باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى:
بۇ يازمىغا admins تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-04-08)
غۇلجا خاتىرىلىرى
( 1856 – يىلىدىكى غۇلجىغا قىلغان سەپىرىمدىن خاتىرە )
چوقان ۋەلىخانوف ( روسىيە )
1856 – يىلى 1 – ئاۋغۇست
جوڭگونىڭ بوروخوجىر چېگرا قاراۋۇلخانىسى –
مەلۇم ئىش تۈپەيلىدىن جوڭگو تەرەپكە ئۆتۈشكە توغرا كەلدى . قاپال شەھىرىدىن يولغا چىقىپ تاتارىنوفنىڭ ئۆيىدە ھەمراھلىرىمنى كۈتۈۋاتقىنىمغا بۈگۈن ئالتە كۈن بولدى . پۈتۈن ئالاتاۋا ۋادىسىدىكى داۋانلار ئىچىدە سانتاس داۋىنىدىن قالسىلا بىز ئۆتىدىغان مۇشۇ ئۇيگېنتاس ( تاش دۆۋىسى دېگەنلىك ) داۋىنى ئۆتۈش بىر ئاز قولايراق داۋان ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ نامى سان – ساناقسىز قازاق قەبرىلىرىگە ئوخشاپ قالىدىغان بىر كىچىك قورغاننىڭ نامىدىن كېلىپ چىققان . بۇ يەرلەردە ئۇنداق قورغانلارنىڭ سانى مىڭدىن ئاشسىمۇ ، ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيگېنتاس ئەڭ داڭلىق بولغاچقا ، پۈتۈن بىر ۋادا بىلەن قوشۇلۇپ ، بۇ داۋاننىڭ نامى ئاشۇ قورغاننىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ قالغان . رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە ، بۇ قورغاننى جوڭغار خانلىقىنىڭ قۇنتەيجىلىرىدىن بىرى بولغان سىرە باتۇر بىنا قىلدۇرغانمىش .
1852 – يىلى پولكوۋنىك كوۋالېۋىسكىي باشچىلىقىدىكى زەمبىرەكلەر بىلەن قوراللانغان بىر توپ كازاك ئەسكىرى مۇشۇ ئۇيگېنتاس داۋىنىدىن ئۆتكەن . بىز قوسمۇرىن قەلئەسىدىن ئۆتۈپ بىر ئېدىرلىققا چىقىپ قالدۇق . بۇ ئالاتاۋ تاغلىرىنىڭ ئاخىرىقى ئېدىرلىقلىرى بولۇپ ، ئەمدى ماڭساق ئىلى تەۋەسىگە ئۆتۈپ كېتەتتۇق . ئېدىرلىق تۈگىشى بىلەنلا كەڭ تۈزلەڭلىككە چىقىپ قالدۇق . ئالدى تەرىپىمىزدە بىر تۈپ دەرەخ دەرەخ ئەتراپىدا ئوتلاپ يۈرگەن ئاتلارنى كۆردۇق . بىز كۆرگەن ئاشۇ دەرەخنىڭ تۈۋىگە جوڭگو تەرەپنىڭ قاراۋۇلخانىسى ئورۇنلاشقاندى . بىز قاراۋۇلخانىغا يېقىنلىشىشىمىزغا ئەتراپتىكى بىر تۆپىلىككە چىقىپ قاراۋۇللۇق قىلىۋاتقان بىر ئەسكەر « ئادەم كەلدى » دەپ ئۈنلۈك توۋلىدى . قاراۋۇلخانا تاملىرىدىن بىرنەچچە ئادەمنىڭ تاقىر باشلىرى غىل – پال كۆرۈنۈپ يەنە يوقاپ كەتتى . بۇنداق ياۋايىلىق ئەسلىدە ۋارۋارلارغا ئادەت بولۇپ مەدەنىيەتلىك دەپ سانىلىدىغان جوڭگولۇقلار ئۇنداق قىلىقلارنى قىلماسلىقى كېرەك ئىدى . بىز جوڭگولۇقلارغا بىھۆرمەتلىك قىلمايلى دەپ ئالدى بىلەن ئالاقىچى ئەۋەتتۇق ۋە قاراۋۇلخانا ئۇدۇلىدىن ئورۇن تاللاپ قونالغۇ راسلىدۇق . بىز ئىشلىرىمىزنى تۈگىتىپ كىگىز ئۆيلىرىمىزگە كىرىشىمىزگىلا قاراۋۇلخانا تەرەپتىن مانجۇلار چىقىپ كەلدى . ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىرسى ئېتىنىڭ تىزگىنىنى ئالدىغا تاشلاپ قويۇپ ، ئاتنى يەڭگىل ماڭدۇرۇپ گىدىيىپ كېلىۋاتاتتى . بىز ئۇنى مەرتىۋىلىك لويى ( باشلىق ) بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشتۇق . ئۇ بىزنىڭ چېدىرغا ئېڭىشىپ كىرىپ خۇددى كۆندۈرۈلگەن قارا قۇشقاچتەك ئاۋازىنى ئىنچىكە چىقىرىپ سۆزلەپ سالام – سائەتنى باشلىدى . ئۇ ئالدى بىلەن بىزگە « چى فەنلىما ؟ ( تاماق يىدىڭلارمۇ ) » دېدى ، ئاندىن ئۆزىنىڭ جاڭجۈن ۋە مەسلىھەتچى ئامبالغا ۋاكالىتەن بىزدىن قىسقىچە ئەھۋال سورىدى .....
ھېلىقى ئەمەلدار بىردەم ھاردۇقىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن ، ئۆزىنىڭ مانجۇ ئىكەنلىكىنى ھەم ئىلى جاڭجۈنى تەرىپىدىن بىزنى كۈتىۋېلىپ ، غۇلجىغا بىللە ئېلىپ بېرىشقا مەسئۇل بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى ئۇ تاتارچىنى ئاز – تولا بىلىدىكەن ، شۇڭا ئۇ بىز بىلەن ئالاقە قىلغاندا خەنزۇ تىلىغا تۈركىي تىل ئارىلاشقان بىر خىل قىزىقارلىق تىلدا سۆزلىدى .
2 – ئاۋغۇست
بوروخوجىر قاراۋۇلخانىسىدىن ئۆتتۇق . بوروخوجىر قاراۋۇلخانىسىدىن تاكى ئۆسەك دەرياسىغىچە بولغان ئارىلىقتا خاس قاقاس دالىدا مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ . بۇ تۈزلەڭلىكنىڭ بىر ئۇچى غۇلجىغا تۇتىشىدۇ . بۇ دالىدا پاكار شىۋاق ، قارا شىۋاق ، ئوغرى تىكەن دېگەندەك چۆل ئۆسۈملۈكلىرىدىن باشقا ھېچ نەرسە ئۇچرىمايدۇ .... بىز تازا چارچاپ ، كالپۇكلىرىمىز گەز باغلاپ كەتكەندە ئۆسەك دەرياسى بويىغا يېتىپ كەلدۇق . چۈشلۈك تامىقىمىز پىشىپ بولغىچە سۇغا چۈشۈپ راھەتلىنىۋالاي ، دەپ دەريا سۈيىگە چۈشتۈم . نەدىكى راھەت ، قانلىرىم قىزىپ بولالمىدىم ، ئاخىرى ئاپتاپتا ئىسسىپ قالغان قېمىزنى ئىچىپ باقتىم ، سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ باقتىم ، ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇسسۇزلۇقۇمنى باسالمىدىم .. ئۆسەك دەرياسىدىن ئۆتۈشىمىزگىلا ئەتراپىمىزدىكى تەبىئەت ئۆزگىرىۋاتقاندەك بىلىندى . بىز كەڭ كەتكەن بىر توقايلىققا قەدەم تاشلىدۇق . ئوڭ تەرىپىمىزدە ئىلى دەرياسى ، ئۇدۇلىمىزدا كەڭ كەتكەن بىر مۇنبەت تۇپراق بىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا ئىدى .... بۇ جايدىكى ئېرىق ئۆستڭلەرنىڭ بويلىرىدا ھەر خىل ئۆسۈملۈك ، زىرائەتلەر قويۇق ئۆسكەندى . ئەسلىدە ئاچچىق شىۋاق بىلەن ئوغرى تىكەندىن باشقا نەرسە ئۇنمەيدىغان تۇپرىقى ناچار ، شور ئۆرلەپ تۇرىدىغان بۇنداق تاشلاندۇق زېمىننى ئېرىنمەي ئۆزگەرتىپ ، ھاياتلىق ئۈچۈن جاپالىق ئىشلەپ ، خىلمۇ – خىل زىرائەتلەرنى تېرىپ جان بېقىۋاتقان جوڭگو دېھقانلىرىنىڭ غەيرىتىگە قاراپ ھەيران بولماي تۇرالمايسەن . بۇنداق ئەللەردە تەر تۆكۈپ بىرەر نېسىۋىگە ئېرىشىمەن دېگەن ئادەم ئالدى بىلەن دۇنياغا جوڭگولۇق بولۇپ يارىلىشى كېرەكتەك قىلىدۇ . ئۇلار جاپا چەككەندەك قىلغىنى بىلەن ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرگە ئېرىشكەن . ئېرىشكەندىمۇ ناھايىتى ئېرىشكەندەك قىلىدۇ . چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرى خالىغان يەرلەرنى تاللىيالايدۇ ھەم ئۇ يەرلەرگە خالىغان چاغدا سۇ باشلىيالايدۇ . ئەسلىدە بۇ كۆچمەنلەر ئىچكى جوڭگودا تەستە ئىگە بولىدىغان يامغۇر سۈيىگىلا تايىنىپ يەر تېرىپ تېرىقچىلىق قىلىدىغان ئاھالىلەر ئىدى . دەل مۇشۇ ئەھۋاللارغا قاراپ بىزنىڭ يەرلىرىمىزنى ئۈنۈمسىز دەپ بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايۋاتقان ئاستىراخان ، ئورىنبۇرىگ گوبىرناتورلۇقىنىڭ باشقۇرىشىدىكى دېھقانلىرىمىز بۇ يەرنىڭ دېھقانلىرىدىن ئۆگەنسە بولغۇدەك ، دېگۈمىز كېلىدۇ ........
3 – ئاۋغۇست
بىز يول بويى كىچىك – كىچىك توقايلىقلار ، چۆنەك تارتىلغان ئېتىزلىقلاردىن كېسىپ ئۆتتۇق . ئاغدۇرۇلۇپ قويۇلغان يەرلەر ، ئالدىراش دېھقانلار ئۇچراپ تۇراتتى . بىز شىبە زەڭگى ( ھەربىي ئەمەل نامى ) تۇرۇشلۇق ياركەنت ، تىشقان شەھەرلىرىنى ئوڭ تەرىپىمىزدە قالدۇرۇپ ، ئاقكەنتكەن قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق .... 15 چاقىرىمچە ماڭغاندىن كېيىن ئالدىمىزدا بىر بوستانلىق كۆرۈنۈشكە باشلىدى . بۇ ئەسلىدە ئەتراپى سېپىللار بىلەن قورشالغان بىر كىچىك شەھەر بولۇپ ، يىراقتىن قارىغاندا بۇ شەھەر بەكمۇ چىرايلىق كۆرۈنەتتى . بىز سېپىل سىرتىدىكى خەندەك ئۈستىگە ئورنىتىلغان كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ ، شەھەرگە كىردۇق . شەھەر ئىچى جىمجىت بولۇپ ، ئىگىسىز قالغان شەھەردەك بىلىنەتتى . ھەر بىر ئائىلىنىڭ ھويلىسىدا دەرەخلەر بولۇپ ، قويۇق سايە تاشلاپ تۇراتتى . بىز شەھەرنىڭ بىر دوقمۇشىدا ئىككى بالىنى ئەگەشتۈرۈپ كېتىپ بارغان بىر ئايالنى كۆرگەندىلا ئاندىن بۇ شەھەردىمۇ ئادەمنىڭ بارلىقىغا ئىشەندۇق . مانجۇ ئىمپىرىيەسىنىڭ ئۆزگىچە تۇرمۇش ھالىتى بىز ئۇچراتقان بۇ تۇنجى شەھەردىلا نامايەن بولۇشقا باشلىدى ....... بىز شەھەردىن چىقىپ ئۈچ چاقىرىمچە ماڭغاندىن كېيىن توختاپ كەچلىك قونالغۇ راسلىدۇق . كېچىچە پاشا چېقىپ تۈزۈك ئۇخلىيالمىدۇق .
4 – ئاۋغۇست
تاڭ سەھەردە قاتتىق ئۇرۇلغان دۇمباق ئاۋازى بىلەن ئويغىنىپ كەتتۇق . ئىلى دەرياسى بويىغا يېتىپ بارغىچە يەنە نۇرغۇن ئىگىز – پەس تۆپىلىكلەردىن ئۆتۈشىمىزگە توغرا كېلەتتى ، شۇڭا ئەتىگەندىكى سالقىندا يولنى ئۋۇتىۋېلىشىمىز كېرەك ئىدى ...
قورغاس دەرياسىدىن ئۆتۈشىمىزگىلا ئاسماننى تۇمان باسقاندەك بولدى . بىر قارىساق بىر توپ پاشا بىزنى قورشىۋالغاندى . مۇشۇنداق ئىسسىقتا ئۆلگىدەك ھالغا كېلىپ قالغىنىمىزدا پاشا ئۇچرىغىچە بىرەر سالقىن جاي ئۇچرىسىچۇ كاشكى ! راست گەپنى قىلساق بىز قورغاس ئەتراپىدا ئاشۇ قان شورىغۇچ ھاشارەتنىڭ قولىدا جان بەرگىلى تاس قالدۇق . ئەسلىدە بۇ پاشىلار سازلىقتىكى قۇملۇقلار ۋە ئەتراپتىكى زىرائەتلەر ئارىسىدىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ چىققانكەن . مانجۇ ئېلىگە ئىچكىرىلەپ كىرگەنسېرى ئادەم ئولتۇراقلاشقان يۇرت – كەنتلەرمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى . بۇ كەنتلەرنى قېلىن دەرەخلەر ئوراپ تۇرغاچقا بىز شەھەر كۆرمەي دەرەخ كۆردۇق دېسەكمۇ بولىدۇ . ئەگەر بۇ يۇرتلاردا دەرەخزارلىق بولماي پەقەت سوقما تاملىق ئۆيلەرلا بولغان بولسا بىزدەك ھاردۇق يەتكەن يولۇچىلارغا خۇددى سەھرايى كەبىرنى بېسىپ ئۆتكەندەك ئېغىر تۇيۇلاتتى . بىز ئەنە شۇنداق گۈزەل يۇرتلارنىڭ بىرى بولغان قورغاس شەھىرىدىن ئۆتتۈق . ئوڭ تەرىپىمىزدىن ئىككى چاقىرىمچە نېرىدا چىلپەنزە كەنتى كۆرۈنۈپ تۇراتتى . ئوڭ تەرەپتە كۆرۈنگەن تاغنىڭ باغرىدا يەنە ئاشۇنداق بوستانلىق يۇرتلار بولۇپ ، ئۇلار سولۇن كەنتلىرى ۋە شىبەلەرنىڭ يۇقۇرى ، ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن كۆپچان دېگەن ناملار بىلەن ئاتىلىدىغان كەنتلىرى ئىدى . قورغاس مۇشۇ ئىقلىمدىكى يۇرتلارنىڭ كاتتىسى . ئىلى جاڭجۈنى يېنىدىكى بېرىگادىغا بىۋاستە قارايدىغان شىبە ئامبال ( جۇجۇرتاي ) مۇشۇ شەھەردە تۇرىدۇ . قورغاس شەھىرى بىر – بىرىدىن ئۈچ چاقىرىمچە ئارىلىقتا ئايرىلىپ تۇرىدىغان ئۈچ پارچە بوستانلىقتىن تەركىپ تاپقان . چىلپەڭزە باغ – ۋارانلىرى كۆپ بىر بوستانلىق شەھەر ........
بىز يولدىن ئۆتۈپ بارغانلار ئارىسىدىن بىر لويىنىڭ تەختى راۋانلىق مەپىسىگە خېلى ئوبدان سەپ سالدۇق . بۇ بىزنىڭ بۇنداق مەپىنى 2 – قېتىم كۆرۈشىمىز ئىدى ...... مەپىگە ئورنىتىلغان تەختىراۋان ناھايىتى ياسىداق بولۇپ ، ئۈستىگە يېپىلغان ئېسىل رەختلەر ئالدىغا ئېشىپ ، مەپە شوتىسىنىڭ ئۈستىگە سايە تاشلايتتى . مەپىنىڭ چاقلىرىمۇ كۆك رەڭدە سىرلانغاندى . مەپىنى ئىككى قېچىر سۆرەيتتى . مەپىنىڭ ئالدىدا بىر چاپارمەن ، ئەتراپىدا ۋە كەينىدە مۇلازىملار ھۆرمەت بىلەن مېڭىشاتتى . بىز بۇرۇن بۇنداق ئىشلارنى كۆرۈپ بىر ئاز تەئەججۈپلەنگەن بولساق ، ئەمدى تېخىمۇ يېڭى ئشلارنى كۆرۈپ ھەيرانلىقىمىز تېخىمۇ ئاشىدىغان ، بارماقلىرىمىزنى چىشلەپ ، بارلىق ئىشلارنى بىر ئاللاھقا تاپشۇرىدىغان بولدۇق . بىز بۈگۈنكى قونالغۇمىزدا پاشىنىڭ دەردىنى تارتمىدۇق . ئەتىسى ئورنىمىزدىن تۇرساق ، بەدەنلىرىمىز ئېغىرلىشىپ ، يۈز – كۆزلىرىمىز ساڭگىلاپ قالغاندەك ھېس قىلدۇق . مەن تاڭ ئاتقىچە مىلتىقىمنى كۆتۈرۈپ ئەتراپنى كېزىپ چىقتىم ، بىراق ئىزدىگىنىمنىڭ پايدىسى بولمىدى . كېچىچە سايراپ ئۇيقۇمنى ھارام قىلغان بۆدۈنە دېگەن بۇ بىر نېمىلەر قېشىمدىلا تۇرسا بىكاردىنلا ئىزدەپ ئاۋارە بوپتىمەن .
5 – ئاۋغۇست
بىز قومۇش باسقان ، يىلانلار ئۇزۈپ يۇرىدىغان بىر دەريادىن ئۆتۈپ ، شەرقىي شىمالغا بۇرۇلۇپ ئوردا خوزا دەپ ئاتىلىدىغان بىر كەنتكە كېىلىپ توختىدۇق ۋە بىزدىن نېرىراقتا بىر دەرەخنىڭ تۇۋىدە مۇسۇلمان ( ئۇيغۇر ) دېھقانلار قاتتىق – قۇرۇق نانلىرىنى غاجىشىپ ئولتۇاتتى . تومۇزنىڭ ئاپتاپلىرىدا كۆيگەنمۇ ياكى ئەسلى رەڭگى شۇنداقمۇ ئالتىشەھەر تۈركلىرى ( ئۇيغۇرلار ) نىڭ چىرايى قارامتۇل بولۇپ ، ئافغان ئىرقىدىكىلەرگە ئوخشايتتى . ئۇلار باشقا ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارغا قارىغاندا ۋىجىكرەك كېلىدۇ ، بۇرۇنلىرى تۈركلەرنىڭ ئىسپاھان قىلىچلىرىدەك ئىلمەك ، كۆزلىرى چوڭقۇرراق ، كالپۇكلىرى نېپىزرەك كېلىدۇ . خەنزۇلارنىڭ تەسىرى بۇ خەلقنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىگە قانداق يۇققان بولسا ، چىرايىغىمۇ شۇنداق يۇققاندەك كۆرۈنەتتى . شەرق ئىسلام ئالىمىدە جاھانكەزدى ، تەقۋادار ، « ھەق دىننىڭ ئۆچمەس چىرىقى » دېگەندەك ھەيۋەتلىك نامى بار ئەممە ، ۋاقتى كەلگەندە دىننىڭ ئەڭ كىچىك ئەمەللىرى توغرىسىدا نۇرغۇن يىل دەتالاش قىلىپ ئاغزى بېسىقمايدىغان ئۆلىمالارنى ئۆز مەدرىسلىرىدە تەربىيەلەپ چىققان مەنسۈروۋتەك ( خوجا مۇھەممەد شېرىف – 19 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا پەيدا بولغان يالغان ئەۋلىيا ) نائەھلىلەر ۋە بىر تالاي قازى ، موللا دېگەندەكلەرنى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىياغا تېرىۋەتكەن ، نەپسانىيەتچى سوپى – ئىشانلارنىڭ پاسق ھەرەمخانىسى ، پۈتكۈل گۇناھلارنى مەيدانىغا ئايلىنىپ قالغان بۇخارادەك بىر يەرنى ئۆزلىرىگە مەركەز قىلىۋالغان . غەربىي تۇركىستانلىقلارغا قارىغاندا ، ئالتە شەھەرلىكلەر قانداقتۇر بىر تەقۋادارمۇ ئەمەس ئىدى ھەم دىنىي ئەمەللەرگە ئانچە قىزىقىپ كەتمەيتتى .
قەشقەرلىقلەرنىڭ ياخشى ئادەتلىرىنىڭ بىر ئاياللارغا تولۇق ئەركىنلىك بېرىلگەنلىكتۇر . ئاياللار ھەرقانداق يىغىلىشلارغا بىمالال قاتنىشالايدۇ ، ھەتتا ئاياللارسىز يىغىلىش بولمايدۇ دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ . بۇ يەردىكى تارانچىلار (ئىلى ئۇيغۇرلىرى ) مۇ خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ ، ئۇلار تاماق يىگەندە چوكا ئىشلىتىدۇ ، بىر پۆپۈكلۈك مانجۇچە مالخاي كىيىدۇ ، خالاس . ئوردا خوزا بۇ يۇرتتىكى مۇھىم بىر بازار . بۇ يەردە چىڭ ئىمپىرىيەسىنىڭ تۇرمۇش ھالىتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرى گەۋدىلەنگەن دېيىشكە بولاتتى . بۇ بازاردا ئاشپۇزۇللارمۇ ئاز ئەمەس ، ھەر خىل ، ھەر ياڭزا كىيىنگەن چەنپەنلەر ( ئىچكىرىدىن يۆتكەپ چىقىلغان سۈرگۈنلەر ) قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ . يوللاردا ھارۋىلارنىڭ مېڭىشىدىن پەيدا بولغان توپا – چاڭلار بېسىقمايدۇ . چېكەرمەنلەر ۋە بازارچىلار ئاشپۇزۇللارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇپ چاي ئىچىشىدۇ ياكى غولپىياز ، مۇچ دېگەندەكلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ھوزۇرلىنىپ ئولتۇرۇپ بىر نىمىلەرنى يىيىشەتتى .
6 – ئاۋغۇست
بىز كەچ سائەت 7 دە غۇلجىغا يېتىپ كەلدۇق . غۇلجىدەك بۇنداق زىمىنغا ئادەم يۆتكەپ كېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ، بىزنىڭ روسلىرىمىزنىڭ خىيالىغا ھەرگىز كىرىپ چىقمايتتى . ئەمما مانجۇلار جاپا – مۇشەققەتتىن قورقماي ، بۇنداق مۈشكۈل ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندى . بۇ يەرگە نۇرغۇن ئاھالە كۆچۈرۈپ كېلىنگەن بولۇپ ، بۇلار ئىلى تەۋەسىدە سەككىز شەھەر ۋە بىر قانچە ئون كەنت بىنا قىلغاندى .
غەربىي يۇرتتىكى چېگرا قوغدىغۇچى قىسىملارنىڭ ھەممىسىدە شىبە ۋە سولۇن ئەسكەرلەر بار . سولۇنلار مانجۇ خانلىقى جوڭغارىيەنى بېقىندۇرغان ئاشۇ يىللاردا شەرقىي شىمالدىكى ئۆلكىلەردىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن . شىبەلەر بولسا كېيىنرەك يەنى قەشقەر تەرەپلەردىكى قوزغىلاڭلاردىن كېيىن ياردەمچى كۈچ سۈپىتىدە ئېلىپ كېلىنگەن . شىبە ۋە سولۇن قىسىملىرى غۇلجىنىڭ شىمالىدىن تارتىپ ئىلى دەرياسىنى بويلىتىپ تاكى چېگرا پونكىتلىرىغىچە جايلاغتۇرۇلغان . ئۇلارنى ئىلىدىكى بىر بىرىگادا گېنېرالى باشقۇرىدۇ . خۇجۇرتاي دېگىنىمىز شىبەلەردىن قويۇلىدىغان پولك كوماندىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلنىڭ نامى . شىبەلەر بىلەن سولۇنلار سەككىز پولكقا بۆلۈنىدۇ . ھەر بىر پولكنى كۆك قۇببە مۇنچاقلىق قالپاق كىيىدىغان زەڭگىلەر باشقۇرىدۇ . سولۇنلار غۇلجىغا يېقىن جايدا تۇرىدۇ ، شىبەلەر بولسا تاغ باغرىلىرىغا ماكانلاشقان . بۇ خەلق مانجۇ ئىمپىرىيىسىنىڭ ئەتىۋارلىق جەڭچىلىرى بولۇپ ، ئۇلارنىڭ مۇقىم ھەربىي ۋەزىپىسى بار ....... ئۇلارنىڭ قازاق ۋە موڭغۇللار بىەلن ئالاقىسى قويۇق بولغاچقا ، روھى ھالىتى كۆتۈرەڭگۈ ۋە جۇشقۇن .......
بىزنى غۇلجىغا كونسۇل ئۆزى باشلاپ كەلدى . بىز سايرام كۆلى ئەتراپىدىكى تاغلاردا موڭغۇللارنىڭ قالماق ، چاخار ۋە تۇرغاۋۇت قەبىلىلىرىنىڭ ياشايدىغانلىقىنى بىلدۇق .... بىز بۇ بىر كۈندە 50 چاقىرىمچە يول ماڭغاندىن كېيىن يېرىم كېچىدە غۇلجىدىكى سودا بازىرىغا يېتىپ كەلدۇق . چېگرا سودىسى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن 1852 – يىلى رۇسلار غۇلجا بىلەن چۆچەكتە سودا بازارلىرىنى قۇرغاندى . شۇ چاغدا مانجۇلار بازار قىلىدىغان يەرنى ساربۇلاقنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى تاشلاندۇق يەردىن كۆرسىتىپ بەرگەندى .
7 – ئاۋغۇست
بىز ئىلگىرى جاڭجۈننىڭ دۇ لويى ئىسىملىك ھەربىي ئەمەلدارى ئارقىلىق ئەۋەتكەن سوۋغا – سالاملىرىنى قوبۇل قىلغاندۇق . بۇ قېتىم بىزنىڭمۇ ئۇلارغا جاۋابەن سوۋغا – سالام بېرىشىمىزگە توغرا كەلدى . بۇ ئىشقا مەسئۇل بولغان مانجۇ ئەمەلدار سوۋغا – سالاملىرىمىزنى قوبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلالماي توختاپ قالدى ۋە جاڭجۈندىن قايتا ئىجازەت ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن ، ئاندىن بىزگە جاڭجۈن بىلەن مەسلىھەتچى ئامبالنىڭ سوۋغا – سالاملارنى قوبۇل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ، رۇسلار بىلەن مانجۇ خانلىقىنىڭ دوست ئەللەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشتى . دۇ لويى بۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپ ئىككى قولىنى پىشانىسىگە ئاپىرىپ جۇپلەپ بىزگە تازىم بىجا كەلتۈردى . شۇنداق قىلىپ ئۇ كۆڭلىدىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەندەك قىلدى .
8 – ئاۋغۇست
بىز تۆت تامنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپ قىلىدىغان بىرەر ئىشىمىز بولمىغاچقا تازا زېرىقتۇق . بۈگۈن چۈشلۈك تاماقتا كونسۇل بىزنىڭ بېيجىڭدا ئوقۇپ بىلىم ئالغان كىشىلىرىمىز توغرىسىدا گەپ ئېچىپ قالدى . بېيجىڭدىكى رۇس ئەلچىلىرى بىلەن 18 يىل بىللە بولغان كامىنىسكىي دېگەن كىشى چېچىنى چۈشۈرۈپ راھىپ بولغانكەن . كامىنىسكىي بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققان كۈندىن باشلاپ كۈندىلىك خاتىرە يېزىپ ماڭىدىكەن ، ئۇ يازغان خاتىرىلىرىنى كىچىك بىر قاپقا سېلىپ ساقلايدىكەن .... ئۇ يەنە بوش ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ خەنزۇلارنىڭ يىن – ياڭ ( مۇسبەت ۋە مەنفى ) دەپ ئاتىلىدىغان دۇنياغا تۇنجى بولۇپ يارالغان ئەر – ئايال ھەققىدىكى تۇنجى دىنىي دىرامىسى ھەققىدە ئىزدەنگەنكەن . ئۇ دىرامىدىكى « يىن ناخشا ئېيتسا ، ياڭ ئۇسسۇلغا چۈشەر ، يىن – ياڭلار خوشال بولۇپ چەكسىز ھوزۇر ھالاۋەت سۈرەر » دېگەن نەزمىلىرىنى تەرجىمە قىلغانكەن . يەنە بىر ئالىم ئىياكىنىف ئەپەندى بولسا ئامىروسىيەنىڭ نىكاھسىز ئايالىدىن تۇغۇلغان بالىسى . ئىياكىنىف 26 يېشىدا ئارخىماندىرت بولغان . ئۇ تۇرمۇشتا شاللاقراق بولغاچقا ، دادىسى ئامىروسىيە ئۇنى چەتئەلدە تۇرسا تۈزۈلۈپ قالار ، دەپ ئويلاپ ، بېيجىڭغا ئەۋەتىپتۇ . ئۇ شۇنىڭ بىلەن نام – مەرتىۋىدىن ئايرىلىپ ، بېيجىڭدىكى ۋولوكولامىسكى مۇناستىرىدا 5 يىل تۇرغاندىن كېيىن ، بارون شىللىڭنىڭ ياردىمىدە مۇناستىردىن بوشاپ ، كىياختاغا قايتىپ كېلىپ ، دىنىي تونىنى تاشلىۋېتىپ ، ئاددى پۇقراغا ئايلىنىپتۇ . ئىياكىنىف بېيجىڭدا خەنزۇچىنى پىششىق ئۆگەنگەن ۋە ئەسەرلىرىدە كەلتۈرگەن پاكىتلار چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي سۆھبەتلىرىدىن ئېلىنغان .....
9 – ئاۋغۇست
كالىنوۋىسكى ( 1856 – يىلى غۇلجىدىكى رۇس كونسۇلىنىڭ كاتىپى بولغان كىشى ) « ئاقسۇغا بارغىنىمدا بىر خەنزۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئوقۇدۇم » دېگەندى . ئۇنىڭ خاتىرىسىدە « يۈەن سۇلالىسى تارىخلىرىدا موڭغۇللار قىپچاقلارنىڭ يۇرتلىرىنى بويسۇندۇرغان ، دېيلگەن ، ئۇنداقتا يۈەن سۇلالىسىنىڭ بويسۇندۇرغان يۇرتلىرىنىڭ بىرى جەنۇبتىكى يەتتە شەھەرنىڭ بىرى بولغان ئاقسۇ شەھىىرى ئىكەنلىكىدە گۇمان يوق » دەپ يېزىلغان . بۈگۈن چۈشلۈك تامىقىمىزدا بېلىق يىدۇق . ئىلى دەرياسىنىڭ بىز تەرەپتىكى بۆلىكىدە بۇ خىل بېلىق ئۇچرىمايتتى . بېلىقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە ، ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىمىدا بۇنداق بېلىقلارنى تاپقىلى بولىدىكەن .
ئەمدى يېمەك – ئىچمەك ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتەيلى : بۇ يەردە گۆش ئەرزان بولۇپ ، كالا گۆشىنىڭ بىر قادىقى تۆت تىيىن كۈمۈش ، قوي گۆشىنىڭ بىر قادىقى بەش تىيىن كۈمۈش پۇلغا سېتىلىدۇ . بىز تەرەپلەردە گوللاندىيە توخۇسى دېيىلىدىغان توخۇلارنى بۇ يەردە خەنزۇ توخۇسى دەيدىكەن . بۇ توخۇ ئادەتتە 10 قاداق كېلىدىكەن . تۇمشۇقىنىڭ ئۈستىدە يەنە بىر كىچىك قىزىل قاڭشىرى بار بېيجىڭ غازلىرىنىڭ گۆشى تەمسىز ھەم قاتتىق كېلىدۇ . ئۆردەكلىرى بىزنىڭ ئۆردەكلىرىمىزدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ . مىۋە – چېۋىلەردىن بۇ يەردە شاپتۇلنىڭ ئۈچ خىل سورتى بار . بىر خىلى ئالمىدەك چوڭ بولىدىغان تۈكلۈك شاپتۇل ، ئىككىنچى خىلى قىزغۇچ پارقىراق ھەم كىچىك كېلىدۇ . ئۈچىنچى خىلى ياپىلاق شاپتۇل بولۇپ ، بەكمۇ يىيشلىك . بۇنداق تاتلىق شاپتۇل ھەتتا بېيجىڭدىمۇ ئۆسمەيدۇ . بۇلارنىڭ ئىچىدە يوغان تۈكلۈك شاپتۇل دېگىنىمىز باشقا شاپتۇللارنى ئۇلاش ئارقىلىق يېتىشتۈرۈلگەن سورت بولۇپ ، تەمى كېيىنكى ئىككى خىلدەك تاتلىق ئەمەس . نەشپۈتلىرى ناھايىتى ياخشى . بەرگە ئامۇت دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئامۇت تۈرى بولۇپ ، ئۇنىڭ تەمى بىزنىڭ نەشپۈتلىرىمىزنىڭكىگە يەتمەيدۇ . غۇلجىدا ئالما كۆپ بولسىمۇ ، بىراق تەمىنى بەك ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ . نەشپۈتلىرى بەك تەملىك بولۇپ ، فىرانسىيەنىڭ نەشپۈتلىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ . ئانار ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ . ئالۇچىلار باغلاردا ياكى دالىلاردا ئىيۇل ئېيىنىڭ كىرىشى بىلەن پىشىپ بولىدۇ . ئۈزۈمنىڭ سورتلىرى بەك كۆپ . ئاق سايۋا ، مۇناقى ئۈزۈم ، ئاچچىق – چۈچۈك پىشىدىغان قارا ئۈزۈم يەنە ھەر خىل ئۈزۈملەر بار ئۇششاق بولىدىغان قارا ئۈزۈملەرمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ . بۇ يەردە يەنە سېرىق قوغۇن بىلەن قەشقەرنىڭ پۇراقلىق قوغۇنلىرىمۇ بار . يەنە كۆك قوغۇن ، قىشلىق ئاق قوغۇن دېگەن سورتلىرىمۇ بار . قىشلىق قوغۇنلارنى كېلەر يىلنىڭ مارت ئايلىرىغىچە ساقلىسىمۇ بۇزۇلمايدۇ ھەم بۇنداق قوغۇنلارنى باشقا جايلارغا يۆتكىسىمۇ ھېچنەرسە بولمايدۇ . تاۋۇزلىرى سەل ساغۇچ رەڭدە بولۇپ ئانچە تەمى يوق . ئەسلىدە قىپقىزىل چىقىدىغان تاۋۇزلارغا بۇ يەرنىڭ تۇپرىقى خىل كەلمىگەچكە ، سارغىيىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن . تەرخەمەكلىرى ئۇزۇن – ئۇزۇن بولۇپ چۈشىدۇ . بىراق ئۇنى تۇزلاپ خام سەي قىلغاندا ، رەڭگى ساغۇچ كۆرۈنىدۇ . يوگىمەچ ئوتتەك يامىشىپ ئۆسىدىغان كارتوپنىڭ تۈپى يوغان بولىدۇ . بادانا تەمى كارتوپقا ئوخشىغىنى بىلەن خېلى تەملىك .
