇق ئىش بوپ قالدى.
تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت!

1som
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-02-29 22:37 |
ozbax
دەرىجىسى : ياساۋۇل

UID نۇمۇرى: 1543
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 24
ئۈنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە24دانە
شۆھرىتى: 107 نومۇر
پۇلى: 220 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :27(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ ئادەم <<باياۋاندىكى گۈلخان >> دېگەن روماندا تەسۋىرلەنگەن  شېڭ شىسەي  ئاتۇشقا ماڭدۇرغان
مائارىپ مۇپەتىشىنىڭ دەل ئۆزى شۇ!  ئۇ  ئاتۇشتا  مىللىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ  ناھايىتى جانلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ تولىمۇ بىئارام بولىدۇ. مىللىي مائارىپنىڭ يۈنۈلىشىنى شىڭ شېسەيگە سادىق  غالچىلارنى تەربىيلەشكە قارىتىش  ئۈچۈن  ئاتۇش بايلىرى مائارىپقا ئىئانە قىلغان پۇل-ماللارنى مۇپەتىش قىلىپ شېڭ شېسەي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېييتقاندا مەمتىلى ئەپەندى قاتارلىقلار <<ھۆكۈمەت بىزگە بىر تىين بەرمىسە، ئۆزىمىزنىڭ پۇلىدا ئۆزىمىز ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىۋاتساق، يەنە نېمە
دەپ بىزنىڭ مەبلىغىمىزنى مۇپەتىش قىلغۇدەكسىلەر>> دەپ رەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ مەنسۇر ئەپەندى ئەھۋالنى شېڭ شېسەيگە دوكلات قىلىش بىلەن بىرگە مائارىپقا پۇل ئىئانە قىلغان ئابرويلۇق بايلارنى قەشقەردىكى ئادەم سويىدىغان پوكانچى قاسساپ ئابدۇقادىر ھاجىلار بىلەن بىرلىكتە بىر- بىرلەپ كېچىدە يۇشۇرۇن تۇتۇپ يوقۇتۇپ، ئەڭ ئاخىرى باشقا جايلاردىكىگە ئوخشاش ئاتۇش مائارىپىنىنىمۇ،   شېڭ شېسەينىڭ
خەلقتىن  بولاپ ئېلىپ بەرگەن ئازغىنە  پۇلى ئارقىلق  شېڭ سېسەينىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغان چاكىنا مەقسىتىگە بويسۇندۇرىدۇ.  ئىشقىلىپ  30-يىللاردا  سىتالىن ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا ماڭدۇرغان كىشىلەرنىڭ
ھەممىسى  ئۇيغۇر خەلقىنى  قۇربانلىق قىلىش بەدىلىگە ھەم سىتالىنغا ھەم شېڭ شېسەيگە خىزمەت قىلىدىغان
يوقىرى دەرىجىلىك  جاسۇسلاردور . كومۇنار تالىپنىڭ ئۇنى <<مەنسۈر ئەپەندىنىڭ شۇ يىللاردا شىنجاڭ خەلقىگە كۆرسەتكەن خىزمىتى پەقەت ئۇنىڭ سىياسىي - مەمۇرىي پائالىيىتىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئاساسەن مىللىي مەدەنىيەت - مائارىپ، مەتبۇئات، نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىنى جانلاندۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسىدىن ئىبارەت بولدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ 30 - يىللىرى مىللىي مائارىپ ۋە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ راۋاجلىنىشىدا ئالاھىدە رول ئوينىغان ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ پائالىيىتىنى يولغا قويۇشى ناھايىتى چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانىدى.مەنسۈر ئەپەندىگە ئوخشاش مىڭلىغان مىللەتپەرۋەرلەرنىڭ جاپالىق ئەمگىكى بەدىلىگە تامامەن يېڭىچە قىياپەتكە كىرىپ ئەمدىلا قەد كۆتىرىشكە باشلىغان مىللىي مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ...>> دېگەن سۆزلىرى  تولىمۇ غىدىقىمنى كەلتۈردى. بۇ ئادەمگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلار
<<باياۋاندىكى  گۈلخان >> دېگەن كىتابنىڭ 3-قىسمىدا ناھايىتى تەپسىلى بار.
[ بۇ يازما ozbax تەرىپىدىن 2008-03-29 04:12 دە قايتا ]

چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-03-02 02:32 |
ark_xamili
دەرىجىسى : يۈز بېشى

UID نۇمۇرى: 4156
نادىر تىمىسى : 0
يازما سانى : 113
ئۈنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە113دانە
شۆھرىتى: 420 نومۇر
پۇلى: 830 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :113(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

新建网页 1
     
ۋەتەن ئوغلى ئاتالغانلارنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ قىنى بىلەن قولى بويالغان ساتقىن جاللات ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ نىمە دىيىشنى بىلەلمەي قالدىم.

terjime guruppisi
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-21 02:54 |
ارامۇت
دەرىجىسى : يۈز بېشى

UID نۇمۇرى: 9335
نادىر تىمىسى : 1
يازما سانى : 122
ئۈنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە122دانە
شۆھرىتى: 1010 نومۇر
پۇلى: 780 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
ۋاقتى :89(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شۇنداق، ئۇيغۇر تارىخى ئەنە شۇنداق داۋام قىلىپ كەلگەن. ھەممە ئۆز قوۋمىنى سۆيىمەن دەيدۇ-يۇ، ئۆز شەخسىيىتى ئۈچۈن قوۋمىنى ۋەيران قىلىدۇ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ۋەيران بولۇشى بولسۇن، ياكى خوجا نىياز ھاجى بىلەن سابىت داموللىنىڭ مۇناسىۋىتى بولسۇن...
ۋەتەن ئوغلى!  ۋەتەن ئوغلى؟...
مىللەت ئادەمدىن تەشكىل تاپىدۇ، ئادەم... ئادەملەر ئۆز ھەلەكچىلىكىدە!

چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-21 23:01 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇر شەخسلەر
?!---->
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !