ئورخۇننى قوللامسىز؟ مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى Munber hetni Nurmal Korelmigenler
قورال ئىشىلتىش ئادرېسىنى كۆچۈرۈش | ساقلىۋېلىش | پىرىنتىرلاش
دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا
UIDنومۇرى: 1050
جەۋھەر يازمىسى: 5
يوللىغان يازمىسى: 416
شۆھرىتى: 427 نومۇر
پۇلى: 4260 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 298(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-11-22
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-24
باش يازما  يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-11 01:06

 ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى: بۇ يازمىغا Yawuz تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-04-09)
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى
A Brief History Of Orhun Uyghur Kahghanate
 

بۇ ئەسەر ئاپتورنىڭ  ماقۇللىغىنى ئالغاندىن كېيىن تورغا يوللاندى

ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق

 ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
 
       ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق 1963- يىلى 12- ئايدا باي ناھىيىسىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1981- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكولتېتىنىڭ تارىخشۇناسلىق كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان. 1986- يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ، ئۆز فاكولتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغان. 1988- يىلى 9- ئايدىن 1994- يىلى 7- ئايغىچە غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئارخېئولوگىيە كەسپى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق سىنىپىدا ئوقۇغان.
       ئاپتور ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى جەھەتت «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى» ، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەت تەتقىقاتى» ، «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» ، «شىنجاڭ تەزكىرچىلىكى» قاتارلىق ئىلمىي ژورناللاردا «ئورخۇن خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى توغرىسىدا ئىزدىنىش» ، «ئۇيغۇرلاردىكى ئۆرۈمە چاچ قويۇش ئادىتىنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا» ، «شىنجاڭدىن تېپىلغان مىس داڭقان (قازان) ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە» ، «يۇرتىمىزنىڭ مەدەنىيەت دەۋرى توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە» ، «تەرەققىي قىلىۋاتقان پەن- ئارخېئولوگىيە» ، «غەربىي يۇرتتا ياشىغان قەدىمكى قوۋملارنىڭ جەسەتنى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش ئادىتى توغرىسىدا» قاتارلىق 40 پارچىگە يېقىن ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى پارچىسى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇنەۋۋەر پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى بويىچە 2- ۋە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، بىر پارچىسى ئاپتونۇم رايونلۇق 3- نۆۋەتلىك ئىجتىمائىي پەن مۇنەۋۋەرلەر ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
     مەزكۈر ئەسەر ئاپتورنىڭ تۇنجى يىرىك ئىلمىي ئەسىرىدۇر.
     ئاپتور ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتونىڭ دوتسېنتى، شىنجاڭ مىللەتلىرى تارىخى تەتقىقاتى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانت يىتەكچىسى، تارىخ فاكولتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە.

[ بۇ يازما Ghunche تەرىپىدىن 2008-03-14 10:43 دە قاي ]
دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا
UIDنومۇرى: 1050
جەۋھەر يازمىسى: 5
يوللىغان يازمىسى: 416
شۆھرىتى: 427 نومۇر
پۇلى: 4260 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 298(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-11-22
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-24
1-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-11 01:21
 كىرىش سۆز

      ئۇيغۇرلار ــــ ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى مىللەتلەر ئىچىدە تارىخىنىڭ ئۇزاقلىقى، ئاپرىدە قىلغان مەدەنىيىتىنىڭ شانلىقلىقى، تارقىلىپ ياشىغان جايلىرىنىڭ كەڭرىلىكى جەھەتتە ئالاھىدە رەڭدارلىققا ۋە جەلپكارلىققا ئىگە بىر تۈركىي تىللىق مىللەت. ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرياللار ۋە ھەر خىل تىللاردا يېزىلغان قەدىمكى يازما ماتېرياللارنىڭ ئىسپاتلاپ بېرىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى قەدەمدە ھازىرقى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونى، تاشقى موڭغۇلىيە، خېشى ۋادىسى، يەنە سۇ ۋادىسى، چۈ ۋادىسى، تالاس دەرياسى، سىر دەرياسى ۋادىسى ۋە پەرغانە ئويمانلىقى قاتارلىق كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا تارقىلىپ ياشىغان. قەدىمدە شەرق ۋە غەرپتىكى ھەر قايسى ئەل ۋە مىللەتلەرنىڭ يازما خاتىرلىرىدا ئۇلارنىڭ ناملىرى ھەر خىل ئاتىلىپ كېلىنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نامىنى يىراق دەۋرلەردىن باشلاپلا ئىزچىل ھالدا «ئۇيغۇر» دەپ ئاتاپ كەلگەن.
      ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى 7- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان تارىخىي دەۋرلەردە ھازىرقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىنى مەركەز قىلىپ قۇرۇپ چىققان بىر قۇدرەتلىك خانلىق بولۇپ، ئۇ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە مىللەت بولۇپ شەكىللىنىپ چىقىش جەريانىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۆگىنىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
       ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىجتىمائىي- ئىقتىسادىي تارىخىدا غايەت زور تەرەققىياتلار ۋە ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. بۇ دەۋرلەردە موڭغۇلىيە ۋادىسىدىن تارتىپ تاكى تەڭرىتېغىنىڭ ئىتەكلىرىگىچە بولغان جايلاردىكى نۇرغۇنلىغان قېرىنداش تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر ئەسلىدىكى قانداشلىق، ئۇرۇقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، زىمىن- تېررىتوررىيە ئاساسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئورتاق ھاكىمىيەت ئاستىغا قويۇشۇپ، «ئۇيغۇر» دېگەن ئورتاق مىللەت نامىنى ئۆز نامى قىلدى. قوشنا ئەل ۋە مىللەتلەر بولسا بەزىدە ئۇلارنى يەنىلا ئەسلىدىكى يۈكسەك ئىتتىپاقىنىڭ نامىدا «ئون ئۇيغۇر» ياكى «توققۇز ئوغۇز» دەپ ئاتاپ كەلدى.
      ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئۆز سەلتەنەتىنىڭ ئوتتۇرا دەۋرىلىرىدىن كېيىن نەچچە ئەۋلاد دانا قاغانلىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە قوشنا ئەللەر بىلەن ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى يۈرگۈزۈش جەريانىدا، گەرچە سىياسىي ھاكىمىيەت تەركىبىلىرىدە ئۇرۇقداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ قالدۇقلىرىنى يەنىلا ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەردە يۈكسەك تەرەققىي قىلىپ، مۇكەممەل فېئوداللىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ چىقتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەينى دەۋرىدە خانلىق ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسىمى چارۋىچىلىق بولسىمۇ، دېھقانچىلىق، قول ھۇنەرۋەنچىلىك، سودا، بىناكارلىق قاتارلىقلارمۇ خېلىلا تەرەققىي قىلدى. 8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن كېيىن بىر ئىلاھلىق مانى دىنىنىڭ دۆلەت دىنى قىلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدئولوگىيىسىدە زور بۇرۇلۇش ياساپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم- پەن، مەدەنىيەت، سەنئەت ئىشلىرىدا زور مۇۋاپپىقىيەتلەر يارىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئوتتۇرا جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىغىمۇ مۇئەييەن تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. تارىخنىڭ بوران- چاپقۇنلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئورخۇن ئۇيغۇن خانلىقىنىڭ شانلىق تارىخىغا گۇھاچى بولۇپ كېلىۋاتقان ئورخۇن – ينسەي مەڭگۈ تاش يازما يادىكارلىقلىرى، تۇرپان، دۇنخۇاڭلاردىن تېپىلغان تۈركچە، ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەر، ئوردۇبالق قەدىمكى شەھىرى خارابىسى، تۇۋادىكى قەدىمكى شەھەرلەر خارابىسى، بالاساغۇن قەدىمكى شەھىرى خارابىسى، بېشبالىق قەدىمكى شەھىرى خارابىسى قاتارلىق يادىكارلىقلار ۋە خارابە- ئىزلار ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي- ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا پارلاق مۇۋەپپەقىيەتلەر يارىتىلغانلىقىنى، ئەينى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىمىز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ۋە تەرەققىياتىغا، مەدەنىيەت خەزنىسىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە يارىتىلغان ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ كېيىنكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەرەققىياتىغا غايەت زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.
      مەن ئۇزۇندىن بۇيان ئىزچىل مەزكۈر خانلىقنىڭ تارىخى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كەلگەنىدىم. ئاخىرى بۈگۈنگە كەلگەندە مۇناسىۋەتلىك خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ۋە ئارخېئولوگىيىلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ياردىمىدە ھەم ئۆزۈمنىڭ ئىزدەنگەنلىرىم ئاساسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ 7- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان تارىخىغا بېغىشلانغان «ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن بۇ ئەسەرنى يېزىپ چىقتى.
      ئېنىقكى، مەزكۈر ئەسەر ھەرگىزمۇ ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ (ياكى شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ) ئومۇمىي تارىخى ئەمەس. بەلكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خان دەۋر تارىخى. شۇ سەۋەبلك مەزكۈر ئەسەر مەزمۇن جەھەتتىن يەتتە باپقا بۆلۈندى:
     1- بابتا ئاساسلىقى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنىڭ تارىخىي ماتېريالشۇناسلىق ئاساسلىرى كۆرسىتىلىپ بېرىلدى؛
     2- بابتا ئاساسلىقى ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە گۈللىنىشىگە دائىر مەسىلىلەر بايان قىلىندى ياكى مۇھاكىمە قىلىندى؛
     3- بابتا ئاساسلىقى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇلۇشىغا دائىر مەسىلىلەر بايان قىلىندى ياكى مۇھاكىمە قىلىندى؛
    4- بابتا ئاساسلىقى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى ۋە زېمىن دائىرىسىگە دائىر مەسىلىلەر بايان قىلىندى ياكى مۇھاكىمە قىلىندى؛
    5- بابتا ئاساسلىقى ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ قەبىلىلىرى، نوپۇسى ۋە ئىرقىي ئالاھىدىلىكىگە دائىر مەسىلىلەر بايان قىلىندى ياكى مۇھاكىمە قىلىندى؛
    6- بابتا ئاساسلىقى ئورخۇن ئۇيغۇرخانلىقىنىڭ تاڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان سىياسىي- ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بىلىملىرىگە دائىر مەسىلىلەر بايان قىلىندى ياكى مۇھاكىمە قىلىندى؛
    7- بابتا ئاساسلىقى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكى ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر مەسىلىلەر بايان قىلىندى ياكى مۇھاكىمە قىلىندى؛ ئەڭ ئاخىرىدا قوشۇمچە قىلىپ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قاغانلىرىنىڭ نەسەبنامىسى، ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلار يىلنامىسى بېرىلدى.
    تارىخشۇناسلارغا ئايان بولغىنىدەك، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخى ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى شانلىق سەھىپە، شۇنداقلا بىر قەدەر مۈشكۈل تەتقىقات تېمىسى، شۇڭا ئىگەللىگەن ماتېرياللىرىمنىڭ تولۇق بولماسلىقى، سەۋەيەمنىڭ چەكلىك بولۇشى، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلۇمنىڭ ئانچە ئەتىراپلىق بولماسلىقى تۈپەيلىدىن مەزكۈر ئەسىرىمدە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخىنى تولۇق يۇرۇتۇپ بېرەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن. شۇ ۋەجىدىن ئۇستازلارنىڭ، كەسپداشلارنىڭ ۋە كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ ھەقتە قىممەتلىك پىكىرلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاخىرىدا مەزكۈر ئەسىرىمنىڭ پۈتۈپ چىقىشى ۋە نەشىر قىلىنىشىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن، مېنى قوللاپ- قۇۋۋەتلىگەن ئۇستازلىرىمغا، كەسپداشلىرىمغا، دوست- بۇرادەرلىرىمگە چىن قەلبىمدىن مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.


                                            ئەھمەت سۇلايمان قۇتلۇق
                                          2003- يىلى دىكابىر، ئۈرۈمچى



yol
دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا
UIDنومۇرى: 1050
جەۋھەر يازمىسى: 5
يوللىغان يازمىسى: 416
شۆھرىتى: 427 نومۇر
پۇلى: 4260 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 298(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-11-22
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-24
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-11 02:38
       1- باب ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشنىڭ تارىخىي ماتېريالشۇناسلىق ئاساسلىرى
 

     
  تەتقىقات چۇقۇم مول ماتېرياللار توپلاپ، ماتېرياللارنىڭ خىلمۇ- خىل تەرەققىيات ھالىتىنى ئانالىز قىلىش ھەم ئۇنداق خىلمۇ- خىل ھالەتلەرنىڭ ئىچكى مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈپ چىقىش زۆرۈردۇر. 

                                                                             ـــ ك. ماركس



      ئۇيغۇلار مەمىلكىتىمىز جۇڭگودىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار تارىختا بىر پۈتۈن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا، شۇنداقلا مەمىلكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى تارىخىي دەۋرىلىرىدىكى سىياسىي، شۇنداقلا ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىگە غايەت زور تۆھپە قوشقان. ئۇلار مىلادىيە 7- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە موڭغۇلىيە ئىگىزلىكىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئېلىمىز جۇڭگونىڭ شىمالىي ۋە غەربىي شىمالىدا كۈچلۈك يەرلىك ھاكىمىيەت قۇرۇپ چىقىپ، ئەينى دەۋرىدىكى مەمىلكىتىمىز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرىسىتىپ كەلگەن. بۇ يەرلىك ھاكىمىيەت تارىختا «توققۇز ئوغۇز دۆلىتى» ، «شىمالىي چۆللۈك ئۇيغۇر خانلىقى» ، «ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى» ۋە «توققۇز ئۇيغۇر – ئون ئويغۇر خانلىقى» دېگەندەك ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن.
       ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى مەۋجۇت بولغان 7- 9- ئەسىرلەر دۇنيا ۋە جۇڭگو تارىخىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا قەدىمكى زامان جەمئىيىتى تەرەققىي قىلغان، گۈللەنگەن دەۋرلەر بولۇپ، ئۇ دەۋرلەردە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قوشنا دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر، جۈملىدىن تاڭ سۇلالىسى (618 – 907- يىللار)، كېيىنكى تۈرك خانلىقى (682 – 745- يىلار)، تىبەت خانلىقى (617 – 847- يىللار)، غەربىي يۇرت ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەت ۋە مىللەتلەر بىلەن سىياسىي، ئىقتىساد مەدەنىيىتى ئالاقىسى گۈللەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تارىخىي شەجەرلىرى ئۆزلىرى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنىپ يېزىلغان ئورخۇن – يېنسەي مەڭگۇ تاش يازما يادىكارلىقلىرىدىلا ئەمەس، قوشنا دۆلەت ۋە مىللەت تىل- يېزىقلىرىدىمۇ قەلەمگە ئېلىنىپ، مەخسۇس تەزكىرە- قىسسەلەر سۈپىتىدە خاتىرلىنىپ، بۇلارنىڭ بىر قىسىمى بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. ئۇلار نۆۋەتتە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە جەمئىيەت ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشىمىز ۋە ئۆگىنىشىمىزنىڭ قىممەتلىك تارىخىي ماتېرياللىرى بولۇپ تۇرماقتا. شۇڭا، ئاۋال تارىخ ئىلمىنىڭ مۇھىم تەتقىقات يۆلەنچۈكى بولغان تارىخ ماتېريالشۇناسلىق جەھەتتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشتە تولىمۇ مۇھىم. چۈنكى تارىخىي ماتېرياللار، بولۇپمۇ سېستمىلىق، يېتەرلىك دەللىلەشتىن ئۆتكەن تارىخىي ماتېرىياللارلا تارىخ تەتقىقاتىنىڭ پۇختا ئاساسىنى يارىتىپ بېرلەيدۇ. تارىخىي ماتېرىياللارغا ئېرىشىپ، ماركىسىزىملىق تارىخىي ماتېريالىزىم ۋە دىئالېكتىكىلىق ماتېريالىزىمنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئاشۇ تارىخىي ماتېرىياللار ئىچىدىن توغرا خۇلاسىلەرنى چىقىرىش تارىخ تەتقىقاتىدىكى بىردىن- بىر توغرا، ئىلمىي ئۇسۇلدۇر. شۇڭا، ئا. كامالۇۋ ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىنى ھەر تەرەپلىمە تەتقىق قىلىش، قەدىمكى تۈرك يېزىقلىرى يادىكارلىقلىرىسىز، باشقا تىل يادىكارلىقلىرىسىز، شۇنداقلا ئارخېئولوگىيىلىك ھۆججەتلەرسىز ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس» [1] دەپ ئېيتقىنىدەك، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىنى ئۇنۋېرسال، مۇكەممەل، ئەتراپلىق ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئورخن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىغا ئائىت قول ئىپتىدائىي تارىخىي ماتېرىياللارنى، ھۆججەت- ۋەسىقىلەرنى، ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرياللارنى ۋە دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىغا بېغىشلانغان ئاساسلىق تەتقىقات ئەھۋاللىرىنى ئىگلەش تولىمۇ زۆرۈر. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن، بىز ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق تارىخىي ماتېرىياللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ھۆججەت تارىخىي ماتېرياللىرى، ئارخېئولوگىيىلىك تارىخىي ماتېرياللار ۋە تەتقىقات ماتېرىياللىرى دەپ ئۈچ توڭ تۈرگە ئايرىمىز.
      بارلىق ھۆججەت تارىخىي ماتېرىىياللىرىنى ئادەتتە يازما تارىخىي ماتېرياللار ۋە غەيرىي دەۋرداش تارىخىي خاتىرلەرگە بۆلۈنىدۇ. دەۋرداش خاتىرلەر مەلۇم ۋەقە يۈز بەرگەن ئەينى دەۋردە، ئاشۇ دەۋر كىشلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان خاتىرىلەرنى كۆرسىتىدۇ. غەيرىي دەۋرداش خاتىرىلەر مەلۇم ۋەقە يۈز بېرىپ، تارىخىي ۋەقەلەرگە ئايلانغاندىن كېيىن، كېيىنكى دەۋر كىشلىرى تەكشۈرۈپ، ئويلاپ يېزىپ چىققان خاتىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. تارىخىي ماتېرىيالشۇناسلىق نوقتىسىدىن قارىغاندا، ئالدىنقىسىنىڭ تارىخىي ماتېرياللىق قىممىتى كېيىنكىسىنىڭكىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخىغا دائىر ھۆججەت تارىخىي ماتېرىياللىرى ئىچىدە دەۋرداش تارىخىي ماتېرىياللارمۇ، غەيرىي دەۋرداش تارىخىي ماتېرياللارمۇ بار. بىز يەنە پەرقلەندۈرۈش ۋە قوللىنىشتا ئوڭاي بولسۇن ئۈچۈن بارلىق تارىخىي ماتېرىياللارنى ئۇلارنىڭ تىل- يېزىق تەۋەلىكى بويىچە قەدىمكى تۈركچە تارىخىي ماتېرىياللار، قەدىمكى ئۇيغۇرچە تارىخىي ماتېرىياللار، خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللار، ئەرەب، پارس تىلى- يېزىقىدىكى تارىخىي ماتېرىياللار ۋە ئارخېئولوگىيىلىك تارىخىي ماتېرىياللار دەپ بىر قانچە تۈرگە ئايرىپ تونۇشتۇرىمىز.

دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا
UIDنومۇرى: 1050
جەۋھەر يازمىسى: 5
يوللىغان يازمىسى: 416
شۆھرىتى: 427 نومۇر
پۇلى: 4260 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 298(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-11-22
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-24
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-12 19:49
           1.پاراگىراف قەدىمكى تۈركچە تارىخىي ماتېرىياللار

      قەدىمكى تۈرك يېزىقى قەدىمكى زاماندا تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەت ۋە قەبىلىلەر تەرىپىدىن قوللىنىلغان بىر خىل ھەم ئېلىپبەلىك، ھەم بوغۇملۇق ئارىلاشما يېزىق بولۇپ، جەمئىي 40 ھەرپتىن تەركىپ تاپقان. تەخمىنەن 6- ئەسىردىن 10- ئەسىرگىچە بولغان تارىخىي دەۋرلەردە قەدىمكى كۆكتۈرك خانلىقى، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ، يېنسەي قىرغىزلىرى ۋە سىبىريىدىكى قورىقان قاتارلىق بىر قىسىم مىللەتلەر بۇ خىل يېزىقنى ئومۇميۈزلۈك قوللانغان. بۇ يېزىقنىڭ شەكلى شىمالىي ياۋروپادا قەدىمكى گېرمانلار تەرىپىدىن قوللىنىلغان رونىك يېزىقىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئادەتتە ئۇ كۆپىنچە قەدىمكى تۈرك- رونىك يېزىقى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل يېزىقا يېزىلغان ئاساسلىق يازما يادىكارلىقلار موڭغۇلىيەدىكى ئورخۇن دەرياسى ۋادىلىرىدىن ۋە سىبىريىدكى يېنسەي دەرياسى ۋادىلىرىدىن تېپىلغىنى ئۈچۈن، يەنە ئورخۇن- يېنسەي يېزىقى دەپمۇ ئاتلىدۇ. يەنە بەزىلەر كۆكتۈرك يېزىقى، ئىسلامىيەتتىن ئاۋالقى يېزىق، سىبىرىيە يېزىقى دەپمۇ ئاتايدۇ [2].
      قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى ئورخۇنلار ئۇيغۇر خانلىقىغا دائىر يازما تارىخىي ماتېرياللارغا ئاساسەن موڭغۇلىيە ۋادىسىدىن تېپىلغان. 7- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 9- ئەسىرنىڭ ئوتتورلىرىغىچە بولغان تارىخىي جەريانلاردا ۋۇجۇتقا كەلگەن بىر قانچە چوڭ مەڭگۈ تاش تارىخىي ماتېرىياللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مەڭگۈ تاش تارىخىي ماتېرىياللىرى ئادەتتە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، سىياسىتى، ئىقتىسادى ۋە جۇغراپىيىسى قاتارلىق ئەھۋاللىرىدىن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇلاردىكى خاتىرىلەر دەۋر جەھەتتىن ئۇزاق ھەم تەپسىلىي. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خاندانلىقلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە دائىر ئەھۋاللارغا تولىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن. بۇلار ئاساسەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارغا قېرىنداش قەبىلىلەر تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز تارىخى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ھەققىدىكى بايانلىرى، ئەدەبىي تەسسۋىرلىرى ئەينى دەۋر يايلاق جەمئىيىتىدىكى ئۇيغۇلارنىڭ چارۋىچلىق مەدەنىيىتىنىڭ ئىچكى مەزمۇنىنى بىر قەدەر تولۇق نامايەت قىلىپ بېرەلەيدۇ. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقداندا، تۈركچە تارىخىي ماتېرىياللارغا مەنسۇپ بولغان قەدىمكى مەڭگۈ تاش يازما يادىكارلىقلىرى بىزنىڭ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخىنى توغرا چۈشىنىشىمىزدە سەل قاراشقا بولمغايدىغان مۇھىم بىر تەرەپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، بۇ مەڭگۈ تاش تارىخىي ماتېرياللىرى دەۋرداش ۋە غەيرىي ماتېريلارنى تولۇقلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھىملىرى تۆۋەندىكىلەر:
[ بۇ يازما Ghunche تەرىپىدىن 2008-03-12 19:58 دە قاي ]
دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا
UIDنومۇرى: 1050
جەۋھەر يازمىسى: 5
يوللىغان يازمىسى: 416
شۆھرىتى: 427 نومۇر
پۇلى: 4260 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 298(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-11-22
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-24
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-13 16:30
1. «تېرخىن مەڭگۈ تېشى»

     بۇ مەڭگۈ تاش يادىكارلىقى 1957- يىلى موڭغۇلىيىدىكى ھانگاي تېغىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى تېرخىن دەرياسىغا (چاغاننۇر كۆلىگە يېقىن) يېقىن تاريات سۇمۇلىدىن (مەمۇرىي رايۇن) تېپىلغىنى ئۈچۈن، «تاريات مەڭگۈ تېشى» دەپمۇ ئاتالغان. رۇس تۈركولوگى س. گ. كىلياشتۇورنىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، مەڭگۈ تاش يېزىقىنىڭ ئاساسلىق قىسىمى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان (خەنزۇچە مەبەلەردە مويۇنچۇر ياكى بايانچۇر دېيىلىدۇ. مىلادىيە 747- 759- يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان) نامىدىن يېزىلغان. مەڭگۈ تاش تېكىستىنىڭ ئاپتورى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغاننىڭ ئوغلى قۇتلۇق تارقان سەنگۈي (يەنە بىلگە تارقان دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بولۇپ، ئۇنىڭ نامى خەنزۇچەمەنبەلەردە ئىدىكەن قاغان، بۆگۈ قاغان، تەڭرى قاغان دەپ ئاتالغان. بۇ مەڭگۈ تاش ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا دائىر ئەڭ دەسلەپكى يادىكارلىقلار بولۇپ، ئۇ «ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان ئەلنى سوراپ تۇرغان يىللاردا 753- 756- يىللىرى تىكلەنگەن» [3]. تاش تېكىستىدە ئاساسلىقى ئەل ئەتمىشنىڭ نامىدىن بۆگۈب قاغان (759- 780- يىللار) دەۋرىگىچە بولغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا بىلگە تارقاننىڭ نامىدىن دادىسى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغاننىڭ تۆھپىلىرى مەدھىيلەنگەن. قىممەتلنك يېرى شۇكى، بۇنىڭدىن بىر قىسىم مەزمۇنلار باشقا مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىدا ۋە كونا، يېڭى تاڭنامىلەردە ئۇچرىمايدۇ.
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا
UIDنومۇرى: 1050
جەۋھەر يازمىسى: 5
يوللىغان يازمىسى: 416
شۆھرىتى: 427 نومۇر
پۇلى: 4260 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 298(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-11-22
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-24
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-13 18:28
2. «مويۇنچۇر قاغان مەڭگۈ تېشى»

     بۇ مەڭگۈ تاش يادىكارلىقى 1909- يىلى موڭغۇلىيەدىكى سېلىنگا دەرياسى ۋە شىنە ئۇسۇ كۆلى بويىدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن ، يەنە «شىنە ئۇسۇ مەڭگۈ تېشى» دەپمۇ ئاتالغان. بۇ ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان دەپ ئاتالغان مويۇنچۇر قاغان (747- 759- يىللىق) نىڭ تۆھپىسى ئۈچۈن ئورنىتىلغان يەنە بىر يادىكارلىق. مويۇنچۇر ئەسلىدە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى كۆل بىلگە قاغان (742- 747- يىللار) نىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى تۇريان ئىدى [4]. مەنبەلەردە يەنە ئەل بىلگە يابغۇ ۋە قارا قاغان دەپمۇ ئاتالغان. مەڭگۈ تاشقا جەمئىي 50 قۇر خەت ئويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مويۇنچۇر قاغان نامىدىن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى دەسلەپكى تارىخى، ئۇنىڭ دادىسىغا ياردەملىشىپ كېيىنكى شەرقىي تۈرك خانلىقىغا قارىشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى، كېيىن قارلۇق، توققۇز تاتار باسمىل قاتارلىق قەبىلىلەرگە ئېلىپ بارغان جازا ئۇرۇشلىرى، تاڭ سۇلالىسىگە قىلغان يۈرۈشلىرى، تابغاچ ۋە سوغداقلارغا سېلىنگا دەرياسى بويىدا بايبالىق شەھىرىنى سالدۇرغانلىقى قاتارلىق تارىخىي ۋەقەلەر بايان قىلىنغان. ئەھمىيەتلىك يېرى شۇكى، «مويۇنچۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» دا كونا- يېڭى تاڭنامىلەردە تىلغان ئېلىنمىغان بىر قىسىم ۋەقەلىكلەر خاتىرلەنگەندىن سىرت، يەنە كونا- يېڭى تاڭنامىلەردە خاتىرلەرگەن بىر قسىم ۋەقەلىكلەر تېخىمۇ كونكىرېت، تېخىمۇ ئېنىق ۋە تېخىمۇ جانلىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن.
yol
دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا
UIDنومۇرى: 1050
جەۋھەر يازمىسى: 5
يوللىغان يازمىسى: 416
شۆھرىتى: 427 نومۇر
پۇلى: 4260 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 298(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-11-22
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-24
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-13 18:29
3. «تەس مەڭگۈ تېشى»
 

      بۇ مەڭگۈ تاش يادىكارلىقى 1976- يىلى موڭغۇلىيەدىكى تەس دەرياسىنىڭ سول قىرغىدىكى نوغۇن تولغوي ئىگىزلىكىنىڭ يېنىدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن، «تەس مەڭگۈ تېشى» دەپ ئاتالغان. «تەس مەڭگۈ تېشى» ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە مەنسۇپ يادىكارلىقلارنىڭ ئىچىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ئېغىرراق. ئەڭ مۇھىم بولغان يازما يادىكارلىق. ئۇنىڭدا بۆگۈ قاغان (759- 780- يىللار) ئەجدادى (دادىسى) بولغان ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان (مويۇنچۇر، 747- 759- يىللار9 دەۋرىگىچە بولغان ئۇيغۇر قاغانلىرىنىڭ تارىخى، جۈملىدىن بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تەقدىرى. كۆل بىلگە قاغان ۋە ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان باشچىلىقىدىكى ئۈچىنچى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بەرپا بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار كونا- يېڭى تاڭنامىلەردە ئۇچرىمايدۇ. شۇڭا تەس مەڭگۈ تېشىدىكى مەلۇماتلار زور سېلىشتۇرما قىممەتكە ئىگە. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، «تەس مەڭگۈ تېشى» نىڭ ئاپتورى مويۇنچۇر قاغاننىڭ يېقىن تۇققىنى تۈپەك ئالىپ شۇل دېگەن كىشى بولۇپ، مەڭگۈ تاشنى قاغان يېڭىدىن تەختكە چىققان ۋاقىتتا توغرىسى 761- 762- يىللىرى ئورنىتىلغان، دېيىشكە بولىدۇ [5].

yol
دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا
UIDنومۇرى: 1050
جەۋھەر يازمىسى: 5
يوللىغان يازمىسى: 416
شۆھرىتى: 427 نومۇر
پۇلى: 4260 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 298(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-11-22
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-24
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-14 20:50
4.«توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۇ تېشى»


      بۇ يادىكارلىقنىڭ تولۇق ئاتىلىشى «توققۇز ئۇيغۇر ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالىپ بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى» دۇر. ئۇ 1899-يىلى موڭغۇلىيەدىكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان قارا بالغاسۇن شەھىرىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى سايرام كۆلى بويىدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن،«توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» دەپمۇ ئاتالغان. «توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» غا قەدىمكى تۈركچە، سوغدىچە ۋە خەنزۇچە ئۈچ خىل يېزىقتا خەت ئويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قەدىمكى تۈركچە تېكىستى ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچۇلۇققا ئۇچۇرىغان، پەقەت ئىنتايىن ئاز قىسىمىلا ساقلىنىپ قالغان، سوغدىچە قىسىمىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغان بولۇپ، ئانچە كۆپ ساقلىنىپ قالمىغان، پەقەت خەنزۇچە قىسىمىلا مۇكەممەلرەك ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ساقلىنىپ قالغان قسىمى تەخمىنەن 1600خەت ئەتراپىدا كېلىدۇ. «توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» ئورخۇن ئۇيغۇرخانلىقىغا دائىر يادىكارلىقلارنىڭ ئىچىدە ئومۇمىي تەزكىرە شەكىلىدە يېزىلغان مۇھىم بىر مەڭگۈ تاش بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسلىقى كۆل بىلگە قاغان (742-747-)يىللار دەۋرىدىن تارتىپ تاكى ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالپ بىلگە قاغان (يەنى ئادالەت قۇچقان قاغان، 808-821-يىللار تەخىتتە ئولتۇرغان) دەۋرىگىچە بولغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلقىنىڭ تارىخى، ئادالەت قۇچقان قاغاننىڭ خانلىق ھاكىمىيىتىنى ۋە زېمىن تېررىتورىيىسىنى مۇستەھكەملەش يولىدا كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى،بۆگۈ قاغاننىڭ مانى دىنىنى قوبۇل قىلىش ، جۇڭغا ۋە تارىم ۋادىلىرىغا يۈرۈش قىلىپ، بېشىبالىق، كۇچار قاتارلىق جايلارنى تىبەتلەردىن قايتۇرۇپ ئالغانلىقى مەدھىيىلەنگەن. خەنزۇچە قىسىمدىكى خاتىرىلەرگە ئاسالانغاندا، بۇ يادىكارلىق ئۇيغۇر ئۇرخۇن خانلىقىدا بىرنەچچە ئەۋلات باش ۋەزىرى بولغان ئىل ئۈگەسى تەرىپىدىن تەخمىنەن مىلادىيە 814-يىلى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاپتۇرى باغا تارقان دېگەن كىشى ئىكەن[6].
دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا
UIDنومۇرى: 1050
جەۋھەر يازمىسى: 5
يوللىغان يازمىسى: 416
شۆھرىتى: 427 نومۇر
پۇلى: 4260 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 298(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-11-22
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-24
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-14 20:54
5. «سېۋرېي مەڭگۈ تېشى»
 
      بۇ مەڭگۈ تاش يادىكارلىق 1969-يىلى مۇڭغۇلىيەنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ گەنسۇ ئۆلكىسى بىلەن تۇتىشىدىغان سېۋرېي دېگەن يېرىدىن (يەنى ئىدزىنغۇل دەرياسىنىڭ سۈيى قۇيۇلىدىغان گاخون، سوغ دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى كۆلنىڭ شەرقىي شىمالىدا) تېپىلغان. بۇ مەڭگۈ تاشنىڭ بىر يۈزىگە يەتتە قۇر سوغدىچە خەت ئويۇلغان بولۇپ، ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇنچىلىققا ئۇچىرىغان بولغاچقا، بەزى مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش خېلىلا قىيىن. رۇس تۈركولوگى كىلياشتورنى بۇ يادىكارلىقنىڭ سوغدىچە قىسىمىدىكى «ئۇيغۇر قاغان»،ۋە قەدىمكى تۈركچە قىسىمىدىكى « ئىنگى ياغلاقار» دېگەنگە ئاساسلىنىپ، سېۋرېي مەڭگۈ تېشى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى بۆگۈ قاغان (759-780-يىلار) دەۋرىگە مەنسۇپ، ئۇ بۆگۈ قاغان تاڭ سۇلالىسىدىكى ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپلىڭىنى باستۇرۇپ بولۇپ چاڭئەندىن ئايرىلىپ موڭغۇلىيە ۋادىسىدىكى دۆلىتىگە قايتىپ كېتىۋېتىپ چېگرىسىغا كەلگەندە ئورناتقان تۆھپە خاتىرە تېشى، دەپ قارايدۇ. بىراق ئېلىمىز تۈركولوگى گېڭ شىمىن قاتارلىقلار بۇ مەڭگۈ تاشنى گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بىرىنچى قاغانى دانىشمەن قاغان ( 933-يىلىدىن ئىلگىرى تەختتە ئولتۇرغان) دەۋرىگە مەنسۇپ، دەپ قارايدۇ[7].
yol
دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا
UIDنومۇرى: 1050
جەۋھەر يازمىسى: 5
يوللىغان يازمىسى: 416
شۆھرىتى: 427 نومۇر
پۇلى: 4260 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 298(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-11-22
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-24
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-14 20:58
6. «سۇدىجىن مەڭگۈ تېشى»
 
      بۇ يادىكارلىق 1909-يىلى موڭغۇلىيىنىڭ سۇدىجىن (بەزى ماتىرىياللاردا سۇجى دېيىلگەن) دېگەن يېرىدىن تېپىلغان. مەڭگۈ تاشقا جەمئىي 11 قۇر قەدىمكى تۈركچە خەت ئويۇلغان، يادىكارلىق تېكىستىنىڭ قەھرىمانى بويلا قۇتلۇق تارقان ئىسىملىك قىرغىز قەبىلىسىنىڭ فېئودال ئاقسۆڭىكى بولۇپ، يادىكارلىق تېكىستىدە ئۇبنىڭ ئۇيغۇرلار زېمىنىدا تۇرۇۋاتقانلىقى، ئىنتايىن باي كىشى ئىكەنلىكى، ئون قوتان چارۋىسى، سانسىزلىغان يىلقىسى بارلىقى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكى ، ھەتتە ئۆزىنىڭ مانى روھانسىغا 100 چاكار ۋە تۇرالغۇ ئۆي بەرگەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللار خاتىرىلەنگەن. بۇ يادىكارلىقنىڭ تەۋەلىكى ۋە دەۋرى ھەققىدە تۈركولوگ گېڭ شىمىن ئەپەندى ئۇنىڭ 1-ۋە 4- قۇرىدىكى «مەن ئۇيغۇرلار يېرىدىكى ياغلاقار قاغان تۇرشلۇق جايغا كەلدىم»، «مېنىڭ شۆھرىتىم، نامىم كۈنچىقىشتىن تارتىپ كۈنپېتىشقىچە تارالدى» دېگەنلەرگە ئاساسلىنىپ، «بۇ ۋاقىتتا قىرغىزلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ كونا زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىپ بولغان، خەنزۇچە ماتېرىياللاردىن بىلىشىىمىزچە بۇ ۋەقە 840-يىلىدىن كېيىن بولغان، شۇڭا بۇ پىكىرنى رۇس ئارخېئولوگى ئا. ن. بېرنىشتاممۇ قوللايدۇ[8]. سۇدىجىن مەڭگۈ تېشىنىڭ ئىگىسى گەرچە قىرغىز دەپ قارالسىمۇ، بىراق قىرغىزلار كېيىنكى ئۇرخۇن خانلىقىنىڭ تەركىبىگە كىرگەن قەبىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، يادىكارلىقتىكى يايلاق جەمئىيىتىدىكى چارۋىچى فېئوداللارنىڭ ئائىلەر ئىگىلىكى ۋە مانى دىنىنىڭ ئائىلىلەرگىچە سىڭىپ كىرگەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى بىر قىسىم تارىخىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. كىشىنى تېخىمۇ جەلپ قىلارلىقى شۇكى، س. گ. كىلياشتورنى بويا قۇتلۇق يارقان بويلا قۇتلۇق تارخاندۇر. ئۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قاغانىنى ئۆلتۈرگەن قاتىل، دەپ قارايدۇ.
yol
دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا
UIDنومۇرى: 1050
جەۋھەر يازمىسى: 5
يوللىغان يازمىسى: 416
شۆھرىتى: 427 نومۇر
پۇلى: 4260 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 298(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-11-22
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-24
10-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-16 13:17
2. پاراگىراف ئۇيغۇرچە تارىخىي ماتېرىياللار


      قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى – ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر ئەرەپ يېزىقىنى قوللىنىشتىن ئىلگىرى ئەڭ كەڭ دائىرىدە قوللانغان ھەم نۆۋەتتە ساقلىنىپ قالغان مەدەنىيەت مىراسلىرى بىر قەدەر كۆپ بولغان ئېلىپبەلىك يېزىق بولۇپ، بۇ خىل يېزىق ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشايدىغان قەدىمكى سوغدىلارنىڭ سوغدى يېزىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ خىل يېزىق ئەڭ بالدۇر يەتتەسۇ رايونى ۋە بەشبالىق، تۇرپان رايونىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن. 1955- 1956- يىللىرى موڭغۇلىيىىنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى ئوۋسايىمگىن ئۆلكىسىنىڭ تۇرگانسۇم مەمۇرىي رايونىدا قاراشلىق خارائۇس دېگەن يېرىدىن تېپىلغان دۈرگۈت مەڭگۈ تېشىغا سەككىز قۇر قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى خەت ئۇيۇلغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىلا بۇ خىل يېزىقنى ئىجدا قىلىپ قوللانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ [10]. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى 19 دىن 20 گىچە بولغان بەلگە- ھەرپلەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، (بەزىدە دەۋرلەرنىڭ ئىلگىرى- كېيىنلىكى بىلەن ھەرپ سانلىرىدىمۇ پەرقلەر كۆرۈلىدۇ)، بەزى رايونلاردا تاكى 14 – 15- ئەسىرلەرگىچە ئىزچىل قوللىنىپ كېلىنگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تارىختا يالغۇز ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قوللىنىپلا قالماستىن، باشقا تۈركي خەلقلەر، موڭغۇللار ۋە مانجۇلار تەرىپىدىنمۇ قوللىنىلغان. ئۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى، ئالتۇن ئوردا خانلىقى، تۆمۈرىيلەر ئىمپېرىيىسى ۋە چاغاتاي دەۋرىدىكى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۇنايۋى ئەسىرى (قۇتادغۇ بىلىك) نىڭ ۋىنا نۇسخىسىمۇ دەل مۇشۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن. نۆۋەتتە بىزگە مەلۇم بولغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى دىنىي مەزمۇندىكى ۋە ئەدەبىيات- سەنئەت تىپىدىكى ئەسەرلەر بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى زامان تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە بىر قىسىم يازما ھۆججەتلەر ۋە تاش پۈتۈكلەرمۇ بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخخنى تەتقىق قىلىشتا بىر قەدەر مۇھىمراقلىرى تۆۋەندىكىلەر:
yol
دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا
UIDنومۇرى: 1050
جەۋھەر يازمىسى: 5
يوللىغان يازمىسى: 416
شۆھرىتى: 427 نومۇر
پۇلى: 4260 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 298(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-11-22
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-24
11-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-16 13:28
1. «ئوغۇزنامە»

      «ئوغۇزنامە» قەدىمكى ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان نەسىرىي شەكىلدىكى ئېپۇس، ئۇنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچە قوليازما نۇسخىسىدىن بىرسىلا بولۇپ، ھازىر فىرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى «پۇقرالار كۈتۈپخانىسى» دا ساقلانماقتا. بۇ قوليازما قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىرماش شەكلى بىلەن يېزىلغان، باش- ئاخىرى كەم، ھەجىمى 21 ۋاراق 42 بەت، ھەر بىر بېتى توققۇز قۇر خەتتىن تەشكىل تاپقان. 1- بەتنىڭ 2- قۇرىدىكى، 5- بەتنىڭ 9- قۇرۇدىكى، 6- بەتنىڭ 4- قۇرۇدىكى «ئۇشبۇ تۈرۇر» دېگەن سۆزنىڭ كەينىگە ئايرىم- ئايرىم ھالدا بۇقا، قۇرغۇي ۋە قىئاتنىڭ رەسىمى سىزىلغان. «ئوغۇزنامە» نى مەزمۇن جەھەتتىن ئىككى قىسىمغا بۆلۈشكە بولىدۇ. داستاننىڭ بىرىنچى قىسىمىدا قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقالغان دۇنيانىڭ يارىلىشى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ھەققىدىكى ئەپسانىلەر ۋە بەزى قەدىمكى ئۆرپ-ئادەتلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى مەزمۇنلار ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى خەنزۇچە تارىخنامىلىرىدىن بولغان «جۇنامە. تۈركلەر تەزكىرىسى»، «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى. تۈركلەر تەزكىرىسى»، «ۋېينامە.قانقىللار تەزكىرىسى» ۋە «قۇچۇ ئىدىقۇتلىرىنىڭ تۆھپە مەڭگۈ تېشى» دا خاتىرلەنگەن تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ، ئۆرپ-ئادىتى ۋە توتېىم ئېتىقادىغا دائىر خاتىرىلەر بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئالىملار «ئوغۇزنامە» گەرچە كېيىنرەك كىتاب بولۇپ تارقالغان (يەنى يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە) بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن مىللەتنىڭ مەنبەسى ۋە توتېىم ئېتىقادى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر «ۋېينامە. قانقىللار تەزكىرىسى» دە خاتىرلەنگەنلىرى بىلەن ئوخشاش. بۇ «ئوغۇزنامە» ئېپوسنىڭ بىر قىسىم مەزمۇنلىرىنىڭ قانقىللار دەۋرىدىلا ئېغىز ئەدەبىياتى شەكلى بىلەن خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقىلىپ بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ [11]، دەپ قارايدۇ. داستاننىڭ ئىككىنچى قىسىمىدا ئاساسلىق ھالدا ئوغۇزخاننىڭ ئۇرۇش پائالىيەتلىرى بايان قىلىنغان. شۈبھىسىزكى، بۇ ۋەقەلىكلەردە مەلۇم دەرىجىدە تارىخىي ۋەقەلىكلەر ئەكس ئېتىلگەن. بۇ قىسىمدا كىشىنى جەلپ قىلىدىغىنى تۈرك – ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ نامىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى بولۇپ، تىلغا ئېلىنغان دۆلەت ۋە قەبىلىلەر نامى مەلۇم دەرىجىدە ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئەتىراپىدىكى باشقا مىللەتلەرگە بولغان چۈشەنچىسى ۋە ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ [12]. «ئوغۇزنامە» ئېپوسى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى دىنىي مەزمۇندا بولمىغان يازما يادىكارلىقلارنىڭ تارىخى، ئەدەبىياتى ۋە باشقا مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىشتتىكى مۇھىم تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ.

دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا
UIDنومۇرى: 1050
جەۋھەر يازمىسى: 5
يوللىغان يازمىسى: 416
شۆھرىتى: 427 نومۇر
پۇلى: 4260 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 298(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-11-22
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-24
12-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-16 14:32
2. «بۆگۈ قاغاننىڭ مانى دىنىغا كىرىشى»


     نۆۋەتتە گېرمانىيىدە TM276 a ۋە TM276 b دېگەن نومۇر بىلەن ساقلىنىۋاتقان بۇ يادىكارلىق [13] قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلىشىغا دائىر قىممەتلىك تارىخىي ھۆججەتتۇر. ئۇ جەمئىي ئىككى ۋاراق، 96 قۇر خەت بولۇپ، ھەر بىر ۋارىقىنىڭ ئالدى- كەينىگە 24 قۇردىن خەت يېزىلغان. بۇ يادىكارلىقتا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى بۆگۈ قاغاننىڭ تاڭ سۇلالىسىدىن كەلگەن تۆت نەپەر مانى مۇخلىسى بىلەن ئىككى كېچە- كۈندۈز مۇنازىرلىشىش ئارقىلىق مانى دىنىغا كىرگەنلىكى، مانى دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن يۇقىرى تەبىقىدىكىلەردىن ئاۋام خەلققىچە ھەممەيلەننىڭ ھېسابسىز خوشاللىققا چۆمگەنلىكى، مانى دىنى ئېتىقادى ھەققىدە مەخسۇس قائىدە- تۈزۈملەر چىقىرىلىپ، مەخسۇس مانى دىنى تەرغىباتچىلىرى بەلگىلىگەنلىكى، شۇنداقلا مانى دىنىنى قۇبۇل قىلىشتىن بۇرۇن خانلىقنىڭ قانۇن- تۈزۈملىرىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكى، مانى مۇخلىسلىرىنىڭ دەسلەپتە زور بېسىمغا، قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن مانى دىنىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىشتا «تاڭنامە» ۋە «توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» دىكى مەنبەلەرنى تولۇقلاشتىكى ئىنتايىن قىمممەتلىك تارىخىي ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، «8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مانى دىنىنى قۇبۇل قىلىشى بىر چوڭ ئىش بولۇپ، ئۇ شەك- شۈبھىسىز ئىلغار ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇيغۇرلارنىڭ مانى دىنى بىلەن بىللە يەنە بىر قەدەر يۇقىرى مەدەنىيەت يېزىقىنىمۇ قۇبۇل قىلغان» [14].

دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 401
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-06-23
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
13-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-16 14:40
نۇرغۇن تارىخى بىلىملەرگە ئىگە قىلغانلىغىڭىڭلار ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەسەر ئاپتۇرى قۇتلۇق ئەپەندىگە ، ئاندىن مۇشۇنداق سورۇن بىلەن تەمىن ئەتكەن مۇنبەر باشقۇرچىلىرىغا ، (مىنى ئارقىغا تىزىپ قۇيۇپتۇ دەپ خاپا بووپ قالماڭ يەنە،،،) ئاندىن قالسا ھارماي - تالماي خەت ئۇرۇپ ھەممىنى ھەيران قالدۇرۇپ ،مۇنبەرنى گۈل- غۇنچىغا پۈركىۋېتىدىغان ئەشۇ سۈيۈملۈك بىر جۈپ قولنىڭ ئىگىسى بولغان سىزگە مىڭ مەرتىۋە رەھمەت!
دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا
UIDنومۇرى: 1050
جەۋھەر يازمىسى: 5
يوللىغان يازمىسى: 416
شۆھرىتى: 427 نومۇر
پۇلى: 4260 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 298(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-11-22
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-24
14-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-16 15:24
BIRLIK ئەپەندىم، سىزگە رەخمەت، توغرا دەيسىز، بىزنى ياخشى بىلىملەر بىلەن تەمىنلىگەن ئاپتورلار ھەم بىزنى مۇشۇ سورۇن بىلەن تەمىن ئەتكەن مۇنبەر باشقۇرغۇچلىرىنىڭ ياردىمىدە مۇنبەردە كۆزگە كۆرۈندۇق.
مەن مۇشۇ مۇنبەرنى قۇرغان ياۋۇز ئەپەندىمگە ۋە باشقۇرغۇچلارغا ھەم ماڭا مەدەت ۋە ئىلھام بەرگەن بارلىق مۇنبەرداش دوستلارغا رەھمەي ئېيتىمەن.
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !