يولداش كۆك تاش سىز بۇ ماتىريالنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئېنىق قىلىپ يازسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاركەن، نوپۇس مەسىلىسى، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى مەسىلىسى تولىمۇ نازۇك ئىش، بۇنىڭغا قانداقتۇر مىللى ھىسىيات، تەسەۋۇر، تاتلىق ئوي-خىياللار ئارلىشىپ قالسا بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى زادى قانچىلىك بۇنى بىزگە ھازىرغا قەدەر بىرەر ئادەم ھەق، دۇرۇس ئورۇندا تۇرۇپ، ئازايتماي ھەم جىقايتماي ئېنىق جاۋابىنى بەرگەن يوق، شۇڭا بۇھەقتە مەن تېخى سىزدەك ئىستاستىكىلىغان بىرەرىنى ئۇچۇرتۇپ باقماپتىكەنمەن. ماڭا تولىمۇ يېڭىلىق تۇيۇلدى.
يەنە بىر ئىش ئاقسۇ رايۇنىدىكى ئونسۇ ناھىيىسى(كوناشەھەر)گە قاراشلىق ئارال يېزىسى بىلەن ئارال شەھرى(بۇرۇن بۇ جاي ئاقسۇ شەھرىگە قارايتى). ھازىر كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ئارال شەھرىنى <<ئالار>> دەپ قاراش بىر قەدەر كۇچلۇق بۇ خەنزۇ تىلىنىڭ سىڭىپ كىرىشىدىن، خەنزۇچە خەتنىڭ تەلەپپۇر قىلىنىشىدىن كېلىپ چىققان خاتا چۇشەنچە.
ئارال يېزىسى阿热勒 دەپ. يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان ئارال شەھرى阿拉尔 دەپ يېزىلغان بولغاچقا بۇ خەنزۇچىنى تەلەپپۇز قىلىنىشى بويىچە <<ئالار>>غا ئۆزگىرىشكە باشلىغان، نادان خەلقىم يەنىلا خەنزۇچە ئاتاش قولايلىق دەپ قاراپ ئۆزىنىڭ تېلفۇن نومۇرلىرىنى ئانا تىلىدا ئېيتىپ بېرەلمىگەندەك، بۇ جاي نامىنى <<ئالار>>غا ئۆزگەرتىشكە ئالدىراپ كېتىپ بارىدۇ.ئارال شەھرىگە ماڭىدىغان ئاپتۇۋۇزلارغا خاتا ھالدا <<ئالار شەھرى>> دەپ تاختا ئاسقاننى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس.(بۇ جاي ئاقسۇ شەھرىدىن 130كېلومىتىر كېلىدۇ). ئەگەر يەنە بىرقانچە يۇز يىل ئۆتسە بۇ زىمىندا يەنە يېڭى بىر جاي نامى پەيدا بولمايدۇ دەپ ئېيتالمايمىز، خۇددى <<قىرغىزىستا جۇمھۇريىتى >> بىلەن <<قىزىلسۇ ئوبلاستى>> خەنزۇچىدە ئىككى خىل يېزىلىدۇ(قىرغىز دىگەن نامنى دىمەكچى) ھەم ئىككى خىل تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، كۈنلەر ئۆتۇپ، ئايلار ئۆتۇپ بۇ ئىككى جايدىكى ئاھالىلەر توپى خەنزۇچە ئاتىلىشى تۇپەيلى ئىككى مىللەت بولۇپ چىقامدۇ يولداشلارنىڭ سەگەكلىك بىلەن ئويلۇشۇپ كۆرۇشىنى تەۋىسيە قىلىش بىلەن بىرگە، تارىخ ۋە باشقا ساھەدە ئەجىر قىلىۋاتقان مۇناسىۋەتلىك يولداشلارنىڭ بۇ ئىشقا كۆڭۇل بۆلىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن.
[ بۇ يازما palwan تەرىپىدىن 2008-03-11 11:08 دە قايت ]