10– ئاۋغۇست
بۈگۈن رۇس سودىگەرلىرى بىلەن سادا ئالاقىسى بار بىر خەنزۇ بىزنى ئىزدەپ كەلدى . ئۇ رۇسچىنى ئاز - تولا بىلسىمۇ خەنزۇلاردەك ئاھاڭىنى دىماقتىن چىقىرىپ سۆزلەيتتى ھەم بىزنىڭ گەپلىرىمىزنى خاتىرىلەپ ماڭاتتى . بۇ خەنزۇغا بىزنىڭ ئېچىپ ياپقىلى بولىدىغان كىچىكى بىر ئەينىكىمىز يېڭىلىق تۇيۇلدى بولغاي ئۇنى قولىغا ئېلىپ ئالدى – كەينىگە سىنچىلاپ قاراپ ماختىدى . مەن ئۇنىڭغا ئەگەر بۇ ئەينەكنى ياقتۇرۇپ قالغان بولساڭ ئېلىپ كەت ، دېگەندىم ، ئۇ تەكەللۇپ قىلغاندەك قىلىپ ماڭا ، كۆڭلىڭىز تۈز ئادەمكەنسىز ، دېگەندەك ياغلىما سۆزلەرنى قىلىشقا باشلىدى . مەنمۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن ئادەت بويىچە كۆكسى – قارنىڭىز كەڭ ، چىقىشقاق ئادەمكەنسىز دەپ جاۋاپ قايتۇردۇم .
11 – ئاۋغۇست
بۈگۈن ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتى رەسمى باشلىنىدىغان كۈن . مانجۇلار بىز ئۇچۈن خىلمۇ خىل تائاملارنى تەييارلىدى . ئاشپەزلەر تاماقنى كۆز ئالدىمىزدىلا تەييارلاپ بىزگە ئۆز ھۈنەرلىرىنى كۆز – كۆز قىلىشتى . بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار خوجايىنلىرىدىن ئىنئام ئالاتتى . بۇ تائاملارغا نىمىلەرنىڭ قوشۇلغانلىقىنى بىر خۇدانىڭ ئۆزى بىلەتتى . ئۇلارنىڭ ئەڭ ئىسىل تامىقى بولغان چوشقا گۆشى ، كاراكاتسىيا دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل دېڭىز مەھسۇلاتى ۋە ئۆمۈچۈككە ئوخشاپ قالىدىغان قۇرۇتلار قورۇلغاندى . يەنە سامسا ، ئۆردەك گۆشى دېگەنلەرمۇ تۇراتتى . بۇ تائاملارغا پىياز بىلەن لازىنىڭ ئارىلاشمىسىنى قۇيغان بولغاچقا ، پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى . مېنىڭ مىجەزىم تازا ياخشى بولمىغاچقا بۇ تائاملارنى ئاغزىمغا بىر تالمۇ سالمىدىم .
15 – ئاۋغۇست
مۇشۇ كۈنلەردە چىشىم ئاغرىپ قاتتىق قىينىلىپ كەتتىم . ئاخىرى ئامال بولۇپ قالار دەپ خەنزۇ تىۋىپلارغا كۆرۈنۈپ باقتىم . ئۇلار ماڭا دورا دۇكىنىدىن ئاق پاراشوكقا ئوخشايدىغان دورا بىلەن بىر خىل پۇراقلىق ئوت چۆپنىڭ يوپۇرماق – يىلتىزلىرىنى ئەكىلىپ بېرىشتى . بىراق بۇ دورىلار چىشىمنىڭ ئاغرىقىنى توختىتالمىدى . ماڭا دۇنيادا چىش ئاغرىقىدىنمۇ يامان ئاغرىق يوقتەك بىلىنىپ كەتتى دەردىمنى ئۆزەم بىلىمەن . تۈنۈگۈن بىز غۇلجا شەھىرىگە ئات بىلەن كىرىپ چىقتۇق . ئالدىمىزدا بىرەيلەن يول باشلاپ ماڭدى . ساربۇلاق جىلغىسىدىن چىقىشىىزغىلا ئوڭ تەرىپىمىزدە ھەيۋەتلىك ماۋتىنشا ئىمارىتى ، سول تەرىپىمىزدە قەبرىستانلىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى . ئۆلگەنلەر ئۈچۈن قەبرە قاتۇرۇشقا جاي تاللاشتا دۇنيادا خەنزۇلاردەك ئەستايىدىل ئىش قىلىدىغان خەلق بولمىسا كېرەك . پاكار – پاكار خەنزۇ قەبرىلىرى بىزنىڭ سودا بازىرىمىز ئەتراپىدىمۇ ، يوللاردىمۇ ئۇچراپ تۇراتتى ، مۇسۇلمانلارمۇ ئايرىم قەبرىستانلىق بىنا قىلىپ ، ئەتراپىنى تام بىلەن قورشاپ ، ئىككى يەردىن دەرۋازا قويۇپتۇ . مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىسىمۇ ئۆزگىچە : قەبرىگە قۇرئاندىن ئېلىنغان ئايەتلەر يېزىلغان قەبرە بېشىغا ئاي سۈرەتلىك بەلگىلەر قادالغان بولۇپ ، بەكمۇ ھەيۋەتلىك ۋە چىرايلىق كۆرۈنىدۇ . قەبرىستانلىق قويۇق ئورمانلار بىلەن قاپلانغان بولغاچقا ، بىر باغچىغا ئوخشاپ قالىدۇ . شۇڭا شەرق ئەللىرىدە كىشىلەرنىڭ توپلىشىپ زىيارەت قىلىدىغان جايى قەبرىستانلىق بولۇشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەستەك قىلىدۇ .
بۇ يەرنىڭ بازىرى بىزنىڭ بازارلاردەك بىر كەڭ مەيدانغا بىنا قىلىنغان ئەمەس . بازارلار كوچىغا ئوخشايدۇ ، كوچا بويىدىكى ئائىلىلەرنىڭ كەينىدە ھويلا – ئارم بار ، ئالدى كوچىغا قارايدۇ ، بۇ ھالەت بىز تەرەپتىكى ئائىلىلەرنىڭ تەتۈرىسى دېسەكمۇ بولىدۇ . بازاردا ھەرخىل ئادەملەر ئۇچراپ تۇرىدۇ . ئۇزۇن يەكتەك كىيىۋالغان دۆلەتمەن سودىگەرلەر ، قاپقارا ساقاللىق سەللە يۆگىۋالغان ئەنجانلىقلار ( ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ) ، قارا كۆز ، ئىلمەك بۇرۇن ، ئاق كۆينەكلىك قەشقەرلىقلەر ھەممىسى بار . بۇ بازاردا ئۇچىسىغا ئۇزۇن چاپان كىيىۋالغان بىر تارانچى ( جەنۇبتىن يەر تېرىش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇرلار ) سېتىۋالغان پىچىپ تاۋۇزىنى ھوزۇرلۇنۇپ يېمەكتە . ئۇنىڭ چىرايى نېگىرنىڭ چىرايىدەك قاپقارا ، چىشلىرى مەرۋايىتتەك ئاپئاق ئىدى . قاپاقلىرى ئىششىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدىغان گازىر كۆز مانجۇلار ، كۆزلىرى قىسماق ، لىغىلداپ تۇرىدىغان نېپىز ئاق كۆينەك كىيىۋالغان خەنزۇلار ، بېلىنى چىڭ باغلىۋالغان ، تېرىدىن تىكىلگەن تۇماق كىيگەن ، پۇتىغا تېرە يۆگىۋالغان موڭغۇللار دېگەندەك ھەر خىل ئىرقتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تېپىلىدۇ . قارىسىڭىز ھەممە ئادەم ئالدىرشتەك بىرەر ئىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە چېپىپ يۈرگەندەك قىلىدۇ . يىپقا ئۆتكۈزۈپ كۆتۈرۈپ يۈرگەن يارماق پۇللارنىڭ جىرىڭلىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ . يوللاردا كىشىلەر غاڭزىلاردا بىر نىمىلەرنى چېكىشىپ ، كۈلۈشۈپ بىر – بىرىدىن ئەھۋال سوراشقاندەكمۇ قىلىشىدۇ .... بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىمىز بازارچىلارنى ھەيران قالدۇرۇپ غۇلغۇلا پەيدا قىلدى . تەرەپ – تەرەپتىن « ئولۇس ، ئولۇس » دەپ توۋلىغان ئاۋازلار ئاڭلاندى . بەزىلەر تېخى يېنىمىزغا كېلىپ ، ئۈستى باشلىرىمىزنى سىلاپ بېقىشتى . تېخى مەن ، بىر كۆچمەننىڭ كىيىملىرىمىزدىكى ئىزناك – بەلگىلىرىمىزنى كۆرۈپ ھەمرايىغا : قارپ باقە ، ئورۇس لويىنىڭ كىيىملىرىدىكى ياماقلار نېمە دېگەن كۆپ ، دېگىنىنى ئاڭلاپ قالدىم . بىز كوچىلاردا خانىم – قىزلار ئولتۇرغان مەپىلەرگە ئۇچرىدۇق . مەپىدىكى يۈزلىرىگە ئاپئاق ئۇپا سۈرۈپ ، لەۋلىرىنى قىزارتىۋالغان نازىنىن خېنىملار بىزگە تىكىلىپ قاراپ ، يۈزلىرىنى يەلپۈگۈچ بىلەن مەنىلىك يەلپۈپ قوياتتى . بەزىلىرى تۇيۇقسىز كاككۇكتەك قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتەتتى ھەتتا چېچىغا قىسىۋالغان گۈللەرنىڭ چۈشۈپ كەتكىنىنىمۇ سەزمەي قالاتتى . بۇلار خانلىقتىكى « شەھەرنىڭ ئاپەتلىرى » دەپ نامى چىققان سەتەڭلەرنىڭ بىر خىلى بولۇشى مۇمكىن . بىز بىر دۇكانغا كىردۇق . دۇكاندار بىزنى ئوبدان قارشى ئېلىپ ئورۇندۇققا تەكلىپ قىلدى . دۇكان ئىچى خېلى پاكىز ئىدى . تامغا بىر قانچە ئەينەك ۋە ئۇزۇن ساقاللىق بىر ئامبالنىڭ سۈرىتى ئېسىقلىق تۇرۇپتۇ . يەنە بىر تامدا ئەتراپى زىننەتلەنگەن ، ھۆسنىخەت چۈشۈرۈلگەن مانجۇ يېزىقىدىكى لەۋھە ئېسىپ قويۇلۇپتۇ . يەنە بىر تەرەپكە قالپاق ، چىلىم ، ھېسابات دەپتىرى دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېسىپ قويۇپتۇ . دۇكاندار بىزنى ناھايىتى چوڭ ئىززەت – ئىكرام بىلەن كۈتۈۋالدى . كەينى – كەينىدىن تاماققا زورلاپ تۇردى ، ھەتتا ھېلىقى « شەھەرنىڭ ئاپەتلىرى » دەپ نام چىقارغان سەتەڭ خېنىملارنىمۇ چاقىرىپ كەلمەكچى بولدى . خەنزۇلار ئارىسىدا مۇنداق سەتەڭلەرسىز مېھماندارچىلىق بولمايدىكەن . بۇنداق سەتەڭلەر ئۈچ تارىلىق غىجەكلىرىنى چېلىپ ، سىزگە ناخشا ئېيتپ بېرىدۇ . بۇ ئارقىلىق روھىڭىزنى كۆتۈرۈپ ، كۆڭلىڭىزنى ئېچىپ ، سىزنى ئۆزىگە رام قىلماقچى بولىدۇ . سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلغان بولۇپ ئاپئاق قوللىرىنى بوينىڭىزغا گىرەلەشتۈرۈپ سىزگە يالۋۇرىدۇ . بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ گۈزەل رۇخسارىغا قاراپ سىز ھەرگىز ياق دېيەلمەيسىز . ئۇلار تېخى تاماق ئۈستىدە ئويۇن چىقىرىدۇ ، ئويۇندا ئۇتۇلۇپ قالغانلار ھاراق ئىچىدۇ . بۇنداق ئويۇنلار بىز ئۈچۈن يېڭىلىق بولسىمۇ ، بىراق بىز ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلمىدۇق . چۈنكى بىزنىڭ بازار ئايلىنىپ قىلىدىغان ئىشىمىز تېخى تۈگىمىگەندى . بىز تۇرالغۇمىزغا قايتىش يولىدا ئاشپۇزۇللارنىمۇ ئايلىنىپ چىقتۇق . كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى ، بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھاياتى خۇددى قەدىمقى رىمدىكى سەرگەردان پۇقرالارغا ئوخشاش دالىدا ۋە يوللاردا ئۆتىدىكەن . ئۇلار كۈن بويى بازارلاردا لاغايلاپ يۇرىدىكەن . بىر يارماققا ئىگە بولسا ، قورسىقىنى بېقىپ ، نەدە كەچ بولسا شۇ يەردە تۈنەيدىكەن . ئەگەردە بۇنداق ئەرزانچىلىق بولمىغاندا ، بۇ ئەلدىكى نامرات - يىتىملەر ئاچلىقتىن ئۆلۈپ تۈگىگەن بولاتتى . ئادەممۇ شۇنچە كۆپ ، شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ھەممىسى ئىشلەمچى ، ئەپسۇس ، بۇنداق كۆپ ئادەمگە نەدە ئىش . شۇنچە ئىشلەمچى بىكار يۈرگەن ، بۇ يەردە ئەمگەكنىڭ ھېچ قىممىتى يوق . بىز تەرەپلەردە 300 سومغا سالدۇرغىلى بولىدىغان ئۆيلەرنى بۇ يەردە 100 سومغا سالدۇرغىلى بولىدۇ . بىز تەرەپلەردە سىزنىڭ بىر قاچىڭىز سۇنۇپ كەتسە تاشلىۋېتىسىز ، ئەممە بۇ يەردىكى كىشىلىەر ئۇنى قايتا قادىتىپ ئىشلىتىدۇ . مەن ئۈستى – ئۈستىلەپ قاداق سالدۇرۇپ چاپلاپ ئىشلەتكەن بىر قاچىنى كۆردۈم . بۇنى قاداپ چىقىش ئۈچۈنمۇ بىر قانچە كۈن ۋاقىت ئىسراپ بولاتتى . بىزلەر بۇنداق ئىدىشنى بىكارغا بەرسىمۇ ئالمايمىز ھەم چاپلاتقىلىمۇ ئاپىرىپ بەرمەيمىز ، چۈنكى بۇنداق قاچىنىڭ باھاسىمۇ 20 تىيىندىن ئاشمايدۇ . ياز پەسلى يېتىپ كېلىشى بىلەن كۆچمەن خەنزۇلار تېرىقچىلىق ئىشلىرىنى باشلىۋېتىدۇ . ئۇلار يالاڭ ئاياغ ، يالاڭ باش بولۇۋېلىپ ئىشلەپ ، خالىغان يەردە يېتىپ – قوپۇپ يۈرىدۇ . بىراق قىش پەسلى ئۇلار ئۈچۈن بىر دوزاق . چۈنكى بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ئىچكى جوڭگونىڭكىگە ئوخشىمايدۇ ، قىشتا قار ، سوغۇق ، شىۋىرغان ھۆكۈم سۈرىدۇ . قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇقلىرىدا نۇرغۇن كۆچمەنلەر توڭلاپ قار ئاستىدا قالىدۇ . ئەتىياز كېلىشى بىلەن نۇرغۇن جەسەتلەر ئىلى دەرياسىغا تاشلىۋېتىلىدۇ ياكى چېرىكلەر تەرىپىدىن تېپىلغان جايىغا كۆمۈۋېتىلىدۇ . خەنزۇ قەبرىلىرىنىڭ مۇقىم بىر يەردە بولماي ، ئۇ يەر بۇ يەرلەردە كۆزگە چېلىقىشىدىكى سەۋەب مانا مۇشۇ .
18 – ئاۋغۇست
يېقىندا ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى . جوڭگولۇقلار ئات قويۇشقا ناھايىتى ئۇستا خەلق . « ماندارىن » دېگەن سۆز بىزگە پورتۇگالىيەلىكلەر ئارقىلىق كىرگەن . ئەمما بۇ سۆزنىڭ خەنزۇلارنىڭ قايسى سۆزىدىن ئېلىنغانلىقى نامالۇم . مانجۇ خاندانلىقىدا ئاھالىلەر مىن ، چېن دېگەن ئىككى گۇرۇھقا ئايرىلغان ، « مىن » دېگەن ئاددى پۇقرالارنى كۆرسىتىدۇ ، « چېن » دېگەن پادىشاھنىڭ ئەمەلدارلىرى دېگەندەك بىر مەنىگە ئىگە .
ئىلى شەھىرى يەنى مۇسۇلمانلار غۇلجا دەپ ئاتايدىغان بۇ شەھەر ئىلى ۋىلايىتىنىڭ مەركىزىي شەھىرى ھېسابلىنىدۇ . پۈتۈن شىنجاڭ يەنى ئىلى ، تارباغاتاي ۋە يەتتە شەھەرلەرمۇ غۇلجىغا قارايدۇ . ئۆلكىدىكى باش گوبېرناتور ۋە بارلىق قىسىملارنىڭ باش قوماندانى جاڭجۈن دېيىلىدۇ . ئۇنىڭ يېنىدىكى مۇئاۋىنى ۋە مەسلىھەتچىسى مەسلىھەتچى ئامبال دېيىلىدۇ . تارباغاتيدىمۇ بىر گوبېرناتور ( ئوكۇرداي ) قويۇلغان . ئىلىدا مانجۇ ھۆكۈمىتى بىلەن بىللە يەرلىك ھاكىمبەگلەرمۇ بار . كونا غۇلجا دەپ ئاتىلىدىغان مۇسۇلمانلار شەھىرىنى ھاكىمبەگلەر باشقۇرىدۇ . ئالتە شەھەردىكى ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ئۆز ھاكىمبەگلىرى بار . ئۇلارنىڭ بىرسىگە ۋاڭلىق نامى بېرىلگەن . ئۇ ھاكىمبەگ ئەينى چاغدا مانجۇلارنىڭ جاھانگىر خوجىنى يوقىتىشىغا تۆھپە قوشقان ئىسھاق دېگەن كىشىنىڭ ئەۋلادى ئىكەن . تۇرغاۋۇت موڭغۇللىرىنى مانجۇ ئەمەلدارلىرى باشقۇرىدۇ ، ئەممە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا مىراس قالىدىغان ۋاڭ ئوتۇغاتىنى ئالغان قەبىلە باشلىقلىرى ۋە مۇستەقىل ئەل سوراش ھوقۇقىغا ئىگە قەبىلە باشلىقىلىرىمۇ بار ئىلى ئاھالىسىدىن ئەسلى بىر بولغان يەرلىك مۇسۇلمانلار ، قەشقەرلىكلەر ، تارانچىلار ، خەنزۇلار ۋە مانجۇ ئەمەلدارلىرى شەھەرلەردە تۇرىدۇ . شىبەلەر بىلەن سولۇنلار ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەيدۇ . چاخار موڭغۇللىرىدىن ئايرىلىپ چىققان قالماقلار سايرام كۆلى ئەتراپىدا ، ئويراتلاردىن چىققان قەبىلىلىەر بولسا تېكەس ئەتراپىدا ياشايدۇ . غۇلجىغا مۇسۇلمانلار ( ئۇيغۇرلار ) ئاشۇ جوڭغارلار دەۋرىدە ئاشلىق تېرىتقۇزۇش ئۈچۈن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن بولۇپ ، ئۇلار ئەڭ دەسلەپ كونا غۇلجىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان . شىبە ۋە سولۇنلار مانجۇرىيەدىن كۆچۈپ كەلگەنلەر بولۇپ ، سولۇنلار داغۇرلار بىلەن مانجۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىققان بىر خەلق . شىبەلەر بولسا مانجۇلار بىلەن سولۇنلارنىڭ ئارىسىدىن چىققان خەلق . بۇ خەلقلەر مانجۇ خانلىقى بۇ يۇرتلارنى ئەل قىلغان چاغلاردا كۆچۈپ چىققان .
تارانچىلار ئالتە شەھەر تەرەپتىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن دېھقانلار ، ئۇلار يەر تېرىپ ئەسكەرلەرنى ئاشلىق بىلەن بېقىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ، ھۆكۈمەت ئۇلارنى ساپان ، بوقۇسا ، ئۆكۈز قاتارلىق دېھقانچىلىق لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ ، ئۇلارنىڭ ھالى تولىمۇ خاراب . قالماقلار ھەربىيلەر ئۈچۈن ئىشلەيدىغانلار بولۇپ ، چېگرىدا قاراۋۇلخانىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئاتلىرىنى باقىدۇ ، ئىلىدىكى خەنزۇلارنىڭ بىر قىسمى سودا – سېتىق ئۈچۈن كەلگەن تىجارەتچىلەر ، بىر قسىمى ۋاقىتلىق تۇرىدىغان ھۈنەرۋەنلەر ، يەنە بىر قىسمى بىراقلا كۆچۈپ كەلگەن ئاھالىلەر ھېسابلىنىدۇ . بىراقلا كۆچۈپ كەلگەنلەر چەنپەنلەر دېيىلىدۇ ، ئۇلار كەنتلەردە ئولتۇراقلىشىپ ، كانلاردا ئىشلەيدۇ ياكى ھەر خىل ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن شەھەرلەردە ياشايدۇ . ئۇلار جاندىن تويغان بىر توپ سەرگەردانلار بولۇپ ، دائىم جىدەل – ماجىرا چىقىرىپ تۇرىدۇ . ئۆتكەن يىلى قىشتا غۇلجىدا چەنپەنلەر توپلىشىپ ئىسيان كۆتۈرمەكچى بولغاندا ، مانجۇلار بىلىپ قېلىپ ، ئەسكەرلەرنى ئىشقا سېلىپ ، مىڭدىن ئوشۇق چەنپەننى قىرىپ تاشلاپتۇ . بۇ قىرغىنچىلىقتا ئۇلارنىڭ يېرىمى دارغا ئېسىلىپتۇ ، بىر قىسمىنى دەرياغا تاشلاپ ئۆلتۈرۈپتۇ ، يەنە بىر قسىمى جەنۇبقا قاراپ قېچىپ قازاق دالىسى بىلەن چېگرىلىنىدىغان قالقان تېغىغا قېچىپ بېرىۋاپتۇ . ئۇلار ھازىرمۇ شۇ يەردە مۆكۈپ يۈرگىدەكمىش . بۇ ئەلدە يەنە خۇي – خۇي دەيدىغان بىر مۇسۇلمان خەلق بار ، ئۇلار بۇنىڭدىن 300 يىل بۇرۇن خەنزۇ ئېلىگە كىرگەن تۈركلەرنىڭ ئەۋلادى ، ئۇلار ھازىر ئۆز مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقاتقان بولۇپ ، خەزۇچە كىيىنىپ خەنزۇچە سۆزلىشىدۇ ، بىراق ئۆز ئالدىغا مەسچىت سېلىپ ، ناماز ئوقۇپ ، دىنىي ئەھكاملار بويىچە ئىش قىلىدۇ ، مەسچىتلىرىنى بۇتخانە شەكلىدە سالىدۇ ھەم مەسچىتنىڭ ۋىۋىسكىسىنى خەنزۇچە يېزىقتا يازىدۇ ، ئۇلارنىڭ ئاخۇن دەپ ئاتىلىدىغان ئۆز موللىلىرى بار ، ئۇلار خۇدانى ئاللاھ دېمەي فويا دەپ ئاتايدۇ ، مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنى مەيمەيتى دەپ ئاتايدۇ . جوڭگو تارىخىدا خۇيخۇ ، خۇيخۇر ، خۇي خۇي دېگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپ ، كېيىن ئالتە شەھەرنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى بولۇپ شەكىللەنگەن بىر خەلق بار ، شەرق مەنبەلىرىدە بۇ خەلقنى ئۇيغۇر دەپ ئاتايدۇ ، ھازىرقى ئالتەشەھەر خەلقىنى مانجۇلار چەنتۇ دەپ ئاتايدۇ ، بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى بېشىغا سەللە يۆگىۋالغانلار دېگەنلىك بولىدۇ . ئۇيغۇرلار تۈركىي تىللارنىڭ ئۇيغۇر دېئالېكتىدا ( كىلاپروت دېگەن كىشى ئۇيغۇر دېئالېكتى دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان ) سۆزلىشىدۇ . بۇ تىل تۈركىي تىلنى ئاساس قىلىغىنى بىلەن يەنە مەلۇم جەھەتتىن ئوخشاشمايدۇ . ئۇيغۇر تىلىدا موڭغۇلچە سۆزلەر كۆپ ، تىبەتچە سۆزلەرمۇ ئاز ئەمەس ، بۇ تىلنىڭ گىرامماتىكىلىق ئۆزگىرىشلىرى ۋە گەپ قىلغاندا مەلۇم بولىدىغان ئالاھىدىلىكلىرىمۇ نۇرغۇن ئالاتاۋ قىرغىزلىرىنىڭ تىلى مۇشۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىر تارمىقى ھېسابلىنىدۇ . ئۇيغۇرلار چىڭگىزخان ياشىغان دەۋرلەردىلا ئسلام دىنىغا كىرىپ بولغان ھەم ئۆزلىرىنىڭ يېزىق مەدەنىيىتىنى ساقلاپ كەلگەن مىللەت . ئۇلار مەدەنىيەتلىك مىللەت بولغاچقا ، موڭغۇللار ئۇلارنى كاتىپلىق ۋە باشقا ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا ئالاھىدە ئورۇنغا قويۇپ پايدىلانغان . مەن بۇ يەردە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان قەدىمقى موڭغۇل يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنى قانچە ئىزدەپ باققان بولساممۇ تاپالمىدىم . مانجۇلار ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە ياشاپ تۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ نامىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىماي « مۇسۇلمان » دەپلا ئاتايدۇ ، ئەمما باشقا بىر قىسىم مىللەتلەرنى ئۆز مىللىي نامىدا ئاتايدۇ . مانجۇلار ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئەنجانلىقلار دەپ ئاتايدۇ . ئوسمان تۈركلىرىنى خۇنكار ، رۇسلارنى ئۇلۇس ، موڭغۇللارنى تويزى ، قازاقلارنى خاساق ، ئالاتاۋ قىرغىزلىرىنى بۇرۇت دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتايدۇ ۋە قىرغىزلارنى بەدەۋىيلەر دەپ قاراپ ھېچقانداق ئېتىبار بەرمەيدۇ .
20 – ئاۋغۇست
بىر ئىشتىن تولىمۇ ھەيران قالدۇق . بۈگۈن چۈشلۈك تامىقىمىزغا قارا توخۇنىڭ گۆشىنى ئەكەلگەنكەن ، قارىساق توخۇنىڭ گۆشىمۇ ، شورپىسىمۇ ، ھەتتا سۆڭەكلىرىمۇ قارا چىقىپتۇ . ئىۋان ئىلئىچ ( كونسۇل ) بىزگە قارا توخۇنىڭ گۆشىنىڭ قارا ، قاتتىق ھەم تەمسىز بولىدىغانلىقىنى دېدى . خەنزۇلاردا ئۆي قۇشلىرىنى ئۆلتۈرۈپ ، يۇڭداپ بولغاندىن كېيىن ساتىدىغان ئادەت بار .
21 – ئاۋغۇست
خەنزۇلار ئېلىنى شەرقتە چىن دەپ ئاتايدۇ . مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 221 – يىلىدىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 221 – يىلغىچە بۇ ئەلدە چىن سۇلالىسى دېگەن بىر فېئوداللىق پادىشاھلىق قۇرۇلغان . بۇ سۇلالىنىڭ قۇرغۇچىسى چىن شىخۇاڭ دەپ ئاتالغان . ئۇنىڭ ئوغلى تەختكە چىققاندا ئىچكى ئۇرۇش يۈز بېرىپ ، چىن سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغان . خەنزۇلار ئۆز ئېلىدىكى باشقان مىللەت خەلقلىرىنى قەبىلە ۋە خاقانلارنىڭ ناملىرى بىلەن ، ئۆزلىرىنىڭ نامىنىمۇ سۇلالە ناملىرى بىلەن ئاتىۋالىدۇ . ئۇلار ئۆزلىرىنى مانجۇلاردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن « خەنزۇ » دەپ ئاتايدۇ . خەن دېگەن نام مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 206 – يىلىدىن مىلادىيە 25 – يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگە ئىككىنچى قېتىملىق سۇلالە – خەن سۇلالىسىنىڭ نامىدىن كەلگەن . بۇ سۇلالىنى خەنگاۋزۇ دەپ ئاتالغان ليۇ باڭ دېگەن كىشى قۇرغانكەن . خەن – ساما يولى دېگەن سۆز . مانجۇ ئىمپىرىيىسىنىڭ جوڭگو دېگەن يەنە بىر نامى بار . بۇرۇنقى چىن سۇلالىسى يۇرت سوراشتا تەدبىرسىزلىك قىلغاچقا ، تېزلا ئاغدۇرۇلۇپ كېتىپ ، تارىختا يامان ئاتاققا قالغان . بىراق چن شىخۇاڭ پادىشاھلىقنىڭ قۇرغۇچىسى دەپ قارالغاچقا ، ئۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە . ئادەتتە خەنزۇلار مانجۇلاردىن پەرقلەندۈرۈلۈپ مىن ( پۇقرا ) دەپ ئاتىلىدۇ . مانجۇلار تۇغ دەپ ئاتىلىدۇ . مانجۇلارنىڭ ھەممىسى بىرقانچە تۇغلارغا بۆلۈنگەن .
قەدىمقى زامانلاردا يەنى مىلادىيىدىن ئىلگىرىلا خەنزۇلارغا تونۇشلۇق بولۇپ كەلگەن بۇ يۇرتنىڭ ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمرانلىرى بولغان ، بىر قانچە شەھەر دۆلەتلىرى قۇرۇلغان . بۇ خەلقلەرنىڭ كىم بولىدىغانلىقى ھەم قايسى تىلدا سۆزلىشىدىغانلىقى نامەلۇم ، كېيىنكى زامانلاردا بۇ يەردىكى خەلقلەر تۈركىستاننى مەركەز قىلغان سوغدىيانە دۆلىتىگە تەۋە بولغان . خەنزۇلار بۇ يەردىكى بىر قەدىمىي شەھەرنى بېشى بالى دەپ ئاتىشىدۇ . بۇ ئىسىمدىكى « بالى » دېگىنى « بەل ، داۋان » دېگەنلىك بولىدۇ . شۇڭا « بېشى بالى » دېگەنلىك « بەش بەل ، بەش داۋان » دېگەنلىك بولىدۇ ، دېگەن قاراشلارمۇ بار . ئالتەشەھەر دېگەن ئىسىمنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا خەنزۇ مەنبەلىرىدىن بىر نەرسىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ . خەنزۇ مەنبەلىرىدىكى تۇجۆ ( تۈرك ) ، جوجان ، ياۋچى دېگەنلەر زادى قانداق خەلقلەر ؟ بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە قارا خىتايلار كىدانلارنىڭ ئەۋلادى ، ئالتۇن خانلار ( چىن سۇلالىسى كىشىلىرى . بۇرفېلار ) بولسا يۆجىلەرنىڭ ئەۋلادى دېيىلىدۇ . ئىۋان ئىلئىچ بۇلارنى گېتلار ، ماساگېتلار دەپ قارايدۇ . ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى ، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى خەنزۇ مەنبەلىرىدە بىر خىل قەۋىملەر تىلغا ئېلىنغان بولۇپ ، بۇ قەۋىملەر نوغايلارغا ئىشلەپ بېرىدىغانلار ئىدى ، دېيىلگەن . بۇ توغرۇلۇق تەپسىلىيرەك چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئىياكىنىف بىچۈرىن ئەپەندىنىڭ « قەدىمقى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى توغرىسىدا مەلۇماتلار » ناملىق كىتابىغا مۇراجىئەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ .